پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 127|ئىنكاس: 4

تەپەككۈر قىرغاقلىرىدىكى ھاسىلاتلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
39 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
37 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 22:59:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۈر قىرغاقلىرىدىكى ھاسىلاتلار
(ئەبجەش يازمىلار)

قىزلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، ئۇلار خارلانمىسۇن

ئادەتتە بىز ھىكايىلىرىمىزدە، ناخشا- قوشاقلىرىمىزدا، كىنو- تىلىۋىزورلاردا قىزلارنى «ئالەمنىڭ گۈلى»، «ھاياتلىقنىڭ بۈشۈكى» دەپ تەرىپلىشىپ كېتىمىز. ئەلۋەتتە قىزلار ئالەمنىڭ زىننىتىدۇر، ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە داۋاملىشىش ئاساسىدۇر. قىز- ئاياللار ئەرلەرنىڭ خىزمەت ۋە باشقا تەرەپلەردە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدىكى كۈچلۈك مەنىۋىي ياردەمچىسى. دۇنيا پۇرۇلتارىيات ئاتىسى ماركىسمۇ ئايالى ژىننىنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشكەن. ژىننى تالاي كىچە كىرپىك قاقماي «كاپىتال»نى ئاققا كۆچۈرۈپ چىققان. نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىيۇرى خانىممۇ ئېرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆپلىگەن تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىشلىگەن.
لېكىن، كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىققا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا بىر قىسىم قىزلىرىمىز ئۇچرىغان خورلۇقلار باغرىمىزنى قان قىلماقتا. زىيادە دىنىي بۇيۇنتۇرۇق، قالاقلىق، باسقۇنچىلىق قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ ياش ھاياتىنى نابۇت قىلماقتا.
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى يەرلىرىدە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى خۇراپاتلىق، ئائىلىۋىي ھۆكۈمرانلىق تۈپەيلى كىچىككىنە قىزلارمۇ رۇباش ئارتىپ ئۆيدىن چىقماي، جاھاندىن بىخەۋەر ئۆتمەكتە. بۇ ئەھۋاللار مائارىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆملۈك- ئىناقلىققا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلماقتا.
نۆۋەتتە ئىچىمىزنى ئۆرتەيدىغان ئەڭ ئازابلىق كۆرۈنۈشلەر باسقۇنچىلىق قىلمىشلىرى بولماقتا. يېقىنقى بىر- ئىككى يىلدىن بويان مۇناسىۋەتلىك گېزىت- ژورناللاردا قىزلىرىمىزغا قىلىنغان ئاجايىپ ۋەھشىي قىلىقلار خەۋەر قىلىندى. نارەسىدە قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، ھەتتا بىر قىسىملىرىنىڭ جىنسىي ئەزالىرىنى ئۇيۇپ ئېلىۋىتىش...تەك قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا، بۇ مۇدھىش كۆرۈنۈشلەرنى ئويلاپ كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم. مۇشتلىرىم نەپرەت كۈچىدىن تۈگۈلدى. توۋا، بۇ پاجىئەلەر بىزگە «توپان بالاسى»دىنمۇ دەھشەتقۇ!... ھىلىقى گۈدەك قىزلار كەلگۈسىدىكى كۆيۈمچان، سۆيۈملۈك ئانىلار ئەمەسمۇ؟
بىر مىللەتنىڭ مەھكۇملۇقى ئالدى بىلەن مەنىۋىي گۈمرۈھلىقتىن باشلىنىدۇ. مەنىۋىيىتى بۇلغانغان مىللەت قۇرتلاپ كەتكەن كۆلگە ئوخشايدۇ.
تارىخىمىزدا تۇمارس، ئاماننىساغا ئوخشاش قەھرىمان تىپلار بار. بۇلاردىن پەخىرلىنىمىز، سۆيۈنىمىز. شۇنى ئويلىشىمىز كېرەككى، بۇ پەخىرلىنىدىغان، سۆيۈنىدىغان ئاياللىرىمىزنىڭ بىر چاغلاردا گۈدەكلىك، سەبىيلىك، ياشلىق چاغلىرى بولغان. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى يىگىتلىرىمىز قەدىرلىگەن، ئاسرىغان.
«بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي» دېگەندەك، ھەممە ئەسكىلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلىمىز. يەنە «ئاياللىرىمىز قەھرىمان، داھىي، پەيغەمبەر تۇغماس بوپ كەتتى» دەپ زارلىنىمىز. كىچىكىدىن باشلاپلا تېگىشلىك قەدىرلەشكە ئېرىشەلمىگەن، يۇمران قەلبىگە دۇنياغا بولغان نەپرەت سىڭىپ كەتكەن، كىشىلىك تۇرمۇشتا ئۆز- قەدىر- قىممىتى يەكسان قىلىنغان ئاشۇ بىچارە قىز- ئاياللىرىمىز يەنىلا بىزگە «قەھرىمان، داھى، پەيغەمبەر» تۇغۇپ بېرەرمۇ؟
بىر تۇرۇپ ئويلىساق، سەزگۈلىرىمىزنى غىدىقلاپ تۇرىدىغان مىدىيەلەرمۇ قىزلىرىمىزغا خىرىس قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز. خۇددى شۇنداق يازمىسا گېزىت- ژورنالغا باسمايدىغاندەك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئەسەرلىرىنىڭ ئاخىرىنى قىزلىرىمىزنىڭ تىراگىدىيەسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىۋاتىدۇ. بىر قىسىم كىنو- تىلىۋىزىيە فىلىملىرىمۇ قىزلىرىمىزنىڭ پاجىئەسى ئارقىلىق بازار تېپىۋاتىدۇ.
ئەگەر «قىزلىرىمىزدا نىمە گۇناھ» دەپ سوئال قويۇلسا، قانداق جاۋاب بېرەرمىز؟ كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ يۈزلىرى چىمىلداپ، جاۋاب بېرىشىتىن ئۇيىلىمىز.
سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، قىزلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، ئۇلار خۇرلانمىسۇن. خارۇ- زارلىق دەستىدىن پارچە نانغا زار بولۇپ، تەقدىرىدىن قايغۇرۇپ ئويلانمىسۇن. قىزلار- بىزنىڭ ئەتىمىزدۇر!

گۈزەل غايە سىزگە يار بولسۇن

ئۇلۇغۋار غايە تۈرتكىسىدە كۆپىنچە شانلىق نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ. غايە ــ ئىنساننىڭ ھاياتلىق كۈرىشىنىڭ يول كۆرسەتكۈچى چىرىقىدۇر. شۇڭا ئۆز ھاياتىدا مەنىلىك ئىزلارنى قالدۇرۇشنى ئويلىغانلار گۈزەل غايىگە تويۇنغان بولىدۇ. بۈگۈنكى  غايە ــ ئەتىكى غەلىبىنىڭ سايىسىدۇر. «ئۇچار گىلەم»، «ياغاچ ئات»، «مىڭ بىر كېچە» قاتارلىق خەلق چۆچەكلىرىدىن شۇ دەۋردىكى ھاۋا قاتناش قورالى ياساش، پۈتكۈل جاھاننىڭ ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان قۇرۇلما كەشىپ قىلىشتەك غايىسىنى كۆرەلەيمىز. بۆگۈنكى كۈندە ئايرۇپىلان، ئالەم كېمىسى، كومپيۇتېر قاتارلىقلار كەشىپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ غايىسى ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ھەر بىرىمىز كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۇلۇغۋار غايە تىكلىيەلىسەك، كەلگۈسىمىز چۇقۇم پارلاق بولىدۇ. ھالبۇكى، پەن- تېخنىكا شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان، جەمىيەت تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئىنسانلارغا يۇقۇرى ساپا تەلىپى قويىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىسقىغىنا ھاياتىنى مەنىسىز ئۆتكۈزىۋاتقانلار بىزنى تولىمۇ ئېچىندۇرماقتا.
مەن يېقىندا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش قوليازما خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم. جەمىيەتكە چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ قىزىقىشى،  غايىسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە خاتىرىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم. ئەسلىدە مەن خاتىرىدىن گۈزەل ئارزۇلارنى، ئوتلۇق قەلب سۆزلىرىنى كۆرەرمەن دەپ ئويلىغانىدىم. ئەپسۇس، خاتىرىدىكى قوليازمىلار مېنى تولىمۇ بىئارام قىلدى، كەچ كىرگۈچە قولۇم ئىشقا بارمىدى. چۈنكى، بۇ خاتىرىدە «قىزىقىدىغىنىڭىز» دېگەن يەرلەر «پۇل، چىرايلىق قىزلار، راھەت- پاراغەت، ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇق، ھوقۇق، تانسا...» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تولغان بولسا، «ئازۇيىڭىز» دېگەن يەرلەر «دېھقان بولۇش، باققال بولۇش،...» دېگەنلەر بىلەن تولغان ئىدى. ھەتتا بىر ئوقۇغۇچى «قىسىپ ئالارمەن بولۇش» (يانچۇقچىنى دېمەكچى) دەپ يازغان ئىدى.
يېڭى ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە مىللەت روھىنى ئويغىتىش، مىللەت ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان نادىر ماقالىلار ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىندى ۋە قىلىنىۋاتىدۇ. يىراقنى كۆرەلەيدىغانلار 21- ئەسىردە كەتمەننى دولىغا ئارتىپ ئېشەك مىنىپ يۈرسەك، رىئاللىق تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە شاللىنىدىغانلىقىمىزنى ئالدىن تونۇپ يېتىپ، زامانىۋىي پەن- تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرماقتا. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە 11 يىل مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن، 18 ياشلاردىكى ھېسسىياتى ئوتتەك قايناق ياشلارنىڭ تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر ئۇلۇغۋار غايىسى بولماسلىقى ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
بىزگە مەلۇم، غايە ئاساسەن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە شەكىللىنىدۇ. يۇقۇرقىدەك «ئۇلۇغ غايە» تىكلىگەنلەرنىڭ كېيىنكى ئوقۇش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەرگە ئاياندۇر. يېڭى ئەسىرنىڭ تۈۋرۈكلىرى بۇلمىش بۇ ياشلارنىڭ «ئۇلۇغۋار غايىلىرى» سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىيالامدۇ؟ بۇ ياشلار بۇ «غايە»لىرى بىلەن راستىنلا «يېڭى ئەسىرنىڭ تۈۋرۈكلىرى»گە ئايلىنالامدۇ؟
بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، يۇقۇرقىدەك كەسىپلەرنى كەمسىتكىنىم ئەمەس، بەلكى ئادەم ئۆزىگە يۈكسەك تەلەپ قويۇپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلىشى لازىم دېگەنلىكتۇر. نىشان قانچە يۈكسەك بولسا، ئادەم شۇنچە تاۋلىنىدۇ. جۇئىنلەي باشلانغۇچتا ئوقىۋاتقان مەزگىلىدە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارغا غايىسى ھەققىدە ئىنشا يازدۇرغان. جۇئىنلەي شۇ چاغدا :«مەن جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇيمەن» دەپ يازغان. بۇ بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا نىسبەتەن نېمە دېگەن ئۇلۇغۋار غايە- ھە؟ ئەمەلىيەتتىمۇ جۇئىنلەي بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى ئىنقىلاپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىنىم تاپماي كۈرەش قىلدى.
مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا بولغان غايە تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەيلى. چۈنكى، بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچقا تولغان ئوتلۇق قەلبىمىز ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن قۇدرەتلىك مەنىۋىي ئىلاھتۇر.
ياشلار، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراڭلار، غايەڭلار گۈزەل بولسۇن، ئىشەنچ سىلەرگە يار بولسۇن. خۇددى ماۋزىدوڭ ئېيتقاندەك «سىلەر ياشلار ئەتىگەن سائەت سەككىز- توققۇزلاردىكى كۈنگە ئوخشايسىلەر، كېلىچەك سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا.»

گۈزەللىك ئىزدىمە، ئۇ سەندە

تەبىئەت گۈزەل. سۈزۈك سۇلارنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشى، قۇياشنىڭ تاغ كەينىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى، بېلىقلارنىڭ سۇدا پىلتىڭلاپ ئوينىشى، قىپ- قىزىل گۈل بەرگى، قۇشلارنىڭ چاڭىلداپ سايراشلىرى، يامغۇرنىڭ سىمىلداپ چۈشۈشى، چوققىلارنىڭ قوياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىشى... بىزدە ئىستىتىك زوق ئويغاتماي قالمايدۇ.
ئىنسان قەلبىمۇ گۈزەل. كىشىلىك مېھىر- مۇھەببەتنىڭ بولۇشى، باشقىلارغا ئۆزلۈكسىز ياردەم قىلىش خاھىشى، ئاپتۇبۇسلاردا ياشانغان بىر مومايغا ئورۇن بىكارلاپ بېرىش، كوچىدا جاڭجاللىشىۋاتقان ئىككى ياشنى ئاجرىتىپ قويۇش، ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ، نىمە قىلارىنى بىلمىگەندە ئىھانە پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش... قاتارلىقلارمۇ قەلبىمىزنى لەرزىگە سېلىپ، روھىمىزنى پاكلايدۇ.
گۈزەللىك بىر خىل ھېسسى ھادىسە، شۇنداقلا ئۇ كىشىلىك ساپا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. سىزنىڭ نىمىنى گۈزەل، نىمىنى رەزىل دېيىشىڭىز پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىڭىزغا باغلىق.
ئەلۋەتتە، ئىنسان ھېسسىياتقا ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ گۈزەللىك ئېھتىياجى بولىدۇ. بىراق، بۇ ئېھتىياج باشقا ئېھتىياجلار قاندۇرۇلغاندىن كېيىن قاندۇرۇلىدۇ.
تەبىئەتتىن ئالغان ئىستىتىك زوق كىشىگە جاسارەت بېغىشلايدۇ، قەلبىمىزدىكى گۈزەللىك بىزگە كۈچ قۇشىدۇ.
شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، روھىمىزنى پاكىزلاۋاتقىنى، بىزنى ياشاشقا ئۈندەۋاتقىنى يەنىلا قەلب گۈزەللىكىدۇر.
شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، تەربىيىلىنىشى ئوخشىمىغاچقا گۈزەللىك قارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. قەلب گۈزەللىكىگە بولغان تونۇشىمۇ ئوخشىمايدۇ.
بىزدە ئۆزىمىزگە نىسبەتەن ئىشەنچ بولۇشى كېرەك. بىز گۈزەل دەپ قارىغان نەرسىلەر چوقۇم گۈزەل بولىدۇ. پەقەت بىزدە ساغلام ئەقىدە بولسىلا.
گۈزەللىك قەلبىمىزدە ئەسلىدىلا مەۋجۇت. (سوبيېكتىپ گۈزەللىكنى دىمەكچى) .گەپ ئۇنى پەرۋىش قىلىشتا. بىز ئۇنى ساغلام يولغا باشلىيالىساق، ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋىش قىلالىساق، بىزنىڭ ھەر بىر قەدىمىمىزدە، ھەر بىر تىنىقىمىزدا گۈزەللىك ئىپادىلىنىپ تورىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنى پەرۋىش قىلمىساق، ئۇ بارا- بارا ئەسلى ماھىيىتىدىن ياتلىشىپ، بىزنىڭ رەزىللىككە مايىل ئىنكاسىمىزنى قوزغايدۇ. ھەق- ناھەق، رەزىللىك- گۈزەللىك، ياخشىلىق- يامانلىق قاتارلىق تەرەپلەر ئىستىتىك ئېڭىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بىزدىن نىمە چىقىدۇ؟ تەبىئەت گۈزەللىكىدىن ئىستىتىك زوق ئېلىشقا سۆز ئاچالىشىمىز مۈمكىنمۇ؟
قىسقىسى، گۈزەللىكنى چۈشىنىش ۋە زوقلىنىش ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى گۈزەللىك ئېلىمىنتلىرىنى بايقاش ۋە چۈشىنىش، پەرۋىش قىلىشقا باغلىق. ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئىنسان- گۈزەللىك ياراتقۇچىدۇر.
        بىز ماكان، زاماننىڭ كېسىشمە نوقتىلىرىدا ھامان ئۆزىمىزگە مۇنۇ رىتورىك خىتابنى قويۇپ تورايلى:
«گۈزەللىك ئىزدىمە، ئۇ سەندە!»

ۋەتەن سۆيگۈسى

ئېھتىمال، «ۋەتەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى گرامماتىكىلىق جەھەتتىن چۈشىنىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، لېكىن چىن مەنىسىنى ۋىجدانىي يۈسۇندا چۈشىنەلەيدىغان ئىمانىي ئەركەكلەر ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك. بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى «ۋەتەن»سىزلىكنىڭ تەمىنى تېتىغان، «ۋەتەن» ئۈچۈن قان كېچىپ كۆرەش قىلغان، ھەر بىر قەدىمىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ نەپەس رېتىمىغا تەڭكەش قىلالىغان ئەزىمەتلەرلا چۈشىنەلەيدۇ.
«ۋەتەن» سۆيگۈسى- مۇقەددەس سۆيگۈ، مەلۇم قۇۋمنىڭ مەڭگۈ رۇناق تېپىشىدىكى قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرغۇچى كۈچ.
ۋەتەن شۇ خەلقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، ئىجتىمائىي ۋە باشقا ساھەلىرىنىڭ دېمۇكراتىك تۈستە تەرەققىي قىلىشىنڭ سىياسىي كاپالىتى.
تارىخقا نەزەر سالساق، ئىنسانلار بىلەلىگەن قەدىمىي دەۋردىن بۈگۈنگىچە تالاي- تالاي ئىنقىلابلار ئېلىپ بېرىلدى. ئۇرۇش ئوتلىرى يەر شارىدا توختىماي لاۋۇلداپ تۇردى. سانسىزلىغان باشلار كېسىلىپ، قانلار دەريا ئورنىدا ئاقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەن ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىش ئىدى. باتۇر تەڭرىقۇت، ئۇغۇزخان، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، چىڭگىزخان، ناپالىيۇن بۇناپارت، ئادۇلىف گېتلىر، ياپۇن سامۇرايلىرى ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن، ئۆز خەلقى ئۈچۈن تارىخنى قان بىلەن يېزىپ قالدۇردى.
بىزگە مەلۇمكى، يەھۇدىلار دۇنيادا نۇپۇسى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر مىللەت. ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىن تۈرلۈك ئۇرۇشلار تۈپەيلىدىن، يەھۇدىلار ئۆز «ۋەتەن»ىدىن ئايرىلىپ، چەتئەللەردە سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشتىن كۆچۈرگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشتەك ئالىيجاناپ پەزىلىتى، كەلگۈسىگە نىسبەتەن چوڭقۇر ئىشىنىش تۇيغۇسى، مىللىي ئۇيۇشۇشچانلىق ۋە يۈكسەك كوللىكتىۋىزىملىق ئېڭى ئۇلارنى قايتىدىن ئۆز ۋەتىنىگە ئىگە قىلدى. نۆۋەتتە يەھۇدىلار دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ھەر قايسى ساھەلەردە كەشپىيات، مۆجىزىلەر ياراتقان، شۆھرەت قازانغانلار يەھۇدىلار.
نوبىل مۇكاپاتى ئېسىمىزدە بولسا كېرەك. بۇ مۇكاپات 1901-يىلدىن باشلاپ تارقىتىلغان بولۇپ، مەلۇم ساھەلەردە دۇنياۋىي شۆھرەت قازانغانلارغا بېرىلىدۇ. ھازىرغىچە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ% 70دىن كۆپرەكى يەھۇدىلار ئىكەنلىكى بىزدە ئۇلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئاپىرىن قوزغىماي قالمايدۇ. يەھۇدىلارنىڭ ۋەتەن بىرلىكى، مىللەت بىرلىكى ئۈچۈن تىرىشىشى ھەر بىر كىچىك ئىشتىن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، بازاردا بىر يەھۇدى بىلەن بىر ئىنگلىز ئالما سېتىۋاتقان بولسا، يەنە بىر يەھۇدى ئالما سېتىۋالماقچى بولغاندا ئالمىسىنىڭ ناچار، قىممەت بولۇشىغا قارىماي، يەھۇدى يەھۇدىنىڭ ئالمىسىنى سېتىۋالىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بايلىقنىڭ باشقىلارغا كېتىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. مانا بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ!
بىز ياشاۋاتقان بۇ ئانا ماكان- شىنجاڭ سۇلىرى ئەلۋەك، باغلىرى ياشناپ تۇرغان جەننەتتەك ھۆر زىمىندۇر. تارىم ۋادىسىدىكى يېشىللىق، خانتەڭرىدەك ھەيۋەت چوققىلار، بۇددىزىم مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان مىڭئۆي تاش كېمىرلىرى، تۈمەن يىللىق تارىخنىڭ شاھىدى بولغان تەكلىماكان قۇم بارخانلىرى بۇ زىمىنغا تېخىمۇ ھۆسن قوشۇپ كەلمەكتە. بۇ زېمىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، مەھمۇد قەشقەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەۋەئىي، سۇلتان ئابدۇرەشىتخان، شائىرە ئاماننىساخان، ئەخمەتجان قاسىم، سادىر پالۋان، نۇزۇگۇم، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك باھادىرلارنى توغۇپ ئۆستۈرگەن. بۇ باھادىر ئەزىمەتلەر چەكلىك ھاياتىدا ھەر بىر قەدىمىنى «ۋەتەن»گە يانداشتۇرغان، ۋەتەن سۆيگۈسى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئۆچمەس بولۇپ سىڭىشىپ كەتكەن.
يېقىنقى دەۋرلەردە، بىزدە «ۋەتەن» ئۇقۇمىنىڭ ۋەزنى ئاجىزلاپ كەتتى. بىر مەزگىللىك تەپرىقىچىلىك، ئايرىمىچىلىق، سۇپىزىملىق ئىجتىمائىي ھالەت يۇمران ئىدىيولۇگىيەمىزنى نابۇت قىلدى. نەتىجىدە كەيپ- ساپا، ئەيش- ئىشرەت، پارىخورلۇق، چىرىكلىك، ماڭقۇرتلۇق كۆپىيىپ، تەبىيىتىمىزدىن ياتلىشىپ كەتتۇق. بۇ خىل ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بىر قىسىم ئالدىن كۆرەر كىشىلىرىمىزدە ئويلىنىش پەيدا  قىلدى. ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى ئويغىنىشقا باشلىدى. خەلقنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش، ھالال مېھنەت بەدىلىگە ئۆز ۋەتىنىنى گۈللەندۈرۈش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان نادىر ماقالىلەر يېزىلدى ۋە يېزىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسى بىر قەدەر ساپلىشىپ، ۋەتەن مۇھەببىتى قايتىدىن جانلاندى.
مەن بۇ مۇقەددەس تۇپراقنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋەتەننى ئۇلۇغلاش، قوغداش، ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىشتەك ئۇلۇغۋار نىشان ۋە ئىرادە ئاستىدا ماكان، زاماننىڭ ئوخشىمىغان نوقتىلىرىدا ئۆز قەدىمىنى ۋەتەننىڭ مەۋجۇتلۇقى، كەلگۈسى، ئىستىقبالىغا بېغىشلاپ، ئەۋلادلارغا بويۇن قىسماستىن، ئۇلارغا ياڭراق ۋەتەن مارشىنى تەقدىم ئېتىشكە ئىشەنچىم كامىل.
«تارىخ كۈچلۈكلەرنىڭ كۈلكىسى، ئاجىزلارنىڭ يىغىسى ئارقىلىق يېزىلىدۇ. شۇڭا تارىخنىڭ يېزىلغان قىسمىدىن يېزىلمىغان قىسمى چىنراق بولىدۇ» دېگەندەك، بىزنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ياڭراتقان مارشىمىز توم- توم كىتابلاردىن ئورۇن ئالالمىسىمۇ، تارىم ئاسمىنىغا، تەكلىماكان ئىتەكلىرىگە سىڭىشىپ، مەڭگۇ جاراڭلاپ تۇرىدۇ!

قىممەت ئۆلچىمى

كىچىك دوست، سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە خاس قىممەت ئۆلچىمىڭىز بارمۇ؟ سىز ھاياتىڭىزدىكى ھەربىر تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە ياشاش تەجرىبىڭىز، توپلىغان بىلىمىڭىز ئاساسىدا باھا بېرىسىز. بۇ جەريانلار دەل سىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمىڭىزنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. قىممەت ئۆلچىمى كىشىلەرنىڭ ھەق – ناھەق، گۈزەللىك - رەزىللىك، كوللېكتىۋىزملىق - شەخسىيەتچىلىك قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدىغان سۇبيېكتىپ پوزىتسىيىسىدۇر. قىممەت ئۆلچىمىنىڭ قانداق بولۇشى مىجەز - خاراكتېر، تەربىيىلىنىش، مۇھىت، ئادىمىيلىك پەزىلەت قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇ نىسبىي تۇراقلىققا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر كىشى ھاياتلىق قەدىمىدە روھىي سىلكىنىشكە ئۇچرىسا، روشەن بۇرۇلۇش ھاسىل قىلسا، قىممەت ئۆلچىمىمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىش ياسىشى مۇمكىن.
كىچىك دوست، سىزنىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىڭىز زېھىن قويۇپ ئۆگىنىدىغان، قىممەت ئۆلچىمى يېتىلدۈرىدىغان مەزگىلدۇر. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، بەلكىم بۇ چاغدا يېتىلدۈرگەن قىممەت ئۆلچىمىڭىز سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ماسلىشىدىغان ئىجابىي قىممەت ئۆلچىمى يېتىلدۈرۈشىڭىز ئەقەللىي تاللاشتۇر. دېمەكچى بولغىنىم، قىممەت ئۆلچىمىنىڭ توغرا - خاتاسى بولمايدۇ. ئۇ سىزنىڭ رېئاللىق بىلەن ياندىشىش جەريانىڭىزدا ئىجابىي ياكى سەلبىي ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بىر دانە قەدىمىي ماي بۇياق رەسىم يىغىپ ساقلىغۇچىنىڭ نەزىرىدە قىممەت باھالىق سەنئەت ئەنگۈشتىرى ھېسابلانسا، كوچىدىكى تىلەمچىنىڭ نەزىرىدە پارچە ناندىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان ئەسكى لاتا ھېسابلىنىدۇ. پىچاق قاتىل ئۈچۈن ئىنتايىن سۆيۈملۈك. چۈنكى قاتىل ئۇنى ئىشلىتىپ، مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇردى. بىراق، ئۆلتۈرۈلگۈچى ئۈچۈن ئىنتايىن قاباھەتلىك، رەزىل. چۈنكى، پىچاق ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ گۈزەل ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. دېمەك، ئوخشاش بىر نەرسە ئوخشىمىغان كىشىلەرگە ئوخشىمىغان قىممەت ئۆلچىمى ئاتا قىلىدۇ. قايسى خىل قىممەت ئۆلچىمىنى يېتىلدۈرۈش سىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىڭىز، ئادىمىيلىكىڭىزگە باغلىق. سىز تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا كىچىككىنە ھالقىلارغىمۇ ئەستايىدىل قاراپ، ئىجابىي قىممەت ئۆلچىمى بويىچە مۇئامىلە قىلسىڭىز، بەلكىم كۈتۈلمىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيسىز. نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچىنى بايقىشى ھەققىدىكى ھېكايە ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك. نىيوتون ئالما تۈۋىدە ئارام ئېلىۋاتقاندا، بىر تال ئالما ئۇنىڭ ئالدىغا چۈشىدۇ. ئۇ ئالمىنى قولىغا ئېلىپ، ئالما شاخلىرىغا قارىغىنىچە تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ ۋە ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى دەلىللەپ چىقىدۇ. نىيوتوننىڭ ھەربىر مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان خاراكتېرى ئۇنىڭدا يېڭىچە قىممەت ئۆلچىمى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلىلەرگە پەرۋاسىز قارايدىغان، قىممەت ئۆلچىمى ماددىي مەنپەئەتلىنىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بەزىلەر شۇ مەيداندا بولسا، تەييار كەلگەن بۇ «نېمەت»تىن سۆيۈنۈپ، ئالمىنى كاپلا قىلىپ، ئىككى چىشلەپ يۇتۇۋەتكەن بولاتتى.
كىچىك دوست، ئىنسان ھاياتى بەيگە مەيدانى، رىقابەت سورۇنىدۇر. سىزنىڭ رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىشىڭىزغا ئىجابىي قىممەت ئۆلچىمى ھەمراھ بولسۇن. سىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمىڭىز ئوخشىمىغان ماكان، زاماندا ساۋاقداشلىرىڭىز، ئاتا - ئانىڭىز، ئۇستازلىرىڭىز، دوست – بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمى بىلەن تەسىرلىشىدۇ. بەلكىم، سىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمىڭىزنىڭ تەسىرىدە ئۇلارنىڭمۇ قىممەت ئۆلچەملىرى گۈزەللىشىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزدىن سۆيۈنۈپ كۈلەلەيسىز.
كىچىك دوست، سىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن. قىممەت ئۆلچىمىڭىز سىزنى ياشناتسۇن، ئىزىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!


قۇرۇق گەپنى ئاز قىلسىڭىز

مەن گەپنى يۈز- تۇرانە دېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم. سىزگە گەپنى ئۇچۇق ئېيتاي:
ئۆزىڭىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن قۇرۇق گەپنى ئاز قىلسىڭىز!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقىڭىز كېلىشى مۈمكىن. ئۇمۇ  مەيلى. بەلكىم شۇ ئاچچىق سىزنىڭ قۇرۇق گەپ قىلماسلىقىڭىزغا تۈرتكە بولۇپ قالار.
ئەسلى مەن سىزگە بۇ سۆزلەرنى قىلمىسام بولاتتى،  بىراق سىز مەجبۇر قىلدىڭىز. مەن سىز بىلەن خىزمەتداش  بولغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا سىزدە ئەمىلىي خىزمەت ئۈنۈمىدىن كۆرە قۇرۇق پاراڭ غەيۋەت- شىكايەت ئەڭ كۆپ بولدى. تۆگىمەس پاراڭلىرىڭىزدىن بەزىدە ئىشخانىنى تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
ئويلاپ باقسام، سىزدىن كەسىپ ھەققىدىكى مۇلاھىزە، زامانىۋىي پەن- تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ئاڭلىمىغان بولساممۇ، «پاتەم ۋات- ۋات»نىڭ 5000 يۈەنلىك تۈركىيە پەلتوسى كىيگەنلىكى، «ئاينۇر سەتەڭ»نىڭ ئاشنىسى بىلەن تۇتۇلۇپ قالغانلىقى، «ئايزىم رەپ- رەپ»نىڭ دەمدەك ئوسما قويىۋالغانلىقى، «ھېزىم مەنتاڭ»نىڭ خوتۇنىنى قويىۋەتمەكچى بولغانلىقى، «ئەمەت كوس- كوس»نىڭ بىر قىز بىلەن قېچىپ كەتكەنلىكى، «ھېۋەم سۇيۇق»نىڭ ئەرلەردەك ھاراق كۆتىرەلەيدىغانلىقى، تۇل خۇتۇن «گۈلسۇم پەلەي»نىڭ بۇ ئايدا ئادەت كۆرمىگەنلىكى... دىن ۋاقتىدا «خەۋەردەر» بولدۇم.
بىز ھازىر تەرەققىيات ئىچىدىكى رىقابەتلىك دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ئىقتىسادىي بازىس ۋە ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىشى ۋە يۈكسىلىشى ئادەملەرگە يېڭىدىن- يېڭى تەلەپلەرنى قويماقتا. زامانغا لايىقلىشالمىغانلار شاللىنىشتەك خىرىسقا دۈچ كەلمەكتە. جۈملىدىن،  بىزنىڭ مائارىپ كەسپىمىزنى ئالساق، مۇكەممەل كەسپىي بىلىم ھازىرلاشتىن باشقا خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ۋە كومپيۇتېر مەشغۇلات ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ مۇناسىپ دەرىجە ئېلىشىمىز كېرەك. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كۆپ ۋاسىتىلىق، ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بىز بولساق ئاتام زامانىسىدىن قالغان يىرتىق كونسىپىك بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالداپ كېلىۋاتىمىز. يىڭىلىقلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ بولالمىدۇق، ئۇچراشساقمۇ قوبۇل قىلمىدۇق.
ئەلۋەتتە، بىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيىنى يېڭىلاپ، ئىلغار ئوقۇتۇش ئەندىزىلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزلۈكسىز ئىزدەنسەك، خىزمەتلىرىمىزدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش كۆرۈلىدۇ.
ئويلىنىپ كۆرۈڭ، سىز قۇرۇق پاراڭنى تاشلىغان كۈنى خىزمەتلىرىڭىز قايتىدىن جانلىنىدۇ. ئىشلار ئارتىلىپ قالمايدۇ. بۈگۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلمىسىڭىز، ئەتە تىرىشىپ خىزمەت ئىزدەيسىز. ھورۇنلۇق ۋە بوشاڭلىق سىزنى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ.
سىز تېخى ياش، كەلگۈسىڭىز پارلاق. قۇرۇق گەپنى تاشلاپ، زېھنىڭىزنى ئىجاد دەرياسىغا باشلاڭ. شۇندىلا ئىقبال قىزى سىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
نونى + 4 + 3 + 3 + 3

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 4 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 23:26:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت   ھارمىغايسىز.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 11:38:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدەك ئۆتكۈر قەلەم ئېگىسىنىڭ بايقاش مۇنبىرىگە قەدەم باسقانلىقىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن !
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 11:38:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرىنمەي يېزىپ بۇلاپسىز . رەخمەت سىزگە پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرىكەن
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5094 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9305 سەر
شۆھرەت
4212 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 14:12:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزادا ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟
ئالدى بىلەن سىزنىڭ بايقاش مۇنبىرىگە كېلىپ سېپىمىزگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن .ھەم سىزنىڭ ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئارقىلىق مۇنبەردىكىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگۈسىدە مۇنبىرىمىزنىڭ بەگزادىسى بولۇپ توردىن ئورۇن ئېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .
  بۇ  يازمىڭىزنى باشتىن  ئاخىرى ئوقۇپ چىقتىم ئوقۇش جەريانىدا قىزئاياللىرىمىزنىڭ خورلۇققا ئۇچرىشى بىلەن ئاجىزلىقى   يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرسا غايە ، گۈزەللىك ۋە ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئاڭلاپ سىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۇم . رەھمەت . مىللىتىمىزدىن سىزگە  ئوخشاش ئەل سۆيەر  ، ھەم قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ سادىق ھىمايىچىسى چىققانلىقىدىن ھەم ئاشۇ قار نىيەتلەرگە مۇنبەر يۈزىدە بولسىمۇ  جەڭ ئېلان قىلالايدىغان بىر ئوغلان چىققانلىقىدىن  پەخىرلەندىم .
سىزگە يەنە بىر قېتىم چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . ھەم بۇ ئەبقەش خىياللارنىڭ داۋامىنى  يېزىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۇرىشىڭىزنى  ئۈمۈد قىلىمەن .
داۋامىنى ئوقۇشقا تەشنامەن .  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 15:22, Processed in 0.456044 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش