پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 149|ئىنكاس: 4

تەۋپىق روھىنى ئىزدەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
39 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
37 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 22:50:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋپىق روھىنى ئىزدەپ

ئابدۇللا ئېلى بەگزاد
(ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

ھاياتلىق دېڭىزىنىڭ دەھشەتلىك قايناملىرىدا چايقىلىپ، تەقدىر قىسمەتلىرىنىڭ رەھىمسىز ئەلگەكلىرىدە تاسقىلىپ، ياشاش مۇساپەمنىڭ ئوتتۇز يەتتىنچى باھارىنى كۆتىۋاپتىمەن. ئالدىمدىكى رىقابەتكە، خىرىسقا تولغان گىرىمسەن دونياغا قارىغاچ، بۇ ئوتتۇز يەتتە يىللىق كەچمىشلىرىمنى ۋاراقلاپ باقتىم. ئېرىشكەنلىرىم بىلەن يوقاتقانلىرىم، خۇشاللىق بىلەن قايغۇم، ئىنتىلىش ۋە ئۇھسىنىش، كۆكلەش ۋە پەسىيىش، ئالقىش ۋە غېرىبلىق… خىيال ئېكرانىمدىن رەت- رەت ئۆتۈشكە باشلىدى… ئۆزىمىزنى توغرا تونىيالىغاندا ۋە ئۆزىمىزگە ئىلمىي، ئەتراپلىق باھا بېرەلىگىنىمىزدە، ئاندىن بىز تۈرلۈك تەرەققىيات، يۈكسىلىش يوللىرىغا دادىل، مەردانە ھالدا ماڭالايمىز، ئىزدىنىمىز، تىرىشىمىز. ئەكسىچە بولغاندا مىللىي ئىنكارچىلىق شۇئارى ئاستىدا چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قالىمىز-دە، ئىشەنچىمىز، ئۈمىتۋارلىقىمىز سۇسلىشىپ، ئىشلىرىمىز روناق تاپمايدۇ، ئالغا باسمايدۇ، نەزەر دائىرىمىز كىچىكلەيدۇ.   
قەدىمىي يەتتە شەھەرنىڭ بىرى ئونسۇنىڭ جۇغراپىيەلىك كېلىماتى ۋە ئىجتىمائىي ھاۋاسى مەندە بىر خىل غەيۇرلۇق، كەسكىنلىك، چۇس مىجەز يېتىلدۈردى. بالىلىق ۋاقىتلىرىم قۇمئېرىق دەريا ۋادىسىكى يۇلغۇنلۇقلار ئارا تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ چېپىشىپ، توشقان قوغلاپ، تارىختەك قىيسىيىپ قالغان ئەسكى چالمىلىق ئۆيلەردىن قۇشقاچ ئۇۋىسى ئىزدەپ ئۆتۈپتۇ. «تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرمىغان كىشىنىڭ قەلبى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا جىنايەت ۋە شۇملۇقلار كۈپىنچە شەھەرلەردە يۈز بېرىدۇ.»①   
بىزدە ئاتا كەسپى تەبىئى ھالدا پەرزەنتلەرنىڭ كېيىنكى دونيا قارىشى، ھاياتلىق يۈنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دادام، ئاپام ئىككىلىسى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، بۇ خىل ئائىلە مۇھىتى مېنىڭ كېيىن ئوقۇتقۇچى بولۇپ چىقىشمدىكى يۇشۇرۇن شەكىللەندۈرگۈچى ئامىل بولغان بولۇشى مۇمكىن. نادانلىق تۈپەيلى، تەقدىرىمىز تۇز سۈيىدەك ئاچچىق بولۇپ قېلىۋەردى.  مىللەتنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرىغا قاتنىشىش دادام، ئاپامنىڭ تۈرتكىسى بىلەن سەبىئىي قەلبىمگە ئورنىشىپ كەتكەن ئىدى.
غايە ئۈچۈن تىرىشىش جەريانى ماھىيەتتە ئادەمنىڭ بەدەل تۆلەش جەريانىدۇر. بەدەل غايىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تەلىپى.  قەتئىي ئادەملا تۇرمۇشنى يارىتالايدۇ. (پاۋلوف)
دادام ۋە ئاپاملار ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن چىن ئوقۇتقۇچىلار ئىدى. (دېمەكچى بولغىنىم، شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ماغزاب ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە جانباقتى ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى.)  بەش ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئاپام مېنىڭ ساۋادىمنى چىقىرىپ، 100 ئىچىدىكى سانلارنى قوشۇپ- ئېلىشنى ئۆگىتىپ بولغان. چۆچەكلەر توپلىمىنى ئەكىلىپ، كۈندە بىر چۆچەك ئوقۇيسەن، دەپ ۋەزىپە بەلگىلەپ بەرگەن. مۇدھىش قىش كېتىپ، ئەتراپ ئىللىغان باھار پەسىللىرىنىڭ بىرىدە مەن دائىم ئاپام ئىشلەيدىغان مەكتەپنىڭ سىنىپلىرىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، تۆڭلۈكتىن (شۇ ۋاقىتلاردا سىنىپلارغىمۇ ھاۋا ئۆتۈشىدىغان تۈشۈك قويۇلاتتى.) سىنىپ ئىچىگە چالما ئېتىپ ئويناپ جاپا سالغاچقا، ئاپام مېنى 1-سىنىپقا بىرىۋىتىپتىكەن. (شۇ ۋاقىتتا ئالتە يېرىم ياشقا كىرگەنىكەنمەن.) بىر مەۋسۈم ئىچىدە ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بويىچە ساۋادىم تېخىمۇ پىششىقلىنىپ تۇرۇشىغا، ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن 1-سىنىپتا تەكرار ئوقۇدۇم. ھەش- پەش دېگۈچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىممۇ ئاخىرلاشتى. لېكىن، بۇ جەريان مېنىڭ ئىجتىمائىي دونيانى تونۇش، ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشىمنىڭ دەسلەپكى، ئۇل خاراكتېرلىك سەھىپىسى بولدى.
مەكتەپ- خاسىيەتلىك كولدۇرما. ئۇ ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق بولغانلارنى چۈچۈتۈپ ئويغىتىدۇ.
مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى بولسۇن، ياكى سىنىپىي كۈرەشكە خاتىمە بېرىلىپ، ئاساسىي كۈچ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۆتكەلگەن ئالدىنقى  1980-يىللار بولسۇن، نامراتلىق خەلقىمىزگە بوراندەك ھۇشقىيتىپ تۇرغان مەزگىل ئىدى. ئەشۇ قاتىلاڭ يىللاردا بىز سەككىز بالا دادامنىڭ 23 يۈەن، ئاپامنىڭ 17 يۈەن مائاشىغا قاراشلىق ئىدۇق. باشلانغۇچ ۋاقىتلىرىمدا  بۇغداي نېنى يەپ باققىنىمنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە بىز چوڭلىرىمىزنىڭ كىيىمىنى كىچىكلىرىمىز كېيىپ دېگۈدەك چوڭ بولدۇق. ياشاشنىڭ چىڭلىقىنى كىچىكىمدىلا ئانچە- مۇنچە چۈشەنگەندەك بولدۇم. «پاكىز بولاق سۈيى زېمىننىڭ ئەڭ تىرەن، ئەڭ قاراڭغۇ يەرلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.»② «ئۇزۇن تۈندە يىغلاپ باقمىغان ئادەم ھاياتنىڭ مەنىسىنى بىلەلمەيدۇ.» (كاللېر) دېڭىزدىكى دولقۇن ۋە خادا تاشلار بولمىسا، ماھىر كاپىتان يارالمايدۇ.
ھاياتلىق يولى پايانداز سېلىنغان شاھانە يول ئەمەس. بۇ يولنىڭ پۇتلىرىڭنى قانىتىدىغان ئۇچلۇق شېخىل- تاشلىرى بار. تاپىنىڭغا سانچىلىدىغان شۇخا- تىكەنلىرى بار. ئۈستىۋاشلىرىڭغا چاچرايدىغان لاي- پاتقاقلىرى، دىققەت قىلمىساڭ موللاق ئاتقۇزۇۋېتىدىغان ئوي- ئازگاللىرى بار.
تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ، ئىرەدەم بويىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە ئۆتتۈم. شۇ ۋاقىتتا مەن ئوقۇغان مەكتەپتىن پەقەت مەن يالغۇزلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولۇپ، نەتىجەم ناھىيە بويىچە بىرىنچى، ۋىلايەت بويىچە ئالتىنچى بولغان ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەن ئائىلىمىزدىن تۇنجى بولۇپ، ئوقۇشقا ماڭغان بولغاچقا، ئۆيدىكىلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقلىرى خېلىغىچە بېسىقمىغانىدى.
دارىلمۇئەللىمىن ھاياتىم مېنىڭ كەسپىي بىلىم جۇغلىنىش، دونيا قارىشىم مۇكەممەللىشىش، ئىنسانىي پەزىلەتتىن جەۋھەر توپلاش بوپتۇ. بولۇپمۇ مېنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان ھەۋىسىم شۇ ۋاقىتلاردا ئويغانغان. ئىلھام ئۆمەر، تۇرسۇن زۇمۇدۇن، مۇتەللىپ خۇرسەندى قاتارلىقلارنىڭ ئەدەبىي پائالىيەتلىرى مېنى رىغبەتلەندۈرگەن، ماڭا جاسارەت ۋە كۈچ بېغىشلىغانىدى. ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا مەكتەپ «ئۈمىد چىچەكلىرى» گېزىتىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىغا ئايلاندىم. 1992-يىلى رەھمەتلىك شائىرىمىز باتۇر رۇزى بىلەن مۇتەللىپ خۇرسەندىنىڭ سۆھبىتىگە داخىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى قىزىقىش ۋە ھەۋەس بىلەن ئاڭلىغان، كېچىچە ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى قايتا ھەزىم قىلىپ، تەپەككۈر دەرياسىغا چۆككەن ئىدىم. بۇ خىل ئەدەبىي مۇھىتنىڭ تۈرتكىسى بولسا كېرەك، مېنىڭ تۇنجى ئەسىرىممۇ 1992-يىلى ئېلان قىلىنغانىكەن.
مەن ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز يېزامغا (ئونسۇ ناھىيىسىگە) ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندىم. ئوتتەك قىزىقىش، ئىشتىياق، ئىرادە بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنى باشلىدىم. ۋۇجۇدۇمدا ئۇلۇغ مائارىپچى، تالانتىلىق تەشكىلاتچى، ئوت يۈرەك كومپۇزىتور ۋە شائىر مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق) نىڭ روھى بىخلانغاندەك تۇراتتى. مەمتىلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ مائارىپچىغا خاس نۇرانە ئوبرازى، سەنئەتكارغا خاس مەغرۇر خىسلىتى، شۇنداقلا جەڭچىگە خاس قەيسەر خاراكتىرىنى نامايان قىلىپ، مىللەتنىڭ قارا تەقدىرىنى مائارىپ ئارقىلىق ئۆزگەرتىش يولىدا بارلىقىنى بېغىشلاپ، ئاجايىپ پىداكارلىق كۆرسىتىپ، نادانلىقنىڭ قۇچىقىدا ئېڭراۋاتقان مىليۇنلىغان قېرىنداشلىرىنى ئويغىنىشقا، كۈلپەتلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆز ئېتىقادى ئۈچۈن كۆيۈپ كۈل قىلىپ، ئىلھام بەخش مەنىگە ئىگە «تەۋپىق روھى»نى روياپقا چىقاردى. مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق)نىڭ قىسقا، ئەمما قىسمەتكە باي كۈرەشچان ھاياتى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا شانلىق سەھىپە ئاچتى. ئۇنىڭ جەڭگىۋار مەزمۇنغا باي ئىجادىيەتلىرى ئىنقىلاب، ئىزدىنىش ۋە ئاقارتىش بىلەن خاراكتىرلەنگەن ئالاھىدە بىر دەۋرنىڭ روھىنى ئەكس ئەتتۈردى. كۈچلۈك مىللىي مۇھەببەت بىلەن سۇغۇرۇلغان جەڭچىگە خاس قەيسەر خاراكتىرى مەڭگۈ ئۆڭمەيدىغان ئىلھامبەخىش بىر بايراق بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مىللەتنى مىللىىي زۇلۇمدىن، خارلىق ۋە قۇللۇقتىن، نادانلىق ۋە قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مائارىپ ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي ھەقىقەت يولىدا بارلىقىنى بېغىشلاشتەك بىباھا «تەۋپىق روھى»نى نامايان قىلدى. بۇ قىممەتلىك روھ ئۇيغۇر روھىيەت خەزىنىسىدىكى بىر بىباھا گۈھەرگە ئايلىنىپ قالدى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە ئاتوشنىڭ 24 كەنتىدە 24 مەكتەپ قۇرۇشى بىزنىڭ ئەقلىمىزنى لال قىلىدۇ.
«قەدىر بىلمەسلەر غەمسىز بولىدۇ، قەدىردانلارنىڭ غېمى كۆپ بولىدۇ.» (زۇردون سابىر) بىر ئاڭ- تەشەببۇسنىڭ باش كۆتۈرۈشى نۇرغۇن يېڭىدىن- يېڭى تەپەككۈر بولاقلىرىنىڭ كۆزىنى ئاچىدۇ. «قۇياش نۇرى يېتىپ بارغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە قوياش ئەپسانىلىرى مەۋجۇت.» (ئىدۋارد تەيلور)
يېڭى خىزمەتكە چىققان يىللاردا ئائىلەمدىن 15 كېلومىتىر يىراقلىقتىكى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئىشلىدىم. ئەتىگەندە ۋېلسىپىت بىلەن تاشلىق يولنى بېسىپ كەلگىچە قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىمەن. بىراق، سىنىپقا كىرىپ، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئىللىق چىرايىنى كۆرگەندە، ھاردۇقۇم چىقىپ، ھەممىنى ئۇنتۇپ، يەنىلا كۈندىكىدەك دەرسكە كىرىشىپ كېتىمەن. بەزىدە مەكتەپتىكى ياتاقتا قونۇپ قالىمەن. توك بولمىغاچقا، بىزنىڭ مەنىۋىي پائالىيىتىمىزمۇ شۇنچىلىك ئاز، تار ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئاخشىمى بىر چاغلارغىچە شام يۇرۇقىدا قەلەم بىلەن ھەپىلىشىمەن...
ئارىستوتىل: «جاپا- مۇشەققەت تالانت ئىگىلىرى ئۈچۈن پەلەمپەي، قاۋۇللار ئۈچۈن دۆلەت، ئاجىزلار ئۈچۈن تېگى يوق ھاڭدۇر.» دەپ ئېيتقان.
ئىككى يىلدىن كېيىن، ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلدىم. ئانا مەكتىپىم ماڭا قايتىدىن كۈچ ۋە ئىللىقلىق بېغىشلىدى. مائارىپقا تېخىمۇ باشچىلاپ كېرىۋاتقاندەك قىلاتتىم. بەلكىم، سەل تەۋەككۈلچى بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن، خىزمەت ھاياتىمدا قېلىپلاشقان ئەندىزە- فورمۇلالارغا، قائىدە- تۈزۈملەرگە ئانچە رىئايە قىلىپ كەتمىدىم. «مەكتەپ ئالىيجاناپ ھاياتنىڭ ماكانى بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ تۇرمۇشتىن يىراقلاپ كەتكەن ئۇقۇم ۋە رامكىلارنىڭ ئىسكىلاتى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.»③           
«ماڭغان يولۇڭ توغرىلا بولسا، مەيلى ئۇ يولدا ماڭغانلار ئاز بولسىمۇ، ھەتتا بولمىسىمۇ يولۇڭدىن يانما.» (ئەخمەت ئىمىن)
بۈگۈنكى ئۆگىنىشچان جەمىيەتتە بىلىم رىمۇنتلاش ئېھتىياجى 1997-يىلى مېنى ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ قايناق شەھەرگە باشلاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ مائارىپ ئېنىستىتوتى جۇڭگۇ تىلى فاكولتىتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخى بويىچە ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش ھاياتىم باشلاندى. بەزىلەر بىلىم ئاشۇرۇشنى دىپلوم ئېلىش دەپلا چۈشىنىدىكەن. بەلكىم، بۇمۇ ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە توغرىدۇر. ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن دىپلوم، ئونۋانلارمۇ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى نان يېيىش دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ھازىر دىپلومىڭىز يۇغىنىسا، قولىڭىزدىكى زاغرا كاكچىغا، بېشىڭىزدىكى تەلپەك شىلەپىگە ئالمىشىدۇ. مانا بۇ خىل زۆرۈرىيەت جەمىيىتىمىزدە ئىنتايىن تىزلىكتە جەمىيەت ئىلىم ساھەسىنىڭ ھەر قانداق بىر ساھە، قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن ئىلىم ساختىلىقى ھادىسىسىنى پەيدا قىلدى. لېكىن، بۇ ئىككى يىل ماڭا قۇرۇق دىپلومدىن كۆرە، نۇرغۇنلىغان ئىجادىيى يېڭىلىنىشلارنى ئېلىپ كەلدى.  مېنىڭ تىل- ئەدەبىيات ھەققىدىكى نەزەرىيىۋىي ئاساسىم ۋە كەسپىي يۈكسېلىشىم مۇشۇ ئىككى يىللىق ئوقۇش جەريانىدا شەكىللەندى.
«ئۆزىدىن ھالقىپ، ئۆزىنى تولۇقلاش، ئۆزىدىن ھالقىپ ئۆزىگە نەزەر سېلىش ئىنساننىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش روھىدىكى بىر غايە.»④     
قەدىمقى يونان ھېكايىتى:
بىر مەشھۇر پەيلاسوپتىن شاگىرتلىرى سوراپتۇ:
ــ ئۇستاز، سىز شۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىسىز. لىكىن يەنە توختىماي ئۆگىنىدىكەنسىز. بۇ نىمە ئۈچۈن؟
پەيلاسوپ يەرگە چوڭ چەمبەردىن بىرنى، كىچىك چەمبەردىن بىرنى سىزىپتۇ ۋە: «چوڭ چەمبەردىكى مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم، كىچىك چەمبەردىكى سىلەرنىڭ بىلىدىغانلىرىڭلار. چەمبەرنىڭ سىرتىدىكى بولسا، بىزگە نامەلۇم نەرسىلەر. قاراڭلار، چوڭ چەمبەرنىڭ نامەلۇم نەرسىلەرگە تېگىشىپ تۇرغان يۈزى كىچىك چەمبەرنىڭكىدىن چوڭ. دېمەك، بىلىدىغانلىرىم كۆپەيگەنسېرى بىلمەيدىغانلىرىممۇ شۇنچە كۆپىيىپ بارىدۇ» دەپتۇ.
ئوقۇشقا بارغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى بىر نومۇسلۇق ئىش ھازىرمۇ يادىمدىن كەتمەيدۇ. ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوقۇتقۇچىمىز ئابدۇقادىر جالالىددىن مۇئەللىم «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى» دەرسىدە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نامى چىققان يازغۇچى، شائىر،  ئەدەبىي تەنقىدچىلەردىن كىملەرنى بىلىدىغانلىقىمىزنى سورىغاندا، بىز سىنىپ بويىچە تۈزۈكرەك جاۋاب بېرەلمىگەنىدۇق. بۇ ھالدىن ئابدۇقادىر مۇئەللىم «نەرىڭلار ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشايدۇ؟» دەپ كايىپ كەتكەنىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىز ئەدەبىياتنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي مەنىدە ئاستا- ئاستا تونۇشقا باشلىدۇق. ئابدۇقادىر جالالىددىن مۇئەللىم، ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي مۇئەللىملەرنىڭ دەرسلىرىدىن ھايات ھەققىدە شىرنىلەر توپلىدۇق. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئەكرەم ئابدۇمىجىت، ھاياتنوپۇس مۇھەممەت، ئابلىمىت ئابدۇلباقى، مۇھەممەتجان ھوشۇر، خاسىيەت ئىمىن، رېھىمجان ئابدۇراخمان قاتارلىق ساۋاقداشلىرىم ۋە جېلىل خېلىل قاتارلىق ئاكا يوللۇق ئاغىنەم بىلەن كىشىلىك ھايات، ئەدەبىيات ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتەتتۇق. بىزنىڭ «بۇغدا چېچەكلىرى» ئىجادىيەت ئويۇشمىمىزنىڭ پائالىيىتىمۇ بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز شىجائىتىمىز بىلەن قايتىدىن گۈللەنگەنىدى. ئابدۇقادىر جالالىددىن مۇئەللىم، ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي مۇئەللىملەرنىڭ قوللاپ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئىككى يىل ئىچىدە ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ، ئىككى قېتىم چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مەكتەپ دەرىجىلىك سۆھبەت ئۇيۇشتۇردۇق. بۇنىڭغا  يالقۇن رۇزى، ئوسمانجان ساۋۇت، ئابلىكىم ھەسەن، پولات ھېۋزوللا، ئىلغارجان سادىق قاتارلىق  گېزىت- ژورنال مۇھەررىرلىرى، مۇھەممەت پولاتقا ئوخشاش بىر قىسىم يازغۇچى، ئەدەبىي تەنقىدچىلەر قاتناشتى. ئىككى قېتىم ئاتاغلىق شائىرىمىز بۇغدا ئابدۇللا، ئاتاغلىق يازغۇچىمىز سەمەت دوگايلىنى مەخسۇس تېمىدا لېكسىيەگە تەكلىپ قىلدۇق. «تەڭرىتاغ»، «بوستان» («كروران»)، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا سالون تەسىس قىلدۇق...
ھەممە ئادەم ۋاقىتنىڭ ئىچىدە يۈرسىمۇ، لېكىن، ۋاقىت ھەممە ئادەمگە چىن مەنىسى بىلەن نېسىب بولىۋەرمەيدۇ. ئادەمنىڭ ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، روھىي ئالىمىدە قانداق پەرۋازلارنى قىلىشىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ.
«شەرق ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرى ئادەمنىڭ تىنى بىلەن روھى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئات مىنگۈچى- چەۋەنداز بىلەن ئاتنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاتقان. روھ چەۋەندازدۇر، تەن ئاتتۇر. چەۋەنداز زەئىپ بولسا، ئاتنىڭ ئىختىيارىغا چۈشۈپ قالىدۇ. چەۋەنداز كۈچلۈك بولسا، ئات ئىگىسىنى ئوقۇر ياكى بىدە يېنىغا ئەمەس، ئىنسانىي كامىللىق مەنزىلىگە ئاپىرىدۇ.» ⑤      
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنى داۋاملاشتۇردۇم. مائارىپقا بولغان مۇھەببىتىممۇ كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. مۇھەببەت ئادەمدىكى بىر قەدەر ئالىي ئېھتىياجدۇر. ئېتىقاد مەنىۋىي ئېھتىياجلارنىڭ ئەڭ ئالىيسىدۇر. ئەقىدە ئېتىقاد يولىدىكى ھەرىكەتتۇر ۋە بۇ ھەرىكەت جەريانىدا تۇغۇلغان ھەمدە ئەقىل، قابىلىيەت، ئىنسانىي تەبىئەت تەرىپىدىن تەستىقلانغان ساپ  ھەقىقەت مەجمۇئەسىدۇر. ئۇ بىر كامالەتتۇركى، ئىنسان ئۇنىڭغا ھەيران قېلىش بىلەن سېغىنىدۇ، لەززەت تاپىدۇ، مەنىۋىي دۇنياسىدىكى كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلايدۇ. ئىنسان چەكسىز داۋام قىلىدىغان ئەنە شۇ روھ سەپىرىدە ئىلھاملىنىدۇ، ئۆزىدىكى مۇۋاپىق كۈچ- قۇدرەتنى، ئىجاد ھەۋىسىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇ ئۆزى مەدەت ئېلىۋاتقان ۋە سۆيۈنۈۋاتقان ئەنە شۇ روھ مەركىزىگە يېقىنلاشقانسېرى ئۆزىدە سادىر بولغان بەدەۋىيلىك ۋە قانخۇرلۇقلاردىن ئىبرەت ئالىدۇ، يىرگىنىدۇ. ئىنسانلار ئارا بولىدىغان، ئىرق، مىللەتتىن ھالقىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى رۇشەن تونۇشقا باشلايدۇ.   
دەسلەپكى يىللاردا مائارىپنىڭ قىممىتى ۋە ھىممىتىنى تازا دېگەندەك چۈشىنىپ بولالمىغان بولسام، ئوقۇتقۇچىلىق سىتاژىمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بولغان بىر خىل ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت، ئەقەللىي بۇرچ، ئەنئەنىۋىي روھ رەۋىشىدە مۇنبەر ھاياتىمنى تېخىمۇ جانلاندۇردۇم. كەسپىي بىلىم ۋە ئوقۇتۇش مېتودۇم كۈنسېرى يېڭىلاندى، ياخشىلاندى. 2001-يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە قاتلاممۇ- قاتلام ئېلىپ بېرىلغان تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە ناھىيىمىز بويىچە بىرىنچى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۈچىنچى بولۇپ، «تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشتىم.
ئۆزىنى تونۇش ــ بىر شەخسنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مەنىۋىي ئۆتكەل بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەپلاتون: «بىز سىرتقى دونيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلسەكمۇ، لىكىن ئۆزىمىزنى ناھايىتى تەستە تونۇيمىز.» دەپ ئېيتقان.  ئۆزىنى چۈشەنگەن كامىل، ئۆزۈمچىلىكنى ئۇنۇتقان ئالىمدۇر. مىللىتىمىزنىڭ نۇرغۇن پاجىئەسى دەل ئۆزىمىزنىڭ تونۇشىمىزنىڭ كەمچىللىكىدە ۋە ئەقلىي تەپەككۈرىمىزنىڭ سۇسلىقىدا ئىدى.        
بىزدە مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق)نىڭ روھىدىن ئىلھام ئالماقتا يوق، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدىن زارلىنىپ، نۇمۇسسىزلارچە نالە قىلىدىغان ئادەملىرىمىزمۇ ئۇچراپ قالماقتا. بىر قىسىم مائارىپ باشقۇرغۇچىلارمۇ توختىماي ئىزدىنىغان، ئىلغار پىكىرلىك ئوقۇتقۇچىلارنى ئامال بار تىزگىنلەشكە ئورۇنماقتا. ئىتنىڭ ئوغرىنى كۆرۈپ تولا قاۋىشىدىن، ئۇنىڭ سەزگۈرلۈكىدىن، خورازنىڭ تاڭ سەھەردە چىللاپ ئويغىتىۋىتىشىدىن زىرىكىپ ئۇنى ئۆچ كۆرۈپ قېلىش ئەخمەقلىق ئىش. كۆپ ئىزدىنىغان، كۆپ پىكىر قىلىدىغان، خەلق ئۈچۈن، ئەۋلادلار ئۈچۈن كۆپرەك ئىشلەيدىغان، تۈننى تاڭغا ئۇلاپ ئىجاد قىلىدىغان كىشىلەردىن زىرىكىش، ئۇلارنى ياراتماسلىق، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىق ئىللەتلىرى ئاقىۋەتتە، شۇلار مەنسۇپ ئىجتىمائىي توپنىڭ ھالاكىتى بىلەن تۈگەللىنىدۇ.
«ئېسىمىزدە بولسۇنكى، پەقەت گاس ئادەملەرلا ھېچقانداق سادانى ئاڭلىيالمايدۇ چۈنكى ئۇلار ئاڭلىيالماسلىققا كۆنۈپ كەتكەن؛ پەقەت كور ئادەملەرلا جاھاننىڭ ھېچنىمىسىنى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار بايقىيالماسلىققا كۆنۈپ كەتكەن.»⑥     
خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىل ھالدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 200 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدىم.  2002-يىل 8-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «سۆيگۈ يادنامىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىم نەشىر قىلىندى. 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ياردەمچىسى» ناملىق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات پايدىلىنىش ماتىرىيالى نەشىر قىلىندى. يېقىندا نەشرىياتقا بىر پارچە شېئىرلار توپلىمى، بىر پارچە ماقالىلەر توپلىمىنى تەييارلىدىم.
ئۆزۈمنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى يۈكسېلىشىمنى تېخىمۇ تىزلىتىش، يېزىقچىلىق جەھەتتە ماتىرىيال كۆرۈش دائىرەمنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىگە ئىككى يىللىق مۆھلەت بىلەن قوش تىل تەربىيىلىنىشىگە كەلدىم. ھازىر ئېغىز تىلىم ئانچە راۋان بولمىسىمۇ، خەنزۇچە ماتىرىياللارنى كۆرۈشۈم خېلىلا ياخشى بولۇپ قالدى. كېيىنچە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شوغۇللىنىشمۇ مەندىن ئانچە يىراق ئەمەس.
قۇلىقىم تۈۋىدە كىمدۇ بىرىنىڭ: «ئادەملەرنىڭ ھاياتى ھاياتنى تەكرارلايدىغان ئەمەس،ھاياتنى يارىتىدىغان ھايات بولۇشى، ئىزىغا سەكرەيدىغان ئەمەس، چوققىغا ئۆرلەيدىغان ھايات بولۇشى، ھەرگىزمۇ ئوبيىكتىپ بىلەن چەكلىنىپ توختاپ قالىدىغان ھايات بولماسلىقى لازىم.» دېگەن سۆزى جاراڭلاپ تۇرىدۇ.   
ھاياتلىق بىر كىتاب. كالۋالار تىز ۋاراقلاپ ئوقۇيدۇ، دانالار ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەچكە، ئەستايىدىل ئوقۇيدۇ. «ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇشۇڭ مۇمكىن. بىراق بىرلا نەرسىنى ــ سەن دونياغا نىمە ئۈچۈن كەلدىڭ؟ شۇنى ئۇنتۇمىساڭ بولغىنى.»  (جالالىددىن رۇمىي)
فرانكىلىن: «بۇ دونيادىكى ئەڭ ئالىيجاناب سوئال مەن قانداق پايدىلىق ئىشلارنى قىلالىدىم؟ دېگەندىن ئىبارەت» دەپ يازغان. ئىزىڭدىن تىكەن ئۆنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرىدۇ. (ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن)
كىشىلەر تۇغۇلغاندىن باشلاپ، كىشىلىك ھاياتتا ئۆز ماكان، زامانىنى بويلاپ، ھاياتقا ياندىشىدۇ. بەزىلەر ئۆز ئىجادىدىن، تەرىدىن ھاياتلىق شەنىگە داستان يېزىشقا مۇۋەپپەق بولسا، بەزىلەرنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسى ئىپلاسلىق ۋە شەرمەندىچىلىككە تولغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى باھالىغۇچىسى يەنىلا ۋاقىت، كېيىنكىلەردىن ئىبارەت.
تۇرمۇش يولى ھامان داغدام بولمايدىكەن. نىكاھ مەغلۇبىيىتىم بىر مەھەل پىسىخىك تۇرغۇنلۇقۇم ۋە نۇرمال خىزمىتىمگە تەسىر يەتكۈزدى. بىراق، يەنە ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالدىم. ئۆزى يىقىلغان ئادەمدە قوپۇش ئەركىنلىكى بولغاچقا، مەنزىلىگە يېتىپ بارالايدۇ. يىقىلغان ئادەم مەغلۇب بولغان سانالمايدۇ. ئورنىدىن تۇرۇشنى بىلمىگەن ئادەم مەغلۇب بولغان ئادەمدۇر. يىقىلىشنىڭ تەمىنى تېتىغان ئادەم قانداق ئورنىدىن تۇرۇشنى بىلىدۇ، غەلىبنىڭ شېرىن تەمىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ. «يىقىلغانلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىغا ياماشقانلاردۇر.» (بورك ۋاشىنگتون)
ھايات ــ توختاۋسىز ئۆزگىرىش جەريانىدىن ئىبارەت. «ئۆگىنىش مەكتەپتە ئەمەس، بەلكى ھاياتتا.» (رىم مۇتەپەككۈرى سېنكا)
مەن 18 يىلدىن بېرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت يېزىسىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. ئۇيغۇر دېھقىنىمنىڭ تەر پۇراپ تۇرغان شاپاق دوپپىلىرى، قاداق باسقان قوللىرى، ساددا، ئەمما مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى ماڭا بەش قولدەك تونۇش. ئىنتىر تورى ئارقىلىق سىكونتتىغا 10 مىليۇن ئۇچۇر ئالمىشىپ تۇرىۋاتقان مۇشۇ كۈندە، كىۋەزلىكتىكى ئاتا- ئانىلىرىمىز ۋاقىتنى كۈن بىلەن ئۆلچەيدۇ. كۈن بولسا قوياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. غەربتە ۋاقىت گويا نۇر تىزلىكىدە چاپماقتا. بىزنىڭ بۇ يەردە ۋاقىت توختاپ قالغاندەك، تارىخنىڭ ئۆزىمۇ قىمىرلىماي يېتىۋالغاندەك بىلىنىدۇ. بۇ ھال ئوقۇتقۇچىلىق ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ.
يىلان ۋىژىلداپ كۆيىۋاتقان دۇزاخ ئۇتىغا تەمەچ تۇشۇپ، تەمەچ تاشلايدىكەن. قارلىغاچ شىددەتلىك دۇزاخ ئوتىنى ئۆچۈرىمەن دەپ ئاغزىدا سۇ تۇشۇپ چاچىدىكەن. «ئەي قارلىغاچ، تامچە- تامچە سۇ بىلەن بۇ ئوتنى قانداق ئۆچۈرەلەيسەن؟»دەپ سورالغاندا ،قارلىغاچ: «ئىنساننىڭ ئازابىنى چۈشىنىش مېنىڭ ئەقىدەم، قانداق بولمىسۇن، ئۆز ئەقىدەم يولىدىكى ھەرىكىتىمدىن زىيادە لەززەت تاپىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. «بەخت ھەر كىمنىڭ ئۆز سېزىمىدا، ئۆزىگە خاس ھېس قىلىشىدا، ئۆز روھىي دۇنياسىغا ماس بولغان سەزگۈسىدە، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى خاسلىقىدا بولىدۇ.»⑦         
مەن ھوقۇق ۋە نام- شۆھرەتلەرگە ئانچە قىزىقماپتىمەن. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى، كىشىلەرنىڭ «تازىم- رەھمەت»بەجا قىلىۋىتىشى بىلەن نۇرغۇن ھوقۇقدارلىرىمىز باسما قۇدۇققا ئوخشاپ قالدى. ئۇلاردىن سۇ چىقىرىش ئۈچۈن ئاۋۋال بىر- ئىككى قاپاق سۇ تۆكمىسەك بولمايدۇ. بۇ خىل يىرگىنىشلىك ئىجتىمائىي كىسەل مېنى خېلى بورۇنلا سەسكەندۈرگەنىدى.
كارىل ماركىس «پەلسەپە نامراتلىقى»دا: «دونيا لاتاپەتلىك بىر كىتاب، شۇنداقلا بۇ كىتابنى ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن تاۋار» دېگەنىدى. ئەگەر ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيىتىنى كۆرۈنۈپ تۇرغان ماددىي دونيانىڭ مەرھەمىتى ۋە ئۇنىڭ يالتىراق شۆھرەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈنلا كۆرەش قىلىش دەپ چۈشەندۈرىدىغان بولساق، بۇ ئىنساننىڭ ئۆزلۈكى، روھى، قىممىتى، ئىدراكى، ۋە ئىنسانىي پەزىلىتىگە ھاقارەت كەلتۈرۈش بولىدۇ.
نام- شۆھرەت سۇ ئۈستىدىكى چەمبىرەككە ئوخشاش كىچىكلىكتىن بارغانسېرى چوڭىيىدۇ، ئاخىرى قاشقا ئۇرۇلۇپ يۇقايدۇ (كامپىس) . دونيادىكى كۆپىنچە ئاۋارىچىلىقلار ئۇلۇغ ئادەم بولماقچى بولغانلاردىن كېلىدۇ.
مەن يەنە تۇرمۇشنىڭ ئىقتىسادىي جەلب قىلىشلىرىغىمۇ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم. نۇرمال تۇرمۇش كاپالىتى بولسىلا، ئىجادىيلىققا تولغان ھاياتلىق پائالىيىتىم توختاپ قالمىدى. تۇرمۇش غەم- ئەندىشىدىن خالى ئەمەس، شۇنداقلا خاتىرجەملىكتىن پۈتۈنلەي مەھرۇممۇ ئەمەس. لىكىن غەم- ئەندىشىنىڭ سەۋەبى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە، ئادەمنىڭ بارلىق ئوي- خىيال، پائالىيىتى ئۆزىنىلا مەركەز قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە مەنپەتىگە ئالاقىسىز ھەممە نەرسە قىلچە ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھايات ئوقۇرنى ئوق مەركەز قىلىپ ئايلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ھاياتتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھايۋانلاردىن تاماقنى خام  يېمەسلىكتىن ئۆزگە پەرقى قالمايدۇ. «راھەت- پاراغەتنى قوغلىشىش ــ چوشقىنىڭ غايىسى.» (ئېينىشتىيىن)
ۋىجداننى بۇلغايدىغان ۋە سۇسلاشتۇرىدىغان نۇرغۇن ئامىللار بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىم ئامىل مەنپەئەتپەرەسلىك بىلەن نەپسانىيەتچىلىك.  
قەلب كاردىن چىققاندا، ئەقىل تاپتىن چىقىدۇ. قەلب بىلەن ئەقىلنىڭ تەڭپۇقلۇقىنى ساقلىيالىغان كىشىلەرلا جاھاندىكى ئەڭ مۇكەممەل كىشىلەر بولسا كېرەك.
ئىشلىرىنى تولۇق ئورۇندىغان ئادەم ئۆزى ئىز قالدۇرغان ھەر بىر تۆنۈگۈننى خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتىپ قويالايدۇ. شۇنداقلا ھەر بىر ئەتىنى كۆڭلى توق، ئىشەنچىلىك ھالدا قارشى ئالالايدۇ.
بىلىش كېرەككى، ھاياتنىڭ مەزمۇنى بۈگۈنگە ــ ھازىرنىڭ ئۆزىگە يۇشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ ئەتىنىڭ قىممىتىنى يارىتىدۇ.                        
مەن بەزىدە مەمتىلى ئەپەندى بىلەن غايىبانە سۆزلىشىپ كېتىمەن. ھەممە ئۆلىدۇ. ئۆلۈمنىڭ ۋاقتى، شەكلى، دەپنە مۇراسىملىرىنىڭ دەبدەبىسىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ئەمما ئۈزۈلمەس دولقۇن ــ مەرىپەت تارىخى ۋە روھىيەت تارىخى ئۆزى خالىغان شەخسىلەرنى قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ. تەۋپىق روھى ھامان مەن بىلەن بىللە ياشايدۇ.ئۆزىنىڭ شانلىق ئاقارتىش ھەرىكىتىدىن مېنى يېڭى سەپەر ۋە زەپەرگە باشلايدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1935-يىلى يازدا 100 نەپەر ئۆسمۈرنى تاللاپ، «ئىزچىلار ئەترىتى»نى تەشكىللىدى. ئەترەت ئەزالىرى ئوخشاش بىر خىلدا ماش رەڭدە بويالغان كىيىم، پۇتىغا قىزغۇچ سەندەل كىيگەن، قولىغا ئوخشاش رەڭلىك قىسقا كالتەك ئالغان، ئوخشاش سومكا ئاسقان ھالدا پىيادە يولغا چىقتى. ئۇلار پەيزىۋات، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار ۋە قەشقەر شەھەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، يېڭى مائارىپ تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئۇلار «ئىزچىلار مارشى»نى ياڭرىتىپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ ماڭاتتى.   
بىز مۇئەللىم، يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز.
تالاي يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق،
ئىلىم- ئېرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق.
خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،
كۆزلىرىمىز قارىغۇ كۆپ ناچار بولدۇق.
بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى،
بىز يېڭىدىن ئېچىلغان ۋەتەننىڭ گۈلى.
ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن،
پۇختا بولسۇن ئەۋلادنىڭ بېسىلغان ئۇلى.
قۇلىقىم تۈۋىدە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ نۇتقى جاراڭلاپ توراتتى: «قېرىنداشلار، ئاتا- ئانىلار ۋە ئارقىداشلار، مەن بېشىمدىن ئېغىر سەرگۈزەشتىلەرنى كەچۈرۈپ، يۇرتۇم ئۈچۈن ئىشلەشكە بىلىم ئېلىپ كەلگەنمەن. يۇرت خەلقىنى ئاسارەتنىڭ كىشەنلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، مۇئەللىملىك كەسپىنى ئەڭ ئۇلۇغ كەسىپ، ئوقۇتقۇچىلىق يولىنى ئەڭ توغرا يول دەپ تاللاپ ئالغانمەن. قاچاندۇر بىر كۈنى مېنى ئالتە پۇڭلۇق قۇغۇشۇن ئۇقى ئاخىرەتكە ئۇزىتىشى مۇمكىن. لىكىن مەن ئەنە شۇ كۈننى كۈتىمەن. چۈنكى مەن ۋەتەن يولىدا، مەرىپەت يولىدا ئىسسىق قېنىمنى تۆكۈشتىن زادى قايتمايمەن...»
مەمتىلى ئەپەندى شەخسىي مەنپەئەتتىن كۆرە، خەلق، مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئالى دەپ قارىغان. مائارىپنى خەلق، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىغان. شۇڭا ئۇ مائارىپقا مۇھەببەت باغلاپ، شۇ مۇقەددەس خىزمەت يولىدا ياش ھاياتىنى قۇربان قىلغان. مەرىپەت دۈشمەنلىرى ئۇنى 1937-يىل دەرسخانا مۇنبىرىدىن تۇتۇپ كەتتى ۋە شۇ يىلى ئىيۇلدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋەتتى. شۇ يىللاردا قالاق كۈچلەر، روھانىيلار يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىگە تۈرلۈك يوللار بىلەن قولىدىن كېلىشىچە قارشىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.        
شائىر گەرچە تولىمۇ بالدۇر كەتكەن بولسىمۇ، ئۆز خەلقىگە، مىللىتىگە بەرگەن تەنتەنىلىك قەسىمىنى ئورۇندىدى. ئۇ ئۆز دەۋرى ئۈچۈن بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدىغان ئۆتكۈر قەلىمىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر زامانىۋىي مائارىپ ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلدى. خەلقنىڭ ئازادلىق ۋە ھۆرلۈككە پۈركەنگەن يېڭى دونيا قۇرۇش ئىستىكىنى ۋە پائالىيەتلىرىنى قىزغىن مەدھىيىلىدى. غەپلەت ئىچىدە قالغانلارنى ئويغىتىپ، ئۇلارنى زۇلۇم ۋە ئېزىلىشكە قارشى يېڭى كۆرەشكە تەييارلىدى. ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ھەيۋەتلىك، قىران دولقۇنلىرىدەك قۇدرەتلىك بولغان مائارىپ ۋە مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنى غال- غال تىترىتىپ ئېزىلگەن يۈرەكلەرنىڭ ئىنقىلاب قىلىش روھىغا غايەت زور ئىلھام بەردى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىسمى- جىسمىغا لايىق توغرا يولغا باشلىغۇچى ئىدى. ئۇ خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن تۇغۇلغان. خەلقنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن، مائارىپنىڭ ئۆز ئېلىدە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن ياشىغان. ئازاد، ئەركىن، ھۆر زامان قۇرۇش يولىدا مېڭىش قايناملىرىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ھەقىقىي ئىنقىلابچى. «كۈچلۈك ئەقىدىسى بولمىغان ئادەم ئەڭ قورقۇنچلۇق ئادەمدۇر.» (رومىن روللان)
«ھايات ۋە ياشاش مانا مۇشۇنداق ئۆزلۈكسىز تىرىشىش، باش ئەگمەسلىك داۋامىدا ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولالايدۇ. چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ دونيا ئاجايىپ گۈزەل ۋە سۆيۈملۈك. بىلگۈچىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق تېپىلماس پۇرسەت. لىكىن پۇرسەت ھېچقاچان ئۇنى قۇرۇق سېغىنىش، كۆز يېشى قىلىپ يالۋۇرۇش بىلەنلا ئۆزىنىڭ مەھىشەت داستىخانلىرىنى ئاچمايدۇ. تەقدىر قىسمەتلىرىنى پەقەت ھەقىقىي ئىقتىدار بىلەن مەردلىكلا كومپەيكوم قىلالايدۇ.»⑧
مۇناسىپ ياشىغان ھاياتنى يىللار بىلەن ئەمەس، بەلكى قىلغان ئىشلار بىلەن ئۆلچەش كېرەك.  «كىشىلىك ھاياتنىڭ، مەۋجۇتلۇقنىڭ يولى پىداكارلىق بىلەن ئېچىلىدۇ. ئىستىقبالنىڭ يولى بولسا، پىداكارلىق بىلەن كېڭىيىدۇ.» (ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى)
ھاياتىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارغا ئاتلانغانلار ئۈچۈن ھەر بىر قەدەم قىممەتلىك ھايات سەھپىسى. بۇ سەھىپىلەرنىڭ جۇغلانمىسى ئۇنىڭ ھايات قامۇسى. مەنىسىز ئۆتكەن كۈنلەر بۇ ھايات قامۇسىدىن يىرتىلىپ تاشلانغان بەتلەر...
ئىنسان چىن قەلبىدىن كۆلەلىسە، ھاياتنىڭ مېغىزىنى چاققان بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۆز ئەمگىكىدىن ھوزۇرلىنىپ كۆلەلىسە...  ھايات دېمەك ئېلىشىش، قۇربان بېرىش، يۇقىتىش، ئېرىشىش دېمەك. ھايات خۇددى بىئارامچىلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر تىزىق تەسۋىي. ئۈمىدۋار كىشىلەر ئۇنى ھەمىشە كۆلۈپ تۇرۇپ ساناپ بولىدۇ. «ئىنساننىڭ قەدىر- قىممىتى ئۇنىڭ ئېرىشكىنى بىلەن ئەمەس، بەلكى بەخش ئەتكىنى بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك.» (ئارىستوتىل)
مەن بۇ ئوتتۇز يەتتە يىللىق ھاياتلىق كارتىنامنى ھەر ھالدا پاكىزلىق ئىچىدە ھالال، سۈزۈك ئۆتكۈزدۈم دەپ ھېسابلايمەن. ۋۇجۇدۇمدا بىر ئوت، قەلبىمدە بىر روھ يېلىنجاپ تۇرىدۇ. بۇ ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى ئۇلايدىغان ئىلىم- پەن روھى، تەۋپىق روھى ئىدى. مەن بۇ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش يولىدا مەمتىلى ئەپەندىلەر كۆتۈرگەن چوغنى قېرىنداشلىرىمغا تېخىمۇ چوغلاندۇرۇپ يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئىشەنچىم كامىل. ئانا تەكلىماكان نەۋقىران ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ گۈزەل ھېكايىلىرىنى كەلگۈسىگە ئۇلاشتۇرۇشقا ھەر قاچان قادىردۇر.

سىتاتا مەنبەلىرى:
         ① يالقۇن رۇزى: «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 85-بەت ؛
② ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 209-بەت؛
         ③ ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 196-بەت؛
        ④  ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 80-بەت؛
         ⑤ ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 228-بەت؛
        ⑥ ئەركىن رۇزى: «بىچارە كۈلكىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 84-بەت؛
        ⑦ ھاياتنۇپۇس مۇھەممەت: «قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2006-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 167-بەت؛       
        ⑧ يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق: «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى»، شىجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2001-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 398-بەت؛
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
گۇلزار + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!
نونى + 2 + 3 + 2 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 8 تىللا + 9 تۆھپە + 8 شۆھرەت + 9  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 23:12:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋپىق روھى قەلبىمىزدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. رەھمەت سىزگە.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 23:57:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت بۇرادەر، ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 11:47:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋپىق روھىنى ئىزدەپ شۇنچە جاپا چەككىنىڭىزگە قارىغاندا ، سىز چىن مەنىدىكى ھەقىقىي مارىپچى ئىكەنسىز ! تەۋپىق روھى ھەممىمىزگە مەدەتكار بولغاي . بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ روناق تاپسۇن !
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5094 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9305 سەر
شۆھرەت
4212 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 15:22:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈن بولسا قوياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. غەربتە ۋاقىت گويا نۇر تىزلىكىدە چاپماقتا. بىزنىڭ بۇ يەردە ۋاقىت توختاپ قالغاندەك، تارىخنىڭ ئۆزىمۇ قىمىرلىماي يېتىۋالغاندەك بىلىنىدۇ. بۇ ھال ئوقۇتقۇچىلىق ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ.
يېزىلاردا ۋاقىت توختاپ قالغاندەك ، تارىخ قىمىرلىماي يېتىۋالغاندەك  بىلىنىدۇ ؟  
بۇ ھەر بىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئويلىنىشىغا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 15:15, Processed in 0.420522 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش