بايقاش ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى قۇرۇلدى
 بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟ بايقاش مۇنبىرىمىز قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىلمىي، توغرا يېتەكچىلىكى، رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلار ۋە تورداش دوستلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى نەتىجىسىدە ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك ماتىرىياللار يوللىنىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىرداش دوستى، قابىل ياردەمچىسى ۋە ئىللىق ئائىلىسىگە ئايلاندى، شۇنداقلا مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلىپ، كەڭ مائارىپچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بايقاش مۇنبىرىمىزنىڭ مائارىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك خاسلىقى ۋە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئورتاق پىكىرلىشىشى ئارقىلىق مۇنبىرىمىزدە «ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى» سەھىپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى. بۇ سەھىپىگە ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە تەلىم-تەربىيە ئەمەلىيىتى داۋامىدا يولۇققان، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر مۇھاكىمە تېمىسى سۈپىتىدە يوللىنىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ تەتقىقات ۋە مۇھاكىمىسىگە قويۇلىدۇ. مەسىلەن: «قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسكە مۇۋاپىقىيەتلىك باشلاپ كىرگىلى بۇلىدۇ؟» دىگەندەك. تورداشلار شۇ مۇھاكىمە تېمىلىرى ھەققىدىكى كۆز-قاراش ۋە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويسا، بىر- بىرىنىڭ كەم جايلىرىنى تولۇقلىسا، بۇنىڭ بىلەن مەۋھۇم چۈشەنچىدە تۇرۇۋاتقان تەتقىقات تېمىلىرى تورداشلارنىڭ ئوخشىمىغان تەجرىبە-كۆزقاراش ۋە پىكىر-تەكلىپلىرى ئارقىلىق مۇكەممەل يۇرۇتۇپ بېرىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە ئەمىلىيىتى داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۈگىنىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش مىتودى ئاجىز، خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل ياش، ئوتتۇرا ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەخسىدىگە يەتكىلى بۇلىدۇ. شۇڭا مۇنبەردىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى تورداش دوستلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەت ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۆزلىرى يولۇققان، تونۇش ۋە چۈشەنچىسى مۈجىمەل دەپ قارىغان مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن مۇھاكىمە تېمىسى سۈپىتىدە يوللىشىنى، باشقا تورداشلارنىڭ بۇنداق مۇھاكىمە تېمىلىرىغا نىسپەتەن يەنىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بۇلۇپ، شۇ تېما ھەققىدىكى كۆزقاراش ۋە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، شۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئىلمىي مۇھاكىمە سەھىپىسىگە يوللانغان تېما-ئىنكاسلار ئىلمىي، قايىل قىلارلىق، قوللىنىشچان بۇلۇش قاتارلىق ئۆلچەملەر بۇيىچە قىزغىنلىق، شۆھرەت، تىللا ۋە تۆھپە قاتارلىق مۇنبەر جۇغلانمىسى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئىلمىي مۇھاكىمە سەھىپىسىگە يوللانغان مۇھاكىمە تېمىلىرى تورداشلارنىڭ ئىنكاس شەكلىدە يوللىغان پىكىر-تەكلىپ، تەتقىقات-مۇھاكىمىلىرى ئارقىلىق قايىل قىلارلىق جاۋاپقا ئېرىشكەندىن كېيىن، باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن رەتلەش، تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىلىپ، بايقاش مۇنبىرى نامىدا «ئوقۇتۇش تەتقىقاتى» سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ. ئىزاھات: ئىلمىي مۇھاكىمە تېمىسى يوللىغاندا تېما ماۋزۇسىنىڭ ئالدىغا 【مۇھاكىمە】 دىگەن سۆزنى قوشۇپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ. مەسىلەن: 【مۇھاكىمە】: ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
بايقاش مائارىپ تورى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-25 00:44
|