تۇرمۇش ھەققىدە ئەبجەش ئۈزۈندىلەر

ياشاش ئۈچۇن خىزمەت قىلىش كېرەك.خىزمەت قىلىش پۇل تېپىش ئۈچۈن،پۇل تېپىش تاماق يېيىش ئۈچۈن، تاماق يېيىش ياشاش ئۈچۈن.
تۇرمۇشتا باشتىن كەچۈرگەن كىچىك ئىشلارمۇ ۋاختى كەلگەندە چوڭ ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىر قىز بولۇپ، ئۇ ھېچكىمگە ھېچقانداق تەلەپ قويمايدىكەن، ئۇ قىز ئۆزىدە بۇ خىل قورقۇش كەيپىياتىنىڭ بارلىقىنى چۈشەنمەيدىكەن.ئەسلىدە ۇ قىز كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسى ۋەيران بولۇپ، ئۆينى قەرزگە بوغىۋەتكەنكەن، قىزنىڭ ئانىسى ئۇلارنى ئېلىپ 30 كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ، شەھەردىكى تۇغقىنىدىن قەرز سورىغان، لېكىن تۇغقىنى سايىسىنىمۇ كۆرسەتمىگەن، بۇ ئىش قىزنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. گۈزەل بولغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، قىممىتى بولسىلا بولدى. دۇنيادىكى كۆپ كىسىم سودىگەر، سىياسىيون ۋە پۇلدارلار ئانچە كېلىشكەن ۋە چىرايلىق ئەمەس. كېلىشكەن چىرايلىقلار كىچىكىدىنلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئانچە كۆوپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي، قىياپىتىگە تايىنىپلا ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا مەغرۇرلۇق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا چوڭ ئىش قىلىشنى ئويلىسىڭىز ئانچە چىرايلىق، كېلىشكەن بولۇپ كەتمەڭ.
تاماق ئېتىشنى ياخشى كۆرۈپ، قاچا يۇيۇشتىن بىزار بولۇش قارىماققا قولنى ئاسىرغاندەك بىلىنىدۇ، لېكىن چوڭقۇر قاتلامدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تاماق ئېتىش يېڭىلىق يارتىشقا ئوخشايدۇ، لېكىن قاچا يۇيۇش ئۇنداق ئەمەس. تاماق ئېتىشنى ياقتۇرماسلىقتا تاماق ئېتەلمەسلىك، ئاۋارىچىلىقتىن قېچىش، ۋاقىت ئىسراپ قىلىش قاتارلىق سەۋەپلەر بار، شۇ ۋەجىدىن سىرتتا تاماق يېيىشنى تاللايدىغانلار كۆپ. بۇنىڭ ھەقىقى سەۋەبى باشقىلار تاماق ئېتىپ بەرسە، باشقىلارنىڭ غەمخورلىقىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ، بىر قىسىملار ئۆزى تاماق ئېتىپ بېرىشنى خالايدىغان بىر كىشىنى تاپالمىغاچقا، باشقىلارغا تاماق ئېتىپ بەرگەندىكى خۇشاللىق ھېسسىياتىنى بىلمەيدۇ. تۈرلۈك كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرى مەيلى قانچىلىك غەيرى بولسۇن، ئامىل پەقەتلا ئىككى تۈرلۈك يەنى ئاستا ۋە قەتئىي چىڭ تۇرۇش. ئاستا بولۇشنى چۈشەندۈرمەيلا قوياي، چىڭ تۇرۇش قانۇنىيەتلىك تۇرمۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، نۇرغۇن ئىشلارغا ئانچە ئېتىبار بەرمەي، سالامەتلىككە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەممە نەرسىلەر ئاستىلاشقا باشلايدۇ. بېلى مۈكچەيگەن ھالدا ئاستا قەدەملەپ ماڭىدۇ، شان-شەرەپنى قوغلاشمايدۇ، پەقەت ئوزىنى ياخشى كۈتسە بولدى.
ئىتىساد ئىلمىگە باشقىچە تەبىر بەرگەن بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇدۇم، ماقالىدە : بىز چىقارغان ھەر قانداق قارار تاللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ھازىرقى ئۈنۈم ۋە كەلگۈسىدىكى تەسىر ئوتتۇرسىدا تاللاشقا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. سىز بىر پارچە كىتاپ سېتىۋالغاندا، كىتاپ سېتىۋالغان پۇلنى باشقا جايغا ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچتىڭىز، تۇرمۇشتا تاللاش بولۇش زۆرۈر، مانا بۇ ئىقتىساد ئىلمى.
تۇرمۇش بەزىدە كومىدىيە بولسىمۇ، سىز تۇرمۇشىڭىزنى تىرشىپ كومىدىيەگە ئوخشىتاي دېگەندە، سىزنى كۈتۈۋاتقىنى تىراگېدىيە بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»
|