روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1533|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر] يىغلاۋەردىڭ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 11:36  

يىغلاۋەردىڭ....

‏يىغلاۋەردىڭ،دەردىڭ ئېيتتىڭ،يىغا ساڭا خاسمىدى؟
‏قاراپ باققىن باشقىلارغا دەردى سەندىن ئازمىدى؟
‏شۈكۈر ئېيتىپ كۈلۈپ باقساڭ ساڭا ياراشماسمىدى؟
‏يېتەر،بولدى!قوي يىغاڭنى بۇ يۈرەك چىداشمىدى.

‏يوقاتقاندا كۆز سالمامسەن ئېرىشكىنىڭ،بارىغا،
‏يىغلاۋەرسەڭ قايتا كېلىپ قالارمۇ يىغ -زارىغا؟
‏ئەسلى سەندە يوق ئىدىغۇ «مېنىڭ»دىگەن بارلىغىڭ،
‏رازى بولماي دادلامسىنا ئاشۇ سېخى زاتىغا؟

سەبىر قېنى،شۈكۈر قېنى ئويلىغىن ئىنسانلىرىم،
چەكمە پەرياد ئېيتمىغىن "تۈگىمەس ئاھۇ زارلىرىم"
كۆزۈك تىككىن سۈرىيەگە ئاقتىغۇ قان ياشلىرىم،
ئاچ يالىڭاچ ،يېتىم يېسىر يۈرەر ئەنە باللىرىم.


بۇدۇنيادا دەرت تارتمىغان كىشى يوقتۇر ئىزدىسەڭ،
سەبىر قىلغىن رازى بولغىن ئەگەر ساۋاپ كۆزلىسەڭ.
كۆڭلۈڭ يورۇق بولار چوقۇم ھەر يەردە دەرت تۆكمىسەڭ،
خوشاللىق يوق ئاللاھىمنىڭ رەھمىتىنى بىلمىسەڭ.

كەل قېرىنداش يېشىڭ سۈرتكىن،قاقشىمىسۇن بۇ تىللار،
قانائەتكە،خۇرسەنلىككە تولۇپ تۇرسۇن ھەر دىللار.
چارىسىزلىق يەتكىنىدە دۇئا قىلسۇن جۈپ قوللار،
ساقلار بىزنى ئىنشائاللاھ داغدام كەتكەن كەڭ يوللار.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-20 21:51:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز، سىزدە ئىلگىرلەش ناھايىتى تېز بولىۋاتىدۇ.
ئەمما دىققەت قىلىدىغان مەسلىلەرمۇ ئاز ئەمەس:
ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلەرگىمۇ شېئىرىڭىزدىن ئورۇن بېرىپ قويۇڭ.
شېئىرنى يوللاشتىن بۇرۇن تىلغا يەنە بىر قېتىم ئەھمىيەت بەرسىڭىز قانداق؟ شېئىرنىڭ ۋەزنى، بوغۇم سانى...دىگەندەك ئېلمىنىتلىرى دەل جايىدا بولسا، راۋانلىقى شۇنچە يۇقىرى بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
ئاخىرىدا ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2014-5-20 16:42:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغلىمىغىن
/thread-31621-1-1.html
مانا ئېلان دېگەن.
(ھەممە چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

باھا سۆز

شېئىرىڭىزنى ئېلان قىلىپما؟ھې ھې... دوراپ يازمىدىم جۇما شېئىرىڭىزنى،مەن سىزدىن بۇرۇن باشلىغان بۇ شېئىرنى،بىر  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-20 17:34
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-20 17:34:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 16:42
يىغلىمىغىن
/thread-31621-1-1.html
مانا ئېلان دېگەن.

شېئىرىڭىزنى ئېلان قىلىپما؟ھې ھې...
دوراپ يازمىدىم جۇما شېئىرىڭىزنى،مەن سىزدىن بۇرۇن باشلىغان بۇ شېئىرنى،بىرىگە يازغان، شۇ ئىككى كوپلىت يېزىپلا توختاپ قاپتىكەنمەن،ئۇزارتىپ قويدۇم.

باھا سۆز

دوراپ يازدى دېمىدىم. ئوبدان چىقىپتۇ. چىراي ئىپادىسى قىستۇرغىلى بولمايدىغۇ؟ مېنىڭكىدىلا شۇنداقمۇ يا؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-20 17:42
ۋاقتى: 2014-5-20 17:42:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن .
ۋاقتى: 2014-5-20 17:42:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgvl يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 17:34
شېئىرىڭىزنى ئېلان قىلىپما؟ھې ھې...
دوراپ يازمىدىم جۇم ...

دوراپ يازدى دېمىدىم.
ئوبدان چىقىپتۇ.
چىراي ئىپادىسى قىستۇرغىلى بولمايدىغۇ؟
مېنىڭكىدىلا شۇنداقمۇ يا؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-20 17:50:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايا كومدا مەنمۇ چىقىرالمىغان چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن ئىپادىنى.
来自安卓客户端
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-20 17:50:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.ھەممىمىزگە ئامىن
来自安卓客户端
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-21 00:06:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان发表于2014-05-20 21:51:29
شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز، سىزدە ئىلگىرلەش ناھايىتى تېز بولىۋاتىدۇ.
ئەمما دىققەت قىلىدىغان مەسلىلەرمۇ ئاز ئەمەس:
ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلەرگىمۇ شېئىرىڭىزدىن ئورۇن بېرىپ قويۇڭ.
شېئىرنى يوللاشتىن بۇرۇن تىلغا يەنە بىر قېتىم ئەھمىيەت بەرسىڭىز قانداق؟ شېئىرنىڭ ۋەزنى، بوغۇم سانى...دىگەندەك ئېلمىنىتلىرى دەل جايىدا بولسا، راۋانلىقى شۇنچە يۇقىرى بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
ئاخىرىدا ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.
رەھمەت،رەھمەت،رەھمەت! ھې ھې....
تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،ئالدىنقى قېتىممۇ مۇشۇ توغرىسىدا ئىنكاس يېزىپتىكەنسىز،بىراق ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بولالمىغان ئىدىم.بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ قايتۇرۇشنى ئويلاشقان ۋاقتىمدا نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قالدىم.سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز بەك يارايدۇ ماڭا.بۇ روھلانغا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرىشتىن بۇرۇنلا سالوندا تارىتىلغان بىر نەچچە شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ،تارىتىپ ئۈلگۈرۈپتىكەنمەن.كىيىن روھلان مۇنبىرىدە ئۇچرىتىپ تولىمۇ خوشال بولدۇم.سىز دىگەن مەسىللەر مەندە ھەقىقەتەن مەۋجۇت.بەلكىم ئۇنىڭدىن كۆپ بولىشىمۇ مۇمكىن.مەن شېئىر يېزىۋاتقىلى ئەمدى تېخى بىر يىلدىن سەل ئاشتىمىكىن.ھەم بۇ جەرياندا ئىزچىل يېزىپ باقمىدىم.تولۇق ئوتتۇرا ۋاقىتتىمۇ تەبىي پەندە ئوقۇغان،كەسپىممۇ ئەدەبىيات بىلەن قىلچە باغلىنىشلىق ئەمەس.بۇلارنى دەپ ئۆزۈمگە باھانە ئىزدىمەكچى ئەمەس.پەقەت سەۋىيەمنىڭ بەكلا چەكلىك ئىكەنلىكىنى،شېئىر توغرىسىدا بىلىمىمنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى،سىلەردەك ئۇستازلارنىڭ تەربىيە،تەكلىپ،پىكىرلىرىگە تولىمۇ مۇھتاج ئىكەنلىكىمنى دىمەكچى.ئاندىن يەنە بىر ئىلتىماسىم،بولسا ماۋۇ جايدا ماۋۇ سۆزنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز،ماۋۇ يەردە ماۋۇ تىنىچ بەلگىسىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى،ماۋۇ يېرى بولماپتۇ دەپ ئوچۇقراق كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىڭىز،مەن راستىنلا بىلەلمەي قالىدىكەنمەن.
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-5-22 20:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-17 07:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش