- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 710
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1100
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- UID
- 16846
- يازما
- 710
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1100
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- توردا
- 765 سائەت
|
داۋامى:
بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟ چىرايلىق، سەھەردىكى شەبنەم چىرايلىق، بەلكىم ئۆمرى بەكلا قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن تولىمۇ قەدىرلىك بولسا كېرەك.
بۈگۈن ئەتىگەن بامداتتىن كېيىنلا مۇنبەرنى ئاچتىم. ماڭا ئۇچۇر كەلگەن ئىدى. بۇ ئۇچۇر «تۆتقۇلاق»تىن كەپتۇ. ئۇ بۇ يىل ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ كەسىپكە چۈشىدىكەن. قايسى كەسىپنى تاللاش توغرۇلۇق مەندىن مەسلىھەت سوراپتۇ. نېمە دەپ مەسلىھەت بېرىشىم مۇمكىن؟ ئۇ تىزىپ بەلگەن كەسىپلەرنى بىر – بىرىگە سېلىشتۇرۇش ۋە ئۇ قىزنىڭ خاراكتىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا پىسخولوگىيە كەسپىنى تەۋسىيە قىلدىم. مېنىڭچە بولغاندا، ئۇ مۇشۇ ئەقلى ۋە خاراكتىرى بىلەن ياراملىق بىر پىسخولوگ بولۇپ چىقالايتتى. ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىپ بولغىچە ۋاقتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. كومپيۇتېرنى ئېتىپ تۇرۇشۇمغىلا ئايالىمنىڭ تېلېفونى جىرىڭشىشقا باشلىدى. تېلېفون كومپيۇتېرنىڭ يېنىدىلا توك قاچىلىنىۋاتقان بولغاچقا، تېلېفوننى ئېلىپ ئاشخانىغا كىردىم. تېلېفوننى ئالغان ئايالىمنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ، كۆزلىرىدىن ياش ئەگىشكە باشلىدى. بامداتنى چالا ئوقۇپ قويدۇممۇ، ئەيتاۋۇر ئەتىگەندىلا تېلېفون سىگنالى ئارقىلىق ئائىلىمىزگە شۇم خەۋەر كەلگىنى ئېنىق ئىدى.
ــ نېمە ئىش بوپتۇ؟ــ تېلېفوننى قويۇپلا داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغان ئايالىمدىن ئەنسىز سورىدىم.
ــ ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم تۈگەپ كېتىپتۇ،ــ ئايالىم ئېغىر ئۇھسىنغان ھالدا ھېلىلا تېشىپ چىققان سۈت چاي كورىسىغا قاراپ يۈگۈردى.
ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم يېزىمىزنىڭ يۇقارقى تەرىپىدىكى «باشكارىز باشلانغۇچ مەكتەپ»نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇنى بەك تونۇپ كەتمىسەممۇ، بىراق ئۆتكەن يىلىلا ئۇنىڭ ئايالىنىڭ نامىزىغا قاتناشقىنىم ھازىرقىدەك ئېسىمدە ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئايالىنىمۇ تونۇمايتتىم، ئۇ ئايالنىڭ نامىزىغا تاساددىپىي بىر پۇرسەتتە قاتنىشىپ قالغان ئىدىم. شۇ نامازدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سۆز – چۆچەكلەر تارقىلىپ يۈرەتتى. گەرچە ئۇلار بىلەن ناتونۇش بولساممۇ، بىراق كەھرى پۇراپ قالغان كوچا پاراڭلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى ئانچە – مۇنچە «بىلىپ» قالغان ئىدىم. تېخى بەش – ئالتە ئاي بۇرۇنلا ناھىيە بازىرىغا بارغۇچە ئابدۇشۇكۈر مۇئەللىمنىڭ ماشىنىسىغا چۈشىۋالغان ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن نەچچە ئېغىز پاراڭلىشىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم. ئايالىم ماڭا قارىغاندا ئۇلارنى خېلى ئوبدان بىلەتتى.
ــ توۋا، نەچچە ئاي بۇرۇن كۆرگەن ۋاقتىمدا بىر ئوبدانلا ئىدى، تېخى ماشىنا ھەيدەپ يۈرەتتى.
ــ شۇنى دەيمەن، بۇ يامان كېسەل نېمانداق تېز جاننى ئالىدىغاندۇ، بىر يىل ئىچىدە ئەر – خوتۇن ئىككىسىلا شۇ كېسەلنىڭ كاساپىتىگە كەتتى. شۇنچە چىرايلىق بالىلىرى يېتىم قالدى،ــ ئايالىمنىڭ چىرايى تاتىرىپ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدىكى قورۇقلىرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، تېخىمۇ كۆپىيىپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. قارىماققا شۇ قورۇقلار ئايالىمنىڭ زەڭگەر كۆزلىرىدە ئىسيان كۆتۈرىۋاتقان قايغۇ – ھەسرەتكە دوست تارتىشىپ بېرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئايالىمنىڭ «يامان كېسەل» دەپ ئاتىۋالغىنى ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ئىدى. بۇ خۇددى بىز تۇرپانلىقلار چاياننى «ئېشەك» دەپ ئاتىغاندەك ئۆزىنى قاچۇرۇشتىكى بىر خىل ئىپادىلەش ۋاستىسى ئىدى. بىز چايان مېنى چاقىرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن دەپ چاياننى «ئېشەك» دەپ، بىچارە ئېشەكۋاينىڭ نامى بىلەن ئۇنى ئاتايمىز، ۋەھالەنكى بىزدە چايان چېقىپ باقمىغان ئادەمدىن چېقىپ باققان ئادەم كۆپ. بۇ يامان كېسەلمۇ ئۆزىمىزنى شۇنچە قاچۇرغىنىمىزغا كۆرە كۆز ئالدىمىزدىلا، يېنىمىزدىلا، بىزنى قارىتىپ قويۇپلا جەھەننەمگە يول خېتى تارقىتىۋاتاتتى. توقسۇن ناھىيىمىز گەرچە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ئەڭ كىچىك ناھىيە بولغىنىغا قارىماي، شىنجاڭنىڭ تۆت كوچا ئېغىزى بولغىنىغا يارىشا بۇ يامان كېسەلمۇ خېلى ئوبدانلا «بازار تاپقان» ئىدى. بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئاق تۈتۈن قۇللىرى، شەھۋەت ھايانكەشلىرى مانا مۇشۇ ئاۋات بازارنىڭ داۋراڭچىلىرى ۋە جەھەننەمگە كېسىلىدىغان ئاپتوبۇس بېلىتىنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرى ئىدى. ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ئەر – خوتۇن ئىككىسىنىڭ يامان كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى بەلكىم پىتنە – ئېغۋادۇر. ئۇلارنى ئۆپكە تۇبىركۇليۇز بىلەن ئۆلۈپ كەتتى دېيىشتى. بەلكىم بۇ راستتۇر. ئاللا ئىگەم، قىلغان گۇناھلىرىمىزغا تۆۋە قىلىمىز، بەرگەن جازالىرىڭ، سىناقلىرىڭ ۋە سىياسەتلىرىڭ ئالدىدا ئاجىزدۇرمىز. بەندىلىرىڭگە ياخشى ياشاش يولىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە يەنە ياخشى ئۆلۈم مەنزىللىرىنى كۆرسەتكەيسەن، ئىززەت – ھۆرمىتىمىز بىلەن ياشاشنى، ئىززەت – ھۆرمىتىمىز بىلەن ئۆلۈشنى نىسىپ قىلغايسەن. قۇرۇق – سۆز، قۇرۇق تۆھمەتلەرگە قويمىغايسەن. ھەرقاچان مەرھەمىتىڭگە ئېرىشتۈرۈپ، ھىدايىتىڭگە نائىل قىلغايسەن.
شەبنەم قۇرىغان چاغدا ئۇنىڭ گۈزەللىكى يۈرەككە كۆچىدۇ. شەبنەم قۇرىغان گۈلنىڭ بەرگىگە يەنە شەبنەم چۈشمەيدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟ بۇلبۇل شەبنەم دەپ ئەمەس. گۈل دەپ باغرى قان.
شۇندىن ئېتىبارەن خۇددى ئۆزۈممۇ ئەشۇ يامان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندەك، ئازراقلا بېشىم ئاغرىسا ياكى قىزىسام ئۆزۈمدىن خۇدۈكسىرەپ يۈردۈم. ئادەمنىڭ ئىممۇنىتىت سىستىمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى شۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىكەن. گەرچە بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇش يوللىرىنىڭ بىرەرىمۇ مەندە بولمىغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا قانداقتۇر بىرەر كېلىشمەسلىكلەر ئارقىلىق ماڭا يۇقۇپ قالغاندەك ھىس قىلاتتىم. يېقىندىن بېرى زۇكام بولۇشۇممۇ كۆپىيىپ قالدى. ئايالىممۇ پات – پات بۇ كېسەلنىڭ گېپىنى قىلىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن گەپنىڭ ئاخىرىنى چاخچاققا ئايلاندۇرىۋېتەتتى. قېرىشقاندەك يەنە زۇكام بولۇپ قالدىم. نەچچە كۈن ئوسما يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچىپمۇ ئوڭشىلالمىدىم. كىچىك تىلىم ساڭگىلاپ چۈشۈپ ئاڭگىنايىم ئېغىرلاشقىلى تۇردى. ئىدارىگىمۇ بارمىدىم. چۈشتە ئايالىم كېلىپلا چىشىمغا تەگكىلى تۇردى:
ــ ئەيدىز قارى، ھالىڭىز خارابقۇ؟
ئايالىم بىلەن زاكۇنلاشقىلى رىغبىتىم يوق يوتقانغا پۈركۈنۈپ ياتتىم.
ــ ئوسما يىلتىزى نېمىگە ئەسقاتاتتى؟ ئاسما ئاسمىغۇچە ساقايمايسىز، ماۋۇ قايناقسۇنى ئىچىپ يېتىپ تۇرۇڭ، مەن دورىخانىغا كىرىپ ئوكۇل ئېلىپ چىقاي،ــ ئايالىم قوشۇمچە مەكتەپنىڭ سەھىيە خادىمى ئىدى. ئادەتتە ئۇ ماڭا ئوكۇلنى ئۆيدە ئۆزى ئۇرۇپ قوياتتى. شۇنداق قىلمايمۇ بولمايدىغان يېرىگە يەتكەن ئىدى.
ئايالىمنىڭ ئۈچ كۈن ئۇدا ئوكۇل ئۇرۇشى بىلەن سەللىمازا ساقىيىپ كەتتىم. ساقىيىۋېلىپلا مەنچە ئادەم يوق ئىدى. يالغاندىن ساقايمىغان بولىۋېلىپ يېتىۋېلىپ ئايالىمنى جىلى قىلاتتىم. ئايالىم تېرىكىپ سۈپۈرگىنى ئېلىپ كېلىپ يېنىمدا دېۋەيلەپ تۇرىۋالاتتى:
ــ ھە دېسە ئەيدىز بولۇپ قالدىم دەپ ئادەمنى قورقىتىسىز، قوپۇڭ، ئۆينى سۈپىرىمەن، سىرتقا چىقىپ ئۆزىڭىزنى شامالغا سالغاچ فاڭيىزەنگە بېرىپ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرتۈپ كېلىڭ، مۇسبەت بولۇپ قالسىڭىزمۇ قورقماڭ، مەندەك خوتۇن سىزنى بېقىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ، ئارقىڭىزدىن مەنمۇ بېرىپ تەكشۈرتىمەن، ئەگەر مەن شۇنداق بولۇپ قالسام ئالدى – كەينىڭىزگە قارىماي قاچارسىز؟
ئايالىم گەرچە چاخچاق تەرىقىسىدە گەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق نەشتەردەك ۋەزنى بار بۇ گەپلەردىن سەل چۆچۈپ قالدىم. راست ئەمەسمۇ؟ مەندە بار – يوق دەپ تۇرغاندىن شۇ يەرگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ كەلسەملا بولمىدىمۇ؟ ئايالىمنىڭ دېيىشىچە ئۇلار ھەقسىز تەكشۈرەيدىكەن. ئۇ يەرگە بېرىشتىكى يەنە بىر تولىمۇ زۆرۆر مەقسىتىم بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ يېقىندا يازماقچى بولغان پوۋىستىمدا بىر ئەيدىز بىمارى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى توغرا تەسۋىرلەش ۋە خاراكتىرىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ باشتىن كەچۈرگەن بەزى كەچمىشلىرىنى مەنمۇ باشتىن كەچۈرۈشۈم ۋە ئۇ ياشىغان شۇ مۇھىتنى چۈشىنىشىم كېرەك ئىدى.
ئەتىسىلا ناھىيىلىك يۇقۇم كونترول مەركىزىگە باردىم. بۇ يەرگە بىر قانچە قېتىم بالامغا ۋاكسىنا ئەملەتكىلى كەلگەن ئىدىم. ھودۇقماي، تەمتىرىمەي چوڭ ئىشىكتىن بىناغا كىردىم. بىراق يەر ئاستى تەرەپكە قارىتىپ يېزىلغان «ئەيدىزدىن مەسلىھەت بېرىش ئىشخانىسى» دېگەن خەتنى كۆرۈپلا پۇت – قوللىرىم بوشىشىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى زورىغا كونترول قىلىپ يەر ئاستىغا چۈشتۈم. ئىشخانىغا كىرىپ دوختۇر ئايالغا مەقسىتىمنى ئېيتتىم. دوختۇر ئايال ئاۋۋال خۇددى نوپوس ساقچىسىدەك ھەممە نېمەمنى سۈرۈشتۈرۈپ چىقتى ۋە بىر جەدۋەلگە ھەممىنى يېزىۋالدى. شۇندىلا بۇ يەرگە كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلىپ قالدىم. گويا ئۇلار قانداقتۇر جەمئىيەتتىكى داشقاللارنىڭ قارا تىزىملىكىنى تۇرغۇزىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. توۋا دەيمەن، «ئەيدىزدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى» مانا مۇشۇنداق سۈرلۈك بولامدىغاندۇ؟ مەن «مەسلىھەت بەرگۈچى» ئايالغا ئۆزۈمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچۈمنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، يىلدا ئۈچ قېتىم زۇكام بولىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بەردىم. گەپ ئارىلىقىدا:
ــ مەندە باردەكمۇ؟ــ دەپ سوراپ ساپتىمەن. ئۈستەلنىڭ نېرىقى چېتىدىكى كۆزەينەك تاقىۋالغان سېمىزرەك ئايال خۇددى غەلىتە مەخلۇققا قارىغاندەك قاراپ شۇنداق دېدى:
ــ چىرايىڭىز بەك تاتىرىپ، قارىداپ كېتىپتۇ، مېنىڭچە باردەكلا.
بۇ گەپتىن مەندىنمۇ ئۆتە جېنى چىقىپ كېتەي دەپ قالغان «مەسلىھەت بەرگۈچى» ئايال ئۇ ئايالغا قاراپ شۇنداق دەھشەت ئالايدىكى، بىكار ئېغىز خوتۇندىن كۆرە مەن چۆچۈپ كەتتىم. توۋا، ئاياللارمۇ شۇنداق سەت ئالىيالايدىكەن. ئاياللارنىڭ كۆزى سېنى ھەر نېمە قىلىۋېتىشكە قادىر ئىكەن. سېمىز خوتۇن بۇ كۆزلەردىن ئەندىكىپ قىزارغىنىچە يۈزلىرى ئۆپكىدەك ئېسىلىپ ساڭگىلاپ كەتتى.
ــ ئالدىرىماڭ ئۇكام،ــ «مەسلىھەت بەرگۈچى» ئايال ئەمدى تولىمۇ مۇلايىملىق بىلەن سوراشقا باشلىدى،ــ قان تەكشۈرمىگىچە بىلگىلى بولمايدۇ، مېنىڭچە سىز زەھەردىن يىراق، ئۇنداقتا قالايماقان ئاياللار بىلەن ئارىلىشامسىز؟
ــ ئايلا، خۇدا ساقلىسۇن.
ــ قان سالدۇرۇپ باققانمۇ؟
ــ سالدۇرۇپ باققان.
ــ مۇنداق قىلايلى، سىز قان تەكشۈرتۈپ بولۇپ قايتىپ تۇرۇڭ، نەتىجىسى چىققاندا سىزگە خەۋەر قىلىمىز.
مەن قايتتىم. كۈندە خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىق ھۆكۈمنامىسىنى كۈتىۋاتقان جىنايەتچىدەك دېلىغوللۇق ئىچىدە يۈرىمەن. گەرچە مەندە يوقلىقىغا ئىشەنچىم بولسىمۇ، بىراق نېمىشقىدۇر جىددىيلىشىمەن، نېمىگىدۇر دېلىغۇل بولىمەن. چۈنكى بۇ يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەيدىغان ھۆكۈم ئىدى. ئالتە ياشقا كىرگەن بالاممۇ بىلىدىغان «قوشۇش بەلگىسى» بىلەن «ئېلىش بەلگىسى» بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى مانا مۇشۇنداق چاغدا بەلگىلەشكە قادىر ئىدى. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ يۇقۇم كونترول مەركىزىگە يەنە باردىم. ئەسلىدە بارمىساممۇ بولاتتى، ئۇلار خەۋەر قىلاتتى. بىراق مېنىڭ ئۇ يەردىن يىغقان ماتېرىيالىم بەكلا ئاز بولۇپ قالدى. مەن ئەڭ ياخشىسى بىرەر بىمار بىلەن ئۇچرىشىشىم ياكى بىمارنىڭ كېسەللىك ماتېرىيالىنى كۆرۈشۈم كېرەكتى. ھېچ بولمىغاندا ئىشخانىدا ھېلىقى «مەسلىھەت بەرگۈچى» ئايالنىڭ بىرەر بىمارغا مەسلىھەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم بولاتتى. بارسام دېگەندىكىدەك بىر ئادەمگە مەسلىھەت بېرىۋېتىپتۇ. ئەمدىلا ئۇ كىشىنىڭ ھەسرەتلىك بايانلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇشۇمغا ماڭا ئۆزرە ئېيتىپ چىقىپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى. مەنمۇ توغرا چۈشىنىپ چىقىپ كەتتىم. ئالاھەزەل بىرەر سائەتتىن كېيىن ماڭا كىرىشكە پۇرسەت بولدى. كىرىشىمگە «مەسلىھەت بەرگۈچى» ئايال ماڭا «مەنپىي ئىكەنسىز، ئۈستىگە چىقىپ تەكشۈرۈش قەغىزىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ» دېدى. بۇ «ئەمدى سىزنىڭ بۇ يەردە ئىشىڭىز قالمىدى، يوقۇلۇڭ» دېگىنى ئىدى. بۇ گەرچە خۇش بولغۇدەك ئىش بولسىمۇ، بىراق يەنىلا خۇش بولالمىدىم. چۈنكى نەتىجىنىڭ «مەنپىي» چىقىشى ئېنىقلا ئىش ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ماڭا لازىملىق نەرسىگە بۇ يەردىن ئېرىشەلمىدىم. قىيمىغان ھالدا بۇ يەردىن خوشلاشتىم.
ــ ئۇكا، مەنپىي ياشايمىزغۇ بىز؟ قانداق؟ گەپ بارما؟ــ ئايالىمغا غالىبلارچە ھىجىيىپ قارىغىنىمچە تەكشۈرۈش قەغىزىنى سۇندۇم،ــ ماڭا تولا سۈركەلمەڭ ھە، ھېلى بىكار يۇقتۇرۇپ قويىسىز.
ــ تازا يۇقتۇرىمەنغۇ ھە، ئۆلسەك تەڭ ئۆلىمىز،ـ ئايالىم تەكشۈرۈش قەغىزىگە قاراپمۇ قويماي مېنى قوغلاپ قىچىقلاشقا باشلىدى،ــ ھۆكۈمەت قىزىل قەغەزنى ئىككىمىزگە تەڭ بەرگەن، قېنى قانداق يۇقتۇرىمەنكىن.
ئايالىمنىڭ ھەييارلىقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۇنى كۆتۈرگەن پېتىم ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتىم.
ــ مۇنداق قىلايلى،ــ كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئايالىم مېنىڭ باش قېتىنچىلىقىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا يول كۆرسەتكىلى تۇردى،ــ ئەمىسە ئىككىمىز يەنە بارايلى، مېنى تەكشۈرەتكىلى ئاپارغان بولۇڭ، ئاندىن يەنە ئەپلەشمىسە بالىمىزنى ئاپىرايلى. شۇنداق قىلساق بولار؟
ــ مېنى ئۇلار بىلەن سودىلاش دېمەيدىغانسىز؟ ھېكايە يازىمەن دەپ خوتۇن – بالىلىرىمنى ئەمدى ئۇ يەردە بازارغا سالىمەنمۇ؟
ــ ئىدىيىڭىز ئەمدى ئازاد بولغاندا نېمە دەپ يۈرىسىز؟ بۇ قانداق بازارغا سېلىش بولىدۇ؟ بىز تەكشۈرەتسەك نېمە بوپتۇ؟ــ شۇنداق دېدى ئايالىم راستىنلا شۇنداق قىلىدىغان ئەلپازدا.
ــ بولمايدۇ، قەتئىي بولمايدۇ. باشقا ئامال تېپىڭە، ھىيلىڭىز كۆپقۇ سىزنىڭ.
ــ نەسىرۇللا بەي،ــ ئايالىم بوينۇمنى سىقىپ تۇرۇپ ماڭا گۆلەيدى،ــ مەن ھىيلىگەرما؟ مېنى تۈلكەجىن دېمەكچىمۇ؟ ئۇنداق ھىيلە – مىكىرلەر سىزدىن ئايلانسۇن. چ چ رىڭىزدىكى تۈلكە جىنلاردىن ئاشمايسىزغۇ سىز ماڭا مۇشۇ كۈنلەردە.
غىجىقىم ئەزەلدىن يامان ئىدى. بىقىنىمغا بىرسىنىڭ قولى تەگدىمۇ بولدى، تىپچەكلەپ كېتەتتىم. ئايالىم بۇ ئاجىزلىقىمنى تۇتىۋېلىپ ھە دېگەندە مېنى غىجىقداپ بوزەك قىلغىنى قىلغان ئىدى.
ــ سادىغاڭ كېتەي، بولدى غىجىقدىماڭ، سىزنى تۈلكە جىنغا ئوخشىتىپ بېشىم ئون ئەمەس. ئەسلى سىزنى ئەقىللىق، تەدبىركار دېمەكچى ئىدىم،ــ ئايالىمنىڭ غىجىقداشلىرىغا چىدىيالماي ئورنۇمدا ئولتۇرالماي تىپىرلاپ كەتتىم.
ــ نېمە؟ ئەمدى تەدبىركار جى شياۋلەنگە ئوخشاتتىڭىزما؟ سىزچۇ؟ خې شېنما؟ ليۇ دۈمچەكمۇ يا؟ تېز تۆۋە قىلىڭ، بولمىسا بىقىنىڭىزنى نوقۇپ تېشىۋېتىمەن،ــ ئايالىم تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بىقىنىمغا ئېسىلغىلى تۇردى.
ــ ۋاي، مەن تەسلىم بولدۇم، سىز مېنىڭ ئەقىللىق خوتۇنۇم، ئۆمۈرلۈكۈم،ــ شۇنداق دەپلا ئىككى قولۇمنى كۆتۈردۈم. ئايالىم شۇندىلا بولدى قىلدى.
ــ ماۋۇ گېپىڭىز چەك باسىدۇ، خوتۇنىڭىز ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا بولىدۇ.
ــ ئەمدى ئامال تېپىڭە، قىلغۇلۇقنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولدىڭىز.
ــ بولىدۇ پاشايىم، بىر مىنۇت تەخىر قىلىڭ ھە، بىردەم ئارام ئالايلى،ــ ئايالىم يىشيۇنى دوراپ قولىنى تىلىغا تەگكۈزۈپ بېشىغا چەمبەر سىزدى ۋە كۆزىنى يۇمۇپ بىردەم ئولتۇردى، ئاندىن ۋارقىراپ كەتتى،ــ تاپتىم، تاپتىم، مۇنداق قىلايلى، سىز ئۇ ئىشخانىغا «مەن ئەيدىز پىدائىيسى بولماقچى ئىدىم» دەپ بېرىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۇلار خۇشاللىق بىلەن سىزنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز خالىغان ۋاقتتا ئۇ يەرگە بارالايسىز، ئەگەر تەلىيىڭىز كېلىپ قالسا ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
ــ ۋاھ، خوتۇن ياشىسۇن!ـ خۇشاللىقتىن توۋلىۋەتتىم. بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئامال ئىدى.
ــ قانداق؟ خان ئايلىڭىز يامانمېكەن، بۇندىن كېيىن ئازراق شىلتىڭ ئاتارسىز ھە،ــ ئايالىم غادايغان ھالدا كۆرەڭلىك بىلەن ماڭا تىكىلدى.
ــ ئۇكا، خوتۇنىنى ئايلا دەيدىغان يۇمشاقباش كۆرىۋالدىڭىزما مېنى، كىمۇ بىز؟ ئاللا پارتىيىسىنىڭ شۇجىسى نەسىرۇللا دەپ ئاڭلىغانما؟ قولۇمدا بىر پەي ئەسكەر بار جۇمۇ مېنىڭ،ــ مەنمۇ بوش كەلمىدىم.
ــ ۋاي قوۋۇرغام، مۇشەررەپ دەپ بىرلا ئەسكىرىڭىز بارغۇ سىزنىڭ، خەپ، سىزدەك سولتەك شۇجىنى قانداق قىلىمەنكىن ھە،ــ ئايالىم يەنە مېنى قىچىقداش ئۈچۈن قوغلاشقا باشلىدى. بىز تۈڭگۈر – تاراق قىلىپ ئۇ ياتاقتىن بۇ ياتاققا، مېھمانخانىدىن ئاشخانىغا دېگەندەك قوغلاشماق ئويناپ كەتتۇق. بىر چاغدا پولنىڭ تىگىدىن چىققان «تاق - تاق» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ جىمىپ قالدۇق. تىگىمىزدىكى قوشنىمىز بىزنىڭ غەلۋىمىزدىن بىزار بولۇپ، توقماق بىلەن تورۇسقا ئۇرۇپ بىزنى ئاگاھلاندۇرىۋاتاتتى.
شۇنداق قىلىپ مەن راستىنلا ئەيدىز پىدائىيسى بولۇپ قالدىم. گەرچە رەسمىي ھالدا كېنىشكىلىك، ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان پىدائىي بولالمىغان بولساممۇ، ئەمما ماڭا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ئىدى. يەنە كېلىپ مەن توقسۇندىكى بىردىنبىر مۇشۇنداق پىدائىي ئىكەنمەن. بۇمۇ ساۋابلىق ياخشى ئىش ئىكەن. شۇندىن ئېتىبارەن ئەيدىزگە بولغان بىلىمىممۇ چوڭقۇرلاشتى. گەرچە ئەيدىز بىمارى بىلەن كۆرۈشەلمىگەن بولساممۇ، بىراق ماتېرىياللاردىن ئۇلارنى ئازراق چۈشەنگەندەك بولدۇم. بۇمۇ ھاياتىمدىكى بىر نەمۇنىلىك بەت بولۇپ يېزىلدى. مەن تارقاتقان مىڭىغان تەشۋىقات ۋارىقى بىرەر ئازغۇننى شۇ قارا يولدىن قايتۇرۇپ كېلەلىسە، مەن تارقاتقان تەشۋىقات كالىندارى ئۆي – ئۆيلەرگە چاپلىنىپ، شۇ ئۆيلەردىكى كىشىلەرنى ھەرقاچان ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسا، ئاتا – ئانىلار بالىلارغا بۇ يولنىڭ بارسا كەلمەس يول ئىكەنلىكى ھەرقاچان بىلدۈرۈپ تۇرسا، مېنىڭدەك بىر پىدائىينىڭ ھاردۇقى چىقاتتى. مانا بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى بىر يارقىن كارتىنا.
ھاياتلىق ياراتقۇچىنىڭ بەندىسىگە قىلغان ئەڭ ئالىي سوۋغىسى، ھاياتلىقنى قەدىرلىمەسلىك جىنايەتتۇر. خاتالىقتىن خالىي بولالماسلىق ئىنساننىڭ تەبىئىيتى، بىراق جىنايەت ئىنسان تەبىئيىتى ئەمەس. ئۇ ئىنسان تەبىئىيتىنىڭ ياۋايىلىشىدۇر، ئەشەددىيلىشىدۇر.
داۋامى بار...
|
|