كۆرۈش: 747|ئىنكاس: 10

باشقۇرغۇچىلارغا يىغىن بار (2)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باشقۇرغۇچىلار يىغىنى (2)

بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى ئالى باشقۇرغۇچى ۋە مۇنبەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەزىز دوستلار، ياخشىمۇسىلەر؟

بايقاش مۇنبىرىمىز يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان كەڭ مائارىپچىلار ۋە ھەر ساھە دوستلارنىڭ قوللىشى ۋە بىر نىيەت، بىر مەخسەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئەزالار قوشۇنىنىڭ سەرخىللىقى، تېمىلىرىنىڭ پايدىلىنىشچانلىقى بىلەن تور دۇنياسىدا بەلگىلىك ئىناۋەت ۋە قىممەتكە ئېرىشتى. رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلارنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، سىرداش دوستى ۋە قابىل ياردەمچىسىگە ئايلاندى. بۇ نەتىجىلەر ھەرقايسىڭلارنىڭ بايقاش مۇنبىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە تەقدىرىگە مەسئۇل بۇلۇش مەيدانىدا تۇرۇپ، مۇنبەردىكى كونا-يېڭى ئەزالارغا بولغان توغرا، ئىلمىي يېتەكچىلىكىڭلار ۋە تېما-ئىنكاسلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرىڭلاردىن ئايرىلالمايدۇ.
ئەمما يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان مۇنبىرىمىزدە تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانماقتا:

1.بىر قىسىم ئەزالىرىمىزدا باشقىلارنىڭ ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان، تەپ تارتمايلا باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى ئۆز نامىدا مۇنبەرگە يوللايدىغان نومۇسسىز قىلمىشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ.

2.مۇنبىرىمىزگە باشقا مۇنبەرلەردە تۆكمە بۇلۇپ كەتكەن، پايدىلىنىش قىممىتى يوق پاخال تېمىلار يوللىنىۋاتىدۇ ھەم تەستىقلىنىۋاتىدۇ.

3.يەنە مۇنبىرىمىزگە باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارالغان، ئەمما ئاپتورى ۋە مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلارمۇ يوللىنىۋاتىدۇ ۋە تەستىقلىنىۋاتىدۇ.

4.تورداشلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگىگى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن، مۇنبىرىمىزگە خاس بىر قىسىم نادىر مائارىپ ماتىرىياللىرىمىز بىر قىسىم ئەزالار تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىپ، باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىنىۋاتىدۇ.

5.مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تەڭشەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى دىگەندەك ئادا قىلىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ.

يۇقارقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر مۇنبىرىمىزگە، مۇنبىرىمىزدىكى تورداش دوستلارنىڭ شان-شەرىپىگە، مۇنبىرىمىزنىڭ مائارىپچىلار قەلبىدىكى ئوبرازىغا داغ تەككۈزۈۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قېرىنداش مۇنبەرلەر ئارا دوستانە مۇناسىۋەتكە زىيان سېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تورداشلارنىڭ مۇنبىرىمىزگە ئەزا بۇلۇپ كىرىش قىزغىنلىقى ۋە تېما-ئىنكاس يوللاش قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلمىشلار مۇنبىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە قارىتا تولىمۇ زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

مەن ئويلايمەن: بايقاش مۇنبىرىمىز ئاغزىغا نىمە كەلسە شۇنى يېزىۋېرىدىغان كىچىك بالىلارنىڭ مەشق دوسكىسى ياكى باشقا مۇنبەرلەردە تۆكمە بۇلۇپ كەتكەن پاخال تېمىلارنىڭ ئەخلەتخانىسى ئەمەس!... ۋە ياكى بىر قىسىم نومۇسسىز «تېما ئوغرىلىرى»نىڭ ئوغرىلىغان ئولجىلىرىنى ساقلايدىغان زاڭ مال ئىسكىلاتى ياكى ھارام ماللىرىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىدىغان يەرمەنكە سورۇنىمۇ ئەمەس!!... بەلكى ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇش يولىدا ئۆزىگە خاس يول تۇتقان، ئۆز ئارا ھەمكارلىق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ۋە ئورتاق ئىلگىرلەش نىشانى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق ياشاشنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات مىزانى ۋە ئۆلچىمى قىلغان، پەخىرلىك نامغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى!!!... شۇنداقلا رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلارنىڭ جاپالىق قان-تەرى ۋە ئىجادى ئەمگىكى مۇجەسسەملەنگەن مائارىپ ماتىرىياللىرى ئامبىرى!.... بىز بىر دۆۋە كۆچۈرۈلمە تېمىلاردىن كۆرە، بىر ئابزاس ئىجادى تېمىلارنى قەدىرلىشىمىز ۋە ئالقىشلىشىمىز كېرەك.


بۇ تېمىغا پەقەت مۇنبىرىمىزدىكى باشقۇرغۇچى دوستلارلا كىرەلەيدۇ، مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دوستلارنىڭ يۇقارقى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان بۇلۇپ، ئەركىن-ئازادە، كەڭ دائىرىلىك پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى، مۇنبىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزۈتىشتە تونۇشنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى

باھا سۆز

قوللايمەن  ۋاقتى: 2013-8-23 22:01
قوللايمەن  ۋاقتى: 2013-8-23 14:21
قوللايمەن!  ۋاقتى: 2013-8-23 01:22

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +25تىللا +15تۆھپە +20شۆھرەت +20يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 10 + 5 + 5 + 5ئورۇنلۇق، گەپ كەتمەيد.
pari + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
ئىلغار + 10 + 5 + 10 + 10قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-8-23 00:52:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قوللايمەن. ئۆزەم باشچى بولۇپ، تور بىتىمىزنىڭ گۈللىنىش ئۈچۈن چوقۇم ھەسسە قوشىمەن.
ۋاقتى: 2013-8-23 09:52:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلغار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-23 10:49  

يۇقۇردىكى مەسىللەرگە قارتا مەنمۇ مۇنبىر باشقۇرغۇچىلىك سالاھىتىم بىلەن ئۆز پىكرىمنى  ئوتۇرغا قۇيۇپ ئۆتەي ئامانجان قوماندان ناھايىتى توغرا بولغان مەسىللەرنى ئوتۇرغا قۇيۇپتۇ ،مەن بىر قىسىم قېرىنداش مۇنبەرلەرنى زىيارەت قىلۋېتىپ بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ بايقاش مۇنبىرىنىڭ ھەقسىزلىگىدىن پايدىلنىپ ، مۇنبەردىكى دەرس تەييارلىقلىرنى باشقا مۇنبىرلىرگە كۆچۈرۈپ ئۆز نامىدا ھەقلىق ماتىريال قىلىپ پۇللۇق،تەڭگىلىك قىلىپ قويغانمىكىن دىگەن قاراشقا كىلىپ قالدىم ،چۈنكى روھلان،بەشتاش ، بايقاشتىن باشقا قېرىنداش مۇئارىپ تور بىكەتلىردە ، مەكتەپ تور بەتلىردە دەرس تەييارلىق 50 يۈئەن ياكى 20 تەڭگە ،10 تەڭگە قىلىپ بىكىتىلىپ ، پۇلغا ئايلاندۇرۇلغان دەرس تەييارلىقلىرنى پۇلسىز ئاشۇ 20ياكى 10 تەڭگىسىز كۆرگىلى بولمايدۇ ، ئامانجان ئاتامان دىگەنگە ئوخشاش بىزنىڭ بايقاشتىن دەرس تەييارلىقلىرنى ئوغۇرلاپ باشقا تور بەتلەرگە يوللاپ ھەقلىق قىلىپ پۇل تېپىۋاتقان بەزى يۈزى قېلىن داپ يۈزلەر يوق دىيەلمەيمىز ئەلۋەتتا ، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلىشنى ھەر بىرىمىز بىلىشىمىز لازىم ، بىر قىسىم ئەزالار باشقا مۇنبەرلەردە تۆكمە بولوپ كەتكەن ماتىرياللارنى يوللاۋاتىدۇ مەنمۇ بىرقانچىنى ئۆچۈرۋەتتىم ، مۇنبەرگە كىرسەملا زادى يوللانغان ماتىرياللارنى تەسلىقلاشتىن ئاۋال ،بايقاش ۋە ئىزدەش ماتورىدىن  بۇ ماتىرياللارنىڭ باشقا تور بەتلىردە بارمۇ يوق دىگەننى ئىزدەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ، ئاندىن تەسلىقلىدىم لىكىن تېمىنى ئۆزگەرتىۋالسا بەرىبىر چىقمايدىكەن بۇنىڭدىن خالى بولغىلى بولمايدىگەن .

شۇڭا مەن ئويلايمەنكى مۇنبەرگە:مۇنبەرنىڭ ساپلىقىنى ئاشۇرۇش ئۆچۈن ،بۇ مەخسۇس مائارىپ تور بېكىتى بولغاندىكىن مۇئارىپقا ئائىت قانۇن،قائىدە تەرتىپ ،قانۇن نىزام ، خەۋەرلەر  مۇئارىپقا ئائىت ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ماقاللىرى ،ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش،دەرس تەييارلىقلىرى ،ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ۋە مۇنەۋۋەر مۇئارىپچىلارنى تۇنۇشتۇرۇشتىن باشقا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى يوق پاخال  ماقاللار، يىكايە،پوۋېستلارنى،شېئىر قۇشاقلارنى ،تەربىيەۋى ئەھمىيىتى يوق پىلىم ،كىنو ،ناخشىلارنى ئۆچۈرۋېتىپ مۇنبەرنى پاكىزلىساق دەيمەن ،ياكى بۇندىن كېيىن دىققەت قىلساق دىگەن قاراشتا .
مەنمۇ  مۇنبىرگە دائىم كىرىپ، باشقۇرغۇچىلىق مەجبۇرىيىتىمنى تولوق ئادا قىلىپ كېتەلمىدىم شۇڭا بۇندىن كېيىن  مەنمۇ تىرشىپ مۇنبەرنىڭ ساپلىغىنى قوغداش، مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقىنى ئاشۇرۇش ئۆچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قۇشۇمەن

باھا سۆز

ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت.  ۋاقتى: 2013-8-23 12:02
ۋاقتى: 2013-8-23 10:08:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانجان ئاتامىنىمىز ئېيتقان ‹‹بايقاش مۇنبىرىمىز ئاغزىغا نىمە كەلسە شۇنى يېزىۋېرىدىغان كىچىك بالىلارنىڭ مەشق دوسكىسى ياكى باشقا مۇنبەرلەردە تۆكمە بۇلۇپ كەتكەن پاخال تېمىلارنىڭ ئەخلەتخانىسى ئەمەس!... ۋە ياكى بىر قىسىم نومۇسسىز «تېما ئوغرىلىرى»نىڭ ئوغرىلىغان ئولجىلىرىنى ساقلايدىغان زاڭ مال ئىسكىلاتى ياكى ھارام ماللىرىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىدىغان يەرمەنكە سورۇنىمۇ ئەمەس!!... بەلكى ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇش يولىدا ئۆزىگە خاس يول تۇتقان، ئۆز ئارا ھەمكارلىق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ۋە ئورتاق ئىلگىرلەش نىشانى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق ياشاشنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات مىزانى ۋە ئۆلچىمى قىلغان، پەخىرلىك نامغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى!!!... شۇنداقلا رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلارنىڭ جاپالىق قان-تەرى ۋە ئىجادى ئەمگىكى مۇجەسسەملەنگەن مائارىپ ماتىرىياللىرى ئامبىرى!.... بىز بىر دۆۋە كۆچۈرۈلمە تېمىلاردىن كۆرە، بىر ئابزاس ئىجادى تېمىلارنى قەدىرلىشىمىز ۋە ئالقىشلىشىمىز كېرەك.›› بۇ پىكىرنى قوللايمەن

ۋاقتى: 2013-8-23 14:44:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇقۇرىدا ئامانجان مۇئەللىم ئوتتۇرىغا قويغان مەسىللىلەرنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . بولۇپمۇ باشقا خوشنا مۇبەرلەردىن تېما كۆچۈرۈشنى مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتمەي ئۆزىنىڭ قىلۋالىدىغان ئىشلارنى قەتئى قىلمىساق ، مەنمۇ مۇشۇنداق « تېمامنى كۆچۈرۈپ بايقاشقا ئەكىلۋاپتۇ » دىگەندەك گەپلەرگە بەك كۆپ ئۇچراپ كەتتىم ،ھەم بىر نەچچە تېمىنىمۇ ئۈچۈرگەنمۇ بولدۇم ، تۈنۈگۈنلا يەنە بىرى  « مېنىڭ بىر تېمام بايقاشقا كىرىپلا باشقىلارنىڭ بولۋاپتۇ بۇ نىمە ئىش؟؟ بايقاش كۆچۈرمىچىلەر بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ » دىگەن گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق باشقىچە بولدۇم ، خېلىدىن  بۇيان مۇشۇ ھەقتە تەكىتلەپ كېلۋاتىمىز يەنىلا بۇ ئىش تۈگىمەيۋاتىدۇ ، ھەتتا بىز باشقۇرغۇچىلاردىمۇ كۆرۈلىۋاتىدۇ ، بىز مۇشۇ ھەقتە تەكىتلەنگەن تېمىلارنى كۆرمەيۋاتقاندىمىزمۇ ؟؟؟ مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلىمايۋاتىدىغاندىمىزمۇ ؟؟؟؟بىز ھەممىمىز ئوقۇتقۇچىغۇ ؟؟؟؟ ئەجىبا  ئۆزىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالدۇقمۇ ؟؟؟ بولدىلا سۆزلىسەم ............
ھەممىمىز بىردەك كۆچۈرمىچىلىككە قاتتىق قارشى تۇرايلى !!  
مەنچە بولسا مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلارنى بىردەك تەستىقلىمىساق دەيمەن .
ئۆزىمىزدىكى نادىر تېمىلارنىڭ، پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرى تېمىلارنىڭ  ئوغرىلىنىپ كېتىشىگە قارشى تۇرساق ، ئەمما قانداق قارشى تۇرىمىز ؟؟؟؟؟
جۈملىدىن بايقاشنىڭ ساپلىقىنى ، پاكلىقىنى ،تور دۇنياسىدىكى ھەقىقىي ئىسمى جىسمىغا خاس بايقاش مۇنبىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىز باشقۇرغۇچىلار باشلامچىلىق قىلساق دەيمەن ،ھەم مەنمۇ بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن ، ئۆز ئەمىليىتىم بىلەن قوللايمەن . رەھمەت ئامانجان مۇئەللىم ياخشى تېما يوللاپسىز .

باھا سۆز

ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.  ۋاقتى: 2013-8-23 18:45
ۋاقتى: 2013-8-23 15:36:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئامان ئۇستازنىڭ بۇ ئورۇنلۇق پىكىرلىرىنى قەتئىي قوللايمەن ھەمدە ئاكتىپلىق ئاۋاز قوشىمەن.
ۋاقتى: 2013-8-23 17:22:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بايقاش مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئامانجان مۇئەللىمنىڭ پىكىرىنى تۇلۇق قوللايمەن . راستىنلا ئامانجان مۇئەللىم دىگەندەكلا بايقاش مۇنبىرىگە يېقىندىن بىرى يىڭى ئەزالار ئىچىدە باشقىلارنىڭ تىمىسىنى ئۆزنامىدا بايقاشقا يوللايدىغان . ھەم بەزى ئەزالىرىمىز ئىچىدە  بايقاشتىكى ماتىرياللارنى مەنبەسىنى ئەسكەتمىگەن ئاساستا باشقا مۇنبەرلەرگە يوللايدىغان . نۇمۇسسسىز ئىشلا ر ساقلانماقتا . مەن ئويلايمەن بايقاش مۇنبىرى باشقا مۇنبەرلەرنىڭ ئەخلەت خالتىسى ئەمەس . ئۇ پەقەت كەڭ مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلە مۇنبىرىدۇر . شۇڭا  شۇڭا  بايقاشتىكى ھەر قانداق ئەزا ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇخىل ناچار ئىشلارنى سەزگەن ھامان دەرھال باشقۇرغۇچىلار توپىغا ياكى  بايقاش ئۇقۇتقۇچىلار توپىغا ئىنكاس قىلىپ قۇيشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز
ئامانجان مۇئەللىمنىڭ دىگىنى ناھايتى ئۇرۇنلۇق  ، مەنمۇ تۇلۇق قوللايمەن .   يەنە بىرگەپ تىما تەسىقلىغاندا مەنبەسىنى ئەسكەتمىگەن  ھەر  قانداق تىما بولسا تەسىقلىمايلى  .

باھا سۆز

ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.  ۋاقتى: 2013-8-23 18:47
ۋاقتى: 2013-8-24 11:33:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-24 11:34  

بەرھەق ئامان ئۇستازنىڭ بۇ ئورۇنلۇق پىكىرلىرىنى قەتئىي قوللايمەن ھەمدە ئاكتىپلىق ئاۋاز قوشىمەن. مەنمۇ مۇنبىرگە دائىم كىرىپ، باشقۇرغۇچىلىق مەجبۇرىيىتىمنى تولوق ئادا قىلىپ كېتەلمىدىم شۇڭا بۇندىن كېيىن مەنمۇ تىرشىپ مۇنبەرنىڭ ساپلىغىنى قوغداش، مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقىنى ئاشۇرۇش ئۆچۈن تىرىشىمەن.

باھا سۆز

ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.  ۋاقتى: 2013-8-25 14:58
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-25 15:00:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلار خېلى كۆپقۇ؟!....
بۇ تېمىنى كۆرمىدىمىكىنا؟؟؟؟....

باھا سۆز

بەلكىم تەتىل يىغىلىپ دەرس تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولسا كېرەك. مەنمۇ ۋاقىت چىقىرالماي كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-8-25 15:11
ۋاقتى: 2013-8-25 15:11:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان يوللىغان ۋاقتى  2013-8-25 15:00
بايقاش مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلار خېلى كۆپقۇ؟!....
بۇ تې ...

بەلكىم تەتىل يىغىلىپ دەرس تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولسا كېرەك. مەنمۇ ۋاقىت چىقىرالماي كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش