- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 40
- تىزىملاتقان
- 2012-8-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-9
- UID
- 45328
- يازما
- 40
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 40
- تىزىملاتقان
- 2012-8-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-9
- توردا
- 34 سائەت
|
ئالدى بىلەن نەسرۇللا مۇئەللىمنىڭ‹‹خان›› ۋە خىرۇستال ئوردىدىكى شاھزادە ، خانىشنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسىگە سالامەتلىك،خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
ھەربىر يېڭى بۆلەك باشلىنىشى بىلەن كۆك رەڭدە بويالغان سۆزلەرگە قاراپ ئۆزۈمچە ئەسەرنىڭ شۇ بۆلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىمەن،چۈنكى قەلىبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئۇشبۇ قۇرلار ئاشۇ بىر بۆلەك ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىسە كېرەك دەپ ئويلىدىم.نەسرۇللا مۇئەللىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سابىق ئوقۇرمەنى بولۇش سۈپەت ۋە سالاھىيىتىم بىلەن تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىغا ھىلىھەم ئوتتەك قايىللىقىمنى بىلدۈرىمەن،‹‹ئىشىك ئالدىدىكى مۇھەببەت››،‹‹ئويمانلىقتىن كەلگەن يىگىت››،‹‹كارىز ئاتا››...قاتارلىق ئەسەرلىرىڭىزنى بىردە يىغلاپ،بىردە كۈلۈپ دىگەندەك ئوقۇپ سىزنىڭ ئەسەرگە تاللىغان خام ماتىرياللىرىڭىزدىن ،ھەمدە بىر ئەسەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ،ھەقىقەتلەرنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولاتتىم،مانا ئەمدى‹‹خىرۇستالنامە››ناملىق چوڭ ھەجىملىك بۇ ئەسىرىرىڭىزنىڭمۇ پاتراق پۈتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،مەن ھازىرچە ‹‹ئەينەك قەلئە››دە ياشاۋاتقانلىقىم ئۈچۈن خىرۇستال ئوردا ئىچىدىكى بۇ ۋەقەلىكلەرگە بەكمۇ پىكىر بېرەلمىگۈدەكمەن،بىراق،قەلبىمدە شۇنداق بىر غەليان كۆتۇرۇلۇپ تۇرىدۇكى ‹‹خىرۇستالنامە››ناملىق ئەسەر خىرۇستالدەك چاقناش بىلەن،ئوردىدىكىلەرنىڭ جەم بولۇشى،بەخىتلىك تەنتەنىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، نەسرۇللا،پەزىلەت،زۇھالىيا،ۋە شاھزادە مۇشەررەپنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ،مۇرەككەپ ھىس-تۇيغۇلىرىدىن،ئۇلارنىڭ پەزىلىتىدىن قارىغاندائەسەر تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشماس دەپ ئويلىدىم.ئاخىرىغا ئىنتىزار بولۇپ قالدۇق،قارا ئەتتىرگۈل بىزنى قانداق قىسمەتلەر قوينىغا سۆرەپ كىرەر؟... |
|