- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 715
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- UID
- 16846
- يازما
- 715
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- توردا
- 772 سائەت
|
داۋامى:
پىنگۋىن، ھەي پىنگۋىن، ئۇچالمايدىغان قۇش، سامادىكى چايكىلارغا قاراپ ھەۋەس قىلامسەن؟ قانىتىڭدىن نەپرەتلىنەمسەن؟
مەن چوڭلار كەسپىي مائارىپ تەربىيلەش مەكتىپگە يۆتكىلىپ كەلگىلى ھەش – پەش دېگۈچە تۆت يىل بولاي دەپتۇ. گەرچە خىزمەت ئورنىمىزمۇ ئوخشاشلا مەكتەپ دەپ ئاتالسىمۇ، بىراق مۇقىم ئوقۇغۇچىمىز يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەربىيلەش ئوبىيكتىمىز چوڭلار بولغاچقا، باشقىلار خىزمەت ئورنىمىزنى مەكتەپ دېمەي «ئىدارە» دەپ ئاتايتتى، بىزنىمۇ بەزىدە يېزا كادىرى دەپ قوياتتى. بىزمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن ئىدۇق. باشقا مەكتەپلەر بىۋاستە مائارىپ ئىدارىسىگە قارىسا، بىز مائارىپ ئىدارىسى بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قوش ئىگىدارچىلىقىدا ئىدۇق. بۈگۈن مەكتەپتە قىلىدىغان ئىشنىڭ تايىنى يوق، بالدۇرلا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۆيگە كىرىپلا ئايالىمنىڭ بۇيرۇقلىرى بارمىكىن دەپ تامدىكى دوسكا – پوسكا، بۇلۇڭ – پۇچقاقلارغىچە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم. تەلىيىمگە يوق ئىكەن، كومپيۇتېرنى ئاچتىم. ئېكرانمۇ بۇرۇنقىدەكلا، خاتىرجەم ھالدا ئەلكۈيىگە كىرىپ «يامغۇر» خانىمنىڭ «تۆت ئەرەب دۆلىتىگە سەپەر (شياۋ ۋېينىڭ داۋامى)» دېگەن تېمىىسنى ئېچىپ كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇ خانىمنىڭ بىلىمىنىڭ موللۇقى، تەپەككۈرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، بايانىنىڭ نەپىسلىكىدىن تېما ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن. بىر چاغدا كۆزنەكنىڭ چوققىسىغا قارىسام ئۇچۇر كەپتۇ. ئاچسام «تۆتقۇلاق» ھېلىقى مەسلىھەتىم ئۈچۈن رەخمەت ئېيتىپ خەت يېزىپتۇ ۋە ئاخىرىغا چ چ نومۇرىنى يېزىپ قويۇپتۇ. دەرھال قوشۇۋالدىم. قىزلارنىڭ چ چ سىنى قوشۇشقا توغرا كەلگەندە ئىنكاسىم مانا مۇشۇنداق تېز. ئۆتكەندە مۇنبەردە «بەرگىيە» ئىسىملىك بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم. «ئىھ، خىرۇستال قىز» دېگەن نادىر تېمىنى يوللاپتىكەن، كۆرەي دەپ قانچە قېتىم كىرگىنىمنى بىلمەيمەن، بىراق بەت سانىغا قاراپ چۆچۈپ كېتىپ ئوقۇمىغان ئىدىم. ھەر قېتىم كىرگەن ۋاقتىمدا ئۇ قىزنىڭ باش سۈرىتىگە قاراپ ئۇزاقتىن ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. ئۇنىڭغا قاراپ كۆزۈمنى چىمچىقلاتتىممۇ يوق، قېشىمنى ئاتتىممۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن، لېكىن ئۇنىڭ ماڭا قاراپ سانسىز قېتىم كۆزىنى چىمچىقلاتقىنىنى بىلىمەن. ئۇ خۇددى ماڭا «كۆينىكىمدىكى مېنىڭ چ چ نومۇرۇم، قوشۇۋال، پاراڭلىشايلى» دەۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن چ چ رىمغا «5555»نى شۇنچە ئىزدىتىپمۇ ئۇنى پەقەتلا تاپالمىدىم. قىزىق ئىش، كېيىنچە ئۇنى تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم، ھەر قېتىم مۇنبەرگە كىرسەم خۇددى ئۇنىڭ ئاشۇ مەڭگۈ چىمچىقلاشتىن توختاپ قالمايدىغان بىر جۈپ كۆزى مېنى نازارەت قىلىپ، مېنى كۈزىتىپ تۇرغاندەك، «ئويلاپ سۆز قىل، ئويلاپ ئىش قىل» دەپ ماڭا ئىشارە قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم. ھەتتا ئۆتكەندە پىنگىۋېنغا ئايلىنىپ چۈش كۆرگەندە ئايالىمنى «خىرۇستال قىز» دەپ چۈشەپتىمەن.
پىنگىۋىنىم لىپىلداشقا باشلىدى. «تۆتقۇلاق» خەت يازغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تاغدىن – باغدىن پاراڭلىشىپ بىردەمدىلا چۈش بولۇپ ئايالىم بىلەن ئوغلۇم قايتىپ كەلدى. ئوغلۇم ھايال بولمايلا يېنىمغا كېلىپ «كومپيۇتېرنى ماڭا بەر» دېگەندەك قىلىپ ماڭا قاراپ تۇردى.
ــ بالام، ئاتىڭىز بارمىكەن؟ــ ئايالىم توۋلىدى.
ــ باركەن.
ــ نېمە قىلىۋېتىپتۇ؟
ــ پىنگىۋىن ئويناۋېتىپتۇ،ــ ئوغلۇم تېخىمۇ بەك توۋلىدى.
ــ ھۇ ئىشپىيون، خەت يېزىۋېتىپتۇ دېمەمسەن،ــ دېدىم ئاچچىقلاپ ئوغلۇمنىڭ قۇلىقىنى سوزۇپ.
ــ چوڭ ئاپاشمىكەن؟ چوڭ ئاتاشمىكەن؟،ــ ئايالىمنىڭ مېنى تېرىكتۈرىدىغان ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى.
ــ چوڭ ئاپاشكەن،ــ ئوغلۇممۇ مەن بىلەن قېرىشىپ، كومپيۇتېرنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن بار ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىۋاتاتتى.
ــ يالغان ئېيتما، نەدە چوڭ ئاپاش بولىدۇ؟ چوڭ ئاتاش تۇرمامدۇ؟ــ ئوغلۇمغا قاراپ سەت ھومايدىم.
ــ چوڭ ئاتاشلار ياغلىق چەگمەيدۇ،ــ ئوغلۇم قولى بىلەن «تۆتقۇلاق»نىڭ باش سۈرىتىنى كۆرسەتتى. ئارقىدىنلا ئايالىم يەنە توۋلىدى:
ــ ئاتىسى، بۇ ياققا چىقىڭ، بۇ يەردىمۇ بىر چوڭ ئاپاش بار، گېپىڭىزنى ماڭا قىلىڭ. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش سىزگە ھىجىيىپ كۈلۈپ بېرىمەن.
بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ «لەببەي!» دېمەي ئامال يوقتە. بۇ ئىككى شېرىك مەقسىتىگە يەتتى. مەن يۇۋاشلىق بىلەن ئاشخانىغا كىرىپ، بۈگۈن ئېتىلىدىغان «سېرىق پولو»غا سەۋزە ئاقلىدىم. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشامىشمەن؟ سەۋزە ئاقلاپ ئولتۇرۇپ خوتۇن بىلەن چ چ دا پاراڭلاشقاندەك سۆزلەشكىلى بولاتتىمۇ؟ ئۇمۇ دېگىنىدەك كۈلۈپ تۇرۇپ مەكتىپىدە يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ چىقتى. سۆزلەپ بولغۇچە پولومۇ پىشىپ بولدى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ كۆپىنچە سۆزلىگۈچى، مەن ئاڭلىغۇچى بولاتتىم.
ئاغزىمىزغا ئەمدى بىر قوشۇق لوقمىنى سېلىشىمىزغا تۇتىيارىمىز غەلۋىنى باشلىۋەتتى:
ــ قاق يېمەيمەن، ئۈزۈم قوشسىڭىز بولمامدۇ؟ (توقسۇندا پولوغا گۈلە قاق، قۇرۇق ئۈزۈم قوشۇپ ئېتىدۇ، گاھىدا ماش قوشۇپ ماش پولومۇ قىلىدۇ)
ــ ۋاي – ۋۇي، بۇ ئۆيدىكى قايسى ئەركەكنى رازى قىلىپ بولىمەنكىن،ــ ئايالىم زەردە بىلەن ئوغلۇمنىڭ قاچىسىدىكى ئۆرۈك قاقلىرىنى ئۆزىنىڭ قاچىسىغا پارلاشقا باشلىدى،ــ بىرى قاق يېمەيمەن دېگەن، بىرى ئۈزۈم يېمەيمەن دېگەن، يېمىسىڭىز يېمەڭ، مەن پارلىۋالاي.
ــ ئۆزىڭىزمۇ ماش پولوسى يېمەيسىزغۇ؟
تاماق ۋاقتىدا ئايالىمنى مانا مۇشۇنداق خاپا قىلىپ قوياتتۇق. بىچارە بىز ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ ئاغزىمىزغا تېتىغۇدەك تاماق قىلىشقا تىرىشاتتى. بىز ئۇنىڭ ئەجرىگە رەخمەت ئېيتىشنىڭ ئورنىغا مانا مۇشۇنداق قۇسۇر چىقىرىشقا ئارانلا تۇراتتۇق.
ــ ئۆزۈم خالىمىساممۇ، ئىككىلىرىنى دەپ ئېتىپ، مەجبۇرىي يەيمەنغۇ، ئىككىڭلارمۇ يېسەڭلار ئاۋۇ كىكىرتىكىڭلارنى تېشىۋەتمەيدۇ.
ــ سىزمۇ مېنى تىللاۋاتىسىز، بايا ئاتاممۇ مېنى تىللىدى، يېمەيمەن پولونى،ــ ئوغلۇم ئەمدى يامان يەردىن چىقىپ، قوشۇقنى تەخسىگە تاشلاپ قويۇپ، ئىككى قولىنى گىرە قىلىپ دومسىيىپ ئولتۇرىۋالدى. ئايالىم ئەمدى بالامنى بەزلەشكە ئۆتتى.
ــ سىزنى تىللىمىدىم، ئاۋۇ پىنگىۋىن ئاتىڭىزنى تىللاۋاتىمەن، قېنى دەڭە ماڭا، ئاتىڭىز نېمە دەپ تىللىدى سىزنى؟
ــ ئىشپىيون دەپ تىللاپ قۇلىقىمنى سوزىدى.
ــ نېمە؟ مېنىڭ ئوغلۇمنى شۇنداق دەپ تىللىدىڭىزمۇ؟ يەنە قۇلىقىنى سوزىدىڭىز؟ــ ئايالىم يالغاندىن مېنىڭ قۇلىقىمنى سوزىدى،ــ ئىشپىيون دېگەن ئۆزىڭىز، مانا، ئاتىڭىزنىڭ قۇلىقىنى تازا سوزۇپ جۇباجى قىلىۋەتتىم.
مەنمۇ ئايالىمغا ماسلىشىپ «ۋاي قۇلىقىم، مەن ئىشپىيون، مەن خاتا قىلدىم،ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن» دەپ ۋارقىراپ بەردىم. ئوغلۇم مېنىڭ «بىچارە» تۇرقۇمغا قاراپ پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى ۋە يۈگرەپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى، نېمە قىلىدىغاندۇ دەپ تۇرساق، سەي قورۇيدىغان ساپلىق قازاننى كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ:
ــ ئاپا، مۇشۇنىڭ بىلەن ئىشپىيوننىڭ بېشىغا ئۇرۇڭ.
بىز «خۇشال قوزىچاق بىلەن كۈلرەڭ بۆرە» دېگەن كارتون فىلىمدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتۇق. ئويۇنچى ئايالىممۇ قازاننى دەرھال ئېلىپ بېشىمغا يالغاندىن ئۇردى، مەنمۇ تېخىمۇ ئاشۇرۇپ: «مەن چوقۇم يەنە قايتىپ كېلىمەن» دەپ ۋارقىراپ ئوغلۇمنى تېخىمۇ كۈلدۈرىۋەتتىم.
ــ ئاپا، ئىشپىيون دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟ــ ئوغلۇم ئاپىسىغا قاراپ سورىدى.
ــ جاسۇس دېگەن گەپ.
ــ جاسۇس دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟ــ ئوغلۇم ئاپىسىغا قاراپ يەنە سورىدى.
ــ پايلاقچى دېگەن گەپ.
ــ ئەمىسە پايلاقچى دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟ــ ئوغلۇم ئاپىسىدىن سوراۋەردى.
ئوغلۇمنىڭ بۇنداق سوئاللىرىدىن مەن بولسام تېرىكىپ قالاتتىم. لېكىن ئايالىم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقىمىكىن، بۇنداق سۇئاللاردىن پەقەتلا تېرىكمەيتتى.
ــ باشقىلارنىڭ خەققە دېمەيدىغان ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلايدىغان ئادەم.
ــ ھە، چۈشەندىم، مۈشۈك رازۋىتچىكتەكمۇ؟ــ ئوغلۇم خۇشال ھالدا غەلىتە قىلىقلارنى قىلىپ كۈلۈپ كەتتى.
ــ ھەئە،ــ ئايالىم قىسقىلا جاۋاب بەردى.
ــ ئەمىسە ئاتامنىڭ چوڭ ئاپاشلار بىلەن پىنگىۋىن ئوينىشى خەققە دېمەيدىغان ئىشمۇ؟ــ ئوغلۇم ماڭا قاراپ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ سورىدى.
ئوغلۇمنىڭ بۇ سوئالىدىن راستىنلا تېرىكىپ قالدىم:
ــ تاماق ۋاقتىدا گەپنى ئاز قىلىدىغان، تولا گەپ سوراۋەرمەي پولويىڭنى يە.
ئايالىم ماڭا قاراپ ھەييارلارچە كۆزىنى ئوينىتىۋېتىپ جاۋاب بەردى:
ــ توغرا بالام، بولۇپمۇ ئاپىڭىزغا دېمەيدىغان ئىش.
ــ ئاپا، مەنمۇ چوڭ بولسام ئىشپىيون بولايمىكىن.
ئوغلۇمنىڭ بۇ گېپىدىن تېخىمۇ تېرىكىپ ئايالىمغا گۆلەيدىم:
ــ سىزمۇ ئاز گەپ قىلىڭ ئەمدى، بالىنىمۇ يامان يولغا باشلاي دەۋاتامسىز؟ نېمىلەرنى ئۆگىتىۋاتىسىز ئۇنىڭغا؟
ــ ۋۇي، ئەركەك پىنگىۋىن،ــ ئايالىممۇ بوش كەلمەي ھۇجۇمنى باشلىدى،ــ كىم كىمنى يامان يولغا باشلاپتۇ؟ مەن سۆزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بەردىم شۇ. بۇنداق دەيدىغان ئادەم سۆڭەك غاجاۋاتقان كۈلرەڭ بۆرىدەك قاراپ تۇرماي، ئۆزىڭىز دەپ بەرسىڭىز بولمامدۇ؟ سىزنىڭچە باشقىچىمۇ مەنىسى بار ئوخشىمامدۇ ئۇ سۆزنىڭ؟
ــ ياخشى، ياخشى چۈشەندۈردىڭىز، خەپ ھە، ئىككى ئىشپىيون، قاراپ تۇرۇش، جاسۇسلۇق تورىڭلارنى بىتچىت قىلمايدىغان بولسام.
بۈگۈن جۈمەلىك ئىشتىن چۈشۈپلا ئايالىم بالىنى ئېلىپ ناھىيە بازىرىغا ئاچىسىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ بۈگۈن ئاخشام ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالماقچى بولدى. كەچلىك چاينى ئىچىپ بولۇپلا يەنە كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئۆتتۈم. مۇنبەردە يېڭى تېمىنىڭ تايىنى يوق، ئاخىر چېكىنىپ چىقىپ چ چ نى ئاچتىم. دوستلار تىزىملىكىدە پەقەت «تۆتقۇلاق»لا يورۇق تۇراتتى. بۇ قېتىم ئۆزۈم ئالدى بىلەن سۆز ئاچتىم. بىرەر قۇر رەسمىيەتلىك سالام – سەھەتتىن كېيىن يۈزۈمنى داپتەك قىلىپلا ئۇنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئۆتتۈم:
ــ سىڭلىم، سىز تۇرپاننىڭ قەيەرىدىن بولىسىز؟
ــ يار يېزىسىدىن.
ــ تەكبازارنى بىلەمسىزكىن؟
ئۇنىڭدىن شۇنچە تېز «تەكبازار»نى سورىغىنىمدىن ھەيران قالدىم. «تەكبازار» مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالغان ماكان ئىدى. بۈگۈن ئايالىم بولمىغاندېكىن ئاشكارىلاپ دەپلېۋېتەي، ئۇ ئايالىمدىن بۇرۇن مەن چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەن ۋە يۈرىكىمنى تۇنجى رەت ئوۋلىغان قىز زۇھالىيەنىڭ مەھەللىسى ئىدى. ئۇ مېنىڭ ساۋاقدىشىم ئىدى. ئۇنى 11 يىل بۇرۇن بىر قېتىم كۆرگەن پېتىم تا ھازىرغىچە كۆرمىگەن ئىدىم.
ــ دەل ئۆزىدىن دەڭە. قانداق؟ تونۇشىڭىز بارمىدى؟
«تۆتقۇلاق»نىڭ «دەل ئۆزىدىن» دېگەن سۆزىدىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي مەڭدەپ قالدىم. خيال كەپتىرىم 2000 – يىلى 2 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىكى «تەكبازار»غا ئۇچۇپ كەتتى. ئاھ، ئۇ كۈننىڭ نېمىسىنى دەي؟ شۇ يالقۇنلۇق مىنۇتلارنىڭ شادلىق ھىسلىرىنى ئېيتايمۇ؟ شۇ سەۋدا كېچىنىڭ بېشىمغا سالغان تارتقۇلۇقلىرىنى ئېيتايمۇ؟ يېڭى ئەسىردىكى ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى كېچىسىدىكى قەلبىمنى خېلى ۋاقتلارغىچە ئازابلاپ كەلگەن شۇ ئامالسىزلىقلارنى، ھاياتىمدىكى ئەڭ جۈرئەتسىز ئۆتكۈزگەن شۇ بىر كېچىنى بايان قىلايمۇ؟ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتىيالمايدىغان، شۇنداقلا تىلغا ئېلىشقا ئەڭ پېتىنالمايدىغان شۇ كېچىنى يەنە قايتا كۆڭۈل دەپتىرىمگە كۆچۈرۈپ چىقايمۇ؟ ياق، ياق، مەن قىلالمايمەن، مەن يەنىلا شۇنداق جۈرئەتسىز، شۇنداق بىئامال. ئۇنى شۇنچە ئويلىغۇم بار، بىراق ئويلاشتىن قورقىمەن. ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئورنى ئاللىقاچان ئايالىمغا ئورۇن بوشاتتى، يۈرىكىمدە توختىماي زىكرى قىلىنىدىغان «زۇھالىيە» دېگەن ئىسىمى ئايالىمنىڭ ئىسمىغا ئالماشتى. ئۇ پەقەتلا مېنىڭ ساۋاقدىشىم، ئەينى ۋاقتتىكى سىنىپ باشلىقىم. بىراق نېمىشقا يەنە دېلىغۇل بولىمەن؟ نېمىشقا يەنە ئىزتىراپ چېكىمەن؟
ــ ئۇيغۇران ئاكا، نېمە بولدىڭىز؟ گەپ قىلمايسىزغۇ؟ــ ئېغىر سۈكۈتتىن كېيىن «تۆتقۇلاق»تىن خەت كەلدى. كونۇپكا تاختىسىدا ئوينايدىغان قوللىرىم ئەمدى كالۋالىشىپ، بىر قۇر خەتنىمۇ شۇنچە ئۇزۇندا يازدىم:
ــ ھەئە، ساۋاقدىشىم بار ئىدى.
ــ كىم ئىدى؟ تونۇسام ئەجەب ئەمەس.
ــ زۇھالىيە ئابلىمىت،ــ ئۇنىڭ ئىسمىنى گەرچە ئۇنتۇپ قېلىشىم مۇمكىن بولمىسىمۇ، بىراق تىلىمغا ئېلىپ باقمىغىلى، يېزىپ باقمىغىلى نۇرغۇن يىللار بولۇپتىكەن. ئۇنىڭ ئىسمىنى يازغىچە قولۇمنىڭ تىترىگىنىنى بىلىمەن. يۈرىكىمنىڭمۇ جىددىي رېتىمدە سوقۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئېتراپ قىلماي ئامالىم يوق.
ــ ۋۇي، ئۇ مېنىڭ تولۇقسىزدىكى سىنىپ مەسئۇلۇم.
ــ شۇنداقمۇ؟ــ سۇسلا سۇئال بىلەن جاۋاب بەردىم.
ــ مۇئەللىم بىزنى بەك باشقۇراتتى، مەن ئۇنىڭدىن بەكلا قورقاتتىم،ــ «تۆتقۇلاق» ئۇ توغرۇلۇق زوق – شوق بىلەن خېلى بىر نېمىلەرنى دېدى، بىراق ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدىم. چ چ نىڭ كۆزنىكىگە قاراپ قاتقان قوزۇقتەك ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىگە «ھە» دېگەن بىرلا سۆزنى يېزىپ ئولتۇردۇم. ئۆزۈممۇ بىلمىدىم كۆڭلۈمدە تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش ئىستىكى پەيدا بولۇپ قالدى.
ــ سىزلەر داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرامسىزلەر؟ــ «تۆتقۇلاق»نىڭ بۇ سوئالىغىمۇ تەبىئي رەۋىشتىلا «ھە» دەپ جاۋاب يېزىپتىمەن. ئېۋەتكىچە ئاندىن خاتا يازغىنىمنى بىلىپ ئۆچۈرىۋەتتىم ۋە قايتا يازدىم:
ــ ياق، ئالاقىلاشمىغىلى 11 يىلدىن ئاشتى. مەندە ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرى يوق.
ــ ئۇنداقتا مەن سىزگە تېپىپ بېرەي، ئەتىلا ھە.
«تۆتقۇلاق» ئەتىسىلا زۇھالىيەنىڭ تېلېفېون نومۇرىنى يېزىپ ئۇچۇر قىلىپتۇ. نەچچە سائەتلىك دېلىغۇللۇقتىن كېيىن بۇ نومۇرغا ئۇچۇر يوللىدىم:
«كەمىنە مۆمىن پۇقرايىڭىز نەسىرۇللا پەرھەتىدىن سالام ۋە ئىھتىرام بولسۇن، كونا رەھبەر، ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟»
ئۇزاق ئۆتمەيلا «تىرىڭ - تىرىڭ» قىلىپ تېلېفونۇمنىڭ ئۇچۇر سىگنالى ياڭرىدى: «نەسىرۇللا، سىزگىمۇ سالام ۋە ئىھتىرام ئوخشاشلا زىيادە بولسۇن، ياد ئەتكىنىڭىزگە رەخمەت.»
بىردەمدىلا بىزدىكى قورۇنۇش ۋە ئەيمىنىش يوقاپ، خۇددى 15 يىل بۇرۇنقى كونا ساۋاقداشلاردەك قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. بىراق ماڭا شۇ ئايانكى، ئەگەر بىز ئۇچۇرلاشماي تېلېفونلاشقان بولساق، بەلكىم ھازىرقىدەك ئېچىلىپ – يېيىلىپ سۆزلىشەلمىگەن بولاتتۇق. بۇ ئۇچۇر دېگەن نەرسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بەلكىم شۇ بولسا كېرەك. ئۇ تېلېفونۇمدا چ چ دا سۆزلەشكىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. مېنىڭ بۇ سوكال تېلېفونۇمدا ئۇنى قىلغىلى بولمايتتى. مەن كومپيۇتېردا چ چ غا چىقىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، چ چ نومۇرۇمنى يېزىپ بەردىم.
ئۇنىڭ چ چ دىكى ئىسمى «تىكەن قۇش» ئىكەن. تىكەن قۇشنىڭ ھېكايىسىنى بىز تالاي قېتىم ئېيتىشقان.
رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ئۆمرىدە پەقەت بىرلا قېتىم ناخشا ئېيتىدىغان قۇش بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ناخشىسى شۇنچىلىك لەرزان، شۇنچىلىك يېقىملىق، شۇنچىلىك مۇڭلۇق ئىكەنكى، ھېچقانداق بىر مەۋجۇدات ئۇنىڭدەك ناخشا ئېيتالمايدىكەن. ئۇ ئۇۋىسىدىن ئايرىلغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، كۈندىن بىدار، تۈندىن بىدار ھالدا ئىزدەيدىكەن، ئىزدەيدىكەن، تا پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىگىلا مەنسۈپ بولغان شۇ تىكەن دەرىخىنى تاپقانغا قەدەر. ئۇ تىكەن دەرىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ ئۇچلۇق تىكەننى تېپىپ، ئۇنىڭغا باغرىنى ياققان ھالدا ئۆزىنىڭ ھاياتىدا پەقەت بىرلا قېتىم ئېيتىلىدىغان تەڭداشسىز ناخشىسىنى ئېيتىدىكەن، ئۇنىڭ ناخشىسى شۇنچىلىك گۈزەل ۋە شۇ قەدەر مۇھەببەتلىك ئىكەنكى، بوز تورغاي بىلەن بۇلبۇلمۇ ئۇنىڭ ناخشىسىدىن خىجىل ئىكەن. ئۇچلۇق تىكەنلەر ئۇنىڭ باغرىنى تېشىپ ئۆتۈپ، ئۇ بارلىق ئازابلاردىن مۇستەسنا بولغاندا، ئۇنىڭ شادلىق ناخشىسىمۇ ئاخىرلىشىدىكەن. ئۇ ئەشۇ گۈزەل ناخشىسى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن، ۋەھالەنكى ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۈداتلار بۇ جەزبلىك ناخشىنى ئىشتىياق بىلەن ئاڭلايدىكەن، ھەتتا پەرۋەردىگارمۇ كائىناتتىن ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قارايدىكەن. چۈنكى پەقەت ئازابلىق كەچمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، ئاندىن ئەڭ گۈزەل نەرسىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.
بىز چ چ دا پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق. بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشتىم. بۇ ئىنتايىن نورمال ئالاقە ئىدى. بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە بىراۋ مىڭلارچە ئىسپات كۆرسەتسىمۇ، مەن ئۇنى ئېتراپ قىلالمايمەن. بىراق بۈگۈننىڭ خىرۇستالدەك قەدىرلىنىپ، ئەزىزلىنىپ ئۆتۈۋاتقان نىكاھىمىزغا قارا بۇلۇتلارنى سۈرگۈن قىلغان تۇنجى كۈنى ئىكەنلىكىنى كېيىنچە ھىس قىلغان ۋاقتىمدا ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم. ھەي، تىكەن قۇش، بىز ئۆزىمىز ئىزدىگەن تىكەن دەرىخىنى تېپىپ بولدۇق، شۇنداقلا ئەشۇ پەقەت ئۆزىمىزگىلا تەۋە بولغان تىكەن دەرىخىگە باغرىمىزنى ياقماقتىمىز، تىكىنىنى يۈرىكىمىزگە چوڭقۇر، تولىمۇ چوڭقۇر سانچىماقتىمىز، بىزنىڭ پەرۋەردىگارنى كۈلۈمسىرەتكەن ناخشىمىز ياڭرىماقتا، باغرىمىز قان – قان، يۈرىكىمىز خۇن – خۇن ھالدا ناخشىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز. ئۆزىمىزگە تەۋە بىردىنبىر تىكەن دەرىخىگە ئىسسىق قېنىمىز بىلەن جېنىمىزنى تەسەددۇق قىلىشقا تەييار بولۇپ بولدۇق. ئۆزۈمگە تەۋە بولمىغان، تەۋە بولالمايدىغان تىكەن دەرىخىنى ئىزدىگەن شۇ يىللارنى پەخىرلىنىش، سۆيۈنۈش ئىچىدە ئەسلەيمەن. سىزنىڭمۇ ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل، بىراق قانداق تەرىزدە ئەسلىگىنىڭىزنى بىلمەيمەن.
داۋامى بار....
|
|