روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1359|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يىغلىمىغىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يىغلىمىغىن

يىغلىمىغىن ئۇنچە ئاھ ئۇرۇپ،
پانىي دۇنيا شۇنچىلىك تاردۇر.
شۈكرى قىلغىن ھەر بىر كۈنىڭگە،
سەندىن يوقسۇل كىشى ھەم باردۇر.

كۆزۈڭ ئاچساڭ ھەمدۇلەر ئېيتقىن،
كېچە تۈندىن ساق ئۆتكىنىڭگە.
ئۆرتەنمەمدۇ ئازابتا يۈرەك،
شەيتانلارنى شاد ئەتكىنىڭگە.

قوي تېرىسى كەيسىمۇ بۆرە،
ئاللاھ ئىگەم كۆرۈپ قالىدۇ.
مەزلۇملارنىڭ ھەر تامچە يېشى،
زالىملاردىن قىساس ئالىدۇ.

ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-7 23:56:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغلىمىغىن ئۇنچە ئاھ ئۇرۇپ،
يىغلىغاننىڭ كۈلمىكى باردۇر.
سەبىرلىك بول، سۈرتكىن يېشىڭنى،
سەبىرچانغا رەب ئۆزى ياردۇر.

باھا سۆز

خوپ، باش ئۈستىگە. ساق - سالامەتكەنسىز ھە.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 08:30
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-8 08:30:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgvl يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 23:56
يىغلىمىغىن ئۇنچە ئاھ ئۇرۇپ،
يىغلىغاننىڭ كۈلمىكى باردۇ ...

خوپ، باش ئۈستىگە.
ساق - سالامەتكەنسىز ھە.
ۋاقتى: 2014-5-8 10:00:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئېركەن  رەخمەت سىزگە قېرىندىشىم.
ۋاقتى: 2014-5-8 10:11:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مول-مەزمۇنلۇق شىئىركەن
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-5-8 11:22:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. ياخشى كۈنلەر ھامان كىلىدۇ
ۋاقتى: 2014-5-8 11:46:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلھەمدۇلىللاھ!سالامەتچىلىكقۇ،ئاغرىپ قاپتۇ دەپ خەۋەر تارقالمىغان بولغىيتى؟
来自安卓客户端

باھا سۆز

چاقچاقنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىدىغان بولدۇم دە. ئەمدى ئېرىڭىز ئۆتكەنكى شېئىرلارنى كۆرگەن بولسا مەن تالادا يۈر  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 16:03
ۋاقتى: 2014-5-8 12:25:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك ياختۇردۇم رەھمەت
Android  يانفۇندا يوللانغان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-8 16:03:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgvl يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 11:46
ئەلھەمدۇلىللاھ!سالامەتچىلىكقۇ،ئاغرىپ قاپتۇ دەپ خەۋەر ...

چاقچاقنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىدىغان بولدۇم دە.
ئەمدى ئېرىڭىز ئۆتكەنكى شېئىرلارنى كۆرگەن بولسا مەن تالادا يۈرسەم سەن توردا كىملەر بىلەن چاقچاقلاشتىڭ دەپ يۈز - كۆزىڭىزگە تامغا باستىمىكىن دەيمىنا.
ۋاقتى: 2014-5-8 16:27:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir发表于2014-05-08 16:03:25


چاقچاقنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىدىغان بولدۇم دە.:lol
ئەمدى ئېرىڭىز ئۆتكەنكى شېئىرلارنى كۆرگەن بولسا مەن تالادا يۈرسەم سەن توردا كىملەر بىلەن چاقچاقلاشتىڭ دەپ يۈز - كۆزىڭىزگە تامغا باستىمىكىن دەيمىنا.;P
ھې ھې...ھــــــــــــــــــــــە!مۇنداق دەڭە!تاياق يەپ كەتكەن بولسا مەن  سەۋەپچى بولۇپ قالغاندىمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ كەتكەنما؟جىق ئويلاپ كېتىپسىز.مېنىڭ ئېرىم يوق.بار بولغان تەقدىردىمۇ مەن ئۆزەمگە گەپ كەلتۈرگىدەك ئىش قىلمىدىم دەپ ئويلايمەن.مەن نوقۇل بىرىگە چاخچاق قىلغىنىم يوق.توردا بىر قېرىنداش ئۇكىمىز قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قاپتۇ،ھەتتاكى ئۇنىڭغا موماي ئال دەپ چاخچاق قىلغانلار بوپتۇ.شۇڭا ئۆزەمنىڭ شېئىرغا بولغان قىزىقىشى،ۋە ھەممە ئىشقا ئېلىشىدىغان كەسپى كېسىلىم تۈپەيلى ئۇ شېئىرغا جاۋاپ يېزىپ قالدىم.ھەرگىزمۇ بىرىگە چاخچاق قىلغىنىم يوق.چاخچاقنى ئۇ قىلغان بولىشى مۇمكىن.ھې ھې....بىراق ماڭا ئەمەس.مۇنبەردىكىلەرگە.مۇنبەردىكىلەر مېنىڭ شېئىرىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا چاخچاق قىلغان،بۇ چاخچاق ئېشىپ تەڭلىكتە قالدۇرۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن.ئىشلارنى يۈزەكى ئويلاش، ئىنكاسنىڭ تېزلىقى،باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش،شېئىرى ھېرىسمەنلىك ۋە تالانتلار قوشۇلۇپ ئايشەمگۈلنى ئالايمۇ دىگەن چاخچاق پۈتۈپ چىققان. مەن چوڭىيىپ كەتمىسۇن دەپ ئاخىرنى يازمىدىم.ئۇ ئۇكىمىزمۇ توختىدى.ئىش تامام ۋەسسەلام.
来自安卓客户端

باھا سۆز

ئەمدى شۇ باشقىلارنى رەنجىتىپ قويماي دەپ چۇ. ئۆزەمگىمۇ ئاز، كىم قويۇپتۇ ئۆزەمدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلىشنى.;  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 17:19

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-28 05:00

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش