داۋامى
مەن خىرۇستال ئوردىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. ماڭا ئىجازەت بېرىلدى. مەن كىردىم. بىراق چىقىش ئۈچۈن ئىشىك چېكىش يوق ئىكەن.
ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى ئۆتۈپلا ئايالىمنىڭ تەتىلى توشۇپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتى. (گەرچە بىزمۇ ئوقۇتقۇچى بولساقمۇ، بىراق بىزنىڭ تەتىلىمىز يوق ئىدى) يەنە ئالدىراشلىق كۈنلەر باشلاندى. ئايالىم خىزمەت مەستانىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنىپ مەسئۇلى بولغاچقا بالىنى يەسلىگە ئاپىرىپ ئەكىلىش تەبىئىيلا مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەنگەن ئىدى. بۇ كۈنلەر بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭمۇ تازا ئالدىراش، قاتىلاڭچىلىق ۋاقتلىرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ بىزدە ۋاقت توشقاندا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قولىنى يېتىلەپ ئېلىپ چىقىپ ئاتا – ئانىسىغا بىرمۇ – بىر تاپشۇرىدىغان، بالىلار دەرۋازىدىن چىقىپ بولغىچە قاراپ تۇرىدىغان ئىش بولمىغاندىن كېيىن، ھەر ھالدا بۇ ئىشلارغا يېتىشىپ كېتەلەيتتتىم. يەسلىمۇ مېنىڭ خىزمەت ئورنۇمغا يېقىنلا ئىدى. بۈگۈن بالىنى ئېلىپ ئۆيگە كەلسەم ئايالىم ئاللىقاچان كېلىپ بولۇپ تاماق ئېتىپ تۇرۇپتۇ. ئاشخانىغا كىرىشىمگىلا گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا ماڭا قاراپ ئېغىز ئاچتى:
ــ ھەي، نەسىرۇللا، مەن سىزگە بىر يۇمۇر سۆزلەپ بېرەيمۇ؟
ــ بولىدۇ، لېكىن كۈلدۈرەلمىسىڭىز جازا بار جۇمۇ.
ــ يا كۈلدۈرىمەن، يا خاپا قىلىمەن، قايسىسىنى قىلىشىمنى خالايسىز؟ــ سورىدى ئايالىم كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ، قارىغاندا ئۇ كۆزىنىلا ئەمەس مېنىمۇ ئوينىتىدىغاندەك قىلاتتى.
ــ يامان بولسىڭىز خاپا قىلىپ بېقىڭە، خاپا بولمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، بۈگۈن تازا بىر خاپا بولۇپ پۇخادىن چىقىپ باقاي.
ــ ئەگەر خاپا قىلالىسام مۇكاپات باردۇ؟ــ سورىدى ئايالىم قېشىنى لىككىدە ئېتىپ.
ــ نېمە؟ خاپىلىققىمۇ مۇكاپات بارمىكەن؟ــ سورىدىم ئايالىمغا قاراپ دىمىقىمنى قېقىپ.
ــ ئەلۋەتتە، سىزنى خاپىلىقتا پۇخادىن چىقىرىش ئۇنداق ئاسان ئىش بولمىسا.
ــ بولىدۇ، ئەمىسە قانداق مۇكاپات ئالغۇڭىز بار؟
ــ سىزگە ھاپاش بولغۇم بار،ــ ئايالىم قۇلىقىمغا پىچىرلاپ دېگۈدەك شۇنداق دېدى. دەپ بولۇپلا قولى بىلەن ئاغزىنى ئېتىپ كۈلۈپ كەتتى.
ــ مېنى چوڭ بولمايسىز دەيسىز، ئۆزىڭىزچۇ؟ نەرىڭىز 33 ياشقا كىرگەن جۇگان سىزنىڭ. ئۇيات، ئۇيات،ــ مەن بىگىز بارمىقىمنى يۈزىمگە ئىككى سۈركەپ، «خىجىل بولۇڭ» دېگەن مەنىدە ئىشارە قىلدىم.
ــ دېمەك، قىلالمايسىز؟ قولۇڭىزنى كۆتۈرۈڭ ئەمىسە،ــ ئايالىم جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالدى.
ــ ئاگال بىر ئېيتىڭە، مېنىى خاپا قىلالايدىغان قانداق يۇمۇركىن؟
ــ 30 يىل بۇرۇن نەسىرۇللا دېگەن بالىسىنى قۇچقىدا كۆتۈرگىنىچە بازاردا تۇرغان پەرھات چاڭجاڭنى كىشىلەر «بالىڭىز نېمانداق سەت، بەتبەشىرە»دەپ مازاق قىلغىلى تۇرۇپتۇ. پەرھات چاڭجاڭ بۇنىڭدىن ئازابلىنىپ يىغلاپ كېتىپتۇ. بىر چاغدا بانان ساتىدىغان بىر بوۋاي كېلىپ پەرھات چاڭجاڭنىڭ مۈرىسىنى شاپىلاقلاپ تۇرۇپ تەسەللىي بەرگىلى تۇرۇپتۇ: «بۇرادەر يىغلىماڭ، باناندىن نەچچە تال ئېلىپ مايمۇنىڭىزغا بېرىڭ، بىچارە مايمۇن ئاچلىقتىن تۈكىمۇ قالماپتۇ، مايمۇنىڭىزمۇ ئوڭشىلىپ كېتەر.»
ــ نېمە؟ــ ئۆزۈممۇ تۇيماي ئايالىمنىڭ پاتىڭىنى سىقىپ كېتىپتىمەن،ــ مېنى مايمۇنغا ئوخشاتتىڭىزما؟ خەپ ھە، سىزمۇ مايمۇننىڭ خوتۇنى بولغاندېكىن مەندىنمۇ ئۆتە بەتبەشىرە چىشى مايمۇن.
ــ ئۇنتۇپ قالماڭ، سۇن ۋۇكوڭنىڭ خوتۇنى يوق،ــ ئايالىمنىڭ بوينىنىڭ غىجىقى كېلىپ پىخ – پىخلاپ كۈلۈپ كەتتى،ــ يېڭىلگىنىڭىزگە تەن بېرىڭ، مانا خاپا بولدىڭىزغۇ.
بىلىپ – بىلمەي ئايالىمنىڭ قاپقىنىغا بىردەمدىلا دەسسىگەن ئىدىم.
ــ سۇن ۋۇكوڭغا ئوخشاتسىڭىز ماۋۇ بوپ قالىدۇ، بىراق سۇن ۋۇكوڭ تاشتىن تۆرەلگەن، ئۇنىڭ ئاتىسى يوق جۇمۇ؟
ــ مۇكاپاتنى بېرىۋېتىڭ.
ــ بالا قاراپ تۇرسا خىجىل بولمامسىز؟
ئايالىم ئاشخانىنىڭ ئەينەك ئىشىكىنى ئەتتى.
ــ ھەي خوتۇن، ئىزا دەيمەن. ئاۋۋال غىزا يەيمەن. ئاندىن ھاپاش قىلىپ غۇلجىغا ئاپارساممۇ ئاپىراي.
ــ ياق، زادى ھازىر ھاپاش بولىمەنغۇ تازا. نېسىدىن تەلىيىم يوق. ئاچ قورساق ھاپاش قىلسىڭىز قىزىق بولىدۇ. پەقەت ئۈچ قەدەم ماڭىسىز،ــ ئايالىم ئاشخانىنىڭ بىر چېتىدىن ئىشىك تۈۋىگىچە چامداپ چىقىپ شۇنداق دېدى،ــ ئىككى قېتىم پىرقىرايسىز، تۈگىدى.
ــ لېكىن غىجىقدىسىڭىز تاشلىۋېتىمەن.
ئايالىمنى ھاپاش قىلىپ خۇمىرىنى بېسىقتۇرماي تۇرۇپ تاماق يېگىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بەردىم. ئۇ شەيتىنىنى بېسىۋالالماي كۈلۈپ ئاشخانىغا بىر كەلدى.
ــ ئەمدى مەن بىرنى ئېيتىمەن ھە.
ــ بولىدۇ. لېكىن يامان نىيتىڭىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مەن كۈلمەيمەن، خاپىمۇ بولمايمەن.
ــ قاراپ تۇرۇڭ، كۆرەرمىز، كىم يامان؟ ئېيتتىم ئەمىسە، ھېلى ياقامغا ئېسىلسىڭىز بولمايدۇ ھە، ھە راست، سىز قانداق مۇكاپات بېرىسىز؟
ــ ئەلۋەتتە مەنمۇ ھاپاش قىلىمەن دە، بوش چاغلىماڭ بىزنى، سىزدەك بىردە يېرىم نەسىرۇللالارنى ھاپاش قىلىپ بىنادىن ئىرغىتىپ تاشلىۋەتكۈچىلىكىمىز بار.
ــ ھە دەپ تۇراي، پوغا باج ئالمىغاندېكىن، باشلىدىم،ــ مەن كانىيىمنى قىرىپ يۆتىلىۋېلىپ يۇمۇرنى باشلىدىم،ــ ئاخشام چۈشۈمدە خىزىر ئەلەيھىسسالامغا ئۇچراپتىمەن. خىزىر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «سېنىڭ بىر ئارزۇيۇڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىمەن» دېگۈدەك، مەن ئۇنىڭغا گلوبوسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئىستانبۇلنى توقسۇننىڭ قېشىغا يۆتكەپ بەرسىڭىز» دېگۈدەكمەن. خىزىر ئەلەيھىسسالام: «بۇ بەك تەسكەن، باشقا ئارزۇيۇڭنى ئېيتقىن» دېگۈدەك. مەن سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئەمىسە بەتبەشىرە خوتۇنۇمنى چىرايلىق قىلىپ بېرىڭ» دېگۈدەكمەن. خىزىر ئەلەيھىسسالام ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ: «گلوبۇسۇڭنى ئەكىلە، مەن يەنە بىر كۆرۈپ باقاي» دېگۈدەك.
گەرچە ئايالىمنىڭ شەيتىنى قىستاپ ئاران تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، چىشىنى مەجبۇرى چىشلەپ ئاغزىنى ھىممىدە يۇمۇۋالغان ئىدى.
ــ قانداق مەلىكەم، شاھزادىڭىزنى ھاپاش قىلىۋالامسىز؟ ئىرغىتىپ دەرىزىدىن تاشلىۋەتسىڭىزمۇ ياق دېمەيمەن جۇمۇ.
ــ ھىم، مۇنچىخانىغا كىرىپ ئەينەككە قارايمىز، قېنى كىم بەتبەشىرىكىن؟ــ ئايالىم گەپ قىلاي دەپ ئېغىزىنى ئۆمەللىشىگىلا پاراققىدە كۈلىۋەتتى، شۇنداقتىمۇ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي قولۇمغا ئېسىلىپ مېنى سىرتقا تارتتى.
ــ گېپىڭىزدە تۇرۇڭ ھە، ئەمدى مەنمۇ ھاپاش بولىمەن.
ــ ياق، ياق، بولمىدى، مەن يەنە بىرنى ئېيتىمەن،ــ ئايالىم كۆزىنى بىر يۇمۇپلا گېپىدىن يېنىۋالدى.
ــ ئايال كىشى دېگەنغۇ زادى گېپىدە تۇرمايدۇ، بولدى ئوينىمايمەن،ــ مەنمۇ جاھىللىق قىلىپ چىڭ تۇرىۋالدىم.
ــ ئەمىسە يېڭىلدىم دەپ قولىڭىزنى كۆتۈرۈڭ.
ــ نېمە؟ مەن يېڭىلدىمما؟ ماۋۇ گەپنى، بوپتۇ، بوپتۇ، بىر قېتىم يول قوياي، قېنى ئېيتىڭە، بۇ قېتىم رەزىل مەقسىتىڭىزگە يېتەلمەيسىز.
ــ قاراپ تۇرۇڭ، قانداق مات قىلىمەنكىن،ــ ئايالىم يەنە ئورنىغا كېلىپ يۇمۇرىنى باشلىدى. ئۇنىڭ يۇمۇر ئېيتىشىمۇ خۇددى ھېكايە ئېيتقاندەك شۇنداق كۈلكىلىك ھالەتتە ئىدى. مەن كۈلمەسلىك ھەم خاپا بولماسلىق ئۈچۈن لىۋىمنى چىڭ چىشلىدىم،ــ يۇرا دەۋرىدە ئىككىمىز ئايرۇپىلانغا چىقىپتىمىز، ئۇ چاغدا مەن شۇنداق چىرايلىق رەڭدار شاتۇتى ئىكەنمەن، سىز بولسىڭىز سېپسېمىز موزاي ئىكەنسىز. مەن ئايروخانقىزغا: «خان ئاچىڭىزغا ئىچىملىك كەلتۈرۈڭ» دېسەم، سىزمۇ مېنى دوراپ: «غوجا ئاكىڭىزغا ئىچىملىك كەلتۈرۈڭ» دەپسىز، شۇنىڭ بىلەن ئايروخانقىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئىككىمىزنى ئايروپىلاندىن تاشلىۋېتىپتۇ. مەن سىزگە: «ھەي نەسىرۇللا دېگەن كالۋا موزاي، خان ئاچىڭىز ئۇچالايدۇ، دورىغانغا تويىڭە مانا» دېگىنىمچە ئايرۇپىلاننىڭ كەينىدىن ئۇچۇپ كېتىپتىمەن.
ئايالىمنىڭ بۇ يۇمۇرىدىن ئۆزۈمنى ھەرقانچە تۇتۇپمۇ تۇتىۋالالمىدىم.
ــ ھا ھا ھا، ھەي ئاخماق شاتۇتى، مېنى دۆت موزاي دەيسىز، يۇرا دەۋرىدە ئايرۇپىلاندا شاتۇتى بىلەن موزاي بار دەڭ، ئۇ ئايروپىلاننى دىنوزاۋىرلار ياساپتىكەنمۇ؟ ھېلىقى ئايرۇخانقىزمۇ ھەقىچان ئادەم ئەمەس، يوغان بىر چىشى تاشپاقىغۇ دەيمەن. نېمانداق ماتاققا سىغمايدىغان يۇمۇر بۇ....ھا ھا...
ــ يۇرا دەۋرىنىڭ يۇمۇرلىرى مۇشۇنداق بولىدۇ. قانداق؟ كۈلدىڭىزمۇ؟ يەنە بىر ھاپاش. قېنى كەينىڭىزگە ئۆرۈلۈڭ.
ــ مەنمۇ بىرنى ئېيتىمەن، سىز گېپىڭىزدە تۇرمىسىڭىز بولىدىكەن، مەن سىزدىن قالامدىم.
ــ بوپتۇ چىدىماس، لېكىن يېڭىلىپ قالسام ھاپاش قىلمايمەن جۇمۇ. تەڭگە تەڭ بولىدۇ. يېڭىۋالسام بەش مىنۇت ھاپاش قىلىسىز.
ــ چاتاق يوق، چوقۇم. ھاپاش قىلىپ غۇلجىغا ئاپار دېسىڭىزمۇ مەندە ھېچ گەپ يوق.
پونىغۇ ئاتتىم. بىراق يادىمغا زادىلا يۇمۇر كەلمەيۋاتاتتى.
ــ پونى زەي سالماي ئېتىۋەرمەي، باشلىمامسىز،ــ ئايالىم بېشىمنى قاشلاپ تۇرۇپ كەتكىنىمگە ئىچى پۇشۇپ ئالدىراتقىلى تۇردى.
ــ تاپتىم، تاپتىم، بۇ قېتىم سېرىق يۇمۇر ئېيتىمەن.
ــ ئەپپەي نەسىرۇللا، سېرىق يۇمۇر دەيسىزغۇ، تاماق پىشىۋاتىدۇ بۇ يەردە،ــ ئايالىم ئالىيىپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ ماڭا قارىدى.
ــ باشقىسىنى تاپالمىدىم. ئېيتتىم ئەمىسە، ئىككى بەڭشە (بەنشە، جۇۋاۋا) توي قىلىپتۇ، مېھمانلار ئۇزىغاندىن كېيىن يىگىت ھۇجرىغا كىرسە كارىۋاتتا پەقەت بىر دانە گۆش قىيمىسىلا تۇرغۇدەك. يىگىت چۆچىگىنىچە «خوتۇنۇم قېنى؟» دەپ سوراپتۇ. گۆش قىيمىسى خىجىل بولغان ھالدا: «ئەسكى، كىيمىنى سېلىۋەتسە تونۇيالمايۋاتقىنىنى، ساراڭ» دېگۈدەك.
ــ ئىزا تارتمايدىغان، زادى ئەسكىغۇ سىز،ــ ئايالىم خىجىل بولغان ھالدا كۈلگىنىچە مۈرەمگە مۇشتلاپ ئۇرۇپ كەتتى.
ــ بولدى، بولدى، ئەمدى ئەسكىلىك قىلمايمەن، قاراڭ ۋاقت توشتى، مانتا پىشتى، تاماق يەيلى.
تاماق يېگەچ ئايالىمدىن سورىدىم:
ــ بۈگۈن سىزگە نېمە بولدى؟ بەكلا خۇشالغۇ سىز؟
ــ مېنى تەبرىكلەڭ، ئۆتكەن مەۋسۈمدە يەنە ئىلغار بوپتىمەن،ــ ئايالىم خۇشال ھالدا جاۋاب بەردى.
ــ ۋاھ، سىز ھەرقاچان ئىلغار خىزمەتچى، مۇنەۋۋەر ئايال جۇمۇ،ــ مەنمۇ خۇشال بولۇپ ئايالىمنى ماختىدىم.
ــ ئاغزىڭىز ئەجەب ياغلىققۇ بۈگۈن، مانتىنىڭ يېغى ئەمەستۇ؟ــ ئايالىم مېنى يالغان ماختاۋاتىدۇ دەپ قاپىقىنى سۈزۈپ دارىتمىلىدى.
ــ بىلىپ قويۇڭ، بىراۋنى ماختاش ئۈچۈن ئاغزىمنى ياغلاش كەتمەيدۇ، مانتا يېمىسەم ماختىيالمامدىكەنمەن.
ــ ماختىيالايسىز، ئەمىسە كۆپرەك يەڭ، سىز ماختىسىڭىز مەن بەك كۆپىمەن ئەمەسمۇ.
+++++++++++++++++++++++++++++
بىر نەچچە كۈن بولدى «تىكەن قۇش» ئالدىراش بولۇپ كەتكەن چېغى تورغا چىقمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىلەن قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئانچە – مۇنچە ئالاقىلىشىپ تۇردۇق. ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىدىن كېيىن ئىككىمىزنىڭلا گېپى ئازلاپ كەتتى. كۈندە دېگۈدەك ئۇنىڭ چ چ سىدىكى ئىمزا ئۆزگىرىشلىرىگە دىققەت قىلاتتىم. شۇ بىر قۇر خەت مۆرىتى كەلگەندە چ چ ئىگىسىنىڭ ھېسسىيات ئۆزگىرىشىنى، شۇ كۈندىكى كەيپىياتىنى بايان قىلاتتى. ئۇنىڭ چ چ سىدىكى ئىمزا «چىن مۇھەببەت سىزنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ.» دېگەنگە ئۆزگەرگىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن بولغان مۇھەببەتنى ياكى ھەرقانداق بىر مۇھەببەتنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم.
بۈگۈن ئەتىگەن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئىش بىجىرگىلى كەلدىم. بىنانىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەيدىن ئالدىراش چىقىۋېتىپ يېزا باشلىقىنىڭ بىر ئايال بىلەن بىللە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بىراق مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن تازا زەن سالماپتىمەن. بىراق پەلەمپەيدىن چىقىپ بولۇپ بىرسى قارا دېگەندەك ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلارغا قاراپ ساپتىمەن. ئاھ، ياراتقان ئىگەم، قارىمىسام نە بولغاي، يېزا باشلىقىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئاچقاچ ماڭا قايرىلىپ قارىغان ئايال باشقا بىرى ئەمەس، بۇرۇن مەن پۈتۈن ئىشقىم بىلەن سۆيگەن، بىراق يىگىتلىك غۇرۇرۇمنىڭ ناقابىللىقى تۈپەيلى ۋىسالىغا يېتەلمىگەن تۇرپان تەكبازارلىق قىز «تىكەن قۇش» زۇھالىيەنىڭ ئۆزى ئىدى. كۆزۈم ئۇنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشقان شۇ دەقىقىدە گازىر كۆزلىرىمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يوغىناپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلالمىساممۇ، بىراق يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە جىددىي سوقۇپ كەتكەنلىكىنى، بەدىنىمنىڭمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا شۇ ھاياجانلىق تىترەككە جۆر بولغانلىقىنى ھىس قىلالايمەن. ئۇنى بۇ يەردە بۇ خىل ھالەتتە ئۇچرىتىمەن دەپ ئەسلا خىيال قىلمىغان ئىدىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتتى. كۆزلىرىمىز دەقىقە ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇ شۇنداق تاتلىق بىر تەبەسسۇم بىلەن ماشىنىنىڭ ئىچىگە چۈشتى. مەن قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. بەلكىم شۇ چاغدىكى تۇرقۇم بەكلا كۈلكىلىك بولۇپ قالغاندۇ. يەنىلا شۇ بۇلاقتەك تىنىق قارا كۆزلەر، لەۋسۇرۇخقا ھاجىتى چۈشمەيدىغان جىنەستىدەك لەۋلەر، مايلاپ قويغاندەك پارقىراپ تۇرىدىغان قاپقارا چاچلار، مەيدىسىنى ھەر قاچان تىك تۇتۇپ مېڭىشقا ئادەتلەنگەن تۇرقى ھالەت، كۆزلىرىدىكى ئوخچىغان شوخلۇقىغا نازاكەت قوشكېزەك بولغان، جاننى ئېلىپ ياندا قويۇشقا تەييار تۇرىدىغان تەبەسسۇمى ئايالىم تەرىپىدىن ئاللىقاچان پەتىھ - ئىستىلا قىلىنغان قەلىب قەسىرىمدىن سەككىز يىل بۇرۇن قوغلاندى بولغان شۇ سىمانى چىللاۋاتقاندەك قىلاتتى.
«ئۇ ئىلانلىققا نېمە قىلغىلى كەلگەندۇ؟ يەنە كېلىپ يېزا باشلىقى بىلەن نېمە ئىش قىلىپ يۈرىدىغاندۇ؟ بۇ يەرگە كېلىدىغان ئادەم نېمىشقا بىزدەك ساۋاقداشلىرىغا خەۋەر قىلمىغاندۇ؟ ھېچ بولمىغاندا بىز كۈندە دېگۈدەك تېلېفوندا ئۇچۇرلىشىپ تۇرىۋاتقان تۇرساق، ئەجەب ماڭىمۇ بۇ ياققا كېلىدىغىنى توغرۇلۇق تىنىپ قويماپتىغۇ؟» زىددىيەتلىك خىياللار كاللامنى چۇلغىۋالدى. بىناغا كىردىم. مەقسەتسىز ھالدا بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىگە ـــ ئۈچىنىچى قەۋەتكە چىقتىم. ئاندىن يەنە پەسكە چۈشتۈم، يەر ئاستى قەۋىتىگىمۇ چۈشتۈم. كاللام گاراڭ ئىدى. بۇ يەرگە نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىمنى ئۇنۇتقان ئىدىم. زۇھالىيەنىڭ بۇ يەردە تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قېلىشى پەقەتلا ئەقلىمگە سىغمايۋاتاتتى. ئەگەر ئۇنى توقسۇن بازىرىدا ياكى ئىلانلىقنىڭ تۆت كوچىسىدا كۆرۈپ قالغان بولساممۇ بۇنچىلىك ئەجەبلەنمىگەن، ھەيران قالمىغان بولاتتىم. ھازىر ئۇ ئاسماندىن چۈشكەندەك بۇ يەردە پەيدا بولۇپ، خۇددى تېپىشماقتەك يېزا باشلىقىنىڭ ماشىنىسىغا چۈشۈپ قاياققىدۇ بىر يەرگە ماڭدى. ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقت ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن پەقەتلا چ چ دا پارڭلىشىپ، تېلېفوندا ئۇچۇرلىشىپ كېلىۋاتاتتۇق. ئۇنى شۇنچە پات ئارىدا كۆرىمەن دەپ، ھەتتا يۇرتۇم ئىلانلىق يېزىسىدا كۆرىمەن دەپ پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئۇنى كۆرمىگىلى، ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغىلى 11 يىلدىن ئاشقان ئىدى. ھەتتا قايتا ئالاقىلاشقان مۇشۇ ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقت ئىچىدىمۇ تېلېفوندا ياكى چ چ نىڭ ئاۋازلىق ياكى سۈرەتلىك كۆرۈنىشىدە پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدۇق. ھەر ئىككىمىزلا يۈز كۆرۈشكەندىكى ياكى ئاۋازلىق پاراڭلاشقاندىكى «ئوڭايسىز» تۇيغۇدىن قېچىپ پەقەت خەتكىلا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق. يىڭنىنىڭ كۆزىدىن يۈكى بار تۆگىنى ئۆتكۈزۈشكە قادىر ئاللاھ ھەر تاساددىپىيلىقلارنى ئىنساننىڭ ئالدىدا زاھىر قىلىشقا ھەم قادىر ئىكەن.
چىن مۇھەببەت سىزنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ. زۇھالىيەنىڭ بۇ گېپى مېنى سەگىتتى. بىز مۇھەببەت ئۈچۈن ياشىدۇق، مۇھەببەت ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدۇق. ئارزۇ قىلغىنىمىزغا گاھى ئېرىشتۇق، گاھى مەھرۇم بولدۇق. ئېرىشكىنىمىزنى قەدىرلەشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىمىزدا تەقدىر بىزگە كۈلۈپ باقتى. مۇھەببەتنى دەپ ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويغان ۋاقتىمىزدا قىسمەت قامچىسى ھەرقاچان بىزنى ساۋاپ سەگىتىپ تۇردى. ئەي سەگەك يۈرەك، مەڭگۈ تىپچەكلەپ تۇرغىن. سەندىن ھاياجانلىق پىچىرلاشلارنى ئاڭلايكى، نىدالىق ئۆكسۈشلەرنى ئىشىتمىگەيمەن.
داۋامى بار...
|