داۋامى:
رومانتىكىلىقنى يوقاتقان كۆڭۈلدە غەشلىكتىن باشقا ھېچقانداق تۇيغۇ بولمايدىكەن. لەۋلىرىمدىكى تەبەسسۇم شاخلىرىدا سانسىز گۈل – چېچەكلەرنى پەيدا قىلالمىغان چاغلاردا، پەرۋاسىز قاراشلىرىم ئىچىگە نېمىشقا لاچىندەك باتۇرلۇق بىلەن شۇڭغۇپ كىرىپ، زېھنىمنى جەلب قىلىپ باقمايسىز؟ نېمىشقا مېھرىڭىز بىلەن كۆزلىرىمنى ئويناتمايسىز؟ يۇرەكلىرىمنى يايراتمايسىز؟ مېنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز تەبەسسۇملىرىم ئارقىلىق نېمىشقا يۈرىكىڭىزنى ۋالىس مۇزىكىسىغا يېنىك دەسسىتىپ باقمايسىز؟ سىز پەرۋاسىز بولغاچقا، قورقۇپ زۇۋاندىمىغاچقا، ئەرلىك جاسارىتىڭىزگە كۈچ بېرەلمىگەچكە، ئارىمىزدا ھېسسىيات چېچەكلىرى ئەۋرىشىم تولغۇنالمىدى.
ـــ ئابلا ئىسھاق پەرۇزانننىڭ «كۈلۈمسىرەش» ناملىق پوۋىسىتىدىن
بۇ ئۈزۈندە مۇنبىرىمىز ئەزاسى مەرۋايىت0996 نىڭ چ چ بوشلۇقىدىن ئوغرىلاندى
قار. مەن قارنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ يىل قار تولىمۇ كېچىكىپ ياغدى. ياغقاندىمۇ زېمىن سەتھىنى ئارانلا ياپقۇدەك ياغدى. شۇكرى، مۇشۇنىڭغىمۇ شۈكرى. جۇڭگونىڭ ئەڭ قۇرغاق قۇتۇپى بولغان توقسۇندا مۇشۇنچىلىك قارنىڭ يېغىشىمۇ قۇرغاق مۇھىتقا كۆنۈپ كەتكەن توقسۇنلۇقلارغا ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي. ھەممە توقسۇنلۇق قارنى ياخشى كۆرىدۇ. يامغۇردىن كۆرە قارنى ئۇلۇغلايدۇ. چۈنكى قار قانچىلىك قېلىن ياغسىمۇ پايدىسى باركى، زىيىنى يوق. قار توقسۇندا ئاپەت پەيدا قىلالمايدۇ. ئەلۋەتتە يۇرتىمىزدا چەكتىن ئاشقۇدەك قېلىن قارنىڭ يېغىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ياز پەسلىدە يامغۇر – يېشىننىڭ تولىمۇ ئاز ياغقىنىغا قارىماي، باشقا يۇرتلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئادەتتىكى ئۆتكۈنچى يامغۇر ھېسابلىنىدىغان بىر نەچچە سائەتلىك ئوتتۇراھال يامغۇرنىڭ يۇرتىمىزدا بىردەمدىلا كەلكۈن پەيدا قىلىدىغىنى ئېنىق. توۋا دەپ قالىمەن بەزىدە، تەبىئىي ئاپەت، بولۇپمۇ بوران ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان توقسۇندا تەبىئەت تولىمۇ خەسىسلىك بىلەن تەقسىم قىلغان ئازغىنە يامغۇر – يېشىنمۇ كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلىدىغانغا ئارانلا تۇرىدۇ. 1996 – يىلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىنى خىيال قىلسام ھازىرمۇ يۈرىكىم ئاغرىيدۇ. شۇ چاغدىكى بالا - قازا، خانۇ ۋەيرانچىلىق، ئۆلۈپ كەتكەن شۇ كىشىلەر، ئاپەتتىن كېيىنكى خارۇ – زارلىق.... جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بېرى يۈز بېرىپ باقمىغان كەلكۈن ئاپىتى شۇ يىلى يۈز بەرگەن ئىدى. ئەسلىدىلا نامرات ناھىيىمىزگە مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى سېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى نەچچە يىل كەينىگە سۈرىۋەتكەن ئىدى. شۇ يىلقى ئاپەت ھەر بىر توقسۇنلۇقنىڭ يۈرىكىگە بېسىلغان جاراھەت تامغىسى ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇشىمىز تېزلا ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ چاغدىكى كەلكۈن ۋەھىمىسى كىشىلەرنى ھازىرغىچە قارا باستۇراتتى. شۇڭا كىشىلەر ھازىرمۇ ئىيۇلدا ياغقان سائەتتىن ئاشقان يامغۇردىن ۋايىم يەيتتى.
سىرتتا بالىلار چۇۋۇرلىشىپ قاردا يۈگىرىشىپ يۈرىشىدۇ. ئوغلۇممۇ بايا «قار بوۋاي ياسايمەن، گۈرجىكىمنى تېپىپ بەر» دەپ جېدەل قىلغانتى، «بالام، بۇنچىلىك قارغا قار بوۋاي ياسىغىلى بولمايدۇ، يەنە جىق ياغسۇن، ئاندىن ئىككىمىز بىللە چۈشۈپ ياسايلى» دەپ توختىتىپ قويغان ئىدىم. ئۇمۇ ئاللىقاچان پەستىكى شۇ بالىلارغا قېتىلىپ ئولتۇراق رايونغا بىر كېلىپ ۋارقىرىشىپ يۈرىدۇ. ئوغلۇممۇ قارغا قەۋەتلا ئامراق. 2010 – يىلى قىشتا بالامنى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان ۋاقتتا، ئاغرىق ئازابىدىن قىرقىراپ يىغلاپ كەتكەن ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ دېرىزە تۈۋىگە ئېلىپ كەلسەم، ئۇ دوختۇرخانا ھويلىسىدا كۈرەكتورنىڭ ماشىنىغا قار ئۇسىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولغىنىدىن ئاغرىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. شۇندىن كېيىن دائىم «قار كۆرىمەن» دەپ مېنى دېرىزە ئالدىغا ئاپارغىلى سالىدىغان بولۇۋالغان ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى قار ئوغلۇمغا بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، ئۈرۈمچىنى قار بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلاتتى. ئۆيدە ئۈرۈمچىنىڭ گېپى چىقسىمۇ، «ئاتا، ئۈرۈمچىدە سەنچەي(كۈرەكتور) بىلەن قار سۇزىدىكەن ھە» دەپ قوياتتى. ھەتتا ئۆتكەن يىل 7- ئايدا ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئاپارغىچىمۇ «ئۈرۈمچىدە قار كۆرىمەن» دەپ بىزنى كۈلدۈرىۋەتكەن ئىدى.
تەتىل مەزگىلى بولغاچقا ئايالىم يەنە سىرتتىكى قاردىن پەرۋايى پەلەك ھالدا كومپيۇتېردا تۈركىيىنىڭ نەچچە يۈز قىسىملىق «چەكلەنگەن سۆيگۈ» دېگەن فىلىمىنىڭ ئىچىگە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئىدى. ھەركىمگە ئۆزىنىڭ سەنىمى ياخشى، ئۇنى بۇلاردىن توسۇشمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ تۈركىيە فىلىملىرىنى ياخشى كۆرىمەن، بىراق ئۇنداق كۆپ قىسىملىق فىلىملارنى كۆرۈشكە پەقەتلا ھەپسىلەم يوق. ۋاقتىممۇ ھەم يوق. ئۇ كومپيۇتېردىن بوشىغان ۋاقتتىلا ئاندىن مەن ئۇنىڭ بىلەن سېمىنا ئالمىشىپ ھېلىقى ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئەسىرىمنى يېزىشقا باشلايمەن. يېزىپ ھارغاندا چ چ نى ئېچىپ «تىكەن قۇش» بىلەن ئۇنى – بۇنى دېيىشىپ يېرىم كېچىنى قىلىمەن. «تىكەن قۇش»نىڭ ئوقۇغان كىتابلىرى بەك كۆپ ئىكەن، ئۇ ئوقۇغان كىتابلىرى ۋە توردىكى ھەر خىل قىزىقارلىق ئىشلار توغرۇلۇق ھارماي سۆزلەيتتى. ئۇ ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمىزدىمۇ ماڭا بۇنچە كۆپ گەپ قىلمايتتى. بارا – بارا ئۇنىڭ سۆزلىرىگە خۇمار بولۇپ قالدىم. بەلكىم قىشنىڭ رەھىمسىز ئۇزاق كېچىلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ ئۆتكۈزۈشنى ئويلىغاندىمەن. بۇ مەندىكى مۇھەببەت ۋە نىكاھقا قىلىنغان ئىسيانكارلىق ياكى ئاسىيلىق تۇيغۇسىمۇ؟ بۇنى ھېچ بىلەلمىدىم. نىكاھىدا مەزلۇمى بولغان بىر ئەركەكنىڭ توردىكى مەۋھۇم دۇنيادا باشقا بىر ئايال بىلەن (يەنە كېلىپ بۇرۇنقى ياخشى كۆرگەن ئايال بىلەن) يېرىم كېچىگىچە سۆھبەت قۇرۇشى ھەددىدىن ئاشقانلىقمۇ قانداق؟ نىكاھتىكى ئاشقۇنلۇقمۇ قانداق؟ بىراق شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، ھەر ئىككىمىزلا ئىسيانغا تالىق شۇ سۆزلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇراتتۇق. بۇنىڭ ھەر ئىككىمىزگىلا خۇشاللىقتىن كۆرە ئازاب ۋە كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغىنى ئېنىق ئىدى.
بۈگۈن كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئايالىم ھېساباتقا چۈشۈپ كەتتى. قەغەزگە بۈگۈن قىلغان سودىلىقلىرىنى بىردىن – بىردىن يېزىپ ھېسابلاشقا باشلىدى. ئاخىرى پەرىشان ھالدا ماڭا قارىدى:
ــ بۈگۈن بەك كۆپ پۇل خەجلىۋېتىپتىمەن، 2- ئايلىق مۇئاش چىققۇچە ھېساباتتا قىزىل رەقەم كۆرۈلىدىغان بولدى. 4000 يۈەن سۇغۇرتا پۇلىنى ئارانلا بېرىۋالغۇدەكمىز، مۇئاشقا ئۇلىشالمايمىزمۇ نېمە؟ ھەي ئېسىت، ئاۋۇ قىزىل سومكىنى ئالماي تۇرسام بوپتىكەن ياكى يۈز كويلىقىنى ئېلىۋالماي، ئەللىك كويلىقىنى بولسىمۇ ئېلىپ تۇرسام بوپتىكەن. ئەللىك كوي تىجىلەتتىكەن.
ئايالىم مانا مۇشۇنداق تىجەشچان ھەم روزىغار باشقۇرۇشقا ئۇستا ئىدى. گەرچە ھەممە كارتا مەندە تۇرسىمۇ، بىراق ھېساباتنى ئايالىم قىلاتتى. ھەمىشە بانكىدىن ئۆزۈم مۇئاشنى ئېلىپ كېلەتتىم ۋە تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك قەرز ۋە ھەر خىل ھەقلەرنى مەن بىر تەرەپ قىلىمەن، شۇنداقلا كۈندىلىك لازىمەتلىكلەرنى ئۆزۈم ئالىمەن، بىراق شۇ ھېسابنى مەندىن بەكرەك ئايالىم ئوبدان بىلەتتى، ھەتتا يانچۇقىمدا 20 يۈەن پۇل قالغان بولسىمۇ، شۇنىڭ ھېسابى ئايالىمنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. مەن ھاراق – تاماكىدىن يىراق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارتۇق چىقىمىم بولمىغاچقا، كىرىم – چىقىم مانا دەپلا ئېنىق ئىدى. شۇڭا بىزنىڭ ئارىمىزدا ئىقتىساد توغرۇلۇق جېدەلنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى نۆل ئىدى.
مەن ئايالىمنىڭ 50 يۈەننى تىجەپ قالالمىغانلىقىغا كۆڭلىنى بۇنچە يېرىم قىلىپ كەتكىنىگە قاراپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم.
ــ خاتىرجەم بولىڭە، 100 كويلۇق سومكا ئالسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ ئېلىڭ بوپتۇ، سىز ئەسلى ئۇنىڭدىنمۇ ئېسىل سومكىلارنى ئېلىشقا تىگىشلىك. مانا مېنىڭدەك ئېرىڭىز بار. قاراڭ، مەن يەرنىڭ ئۈستىدە شۇنداق بەردەم تۇرۇپتىمەن، تېخى قەبرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىم يوق. ئاستىمدا شامال ئۆتۈشۈپ تۇرسىلا، سىزنى، ئوغلىمىزنى يوققا زار قىلمايمەن. يىغدۇق، تىجىدۇق، يا مىليونىر بولمىدۇق، يەنىلا شۇ گەدەندە قەرز. بىزمۇ ياشىغاندېكىن ئادەمدەك ياشايلى. قىزىل رەقەم دېگەن بىزدىلا ئەمەس، ئامېرىكىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى باي دۆلەتتىمۇ يېتىپ ئاشقۇدەك بار ئىكەن. كۆڭلىڭىزنى بىسەرەمجان قىلىپ نېمە قىلىسىز؟ ئالغان نەرسىڭىزگە، قىلغان سودىلىقىڭىزغا رازى بولىڭە.
ــ ئۆيۈمنىڭ تۈۋرىكى، يۈرىكىمنىڭ بېغىشىغۇ سىز،ــ ئايالىم خۇش بولۇپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قېشىمغا كېلىپ مۈرەمنى تۇتتى، ئاندىن قولىنى مۈرەمدىن سېرىلدۈرۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ قولتۇقۇمنى غىجىقداشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى پەملەپ، كاپپىدە قولىنى تۇتىۋالدىم. ئايالىم شەيتانلىق بىلەن پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى.
مەن ئايالىمنىڭ قولىدىن يېتىلىگىنىمچە كومپيۇتېر بار ئۆيگە ئېلىپ كىردىم:
ــ ئۇ ئىشلارغا كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ نېمە قىلىسىز؟ يۈرۈڭ، مۇنبەردە بىر ياخشى ھېكايە بار. ئوقۇپ بىر ھوزۇرلىنىۋېلىڭە.
ــ بولىدۇ، ئەمدى نەگە ساياھەتكە بارىمىز؟
ــ ئاۋۋال غۇلجىغا، ئاندىن ئۈرۈمچىگە، ئاخىرىدا يەنە ئىستامبۇلغا.
ــ غۇلجا؟ بىز قاچانمۇ غۇلجىغا بارارمىز نەسىرۇللا؟ ئىلى دەرياسىنى بەكلا كۆرگۈم بار ئىدى،ــ غۇلجىنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن ئايالىم تېخىمۇ خۇش بولۇپ كەتتى.
ــ چوقۇم بارىمىز، يازدا بارىمىز. سىزگە ئۆز قولۇم بىلەن ئالما ئۈزۈپ بېرىمەن.
ــ قەرزىمىز تۈگىسىلا غۇلجىغا قاراپ ئۇچىمىز ئەمىسە ھە، گېپىمىز گەپ جۇمۇ، يېنىۋالسىڭىز تۆرەم دېمەيمەن.
ــ خۇدا خالىسا قەرزىمىز تۈگىمىسىمۇ بېرىۋېرىمىز. قانچىلىپ پۇل كەتمەكچى ئۇ يەرگە.
مەن كومپيۇتېرنى ئېچىپ مۇنبەرگە كىردىم دە، بەرگىيەنىڭ «ئىھ، خىرۇستال قىز» دېگەن ئەسىرىنى ئېچىپ بەردىم. ئايالىم بەرگىيەنىڭ باش سۈرىتىگە قاراپ كىچىك بالىدەك كۈلۈپ كەتتى:
ــ ۋۇي نەسىرۇللا، قىزىق، بۇ رەڭسىز قىزنىڭ كۆزى مىدىرلايدىكەنغۇ؟
ــ ھەئە، ئۇ سىزگە سالام بېرىۋاتىدۇ.
ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بەرگىيەخان،ــ ئايالىم شەيتانلىق بىلەن بەرگىيەنىڭ باش سۈرىتىگە قاراپ كۈلگىنىچە سالام بەردى،ــ بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم، ئەمىسە مەن باشلاپ كەتتىم، سىز چىقىپ چىراقلارنى ئۆچۈرىۋېتىڭ.
ئايالىم شۇ تۇرقىدىمۇ مېھمانخانا ۋە ئاشخانىدىكى توكنى بىكاردىن بىكار ئىسراپ قىلىۋاتقان چىراقلارنى ئويلاۋاتاتتى.
مەن چىقىپ چىراقلارنى ئۆچۈرىۋېتىپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كۈندۈزى ئويناپ ھېرىپ كېتىپ ئۇخلاپ كەتكەن ئوغلۇمنىڭ ئورنىنى ئوڭشاپ قويۇپ، بىر پارچە ژۇرنالنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم. بىرەر يېرىم سائەت ئۆتە – ئۆتمەيلا مەنمۇ بۇخاراغا سەپەر قىلدىم. (توقسۇن شىۋىسى، ئۇخلاپ كەتتىم دېمەكچى).
«ئىھ، خىرۇستال قىز» ئايالىمغا بولۇپ بەردى. ئەتىگەن ناشتىدىن كېيىنلا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغان ئايالىم سائەت 11 بولۇپ كەتسىمۇ تاماق ئەتكىلى چىقمايۋاتاتتى. قارىغاندا بۈگۈنمۇ «ئاق پولو» يەيدىغاندەك قىلاتتۇق. مەنمۇ ئۆزۈمنى سوراپ گۈرۈچ دۈملىگەچ تۇردۇم. قانداق قىلاي؟ «ئىھ، خىرۇستال قىز»نى ئايالىمغا ئۆزۈم تەۋسىيە قىلدىم ئەمەسمۇ؟ ئوقۇۋەرمىسۇنمۇ؟ بەرەڭگىنى ئاقلاپ، توڭلاتقۇدىكى گۆشنى سۇغا چىلاپ قويۇپ ئايالىمنىڭ قېشىغا كىردىم. مېنىڭمۇ تاماق جەھەتتىن قىلالايدىغىنىم پەقەت شۇنچىلىكلا. ئايالىم مېنىڭ قېشىغا كىرگىنىمنىمۇ تۇيماي كومپيۇتېرغا تىكىلگىنىچە ئولتۇراتتى. كۆزىدە ياش ئەگىيتتى. دېمەك ئۇ يىغلىغان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا دەخلى قىلماي ئۇنىڭ قېشىدا بىر دەم تۇردۇم. بىر چاغدا ئوغلۇم ۋارقىرىدى:
ــ ئاپا، پولو قاچان پىشىدۇ؟ قورسىقىم ئېچىپ كەتتى.
ئايالىم شۇندىلا كومپيۇتېرنىڭ سائىتىگە قاراپ چۆچۈپ ماڭا قارىدى:
ــ ۋۇي، سائەت 11 دىن ئېشىپ كېتىپتىغۇ، نېمە؟ مۇشەررەپ يەنە ئاق پولو يەمدىكەن؟ــ ئايالىم ئورنىدىن تۇرغاچ سورىدى. بايا ئۇنىڭ كۆزىدە ئەگىگەن ياش ئەمدى لۆممىدىلا تېشىغا تەپتى.
ــ يىغلاپسىزغۇ؟
ــ يىغلىدىم شۇ،ــ ئايالىم شۇنداق دەپلا ئۆيدىن چىقتى. مەنمۇ كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ ئاشخانىغا چىقتىم.
ئۈچ كۈندىن بېرى ئايالىمنىڭ نەچچە قېتىم يىغلىغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىدىكى پەزىلەتنىڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدىغان يېرىدە ئۆزىنى بېسىۋالالماي، قولۇمغا ئېسىلغىنىچە يىغلاپ كەتتى. ئايالىمنىڭ كۆزى ياشلىق ئىدى. نامازلارغا بېرىپ قالسىمۇ يىغلاپ تۆكۈلۈپ كەتكىلى ئارانلا تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۆيىمىزدە يىغلىشى تېخى تۇنجى قېتىملىقى ئىدى. ئۇنىڭغا بۇ ئەسەرنى تەۋسىيە قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلىپمۇ قالدىم. ئۇنى بۇنچىلىك يىغلاپ كېتەر دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن.
نەچچە كۈن ئۆتۈپ بەرگىيەنىڭ چ چ سىغا خەت يازدىم: (ھە راست، ئۆتكەندە بەرگىيەگە چ چ نى نومۇرىنى سوراپ تولا ئۇچۇر يېزىپ ئاخىرى ئۇنى چ چ رىمغا قوشۇۋالدىم. ئەگەر سۆيۈنچە بەرسەڭلار سىلەرگىمۇ دەپ بېرىمەن، لېكىن بەرگىيەگە مېنىڭ دەپ بەرگەنلىكىمنى دەپ قويماڭلار ھە)
ــ بەرگىيە، قىساس ئالىمەن، سىزدىن قىساس ئالىمەن. مەن ئايالىمغا «توي قىلغاندىن كېيىن كۆزىڭىزدىن بىر تامچىمۇ ياش ئاققۇزمايمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم. سىز ئايالىمنى ئۈچ قېتىم يىغلاتتىڭىز، ئايالىمنىڭ كۆزىدىن ئاققان ھەر تامچە ياشنىڭ قىساسىنى تارتىسىز.
ئۇزاق ئۆتمەيلا بەرگىيە جاۋاب قايتۇردى:
ــ «دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ» دەپتىكەن، قارىغاندا مەن دوستلۇققا يارىغاندەك قىلىمەن. قېنى ئېيتىڭچۇ، مەندىن قانداق قىساس ئالاي دەۋاتىسىز؟ غۇلجىغا كېلىپ مېنى ئۆلتۈرىۋەتمەيدىغانسىز؟
ــ سىزنىمۇ يىغلىتىپ (يىغلىغان چىراي ئىپادىسى)
ــ بولىدۇ، بىراق مېنى يىغلىتالمىسىڭىز سىزنى دوستلۇققا يارىمايدىكەن دەپ بىلىمەن ھە.
&**************************************************************
بۈگۈن 2012 – يىل 2 – ئاينىڭ 14 – كۈنى. بۈگۈن ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى. بۇ بايرام گەرچە توي قىلغىلى سەككىز يىلدىن ئاشقان بىزدەك كونا ئەر – خوتۇنلار ئۈچۈن ۋاي دەپ كەتكۈدەك خاتىرە كۈن ھېسابلانمىسىمۇ، بىراق يەنىلا يارىشىقىنى قىلىپ، ئۆيدە بىر ۋاق ئوبدان تاماق ئېتىپ، مەن ئايالىمغا بىر دانە ئەينەك، ئايالىم ماڭا بىر جۈپ پايپاق سوۋغا قىلىپ دېگەندەك ھەرھالدا شۇنچىلىك ئۆتكۈزگەن بولدۇق. بىراق سىرتتىن كىرگەن بۇ كەلگۈندى بايرامنىڭ بۈگۈنكى داغدۇغىسىنىڭ نېمىسىنى ئېيتاي؟ دېرىزىدىن پەسكە قارىسام ئولتۇراق رايوندىكى جۈپ ــ جۈپ ئەر – خوتۇنلار، ئاندا – ساندا قىز – يىگىتلەر گاھى بىر - بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بايرام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كىرىپ كېتىشىۋاتقان، گاھى ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقىۋاتقان ئىدى. ئولتۇراق رايوننىڭ ئەتراپىدىكى تۆت رېستۇراننىڭ ھەممىسىنىڭ چىراقلىرى يېنىپ كەتكەن ئىدى. ئايالىم تېلېۋىزوردا بېرىلىۋاتقان مېكسىكا فىلىمىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكىلى خېلى بولدى. ئوغلۇم بولسا قۇراشتۇرما ئايرۇپىلان ياساش بىلەن ئاۋارە. قارىغاندا كومپيۇتېر ماڭا قالغاندەك قىلاتتى.
چ چ نى ئاچتىم. «تىكەن قۇش» مېنىڭ چىققىنىمنى كۆرۈپلا خەت يازدى:
ــ بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. خۇشال ئۆتكۈزدىڭىزلەرمۇ؟
ــ سىزلەرچۇ؟ــ مەن سوئال ئارقىلىق جاۋاب بەردىم.
ــ بوپ قالىدۇ، ياش بۇ يەرگە كەلگەندە نېمە رومانتىكىلىق ئىكەن ئۇ؟ كەچلىك بازارغا چىقىپ پۇرچاق ئېشى ئىچىپ كىردۇق شۇ،ــ ئۇنىڭ خاراكتىرىدىنمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.
ــ سىز رومانتىكىلىققا ئەھمىيەت بېرەتتىڭىزغۇ؟ــ ئۇنىڭغا بۇرۇنقى ۋاقتلارنى ئەسلىتىشنى خالىمايتتىم. بىراق بۈگۈن نېمە بولدۇمكىن شۇ كۈنلەرنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىپ، ھېسسىيات بىلەن ئەقىل ئوتتۇرىسىدىكى، مۇھەببەت بىلەن قانداقتۇر بىر خىل ئەركەكلەرگە بىخاس بولغان مۇھەببەتتىن ئەندىكىش، مۇھەببەتتىن قورقۇشتەك سۆيگۈ تەھلىكىسىگە دۇچار بولغان شۇ قارا ھېجران كۈنلىرىنىڭ قامالىدىن قۇتىلالمايۋاتاتتىم.
ــ ھېلىمۇ يادىڭىزدا بار ئىكەن ھە، توغرا، مەن بۇرۇن رومانتىكىلىقنى ياخشى كۆرەتتىم، بىراق ھازىر ھەقىقىي بىر رىئالىزمچىغا ئايلاندىم. قانداق، پىشىپ يېتىلىپتىمەنمۇ؟
ــ رومانتىكىلىقتى تەرك ئېتىپ رىئال تۇرمۇش كونتىكىسىغا يۈزلىنىش پىشقانلىقنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
ــ ئەجەبا سىز شۇنداق قارىمامسىز؟
ــ بەلكىم مەن تېخى پىشىپ يېتىلمىگەندىمەن.
ــ نەسىرۇللا، ماۋۇ گېپىڭىز يالغانچىلىق كاتىگورىيىسىگە كىرىدىغۇ دەيمەن. ئەمەلىيەتتە سىز مەندىن بۇرۇن پىشىپ بولغان.
ــ نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟
ــ چۈنكى مەن رومانتىكىلىقنى ئىستەك قىلغان شۇ كۈنلەردە سىز ئاللىقاچان رومانتىكىلىقنى تەرك ئېتىپ، رىئالىزمچىغا ئايلىنىپ بولغان ئەمەسمۇ؟
ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمىزدىكى مېنىڭ شۇ خىل مۆتىدىل پوزىتسىيەمگە قارىتىپ دارىتىملاپ دەۋاتقىنى ئېنىق.
ــ ئەمەلىيەتتە شۇ چاغلاردا مەنمۇ خېلى رومانتىك ئىدىم. 2000 – يىلى 2- ئاينىڭ 14 –كۈنى ئېھتىمال شۇ چاغلاردىكى ئەڭ رومانتىك كۈنۈم بولسا كېرەك.
بۇ كۈننى زۇھالىيەنىڭ ئېسىگە مەڭگۈ سالماسلىقنى نىيەت قىلغان ئىدىم ھەم شۇنداق قىلىۋاتاتتىم. بىراق دەل 12 يىل بۇرۇنقى شۇ قېتىملىق ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىدىكى ئىزتىراپلىق ئەسلىمىلەر ئەقلىمنى كونترول قىلىپ، ھېسسىيات ئاتلىق ئېزىتقۇغا ھەمدەم بولۇپ مېنى تىزگىندىن چىقىرىشقا ئۇرىنىۋاتاتتى.
ــ ئايالىڭىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەنمېدىڭىز؟
ئارىنى ئېغىر سۇكۇنات قاپلىدى. ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى، توغرىسى شۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئاشكارىلىسام بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بىلەلمەي، مائۇسنىڭ كونۇپكىسىنى مەقسەتسىز چىكىلداتقىنىمچە ئولتۇرۇپ كەتتىم. خىيال كەپتىرىم ئاللىقاچان يۈرىكىمنى ئېلىپ 12 يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈنگە ئۇچۇپ كەتتى.
مەكتەپ پۈتتۈرگىلى بىر يېرىم يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بىراق زۇھالىيەنى پەقەتلا ئۇنتىيالمىدىم. ئۇنى ئۇنتۇشۇممۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى خۇددى تاھىرنى ساندۇققا سولاپ باش ئەگىم ئېقىنىغا تاشلىۋەتكەندەك يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر، تولىمۇ چوڭقۇر ئازاب ئېقىنلىرىغا غەرق قىلغان ئىكەنمەن. سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي. ئۇ بولسىمۇ قورقۇنچاقلىق. بەلكىم تۇرپان بىلەن توقسۇن ئارىلىقىدىكى 70 كىلومېترلىق ئارىلىق بەكلا يىراق بىلىنگەندۇ، ئەتىمالىم ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئارىلىقى ماڭا ئۇنىڭدىن ئۆتە يىراق، ئۆتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يىراق بىلىنگەندۇ، ئىشقىلىپ مەن قورقتۇم، ئۇنىڭ ھىسسىياتىنى ئالداپ قويۇشتىن قورقتۇم، ئۇ ماڭا ماقۇللۇق بىلدۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزۈمنىڭ خىزمىتىدىن ۋايىم يەپ تۇرغان ۋاقتىمدا، ئۇنى يۇرتۇمغا ئېلىپ كېلىپ ئىستىقبالىغا ئولتۇرۇپ قويۇشتىن قورقتۇم. چۈنكى ئەينى ۋاقتتا ناھىيە ئاتلاپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تەس ئىش ئىدى. توقسۇندەك ھەممە ئورۇندا شىتات ئېشىپ – تېشىپ تۇرغان ناھىيىدە تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ چاغدا بىز ئەمدىلا 18-19 ياشقا كىرگەن تولىمۇ نادان، مۇھەببەتنى تولىمۇ يۈزە، ئاددىي چۈشىنىدىغان چاغلىرىمىز ئىدى. بۇ مەزگىل ئادەمنىڭ ھېسسىياتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن توختاۋسىز تىپىرلاپ، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ۋاقتلىرى ئىدى. ۋەھالەنكى بىز بولساق ئوقۇشنى شۇنچە بالدۇر ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەمىئىيەتكە، خىزمەتكە چىقىش ئالدىدا تۇراتتۇق. مۇھەببەت بىزگە كۈلۈپ بېقىۋاتقان شۇ كۈنلەردە ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ئوغۇللارنىڭ قىز ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قېلىشىمىزنى ئاشكارە - يوشۇرۇن ھالدا ئىشارە قىلىشاتتى. بەزى ساۋاقداشلىرىمىز مۇھەببەتلىشىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى. بىراق مەن ئۆزۈمدىكى مۇھەببەتكە بولغان يۈزەكى تونۇش بىلەن ھەددىدىن زىيادە ئىچ مىجەز قوشۇلۇپ ھەممىگە سۈكۈت بىلەن، ئىچىمگە يۇتۇش بىلەن جاۋاب بېرىدىغان بولۇپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن. بىر قانچە بالا مەندىن يۈرەكلىك ھالدا زۇھالىيەگە تەلەپ قويۇپ ئۇنى قوغلىشىپمۇ يۈردى. بىراق ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش بىر كىم بىلەن يۈرمەي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ كەتتى. مەنمۇ ھەم ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى ھەممىگە بەرداشلىق يۈرىكىمگە باغاشلاپ توقسۇندىكى تاغلىق كەنتىمگە كەتتىم.
يۈرەكنىڭ نېمىشقا توختىماي تىپىرلايدىغانلىقىنى، نېمىشقا توختىماي قان يۇتۇپ، قان پۈركۈيدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان ۋاقتىم بولغاندا يېڭى ئەسىر كىرىپ كەلدى. توقسۇندىكى قىز ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئالدى توي قىلىشقا باشلىدى. يېڭى ئەسىردىكى ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى يېتىپ كەلگەندە بولسا ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ تەنھا قېلىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلىپ يەتتىم.
2000– يىلى 2- ئاينىڭ 13 –كۈنى كەچ ئۇيقۇدىن بىدار ھالدا ياتىمەن. كۆز ئالدىمدىن زۇھالىيەنىڭ كارىز سۈيىدەك تىنىق كۆزلىرى كەتمەيتتى. بىردىنلا ئۇنى كۆرۈش ئىستىكى قوزغالدى. بۇ ئىستەك بارغانسېرى كۈچىيىپ مېنى ئارامىمدا قويمايتتى. ئاخىر ئەتە ھېچنېمىگە قارىماي تۇرپانغا ـــ تەكبازارغا بېرىشنى قارار قىلدىم.
چۈشكە يېقىن تۇرپاننىڭ يار يېزىسىغا يېتىپ كەلدىم. يار يېزىسى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدىغان 50 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىسى بار، تۇرپان ۋىلايىتى بويىچىلا ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ بويىچىمۇ ئەڭ چوڭ يېزىلارنىڭ بىرى ئىدى. تەكبازار يار يېزىسىنىڭ 15 كىلومېتر جەنۇبىدىكى چوڭ بىر بازار ئىدى. مەن تەكبازارغا بېرىپ باقمىغان ئىدىم. شەھەر ئىچىگە كىرمەيلا تەكبازارغا بارىدىغان بولكىۋايغا چىقتىم. يولغا چىقىپ بولۇپلا ئالدىراپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. چۈنكى شەھەرگە كىرىپ سوۋغا ئېلىۋېلىشىم كېرەك ئىدى. باشقا نەرسىنىڭ كارى چاغلىق، بىر تال ئەتىرگۈل ئېلىشىم كېرەك ئىدى. «ھەي، بولدىلا، بۈگۈنكىدەك كۈندە تەكبازاردىمۇ ئەتىرگۈل باردۇ» دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ خاتىرجەم بولدۇم. قورساق ئېچىقى بىلەن تەكبازارغا يېتىپ كەلدىم. بۇ يەردە خېلى ئوبدانلا بازار بولىدىكەن. تاماق يەپ بولۇپ بازار ئايلانغىلى چىقتىم. تولىمۇ ئەپسۇس، تەكبازارلىقلار بۈگۈننىڭ ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ ياكى بۇ بايرامدا ئاشىقلار مەشۇقلىرىغا ئەتىرگۈل سوۋغا قىلمامدۇ بۇنى بىلمىدىم، بازارنى قېزىۋەتكەن بولساممۇ، ئەتىرگۈل تۇرماق، بىرەر تال راست گۈلمۇ تاپالمىدىم، پەقەتلا بارى ئۆزى چىرايلىق، بىراق پۇرىقى يوق سۈنئىي گۈل ئىدى. كۈن غەربكە قىيسىيىپ كېتىپ باراتتى، شەھەرگە كىرىپ ئەتىرگۈل ئېلىپ كىرىشكە كەچ بولۇپ كېتەتتى. كەچ بولغاندا ئۆيىگە بېرىپ باقمىغان بىر قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىشنىڭ، يەنە كېلىپ ئەتىرگۈل كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ ئۆزى تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش ئىدى، گەرچە بىز ساۋاقداش بولساقمۇ. ئامال يوق ماگېزىندىن بىر دەستە سۈنئىي گۈل، بىر دانە خاتىرە ۋە ھېسابلىغۇچ سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ ماشىنىغا چۈشۈپ زۇھالىيەنىڭ مەھەللىسىگە قاراپ يولغا چىقتىم. زۇھالىيەنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇنىڭ ئۆيى تەكبازارنىڭ خانپاشا دېگەن مەھەللىسىدە ئىكەن. تەخمىنەن تۆت – بەش كېلومېتر ماڭغاندىن كېيىن ئاخىرى خانپاشاغىمۇ يېتىپ كەلدىم. زۇھالىيەنىڭ ئاتا – ئانىسى خانپاشا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى. مەن مەكتەپنىڭ ئالدىغا كېلىپ يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ياغاچ قىرىپ ئولتۇرغان كىشىگە سالام بەردىم:
ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،__ ئۇ كىشى ماڭا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ قارىدى.
ــ ئابلىمىت مۇئەللىمنىڭ ئۆيى قەيەردىكىن؟
ــ ئەنە ئاۋۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان ياغاچ دەرۋازىلىق ئۆي شۇ،ــ ئۇ كىشى قولى بىلەن يولنىڭ ئېغىزىدىلا تۇرغان ئۆينى ئىما قىلىپ كۆرسەتتى. مەن رەھمەت ئېيتىپ ماڭدىم. بىراق ئۇ ئۆيگە ئەمەس، بەلكى يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى «خانپاشا باشلانغۇچ مەكتەپ»كە قاراپ ماڭدىم.
زۇھالىيەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىمدىلا تۇرغىنى كۆرۈپ يۈرىكىم سېلىپ كەتتى. ئەسلى خۇش بولۇشۇم كېرەك ئىدى. چۈنكى مەن مۇشۇ ئۆيدىكى قىز بىلەن كۆرۈشكىلى ئالاھىدە توقسۇندىن كەلگەن ئىدىم. بىراق ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە گويا ئۇ ياغاچ دەرۋازىنى چەكسەم بولمايدىغاندەك، چەكسەممۇ كىرسەم بولمايدىغاندەك ئۇ ئۆيدىن بارا – بارا يىراقلاپ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتىم. مەكتەپ خېلى كەڭتاشا ئىكەن. تەتىل مەزگىلى بولغاچقا بىر قانچە بالىنىڭ ئۇ يەردە توپ ئويناۋاتقانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئادەمنىڭ تايىنى يوق ئىدى. زۇھالىيە ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى بولۇپ ئۈچەيلەن بۇ مەكتەپتە ئىشلەيتتى. مەن زۇھالىيە تالاي قېتىم باسقان مەكتەپ يوللىرىنى خۇددى ئۇنىڭ ئاياق ئىزىنى تاپماقچى بولغاندەك تەكرار – تەكرار بېسىپ ئۆتتۈم، مەكتەپ ھويلىسىدىكى مەن بارالىغۇدەك جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ كەلدىم. ئۆزۈمنى خېلى توختىتىۋالغان بولساممۇ، بىراق مەكتەپ دەرۋازىسىدىن 50 مېتر نېرىدىكى زۇھالىيەنىڭ ئۆيىگە كىرىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە جۈرئەت ئاتا قىلالمىدىم. مەن يەنىلا بۇرۇنقى مەن ئىكەنمەن. شۇ قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز نەسىرۇللا پەقەتلا ئۆزگەرمەپتۇ. قۇياش ئاللىقاچان غەربكە قىيسىيىپ بولدى. قانداق قىلاي؟ ئىشىكنى نېمە دەپ چېكەي، ئىشىكنى كىم ئاچار؟ ئاتىسى ياكى ئاپىسى ئېچىپ قالسا زۇھالىيەنى ئىزدەپ كەلگەن دېگىلى بولامدۇ؟ ئۆزى چىقىپ قالسىچۇ؟ ئۇنىڭدا ئوبدان بولاتتى. ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتىپ بولۇپ، قولۇمدىكىنى بېرىپ قويۇپلا پىرتتىدە تىكىۋەتسەم بۇمۇ بولىدىغان ئىش. ئۇلارنىڭ ئۆيى نېمانداق مەھەللىنىڭ كۆزىگىلا جايلاشقاندۇ؟ باشقىلار نېمە دەپ ئويلاپ قالار؟ بۇ ئادەملەر كەچ كىرىپ كەتسىمۇ نېمىشقا ئۆيلىرىگە كىرىپ كەتمەيدىغاندۇ؟ ئەستاخپۇرۇللا، ئىت ھاۋشىيدىغۇ، مەكتەپنىڭ ئىچىدە ئىت بار ئوخشىمامدۇ؟ زۇھالىيەنىڭ ئىتى تالىمىغان تەقدىردىمۇ، مەكتەپنىڭ ئىتى تالاپ قويىدىغان ئوخشايدۇ، ئەمدى بۇ يەردىنمۇ ئاستا چىقىپ كېتەي. شۇ تەگسىز خىياللار بىلەن مەكتەپتىن چىقىپ كەتتىم. مەكتەپنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يوغان بىر جۈجەم دەرىخى بار بولۇپ، دەرەخنىڭ تىگىدە بىر خەنزۇ ئاچقان ئامبۇلاتورىيە بار ئىكەن. شۇ ئامبولاتورىيەنىڭ يېنىدا چوڭ بىر كۆۋرۈك بولۇپ، تىگىدە سۈپسۈزۈك سۇ ئېقىىۋاتاتتى. مەن كۆۋرۈكتىن پەسكە چۈشۈپ قولۇمنى يۇدۇم، شۇندىلا قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلدىم. لېكىن شۇ تاپتا تاماققا ئىشتىھايىم يوق، يەنە كېلىپ بۇ يەردە ئاشخانىمۇ يوق ئىدى.
كەچ كىرىپ كەتتى. كەچ بىلەن تەڭ سوغۇقمۇ چۈشۈشكە باشلىدى. بۇنچە كەچ قالماسمەن دەپ يالاڭ نوچىلىق قىلىپ كېلىپتىكەنمەن. بارا – بارا سوغۇق كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. كوچىدا ئادەملەرمۇ ئازىيىشقا باشلىدى. بىراق بۇنداق كېچىدە زۇھالىيەنىڭ ئۆيىگە كىرىش تېخىمۇ تەس ئىدى. ياغاچ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا قانچە قېتىم كېلىپ، دەرۋازا يوچۇقىدىن قانچە قېتىملاپ ھويلىنى مارىلىغىنىمنى بىلمەيمەن. بىراق بىلىدىغىنىم قانچە قېتىم بارغان بولسام شۇنچە قېتىم ئىشىكنى چېكەلمەي قايتىپ كەلدىم. توڭلاپ بولالماي قالغان ۋاقتىمدا كۆۋرۈك يېنىدىكى خەنزۇنىڭ ئامبۇلاتورىيىسىگە كىرىپ ئازراق ئىسسىنىۋېلىپ قايتىپ چىقاتتىم.
تۈن يېرىملاشتى. ئەمدى زۇھالىيەنىڭ ئىشىكىنى چېكىشتىن ۋە ئۆيىگە كىرىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتىم. ئەمدى تېزراق ئامال تېپىپ بۇ يەردىن كېتىۋالمىسام، تاڭ ئاتقۇچە خۇددى سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاقتەك مەن ئۈچۈن مېھرى ئىسسىق، بىراق ھاۋاسى سوغۇق بۇ مەھەللىدە توڭلاپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. نېمە ئامال بار بۇ يېرىم كېچىدە؟ بۇ خانپاشادا مەن ئۆيىگە كىرىشكە پېتىنالمايدىغان مۇشۇ قىز ساۋاقدىشىمدىن باشقا تونۇشۇممۇ يوق ئىدى. مەيلى تەكبازارغا بولسۇن، مەيلى تۇرپان شەھىرىگە بولسۇن ماڭىدىغان ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى توختاپ كەتكەن ئىدى. فېۋرالنىڭ ئىزغىرىن شامال بىلەن ئۇرۇلىۋاتقان ئاچچىق سوغۇقى قورساقنىڭ ئاچلىقى بىلەن قوشۇلۇپ غال – غال تىترىتىۋەتتى. مەن ئاخىرقى قېتىم زۇھالىيەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دەرۋازىنىڭ تىگىدىن سۇلياۋ خالتىنى كىرگۈزىۋېتىپ چوڭ يولغا چىقتىم. تەخمىنەن بىر سائەت ماڭغاندىن كېيىن تەكبازارغا كېلەي دېگەندە بىر ماشىنا چىراق تارتىپ كېلىپ قالدى. مەن زۇھالىيەنىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىغان بولساممۇ، بىراق بۇ ماشىنىنى توسۇشقا جۈرئەت قىلدىم. ماشىنا توختىدى. بۇ بىر خەنزۇنىڭ ماشىنىسى ئىكەن. ئۇ تۇرپانغا بارىدىكەن. مەن كىرا قىلىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلدىم. ئۇ «30 يۈەن بەر» دېدى. ئاخىرى زۇھالىيەنىڭ يۇرتىدىن يىگىتلىك جۈرئىتىمگە داغ چۈشۈرگەن ھالدا شەھەرگە كېتىۋالدىم.
مەن زۇھالىيەگە شۇ ئىشلارنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردىم.
ــ كەچۈرۈڭ نەسىرۇللا، ئۇ ئىشلارنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەن. مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك بەدەل تۆلەپسىز، ئالدىڭىزدا خىجىلمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ كۈنى بىز ئۇ ئۆيدە يوق ئىدۇق. بىز تەتىلدە شەھەردىكى ئۆيىمىزدە تۇرىۋاتاتتۇق. بىراق ھويلىدىن تېپىۋالغان ھېسابلىغۇچنى ھازىرمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن. ئەسلىدە ئۇ سىزنىڭ سوۋغىتىڭىز ئىكەندە. بىز تەتىلنى تۈگىتىپ كەلگەندە ھويلىدا پەقەت مۇشۇ ھېسابلىغۇچلا بار ئىكەن. بەلكىم گۈل بىلەن خاتىرىنى ئۆيىمىزدە ئولتۇرۇۋاتقان تۇغقانلار ئېلىۋالغان بولسا كېرەك.
ــ نېمە؟ سىز يوقمىدىڭىز؟ــ ئۆزۈمنى يەنە بىر قېتىم ئەخمەق بولغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم،ــ يېرىم كېچىگىچە ئۇ يەردە باشقا بىرىنى ساقلاپ تۇرۇپتىمەن دە.
ــ ھەي، ئاخماق يىگىت، ئىككىلەنمەي كىرىۋەرسىڭىز بولمامدۇ؟ بىز خانپاشالىقلارنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟ مەن بولمىساممۇ، ئىززەت – ئىكرام بىلەن سىزنى كۈتىۋالاتتى ئەمەسمۇ؟ بىكار جاپا تارتىۋاپسىز، ھېچ بولمىغاندا كىچىك بالىدىن بىرەرىنى ئۆيگە كىرگۈزسىڭىز بولمامدۇ؟ باشقىلاردىن تەپسىلىي سوراپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟ تېلېفون نومۇرىمىزنى بولسىمۇ دەپ بېرەتتى. سىزنى شەھەردىكى ئۆيگە تەكلىپ قىلاتتىم ئەمەسمۇ؟
ــ مەن ئۆزۈمگە ئىشەنچ قىلالمىدىم. قانداق ئىشكىن بىلمىدىم. سىزدىن قانچە يىراقلاشسام سىزگە بولغان مۇھەببىتىمگە شۇنچە ئىشەنچ قىلاتتىم. بىراق سىزگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى ئىشەنچىم شۇنچە سۇسلىشىپ باراتتى. يىگىتلىكىمدىن نەپرەتلەنگەن شۇ كۈنلەرگە لەنەت.
ــ مەن ھېسسىيات جەھەتتىن سىزگە كۆپ قەرزدارمەن، شۇ كۈنلەردىكى ئىش ئۇقمايدىغان، ھە دېگەندە رومانتىكىلىققا، قىزغىنلىققا ئىنتىلىدىغان زۇھالىيەنى ئەپۇ قىلىڭ. سىزنىڭ جۈرئەتسىزلىكىڭىزنى، يىگىتلىك جاسارىتىڭىزگە كۈچ بېرەلمىگەن شۇ بىئامال تۇرقىڭىزنى بىپەرۋالىق، مىشچانلىق دەپ چۈشەنگەنلىكىم ئۈچۈن مەنمۇ سىزدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم. سىزنىڭ مېنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئەمما ئۆزۈمنى يىگىتلىك قىيامىغا يەتمىگەن بىر ئادەمگە مايىل قىلىشقا مەجبۇر قىلالمىغان ئىدىم. سالىۋات، نەسىرۇللا، شۇ ئىشلارغا، شۇ كۈنلەرگە سالىۋات.
ــ 2001 يىلى 4- ئايدا تۇرپاندا كۆرۈشكىنىمىز يادىڭىزدا بارمۇ؟ شۇ كۈنى مەن سىزدىن رەسمىي ۋاز كەچكەن ئىدىم.
ــ يادىمدا، ئەلۋەتتە يادىمدا، سىز شۇ چاغدىمۇ ماڭا خانپاشادىكى ئىشلارنى دېمەپسىز.
ــ دېيىشنىڭ قىلچە زۆرۆرىيىتى يوق ئىدى. شۇ چاغدا سىزگە تۇيۇقسىز چاقىرغۇ كېلىپ قالدى. سىز قاراپ بېقىپ «يىگىتىمدىن كەپتۇ» دېدىڭىز، ئەمەلىيەتتە بۇ سىزنىڭ ماڭا «مەن يۈرىۋاتىمەن، ئەمدى مەندىن يىراق تۇر» دېگىنىڭىز ئىدى. بۇ گەپنىڭ ماڭا قانچىلىك تەسىر قىلغىنىنى سىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. مەن سىزگە چاقىرغۇ قىلغان ئۇ يىگىتتىن قىزغىنىپمۇ كەتمىدىم، پەقەتلا ئۇ يىگىتنىڭ مەڭگۈ سىزنى سۆيۈپ قەدىرلىشىنى، سىزگە بەخت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىم.
ــ ئەگەر خانپاشادىكى شۇ ئىشلارنى دېگەن بولسىڭىز، سىزگە ئۇنداق دېمەستىم. ئەمەلىيەتتە ئۇ سىزگە دېگەن يالغان گەپ ئىدى. سىز بىلمەيسىز. مەن توي قىلغۇچە ئەزەلدىن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان. سىز بىلەن كۆرۈشكەن شۇ كۈنى سىزنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، سىزنى ھازىرمۇ شۇنداق جۈرئەتسىز، قورقۇنچاقمۇ، شۇنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن قەستەن دېگەن ئىدىم. سىزدە ئازراقمۇ ئىلگىرىلەش يوقلىقىنى بىلىپ مەنمۇ ئوخشاشلا سىزدىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. بىلەمسىز؟ ئاياللار ھەممىدىن بەكرەك نېمىگە مۇھتاج؟ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا مۇھتاج. مەن سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدىن ئۇنداق تۇيغۇنى پەقەتلا ھىس قىلالمىدىم.
++++++++++++++++++++
ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى ئۆتۈپ كەتتى. يۇرتدىشىم مۇرات مۇختەرنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسىنى تەكرار قويۇپ قويدۇم. يۈزلىرىمنى فېۋرالنىڭ ئىزغىرىن شامىلى مۇزلىتىپ، قۇلاقلىرىمغىچە قىزارتىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ دېرىزىدىن بېشىمنى چىقىرىپ يىراق غەربىي شىمالدىكى ھەيۋەتلىك قارلىق چوققىغا تىكىلگىنىمچە تەگسىز خىياللار قاينىمىغا چۆكتۈم.
ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىنىڭ كېچىسى ئاشۇنداق ئازابلىق ئەسلىمىلەرگە مۇڭداش بولۇپ ئۆتۈپ كەتتى. مېنىڭ جۈرئەتسىزلىكىم ئۆزۈم تۇنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن قىزنى ئەنە شۇنداق مەندىن يىراقلاشتۇردى. ئايالىم سۆيگۈ قەسىرىمنى ئىستىلا قىلغان شۇ دەقىقىدىن ئېتىبارەن، ئايالىم ئۈچۈن، ئائىلەم ئۈچۈن پۈتۈن مېھىر – مۇھەببىتىمنى، قان – تەرىمنى ئاتا قىلدىم. ئەرلىك جاسارىتىم، ئەركەكلىك شىجائىتىم بىلەن نىكاھتىن ئىبارەت خىرۇستال ئوردىنى جان – جەھلىم بىلەن مۇھاپىزەت قىلىپ كەلدىم. ئايالىمنىڭ مەندىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىمەن. «تىكەن قۇش» زۇھالىيەنىڭمۇ شۇنداق مۇستەھكەم خىرۇستال ئوردىسى بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئۇمۇ ھەم شۇنداق قوغدايدۇ. مۇشۇ مىنۇتلاردا شۇ كونا ھېسسىيات ئۈنچىلىرىنى ئۆتمۈش خامىنىدا ئاسىيلىق شامىلىغا سالغىنىمدىن ئىزتىراپ چېكىمەن.
داۋامى بار...
|