- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 715
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- UID
- 16846
- يازما
- 715
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- توردا
- 772 سائەت
|
داۋامى
ئىككىنچى بۆلۈم
بالامنىڭ ياشلىق كۆزىگە تىكىلگەن ۋاقتىمدا دۇنيانى ئۇنتۇيمەن. بەلكىم دۇنيا دېمەك شۇ بالا دېمەكتۇر. بالامنى قۇچاقلاپ ياش تۆككەن ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى ئۇنتۇيمەن. بەلكىم دۇنيانى ئۇنۇتقانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنىمۇ ئۇنۇتقاندىمەن.
قولۇمغا «تۇرپان» ژورنىلىنى ئېلىپ ۋاراقلاپ ئولتۇرىمەن. بۇ ژۇرنالنى نەچچە قېتىم ئوقۇپ بولغان ئىدىم. بۇ ژۇرنالدا مېنىڭ «ئىشىك ئالدىدىكى مۇھەببەت» دېگەن ھېكايەم بار ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ژۇرنالنى ئاپتوبۇستا ئوقۇش ئۈچۈن ئېلىۋالمىغان ئىدىم. ئادەتتە سەپەردىكى زېرىكىشلىكىنى بېسىش ئۈچۈن سەپەرگە چىققاندا دائىم كىتاب – ژۇرنال ئېلىۋالاتتىم. بۇ قېتىم ئالدىراش بولۇپ قېلىپ يېڭى كىتاب ئېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا، تېلېۋىزورنىڭ يېنىدا تۇرغان بۇ ژۇرنالنى ئېلىۋالغان ئىدىم. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ سەپەردە ئۇيغۇرچە كىتاب – ژۇرنال ئېلىۋېلىشىمدا باشقا ئالاھىدە بىر سەۋەب بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ چىرايىمنىڭ خەنزۇلارغا ئوخشايدىغانلىقى ئىدى. ئەلۋەتتە مەن بۇنداق تۇغۇلىۋالمىغان، ماڭىمۇ ئامال يوق. بۇ چىرايىمنىڭ دەردىنى بەك تارتتىم. يۇرتۇمدا ھەممەيلەن مېنى تونۇيدۇ، چىرايىمنىڭ قانداقلىقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. بىراق باشقا يەرلەرگە باردىممۇ بولدى، ناتونۇش كىشىلەر ئالدى بىلەن ماڭا خەنزۇچە گەپ قىلىدۇ، مەن ئۇيغۇرچە جاۋاب بەرسەم، ئاغزىنى ئاچقىنىچە: «ۋۇي، سىز ئۇيغۇر ئىكەنسىزغۇ، مەن تېخى خەنزۇمىكىن دەپتىمەن» دەپ كۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇيزۇمۇ دېمەستىن خەنزۇغا ئوخشىتىشى ئوغامنى قاينىتىپ تېرىكىپ قالاتتىم. تۇرپان دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان ۋاقتتا باشقىلاردەك شەپكە كىيىپ يۈردۈم، كېيىن بىر تەتىلدە ئالغۇي بازىرىغا بېرىپ كېلىش جەريانىدا شەپكەمنى بوران ئۇچۇرۇپ كېتىپ، ئۇنىمۇ كىيمەي باشتاق يۈرىدىغان بولدۇم. بىراق تۇرپاندىن توقسۇنغا قاتناش جەريانىدا يولۇچىلار يەنە بۇرۇنقىدەك مېنى تېرىكتۈرگەچكە دوپپا كىيىدىغان بولدۇم. دوپپا خېلى ئەسقاتقان بولسىمۇ، ئەمما ساۋاقداشلىرىمغا دوپپا كىيىۋېلىشىم پەقەتلا يارىمىدى، كېيىن يەنە يالاڭباش بولۇۋالىدىغان بولدۇم. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 2000- يىلدىن 2002 – يىلغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇدۇم. بۇ جەرياندا تاقىتىم چەككە يەتتى. ئاپتوبۇسقا چىقسام ھەمرالىرىم ئۇيغۇر بولسا چىرايىمغا قاراپ بېقىپ مەن گەپ قىلمىغۇچە گەپ قىلمايتتى. مەن گەپ قىلغاندىلا ئاندىن مېنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ خاتىرجەم ھالدا پاراڭلىشاتتى. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆزۈم ئېغىز ئاچىدىغان بولدۇم. كېيىن مۇشۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەپەرگە چىققاندا ئۇيغۇرچە كىتاب – ژۇرنال ئېلىۋالىدىغان بولدۇم. 2001 – يىلى مەكتەپنىڭ يېنىدىكى خەنزۇنىڭ رەسىمخانىسىدا بىر سۇڭلۇق سۈرەتكە چۈشتۈم. ئەتىسى سۈرىتىمنى ئالغىلى كىرسەم خەنزۇ خۇجايىن سۈرەتلىرىمنى بەرگەچ تۆت سۇڭلۇق قىلىپ چوڭايتىلغان سۈرىتىمنى ئېلىپ قالسا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. مەن «نېمە قىلىسەن؟» دەپ سورىسام، «بۇ يەرگە چاپلاپ قويىمەن» دەپ ئۆرنەك قىلىنغان رەسىملەر رامكىسىنى كۆرسەتتى. مەن سۈرىتىمگە قايتا قارىدىم، سۈرەتكىغۇ يامان ئەمەس چۈشكەن ئىكەنمەن، بىراق بۇ چىرايىمنىڭ ئۆرنەك قىلىپ بۇ يەرگە چاپلاپ قويغۇدەك نەرى بار؟ مەن نېرى – بېرىسىنى ئويلاپ يۈرمەيلا قوشۇلدۇم ۋە سۈرىتىمنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم. ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتۈپ بىر ساۋاقدىشىم بىلەن يەنە شۇ رەسىمخانىغا كىرىپ قالدىم. كىرسەم خۇجايىن مېنى يېنىدىكى خەنزۇغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قارا، ماۋۇ رەسىمدىكى بالا ئاۋۇ شۇ، ئۇ ئۇيغۇر» دېۋىدى، غۇرۇرۇم پايخان بولغاندەك بولۇپ، ئاچچىقىمنى بېسىۋالالماي ئۇ خەنزۇنىڭ قېشىغا يۈگرەپ دېگۈدەك بېرىپ ۋارقىرىدىم:
ــ سەن مېنى سازايى قىلغىلى سۈرىتىمنى چاپلاپ قويغان ئىكەنسەن دە، ئالە ماۋۇ بەش كوي پۇلۇڭنى، سۈرەتنى ئال.
خەنزۇ خۇجايىن مېنى بۇنداق ئاچچىقلىنار دەپ ئويلىمىغان بولسا كېرەك ۋارقىراپ ئالدىغا دېۋەيلەپ كېلىپ ئالدىغا بەش يۈەن پۇلنى ئاتقىنىمدىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇ ئالدىراپ رامكىدىكى سۈرىتىمنى سويۇپ ئېلىپ ماڭا قوش قوللاپ سۇندى، مەن سۈرىتىمنى ئۇنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئالغىنىمچە چىقىپ كەتتىم.
ھەمرايىم بىلەن ئۇنى – بۇنى دېيىشىپ ئۈرۈمچىگىمۇ كېلىپ قالدۇق. ئەمدى ب ر ت غا ئولتۇرۇپ غەربىي شىمال يولىدىكى سانجىنىڭ بېكىتىگە بېرىشىم كېرەك. بىزگە چۈشۈرگەن ھۆججەتتە مېڭىش ئۇسۇلى مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى. بۇندىن 11 يىل بۇرۇن سانجىغا باشقا يەردىن بارغانلىقىم ئېسىمدە. ئەمدى غەربىي شىمال يولىدىن بارىدىكەنمەن. ب ر ت بىلەن شىخوڭ يولىدا چۈشۈپ قېلىپ سانجىنىڭ بېكىتىنى ئاران تېپىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇردۇم. سانجىغا يەتتە كوي بەش موچەن ئالىدىكەن. قەيەرگە بارىسەن دەپ سورىۋىدى، «پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا» دەپ جاۋاب بەردىم. سانجىنىڭ ئانچە يىراق ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. شەھەردىن چىقىپ بولغۇچە يول ھە دېگەندە توسۇلۇپ ۋە قىزىل چىراقتا تولا توختاپ ۋاقتنى بەك ئېلىپ كەتتى. ئاخىرى ئۈرۈمچى – سانجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا چىقتۇق. 2001 - يىلى مەن بارغان چاغدا بۇ يول ياسالمىغان ئىدى. يول بويى ئەتراپتىكى قۇرۇلۇشلارغا ۋە يوللارغا سەپسېلىپ ماڭدىم. 11 يىل ئىچىدە بەك چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ كېتىپتۇ. يېڭى شەھەر رايونى كېڭىيىپ نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار ۋە ئىگىز – ئىگىز بىنالار چۈشۈپ كېتىپتۇ. پوچتا خادىملىرىنى تەربىيلەش مەركىزىدىن ئۆتۈپلا دىۋوپو خەلقئارا ئايروپوت يولىغا چۈشتۇق. بۇيەردە توسالمايلا مېڭىۋەردۇق. مەن ئايرودۇرۇمنى كۆرىدىغان بولدۇم دەپ خۇش بولۇپ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇردۇم. ئاخىرى بىر سىترولۇق كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئايرودۇرۇم كۆزگە كۆرۈندى. ئۇ يەردىكى قاتار – قاتار ئايرۇپىلانلارنى كۆرۈپ خۇددى كىچىك بالىدەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم. يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ساناقسىز توپا ئۇسۇش ماشىنىسى، توپا قېزىش ماشىنىسى، كۈرەكتور ۋە كىرانلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. بۇ يەردىن سەل ئۆتسەك شىنجاڭ دا گۇاڭخۇا خەلقئارا مەكتىپىگە كېلىدىكەنمىز. ئاخىرى سانجى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتۇق. يېرىم سائەتكە قالماي سانجى شەھىرىگە كىرىپ كەتتۇق. «پوچتا ئىدارىسى» دېگەن بىكەتنى بىلمىگىنىم ئۈچۈن بېلەت ساتقۇچىنىڭ چىرايىغا قاراشقا توغرا كەلدى. ھېلىمۇ ياخشى شەھەرگە كىرىپ ئىككىنچى بىكەتلا مەن چۈشىدىغان بىكەت شۇ ئىكەن. مەن ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. بۇ يەرگە كېلىپلا پوچتا بانكىسىغا كىرىپ يېنىمدىكى نەق پۇلنى كارتىغا سېلىۋېلىشنى ئويلاپ پوچتا بانكىسىغا كىردىم. تەلىيىمگە كۆزنەكنىڭ ئالدىدىكى يۈزلىرى سۈزۈك چىرايلىق سېمىز ئايال ئۇيغۇردەك قىلاتتى. مەن مىڭ يۈەن بىلەن كارتامنى ئايالغا بەردىم. ئۇ ماڭا دوكۇمىنتنى چىقىرىپ بېرىپ خەنزۇچە: «ئىمزا قويۇڭ» دېدى. مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئىمزا قويۇپ بەردىم. ئايال قەغەزنى ئېلىپلا ئۇيغۇرچىنى قازاق تەلەپپۇزىدا سۆزلەپ:
ــ ئىمزانى خەنزۇچە يازغىن،ــ دېدى.
ــ توقسۇندا ئۇيغۇرچە يازىمىزغۇ؟ــ مەنمۇ سېمىز ئايالغا قاراپ دېمىقىمنى قاقتىم.
ــ سانجىدا خەنزۇچە يازىسەن قارىنداش ــ سېمىز ئايال ماڭا كۈلۈمسىرەپ قارىدى.
مەن ئايال قايتا چىقىرىپ بەرگەن قەغەزگە قايتىدىن خەنزۇچە ئىمزا قويۇپ بەردىم.
پوچتىخانىدىن چىقىپ بىكەتكە بېرىپ 7- يولنىڭ ئاپتوبۇسىغا چىقىپ مەكتەپكە بېرىۋالدىم. بىز ئوقۇيدىغان مەكتەپنىڭ ئىسمى «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي ئىنىستىتۇتى» ئىدى. بۇ مەكتەپ دائىرىسى خېلىلا كەڭ، چوڭ مەكتەپ ئىكەن. مەكتەپ مۇھىتىمۇ شۇنداق ياخشى بولۇپ، يېشىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئىكەن. مەكتەپنىڭ ھەممىلا يېرىدە قارىغاي، ئارچا، دولانا ۋە مەن ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان ھەر خىل دەرەخلەر بار بولۇپ، كۆپىنچە دەرەخلەرگە ئارخىپ سېلىنىپ شېخىغا ئېسىپ قويۇلغان ئىدى. ئەمما ئوقۇتۇش بىنالىرى بەكلا كونىراپ كېتىپتۇ. مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئىدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ خېلىلا كۆپ ئىكەن. مەكتەپ ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدىن تارتىپ ئوقۇتۇش بىناسىغىچە بولغان يولنىڭ قاسنىقىغا تەشۋىقات تاختايلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەر بىر تاختايدا بىردىن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ سۈرىتى بىلەن ئىش – ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەنلا يەردىكى بىنانىڭ تېمى پۈتۈنلەي دېگۈدەك مەكتەپتىكى نەچچە يۈز نەپەر ئىلغار ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ رەسىمى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. بۇلارغا قاراپ بېقىپ بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. مەن ئۇ كۈنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولۇپ، ياتاققا ئورۇنلاشتىم. ياتىقىم مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى مەكتەپ مېھمانخانىسىنىڭ بەشىنچى قەۋىتىدىكى ئىككى كىشىلىك ياتاق بولدى. ياتاقدىشىم توقسۇنلۇق يەنە بىر ھەمراھىم پەرىدىن ئىدى. كەچقۇرۇن ئايالىمغا ئۆزۈمنىڭ مەكتەپكە ياخشى ئورۇنلىشىۋالغانلىقىمنى دوكلات قىلاي دەپ سىرتتىكى تلېفونخانىدىن تېلېفون قىلدىم. بىراق دوكلاتىم تۈگەپلا ئايالىمنىڭ سېسىق گېپىنى ئىشىتتىم:
__ سانجىدا ئۈچ ئاي ئوبدان ئويلىنىپ، ياخشى ئۆزگىرىڭ، ئىپادىڭىزگە قارايمەن. گەپ يەنە شۇ، مەن ئىزدىمىگۈچە مېنى ئىزدىمەڭ.
ئايالىمنىڭ «ئوبدان بوپتۇ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ» دەپمۇ قويماستىن، خۇددى مەن تۈرمىگە كىرىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقاندەك بۇ دەرىجىدىكى قوپال گەپلىرىدىن يەنە لاسسىدە بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭ سېسىق گېپىگە چىدىماي ئەمدى رەسمىي ھالدا سوقۇشماقچى بولۇپ: «ھەي، نېمە دېگىنىڭىز بۇ....» دەپ گەپ باشلىشىمغىلا ئۇ تېلېفوننى قويىۋەتتى. قايتا – قايتا تېلېفون قىلساممۇ ئالغىلى ئۇنىمىدى. ئاخىرى ئاچچىقىمدا يانفونۇمنىڭ كونۇپكىلىرىنى مىجىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا «ساراڭ!» دېگەن ئۇچۇرنى يوللىۋېتىپ چىقىپ كەتتىم.
كەچتە ساۋاقداشلار بىلەن ياتاقتا ئانچە – مۇنچە تونۇشقان قىلدۇق. سانجىدىكى تۇنجى ئاخشام غەشلىك ئىچىدە ئۆتتى. ئەتىسى ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز - ئارا تونۇشتۇق. بىز ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى، قائىدە – تۈزۈملەر ئۇقتۇرۇلدى. 30 ئادەم بىللە ئوقۇيدىكەنمىز. يېرىمىمىز ئۇيغۇر بولۇپ، قومۇلدىن باشقا ھەممە ۋىلايەتتىن بار ئىدۇق. دەرس مۇشۇ بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى كومپيۇتېر سىنىپىدا ئۆتۈلىدىكەن. چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ دەرس باشلىنىپ كەتتى. دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا قاراپ ئولتۇرىمەن. بىزنىڭ بۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۆگىنىدىغىنىمىز دۇنيادىكى داڭلىق تورلاشتۇرۇش شىركىتى بولغان سىسكو شىركىتىنىڭ تورلاشتۇرۇش بىلىملىرى بولۇپ، ئىككى يىل ئىچىدە ئۆگىنىدىغان تۆت قىسىم كىتابنى بىزگە زەربىدارلىق بىلەن ئىككى ئاي ئىچىدە ئۆتۈپ بولاتتى. بۇلاردىن بۆلەك يەنە كەسپىي مەكتەپلەردە مەدەنىيەت دەرسلىرى بىلەن كەسپىي دەرسلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتۈش، دەرس تەييارلىقى دېگەندەك پىداگوگىكىغا ئائىت بىلىملەر، كومپيۇتېردا توربەت لايىھىلەش، كارتون لايىھىلەش، قىزىل بايراق لىنۇكس سىستېمىسى، شۇنداقلا يانفوندىكى ئاندىرويىد سىستېمىسى دېگەندەك خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمايدىغان بىلىملەر قوشۇمچە ئۆتۈلىدىكەن. توۋا دەيمەن ئىچىمدە كۈلۈپ، مەكتىپىمىزدە كومپيۇتېردا ۋورد، ئېكسئېلدىن باشقىسى ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمدى بۇ يەردە مۇشۇ بىلىملەرنى ئۆگىنىدىكەنمەن، بۇ قۇشقاچ ئېتىش ئۈچۈن سىنارەد تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندەكلا ئىش ئىدى. بوپتۇلا، ئارتۇق بىلىم نېمىگە زىيان قىلاتتى. ھەممىسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلار ئىكەن. ھامىنى پايدىسى تېگىدۇ، ھېچ بولمىغاندا شۇلار توغرۇلۇق باشلانغۇچ ساۋاتقا ئىگە بولۇپ قالسام بۇنىڭ نېمە يامىنى؟
سانجىدىكى كۈنلىرىم باشلىنىپ كەتتى. ئەسلىدىلا دىل ئازارلىققا مۇپتىلا بولۇپ كەلگەن بۇ كۆڭلۈم تولىمۇ سالقىن، يېشىللىققا پۈكەنگەن بۇ شەھەرگە كېلىپ ئازراق بولسىمۇ تەسكىن تېپىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئايالىمنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتر يىراقلىقتا تۇرۇپمۇ ناخۇش دىلىمغا چاچقان خۇددى سانجىنىڭ تاماقلىرىغا ئايىماي قوشىدىغان مۇچ بىلەن تېتىتقۇدەك دەرھەملىرى كۆڭۈل ئىشتىھايىمنى غىققىدە قىلىپ قويدى. كەلگىنىمىزنىڭ ئەتىسى ئاخشىمىدىن باشلانغان ياتاقتىكى سورۇنغىمۇ تەبىئىيلا قېتىلىپ، ھېلىقى ئامىرېنو ۋەقەسىدىن كېيىن ئاغزىمغا ئېلىپ باقمىغان ئىسپىرتنى يەنە تېپىۋالدىم. باشقا ياتاقتىكى ساۋاقداشلار كۆڭۈل ئىستەپ ياتىقىمىزغا كىرىپ سورۇن تۈزسە، «مەن ئىچمەيتتىم» دەپ يوتقانغا كىرىپ يېتىۋالغىلى بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ماڭا خوپ يارىشىپ، يېنىمدىكى ئىچەرمەن ھەمرايىمدەك يېرىم كېچىگىچە ئىچىشىپ ئولتۇرىدىغان بولدۇم. ھە دېگەندە ئسسىقىم ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ھەر ئاخشىمى ئىچىۋاتقان پىۋىمۇ خېلى خۇش ياققاندەك قىلاتتى.
بۈگۈن ئاخشاممۇ كەچكىچە نەچچە قېتىم تېلېفون قىلسام ئالمىغان خوتۇنۇمنىڭ ئاچچىقىدا ئۆزۈملا ئالتە بوتولكا پېۋىنى ئېلىپ ياتاققا ئېلىپ كىرىپ سورۇننى باشلىۋەتتۇق. ئەمما ئالتە بوتولكا پېۋا سورۇندىكى يەتتەيلەننىڭ ھېچ يېرىگە تەگمىدى. سورۇن بىر دەمدىلا ئاخىرلىشىپ يەنە ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق. ياتاقدىشىم مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. ئايالىمنىڭ تېلېفوننى ئالماي مېنى تېرىكتۈرىشى ھە دېگەندە مېڭەمنى قوچۇپ، ئىسپىرتنىڭ تەسىرىدىن بۇزۇلغان نېرىپلىرىمنى قالايماقانلاشتۇراتتى. ئىچىم سىقىلىپ دېرىزىنى ئاچتىم. سىرتتىن سالقىن، نەمخۇش ھاۋا بۆسۈپ كىردى. ساپ ھاۋادىن قېنىپ تۇرۇپ نەپەس ئالدىم. دېرىزىدىن مېھمانخانا ئالدىدىكى يول كۆرۈنۈپ تۇراتتى. يولدا ماشىنىلار توختىماستىن ئۇ ياق – بۇ ياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. مېھمانخانا بىلەن يولنىڭ ئارىلىقىدا خېلىلا كەڭتاشا پىيادىلەر يولى بار بولۇپ، پىيادىلەر يولىدىكى بۈكباراقسان دولانا دەرەخلىرىنىڭ تىگىدە ئورۇندۇقلار بار ئىدى. شۇ ئورۇندۇقتىكى بىر جۈپ گەۋدىگە قاراپ ئىڭىكىمنى تىرەپ تۇرىمەن. بۇ بىر جۈپ گەۋدە قارىماققا مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدەك قىلاتتى. يىگىت ئولتۇرغان ھالەتتە، يېنىدىكى قىز يانپاشلانغان ھالەتتە يىگىتنىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ ياتاتتى. ئۇلارنىڭ كەينى تەرىپىدىن قاراپ ئالدىغا ئىڭىشكەن يىگىتنىڭ قىزنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاۋاتقىنىنى ياكى سۆيۈۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. «ھازىرقى ياشلار نېمە دېگەن دادىل» دەيمەن ئىچىمدە، مۇشۇ ياشلارنىڭ ياش قۇرامىدىكى ۋاقتىمدا، بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلىش تۈگۈل ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم. زۇھالىيە بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ قالغان ۋاقتلاردا ۋۇجۇدۇمنى تىترەك بېسىپ، ئۇنىڭ كۆزىگە دادىلراق تىكىلىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم. ئۇنىڭ كۆزى بىلەن كۆزىمىز ئۇچراشقان شۇ دەملەردە يۈرىكىمنىڭ ئوت بولۇپ يانغانلىقىنى، يۈزۈمنىڭ قىزارغانلىقىنى ھېلىمۇ ئەسلىيەلەيمەن. شۇ ئىشلاردىن كېيىنمۇ تويدىن ئىلگىرى تۇنجى قېتىم ئايالىمنى يىگىتلىك ھىسلىرىم بىلەن سۆيگەندىن كېيىن، خېلى كۈنلەرگىچە، ھەتتا تويىمىزغىچە شۇ تاتلىق ھىسلارغا مەست بولۇپ يۈرگەن ئىدىم. ھازىر بۇ ھىسلار خۇددى بىر چۆمۈچ مۇزدەك سۇ ئىچكەندەكلا شۇنداق قەدىرسىز بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ. ھەي زامان، ھەي دۇنيا، ھەي ئادەملەر! ھىسلىرىڭدىن ئۆرگىلەي! بىراۋ ئۈچۈن ھاياتلىق كەبى قەدىرلىنىدىغان نەرسە يەنە بىراۋلار ئۈچۈن خەسىنىڭ ئورنىدا. ئەلۋەتتە بۇ بىر جۈپلەر مۇھەببەت پەيزىنى سۈرسۇن، ئۇلارغا تارلىق قىلىپ نېمە قىلاي. بەلكىم ئۇلار جەننەتنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقاندۇ؟ بىراۋنى جەننەتتىن قىزغىنىش ئىبلىسنىڭ قىلمىشىغۇ ئاخىر.
دېرىزىنى يېپىپ ھارغىن ھالدا يوتقانغا كىرىپ ياتتىم. مەنمۇ مۇنچىغا كىرىپ چىقىپ ئۇخلاپ قالاي دېسەم، ھەمرايىم پەرىدىن دېگەن «مۇنچا پاقىسى» ئۇخلاپ قالغاندەك مۇنچىخانىدىن تېخىچە چىقمايۋاتاتتى. تېلېۋىزورنىڭمۇ قىزىقى قالمىغان ئىدى. بىردەم يېتىپ بېقىپ يەنە ئىچىم سىقىلىپ كەتتى. ئىچىمدە مىڭلارچە قۇرۇت مىغىلدايتتى. مېڭەمدە خۇددى بوغۇم تاۋاق باردەك قۇلىقىم غوڭۇلدايتتى. بارماقلىرىم كىرىشىپ ياستۇقنى بار كۈچۈم مىجىقلايتتىم. خۇداۋەندەكېرىم، شۇ ياستۇقنىڭ جېنى بولغان بولسا «ۋايداد!» دەۋېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. خەپ دەيمەن، خەپ، پەزىلەت، ئەجەب قىلىۋاتىسەن، يېمىگەن مانتىغا پۇل تۆلىتىپ مېنى مۇشۇ ھالغا قويدۇڭ. ئالدىڭدا باش كۆتۈرەلمىگۈدەك ئىش قىلمىغانلىقىمغا ئىمانىم بىلەن كېپىلمەن. سەككىز يىل بىر ياستۇققا باش قويغا ئېرىڭگە ئەجەب ئىشەنمىدىڭ. ئائىلىمىزنى مۇشۇنداق سەرسان قىلىپ نېمە پايدا كۆرەرسەن؟ ساڭا قىلغان سادىقلىقىمغا، مۇھەببىتىمگە مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ سانجىدا ئۈچ ئاي ئۆزگىرەرمىشمەن، بۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرساممۇ مەن يەنىلا مەن نەسىرۇللا، باشقا بىرىگە ئۆزگىرىپ قالمايمەن. يەنىلا شۇ سەن ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پايپېتەك بولىدىغان ئېرىڭمەن. قانداق ئۆزگىرىشىمنى خالايسەن؟ بوپتۇ، ئۆزگىرەي، سەن ئۆزگىرىشىمنى خالايسەنغۇ؟ نەسىرۇللا، توقسۇندا ئاللىقاچان لاتا بولۇپ بولدۇڭ، ئەمدى يۈزۈڭنى داپتەك قىلىپ ياشاپ باق، يامىنى كەلسە ئىت بولارسەن. ھازىرقى ھالىڭمۇ قايسى ئىتتىن كەم؟ نىكاھىڭدىكى خوتۇنۇڭ ئىتائىتىڭدىن چىققان، ئاددىيسى تېلېفونۇڭنىمۇ ئالمايدۇ. ئۆزۈڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆيدىنمۇ قوغلاندى بولدۇڭ. ئەمدى بۇ دىياردا سەرسانسەن. نەسىرۇللا، ھەي يۇمشاقباش، ئەمدى سەنمۇ بېشىڭنى قاتتىق قىلىپ ياشاپ باق، قەددىڭنى كۆتۈر، ئەتە سانجىنى قېزىپ، نەدىن بولمىسۇن ئىزدەپ تېپىپ يولۋاسنىڭ يۈرىكىنى كاۋاب قىلىپ پۇشۇرۇپ يە، مۇسۇلمانچە ئەمەس دەمسەن؟ ئەنسىرىمە، دورىلىق ئۈچۈن يېسەڭ بولىۋېرىدۇ، خەق كۆكئىنەكنىڭ سۈتىنىمۇ ئىچىدىغۇ. ئاندىن ئىچە ئىچ، ياشا، سانجى سېنىڭ. سانجىدا ئۈچ ئاي مۇختارىيىتىڭ بار. «ياجوڭ» مەيدانىغا بېرىپ ئۇسسۇلغا چۈش، سانجى نازىنىنلىرىنىڭ بېلىنى تولغاپ تۇرۇپ ۋالىسقا پىرقىرا، دىسكوغا تاقلا، «تاماشا، مانا مەن كەلدىم!» دەپ ۋارقىرا. قوتاندىن قاچقان ئۆكۈزدەك ھۆركۈرە، رېلىستىن چىققان پويىزدەك نەرە تارت. بىر قېتىم تاپتىن چىقىش ئۈچۈن ھۇررا!
توقۇمنى قارنىمغا ئېلىپ، چاپاننى بىراقلا تەتۈر كىيىپ پەرىدىننىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇرمايلا مۇنچىغا كىرىپ ئۇنى قوغلاپ چىقاردىم ۋە ئىلمان سۇدا راھەت يۇيۇنۇپ چىقىپ ئۇخلاپ قالدىم. ئەتىسى يولۋاسنىڭ يۈرىكىنى ئىزدەپمۇ يۈرمىدىم. بىراق ئاخشىمى ساۋاقداشلار بىلەن «ياجوڭ» مەيدانىغا باردۇق.
بۇ مەيدان خېلىلا چوڭ مەيدان ئىكەن. مەيداننىڭ ئالدى تەرىپىدە 50 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەر – خوتۇنلار ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاۋاز ياڭراتقۇ ۋە DVD ئاپاراتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ناخشلىرىنى قويۇپ مەشرەپ قىلىدىكەن. بۇ يەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئۇسسۇل ئوينايدىكەن. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسى بولسا كەڭتاشا ئوچۇقچىلىق بولۇپ ئوتتۇرىدا فونتانلار ئېتىلىپ تۇرىدىكەن. مەيداننىڭ ئوڭ تەرىپىگە چوڭ سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر خىل سىەنئەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. سول تەرەپتە بولسا بالىلار ئوينايدىغان ھەر خىل ئويۇنچۇقلار بار ئىكەن. بۇ يەردىن ئۈستىگە قاراپ يەنە ئازراق ئۆتسەك راۋاقنىڭ كەينىدىلا يەنە بىر كىچىك مەيدان بار بولۇپ، بۇ يەردە بىر خۇيزۇ مەخسۇس تۇرپان، قومۇلنىڭ ئۇسسۇللۇق ناخشىلىرىنى قويىدىكەن. بۇ يەردە ئاساسەن خەنزۇلار ۋە خۇيزۇلار، ئانچە – مۇنچە ئۇيغۇرلار ئۇسسۇل ئوينايدىكەن. يەنە ماڭسىڭىز دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئانچە – مۇنچە بوش ئورۇنلارغا گۇرۇپپا – گۇرۇپپا بولۇپ بۆلۈنۈپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئۆگىنىۋاتقان خەنزۇ يولداشلارنى كۆرىدىكەنسىز، بۇ يەرنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر مەيدان بولۇپ، ئۇ يەردە پۈتۈنلەي خەنزۇ، خۇيزۇلار ئاۋۋال ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل، كېيىن تانسا، ئاخىرىدا دېسكو ئوينايدىكەن. ئارقا مەيدان تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، مەيدان باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا كوللىكتىپ تانسا ئوينايدىكەن. مەيداننىڭ كەينى دەرۋازىسىنىڭ بۇرجىسىدا مەخسۇس «جىڭجۈ تىياتىرى» ۋە ئەلنەغمىلەر ئورۇنلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەرگە يىغىلغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ياشانغانلار ئىكەن.
بۇ مەيدانغا كېلىپ راستىنى دېسەم تولىمۇ ھاياجانلاندىم. سانجىنىڭ بۇ دەرىجىدىكى مەدەنىيەت – سەنئەت كەيپىياتىدىن ھەيران قالدىم. كوچىلاردا كۈندۈزى تۈزۈك كۆرگىلى بولمايدىغان ئۇيغۇرلارنى كېچىسى بۇ مەيداندىن كۆرىدىكەنسىز. خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى پۈتۈن ئىشقى بىلەن ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىڭىز ئىسسىق بولۇپ قالىدىكەن.
نەچچە ئاخشام بۇ مەيدانغا كېلىپ تاماشا قىلدۇق. لېكىن سانجى نازىنىنلىرىنىڭ بېلىنى تولغاپ مەيدانغا چۈشۈش نېسىپ بولماي تۇرۇپلا بالىلار بايرىمى كېلىپ، مەيداندىكى بالىلارنى كۆرۈپ ئوغلۇم كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ چىداپ بولالماي 6- ئاينىڭ 2- كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن رۇخسەت سوراپ (بىزنىڭ دەم ئېلىشىمىزنىڭ قەرەلى يوق ئىدى) ئۆيگە ماڭدىم.
ئۈچتاشتىكى يولۇچىلار بېكىتىگە كىرىپ «ئىلانلىق» دەپ خەت يېزىلغان كۆزنەكتىن 39 يۈەنگە بېلەت ئېلىپ ماشىنا كۈتۈش زالىغا كىردىم. ئاپتوبۇس سائەت تۆتتە ماڭاتتى. يەنە بىر سائەت ۋاقت بولغاچقا زالدىكى ئۇ يەر – بۇ يەرلەرگە قاراپ ۋاقت ئۆتكۈزدۈم. زالنىڭ بىر تەرىپىدىكى تامغا چاپلاپ قويۇلغان ئادەم ئىزدەش ئېلانلىرىغا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئۇ يەردىكى بىرمۇنچە ئادەم ئىزدەش ئېلانىدىكى كىچىك، سەبىي بالىلارنى كۆرۈپ، خۇددى ئۆزۈمنىڭ بالىسى يوقاپ كەتكەندەك ئىچىم سىرىلىپ كەتتى.
ئاپتوبۇسقا چىقتىم. يېنىمغا ئاق ياغلىق چىگىۋالغان مەن دېمەتلىك بىر ئايال 10 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىزنى باشلاپ كېلىپ ئولتۇرغۇزدى. ئاندىن ماڭا قاراپ قويۇپ كەينىدىكى ئورۇنلارغا سەپ سېلىپ قاراشقا باشلىدى. تايىنلىق مېنى خەنزۇ دەپ ئويلاپ قېلىپ كەينىدىكىلەردىن ئالمىشىپ بەرگۈدەك ئادەم ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. مەنمۇ ئۆزۈمچە تېرىكىپ «نېمە قىلساڭ قىلمامسەن» دەپ بېزىرىپ ئولتۇرىۋەردىم. بىر چاغدا پەرىدىندىن تېلېفون كېلىپ قالدى. شۇندىلا ئاق ياغلىقلىق ئايال كەينىگە قاراشتىن يالتىيىپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتقان ماڭا قاراپ قويۇپ، قىزغا بىر نېمىلەرنى دەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى. قىزچاقمۇ «ئۇھ» دېگىنىچە جايىدا جىم ئولتۇرۇپ ئېلىۋالغان بىر قۇچاق ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى يېيىشكە باشلىدى. بۇ قىزچاقنىڭ يەيدىغان ئۇششاق يېمەكلىكىگە ئوخشاشلا گېپىمۇ تولا ئىكەن. ئىلانلىققا يېتىپ بارغۇچە توختىماي سۆزلەپ ماڭدى. كەچ سائەت يەتتە بولاي دېگەندە ئۆيگە يېتىپ كەلدىم.
ئەتىسى موتوسىكىلىتىمغا مىنىپ ئىتتىپاق كەنتىدىكى قېينىئاتامنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. بىراق ئۆيگە كىرىشكە جۈرئەت قىلالماي، كوچىدىن ئوغلۇم ئۇچراپ قالارمۇ دەپ كوچا ئايلىنىشقا باشلىدىم. دېگەندەك ئوغلۇم بىرمۇنچە بالىلار بىلەن بىللە غوپۇر يونۇس ئەپەندىنىڭ داچىسىنىڭ (غوپۇر يونۇس: شىنجاڭدىكى پۇقراۋىي ئالىي مەكتەپ بولغان شىنجاڭ زامانىۋى كەسپىي ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مۇدىرى، بۇ داچىنى ئۆتكەن يىلى مۇشۇ يەردىكى كونا ئۆيىنىڭ ئورنىغا سالغان ئىدى) ئالدىدا ئويناپ يۈرەتتى. يۈز – كۆزلىرىنى توپا بېسىپ، كۇسارچان ھالدا ئويناپ يۈرگەن ئوغلۇمغا قاراپ بوغۇزۇمغا يىغا كەپلىشىپ ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالدىم. مېنىڭ موتوسىكىلىت بىلەن ئالدىدا تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالغىنىمنى كۆرگەن ئوغلۇم ماڭا قاراپ بىر پەس مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئالدىمغا يۈگرەپ كەلدى ۋە مېنى قۇچاقلىغىنىچە ۋاررىدە يىغلاپ تاشلىدى. مەنمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۇنجى قېتىم ياش تۆكتۈم. ئوغلۇمنىڭ توپا باسقان يۈزلىرىگە يېنىش – يېنىشلاپ سۆيدۈم. باغرىمغا بېسىپ چىڭڭىدە قۇچاقلىدىم. شۇ تاپتا ئوغلۇمدىن ئالغان ھارارىتىم دۇنيادىكى ھەرقانداق ھارارەتتىن ئۈستۈن ئىدى.
ئوغلۇمنى ئېرىق بويىغا ئېلىپ بېرىپ، يۈز – قوللىرىنى پاكىزە يۇيۇپ قېينائاتامنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدىم. ئۆز ئاپامغۇ ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. «ئېگىلگەن باشنى قېلىچ كەسمەپتۇ» دەپ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇلارمۇ ماڭا ئاتا ھەم ئاپا. ھەر نېمە قىلسا بىر كىرەي دەپ سالامنىڭ چوڭىنى قىلىپ، ئەتىگەندە يېزا بازىرىدىن ئېلىۋالغان يارىشىقلارنى ئېلىپ ئۆيگە كىردىم. ئۆيدە قېينىئاتام بىلەن قېينىئاپام ھەر ئىككىسىلا بار ئىكەن. مېنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى بۇزرۇكۋار مېنى ئوغۇللىرىدىنمۇ چارە چوڭ كۆرەتتى. ئەلۋەتتە، ھېلىقى سۆز چۆچەكلەردىن يىراقتىكى ئاپام خەۋەر تاپقان يەردە ئۇلارنىڭ بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار پەقەتلا چاندۇرمايۋاتاتتى. ئۇلار راستىنلا ماڭا بەك ئىشىنەمدۇ ياكى ھازىرچە چاندۇرماي، سەل تۇرۇپ تاناۋىمنى تارتامدۇ، بۇنى بىلمىدىم. ئۆيدە ئۇزۇن تۇرمايلا ئېتىزغا چىقىپ كەتتىم. چۈنكى كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھېلىقى كېۋەز يېرىمنى ئوتىۋېتىشىم كېرەك ئىدى. چۈشتە قېينىئاپام ئوخشىتىپ ئەتكەن لەغمەننى يەپ بولۇپ يولغا چىقتىم. چۈنكى كېتىشىم كېرەك. قېينىئاتام بالىدىن، يەردىن غەم قىلماسلىقىمنى تاپىلىدى، قېينىئاپام سالامەتلىكىمگە دىققەت قىلىشىمنى، قىزىنىڭ گەپ ئاڭلىماي يىراققا كېتىۋالغىنىدىن ئاغرىنماسلىقىمنى تاپىلاپ، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ئىككى نان سېلىپ بەردى. پەرىشتە سۈپەت بۇ ئىككى بۇزرۇكۋارىمغا قاراپ ئىچىم ئىسسىق بولۇپ قالدى. «پەزىلەت مۇشۇ ئىككىسىنىڭ بالىسى ھە» دەيتتىم ئىچىمدە. ئايالىممۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا پەرىشتەم ئىدى. بىراق شۇ پەرىشتەمنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشتى. شۇ گۇمان مېنى ئۇنىڭغا ئۈجۈ كۆرسىتىپ قويدى. پەرىشتىنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشسە بەلكىم ئەشۇنداق رەھىمسىز بولۇپ كېتىدىغاندۇ.
ئوغلۇممۇ ماڭا ۋە نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاشلا يىغلاپ تۇغۇلغان، شۇنداقلا يىغلاپ چوڭ بولغان. ئەمما بالامنىڭ بۈگۈنكى يىغىسى يۈرىكىمنى ئېزىۋەتتى. بىز ئۇنى تاشلىۋەتكەن ئىدۇق. كەيپىياتىمىزنى تەڭشەشنى خىيال قىلىپ، قىسقىسى رىئاللىقتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ۋە ئاللىقانداق ئاقماس باھانىلەرنى شىپى كەلتۈرۈپ، كىچىككىنە شۇ جېنىمىزنى غېرىپلىققا قويدۇق. مەنمۇ ھەم ئوغلۇمنىڭ يىغىسىغا جۆر بۆلۇپ ياش تۆكتۈم. بۇ ياشلار پۇشايمان يېشى، نادامەت يېشى، خىجالەت يېشى ئىدى. ئوغلۇمنىڭ ئالدىدا خىجىلمەن. چوڭ بولۇپ چوڭ بولالمىغىنىمغا خىجىلمەن. ئاتىلىق مېھرىمنى ئۇنىڭدىن خەسىسلىك بىلەن ئايىغىنىمدىن خىجىلمەن. قىزىنى شۇ يىراق بىگانە يۇرتقا كېتىشكە مەجبۇرلىغان كۈيوغلىدىن نەپرەتلىنىشنىڭ ئورنىغا، ماڭا زور ئىشەنچ بىلەن ئۈمىد باغلىغان مېھرىبان ئىككى پەرىشتەمنىڭ ئالدىدا بېشىمنى كۆتۈرۈشكە ئامالسىزمەن.
|
|