داۋامى
گۈللەر گۈللەردىن قىزغىنىدۇ بۇلبۇللىرىنى، بۇلبۇل بۇلبۇلدىن قىزغىنىدۇ قىزىلگۈلىنى. شۇ قىزغىنىش گۈللەرنى خۇش پۇراق تارقاتقۇزىدۇ، بۇلبۇللارنى يۈرىكى خۇن ھالدا سايراتقۇزىدۇ. گۈل بىلەن بۇلبۇل، خۇشپۇراق بىلەن خۇن مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك تىمسالىدۇر.
بۈگۈن دەرس ۋاقتىدا يەنە «قارا ئەتىرگۈل» بىلەن پاراڭلاشتىم. بىراق نېمىشقىدۇر بىردەمدىلا «خوش»مۇ دېمەستىن غايىپ بولدى. ئايالىمنىڭ چ چ سى يوق ئىدى. بىراق ئۆتكەندە ئۇنىڭغا ئېلخەت ساندۇقى ئېلىپ بەرگەن ئىدىم. ئۇ ئانچە – مۇنچە ئىشلىتىپ يۈرگەن ئىدى. تېلېفوننى ئالمىغان بىلەن بۇ ئېلخەتكە ئامال قىلالمايدۇ دە. بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ ئۇنىڭغا خەت يازدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەدىناسىم پەزىلەت.
يىراق جياڭنەن دىيارىدا ئەزىز تەنلىرىڭىزنىڭ رىياكار كېسەل ھۈجەيرىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن خالىي، جىسمانىيەت دۈشمىنى بولغان جانخور ۋىرۇسلاردىن مۇستەسنا ھالدا ساق سالامەت يۈرىۋاتقانلىقىڭىزدىن بىخەۋەر ھالدا، سىزدىن كېچە – كۈندۈز ۋايىم يەپ، يېگەن – ئىچكىنىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈسىز ھالدا پەرىشان ئولتۇرۇپتىمەن. كۆڭلىڭىزنىڭمۇ ھەم مېنىڭدىن ئۆتە پەرىشان، ناخۇش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. نە ھاجەت، دوستۇم، ھە، نە ھاجەت؟!
شۇنداق بىر سۆيۈشلەرگە نائىل بولغان ئىدىم. شۇ سۆيۈشلەردىن خۇدۇمنى يوقىتىپ، مەستۇ مۇستەغرەق بولغان ۋاقتىمدا، ماڭا شۇ سۆيۈشنى ئاتا قىلغان ساھىب سۆيگۈنىڭ دۇنيا بىلەن تەڭ، بىقىياس مېھىر مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن كۆزلىرىگە مەستانە بولغان ۋاقتىمدا، «پەزىلەت، پەزىلەت» دەپ زىكرى قىلىپ تۇرۇپ، شۇ كۆزلەرنىڭ سېھرىدىن تىترىگەن قوللىرىم بىلەن يۈرىكىمگە ئىسمىڭىزنى مەڭگۈلۈككە نەقىش قىلىپ ئويغان ئىدىم.
شۇنداق بىر كۆيۈشلەرگە مۇپتىلا بولغان ئىدىم. ئىنساننىڭ ئىنساننى كۆيدۈرىدىغانلىقىدىن تەئەججۈپلەنگەن ۋاقتىمدا، 37 سېلىسيە گرادۇستىن ئاشمايدىغان قېنىمنىڭ پورۇقشىپ قايناۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان ۋاقتىمدا، سىزنىڭ مەن بىلەن ئاداققى دەملەرگىچە قول تۇتۇشۇپ، تۇرمۇش مۇساپىرىتىدە بىر – بىرىمىزگە ھەمدەمدە بولۇپ، تەڭمۇ تەڭ ھالدا سانسىز يۇلتۇزلار ئاسمىنىغا سىڭىپ كېتىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنگەن ۋاقتىمدا، جىسمىمنىلا ئەمەس، ۋۇجۇدۇمنىمۇ كۆيدۈرگەن شۇ كۆيۈشلەرگە تەشەككۈر ئېيتقان ئىدىم. بەلكىم جاھاندا زارلانمايدىغان كۆيۈش شۇ ئىشقى كۆيۈشتۇر، مېھرىي كۆيۈشتۇر. پەرۋانىنىڭ كۆيۈپ زارلانغىنىنى كۆرمىدىم ئەسلا. سىزمۇ شۇنداق كۆيگەنسىز جېنىم. بىراۋنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىمۇ كۆيۈشى كېرەكقۇ ئاخىر.
نىكاھنىڭ ئانىنىڭ سۈتىدەك پاك ۋە مۇقەددەسلىكى بىلەن بېشىمىز قوشۇلغان شۇ كۈننى سېغىندىم جېنىم. يىگىتلىك مەۋسۈمىمدىن ئەرلىك مەۋسۈمىگە قەدەم قويغان شۇ كۈنلەردە، بالىلىقىمدا قېنىپ – قېنىپ ھوزۇر ئالغان، يايرىغان ئاپامنىڭ باغرىدىكى ئىللىقلىقنىڭ سىزنىڭ باغرىڭىزغا كۆچكەندەك ھىس قىلغان ئىدىم. شۇ ئىللىقلىقنىڭ ماڭا مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدىم. مەن ئىللىق قوينىڭىزدا سەككىز يىل ئەللەيلەندىم. ئەمدىچۇ؟ شۇ ئىللىقلىقنى نېمە ئۈچۈن مەندىن قىزغىنىدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟ يۈرىكىڭىزنىڭ تېمپېراتۇرىسى شۇنچە تېز چۈشۈپ كەتكۈدەك مەن نېمە ئىش قىلدىم؟ زۇھالىيە ئۈچۈنغۇ؟ بىر قېتىملىق قۇيۇنتاز قىسمىتى، بىر مەيدان ۋالىس، بىر مەرتەم موتۇسىكىلىتىمغا مىندۈرىۋېلىش كۆڭلىڭىزگە شۇنچىلىك شۈبھىلەرنى سالغانلىقىغا ھەيرانمەن. ۋىجدانىم يول قويغان دەرىجىدە ئىقرارمەن، زۇھالىيەنى كۆرگەن شۇ دەقىقىلەردە ئاللىقاچان ئۆچۈش تەقدىرىگە مۇپتىلا بولغان، شۇ زامانلاردىكى مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىنىڭ قايتىدىن پىل – پال قىلغانلىقىغا ئىقرارمەن. ئەمما بۇ پىل – پال قانچە تېز چاراقلاپ يانغان بولسا، خۇددى يۇرتىمىزنىڭ ئىيۇل ئايلىرىدىكى چاقماقتەك شۇنچە تېز غايىپ بولغان ئىدى. چۈنكى بۇ چاقماق مەزگىلسىز چاقماق ئىدى. ۋاقتى ئۆتكەن قۇرۇق چاقماق ئىدى. ئۇ چاقماقنىڭ كەينىدىن ھوزۇرلۇق ياز يامغۇرى ياغمايتتى. كۆزلەرنى غەلەت قىلىدىغان سېھىرلىك نۇرلىرى ۋە ئارقىدىنلا ئاڭلىنىدىغان دەھشەتلىك ھۆركۈرەيدىغان گۈلدۈرمامىدەك قورقۇنچلۇق ئىدى.
بەختىمىزگە قارا سانىغانلار كىملەركىن؟ ئازاب بىلەن ئىڭرىشىمىزغا ئىنتىزارلار كىملەركىن؟ بۇ سەرسانلىقىمىز ئۈچۈن قەھ – قەھلەپ كۈلىۋاتقانلار كىملەركىن؟ بەختلىك نىكاھىمىزغا كۆز ئالايتىپ، خۇسۇمەت داۋانلىرىدا تەمتىرىمەي كېتىۋاتقانلار زادى كىملەركىن؟ باشقىلارغا گۈلنىڭ خۇشبۇي ھىدىدىن كۆرە تىل تىكەنلىرىنىڭ قانلىق نەشتىرىنى ئەلا بىلگەنلەر يەنە كىملەركىن؟ ئەي، سۆز – چۆچەك ئاپتورلىرى، ئالدىراپ مەيدەڭلەرنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمەڭلار، مېنىڭ پەزىلىتىم ھامان سىلەرنى كۆرۈپ يېتىدۇ. شۇنداقمۇ قەدىناسىم، ئۇلارنىڭ مەقسىدى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بىز ئۈچ جان ئايرىلماس بىر گەۋدە. بىزنى ئايرىشقا ئۇرۇنغانلار چۈشەكەپتۇ.
ئوغلىمىزنى كۆرۈپ كەلدىم. ئۇنىڭ مىسكىنلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ چىداپ تۇرالمىدىم. ئۇنىڭ «ئاتا!» دەپ ۋارقىراپ يىغلىغىنىچە قوينۇمغا ئۆزىنى ئاتقىنىدىن شۇنچە بەرداشلىق كۆزلىرىم ياشلىرىمغا ئىجازەت بەردى. مەن يىغلىدىم. نۇرغۇن يىللار خۇددى ئۆچكەن بۇلاقتەك تىنىپ كەتكەن كۆزلىرىم ياشلار بىلەن نەمدەلدى. بەلكىم كۆزلىرىممۇ مېنىڭدىن نەپرەتلىنىپ ياش كەلكۈنىنى قويۇۋەتكەندۇ. خۇددى مېنى كۆز ياش توپانىغا غەرق قىلماقچى بولغاندەك. باغرىمنى قۇچىقىمغا ئېلىپ يېنىش – يېنىشلاپ سۆيدۈم. سۆيۈش بىلەن گۇناھىمنى مەخپىرەت قىلغىلى بولغان بولسا، مەن بىر پاك ئىنسانغا، سەلتەنەتلىك ئاتىغا ئايلانغان بولاتتىم. ياش ـــ ئۇ بىر تۇزلۇق سۇ ئىكەن. مەن پاكلىنالمىدىم. ئوغلىمىزنى تاشلىۋېتىشكە كۆزىڭىز قىيدى ھەم مېنىڭمۇ شۇنداق. بىز شۇنداقلا باغرى تاش بولۇپ كەتتۇقمۇ؟ بالىمىز بەلكىم ئانىسىدىن: «ئاتام قېنى؟ ئاپام قېنى؟ مېنى نېمىشقا تاشلىۋېتىدۇ؟ ئۇلار قاچان كېلىدۇ؟ ئۆيىمىزگە قاچان قايتىمىز؟» دەپ سوراۋاتىدىغاندۇ؛ ئۆزى قايىل بولغۇدەك جاۋاب ئالالماي يىغلاۋاتىدىغاندۇ؛ چۈشلىرىدىن ئەندۆرەپ ئويغىنىپ «ئاپا، ئاتا» دەپ چىقىرىۋاتىدىغاندۇ؛ شۇ جىگىرىمىزدە نېمە گۇناھ بار ئىدى؟
بىلىپ تۇرىمەن. سىزمۇ كۆزىڭىز ياش، باغرىڭىز قان ھالدا كەتكەن ئىدىڭىز. سىزمۇ بالىمىزنى خىيال قىلىپ ئۇخلىيالمايۋاتقانسىز؛ بالىمىزنىڭ سۈرىتىگە قاراپ جياڭنەننىڭ قارا ئۆرۈك يامغۇرىدەك تۆكۈلۈپ يىغلاۋاتىدىغانسىز؛ ماڭا ئوخشاشلا ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەۋاتىدىغانسىز؛ مەندىن ھەسسىلەپ نەپرەتلىنىۋاتىدىغانسىز. نەپرەتلىنىشكە ھەققىڭىز بار. چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولمىساممۇ، مۇشۇ كۈنلەرنىڭ سەۋەبچىسىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىمەن.
ئۆمۈرلۈكۈم، تېلېفوننى ئېلىڭ، بولامدۇ؟ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاي، ئۈنلىرىڭىزدىن خاتىرجەم بولاي. گەرچە كۈندە دېگۈدەك ئوغلۇمغا تېلېفون قىلىپ، سىزنىڭمۇ كۈندە تېلېفون قىلىپ تۇرغانلىقىڭىزدىن خەۋەردار بولساممۇ، بىراق ئاۋازىڭىزنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاي، يۈرىكىم بىر يايرىسۇن! گۇناھكارىڭىزنىڭ پەرىشان كۆڭلى تەسكىن تاپسۇن.
بۇ پەسىل جياڭنەننىڭ دەل قارا ئۆرۈك يامغۇرى پەسلى. جۇڭگونىڭ ئەڭ قۇرغاق، يامغۇر – يېشىنسىز قۇتۇپىدىن بارغان سىز ئۈچۈن ئۇ خىل ھاۋارايى تولىمۇ زېرىكىشلىك. كۆنىشىڭىز تەس. سىرتقا چىققاندا كۈنلۈك، يامغۇرلۇق ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ. ئوغلىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ. ئۇ يەردىمۇ ئۆيدىكىدەك تىجەشلىك بولىمەن دېمەي، خالىغانچە خىراجەت قىلىڭ. رىسقىمىزنى خۇدايىم بېرىدۇ. سەمىرىپ كېتىمەن دېمەي، تاماقنى قۇۋۋەتلىك، كۆپرەك يەڭ. بىلىسىزغۇ، مەن سېمىزلىكىڭىزگە ئامراق.
سىزدىن ئەپۇ ۋە ئېسەنلىك تىلەپ:
پەرىشانىڭىز نەسىرۇللا پەرھاتتىن دەپ بىلۇرسىز
2012 – يىلى 6- ئاينىڭ 15 – كۈنى جۈمە
چۈشتە مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولمىغان «ئابلېز پولوخانىسى»دىن 20 يۈەنگە پولو ئېلىپ يىدۇق. بۇ ئاشخانىدىكى پولوپەز ۋە ئىككى كۈتكۈچىدىن باشقا ھەممىسى خەنزۇ ئىدى. ھەتتا ئاشخانىمۇ خەنزۇ خۇجايىننىڭ بولۇپ، پولوپەز ئابلېزنىڭ نامىدا ئاچقان ئاشخانا ئىكەن. سانجىدا ئامال يوق. خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا خەنزۇلار ئىشلەيدىكەن. بۇ يەردىكى خېلى چوڭ، ھەشەمەتلىك بېزەلگەن، ئىككى قەۋەتلىك «غېنى تېز تاماقخانىسى»نىڭ كۆپ قىسىم خىزمەتچىلىرىمۇ خەنزۇلار ئىدى. بىز ئۇلاردىن نېمىشقا خەنزۇلارنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىساق، ئۇلار: «بۇ يەردە ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنى تېپىش تەس، ئۇيغۇرلار بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ئىشلارنى ياراتماي قىلمايدۇ، قىلسىمۇ ئۇزاققا چىدىمايدۇ، شۇڭا ئامال يوق خەنزۇلارنى ئىشلىتىمىز، لېكىن سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، خەنزۇلار ئوچاق بېشىغا ئۆتمەيدۇ، ئۇلار پەقەت تاماق تىزىملاش، تازىلىق قىلىش ۋە پۇل يىغىشقىلا مەسئۇل.» دېيىشتى. دېمىسىمۇ يېڭى كەلگەندە «غېنى تېز تاماقخانىسى»غا تاماق يېگىلى كىرگەندە، بىر خەنزۇ تاماق تىزىملىغىلى كېلىۋىدى، خوتەنلىك ساۋاقدىشىمىز چۆچۈپ كېتىپ، خۇجايىننىڭ يېنىغا بېرىپ «بۇ ئاشخانا ئۇيغۇرنىڭمۇ، مۇسۇلمانچىمۇ؟» دەپ سوراپ كەتكەن ئىدى. مەنمۇ مۇشۇ كەمگىچە بۇنداق ئەھۋالنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىكەنمەن. كېيىن بارا – بارا بۇنداق ئىشلارغىمۇ كۆنۈپ كەتتۇق.
چۈشتىن كېيىن دەرس ۋاقتىدا «قارا ئەتىرگۈل» يەنە پەيدا بولدى. مەن ئۇنىڭدىن چۈشتىن بۇرۇن شۇنچە ئالدىراش نەگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى سورىدىم.
ــ كەچۈرۈڭ نەسىرۇللا ئاكا، چۈشتىن بۇرۇن توك توختاپ قېلىپ، مەن توك كارتىسىنى تېپىپ بولغىچە مۇشۇ ۋاقت بولۇپ كەتتى.
ــ ھە، ئەسلىدە مۇنداقكەندە، سىڭلىم، سىز مۇنبەرلەرگە كىرىپ تۇرامسىز؟ــ مەن ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ تور ئادرىسىنى ئۇنىڭغا ئېۋەتىپ بەردىم. ئۇ بىر ئازدىن كېيىن جاۋاب قايتۇردى:
ــ نادان سىڭلىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ، مەن ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمەيمەن.
ــ سىز خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغانمۇ؟
ــ ھەئە.
مەن ئۇنىڭ بىلەن ئون نەچچە كۈندىن بېرى خەنزۇ تىلىدا پاراڭلىشىپمۇ، ئۇنىڭ خەنزۇۋان ئىكەنلىكىنى سېزەلمەپتىمەن دېسە.
ــ ئۇنداقتا ئۆگىنىشنى خالامسىز؟
ــ بەكلا خالايمەن.
ــ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش ئانچە تەس ئەمەس. سىز بىر ئايغا قالمايلا چوقۇم ئۆگىنىپ كېتەلەيسىز.
ــ مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، «ئېلىپبە»نىمۇ كۆرىۋاتقىلى خېلى بولغان، ھەرپلەرنى خېلى كۆپ مەشىق قىلدىم، بىراق يېتەكچىلىك قىلىپ ئۆگىتىپ قويىدىغان ئادەم بولمىغاچقا ياخشى ئۆگىنەلمىدىم.
مەن «ئېلىپبەنىڭ كارتون ئۆگىتىش دېتاللىرى بار، شۇنى سىزگە ئېۋەتىپ بېرەي» دەپ يېزىپ تۇرۇشۇمغا ئۆگىنىش باشلىقىمىز مېنى چاقىرىپ قالدى، مەن خەتنى ئېۋەتمەيلا ئۆگىنىش باشلىقىمىزنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ مەندىن ئۆتكەندە ئۆيگە قايتقان ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچىدىن رۇخسەت سورىغان، سورىمىغانلىقىمنى، نەچچە كۈن سورىغانلىقىمنى، شۇنداقلا قاچان بېرىپ، قاچان قايتىپ كەلگەنلىكىمدەك بىرمۇنچە سۇئاللارنى سورىدى. مەن جاۋاب بەرگەندىن كېيىن يوقلىما خاتىرىسىگە خاتىرىلىۋالدى. «ئەمدى يادىغا كېلىپ قاپتىغۇ بۇنىڭ»دەپ غودۇرىغىنىمچە ئورنۇمغا قايتىپ كەلسەم، يېنىمدىكى پەرىدىن بىلەن كەينىمدىكى غۇلجىلىق ساۋاقدىشىم بايا ئوچۇق تاشلاپ قويغان چ چ رىمغا خەت يېزىپ تاماشا قىلغىلى تۇرۇپتۇ. مەن كېلىپلا: «مېڭىشە گۇيتوزىلار» دەپ ئۇلارنى قوغلىۋەتتىم.
ــ ھەي نەسىرۇللا، بۇ قىز بالا كېلىپلا قاپتۇ، ئەمدى ئۇنىڭ قېشىغا «ئېلىپبە» ئۆگەتكىلى بارىسەن - دە، قالغىنى خۇداغا ئامانەت،ــ غۇلجىلىق ساۋاقدىشىم بېشىنى مەن تەرەپكە سوزۇپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.
ــ ھۇ، ئىزا تارتمايدىغانلار، مەن پاراڭلىشىۋاتقان ئادەمگە ئاقساقاللىق قىلغىلى خىجىل بولمىدىڭلارمۇ؟ــ مەن كۆزنەكنى كىچىكلىتىۋەتتىم.
ــ سەنمۇ گەپ قىلىشنى بىلمەيدىكەنسەن، ئۇنىڭ «ئۆگىتىپ قويىدىغان ئادەم يوق» دېگىنى «سەن كېلىپ ئۆگىتىپ قوي» دېگىنى ئەمەسمۇ؟ كارتون ئېلىپبەنى ئېۋەتىپ بېرەي دەپ كەتكىنىڭنى.
ــ تاپشۇرۇقىڭنى ئىشلىگىنە بولدى، مېنىڭ ئىشىمغا ئارىلاشماي. مەنمۇ ساڭا چ چ رىمغا قاراپ قوي دېمىگەنغۇ، نېمە ئاتىكاچىلىق قىلىسەن؟ــ ئارقىدىنلا يېنىمدىكى پەرىدىنگە ھومايدىم.
ــ باشقا گەپ يوق، سەن دېيەلمەيۋاتقان گەپنى دەپ قويدۇق شۇ،ــ پەرىدىن ئىشىدا يوق ئۆزىنىڭ شاھمىتىغا قاراپ ئولتۇراتتى.
مەن بۇ ساراڭلا نېمىلەرنى يېزىپ كەتكەندۇ دەپ كۆزنەكنى ئاستا ئاچتىم. كۆزنەكتە مەن بايا يازغان، لېكىن ئېۋەتىشكە ئۈلگۈرمىگەن خەت يوق ئىدى. كۆزنەكتە مۇنۇ خەتلەر تۇراتتى.
ــ ئەمىسە مەن سىزگە ئۆگىتىپ قوياي، بىز كۆرۈشەيلى.
ــ بىز كۆرۈشسەك، سىز پۇشايمان قىلىپ قالىسىز.
ــ ياقەي، پۇشايمان قىلغۇدەك ئىش يوق، مەن پەقەت سىزگە ئېلىپبە ئۆگىتىپ قويىمەن، باشقا ئىش يوق، خاتىرجەم بولۇڭ.
ــ مەن خاتىرجەم بولالمايمەن.
ــ ھەرگىز باشقا خىيالدا بولماڭ، ئەتە بىز دەم ئالىمىز، ئەتە كۆرۈشسەك قانداق؟ بىز 8- ئاينىڭ ئاخىرى كېتىمىز، كەتكىچە سىزگە ئۆگىتىپ بولىمەن.
ــ مەن بايا دېگەن، بىز كۆرۈشسەك، سىز پۇشايمان قىلىپ قالىسىز.
ــ نېمىشقا؟
«قارا ئەتىرگۈل» تېخىچە جاۋاب بەرمىگەن ئىدى. يېنىمدىكىلەرنىڭ تېتىقسىز چاخچىقىدىن ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم، ئوقۇتقۇچى دەرس باشلاپ كەتكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ پەرىدىننىڭ يوتىسىنى چىمدىپ، «ۋۇ لەقۋا، دۆت» دەپ تىللاپمۇ چىقتىم. كۆزنەكنى ئېتىپ دەرسكە قۇلاق سالغان قىياپەتتە ئولتۇردۇم. ئىچىم ئاچچىق بولاتتى. «مەن ئەتە تېخى بۇ قىز بىلەن كۆرىشىدىكەنمەن، يەنە كېلىپ ئوقۇشۇم پۈتكىچە ئۇنىڭغا ئېلىپبە ئۆگىتىدىكەنمەن، ھەي تاماشىخورلار» دەيتتىم ئچىمدە. ئارىدىن يېرىم سائەتلەر ئۆتۈپ، چ چ رىمدا «قارا ئەتىرگۈل»نىڭ باش سۈرىتى لىپىلداشقا باشلىدى. مەن ئىككى يېنىمغا قارىۋېتىپ، تاماشىبىنلىرىمنىڭ يوقلىقىدىن خاتىرجەم بولۇپ كۆزنەكنى ئاچتىم. ئاچتىم يۇ، «قارا ئەتىرگۈل» لاتىن يېزىقىدا يازغان باردا يوق ئۈچ دانە سۆزدىن چۆچۈپ كەتتىم.
ــ چۈنكى مەن ئەيدىز.
مەن دەرھال كۆزنەكنى ئەتتىم. جىمجىتقىنە ئولتۇرۇپ يۈرىكىمنى بېسىۋېلىشقا تىرىشتىم. مەن ئون نەچچە كۈندىن بېرى پاراڭلىشىپ كېلىۋاتقان بۇ قىز ئەيدىز ئىكەن ئەمەسمۇ؟ شۇندىلا ئۇنىڭ نېمىشقا ئۆزىگە «قارا ئەتىرگۈل» دەپ ئىسىم قويۇۋالغانلىقىنى، شەخسىي ئىمزاسىغا «تاغاق چىلاندىكى يەتتە پەرىزات، مېنى كۈتۈڭلار!» دەپ يېزىۋالغانلىقىنى ئازراق چۈشەنگەندەك قىلدىم. ئەمدى قانداق قىلاي؟ مەن ئىككىلەنمەسلىكىم كېرەك. بىرىنچىدىن، مەن گەرچە ھازىر پىدائىيلىق قىلمايۋاتقان بولساممۇ، يەنىلا ئۆزەمنى «ئەيدىز پىدائىيسى» دەپ بىلىمەن. ئەمدى بولغاندا ئەيدىز بىمارىنى كۆرۈش ۋە ئۇلارغا خىزمەت قىلىش پۇرسىتى كېلىپتۇ. بۇنىڭدىن باش قاچۇرسام بولامدۇ؟ ئىككىنچىدىن، ھېلىقى پوۋىسىتىمنى يازىدىغانغا ماتېرىيال مەنبەسىنىڭ دەل ئۆزى مۇشۇ «قارا ئەتىرگۈل» ئەمەسمۇ؟ ئۈچىنچىدىن، «كۆرۈشەيلى» دېگەن گەپنى گەرچە مەن دېمىگەن بولساممۇ، بىراق «قارا ئەتىرگۈل» مېنى دېدى دەپ ئويلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇنىڭغا «بۇ گەپنى مەن دېمىگەن، ساۋاقداشلىرىم چاخچاق قىلىپ قويۇپتۇ» دېسەم ئۇنىڭغا قانچىلىك زەربە بولار؟ مەن قانداق ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمەن. ئاخىرى ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا ئۇنىڭغا خەت يازدىم:
ــ مەيلى راست ئەيدىز بولۇڭ ياكى يالغان بولۇڭ، مەن پۇشايمان قىلمايمەن. مەن «ئەيدىز پىدائىيسى»
ــ راستمۇ؟ ئەمەلىيەتتە مەن راستىنلا ئەيدىز.
ــ راست، سىڭلىم، ماڭا سىز بىلەن ئۇچرىشىدىغان پۇرسەتنى بەرسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن. بەلكىم بەزى جەھەتلەردىن سىزگە ياردەمدە بولارمەن.
ــ ئەتىگىچە سىزگە ئۇچۇر قىلاي بولامدۇ؟
ــ بولىدۇ،ــ مەن يانفون نومۇرۇمنى ئېيتىپ بەردىم.
كەچقۇرۇن ساۋاقداشلار «غېنى تېز تاماقخانىسى»نىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئولتۇرۇش قىلىدىغان بولدى. مېنىڭ ئاڭگىنايىم ساقىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قېتىم قوزغىتىۋېلىشنى خالىمايتتىم. شۇڭا ئاستىلا «ياجوڭ» مەيدانىغا تىكىۋەتتىم. دائىم ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئوتتۇرا مەيدانغا كەلسەم، فەرۇزە راۋاقنىڭ گىرۋىكىدە شاكىلاتلىرىنى يەپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاۋالقىدەكلا ئوڭ قولۇمنى كۆكرىكىمگە قويۇپ سالام بەردىم:
ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، فەرۇزە.
فەرۇزە مېنى كۆرۈپلا ئولتۇرغان يېرىدىن پەسكە چۈشۈپ ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ، سەل ئېگىلىپ قىلىق چىقىرىپ سالام قايتۇردى:
ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، نەسىرۇللابىك.
بىز يەنە راۋاقنىڭ گىرۋىكىگە چىقىپ ئولتۇردۇق. مېنىڭ ئەزەلدىن كەمپىت، شاكىلات بىلەن خوشۇم بولمىغاچقا، ئۇ ئېلىۋالغان «ئابىدە» ماركىلىق سودا سۈيىنى ئىچىپ ئولتۇردۇم.
ــ ئۆزۈڭ كۈندە ئاخشىمى بۇ يەرگە چىقىدىكەنسەن، قىزىڭ قانداق قىلىدۇ؟
ــ ئۇ كۈندە ئاخشىمى قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە ئۆگىنىش قىلغىلى كىرىدۇ، جۈمە، شەنبە ئاخشاملىرى پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆيىگە پىئانىنو ئۆگەنگىلى بارىدۇ.
ــ ئۆزى يالغۇز قورقمامدۇ؟
ــ ياقەي، پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆيى بىزنىڭ ئولتۇراق رايوندا.
مەيداندا ئۇسسۇل قايناپ كەتتى. بۈگۈن بىزدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇلاردەك قىلاتتى. مەيداندىكى دەم ئېلىشقا چىققان كادىردەك كۆرۈنىدىغان بىر ئەر بىلەن 70 ياشلاردىن ئاشقان بىر موماي مەيداندىن چۈشمەي ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېچىنى بۈدرە قىلىۋالغان، پەمىمچە 40 ياشلاردىن ئاشقان ئايال يېنىدىكى ئۆزى دېمەتلىك يەنە بىر ئايالغا قەدەم ئېلىشنى ئۆگىتىۋاتاتتى. ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا يالغۇزدىن يالغۇز ئويناۋاتاتتى. ئويناۋاتقانلار شۇنچىلىك ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ ئوينايتتىكى، ئۇسسۇلنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ئىدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ چىرايى شۇنچىلىك سۈرلۈك ۋە جىددىي تۈس ئالغانكى، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا خاس ھېسسىيات چىقمايۋاتاتتى، شۇنچىلىك سۈنئىي كۆرۈنەتتى. مەيدان ئوتتۇرىسىنى توختىماي ئايلىنىپ، مەستانە بولۇپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئاۋۇ ئەرنىڭ تۇرقى تېخىمۇ ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايتتى. ئۇ ئەر ئۇسسۇلنى خېلى يامان ئەمەس ئويناۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇچىسىغا ئاسما مايكا، تېگىگە تىزىنىڭ ئۈستىگە كەلگۈدەك كالتە ئىشتان كىيىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقى تولىمۇ كۈلكىلىك بولۇپ، ئويناۋاتقان ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا پەقەتلا ماس كەلمەيتتى.
ــ يۈرە، بىزمۇ ئوينايلى،ــ يېڭى ناخشا باشلىنىشى بىلەن فەرۇزە پەسكە چۈشتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. فەرۇزە مەيداننىڭ بىر چېتىگە كېلىپ، مېنىڭ ئۆزىنى تازىم قىلىپ ئۇسسۇلغا تارتىشىمنى كۈتۈپ تۇردى. ئۇ مېنىڭ شۇنداق قىلىشىمنى ياخشى كۆرەتتى. فەرۇزە گەرچە ئۇيغۇر بولمىسىمۇ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلنى شۇنچىلىك ياخشى ئوينايتتى. ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ، كۆزلىرىمگە بېقىپ تۇرۇپ، ھەرخىل قىلىق چىقىرىپ ئۇسسۇل ئوينىشى ماڭا باشقىچە بىر خىل ھوزۇر بېغىشلايتتى. يېقىندىن بۇيان بۇ يەرگە فەرۇزەنى دەپلا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇسسۇل ئويناش ئۈچۈنلا كېلىدىغان بولۇپ قالدىم. زۇھالىيە بىلەن بىر قول ۋالىس ئوينىغىنىم ئۈچۈن تاپتىن چىققان دەپ قارالغان ئىدىم. ئەمدى كۈندە بۇ يەرگە كېلىپ فەرۇزە بىلەن ئۇسسۇل ئويناۋاتىمەن. بۇ تېخىمۇ تاپتىن چىققانلىق بولامدۇ؟ ياق، مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر بىر ئەر يەنە بىر ئايال بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى ئۈچۈنلا تاپتىن چىقىدىغان ئىش بولسا، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى نېمە دېگۈلۈك؟ باشلانغۇچ مەكتەپتە پىئونىرلار يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا، پىئونىرلار پائالىيىتى ۋاقتىدا مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ، ئوغۇللارغا قىزلارنى ئۇسسۇلغا تارتقاندا، ئوڭ قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ تازىم قىلىپ تۇرۇپ تارتىشنى، ئۇسسۇل ئوينىغاندا باشقا يەرگە قارىۋالماي، بېقىشىپ تۇرۇپ ئويناشنى ئۆزۈم ئۆگەتمىگەنمىدىم. دېمەك مەن تاپتىن چىقمىدىم، شۇنداققۇ؟
ئۇسسۇل ئاخىرلاشتى. فەرۇزە يېنىمىزغىلا كېلىپ قالغان ھېلىقى كۇساركۇغا خەنزۇچە:
ــ كەچۈرسىز ئەپەندى، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى بەك ياخشى ئوينايدىكەنسىز، بىراق كىيىنىشىڭىز ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا پەقەتلا ماس كەلمەپتۇ، شۇنداقلا بۇنداق كىيىنىپ ئۇسسۇل ئوينىسىڭىز ئۇيغۇرلارغا ھاقارەت قىلغان بولىسىز،ــ دېدى.
خەنزۇ يولداش «كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ، مەن بىلمەپتىمەن» دېگىنىچە بېشىنى قايتا – قايتا لىڭشىتىپ، ئۆزرە ئېيتىپ مەيداندىن چىقىپ كەتتى.
بىز مەيداننىڭ سىرتىغا چىقتۇق. فەرۇزە بۇ قېتىم راۋاق تەرەپكە مېڭىپ، راۋاقتا ئولتۇرماستىن، يېنىدىكى تار يولدىن ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئۈن – تىنسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.
ــ كاۋاس ئىچىپ كېلەيلى، بولامدۇ؟
ــ نېمە؟ كاۋاس؟ــ مەن تەئەججۇپ بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلدىم.
راست گەپنى قىلسام، بۇندىن توققۇز يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقتىمدا، ئارمان شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر نەۋرە ئىنىم بىلەن يەنئەن يولىغا جايلاشقان ئارمان تاللا بازىرىنىڭ كەينىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرگەندە شۇ نەرسىنى تۇنجى قېتىم ئىچىپ باققان ئىدىم. ئۇ چاغدا تاماق يەپ بولۇپ ئىنىم: «ئاكا، كاۋاس ئىچەمسەن؟» دەپ سوراپ قالدى. ئاشخانىنىڭ ئىچى بەكلا ۋاراڭ – چۇرۇڭ بولغاچقا «كاۋاس» دېگەن گەپ قۇلىقىمغا «كاۋا سۈيى» دەپ ئاڭلىنىپ كېتىپتۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، شۇ چاغقىچە «كاۋاس» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. «توۋا، كاۋىنىڭمۇ سۈيى بولامدۇ؟ بولغان تەقدىردىمۇ قانچىلىك بەتتام بىر نېمىدۇ؟ ئىچكىلى بولارمۇ؟» دەپ ئويلىغان بولساممۇ، نېرى – بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا «ھە، ئىچىمەن» دەپ جاۋاب بەردىم. دېگەندىكىدەك بۇ «كاۋا سۈيى» ئەينى ۋاقتتا بەكلا بەتتام، لاۋزا تېتىپ كەتتى. شۇندىن كېيىن ئىككىنچىلەپ «كاۋا سۈيى» ئىچمەيمەن دەۋەتكەن ئىدىم. بۇدا قېتىم سانجىغا كەلگەن ۋاقتىمدا، قايسىلا ئاشخانىغا كىرسەك شۇ كاۋاس بار ئىكەن. ماۋۇ «ياجوڭ» مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىغۇ دېمەيلا قويۇڭ. ھەممىلا يەر كاۋاسچىلىق. سانجىغا كېلىپ ئاندىن ئۇ بەتتام ئىچىملىكنىڭ «كاۋا سۈيى» ئەمەس، بەلكى «كاۋاس» دېيىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. بۇرۇنقى بەتتام تەمى يادىمدا بار بولغاچقا، ھازىرغىچە ئىچىپ باقمىغان ئىدىم. بايا فەرۇزەنىڭ «كاۋاس ئىچىپ كېلەيلى» دېگەن گېپىدىن تەئەججۈپلەنگەنلىكىمنىڭ ۋەجىمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدى. مېنىڭچە ئۇنى ئاياللار ئىچسە بولمايدىغاندەكلا ئىدى.
ــ كاۋاسنى ياقتۇرمامسەن؟ كاۋاس بەك ياخشى،ــ فەرۇزە مېنىڭ ھەيران بولغىنىمنى كۆرۈپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى.
ــ ھەئە، مەن ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن، ئاياللارمۇ ئىچەمدۇ ئۇنى؟
ــ ئەلۋەتتە، ئۇ دېگەن ئىچىملىك، ھاراق ئەمەس. سەنمۇ بىر ئىستاكان ئىچىپ باق، ئاۋۇ يەرنىڭ مۇز سالغان كاۋاسى بەك ياخشى، ئىچسەڭ ساڭىمۇ تېتىپ قالىدۇ.
بىز ئويۇن قويىدىغان سەھنە مەيدانىنىڭ ئۈستىدىكى ئۈستەللەر قويۇلغان جايغا كەلدۇق. بۇ يەر بىر ئىستاكاندىن كاۋاس ياكى بىر نەچچە بوتۇلكا پېۋا ئەكىلىۋېلىپ، ئانچە – مۇنچە گازىر چاققاچ ئولتۇرۇدىغان جاي ئىكەن. مەن ئىككى ئىستاكان كاۋاس بىلەن بىر تەخسە گازىر بۇيرۇتتۇم. فەرۇزە چېغىدا ئىچىمەن دەپ ئولتۇرسا، مەن ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ گازىر چېقىپ ئولتۇرسام قاملاشمايدۇ –دە.
ــ مەن مانا مۇشۇنداق خوتۇن، قارا،ــ فەرۇزە ئىستاكاندىكى نەيچە بىلەن بىر ئوتلام كاۋاسنى سۈمىرىۋېتىپ گەپ باشلىدى،ــ يەنە كېلىپ تۇل خوتۇنمەن. ھەي، نەسىرۇللا، سەن مورى دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ؟
ــ ئەلۋەتتە، مورى قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسى بىلەن چىگرىداش ئەمەسمۇ،ــ مەنمۇ كاۋاستىن ئازراق سۈمۈرۈپ باقسام، توققۇز يىل بۇرۇنقى «كاۋا سۇيى»نىڭ تەمىنى ئۇنتۇپ قالدىممۇ، ئەيتاۋۇر بۇ مۇز سېلىنغان كاۋاس بەكلا تەملىك ۋە ھوزۇرلۇق تۇيۇلدى،ــ مۇشۇ سانجى خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ بىر ئاپتونۇم ناھىيىسىغۇ.
ــ ياخشى، بۇنى ئوبدان بىلىدىكەنسەن. يەنە دانەنگو دەپ ئاڭلاپ باققانمېدىڭ؟
ــ ئاڭلىغان، مورىدىكى دانەنگو ئۆزبىك مىللى يېزىسىنى دەيسەنغۇ؟ جۇڭگودىكى بىردىنبىر ئۆزبىك مىللىي يېزىسى.
ــ ۋۇي، سەن جىق نەرسىلەرنى بىلىدىكەنسەنغۇ؟ جىق ئادەملەر ئۇ يەرنى بىلمەيدۇ.
ــ مەن جۇڭگو ئۆزبىكلىرىنى خېلى تەتقىق قىلىپ باققان، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندە يازغان ئىلمىي ماقالەممۇ «ئۆزبىكلەرنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان تۆھپىسى» دېگەن تېمىدا ئىدى. شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى شۈكۈر يالقىن، قادىر ئەكبەر قاتارلىق خېلى كۆپ ئۆزبىك زىيالىيلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزبىكلەر ھەققىدە خېلى كەڭ تونۇشقا ئىگە بولغان. شۇڭا سىلەرنىڭ مىللىي يېزاڭلارنى بىلمىسەم سەت تۇرار؟
ــ يارايسەن، سەن بىلەن دوست بولۇپ يامان قىلماپتىمەن،ــ فەرۇزە خۇش بولۇپ شاپىلىقى بىلەن ئۈستەلگە بىرنى قويدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر خىل خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى،ــ مەن دەل ئاشۇ دانەنگودا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپكىچە قازاقچە، ئالىي مەكتەپتە ئۇيغۇرچە ئوقۇدۇم. كېيىن خىزمەتكە چىقتىم، ئاندىن كېيىن ئاتۇشلۇق بىر سودىگەرگە كۆيۈپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم. ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ، مانا ھازىر تۇل ئولتۇرۇپتىمەن.
فەرۇزە مېنى «دوست» دەپ ئاتاۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن دوستمۇ ياكى باشقا نېمىمۇ ئۇنى بىلمەيتتىم. مېنىڭچە بولسا ئۇ پەقەتلا بۇ مەيداندىكى مېنىڭ ئۇسسۇل ھەمراھىم ئىدى، خالاس. مېنىڭ بۇ يەردە بىر تۇل خوتۇن بىلەن «دوست» بولۇشۇم نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ــ نېمە؟ ئەمدى مېنى ئىنى قىلمايدىغان ئوخشىمامسەن؟ــ مەن فەرۇزەنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىدىم.
ــ ئىنى قىلاي دېسەم، بىرەر قېتىم فەرۇزە ئاچا دەپ باقمىساڭ يا، بولدىلا، بىز دوست بولايلى. مەن شۇنداق ئايال قارا، چوقۇم ھىس قىلدىڭ، مەن نېمىنى ئويلىغان بولسام شۇنى دەۋېرىمەن، نېمىنى قىلغۇم كەلسە قىلىۋېرىمەن، پەقەت خۇش بولساملا بولدى. خەقنىڭ نېمە دېيىشى، نېمە دەپ ئويلىشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك. خالىسام ناخشا ئېيتىمەن، خالىسام ساز چالىمەن. يەنە تېخى خۇشۇم تۇتقاندا بىرەر ئىستاكان كاۋاس ئىچىپمۇ قويىمەن. ئىشخانىدىكىلەر «بەك سەمىرىپ كەتتىڭ، ئاخشىمى مەيدانغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ چېنىقىپ ئورۇقلىغىن» دېگەنتى، مانا كۈندە ئاخشام بۇ يەرگە چىقىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتىمەن. ساڭا دېسەم ئاجراشقاندىن كېيىن تاتلىق نەرسىلەرگە بەك ئامراق بولۇپ كەتتىم، باشقىلار ئاجراشسا دەرد تارتىپ جۈدەپ كېتىدىكەن، مەن بولسام تولۇمدەك سەمىرىپ كەتتىم. ئەگەر خىزمەتداشلىرىم مېنىڭ بۇ يەردە ئۇسسۇل ئويناۋېتىپمۇ شاكىلات يەۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ قالسا چوقۇم تىللايدۇ. ھە راست، سەن بىرەر قېتىممۇ مېنى شاكىلات يېيىشتىن چەكلىمەيسەنغۇ؟
ــ شاكىلات يېيىش بىلەن خۇشلۇق تاپساڭ مەيلى ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ ئاياللارغا قويغان گۈزەللىك ئۆلچىمىم باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ، مەن ئاياللارنى سەل سېمىز، تولغان بولسىكەن دەيدىغانلاردىن، قېنى ئېيتقىنچۇ، سېمىز پاقلان چىرايلىقمۇ ئورۇق پاقلانمۇ؟
ــ سەن راستىنلا غەلىتە ئىكەنسەن، بىراق بۇ گەپلىرىڭ دادامنىڭ گېپىگىلا ئوخشاپ كەتتى. ئۆتكەندە چوڭ ئۆيگە بارسام سىڭلىم مېنى كۆرۈپ: «ۋاي – ۋۇي ئاچا، نېمانداق سەمىرىپ كەتتىڭ» دەپ كەتكەن ئىدى، داداممۇ ساڭا ئوخشاش مېنى سېمىز پاقلانغا ئوخشاتقان ئىدى. ھەي، بويتاق بولغان بولساڭ، ساڭىلا تىگىۋالغان بولسام بوپتىكەن ئەسلى.
فەرۇزەنىڭ قىپيالىڭاچ بۇ گەپلىرىدىن كۈلۈپ كەتتىم.
ــ توقسۇندا مېنىڭمۇ سەندەك بودىكىم بار. بۇ ئۆمرۈمدە شۇ بودەكنىلا سەمىرىتىپ ئۆتۈشنى بۇيرۇسۇن خۇدايىم.
ــ ئايالىڭ مەندەكلا سېمىزمۇ؟
ــ ياق، سەنچىلىك ئەمەس، بىراق ئۇ سېنىڭدىن خېلىلا پاكار، سەنچۇ، مۇنداق چىقامسەن؟ــ مەن باش بارمىقىم بىلەن بىگىز بارمىقىمنى ئاچىماق قىلىپ پەسكە قارىتىپ سورىدىم.
ــ مېنى جىڭلاپ باققاندەكلا تېپىۋالدىڭغۇ، دەلمۇ دەل 80 كىلو دېگىنە.
ــ مەندىن بەش كىلو ئېغىر ئىكەنسەن.
كاۋاسنى ئىچىپ بولغىچە ۋاقتمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. بىز فەرۇزەنىڭ ئۆيى تەرەپكە بارىدىغان يولغىچە بىللە مېڭىپ خوشلاشتۇق.
فەرۇزە بىر قارىماققا شۇنداق ئوماق، سۆيۈملۈك تۇيۇلاتتى. يەنە بىر قاراشقا كىشىگە يېنىك، شاللاق تەسىر بېرەتتى. بىراق ئۇنىڭ شۇ يېنىك مىجەزىنىڭ ئىچىگە ئاجايىپ قىسمەتلەرنىڭ، نۇرلۇق ھېكمەتلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھىس قىلاتتىم. ئاياللار ھەقىقەتەن سىرلىق دۇنيا ئىكەن. ئۆزۈمنىڭ ئايالىنى سەككىز يىلدىن بېرى چۈشىنىپ يېتەلمىگەن تۇرسام، فەرۇزەنى چۈشىنىپ يېتەلەيتتىممۇ، ئۇنىمۇ چۈشىنىپ نېمە قىلاي؟ بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتىكەن: «ئەگەر بىرىنى چىن دىلىڭدىن ياخشى كۆرسەڭ ئۇنى يېرىم چۈشەن، ئۇنى پۈتۈن چۈشىنىپ يەتكەن ۋاقتىڭدا ئۇ تەبىئىيلا سېنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى پۈتۈن چۈشەنگىنىڭ ئۈچۈن سەنمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىسەن.» ئۇ دانىشمەن راستىنلا ھەقىقىي دانىشمەنمىدۇ؟ ئۇنىڭ دېگىنى توغرىدىمۇ؟ مەن بۇنى بىلمەيمەن. خۇددى «تۇزلۇق قەھۋە» دېگەن ھېكايىدىكىدەك ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمنى ئۆمۈر بويى يېرىم چۈشىنىپ ئۆتۈپ كېتەيمۇ؟
|