- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 715
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- UID
- 16846
- يازما
- 715
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- توردا
- 772 سائەت
|
داۋامى
مەن ئايالىمنىڭ چۈشۈپ كەتكەن چاچلىرىنى ساناپ باقتىم، جەمئىي 3214 تال ئىكەن، توغرا، بىز توي قىلغىلى 3214 كۈن بولدى.
پاقالچىقىمغا ياغاچ بادرىغا قېقىلغان مىق كىرىپ كەتكەچكە، ئۆيدە ھەپتىلەپ يېتىپ كەتتىم. بۇ بىر ھەپتە مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئۇزۇن، تولىمۇ ئاستا ئۆتتى. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ پۇتۇمنىڭ ئاغرىپ، جېنىمنىڭ قاقشىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى مۇشۇ ھالىتىمگە سەۋەبچى بولغان شۇ قويۇنتاز ۋەقەسىنىڭ ۋەجىدىن ئىدى. زۇھالىيەنى قويۇنتازنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلدۇرىۋېلىش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكىتىم ئاخىرى بېرىپ كۈتمىگەن نەتىجە بىلەن مېنى ئۇياتقا قويدى. گەرچە ئۇنى ھۇجۇمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولساممۇ، بىراق بۇ خىل قۇتۇلدۇرۇش تېخىمۇ كۆپ ۋىجدان ئازابىغا سەۋەب بولدى، تېخىمۇ كۆپ غەيۋەت – شىكايەتكە تۇتۇرۇق بولدى. ئەزەلدىن قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇشقا مۇيەسسەر بولالمىغان زۇھالىيەنى تولىمۇ كېچىكىپ، بىمەھەل ھالدا قۇچاقلاش، شۇ خىل رەۋىشتە باغرىمغا بېسىش ماڭا ئارىسالدىلىق، ئەنسىزلىكتىن باشقىنى ئاتا قىلالمىدى. ئۇنداق بولۇشىنى ھېچكىم ئويلىمىغان. ھېچقايسىمىز ئۈمىد قىلمىغان. تەقدىرنىڭ بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نېمە دېگۈلۈك. بىراق باشقىلارنىڭ ھەر نېمە دەيدىغىنى بۇ بىر پاكىت.
شۇ كۈنى ئولتۇراق رايوندىكى ئائىلىلەرنىڭ دېرىزىدىن بىزنىڭ شۇ ھالىتىمىزنى كۆرگىنى ئېنىق. مېنى ھەم زۇھالىيە بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان شوپۇرلارنىڭ بۇ ئىشنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرگىنىمۇ ئەلۋەتتە گۇمانلىق ئەمەس. ئايالىم دوختۇرخانىغا كەلگۈچە زۇھالىيەنى مەندىن ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتىپ يولغا سېلىۋەتكەن ئىدىم. گەرچە بوراندا چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ياغاچ بادرىنىڭ تىگىدە قالغانلىقىمنى ئېيتقان بولساممۇ، بىراق ئايالىم ئەتىسىلا ئىشنىڭ تەپسىلاتىدىن يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە خەۋەر تېپىپ بولغان ئىدى. خەۋەر تاپقاندىمۇ بۇ ئىش شاخلاپ بېرىپ مەن زۇھالىيە بىلەن كۆرۈشكىلى چىققان، خەقنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، يايمىچىنىڭ چېدىرىغا كىرىۋالغان، چىدىردا «بىر ئىشلارنى» قىلىپ تۇرغان ۋاقتىمىزدا قويۇنتاز كېلىپ چېدىرنى ئۆرۈپ، بىز چېدىرنىڭ ئاستىدا قالغان دېگەندەك ئادەمنىڭ ھېچبىر ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك ھالەتتە خەۋەر تاپقان ئىدى. ئايالىممۇ ئۇلارغا خۇش جاۋابەن ئوبدانلا ئىشىنىپ قالغان ئىدى. گەرچە ئۇ ئۆينى بېشىغا كىيىپ جېدەل چىقارمىغان بولسىمۇ، بىراق تەئەددىي بىلەن تىكىلىشلىرى، كۈندە دېگۈدەك پاقالچىقىمغا كىرىپ كەتكەن مىختىن ئۆتە نەشتەرلىك سانچىشلىرى ۋە «ئىھ، خىرۇستال قىز»نى ئوقۇغاندىن بېرى تېپىۋالغان يىغىسى، ياشلىق كۆزلىرى بىلەن مېنى ئاغرىق ئازابىدىن ئۆتە قىينىۋەتتى. ئۇنىڭغا بۇ ئىشنىڭ تولىمۇ تاساددىپىيلىق ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ ھەرگىزمۇ غەيرى نىيتىم يوق ئىكەنلىكىنى، مەقسەتلىك قىلمىغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنى ئىشەندۈرەلمەي ھېرىپ قالدىم. ئاخىرى ئۇنىڭ ھەممە دوقلىرىغا سۈكۈت ئارقىلىقلا جاۋاب بېرىدىغان بولدۇم. رەشىك ئوتىدا كۆيۈپ تۈگىشىپ كېتىۋاتقان ئايالىمغا ئۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزۈش زادىلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ھەپتىدىن بېرى بىر ساندۇق ئاسما ئوكۇلنى «ئىچىپ» بوپتىمەن. ئايالىم ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇرۇپ قويغان ئىككى قۇتا ئاسما ئوكۇلمۇ تۈگەپ بولغان ئىدى. يېتىۋېرىپ زېرىكىپ كەتتىم. ئۆيگە بىر كەلگەن دورا – ئوكۇل پۇرىقى بۇرۇختۇرمىلىققا تولغان كۆڭلۈمنى تېخىمۇ بىسەرەمجان قىلىۋەتتى. دېرىزىدىن ئوتتەك قۇياش تەپتى ئۇراتتى. تېڭىقتىن بوشىغىلى ئۇزۇن بولمىغان پۇتۇمنى سۆرەپ دېرىزە تۈۋىگە كەلدىم. دېرىزىنى ئېچىشىمغىلا گۈپپىدە ئۇرۇلغان ساپ ھاۋا بۆلەكچىلا راھەت بېغىشلىدى. بېشىمنى دېرىزىدىن سوزىغىنىمچە يىراقلارغا نەزەر تاشلىدىم. ھەپتە بۇرۇنقى جۇدۇندا ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان قالماق تاغلىرى بىلەن جەنۇب تەرەپتىكى قۇرۇق تاغ ئاللىقاچان ئاق لىباسىنى سېلىۋېتىپ ئوچۇق ھاۋادا ئاسمان رەڭگىدە كۆپكۆك كۆكىرىپ تۇراتتى. جەنۇب تەرەپكە تاكى سايغىچە سوزۇلغان بوستان يېزىسىنىڭ كۆجۈم مەھەللىلىرى بىر خىلدا قارىيىپ تۇراتتى. ئۇ يەر – بۇ يەرلەردە تىكلىنىپ تۇرغان سۈنئىي ھەمرادىن سىگنال قوبۇللاش مۇنارلىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ئىلانلىق يېزىسىنىڭ يېزا بازىرىنى قايتا قۇرۇشقا ئىشلىتىلىۋاتقان بىر قانچە ئاسما كىران ھەرىكەتكە كەلگەن بولۇپ، بۇ يىللىق قۇرۇلۇشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدىكى يولدا پويىزدەك ئۇزۇن – ئۇزۇن يۈك ماشىنىلىرى ھېلىدىن ھېلىغا ئۆتۈشەتتى. (بۇ ماشىنىلار ئالغۇي بازىرىدىكى شېڭشيوڭ شىركىتىگە باراتتى.) كۆزۈمنىڭ نۇرى يېتىدىغان ھەر بىر مەنزىرىگىچە نەزەر تاشلايتتىم. ئادەتتە ھېچقانچە دىققىتىمنى تارتالمايدىغان شۇ مەنزىرە، شۇ نەرسىلەر ھازىر ھېسسىيات غەلۋىسىدە قوچۇلغان قەلبىمنى بىر دەم بولسىمۇ تېنچلاندۇرۇپ، بۇ كۈنلەردىن، كىشىلەرنىڭ ئاجايىپ سۆز – چۆچەك ئىختىرالىرىدىن، ئانچىكى ۋەقە- قىلمىشلارغا مۇتەپپەككۇرانە باھا بېرىپ، ئېزىپ، كۆپتۈرۈپ ئۇنتاق قىلىنغان چۈشەندۈرمىلىرىدىن، شۇ ئۇنتاققا گول بولغان ئايالىمنىڭ غەزەبلىك چىرايىدىن بىردەم بولسىمۇ مۇستەسنا قىلىپ، ئارامسىزلانغان دىلىمغا ئازراق بولسىمۇ ئازادىلىك بېغىشلاۋاتاتتى.
زۇھالىيە پات – پات ئۇچۇر قىلىپ ئەھۋال سوراپ تۇراتتى. ئۇ يوقلاپ كەلگۈسى بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، سىلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلدىم. مۇشۇ تۇرقىدىمۇ ئۇنى يەۋەتكۈدەك بولۇپ كېتىۋاتقان ئايالىمنىڭ ئۇ ئۆيىمىزگە كەلسە بىرەر ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. زۇھالىيەنىڭمۇ ئەلۋەتتە بۇنى چۈشەنگۈچىلىكى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ قايتا بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمىدى.
نورۇزدىن ئۆتۈپ پۇتۇم سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى. بۈگۈن بازار كۈنى ئىدى. ئىشتىن چۈشۈپ تۇرۇپلا بازار ئايلانغۇم كېلىپ قالدى. يېزا بازىرى ۋە تۆت كوچا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. ماشىنا – ماشىنا ئالما- نەشپۈت، بانان، ئاپېلسىن، شېكەر قوناق (توقسۇن شېۋىسى: شىكەر قومۇشى) تۆكمە قىلىپ سېتىلىۋاتاتتى. كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقى ھەر خىل ئۇششاق تاۋار، كۆچەتلەر، يېڭىلا پارنىكتىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆكتاتلار، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى تىزىۋالغان يايمىچىلار بىلەن توشقان ئىدى. بېكەتنىڭ ئالدىغا ۋە يېزا بازىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بىرمۇنچە كىشىلەرنى ئەتراپىغا چېۋىندەك ئولاشتۇرىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قانداقتۇر شىپالىق دورىلىرىنى ماختاۋاتقان سەكسەن خالتىلار بازارنى تېخىمۇ قاينىتىۋەتكەن ئىدى. بۇ يەرگە ھەر بازار كۈنى مانا مۇشۇنداق دورىپۇرۇشلار كېلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تارىم ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەنلەر ئىدى. شۇڭا بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ سېتىۋاتقان دورىسىدىن كۆرە ئۇلارنىڭ كۇچا، قەشقەر، خوتەننىڭ شېۋىسىدە قىلغان قىزىق – قىزىق گەپلىرىنى ئاڭلىغىلى كېلىشەتتى. مەنمۇ قىزىقسىنىپ بىكەتنىڭ ئالدىدىكى دورىپۇرۇشنىڭ تاماشىسىنى كۆرگىلى كىشىلەر توپىغا قىسىلدىم. دورىپۇرۇش «باھنى كۈچەيتىدۇ، بۆرەك قۇۋۋەتلەيدۇ» دەپ بىر دورىنى ھەدەپ ماختاۋاتاتتى. ئۇنىڭ ھەم قىزىقارلىق ھەم تېتىقسىز چاخچاقلار بىلەن دورىسىنى ماختىشى ئولىشىۋالغان كىشىلەرنى كۈلدۈرەتتى. بىراق ئۇنىڭ ھە دېگەندە «ئۇرغىي تىبابىتى، ئۇرغىي دارىسى» دېيىشى زىتىمغا تىگىپ، قۇلىقىمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى. بۇ يەردىنمۇ كەتمەكچى بولدۇم. ئامانەت قەرز كوپراتىپىنىڭ ئالدىدا پىلاستىنكا ساتقۇچىلار «ئون يۈەنگە ئۈچ» دەپ ۋارقىرىغىنىچە پىلاستىنكا سېتىۋاتاتتى. ئاۋاز ياڭراتقۇدىن چىققان زىيادەنىڭ ناخشىسى بازارغا بىر كەلگەن ئىدى. مەن ئوغلۇمغا ئىككى كىلوگرام بانان ئېلىۋېلىپ ئۆيگە چىقىپ كەتتىم.
تاماق يەۋېتىپ ئايالىم كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ:
ــ ئەتە سەباتىيەنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت تويى ئىكەن، چىللاپتۇ، مەرۋايىت رېستۇرانىدا ئىكەن،ــ دېدى.
ــ سەباتىيەنىڭ ئوغلىنىڭ خەتنىسى چالا بولۇپ قاپتىكەنمۇ؟ ئۇ نەچچە قېتىم سۈننەت توي قىلىدىكەن؟
ئىقرارمەن، يېقىندىن بۇيان تېرىككەك بولۇپ كېتىپ باراتتىم. ئايالىمنىڭ خىزمەتدىشى سەباتىيە ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىنى سەغىرا زۇھالىيەنى ئۆيىگە چاقىرغان كۈنى قىلىپ بولغان ئىدى. شۇڭا مەن ئارتۇق ئويلىنىپ تۇرمايلا ئايالىمغا زەھىرىمىنى چاچتىم.
ــ مەن يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى ساۋاقدىشىم سەباتىيەنى دەۋاتىمەن، نەچچە قېتىم سۈننەت توي قىلىپ خەق ساراڭ ئەمەس.
شۇندىلا يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى سەباتىيە بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى ئەكبەر كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتەتتۇق. مەن تولۇقسىزغىچە تاغلىق كەنتىمدىكى مەكتەپتە ئوقۇپ، كېيىن تۇرپان دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغاچقا بۇ يەردە ساۋاقدىشىم يوق، يەنە كېلىپ مەن بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كەلگىلى ئەمدى تۆت يىل بولغاچقا ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان كىشىلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىيلا ئايالىمنىڭ ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرى بولۇپ قالغان ئىدى. سەباتىيەنىڭ يولدىشى ئەكبەر بىلەنمۇ ئاغىنىدارچىلىق قىلىپ ئۆتەتتۇق.
مەرۋايىت رېستۇرانى ئولتۇراق رايوننىڭ يېنىدىكىلا ئىككى قەۋەتلىك چوڭ رېستۇران ئىدى. بىز كىرگەندە مېھمانلار ئاللىقاچان كېلىپ بولۇشقان ئىدى. ئايالىم ئۆز قاياشلىرىنىڭ قېشىغا ماڭدى، مەن بوغالتىرنىڭ قېشىغا بېرىپ رەسمىيەتنى ئۆتىۋېتىپ ئەتراپقا قارىدىم. بىرىنچى قەۋەت ئاساسەن ئاياللار بىلەن تولغان ئىدى. ئىككىنچى قەۋەتكە قارىدىم. ئايالىمنىڭ ساۋاقدىشى ھەم خىزمەتدىشى، شۇنداقلا مېنىڭ ئاغىنەم مۇختەر ئىككىنچى قەۋەتتىكى رىشاتكا قېشىدا ماڭا قولىنى پۇلاڭلىتىپ چاقىرىۋاتاتتى.
مەن ئايالىمنىڭ ئوغۇل ساۋاقداشلىرى ئولتۇرغان ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇم. ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلەن ئارىلىشىپ ئاغىنىدارچىلىق قىلىشىپ ئۆتسەممۇ، بىراق قارشى تەرىپىمدە ئولتۇرغان ئاپتونۇم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدە ئىشلەيدىغان ئابلېكىم تۇرسۇن بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ رىياسەتچىسى مەخمۇت ئىسرائىل بىلەن ئانچە تونۇشلۇقۇم يوق ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى ئۈرۈمچىدە ئۆتۈپ، يۇرتقا كەمدىن كەم كەلگەچكىمىكىن دىدارلىشىپ سۆھبەتلىشىش پۇرسىتى بولمىغان ئىدى. قۇلاقنى يارغۇدەك ياڭراۋاتقان ناخشا ساداسى ئىچىدە ئۆز ئارا پاراڭلىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىككىنچى قەۋەتتىكى نۇرغۇن مېھمانلار ئەمدى پاراڭنى قويۇپ رىشاتكا تۈۋىگە كېلىپ بىرىنچى قەۋەتتە قىز رىياسەتچىنىڭ كارتونلىرى بىلەن ئۇششاق بالىلارنى ئويۇنغا تەشكىللەۋاتقانلىقىنى كۆرۈش بىلەن بولۇپ كەتكەن ئىدى. يېنىمىزدىكى ئۈستەلدىن ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىرەيلەن مەخمۇت ئىسرائىلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئاغزىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېقىن ئەكىلىپ قانداقتۇر بىر دىلو توغرۇلۇق ئۇنىڭغا ۋارقىراپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى. مەنمۇ ئورنۇمدا ئولتۇرىۋېرىشنى خوپ كۆرمەي رىشاتكا تۈۋىگە كېلىپ ئوغلۇمنىڭ ئويۇنىغا قاراپ تۇردۇم. ئوغلۇم ئويۇنغا بېشىچىلاپلا كىرىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئوغلۇمدىن خاتىرجەم بولۇپ نەزىرىمنى ساھىپخانلار ئۈستىلىگە ئاغدۇردۇم. ئاغدۇردۇم يۇ يۈرىكىم جغغىدە قىلىپ قالدى. ئايالىم ئولتۇرغان يەرنىڭ يېنىدىكىلا ئۈستەلدە زۇھالىيە ئولتۇراتتى. ئۇلار شۇنچە يېقىن ئولتۇرغىنىغا قارىماي تەتۈر قارىشىپ ئولتۇراتتى. ئەلۋەتتە، بۇ تويغا زۇھالىيەنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىمۇ تەبىئي ئەھۋال. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. لېكىن بۈگۈن ئۇنىڭ ئايالىم بىلەن بۇ سورۇنغا تەڭ داخىل بولۇشى قانداقتۇر بىر شۇملۇقتىن بىشارەت بېرىۋاتقاندەك كۆڭلۈمنى ئارامسىزلاندۇراتتى. مەن جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
تاماق تارتىلدى. ھاراقمۇ ھەر بىر ئۈستەلگە ئۆز نۆۋىتىدە كەلتۈرۈلدى. «ھەي بۇ ئەكبەرنىڭ نېمە قىلغىنىدۇ، مەرىكىدە ھاراق قويۇلمايدىغان بولغىلى نېكەم» ئىچىمدە غودۇراپ قويدۇم. بوپتىلا، ئۆزۈم ئىچمىگەندىكىن دەپ قىرىمغىمۇ ئالماي قورۇمىلاردىن ئېلىپ ئولتۇرىۋەردىم. ساقىي ئوسمان رومكىنى ئايلاندۇرۇپ كېلىپ ماڭا كەلگەندە زورلاپ تۇرىۋالدى. مەنمۇ چىڭ تۇردۇم. ئاخىرى مۇختەر ماڭا بولۇشۇپ ئوسمانغا گەپ قىلدى:
ــ ئاداش، نەسىرۇللا ئاق ئىچەلمەيدۇ، بۇنى ئوبدان بىلىسەن، بولدى زورلىما.
ــ ئەمىسە باشقا نەرسە ئىچسۇن، پىۋا ئىچ،ــ ئوسمانمۇ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالدى.
ــ جېنىم ئاداش، ئۈچىنچى ئايدا پېۋىنى قانداق ئىچكىلى بولىدۇ؟ ھېلى بىكار ئاڭگىنام قوزغىلىپ قالىدۇ؟ باشقىلارغا قويىۋەرگىنە.
ــ ئامىرىنو ئىچ، بولامدۇ؟ ئۇ سوغۇق كەلمەيدۇ،ــ ئوسمان كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا قارىدى.
ــ ئامىرىنو دېگەن قانداق نەرسە؟ــ سورىدىم مەن قىزىقسىنىپ.
ــ قىزىل كالا ئىچىملىكىگە ئوخشاپ قالىدىغان ئىچىملىك، ئۇنىغۇ ئىچەرسەن؟ ئۇنىمۇ ئىچمەيمەن دېسەڭ بىرىنچى قەۋەتكە، خوتۇنۇڭنىڭ قېشىغا چۈشۈپ كەت،ــ ئوسمان بۇ يەرگىمۇ ئىچىپ كىرگەندەك قىلاتتى. ئۇ ماڭا ئىچكۈزمەي قويمايدىغاندەك قىلاتتى.
ــ مەيلى، شۇنى ئىچەي، لېكىن ئۇ بۇ يەردە بولمىسا،ــ «قىزىل كالا ئىچىملىكى»دەك بولسا ئىچىپ باقمايمەنمۇ دەپ ئويلاپ ئاسانلا ماقۇل بولدۇم.
ئوسمان بايا ھاراق ئېلىپ كەلگەن بالىغا بىر نېمىلەرنى دېدى. ھايال بولمايلا ئۇ بالا ئىككى قۇتا ئامېرىنو ئېلىپ كەلدى.
ــ ئەمىسە سەن ئاق ئىچمەيسەن، شۇنداققۇ، خوپ، لېكىن ماۋۇ ئىككى قۇتا ئامېرىنونى ئۆزۈڭ يالغۇز ئىچىپ بولىسەن، ئاشۇرۇشۇڭغا رۇخسەت يوق،ــ ئوسمان ئامېرىنونى پىۋا رومكىسىغا لىققىدە قويۇپ ماڭا سۇندى،ــ بىر كۆتۈرۈشتە ئىچىۋەت ھە، قىزىل كالىنى شۇنداق ئىچىدىغۇ.
مەن «ھە» دەپ بېشىمنى لىڭشىتقىنىمچە رومكىنى كۆتۈرۈپ خۇددى سۇ ئىچكەندەك رومكىدىكى سۇيۇقلۇقنى ئاغزىمغا تۆكتۈم. تۆكتۈم زامان ئاغزىمغا «ئامېرىنو» ئاتلىق بۇ سۇيۇقلۇق بىلەن تەڭ ئاچچىق بىر تەم بىلەن سېسىق ھىد كىرىپ كەتتى. ئاغزىمدىكىنى پۈركىۋېتىشكە ئارانلا قالدىم. بۇ نەدىمۇ «قىزىل كالا ئىچىملىكى»دەك ئىچىملىك بولسۇن، «ئامېرىنو» دەپ بىر چىرايلىق ئىسىم قويۇۋالغان بىلەن ئاچچىق ئاق ھاراقنىڭ ئۆزىلا ئىدى. ئامالسىز مىڭ تەستە ئاغزىمدىكىنى يۇتىۋەتتىم. سورۇندىكىلەر مېنىڭ ئوسماننىڭ چالغان دېپىغا ئوبدانلا ئۇسسۇل ئوينىغىنىمدىن قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
ــ مېنى ئالداپسەن، بۇمۇ ھاراق ئىكەنغۇ؟ــ مەن قىزارغان ھالدا ئوسمانغا قاراپ زەردە قىلدىم.
ــ ئاداش، چىداپ تۇرۇپ ئىچە، بىر نېمە بولۇپ قالماسسەن، سەت تۇرىدۇ،ــ مۇختەر پېشىمنى تارتىپ ماڭا ئاستا پىچىرلىدى.
مۇختەرنىڭ كۆزدە تۇتقىنى مەن يەنە ئوسمان بىلەن ئېيتىشىۋەرسەم سورۇننىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يېتىپ، ئۈرۈمچىدىن ئالاھىدە كەلگەن ئىككى ساۋاقدىشىنىڭ كۆڭلىنىڭ بىسەرەمجان بولۇپ قالماسلىقى ئىدى. ئۇ «ئامېرىنو»نىڭ قانداقلىقىنى بىلىدۇ. بايا سۈكۈت قىلىپ، مېنىڭ ئەخمەق قىلىنىشىمغا چىداپ تۇرىشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇنىڭدىن بولسا كېرەك.
ــ ئەمىسە ئاق ئىچ. ئىككىسىدىن بىرىنى ئىچىسەن، بايا ئۆزۈڭ ماقۇل دەپ بېشىڭنى لىڭشىتتىڭ، ھېچكىم سېنى مەجبۇرلىمىغان،ــ ئوسمان ماڭا داۋامىنى ئىچىۋەت دەپ قارىدى.
مەن ئارتۇق گەپ قىلمايلا رومكىنى كۆتۈرىۋەتتىم. ئارقا – ئارقىدىن ئىككى رومكا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ئامېرىنونىڭ ئاچچىقى يوقىغاندەك بولۇپ سۇ كىرگەندەكلا كىرىدىغان بولدى. توي مەشرىپى باشلانغاندا ئاللىقاچان ئىككى قۇتا ئامېرىنونى قۇرۇقداپ بولغان ئىدىم. ئەمدى ھەممەيلەن بىرىنچى قەۋەتكە توي مەشرىپىگە چۈشتۇق. بىز بىر مەيدان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىدۇق. ئايالىم بىلەن تويلاردا ئۇسسۇل ئوينىمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. تويلارغا كىرسەكمۇ تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن توي مەشرىپىگە داخىل بولمايلا ئالدىراپ ئۆيگە قاچاتتۇق. چۈنكى كەچ سائەت يەتتىگە چاقىرىلغان توينىڭ داستىخىنى سائەت توققۇزدا ئاران تارتىلاتتى. بۈگۈنكى توي ئاغىنىلەرنىڭ تويى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە يەكشەنبە بولغاچقا دەم ئالاتتۇق. ئايالىم بىلەن ئۇسسۇل ئويناۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ ئوبدانلا قىزىپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ئايالىممۇ تۇرقۇمغا قاراپ «ئىچىپسىز ھە» دەپ ھومىيىپ قويدى. ئىككى مەيدان ئۇسسۇلدىن كېيىن ئايالىم ساۋاقداشلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشكىلى كەتتى. مەن تەڭشىلىپ قالغان بولسام كېرەك مەيداندا ئوينىغۇم كېلىپلا تۇراتتى. ئەمدى مۇزىكا «چىمەندە گۈل»گە يۆتكىلىپ ۋالىس باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. ئاغىنىلەر قىقاس – چۇقان كۆتۈرىشىپ مەيدان تەرەپكە كەلدى ۋە زۇھالىيەلەر ئولتۇرغان ئۈستەلدىكى يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ قېشىغا دۈررىدە مېڭىشتى. ئاياللار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىشىپ كېتىشكە تەرەددۇتلىنىۋاتاتتى. بىر نەچچەيلەن ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ مەيدانغا چۈشۈپمۇ ئۈلگۈردى. مەنمۇ كەينىمگە ياناي دەپ تۇرۇشۇمغا مۇختەر كېلىپ بېلىكىمنى تۇتۇپ ئىتتىردى:
ــ سەنمۇ قاچاي دەمسەن؟ مەشرەپ ئەمدى باشلاندى، بىزنىڭ توي بۇ، بىز ئويناپ قىزىتمىساق كىم ئويناپ قىزىتىپ بېرىدۇ؟ سېنىڭ بېشىڭدىمۇ بار ئىش بۇ، ماڭ، ئاۋۇ كەتكىلىۋاتقانلارنى توسۇپ ئۇلاردىن بىرىنى تارتىپ سەنمۇ ئوينا.
مېنىڭمۇ ۋالىس ئوينىغۇم كېلىپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن يەنە كەينىمگە يېنىپ بايىقى ئاياللارغا قارىدىم. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىسى زۇھالىيە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە تۇرۇپ قالدىم. تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان ئاغىنەم دىلمۇرات يەلكەمدىن ئىتتىرىشكە باشلىدى:
ــ ئۇسسۇلغا دەسسىگەن پۇتۇڭ ۋالىسقىمۇ كېلىدىغاندۇ؟ ماڭ، ئوينا دېدىم ئوينا.
دىلمۇرات مېنىڭدىنمۇ ئۆتە تەڭشىلىپ كەتكەن بولغاچقا مېنى ئىتتىرىپ كېلىپ زۇھالىيەگە چاپلاشتۇرۇپ قويايلا دەپ قالدى. زۇھالىيە ئالدىغا كەلگىنىمنى كۆرۈپ تەمتىرەپ قالدى. ھودۇققان ئىككى جۈپ كۆز يەنە ئۇچراشتى. ئۇنىڭ ئالدىغا باشقا ئىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ۋالىس ئويناش ئۈچۈن كەلگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ خىل ھالەتتە تۇرىۋېرىشكە بولمايتتى. كۆكسۈمگە قولۇمنى قويۇپ ئۇنى تەكلىپ قىلدىم. ئۇمۇ تارتىشمايلا سومكىسىنى يېنىدىكى ئورۇندۇققا تاشلاپ قويۇپ يېنىمغا كەلدى.
مەن ئۇنىڭ يۇمشاق قولىنى تۇتقىنىمنچە ۋالىسقا يېنىك دەسسەپ مەيدانغا چۈشتۈم. ئۇ گەرچە كۆزلىرىنى مېنىڭ كۆزلىرىمدىن ئەپلىككىنە قاچۇرۇپ تۇرسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە، ئەدناقى چىرايىغا قاراشقىمۇ پېتىنالمايتتىم. «چىمەندە گۈل» ياڭرايتتى. دەرھەقىقەت، قولىنى ئەمدىلەتىن تۇتۇشقا نېسىپ بولۇۋاتقان بۇ ئايالنىڭ شۇ يىللاردا ھاياتلىق چىمەنىمدە ئېچىلغان ماڭىلا تالىق بولغان بىر تالغىنە گۈلۈم بولۇشىنى خام خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. مۇشۇ قوللارنى تۇتۇشقا شۇنچە ئىنتىزار ئىدىم. ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا مەكتەپتە پات – پات تانسا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن تانسا كېچىلىكلىرىگە تالاي قېتىم بىرگە قاتناشقان ئىدۇق. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قول تانسا ئويناشقا جۈرئەت قىلماپتىمەن. ۋالىس ئەۋجىگە چىقتى. ئۇنىڭ بىلەن مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇزىكىغا مەستخۇش بولغان ھالدا پىرقىرىماقتىمەن. شۇ مىنۇتلاردا گويا رېستۇرانمۇ، دۇنيامۇ تەڭ چۆرگىلەۋاتقاندك ئىدى. دۇنيا بىلەن تەڭ چۆرگىلەۋاتقان بېشىمنى زورىغا باشقۇرۇپ زۇھالىيەنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىشكە جۈرئەت قىلىۋاتاتتىم. بىراق كۆزۈم ئۇنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ بولغىچە ئاغزىنى قولى بىلەن ئەتكەن ھالدا رېستۇران ئىشىكىگە قاراپ ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كېتىۋاتقان سىماغا قاراپ بېشىم پىررىدە قايدى. توغرا، ئۇ سىما ئايالىم ئىدى. ۋالىسنىڭ ئاخىرىسىنىڭ قايسى تەرىزدە ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زۇھالىيەگە قايسى تەرىزدە ئەدەب قايتۇرغانلىقىمنى بىلگۈچىلىكىم يوق ئىدى. بېشىم تولىمۇ ئېغىر ھالدا ئۆيگە قايتتىم.
ئوغلۇم ئۇخلاپ قالغان بولۇپ، ئايالىم تەتۈر قاراپ مىشىلداپ يىغلاپ ياتاتتى. شۇنداق قاتتىق بىر جەڭنىڭ بولىدىغانلىقى تايىن. بىراق بۇ جەڭ بۈگۈن ئاخشام بولمايتتى. چۈنكى ھەر قانچە ئېغىر توقۇنۇش، دەتالاش بولۇپ كەتسىمۇ بالا بار يەردە ئۆزىمىزگە ھاي بېرەتتۇق. تاتلىققىنە ئۇخلاپ ياتقان بالىمىزنى شۇ قاتتىق جەڭنىڭ بىگۇناھ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ھەر ئىككىمىزنىڭلا كۆڭلى ئۇنىمايتتى. مەنمۇ تورۇسقا قاراپ يېتىپ، يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىگىنى ئويغانسام ئايالىم ناشتىلىق تەييارلاپ بولۇپ، ئاشخانىدا چۈشتە ئېتىدىغان تاماقنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ تۇرۇپتۇ. مەن يۈزلىرىمنى يۇيۇپ بولۇپ ئاشخانىغا كىردىم. ئايالىم ماڭا قاراپمۇ قويماي ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋەردى. مەن نېمە قىلىشنى، نېمە دېيىشنى بىلەلمەي چوكىداندىن چوكىنى ئالغان بولۇپ چىقىپ كەتتىم. ئەتىگەنلىك ناشتا تولىمۇ كۆڭۈلسىز يېيىلدى. مەن كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا ئايالىمغا قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى يىغا ۋە ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى قورۇقلار بىر ئاخشامدىلا كۆپىيىپ قالغاندەك، ئۇزىراپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بىز بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي ئىشىمىزغا ماڭدۇق.
چۈشتە مىڭ پاتمان غەم بىلەن ئۆيگە كەلدىم. ئوغلۇم چۈشتە يەسلىدە قالىدىغان بولغاچقا، بۈگۈن چۈشلۈك تاماققا قوشۇپ تويغىچە دەشنام يەيدىغىنىم كۆڭلۈمگە تايىن ئىدى. دەرۋەقە تاماق بىلەن تەڭ ئۆيىمىزدە سەككىز يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىككى كىشىلىك جەڭنىڭ پىلتىسىغا ئوت يېقىلدى:
ــ نەسىرۇللا، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى قىينىماي راست گېپىڭىزنى قىلىڭ، بۇ ئۆيدىن رايىڭىز يانغان بولسا، ئۇ تۇرپانلىققا قىيالمىغان بولسىڭىز، ئامالىنى قىلىڭ،ــ ئايالىمنىڭ كۆزلىرىدىن سوغۇق نۇر چاقنايتتى.
ــ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ بۇ ئۆيدىن مەڭگۈدىن مەڭگۈگە رايىم قايتمايدۇ. بۇ ئۆي مېنىڭ ھەممە نېمەم. سىز قاچانغىچە گۇمان قىلىپلا يۈرىسىز؟ «قىيالمىغان بولسىڭىز» دېگەن قانداق گەپ ئەمدى؟ مەن قىيالمايدىغانغا ئۇ مېنىڭ بىر نېمەم ئەمەس. سىزگە نۇرغۇن قېتىم ئېيتتىم. ئۇ پەقەت ۋە پەقەت مېنىڭ ساۋاقدىشىم، خالاس. ئارتۇقچە سالاھىيەت ئارتقۇڭىز بولسا بۇ پەقەتلا ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشى، مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئادەم تېپىلمىغاندەك نېمانداق ئۇنىڭدىنلا كۈنلەيسىز؟
ــ كىمدىن كۈنلەشنى ئوبدان بىلىمەن، ماڭا ئۆگەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ساۋاقداش سىلەردەك بولامدۇ؟ نەچچە يىلدىن بېرى گاھى چ چ دا، گاھى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئەمدى بولغاندا شۇلار ئاز كەلگەندەك سىزنى ئىزدەپ ئىلانلىققا قەدەر كەپتۇ.....
ــ نەچچە يىلدىن بېرى ئەمەس، نەچچە ئايدىن بېرى،ــ ئايالىمنىڭ «دۆڭنىڭ ئارقىسىدىن ئابدۇراخمان قوپتى» دېگەندەك يوقلا گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىدىن تېرىكىپ گېپىنى بۆلىۋەتتىم،ــ بىز تور چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن مەن نەدە چ چ ئىشلىتىمەن. ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنىمۇ بىلمىسەم قانداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكۈدەكمەن، تەسەۋۋۇرنى ئەقىلگە سىغقۇدەك قىلىڭ، ئۇ نەدىمۇ بۇ يەرگە مېنى دەپ كەلسۇن؟ ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرمىسا ئۇ بۇ يەرگە قانداق كېلەلەيدۇ؟ ھۆكۈمەت ئۇنى ئالغۇيدىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلگەن تۇرسا.
ــ ئەمىسە بوراندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى چىققىنىڭىزچۇ؟ چېدىردىكى ئىشلارچۇ؟ ئەجەبا ئۇنى يەردە قۇچاقلاپ ياتقىنىڭىز يالغانما؟ بوپتۇ، بۇ ئىشلارنى خەقتىن ئاڭلىغانمۇ بولاي، ئاخشامچۇ، ئۇنى قۇچاقلاپ ۋالىس ئويناپ كەتكىنىڭىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈمغۇ؟ بۇلاردىن تىنىۋالالمايدىغانسىز؟
ئايالىمنىڭ بارغانسېرى بىمەنە گۇمانلار بىلەن ئەزۋەيلەپ كېتىپ بارغانلىقىدىن زەردەم قايناپ تېرىكىشكە باشلىدىم.
ــ بوراندا مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى چىقمىدىم، پۇل ئالغىلى بانكىغا چىقتىم. توۋا، بۇ ئىشلارنى سىزگە نەچچە قېتىم چۈشەندۈرۈپ بولغان، ئۇنىڭ بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالدىم. قويۇنتاز ئۇنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە مەن پۇل بەرگۈنىڭ يېنىدا ئىدىم. مەن ئۇنى قويۇنتازنىڭ ھۇجۇمىدىن تارتىۋالاي دەپ بارغاندا قويۇنتاز بىزنى يىقىتىۋېتىپ مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشتۈم شۇ، ئەگەر يەنە ئىشەنمىسىڭىز تۆت كوچىدا كامىرا بار. ئۇنىڭدىن ھەممىسى چىقىدۇ،ــ گەرچە ئۇ ئىشنى كامېرادىن تەكشۈرۈپ چىقىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئاچچىقىمدا شۇنداق دېدىم،ــ ئاخشام ئۆزىڭىز سۈرەتكە چۈشكىلى كېتىپسىز، شۇنىڭ بىلەن ئاغىنىلەرنىڭ زورى بىلەن زۇ شياڭجاڭ بىلەن بىر قول ۋالىس ئويناپ قويدۇم. مېنى ئۇنىڭ قېشىغا مەجبۇرىي ئىتتىرىپ ئاپارغان دىلمۇرات، يەنە ئىشەنمىسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن يۈزلەشتۈرسەم بولىدۇ. مەن سىزدىن بۆلەك ئايال زاتى بىلەن تانسا ئويناپ قويسام بۇنىڭ نەرى خاتا. قۇچاقلاپ دېگىنىڭىز نېمىسى؟ ۋالىسنى ئەشۇنداق بىر قولدا قولىنى، بىر قولدا بېلىنى تۇتۇپ ئوينايدىغان تۇرسا. شۇنىمۇ دەپ قوياي، ئۆمۈرلۈك ئېرىڭىزگە ئىشەنمەي، خەقنىڭ پىتنە – پاساتلىرىغا، سۆز – چۆچەكلىرىگە ئىشىنىپ، ماڭا بۇ دەرىجىدە ئۇگال (ئۇۋال) قىلىۋاتىسىز. تولا ئورۇنسىز كۈنلىمەڭ، زۇھالىيە ئېرى، بالىسى بار ئايال. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دېگەن رەھبەر. بوپتۇ دەپ مېنى بېشىمدەك ئالتۇن بىلەن ئۇنىڭغا تاشلاپ بەرسىڭىزمۇ ئۇ كېرەك قىلمايدۇ.
ــ رەھبەر؟ ئۇنداق بولسا قېنى ئېيتىڭچۇ، سىزنىڭ ھازىرقى ئورۇنغا يۆتكىلىپ كېلىشىڭىزدە ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان ئۇ خوتۇننىڭ قولى بارمۇ؟
ئايالىم سۆزلىرىمگە ئىشىنەر – ئىشەنمەس بىر خىل تەرىقىدە ماڭا قاراپ دىمىقىنى قېقىپ قويدى. ئالدىدىكى يېرىم يېيىلگەن لەغمەننىڭ چۆپلىرى ئاللىقاچان سوۋۇپ قېتىپ كەتكەن ئىدى. راست، ئىككىمىزنىڭلا ئىشتىيىمىز تۇتۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئايالىمنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ كۈندەشلىكتىن كاللىسىنىڭ راستىنلا ئېلىشىپ قالاي دېگەنلىكىنى ھىس قىلدىم، شۇنداقلا ئۇنىڭ مېنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىمۇ چۈشىنىپ يەتتىم.
ــ ۋاي – ۋۇي جېنىم خوتۇن، نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەمسىز زادى؟ــ ئايالىمغا قاراپ سوغۇق كۈلدۈم،ــ مەن بۇ يەرگە قاچان يۆتكەلدىم ھە؟ 2008 – يىلىغۇ؟ ئۇ چاغدا زۇھالىيە ئادەتتىكى بىر مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان تۇرسا، مېنىڭ يۆتكىلىشىمگە ئۇنىڭ قانداق كۈچى يەتسۇن؟ ئۇ شۇ چاغدا باشقارما باشلىقى بولغان تەقدىردىمۇ مەن ھەرگىز ئۇنى ئىزدەپ بارماس ئىدىم. ئۇ مېنىڭ ساۋاقدىشىم بولسىمۇ، مەن ئۇنى كۆرگىلى سىزگە ئوخشاشلا ئەمدى بىر ئاي بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن 2001 – يىلى كۆرگەنچىلا.
ــ ئەمدى بىر ئاي بولدى؟ بۇ گېپىڭىزگە كىم ئىشىنىدۇ؟ نەچچە يىلدىن تۇرپانغا بېرىشىڭىز جىقلاپ كەتتى. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈردىڭىز بۇ ئۆزىڭىزگە ئېنىق.
ــ بۇ ئىشلارنى سىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەممىسى گېزىتخانا بىلەن ژۇرنال تەھرىراتى ئاچقان يىغىنلار.
ئايالىمنىڭ ئەمدى سەۋرى قاچىسى تاشقان بولسا كېرەك ئورنىدىن دەست تۇرۇپ نەشتەردەك كۆزلىرىنى كۆزۈمگە تىكىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
ــ ئۇنداقتا، ئەر بولسىڭىز راست گېپىڭىزنى قىلىڭ، سىز ئۇ خوتۇننى ياخشى كۆرەمسىز؟
مەنمۇ ئورنۇمدىن دەست تۇرۇپ ئايالىم كۆزۈمگە قانداق نەشتەرلىك تىكىلىپ قارىغان بولسا، مەنمۇ سەندىن قالامدىن دېگەندەك قىلىپ شۇنداق تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم:
ــ ئادىمىيلىك پەزىلىتىمگە ھاقارەت قىلماڭ، مەن نىكاھىمدا كىشى تۇرۇپ باشقا ئاياللارغا، يەنە كېلىپ خەقنىڭ نىكاھىدىكى ئايالغا كۆڭۈل تاشلايدىغان شاللاق ئادەم ئەمەسمەن.
ئايالىم ئورنىدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ بېشىنى پەس قىلىپ چاچلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىشكەن بارماقلىرىنى تىقىپ خۇددى ھازىرلا چاچلىرىنى يۇلىدىغاندەك چىڭڭىدە سىقىمدايتتى. بىلىپ تۇرىمەن، ئۇنىڭ يىغلىغۇسى كەلسىمۇ، يىغلاشنى لايىق كۆرمەيۋاتاتتى.
ئايالىم بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي ئاۋازىنى ئاران ئۆزى ئاڭلىغۇدەك قىلىپ ئاستا سورىدى:
ــ سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەنمۇ؟
ئايالىمنىڭ بۇ تۇرقى ئىچىمنى ئېزىۋەتتى.
ــ ھەئە،ــ مەن راستىنى ئېيتتىم،ــ ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم، بىراق بۇنى ئىچىمدىلا بىلىپ كەلگەن ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈش ئەمەس، ئۇنىڭغا بۇ مۇددىئايىمنى ئېيتىپ باققانمۇ ئەمەسمەن. بۇ ئەلۋەتتە ئىككىمىز تونۇشۇشتىن بۇرۇنقى ئىشلار. تويدىن بۇرۇن ھېچكىم بىلەن يۈرۈپ باقمىغىنىمنى سىزگە دېگەن ئىدىم.
ئايالىم بىر ھازا شۇ تەرىقىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ بەكمۇ بەكمۇ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. بىراق شۇ ئازابنىڭ سەۋەبچىسىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى ئېتراپ قىلغۇم كەلمەيتتى. مەن گۇناھسىز، مەن ئايالىمغا ساتقىنلىق قىلمىدىم، تالاغىمۇ قارىمىدىم. مەن ئۆزۈمگە ئاق. شۇ توقۇناق تۆھمەتلەر تۈپەيلى ئەزرائىلغا يۈزلىنىشكە توغرا كەلسىمۇ تىك تۇرۇپ يۈزلىنىشكە ئىشەنچىم بار.
ئايالىم يېرىم يېيىلگەن ئىككى قاچا لەغمەننى ئاشخانىغا ئەكىرىپ ئۈستىنى يېپىپ قويدى ۋە شىرەنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ ئالدىمغا كېلىپ كۆزۈمگە تەئەددىي بىلەن تىكىلدى:
ــ نەسىرۇللا، ئەگەر مېنى ئالدايدىغان بولسىڭىز، سىزنى......
ئايالىم سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېمىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. بۇ ياشلار يۈرىكىمنى پاژژىدە ئېچىشتۇرۇپ ئۈلگۈردى. مەن ئايالىمنىڭ مۈرىسىگە قوللىرىمنى ئېلىپ كۆزىگە مېھرىم بىلەن تىكىلدىم.
ــ قانداق قىلىسىز؟
ــ ئۆلتۈرىۋېتىمەن!!!
ئايالىم ياش پارقىراپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. ئاھ، ياراتقان ئىگەم، نېتەي شۇ كۆزلەرنى، مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى – ھارارىتى ئېتىلىپ تۇرغان شۇ كۆزلەرنىڭ شۇ دەقىقىدە جىسمىمنى، ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغانلىقىغا ھەقدا ئۆزۈڭ. ئايالىمنىڭ شۇ دەرىجىدىكى دەھشەت سۆزىدىن ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى قوللىرىم تىترەپ كەتتى. شۇ دەقىقىدە يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشتىن توختاپ، ۋاقت تىزگىنىنى تارتقان ئىدى. ۋەھىمىلىك شۇ دەھشەتتىن ئېسىمنى تاپقان ۋاقتىمدا ئايالىم ئاللىقاچان ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.
مەن ئاسىيمۇ؟ مەن ئاسىيمۇ؟ ئۆزۈمگە قايتا – قايتا بۇ سۇئالنى قويدۇم. ئۆزۈمنىڭ ئاسىي ئەمەسلىكىمنى بىلىمەن. بىراق ئاسىيلىق چۆلىدە سەرسانمەن. مېنى سەۋەبسىزلا ئاسىيلىق چۆلىگە پالىغان شۇ كۆڭۈلداشلارغا لەنەت. ئاسىينىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ھەق. ئاسىيلىقنىڭ غەزەب- جازاسى، ھۆكمى بىلەن ئايالىمنىڭ قولىدا، ئۇنىڭ قۇچىقىدا، مىڭ قۇياش پارلاپ تۇرىدىغان كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: «ئىھ، ياراتقان ئىگەم، مەن مۇشۇ ئايالنىڭ ئاسىيسى، مېنى دوزاخنىڭ ئوتىدا ئەمەس، مۇشۇ كۆزلەردىكى غەزەپ يالقۇنلىرىدا كۆيدۈرۈپ جازالىغايسەن!» دەپ نىدا قىلىپ تۇرۇپ جان بېرىشنى خالايتتىم. ئۆلۈمدىن قورقمايمەن، ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقمايمەن، پەقەتلا ھۆكمىڭنىڭ ھامان توغرىلىقىدىن قورقىمەن. يىگانە ئازمىغۇچىسەن، ئۆزۈمنىڭ ئېزىپ قېلىشىمدىن قورقىمەن.
داۋامى بار
|
|