- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 715
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- UID
- 16846
- يازما
- 715
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 772 سائەت
|
داۋامى
ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە شېرىن خىياللارغا ئەسىر بولۇپ، ئۆز- ئۆزى بىلەن ئۈنسىز پىچىرلىشىشى ئېھتىمال ئەرلەرنىڭ تەسەۋۋۇر ئېكىنزارلىقىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك. بەلكىم ئەرلەر ئاياللار بىلەن تولۇپ تۇرغان مەۋجۇت رېئاللىقىدا ئۆزىنىڭ تەنھالىقىنى ھېس قىلغاندا مۇشۇنداق ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى نامايان قىلىدىغاندۇ.
ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرەنىڭ «-536بېكەتتىكى قار ناخشىسى» ناملىق ھېكايىسىدىن ئۈزۈندە
ئوغلۇمنى بىر ئاخشام قېشىمدا قوندۇرۇشقىمۇ مۇۋەپپەق بولالماي سانجىغا قايتىپ كەلدىم. كېلىشىمگىلا پەرىدىن بۈگۈن تاپشۇرۇق بەرگەنلىكىنى، ھازىر ئىشلىسەممۇ ئۈلگۈرىدىغانلىقىمنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مېھمانخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى تورخانىغا كىردىم. بىزگە تاپشۇرۇق سىسكو شىركىتىنىڭ تور بېكىتىدىكى ھەر بىرىمىزنىڭ ئەزالىق خاسلىقىمىزغا ۋاقت بەلگىلەپ بېرىلەتتى. ۋاقت ئۆتۈپ كەتسە، ئاپتوماتىك ھالدا ئىشلىمىگەن بولۇپ «نۆل» دەپ خاتىرىلىنەتتى. بۇ بىۋاستە ھالدا مەۋسۈملۈك نەتىجىمىزگە تەسىر يەتكۈزەتتى. شۇڭا دەرس ۋاقتىدا ئويناپ ئولتۇرغىنىمىز بىلەن تاپشۇرۇققا چاخچاق قىلىشقا پېتىنالمايتتۇق.
تورخانىدىكى كومپيۇتېرنى ئىككى سائەتلىك ئاچقۇزۇپ، چ چ نى ئاچتىم. تاپشۇرۇققا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەزمۇنلار چ چ دىكى ئېلخەت ساندۇقىمىزغا يوللىناتتى. تاپشۇرۇقنى بىر سائەتكە يېقىن ۋاقت ئىچىدە ئىشلەپ بولدۇم. ئاخىرى تاپشۇرۇقتا 93 نومۇر ئاپتىمەن. تاپشۇرۇقنى يوللاپ بولۇپ، چ چ رىمدىكى يېرىم سائەتتىن بېرى لىپىلداپ تۇرغان دوست قوشۇش ئىلتىماس بەلگىسىنى چېكىپ ئاچتىم. ئىلتىماس قىلغۇچى خەنزۇچە «قارا ئەتىرگۈل» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان بىر ئايال ئىكەن. «ئەتىرگۈلنىڭمۇ قارا رەڭلىكى بولامدۇ؟ قارىغاندا بۇ بىر بىكارچى ئايال ئوخشايدۇ» دەپ رەت قىلىۋەتتىم. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئايال يەنە ئىلتىماس قىلدى، يەنە رەت قىلىۋەتتىم. ئۈچىنچى قېتىم ئىلتىماس قىلغاندا، ئۇنىڭ ئارخىپىنى كۆرۈپ باقتىم. ھەقىقىي ئىسمى دېگەن يەرگە ئۇيغۇرچە «ئەتىرىيە» دەپ، يېشىغا 30 دەپ، ئادرىسىغا «ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونى» دەپ يېزىلغان ئىدى. شەخسىي ئىمزاسىغا لاتىن يېزىقىدا ئۇيغۇرچە: «تاغاق چىلاندىكى يەتتە پەرىزات، مېنى كۈتۈڭلار!» دەپ يېزىلغان ئىدى. «ئەتىرىيە» دېگەن ئىسىمنى باشقا يەرلەرگە قارىغاندا توقسۇندا بەك كۆپ قوياتتى. گەرچە چ چ ئارخىپىغا بەك ئىشىنىپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىمزاسىدا قەيت قىلىنغان «تاغاق چىلان» دېگەن يەر دەل توقسۇن ناھىيىسىنىڭ غولبويى يېزىسىدا ئىدى.
«تاغاق چىلاندىكى يەتتە پەرىزات، مېنى كۈتۈڭلار!» ــــ بۇ بىر جۈملە سۆز كىشىگە شۇنداق يېقىملىق، گۈزەل تەسىر بېرىدىغان سۆزدەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ گەپ ياخشىلىقتىن كۆرە، شۇملۇقتىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. چۈنكى «تاغاق چىلان» بىر مازارلىق ئىدى. رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، قەدىمنىڭ قەدىمىدە ھۆسنى جامالى قۇياشنىمۇ خىجىل قىلىدىغان يەتتە پەرىزات زېمىنغا قەدەم يەتكۈزۈپ، «تاغاق چىلان»نىڭ ھازىرقى ئورنىدىكى دەريا بويىغا كېلىپ سۇ چېچىشىپ ئويناپتۇ ۋە شۇ سۇدا چاچلىرىنى تاراپتۇ. ئەمما پەرىزاتلار كېتىشتىن بۇرۇن چېچىنى تارىغان چىلان دەرىخىنىڭ ياغىچىدىن ياسالغان تاغىقىنى شۇ يەردە ئۇنتۇپ قاپتۇ. كېيىن دەريا بويىدا ئۇنتۇلۇپ قالغان شۇ تاغاق كۆكلەپ چىقىپ چىلان دەرىخىگە ئايلىنىپتۇ ۋە بارا – بارا كۆپىيىپ، شۇ زېمىندا ئولتۇراقلاشقان ئەمگەكچان توقسۇن خەلقىنى ئۆزىنىڭ قىپقىزىل قان رەڭگىنى ئالغان مېۋىسى بىلەن بېقىپ كەپتۇ. چىلاننىڭ قۇرۇتۇپ قىشنىڭ كۈنىمۇ يېگىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، كىشىلەر چىلاننى ئۇلۇغلاپ، پەرىزاتلارنىڭ قەدىمى يەتكەن ۋە چىلان دەرىخىنىڭ ياغىچىدىن ياسالغان تاغىقىنى ئۇنتۇپ قالغان شۇ يەرگە «تاغاق چىلان» دەپ نام بېرىپتۇ. كېيىن كىشىلەر شۇ پەرىزاتلار زېمىنىدا مەڭگۈلۈك يېتىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئۇ يەر تەدرىجىي ھالدا مازارلىققا ئايلىنىپتۇ. ھازىرمۇ بالىلىق بولالمايۋاتقان كىشىلەر «تاغاق چىلان»غا بېرىپ تىلەك تىلەپ كېلەتتى.
مەن بەلكىم ئۇ ئايال مېنى تونۇيدىغاندۇ ياكى مەنمۇ تونۇيدىغان بىرىدۇ دەپ قاراپ ئۇنى قوشۇۋالدىم. سەلدىن كېيىن ئۇنىڭ باش سۈرىتى لىپىلداشقا باشلىدى. ئۇ خەتنى خەنزۇچە يازغان ئىدى:
ــ كەچۈرۈڭ، قايتا – قايتا قوشۇۋېلىشقا ئۈندەپ سىزنى بىزار قىلىپ قويمىغاندىمەن؟
مەن ئادەتتە چ چ دا پاراڭلاشقاندا لاتىن يېزىقىدا ئۇيغۇرچە يازاتتىم.
ــ ياقەي، مەن ناتونۇش كىشى بولسا، ئاۋارە بولۇشمايلى دەپتىمەن. قارىغاندا بىز يۇرتداشتەك قىلىمىز.
ــ بىز راستىنلا ناتونۇش، بىز تونۇشمايمىز. سىز توقسۇنلۇق ئىكەنسىز، مەن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، بىراق ئاتا – ئانام توقسۇندىن. راست گېپىمنى قىلسام توقسۇنلۇق بىر دوستۇمنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. بايا چ چ دا توقسۇنلۇقلارنى ئىزدەتسەم سىز توردا بار ئىكەنسىز. شۇڭا سىزگە ئىلتىماس قىلغان ئىدىم. نېمىشقىدۇر بىلمەيمەن، ئىسمىڭىزغا قاراپ، سىزنىڭ رەت قىلغىنىڭىزغا قارىماي قايتا – قايتا ئىلتىماس قىلىۋېرىپتىمەن. ئەگەر ئاۋارە قىلغان بولسام كەچۈرۈم سورايمەن.
«قارا ئەتىرگۈل»نىڭ سەمىمىيلىك بىلەن قىلغان بۇ سۆزلىرىدىن بېشىدا قىلغان سۆزلىرىمگە پۇشايمان قىلىپ قالدىم.
ــ ياق، سىڭلىم، ئۇنداق دېمەڭ، دوستلۇق قولىڭىزنى سۇنغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. ئاۋارە بولغۇدەك ئىش يوق.
«قارا ئەتىرگۈل» مەندىن ئۈچ ياش كىچىك بولغاچقا سىڭلىم دەپلا ئاتىدىم. ئۇنى شۇنداق ئاتاش مېنىڭچە ئەڭ توغرا ئاتاش ئىدى. مەن چ چ دا باشقىلاردەك چوڭ – كىچىك، ئەر – ئايال دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي «جانىم، قوزام، ساقام» دەپ ئاتاشنى ياقتۇرمايتتىم.
ــ رەھمەت ئۇيغۇران ئاكا، نادان سىڭلىڭىزغا كۆپرەك تەلىم بەرسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.
ــ باشقىلارغا تەلىم بەرگۈدەك ھالدا ئەمەسمەن، ھەر ھالدا بىلىدىغانلىرىمنى دوستلىرىمدىن ئايىمايمەن. ھە راست، مېنىڭ ئىسمىم نەسىرۇللا،ــ مەن يالغانچىلىقنى قاملاشتۇرالمايتتىم، شۇڭا توردىمۇ ئالدىراپلا ئۆزۈمنى ئاشكارىلاپ تاشلايتتىم. قىزنىڭ مېنىڭ توردىكى ئىسمىمنى ئاتىغانلىقىدىن خىجىل بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ئىسمىمنى ئېيتىپ بەردىم.
ــ مېنىڭ ئىسمىم ئەتىرىيە، كەچۈرسىز نەسىرۇللا ئاكا، سىز ھازىر توقسۇندا ئەمەس ئوخشىمامسىز؟
توۋا، ماۋۇ قىز مېنىڭ سانجىدا ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلىۋالغاندۇ؟ بۇ چ چ نىڭ شۇنداق ئىقتىدارى بارمىدۇ يا، ھەيران بولۇپ «قارا ئەتىرگۈل»دىن ياندۇرلاپ سورىدىم:
ــ بۇنى قانداق بىلىۋالدىڭىز؟ راست، مەن توقسۇندا ئەمەس، سانجىدا ئوقۇۋاتىمەن.
ــ مېنىڭ چ چ رىمغا سىزنى «دائىملىق رايوندا تورغا چىقمىدى، ئىھتىيات قىلىڭ» دەپ ئەسكەرتىش چىقىۋالدى.
ــ ھە، مۇنداق دەڭ، ئەتىرىيەقىز، ئۇنداقتا مەندىن كۆپرەك ئېھتىيات قىلارسىز.
ــ ئېھتىيات قىلىدىغان ئادەم سىزنى مەجبۇرىي قوشۇۋالمايتتىم. سىز مەندىن ئىھتىيات قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ.
ــ مېنىڭكىدە سىزدىن ئېھتىيات قىلىدىغان ئەسكەرتىش چىقمىدى.
ــ ئەسكەرتىلمىگەن يەر ئەڭ خەتەرلىك بولىدۇ.
توۋا، ماۋۇ قىزنى، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئايال زاتى ماڭا ئۆزىدىن ئېھتىيات قىلىش توغرۇلۇق سۆزلەپ باقمىغان ئىدى.
ــ ئۆزىنىڭ ئەسكەرتكىنىدىنمۇ ئارتۇق ئەسكەرتىش بولامدۇ؟ قېنى ئېيتىڭچۇ سىڭلىم، سىزدىن نېمە ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىمەن؟ قايسى جەھەتلەردىن ئېھتىيات قىلىمەن؟
قىز سەل تۇرىۋېلىپ جاۋاب بەردى:
ــ ئىشقىلىپ مەن ئېھتىيات چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئادەممەن، ھەممە جەھەتتىن ئېھتىيات قىلىسىز.
«قارا ئەتىرگۈل»نىڭ سۆزلىرى تولىمۇ سىرلىق ۋە ئۆزگىچە ئىدى. «مەن ئېھتىيات چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئادەممەن» دېگىنى، يەنە مېنى ھەممە جەھەتتىن ئۆزىدىن ئېھتىيات قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى زادى نېمە دېگىنىدۇ؟ مېنى ئۆزىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمنى، تاپتىن چىقىپ كەتمەسلىكىمنى تەلەپ قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ شۇنداقمۇ يا دېسەم، ئۇنداق دەيدىغان ئادەم مېنىڭ ئەركەكلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا قايتا – قايتا ئىلتىماس قىلىپ قوشۇۋالىدۇ؟ يەنە كېلىپ ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشا – پاراڭلاشمايلا بۇنداق تەلەپنى قويۇشى سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن چەكتىن ئاشقۇدەك ھېچقانداق گەپ قىلمىغان ئىدىم.
مەن ئەمدى سۇئال سوراي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭ سۇئالى ئۇچۇپ كەلدى:
ــ سىز سانجىدا قاچانغىچە ئوقۇيسىز؟
ــ 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە.
ــ سىز ئوقۇتقۇچىمۇ؟
ــ شۇنداق. ئۆزىڭىزچۇ؟ نېمە خىزمەت قىلىسىز؟
ــ مەن دوختۇر.
ــ قايسى دوختۇرخانىدا ئىشلەيسىز؟
نەچچە مىنۇتلۇق سۈكۈتتىن كېيىن قىز جاۋاب قايتۇردى:
ــ ھازىر ئۆيدە.
قىزنىڭ جاۋابى بىلەن تەڭ «ۋاقت توشتى، ئۇزارتامسىز؟» دېگەن كۆزنەك چىقىۋالدى. ۋاقتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. شۇڭا گەرچە ئەدەبسىزلىك بولسىمۇ قىزغا خوشمۇ دېيەلمەي تورخانىدىن چىقىپ كەتتىم.
ئەتىسى يەنە دەرسنى باشلاپ كەتتۇق. ئۆتۈلىۋاتقان دەرس بىزنىڭ بىلىم دائىرىمىزدىن بەكلا ئېشىپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە نورمال رېتىم بويىچە ئىككى يىلدا ئۆتۈلۈپ بولىدىغان دەرسلەر خۇددى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەشتەك ئىككى ئايغا يىغىنچاقلانغان بولغاچقا، گويا كومپيۇتېرىمىزدىكى رار ھۆججىتىدەك پىرىسلانغان بۇ بىلىملەرنى سىرتىغا قاراپ بېقىپ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى چ چ دا پاراڭلىشىپ ئولتۇرىشىدۇ، بەزىلىرى توردىن ئۇنى – بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ، يېنىمدىكى ئىككى خەنزۇ ساۋاقدىشىمىز تېخى ئويۇننى ئېچىۋېلىپ دۈشمەن ئۆلتۈرۈپ، ئالۋاستى قوغلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى. پارتىدىشىم پەرىدىنمۇ شاھماتنى ئېچىۋالغان ئىدى. مەنمۇ ئوخشاشلا مۇنبەر ئارىلاپ ئولتۇردۇم. ئوقۇتقۇچىمىز گەرچە بىزنىڭ دەرسكە قۇلاق سالماستىن، مۇشۇ ئىشلار بىلەن مەشغۇل ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرسىمۇ گەپ قىلمايتتى. ئوقۇتقۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ بىز تەرەپكە كەلگەندىلا ئاندىن بىزمۇ خۇددى پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن دەرس ئاڭلاۋاتقاندەك ئۇنىڭ چىرايىغا ھاڭۋاققانچە قاراپ تۇراتتۇق. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمى خەنزۇچە ئۆتۈلىۋاتقان بۇ دەرسنى چۈشىنىپ ھەزىم قىلغۇدەك ھالدا ئەمەس ئىدى.
بىر چاغدا «قارا ئەتىرگۈل»نىڭ باش سۈرىتى لىپىلداپ كەتتى. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. خۇددى بىرىنىڭ پاراڭنى باشلاپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئارقىدىنلا «تىكەن قۇش»، ئاندىن ژۇرنال تەھرىراتىدىكى مۇھەررىر قاتارلىق بىر نەچچەيلەن تەڭلا خەت يازدى. مۇھەررىر مېنىڭ ھېلىقى ئەيدىز بىمارىغا مۇناسىۋەتلىك پوۋىسىتىمنى سۈرۈشتۈرۈپ خەت يازغان ئىدى. مەن خېلى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ، بىراق ئىشەنچلىك ماتېرىيال تاپالمىغاچقا تېخى يېزىپ بولالمىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ مېنىڭ تېزراق يېزىپ بولۇشۇمنى تاپىلىدى. تىكەن قۇش بولسا ئىككىمىز توغرۇلۇق بەزى ئۆسەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا تەسىر كۆرسىتىپ قالغان بولسا، ئۆزرە سورايدىغانلىقىنى، ھازىر ئۆزىنىڭ بەكلا ئالدىراش بولۇپ تورغىمۇ چىقالمايۋاتقانلىقىنى، سەغىرانىڭ خۇنەنگە كەتكەنلىكى دېگەندەك بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى. كۆپىنچە ھاللاردا چۆچەك قىلىنغۇچى شۇ چۆچەكتىن ھەممىدىن كېيىن خەۋەر تاپىدىكەن. زۇھالىيە بۇ ئىشلارنى ئەمدى ئاڭلىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭدا نېمە گۇناھ؟ ئۇ ئىنتايىن تېنچ، خاتىرجەم ھالدا ھۆكۈمەت خىزمىتىنى بەجانىدىل ئىشلەۋاتقان، خۇددى ئايالىمغا ئوخشاش خىزمەت مەستانىسى خالاس. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا تۇيۇپ – تۇيمايلا باشقىلارنىڭ غەيۋەت ئىشتىھاسىغا بىر ۋاقلىق غىزا بولدى. مەن بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە ئېلىپ كەتمەسلىكىنى، ئۆزۈمنىڭ ھازىر سانجىدا ئوقۇۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم. ئاخىرىدا ئايالىمنىڭمۇ خۇنەنگە كەتكەنلىكىنى ئېيتتىم. بىراق ئاخىرقى سۆزۈمنى يوللاپ بولسام، زۇھالىيەنىڭ يەنە ئالدىراش ئىشى چىقىپ قالدىمۇ ياكى ئۇنىڭ كومپيۇتېرىدىن توك كەتتىمۇ، ئىشقىلىپ ئۇ چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىرلا ۋاقتتا ئۈچەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ قوللىرىم تېلىپ كەتتى. ئاخىرى بولماي، «قارا ئەتىرگۈل»گە خەنزۇچىلا خەت يېزىشقا باشلىدىم.
ــ سىڭلىم، ئەيىپكە بۇيرىمىسىڭىز، سىزدىن بىر سۇئالنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ؟
ــ تۈزۈت قىلماي سوراۋېرىڭ. نەسىرۇللا ئاكا، مەن ئايال كىشى بولغىنىم بىلەن تۈزۈت قىلىشنى بىلمەيمەن.
ــ ئەتىرگۈلنىڭمۇ قارا رەڭلىكى بولامدۇ؟
ــ راست گەپنى قىلسام مەنمۇ تەبىئەتتىكى قارا رەڭلىك ئەتىرگۈلنى كۆرۈپ باقمىدىم. بىراق ئەتىرگۈل قەلبكە كۆچكەندە قارىداپ قېلىشى مۇمكىن.
قىزنىڭ كۆڭلىدە يەشكۈسىز بىر تۈگۈچنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ئۇ تۈگۈچكە تۈگۈلگەن نەرسىنىڭ ئازاب ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن بولساممۇ، ئۇنىڭدىن ئۇدۇللا سوراش ئەيىبلىك ئىش ئىدى.
ــ ئۇنداقتا سىز قەلبكە كۆچكەن ئەتىرگۈل ئىكەنسىز – دە؟
ــ شۇنداق.
ــ كىمنىڭ قەلبىگە كۆچكەن؟
ــ ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭدە.
ــ شۇ ئەتىرگۈلنىڭ قارىداپ قېلىشىنىڭ ۋەجى نېمىكىن؟
قىز جىمىپ قالدى. ئالدىراپ تېنەپ ئۇنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى، شەخسىي ئىشلىرى بولغاندىمۇ، دىل يارىسىنى ئاچقىنىمدىن خىجىل بولۇپ ئۆزرە سورىدىم:
ــ كەچۈرسىز سىڭلىم، سوراشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى سوراپ قويدۇم.
قىز جاۋاب قايتۇردى:
ــ ھېچقىسى يوق، بولدىلا، بۇ ئىشلارنى دەپ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلغۇم يوق. سانجىغا كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟
ــ تامىقىدىن باشقىسىغا كۆنۈپ قالدىم.
سانجىغا كەلگەندىن بېرى ئىسسىق باسقۇدەك تاماق يېيىش نېسىپ بولماپتۇ. لازا بىلەن تېتىتقۇنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۆپلىرىنى تازا بەك پىشۇرۇپ كەتمەيدىغان سانجى تاماقلىرى نەچچە كۈندىلا ئاشقازىنىمنى ئاغرىتىشقا باشلىغان ئىدى. ھەمرايىم پەرىدىننىڭ قورسىقى بىر ھەپتىدىن بېرى سۈرۈپ توختىمايۋاتاتتى. مەكتەپنىڭ يېنىدا تۇرپانلىقلار ئاچقان ئاشخانىغا كىردۇق، يىراق كۆرمەي ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ يېنىدىكى توقسۇن ئاشخانىسىغىمۇ بېرىپ تاماق يەپ كەلدۇق. بىراق ھەممىسىلا سانجى پەدىسىدە تاماق ئېتىدىكەن. ماڭدامدا بىر خۇيزۇ ئاشخانىسى بولغىنى بىلەن ھەممىسىدىلا كالا گۆشى ئۈگرىسى قىلىدىكەن. كالا گۆشى ئۈگرىسى بىلەن تازا خۇشۇم يوق ئىدى. مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تامىقىنى يېيىش ھەر ھالدا ئاچ قالغاندىن ياخشى ئىدى. دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن كۈنلىرى ساۋاقداشلار ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئايلىنىپ كەلگەچ تاماق يەپ كېلەتتى.
ــ ھە، توغرا، سانجىنىڭ تاماقلىرىغا سىرتتىن كەلگەنلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئاسانلىقچە كۆنەلمەيدۇ. بىز ئۇيغۇرلار مايلىق تاماق يەپ كۆنگەن، بىراق سانجىلىقلار مايسىز تاماق يەيدۇ. گۆش، شورپىنى ئاز ئىستىمال قىلىدۇ.
ئۇنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى. ئىلانلىقتىكى نۇرغۇن ئاشخانىلار تاماق بىلەن تەڭ گۆش، شورپىنىمۇ چىقىراتتى. قورساق بەك ئېچىپ كەتكەن چاغلاردا بىر پارچە گۆش بىلەن بىر تەخسە لەغمەننى يەۋالساق، قورساق غىققىدىلا بولاتتى. بىراق بىز سانجىنى شۇنچە ئىزدەپ شورپا چىقىرىدىغان بىرمۇ ئاشخانىنى تاپالمىدۇق.
ــ سانجىنىڭ ئادەملىرى مەدەنىيەتلىك كېلىدىكەن، ئىلىمگە ئىنتىلىدىكەن، بىراق بۇ يەردە يەرلىك ئۇيغۇرلار بەك ئاز ئىكەن.
ــ سانجىنىڭ تەرەققىياتى بەك تېز، بۇنى سانجىلىقلارنىڭ ئىلىم – مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يەرلىك ئۇيغۇرلار ئاساسەن سانجىنىڭ يېزىلىرىدا، شەھەردە بەك ئاز.
ــ سىز سانجىغا خېلى كۆپ كەلگەن ئوخشايسىز ھە.
ــ ھەئە، مېنىڭ ئۆيۈم سانجىغا يېقىن، دىۋوپو ئايروپورتىنى بىلىسىزغۇ، شۇ ئەتراپتا، سانجىغا بارغۇچە بىزنىڭ ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدىن ئۆتىسىز. مەن سانجىغا كۆپ بارغان.
ــ ھە، مۇنداق دەڭ،ــ ئۇنىڭ چ چ ئارخىپىغا يازغانلىرى توغرا ئىكەن،ــ سىز دىۋوپودا تۇغۇلغانمۇ؟
ــ ھەئە،ــ قىز قىسقىلا جاۋاب بەردى.
ــ مەن تېخى ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار يوق چېغى دەپتىمەن.
ــ ۋاي ياقەي، ئۇيغۇرلار خېلى بار، بىراق مەن تۇرىۋاتقان يەردە ئۇيغۇرلار يوق دېيەرلىك.
ــ سىز ھازىر ئۆيىڭىزدە تورغا چىقىۋاتامسىز؟
ــ ھەئە. بىكارچىلىقتا كۈندە تورغا چىقىپ مۇشۇ ئاز كۈنلەرنى بىردىن – بىردىن ساناپ ئۆتكۈزىۋاتىمەن. سىزچۇ؟ كۈندە تورغا چىقامسىز؟ ھازىر دەرستىمۇ؟
ــ ھە، دەم ئېلىشىڭىز توشىدىغانغا ئاز قاپتۇ دە، مەنمۇ كۈندە تورغا چىقىمەن، ئۆگىنىدىغان دەرسىمىز تورغا مۇناسىۋەتلىك، ھازىر دەرستە.
ــ دەرستە بولسىڭىز ئاۋارە قىلماي، بىكار ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇر قىلسىڭىز پاراڭلىشارمىز.
ــ ھېچقىسى يوق. پاراڭلاشقاچ دەرس ئاڭلايمىز شۇ.
«قارا ئەتىرگۈل» بىلەن پاراڭلاشقاچ چۈش بولۇپ كېتىپتۇ. چۈشتىن كېيىن بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەش بىلەن بولدۇق. كەچلىك تاماققا ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي خۇيزۇ تائام كوچىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى بىر ئاشخانىدىن غۇلجىنىڭ ئەتكەن چېيىنى ئىچىپ كەلدۇق. كەچقۇرۇن يەنە «ياجوڭ» مەيدانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ھېلىقى بىر ھەپتىلىك ئىچىشۋازلىقتىن كېيىن ئاڭگىنايىم قوزغىلىپ، پىۋا تۇرماق ئىچىملىك ئىچىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتىم. شۇڭا ياتاقتىكى ۋە سىرتتىكى سورۇنلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ پەرىدىننى ئەگەشتۈرۈپ مۇشۇ يەرگە قېچىپ كېلىۋالىدىغان بولدۇم. كەلگەن ۋاقتىمىزدا ھېلىقى پىشقەدەم ئەر – خوتۇنلار ناخشىلىرىنى باشلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق تېخىچە ئۇسسۇل باشلانمىغان ئىدى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە 50-60 چە ئادەم ئولتۇرۇپ كېتىشكەن ئىدى. بىزمۇ كېلىپ بوش ئورۇندا ئولتۇردۇق. يېنىمىزدا كۆزەينەك تاقىۋالغان 50 ياشلاردىن ئاشقان بىر ئورۇق ئايال بىلەن يەنە شۇ ئايال دېمەتلىك سېمىز ئايال ئولتۇراتتى. ئۇ ئىككى ئايالنىڭ يېنىدىلا بىزدىن سەل چوڭراق كەلگەن ئاق پىشماق بىر ئەر ھەدەپ ئۇلارنى گەپكە سالاتتى.
ــ بۇ يەردە ساپلا كىچىك ئوقۇغۇچى قىزلار بىلەن چوڭ ئاياللار بار ئىكەنغۇ، سانجىنىڭ قۇشقاچلىرى قايسى شاخلاردا ئۇچۇپ يۈرىدۇ؟ــ ئەر كۆزەينەكلىك ئايالدىن سورىدى.
ــ قايسى شاختا ئۇچۇپ يۈرەتتى؟ مېۋىلىك شاخلاردا ئۇچۇپ يۈرمەمدۇ؟ بۇ يەر دېگەن بىكارلىق سورۇن، شۇڭا بۇ يەرگە نامرات ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىزدەك قېرى خوتۇنلار كېلىدۇ، سىلەر ئىزدەۋاتقان قۇشقاچلار دىبا، ك ت ۋ، بەزمىخانىلاردا ئوينايدۇ. سىلەرنىڭمۇ پۇلۇڭلار كۆپ بولغاندېكىن شۇ يەرلەرگە بېرىڭلار.
ــ بىز تاپالمايدىكەنمىز، شۇڭا سىزدىن تەلىم ئالايلى دېدۇققۇ،ــ ئاق پىشماق ھىجىيىپ كۆزەينەكلىك ئايالغا قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يوشۇرۇن بىر خىل ئېچىرقاش چىقىپ تۇراتتى.
ــ سانجىغا تەلىم ئالغىلى كەلگەنمۇ؟ــ كۆزەينەكلىك ئايال ئەرگە سىرلىق قارىدى.
ــ ھەئە، تەلىملىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
ــ ھازىر ئوقۇش پۇلى ئۆسۈپ كەتتى، سائىتىگە 200 يۈەن ئالىدۇ، بەلدە ماغدۇر، يانچۇقتا تومپۇر باردۇ؟
ــ ئۇنىڭدىن غەم قىلماڭ.
سورۇن قۇرۇق، مەيداندا رەققاس يوق. يېنىمىزدىكىلەرنىڭ پارىڭى بىلەن قۇلاقنى گول قىلىپ ئولتۇرىمىز. بۇ يەردە بىر دەمدىلا سودا، يەنى ئىپپەت سودىسى پۈتتى. ئۇلار تېلېفون نومۇرلىرىنى يېزىشىۋالدى. بۇ ئىككى ئايال ئىپپەت دەللاللىرىدەك قىلاتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇسسۇل باشلىنىپ، بىردەمدىلا مەيدان ئۇسسۇلچىلارغا تولدى. بايىقى ئىپپەت سودىسى بىلەن كۆڭلۈم باشقىچىلا بولۇپ قالدى. توۋا، بۇ بىر مەدەنىيەت سورۇنى، ئادەتتىكىچە بولسىمۇ مەشرەپ سورۇنى ئىدى. مۇشۇ سورۇندا ئەدەب – ئەخلاق، ھايا – پەردىشەپ، ئىنساب – دىيانەتنىڭ ئورنىغا ئىپپەت سودىسى بازار تېپىۋاتاتتى. «چاپى - چاپى» دېگەن ئەبجەش ناخشىنىڭ قۇلىقىمنى ئاغرىتىشى بىلەن تەڭ مەيداندىكى ياش بالىلارنىڭ خۇددى مەست بولۇپ قالغان ئادەمدەك ئالدى – كەينىگە، ئوڭ – سولىغا دەلدۈگىنىپ ئۇسسۇل ئوينىشى مېنى بۇ يەردىن تېخىمۇ بىزار قىلىپ، يېنىمدىكى پەرىدىننى ئېلىپ كەتمەكچى بولۇپ يېنىمغا قارىسام ئۇ يوق، ئۇ ئاللىقاچان مەيداندىكى چاپى – چاپىلارغا قوشۇلۇپ دەلدەڭشىگىلى تۇرۇپتۇ. ئاخىرى ئۆزۈم يالغۇزلا بۇ يەردىن كېتىپ قالدىم.
راۋاقنىڭ كەينىدىكى خۇيزۇنىڭ ئۇسسۇل مەيدانىغا كەلسەم، توقسۇننىڭ پەخىرلىك ئوغلى سەمى ئوسمان ئېيتقان «بۇيلۇق باغلىرى» دېگەن ناخشا ياڭرىغىلى تۇرۇپتۇ. بۇنىڭغا چىدىغىلى بولاتتىمۇ؟ مەيدانغا چۈشتۈم. مەيداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە بويى ئىگىز، سېمىزرەك كەلگەن چىرايلىق بىر ئايال ئۆزى يالغۇز ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. مەن تەكەللۇپسىزلا قېشىغا بېرىپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ ئۇنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلدىم. ئايالمۇ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا ماڭا ئەگەشتى. بويى مېنىڭدىنمۇ ئېگىز كەلگەن، يۈزلىرىدىن تارتىپ بويۇنلىرىغىچە، جەينەكنىڭ ئۈستىدىرەك كەلگەن يەڭدىن چىقىپ تۇرغان بىلەكلىرىگىچە ئاجايىپ ئاقلىق، سۈزۈكلۈك چىقىپ تۇرغان بۇ ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن گۈزەللىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇزۇن كىرپىكلەر ئارىسىدىن ۋىلىق – ۋىلىق كۈلۈپ تۇرىدىغان قوڭۇرغا مايىل كۆزلىرىدىن شوخلۇق بالقىپ تۇراتتى. بېشىنىڭ ئۈستىگىلا قىستۇرىۋالغان يېرىم ئاي شەكىللىك چاچ قىسقۇچى قاپقارا چاچلىرىنىڭ ئۈستىدە چىرايلىق يېشىل يېپەك لېنتىدەك پارقىرايتتى. بېلىگىچە يېيىلغان چاچلىرى ئۇنىڭ لەرزان ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ يېنىك يەلپۈنەتتى. ئالدىغا مارجان، ئۈنچىلەر تۇتۇلغان، سىرتىغا قارا رەڭلىك زەر تۇتۇلغان ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلىكى ئۇنىڭ جەزبىدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بەدەن گۈزەللىكىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى. قارىماققا مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك ياكى سەل چوڭدەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئايالنى گۈزەللىك ئۆلچىمىدە ئازراق نۇقسان بار دېيىلسە، ئۇنىڭ سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەن تولغان بەدىنى كىشىلەرنىڭ گۈزەل نازىنىنلارغا قويىدىغان «زىلۋا، ئەۋرىشىم، نازۇك» دېگەندەك ئۆلچەملىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ شۇنىڭغا ماس ھالدا بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ئايلانمىسىغا ۋە بەدەن ئېغىرلىقىغا بەلگىلىۋالغان سان – سېفىرلىرىغا ماس كەلمەيتتى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مېنىڭدىنمۇ ئېغىر ھەم سېمىز ئىكەنلىكى بۇ بىر ھەقىقەت. بىراق ئۇنىڭ بويى ئېگىز بولغاچقا، سېمىزلىكىمۇ بەك بىلىنىپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بۇ ئايالنى قانداقتۇر بىر جايدا كۆرگەندەك شۇنداق غۇۋا تۇيغۇ پەيدا بولاتتى يۇ، ئېسىمگە ئالالمايتتىم. بەلكىم كوچا ئاپتوبۇسىدا كۆرگەندىمەن. مەن تۇنجى كۆرگەن ئادەمنى ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇپ قالاتتىم. بەلكىم بۇ ئايالمۇ شۇنداق بىر دەقىقىلەردىكى كۆز سوقۇشتۇرۇشلاردىن قالغان ئۇنتۇلۇشقا نامزات بولغان سىمادۇر.
ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئەنە شۇنداق بېقىشىپ ئويناش كېرەك بولغاچقا، ئۇنىڭ تولغان گۈزەللىكىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي بەھىر ئالدىم. ئۇمۇ گويا بىز ئەزەلدىن تونۇشتەك قىلچىمۇ تارتىنىپ قويماي، مېنىڭدىنمۇ ئېشىپ قىلىق چىقىرىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى. ئۇسسۇل تۈگىگەندە مەن يەنە ئوڭ قولۇمنى كۆكرىكىمگە قويۇپ تازىم قىلدىم. ئۇمۇ مېنى دوراپ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تازىم قىلدى. بىراق بېشىنى كۆتۈرمەيلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن ئەندىكىپ، بىر يېرىم ئېچىلىپ قالغانمىدۇ ياكى كۆينىكىمنىڭ تۈگمىسىنى ئىگىز – پەس تۈگمىلىۋالدىممۇ يا دەپ ئۆزۈمگە سەپسېلىپ قاراپ باقتىم. خۇداغا شۈكرى، كىيىملىرىم ھەر ھالدا جايىدا ئىكەن. يۈزلىرىم قىزارغان ھالدا ئۇنىڭ كۈلۈپ بولۇشىنى بىچارىلەرچە كۈتۈپ تۇردۇم.
ــ ھەي، توقسۇنلۇق، تۇرپانلىقلار ئۇسسۇل ئوينىغاندا شۇنداق تازىم قىلىشامدۇ؟ــ ئايال كۈلكىسىنى توختىتىپ ماڭا كۈلۈمسىرەپ قارىدى. مەن ئۇيغۇر نازىنىنى دەپ قارىغان بۇ ئايال قازاقچە تەلەپپۇزدا سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ مېنى «توقسۇنلۇق» دەپ ئاتىشى ھەيرانلىقىمنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى. پىشانەمگە «توقسۇن» دېگەن خەتنى يېزىۋالمىغانمەن. تۇرپاننىڭ ناخشىسىغا ئۇسسۇل ئوينىغىنىمغا قاراپ مېنىڭ توقسۇنلۇق ئىكەنلىكىمنى بىلىۋالغىلى بولارمۇ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس، توقسۇننىڭ ئۆزىگە خاس خەلق ناخشىلىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇسسۇلنى باشقىلارغا ئوخشاشلا ئوينايمىز.
ــ مېنىڭ توقسۇنلۇق ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلىسىز؟
ــ ئۇنتۇپ قاپسەندە، ئون نەچچە كۈن بۇرۇن پوچتىخانىغا كىرىپ، پۇل قويىدىغان قەغەزگە ئۇيغۇرچە ئىمزا قويغىنىڭ يادىڭدا باردۇ؟
ئايال مېنى «سەن»لەپ سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئاندىن سانجىغا كېلىپلا پوچتا بانكىسىغا كىرگىنىم يادىمغا كەلدى. توغرا، كۆزنەكنىڭ ئىچىدىكى ئايال خىزمەتچى دەل مۇشۇ ئايال ئىدى. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا غودۇراپ «توقسۇندا ئۇيغۇرچە ئىمزا قويىمىزغۇ؟» دېسەم، ئۇ ماڭا «سانجىدا خەنزۇچە ئىمزا قويىسەن قارىنداش» دەپ كۈلۈمسىرەپ قارىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېسىدە ئەجەب تۇرىدىكەن ھە.
ــ ۋاي- ۋۇي، توغرا، توغرا، ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئەجەب يادىڭدا بار ئىكەنمەن دېسە،ــ مەنمۇ سەنلەپلا چۈشتۈم.
ــ ئۇيغۇرچە ئىمزا قويىدىغانلار بەك ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا يادىمدا قاپسەن، يۈرە، بىردەم ئولتۇرايلى، ھېرىپ كەتتىم،ــ ئايال كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان كۆزلىرىنى تىكىپ راۋاق تەرەپنى ئىشارەت قىلدى. مەنمۇ تارتىشمايلا ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.
بىز ئولتۇرىدىغان يەردە ئۇنىڭ سومكىسى، سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان ئۇششاق يېمەكلىكلەر ۋە بىر قۇتا سوغۇق ئىچىملىك بار ئىدى. ئۇ ماڭ قۇتىنى ئۇزاتتى:
ــ بولدى رەھمەت، ئىچمەيمەن، ئۆزۈڭ ئىچكىن،ــ مەن تەكەللۇپ بىلەن رەت قىلدىم.
ــ مېنى ئىچىپ قويغان دەپ ئىچكۈڭ كەلمەيۋاتامدۇ؟ــ راۋاقنىڭ گىرۋىكىگە لىككىدە سەكرەپ چىقىپ ئولتۇرىۋالغان ئايال بېشىنى پەس قىلىپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارىدى.
ــ ياق، ئاڭگىنايىم قوزغىلىپ قالدى، كانىيىم ئىششىق شۇ تاپتا.
ــ ھەي، تاۋى نازۇك، ئالتىنچى ئايدىمۇ كانىيىڭنى ئىشىتىپ يۈرەمسەن ئەمدى، ئالە، ماۋۇنى يە ئەمىسە،ــ ئايال سۇلياۋ خالتىسىدىن بىر تال «ئالبېنى»نى ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتى.
ــ مەن كىچىك بالا ئەمەس بۇنى يەيدىغان،ــ مەنمۇ لىككىدە سەكرەپ راۋاقنىڭ گىرۋىكىگە چىقتىم. ئۇ ئىگىزدە تۇرۇپ پەستە تۇرغان مېنىڭ كۆزۈمگە قاراپ گەپ قىلسا باشقىچىلا تۇرىدىكەن.
ــ ئوھو، بۇ گەپلىرىڭگە قانداق قىلاي؟ دېمەك مەن كىچىك بالا ئىكەنمەن – دە، قېنى ئېيتچۇ؟ قانچە ياشقا كىردىڭ؟ ئوتتۇزغا كىردىڭمۇ؟ــ ئايال ئالبېنىنىڭ قەغىزىنى سويۇپ ئېلىپ يېيىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تەپتارتماستىن يېشىمنى سورىغىنى سەل ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ قويدى.
ــ ئوتتۇزغا؟ شۇنىڭدىن ئۈچ ياش ئاشتىم. كۆزۈڭگە كىچىك كۆرۈنۈپ كەتكەن ئوخشىمامدىمەن؟
ــ مانا، مانا، نېمىلا دېگەن بىلەن مەندىن ئىككى ياش كىچىك ئىكەنسەن. بۇ يەرگە ئوقۇشقا كەلگەن ئوخشىمامسەن؟ بۇ يەردە ئاچاڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىساڭ زىيان تارتمايسەن.
توۋا، ماۋۇ ئايالنى، گۈەل چىرايىغا پەقەتلا ماس كەلمىگەن سۆزلىرى ۋە قىلىقلىرىنى. تەپ تارتىش، تارتىنىش، ئۇياتسىراش دېگەنلەرنى پەقەتلا بىلمەيدىكىنا. بىز تونۇشقىلى يېرىم سائەتمۇ بولمىدى. كونا تونۇشتىنمۇ ئۆتە سۆزلەپ كېتىشلىرىنى. ئاچاممىش تېخى.
ــ شۇنداق خان ئاچا، ئۈچ ئايلىق ئوقۇشقا كەلدىم. ئاۋۇ يەردىكى مەكتەپتە ئوقۇيمەن،ــ مەن تەنە قىلىپ ئالدىمىزدىكى تەرەپنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم.
ــ مېنى ئاچا دېدىڭ، شۇنداققۇ، ئەمدى مېنىڭ ئۇكام بولدۇڭ، ھەر ئاخشىمى بۇ يەرگە كېلىپ ئاچاڭغا تازىم قىلىپ سالام بەر ئەمىسە. بىز بىللە ئۇسسۇل ئوينايلى.
بۇ خوتۇن ئەمدى ھەددىدىن ئېشىپ مېنى ئۆزىگە تازىم قىلدۇرماقچى ئىكەن دە. ئۆزىنى كىم ئويلاپ قالدىكىنە؟
ــ كۈندە كېلىشىم مۇمكىن، بىراق ساڭىلا تازىم قىلىپ، سەن بىلەنلا ئۇسسۇل ئوينىشىم ناتايىن.
ــ مەن سېنى شۇنداق قىل دېدىممۇ؟ ھە، دېگىنە، شۇنداق دېدىممۇ؟ــ ئايال چىرايلىق كۆزلىرىنى سۈزۈپ دومسىيىپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ باتنىغاق قىزچاقنىڭكىدەك قىلىقلىرىدىن بىردىنلا شەيتىنىم تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم.
ــ راست گەپنى قىلسام، ئۆزۈمنى ھەرقانچە مەجبۇرلىساممۇ سېنى ئاچا دېيىشكە ئامالسىزمەن.
ــ نېمىشقا؟ ساڭا ئاچا بولۇشقا لاياقىتىم يوقمۇ؟ــ ئايال ئىككى قولىنى راۋاقنىڭ گىرۋىكىگە تىرەپ، مۈرىسىنى چىقىرىپ ماڭا قارىدى.
بۇ ئايالنىڭ سۆزلىرىگە، قىلىقلىرىغا قاراپ ھەرگىزمۇ 35 ياشقا كىرگەن جۇۋانلىق مەزگىلىدىكى پىشقان ئايال دېگىلى بولمايتتى.
ــ بىرىنچىدىن سەن مۇشۇ گەپلىرىڭ ۋە قىلىقلىرىڭ بىلەن ماڭا بىر ئاچىنىڭ ئەمەس، بەلكى بىر گۆدەك قىزنىڭ تەسىراتىنى بېرىۋاتىسەن، ئىككىنچىدىن بىز كۆرۈشكىلى بىر سائەتمۇ بولمىدى، ھەتتا ئىسمىمىزنىمۇ بىلىشمەيمىز، چاقماق تېزلىكىدە مېنى ئىنىم بول دېسەڭ، بۇنىڭغا ئەلۋەتتە مەن گاڭگىراپ قالىمەن. بۇنى بىلىشىڭ كېرەك. بىگانە ئىككى جىنىسنىڭ ئاچا – ئىنى بولۇشى ئۈچۈن شارائىت ۋە ۋاقت كېرەكقۇ دەيمەن.
ــ ھەي سارت، سەن بولىدىكەنسەن جۇمۇ، مەن سېنى سىناپ باقتىم. سىناقتىن ئۆتتۈڭ. مۇشۇ گەپلىرىڭدىن رازى بولدۇم. ئەلۋەتتە مەندىمۇ 35 يېشىمغا چۇشلۇق ئەقىل ۋە خۇي – مىجەز بار. تونۇشۇپ قالايلى، مەن سەن كىرگەن ھېلىقى پوچتا بانكىسىدا ئىشلەيمەن. ئىسمىم فەرۇزە.
ئايالنىڭ مېنى «سارت» دەپ ئاتىشىدىن باشقىچىلا بولۇپ قالدىم. ئاخىرقى گەپلىرىدىن بولسا ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئايال ئەمەسلىكىنى، بايىقى گەپ – سۆزلىرىنىڭ ۋە قىلىقلىرىنىڭ پەقەت سىرتقى كۆرۈنىشىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىم.
ــ سەندىن ئۆتۈنەي، مېنى سارت دېمىگىن، ئۇيغۇرمەن. ئۆزۈڭ قازاق ئوخشىمامسەن؟
فەرۇزە لىككىدە سەكرەپ پەسكە چۈشتى.
ــ بولىدۇ، سارت دېمەي، ئۇيغۇرۇم، مېنىڭ دادام ئۆزبىك، ئاپام قازاق، ئۆزۈمنى ئۆزبىك دەپ قارايمەن. ئېرىم ئۇيغۇر ئىدى، قىزىمنى نوپوسقا ئۇيغۇر دەپ ئالدۇرغان. قانداق؟ مەن مۇرەككەپمىكەنمەن؟
بۇ ئايال تۈركنىڭ ئۈچ جەمەتىدىن ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ گۈزەل چىرايىمۇ، ئەبجەش مىجەزىمۇ شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ «ئېرىم ئۇيغۇر ئىدى» دېگىنىدىن قارىغاندا، ھازىر ئېرى يوقتەك قىلاتتى. بىراق ئەمدىلا تونۇشقان ئايالدىن ئېرىنى سوراش ئەدەبسىزلىك تە.
ــ راست، مۇرەككەپ ئىكەنسەن، بەلكىم مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ مۇرەككەپ بولۇشۇڭ مۇمكىن. مېنىڭ ئىسمىم نەسىرۇللا، ئوقۇتقۇچىمەن.
ــ نەسىرۇللا، كېلە، يەنە ئوينايلى،ــ فەرۇزە بايىقى يېگەن نەرسىلىرىنىڭ ئەخلىتى قاچىلانغان سۇلياۋ خالتا بىلەن ئىچىملىك قۇتىسىنى راۋاقنىڭ قېشىدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ كېلىپ مېنى چاقىردى.
بىز بىر نەچچە مەيدان ئۇسسۇل ئوينىدۇق. بۇ يەردە بىز ۋە باشقا بىر نەچچە ئۇيغۇردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ ۋە خۇيزۇلار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغۇزدىن يالغۇز ئوينايتتى. بىر چاغدا پەرىدىن كېلىپ قالدى. دېمەك تارايدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالغان ئىدى.
ــ ئەتە كېلەمسەن؟ــ سورىدى فەرۇزە كېتىدىغان چاغدا.
ــ كېلىمىز،ــ مەن قىسقىلا جاۋاب بەردىم.
ــ مەن كۈندە مۇشۇ يەردە.
ــ خوش فەرۇزە، ئەتە سېنى مۇشۇ يەردىن ئىزدەيمىز.
بىز مەكتەپكە قاراپ ماڭدۇق. پەرىدىن كېتىپ بارغاچ مېنىڭدىن ئاغرىنىپ دادلىغىلى تۇردى:
ــ مېنى تاشلىۋېتىپ قېچىپ كېتىپسەنغۇ؟ ئەسلى مۇشۇ سوبو (سېمىز) خوتۇننى تېپىۋاپسەندە.
ــ سەنمۇ ئۇ يەردە خېلى قىزىغانسەن؟ قانداق؟ بايىقى بودەك بولامدىكەن؟ــ چاخچاق قىلىپ پەرىدىندىن سورىدىم.
ــ چىرايىنى دېسەڭغۇ بولۇپ قالىدىكەن، لېكىن ئۇ سېمىز خوتۇننىڭ ئارزۇلىغىدەك نەرى بار؟ ئادەم تېپىلمىغاندەك، ئۆزۈڭگە چۇشلۇقنى تاپساڭ بولمامدۇ؟ يەنە كېلىپ ئۇ چوڭدەك قىلىدۇ. تاپقاندېكىن چىرايلىق، بەللىرى ئىنچىكە، بىر قولۇڭ بىلەن كۆتۈرگۈدەك كىچىك قىزلارنى تاپمامسەن؟
پەرىدىن مېنى فەرۇزە بىلەن باشقىچە «چىقىشىپ» قالدى دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ ئىچىنى تازا قېتىراتتىم.
ــ ھەئە، مەن سېمىز خوتۇنلارغا، ئۆزۈمدىن چوڭ ئاياللارغا ئامراق، ئۆزۈڭ قۇرۇق قول كەپسەنغۇ مانا.
ــ مەن تاپاي دېسەم،ــ پەرىدىن كونا پوسىنى تەكرارلاشقا باشلىدى،ــ سەن ھەيران قالىسەن، تاپاي دېمىدىم شۇ، سەن قاراقچىنى خوتۇنۇمغا دەپ قويارمېكىن دەپ.
ــ مەندەكلا ئەنسىرەيدىكەنسەنغۇ، بىر – بىرىمىزگە قاراقچى بولغاندېكىن، ئەڭ ياخشىسى ئۇ ئەگرى يوللارغا ماڭمايلى.
ــ ئۆزۈڭ مېڭىپ بوپسەنغۇ مانا، بودەك خوتۇندىن بىرنى تېپىپسەن، يەنە تېخى قازاقكەن، مىللەت ئايرىمايدىكەنسىنا. يۇگاشنىڭ چىشى قولتۇقىدا دەپ، سەنمۇ قىلىق چىقارغىلى تۇرۇپسەنغۇ،ــ پەرىدىن ئۆزىنى تاشلاپ قويۇپ بۇ مەيدانغا كېلىۋالغىنىمدىن ئۆچ ئالماقچى بولۇپ ھە دەپ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىۋاتاتتى.
مەن پەرىدىننىڭ بوينىدىن سىقىپ توۋىسىنى چىقاردىم:
ــ تولا گەپ تاپما، ئەر كىشىنىڭ ئىشى ئەمەس ئۇ يوق يەردىن تۈك ئۈندۈرۈش دېگەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە مەيدان ئۇسسۇل ئويناپ قويسام، ئەمدى مېنىڭ بىر نېمەم بولۇپ قالدىمۇ؟ مەن ئۇنى بىر نېمەم قىلاي دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۇنىمايدۇ. ئۇ قازاق ئەمەس، ئۆزبىك. ساڭا دەپ قوياي، مەن دۇنيادا گەپ تاپقان ئادەمگە ئەڭ ئۆچ، يەنە گەپ تاپىدىغان بولساڭ، ئەڭ ياخشىسى مېنى يۇرتدىشىم دېمە. شۇنىمۇ بىلىپ قوي، بۇ دېگەن سانجى، توقسۇن ئەمەس، خەقنىڭ يۇرتى. ئۆزىمىزنى سوراپ يۈرەيلى. بۇ يەردىكى تاش – داڭگالنىڭمۇ ئىگىسى بولغاندەك، قىز – خوتۇنلارنىڭمۇ ئىگىسى بار. خەقنىڭ يۇرتىدا يېگەن تاياق، ئۆز يۇرتۇڭدا يېگەن تەستەككە ئوخشىمايدۇ. خەقنىڭ قىز – خوتۇنلىرىغا قاراپ نىكاھىڭدىكى ئايالىڭنى ئېسىڭدىن چىقارساڭ قېلىپتىن چىقىسەن، نومۇسقا قالىسەن، ھايۋان تىغ بىلەن ئوقتا ئۆلىدۇ، ئادەم نومۇستىمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ. تىغدا ئۆلگەندىن نومۇستىن ئۆلگەن يامان.
ــ بولدى ئاداش، چاخچاق قىلىپ قويدۇم. شۇنداقلا دەپ قويدۇم شۇ.
ياتاققا كېلىپ يېتىۋالدۇق. ئۇيقۇ يوق. سانجىغا كېلە – كەلمەي توردا بىر ئايال بىلەن، ئۇسسۇل مەيدانىدا بىر ئايال بىلەن تونۇشتۇم. بەلكىم ھەر ئىككىسىنىلا قىسقىغىنە ۋاقت ئېقىنلىرىدىن ئېقىپ ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇنتۇپ كېتەرمەن، خۇددى شۇنداق ئاياللار مېنىڭ ھاياتىمدا زادىلا مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك، قەلب گۈلشىنىمگە ئاياق بېسىپ، ئۈن- تىۋىشسىز ھالدا ھېسسىيات چىمەنلىرىمدە ھېچقاندەك ئىز قالدۇرمىغاندەك. ياراتقۇچى ئىنسانلارنى باشقا جاندارلارغا ئوخشاشلا بىرقانچە ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت ئىككىلا جىنىس قىلىپ يارىتىپتىكەن. بىر جىنىس قارشى يەنە بىر جىنىستىن روھى تەسەللىي، مەدەت ۋە مەمنۇنىيەت ئىزدەيدىكەن. ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىدىكى بىردىنبىرىدىن ئۆزگىلەردىن شۇ خىل تەسەللىي ۋە مەدەتنى ئىزدەش ياكى ئۇلارغا سۆيۈنۈش ۋە مەمنۇنىيەت ئاتا قىلىش چەكتىن ئاشقانلىقمۇ؟
داۋامى بار
|
|