 رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللى مائارىپى سېپىدە، ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردە ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان ئەزىر دوستلار، كەڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇسىلەر؟ بايقاش مائارىپ تورىمىز يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىككى يىلدىن بۇيان رايونىمىز ئۇيغۇر مىللى مائارىپ سېپىدىكى جاپاكەش ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى، بىر نىيەت، بىر مەخسەتتە ئورتاق ھەمكارلىشىشى ۋە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىش قاتارلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەزالار قوشۇنى 8200 دىن ئاشقان، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ۋە ئۆز ئارا كۆيۈنۈش ئاساسىدا ئورتاق ئىلگىرلەشنى ئۆزىنىڭ تۈپ تەرەققىيات نىشانى قىلغان، قاراڭغۇ دىللارغا نۇر بېرىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تەۋپىق روھىنى قەلبىگە تاڭغان مائارىپچىلار توپىغا ئايلاندى. بايقاش مائارىپ تورى ئەنە شۇنداق بۈيۈك نىشان، يۈكسەك غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ جەمگاھى، ئىللىق ئائىلىسى، سىرداش دوستى، قابىل ياردەمچىسى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس تەركىۋى قىسمى بۇلالىغانلىقى ئۈچۈن پەخىرلىنىدۇ! شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئەزالار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر نىيەت، بىر مەخسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تور دۇنياسىكى ئەڭ سەرخىل مۇنبەرگە ئايلىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

بايقاش مۇنبىرى ئەنئەنىۋى، ئۇلۇغ ئايىمىمىز روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللى مائارىپى سېپىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان كەڭ مائارىپچىلارغا روزى ھېيتلىق سالام يوللايدۇ:
بايقاش مۇنبىرى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزى ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلايدۇ:
بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن!
|