پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3610 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 3

تارىخنىڭ بايانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
39 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
37 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 22:51:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنىڭ بايانى

ئابدۇللا ئېلى بەگزاد
(ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

تارىخ بىزنىڭ روھىمىزنى يۇيىدىغان، قەلبىمىزنى ھەقىقەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان مۇھىم قورال. ئۇ نۇقۇل يىللار دۈۋىسى ئەمەس، مەلۇم بىر دەۋرنىڭ مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش تارىخىلا ئەمەس، بەلكى بىر قەۋمنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئەندىزىسى، ئېتىقاد، روھىيەت ئارخىپى. بىر ئادەمنىڭ مۇكەممەل ئادەم ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇنىڭ تارىخ بىلىش- بىلمەسلىكىدۇر. تارىختىن خەۋىرى يوقلار ياكى قىزىقمىغۇچىلار قانچە كۆپەيگەنسېرى، شۇ قۇۋمنىڭ كەلگۈسى شۇنچە غۇۋا بولىدۇ.
كۈنلەر ئايلارنىڭ بىر ۋارىقى، ئايلار يىللارنىڭ بىر پاراگرافى، يىللار ئەسىرلەرنىڭ بىر بابى. ئۇنىڭدا بىزنىڭ كەچمىش- كەچۈرمىشلىرىمىز، ئۇتۇق- مۇۋەپپىقىيەتلىرىمىز، بەخت- سائادەت، خۇشاللىقلىرىمىز، ئارزۇ- ئارمانلىرىمىز، ئوڭۇشسىزلىق- مەغلۇبىيەتلىرىمىز، پۇشايمان- نادامەتلىرىمىز، قايغۇ- ھەسرەتلىرىمىز... خاتىرىلەنگەن.      
ئۆتمۈشنى بىلمىگۈچە بۆگۈنكى كۈننىڭ مەنىسىنى ۋە كېلىچەكنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.
ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
تارىخ ــ ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت. (ماركىس)
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ گېنىرالى تورىم شۇنداق دەپتىكەن: « ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندا، پۇقرالار ئۈستى- بېشى جۇل- جۇل، ئاچ- يالىڭاچلىقتا قالغان سەرگەردانلارغا ئايلىنىدۇ. مۇنداق كىشىلەردە قورساق تويغۇزۇشتىن باشقا ئىستەك بولمايدۇ.» ①  
تارىخ- ئىنسانىيەت پائالىيىتى ۋە بىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇغ ھېكايىتى. ئۇنىڭ ھادىسىلىرى چىرىگەن تەندەك ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ماھىيەتلىرى ئۆلمەس روھتەك مەڭگۈ كىيىنكى تارىخنىڭ ئۇلىنى تۈزۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ روھىنى چېنىقتۇرىدۇ.     
تارىخ ئىككى جەرياندىن ئىبارەت. ئۆتمۈشكە نىسبەتەن ئۇ بىر «خەزىنە» بولۇپ، ھادىسىلەر بىلەن ماھىيەتكە تولغان. ئۇنىڭ ھېكمەتلىك جاۋاھىراتلىرى نۇرغۇن. كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۇ بىر «بىناكارلىق» بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى تارىخىنى يارىتىشىنى، مىللەتنى ھازىرقى زامان مىللەتلىرى قاتارىدا تاكاممۇللاشتۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەشنى نىشانلىغان.   
«تارىخ تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ياد ئېتىش؛ ئىززەت- ھۆرمەتتىن بەھرىمان بولىۋاتقانلار ئۈچۈن قوغداش؛ ئازابلىنىۋاتقانلار ئۈچۈن تەنقىد.» (فىرىدرىخ نېتزى)
نېتزى شۇنداق دەيدۇ: «تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە كۆلۈپ تۇرۇپ يازىدۇ.»
فىرانسىيە مۇتەپەككۈرى ۋۇلتېر: «تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.» دەپ ئېيتقان.  
بىزنىڭ تارىخنى خاتىرىلىشىمىز تارىختىن كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ئىزدەش، ئۆزىمىزنىڭ يوقاتقان نەرسىلىرىمىزنى قايتىدىن تېپىۋىلىش ئۈچۈندۇر.     
ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن باشلانغان ھاياتلىق يارىتىش ۋە يارىلىش، ئىزدىنىش ۋە كۆرىشىش مۇساپىسىدۇر.         
بىز تارىخقا قانچىكى ئىچكىرىلەپ نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، تارىخنىڭ بىز مۆلچەرلىگەندىن تېخىمۇ يىراق،باي ۋە رەڭدارلىقىنى ھېس قىلىمىز.
تارىخ بەزىدە چۇل- چۇل قىلىپ سۇندۇرۇلۇپ، سۇنۇقلىرى ھەر تەرەپكە چېچىۋىتىلگەن چىنىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بىز پەقەت ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە سۇنۇقىغا ئىگە. بۇ سۇنۇقلار تارىختىن ئىبارەت بىر پۈتۈن چىنىنىڭ شەكلى ۋە ھەجىمىنى قىياس قىلىشىمىزغا ئىمكانىيەت بەرمەيدىغان دەرىجىدە كىچىك بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئاشۇ چىنە ئۆزىمىزنى بىلىشىمىزدە شۇ قەدەر مۇھىم بولغانلىقتىن، ئاشۇ ناھايىتى چەكلىك ئىمكانىيەتلەر ئاساسىدا ئۇنىڭ ئەسلى قانداق ئىكەنلىكىنى سۈرەتلەشكە مەجبۇرمىز.  
تارىخ ئاجايىپ مۆجىزىكار كېلىدۇ. ئەسىرلەرنىڭ زۇلمەت قاراڭغۇلۇقلىرى دۆلەت، مىللەت، شەخسلەرنى غەپلەت، خۇراپاتلىق، نادانلىق، خار- زارلىق زامانلىرىدىمۇ قالدۇرغان؛ ئوخشاشلا شۇ ئەسىرلەرنىڭ پارلاق قوياشى دۆلەت، مىللەت، شەخسىلەرنى ئويغىتىپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش، گىگانىت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەش، پۈتۈن جاھاننى ھاڭ- تاڭ قالدۇرۇش دەۋرلىرىگىمۇ ئېلىپ كىرگەن.        
دونيادا ھېچقاچان مۇتلەق ئىلغار، ئىشلىرى ھەر قاچان ئوڭۇشلۇق بولىدىغان مىللەت بولمايدۇ. شۇنىڭدەك مۇتلەق قالاق، پالاكەتتىن ئۆرە بولالمايدىغان مىللەتمۇ ھەم يوق. تارىخ پەقەت بىر خىل سىناق ۋە تەۋەككۈل قىلىش جەريانىدۇر.   
تارىخقا نەزەر سالساق، تارىخنىڭ مۇھىم بىر قانۇنىيىتى تەكرارلىنىش. شۇڭا كونىلار: «كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان؟» دەپ غەزەل توۋلاشقان. تارىختىكى بۇ خىل تەكرارلىق قانۇنىيىتى تارىخىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت ھۇما قۇشىنى بەزىدە ئۇ خەلقنىڭ بېشىغا قوندۇرسا، بەزىدە بۇ خەلقنىڭ بېشىغا قوندۇردى. گەرچە ھۇما قۇشىنىڭ قونۇشى بەكلا تاسادىپىي ئىش بولمىسىمۇ، دۇنيانى دىر- دىر تىترەتكەن ئىمپىرىيىلەر ۋەيران بولدى. قۇل خەلقلەر خان بولدى. بۇ جەرياندا ئۆزىدىن چىقىپ ھۇما قۇشى قۇنغانلاردىن ئەنگۈشتەر ئىزدەش بىر ئىجتىمائىي ئۇدۇمغا ئايلاندى.
تارىختا سەلتەنەت ئەنە شۇنداق چۆرگىلەپ كەلگەن. بىزمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ دونيادا يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. تارىختا مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىلىدىغان ئىشلار مۇمكىن بوپقالىدىغان چاغلارمۇ بولغان. چىڭگىزخاننىڭ موڭغۇللار ئېمپىرىيىسىنى ھېچكىم ھالاك بولىدۇ، دەپ ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتى. مۇسكىۋاغا قەدەر بېسىپ كىرگەن تاتارلارنىڭ دەل رۇسلار تەرىپىدىن سىبىرىيىگە سۈرگەن قىلىنىپ، ئېچىنىشلىق خانىۋەيران بولۇشىنى كىم ئويلىغان؟ ياۋرۇپاغا تەھدىت سېلىپ كەلگەن ئىسلام ئېمپىرىيىسىمۇ يۇقالدى. نەچچە ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمان تۈركلىرىمۇ تارىخ سەھنىسىدىن غۇلىدى. ناپالىئون، گېتلىرلارمۇ يۇقالدى. قۇدرەتلىك سۆۋىت ئىتتىپاقىمۇ بىر كېچىدىلا پارچىلىنىپ كەتتى. جاھان مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ.   
ئىنسانىيەت داۋالغۇش ۋە زىددىيەتلەرگە تولغان، تەرەققىيات ۋە پىكىر ئىختىلابى بىلەن خاراكتىرلەنگەن، تىراگىدىيە ۋە ئاچچىق كۆز يېشى ئىچىدىن ئىنسان قىممىتى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن قايناق بىر دەۋرنى ــ 20-ئەسىرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىر ئىرانىڭ سىرلىق گىرۋىكىگە قەدەم باستى. شۈبھىسىزكى، يېڭى ئەسىرنىڭ كەسكىن رىقابىتى ۋە رەھىمسىز رىئاللىقى ھەر قايسى مىللەتلەردىن ئالدىنئالا ئۆزىنى ئۆزى دەڭسەپ كۆرۈشنى، ئۆزىگە يېتەرلىك روھىي ئېنىرگىيە ھازىرلاشنى، شۇنىڭدەك ئۆز كەلگۈسىگە نىسبەتەن مۇكەممەل لايىھە ۋە ئويغاق تەسەۋۋۇرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى.  
          21-ئەسىر ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزى ھەققىدە كەڭ كۆلەمدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىغان ئەسىرى بولىدۇ. ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت ۋە ئادەم بىلەن جەمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يېڭىباشتىن ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۈر كۈنتەرتىپىگە قويۇلىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر، رايۇنلار ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋىي توساقلار ھەمدە مەدەنىيەت پەرقى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇۋازىنىتىدە مىللىيلىك بىلەن دونياۋىيلىق ئىككى بۈيۈك نىشان بولۇپ قالىدۇ...     
ھالبۇكى، 21-ئەسىر ئەقىل دەۋرى بولسىمۇ، لىكىن بىز بۇنىڭغا ھېسسىيات مىللىتى سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق؛ 21-ئەسىر رىقابەت دەۋرى بولسىمۇ، لىكىن بىز ئۇنىڭغا تايىنىشچان مىللەت سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق؛ 21-ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى بولسىمۇ، لىكىن بىز ئۇنىڭغا بېكىندۈرمە مىللەت سۈپىتىدە كىرىپ كەلدۇق.     
بېكىنمە رايۇن خەلقلىرى ئۈچۈن يەر شارى ئىللىق ئائىلە بولماستىن، بەلكى سىرلىق لاگىر. بۇنداق يەردىكى خەلقنىڭ تارىخنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچ بولمىقى ئاسانغا توختىمايدۇ. ئۇلار كۆپ ھاللاردا ۋەزىيەتنىڭ تەجرىبە ماتىرىيالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. قۇدۇققا مەھكۇم پاقا دونيا ۋە ماھىيەت مۇشۇ دەپ بىلىدۇ. شۇنىڭغا يارىشا ھەرىكەت قىلىدۇ. لاچىن پەرۋازدىن بۈيۈكلۈك، كۆكتىن يۈكسەكلىكنى بىلىپ، ھېس قىلىدۇ ۋە تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرگە قانات قاقىدۇ.      
«ئارقىدا قالغانلارنىڭ دۈچ كېلىدىغان مەسىلىلىرى ھەممىدىن كۆپ بولىدۇ. چۈنكى تەرەققىيات ئۆزىنىڭ ئەخلەتلىرىنى ئارقىدا قالغانلارنىڭ دونياسىغا تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارقىدا قالغانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى پاكلىمىسا بولمايدىغان بىر باسقۇچ كېلىپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ باشقىلار زېرىكىپ تاشلىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ مىراسخۇرى بولۇپ قېلىشىمىز يۇقىرىقىنىڭ بىر پاكىتى.»②   
مىللەتلەر ئوخشىمىغانىكەن، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىي دەۋرلەردىكى جەمىيەتلىرىنىڭ يىلتىزى، مەدەنىيەت قاتلىمى، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتلىرى ئوخشىمىغان بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە خاس تارىخىي مۇھىت ئىچىدە شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي ئېكىئولوگىيىدە ياشاپ كۆنگەن، ئويلىغان ۋە ئىجاد قىلغان. ئەگەر باشقىلار تەرىپىدىن تەقدىم ئېتىلگەن جەمىيەت نوسخىلىرى، باشقۇرۇش قۇرۇلمىلىرى ۋە ئىقتىسادىي يۈرگۈزۈلمىلەر يەرلىك خەلقنىڭ مەنىۋىي ئاتمۇسفىراسىنىڭ مۇۋاپىق تاللىشىغا تاپشۇرۇلمىسا، يەرلىك خەلقنىڭ دونيا قارىشى، قىممەت قارىشى، ئېتىقادىنىڭ يۈكسېلىش سۈرئىتى بىلەن ماس قەدەم ھاسىل قىلمىسا، كىشىلەر قەلبىدىكى غۇرۇر- ئىپتىخارغا ۋەكىللىك قىلمىسا، قىسقىسى يەرلىك خەلقنىڭ ئىچكى تەقەززاسى بەلگىلىگەن زۆرۈر ئېھتىياجغا ئايلىنالمىسا، مىللىي جەمىيەتنىڭ ئېكىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى كاردىن چىقىدۇ. شۇ چاغدا بىز مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقىدىكى زور يۇقىتىشلارنى، ئەخلاقىي بۇزۇلۇشلارنى، تەبىئەتنىڭ ئېغىر خانىۋەيران ھالىتىنى، ئەقىلنىڭ چىرىگەن موردىلىرىنى، ئاھالىلەرنىڭ پاسسىپ تىرىكچىلىكىنى، ئۇلارنىڭ كەمسىتىلگەن روھىي مۇھىتتىكى تىپىرلاشلىرىنى كۆرمەي قالمايمىز.   
كىشىلەر ئەقىل- پاراسەت ۋە گۈللىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ئېچىۋاتقاندا، بىز ئۆتمۈش ۋە ئەتە ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ قەرزلىرىگە بۇغۇلۇپ كەتتۇق. ھودۇقۇش ئىچىدە زورۇقۇپ، ئۆزىمىزگە قايتا قارىدۇق. تەرەققىياتنىڭ سادالىرى ئاخىرقى ھىسابتا خۇددى ئىسراپىلنىڭ نەرىسىدەك گاس ئادەملەرنىمۇ چۈچۈتۈپ تاشلايدۇ.
بىر مىللەتنىڭ خەلقئارادا تونۇلغان ناخشا- ئۇسسۇل، تەنتەربىيە چولپانلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مىللەتتە پات- پات ئىلمىي، ئەدەبىي مۇھاكىمىلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرۇلۇشىمۇ مۇمكىن. خىلمۇ- خىل مۇكاپاتلار تەسىس قىلىنغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەشھۇر مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بۈگۈنكىدەك بىر دەۋردە مەزكۇر خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىي، پەن- تېخنىكا قاتلىمى بولمىسا، مەنىۋىيىتىدە يۈلەنگۈدەك ئېتىقادى، ئاساسلانغۇدەك پەلسەپەسى بولمىسا، يۇقۇرىقى نەتىجىلەر بۇ خەلىققە ئاز- تولا تەسەللىي، خۇشاللىق، ئۈمىدتىن ئۆزگە ھېچنىمە ئەكىلەلمەيدۇ. خەلقنىڭ ھالى ئاۋۋالقىدەكلا تۇرىدۇ، بېشىدا تۈگمەن چۆرگىلەۋىرىدۇ.
«مەلۇم بىر مەدەنىيەت سېستىمىسىدا ئورتاق روھىي بىرلىكنى توتۇپ تۇرغۇچى چوڭ كېلىمات ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان ھامان، ئۇنى تەشكىل قىلىپ تۇرغۇچى ئۇششاق كېلىماتلارغا مەنىۋىي يۇقىتىش ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتنىڭ گېنىنى ساقلاپ تۇرغۇچى ئىچكى پىسىخىك تىندۇرمىدا بوشلۇق شەكىللىنىدۇ.»③
ۋاھالەنكى، «ئۆتمۈش قانچىلىك سىرلىق، تارىخ قانچىلىك ئۇلۇغ، ئەسلىمە قانچىلىك تاتلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكەن زامانغا مەنسۇب. ھاياتتا ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئەسلىمىسىدىن باشقا تەسەللىيسى قالمىغان خەلق ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان بىر قېرى بوۋايغا ئوخشايدۇ. بىزنىڭ ئۆتمۈشتىن ئىزدەيدىغىنىمىز يالغۇز تەسەللىيلا ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتىكى ھاياتىي كۈچىمىزنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان روھىي ئېنىرگىيىدۇر.»④         
تارىخ ھېچقاچان كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇنى پەقەت غالىبلار يېتەكلەپ ماڭىدۇ.
ئەتراپىمىزدىكى دونيانى چۈشىنىش، شۇ ئارقىلىق كەلگۈسىنى پەرەز قىلىپ، ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق يول تېپىش ئۈچۈن، بەزىبىر سېستىمىلاشقان نەزەرىيە، چۈشەنچە، كونكرت ئۇقۇم، پىرىنسىپ، ئۆلچەملەر كېرەك بولىدۇ. بۇلار كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولماستىن، ئۆز مەنپەئەتىمىزنىڭ دېستىلىشىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك.
ئەسىرلەرنىڭ قىسمەتلىرىگە ئاقىلانىلىق بىلەن نەزەر سېلىپ، پۈتۈن دونيانى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك ئايان بولىدۇكى، قايسى زاماندا، قەيەردە نادانلىققا خۇراپاتلىق ئارىلاشسا، ئىشەنچكە تاماخۇرلۇق ئارىلاشسا، باتۇرلۇققا قاباھەت ئارىلاشسا، دادىللىققا قاراملىق ئارىلاشسا، گۈزەللىككە رەزىللىك ئارىلاشسا، راستچىللىققا يالغانچىلىق ئارىلاشسا، چىنلىققا ساختىلىق ئارىلاشسا... ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى مۇجىمەللىشىپ كېتىدۇ. كەلگۈسى ئىستىقبالغا بولغان ئىشەنچىسى تولۇق بولمايدۇ. كىشىلەر ئارا ۋاپا، مېھىر- مۇھەببەت سۇسلايدۇ. كۆڭۈللەرنى روھسىزلىق، ئۈمىدسىزلىك تۇمانلىرى قاپلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن دىنىي خۇراپاتلىق، تەقدىرچىلىق باش كۆتۈرىدۇ. ئەگەر نادانلىق، خۇراپاتلىق قاپلىغان قاراڭغۇ بۇلۇڭ- پۇچقاقلاردا ئىلىم- پەن نۇرى چېچىلسا، كىشىلەر ئارا تەمەسىز ئىشەنچ تۇرغۇزۇلسا، كىشىلەر باتۇر، يۈرەكلىك بولسا، ئەمما قاراملىق، قاباھەتلىك ئىللەتلەردىن ئۆزىنى تارتسا، رەزىللىكلەر تازىلىنىپ، ھەقىقىي گۈزەللىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولسا، يالغانچىلارنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام بولۇپ، راستچىللار رىيازەت چەكمىسە، ساختىلىق سۆپۈرۈلۈپ تاشلىنىپ، بازارنى چىنلىق ئىگىلىسە، ھاكىمىيەت ئادىللىق بىلەن نۇپۇزغا ئېرىشىپ، ھوقۇق قانۇن يولى بىلەن يۈرگۈزۈلسە، شۇ يەر ئاۋاتلىشىدۇ. كىشىلەر بىر- بىرىدىن مېھىر- شەپقەتنى ئايىمايدۇ. زامان ئىجادىيەت- كەشپىياتقا، باياشاتلىققا كەڭ زىمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ. كىشىلەر جۇشقۇن، روھلۇق، ئۈمىدۋار كېلىدۇ.
تارىخ ــ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن ئەمەلىي پائالىيىتىنى ئۆز ئىزنالىرى، بەلگە- تامغىلىرى، سىگنال- سىموۋۇللىرى، ئوبراز- يالدامىلىرى، بويۇم ۋە مەنىۋىي ئالامەتلىرى بىلەن يادىكار قىلىپ ماڭغان زامان خاراكتېرلىك ماددىيلاشقان ئۇچۇر موزىيىدۇر.     
ئەگەر بىز ئىنسانىيەت ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دونيانىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنى چوڭقۇر ھەم ئەتراپلىق كۆزىتىدىغان بولساق، شۇ قەدەر تەرەققى تاپقان ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ چەكسىز ئەندىشە ۋە تەشۋىش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ۋەھىمىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى رۇشەن ھېس قىلالايمىز.      
ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزنى مىسالغا ئالساقمۇ، بىزدىكى ئېتىقادسىزلىق، ھاياسىزلىق، نانكورلۇق، تەپرىقىچىلىك تۇز سۈيىدەك ئاچچىق تەقدىرىمىزنى بەلگىلەپ قويغان مەنىۋىي ئىللەتلىرىمىزدۇر. ئېتىقادىدىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ كېلىچەكى، ئەۋلادى ۋە مىللىي روھىمۇ بولمايدۇ. ئۇ مىللەت ھەر قانچە تىپچەكلىگىنى بىلەنمۇ ئاقىۋەتتە مۇقەررەر ھالدا يەنە ھالاكەتكە يۈز تۇتماي قالمايدۇ. ئېتىقادىدىن ئايرىلغان خەلق ئىلىم- پەن، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت رىقابىتى شىددەت بىلەن ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى دەۋردە، چاڭ- توزانلارغا مىلىنىپ، ئىنسانىيەت دونياسىدىن ئىز- دېرەكسىز غايىپ بولىدۇ.      
ئارىستوتىل: «بەخىتسىز ياكى بەختلىك بولۇش ئىنساننىڭ ئۆزلۈك روھىغا باغلىق» دەپ قالتىس توغرا ئېيتقان. بىز ئۆزلۈكىمىزنى قايتىدىن تېپىۋالساق، چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن» رومانىدا تەسۋىرلەنگەن ماڭقۇرتلارغا ئوخشاپ قالمىساقلا، ھامان بىر كۈنى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ شانۇ- شەۋكەتلىك تارىخىغا يېڭىباشتىن قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىمىزدا گەپ يوق.         
ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتى، چۈشكۈنلۈكىدىن يەكۈن چىقارمىغان تارىخ ئۆزلۈكسىز تراگىدىىيە نەتىجىسىدە ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.  
«بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تارىخىنى يوقاتسا، مەدەنىيەت تارىخىنى يوقاتسا، ئەنئەنىسىنى يوقاتسا ئىتائەتمەن قۇلغا، ئىتائەتمەن ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.» (چىڭغىز ئايتىماتوف)  
ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتى، چۈشكۈنلۈكى ۋە خارۇ- زەبۇنلۇقىدىن يەكۇن چىقارمىغان تارىخ ئۆزلۈكسىز تىراگىدىيە نەتىجىسىدە ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. تارىخ ھامان تەدبىرلىك كىشىلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە مېھنەتكەش ئادەملەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئىلگىرىلەپ كەلگەن.      
تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى،  مەلۇم بىر مىللەتنى، مەدەنىيەتنى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ كۈچلۈك ۋە يارقىن تۈستە نامايان قىلىدىغىنى يالغۇز ئەدەبىيات- سەنئەت، ناخشا- ئۇسسۇل ۋە ياكى باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى دەل كۈچ، نۇپۇز، ھەيۋە، ھوقۇقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك، مەركەزلىك ئىپادىسى، كاپالىتى، يۈلىكى بولمىش تېخنىكا، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكتۇر. 21-ئەسىردە تەرەققىي تاپقان دونياۋىي مىللەتلەر ئۆزى يىپ ئىگىرىپ يىپ توقۇماستىن كېيىنىدىغان، تېرىقچىلىق قىلماستىن نان يەيدىغان، باغ بىنا قىلماستىن مىۋە شەربەتلىرىنى ئىچىدىغان، ۋەيران بولغىنىغا ئۇزاق زامانلار بولغان ئەسكى تاملارغا قاراپ ماختىنىدىغان، پەقەت بوينىغا قېلىچ تەگكەندىلا ئاندىن قارشىلىق كۆرسىتىدىغان بىچارە مىللەتلەرگە مەسخىرىلىك كۆلىدۇ- ئەلۋەتتە.
شەرق مۇتەپەككۈرلىرى ئەڭ مۇكەممەل جەمىيەتنىڭ ھاكىم، ئالىم، نوچى (لۈكچەك)دىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشقان. ماھىيەتتە بۇ ئۈچ قاتلام جەمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈچ پۇتىدۇر. ئۈچ پۇتلۇق نەرسە ئاسان ئۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق ئۈچ قاتلىمى مۇكەممەل بولغان ھاكىمىيەتتە جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئادالىتى بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ بىر- بىرىنى تەقەززا قىلىشى، بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى، بىر- بىرىنى نازارەت قىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئۆز بەختىنى باشقىلارنىڭ قولىدىن ئىزدىگۈچىلەر بىچارىلەردۇر.
«ئەرنىڭ ئىپپىتى بولىدۇ. ئۇ ــ ۋەتەن.» (غۇجىمۇھەممەت مۇھەممەت) بىراق، بىزدىكى «مەن ئەر دەپ يۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تۇمۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى، ھاياتىدا ئۆلۈم ۋە شېنى نېسى ئىدى.»⑤
قاغجىراپ پولىشىپ كەتكەن يۇغان توغراقنىڭ يېنىدا بوي سۈرگەن ياش توغراقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ توغراقلار شۇنچىلىك يۇمران، شۇنچە ساغلام. بۇنداق يەردىن خارابات ۋە گۈللىنىشنىڭ مەنزىرىسىنى تەڭلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ياش  توغراقنىڭ يېنىدا خازان، قوۋزاق، چاۋار ۋە قۇملاردىن ھاسىل بولغان دۆڭلەر بار. بۇ گوياھ ئەجدادلارنىڭ قەبرىستانى. ياش توغراقلار قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ تۇرغاندەك تۇيۇلىدۇ مانا بۇ ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ، بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ تەبىئىي باغلىنىشى ئىدى.   
«تارىخ ــ ئىنسانىيەتنىڭ جىسمانىي، ئىجتىمائىي، ئەقلىي كامالىتىنىڭ راۋاجلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت. تارىخنى ئارقىغا، جاھالەتكە بۇراش مۇمكىن ئەمەس. چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنىڭ ساختىلىق، قەبىھلىك، خۇنۈكلۈك ئۈستىدىن، نۇرانىلىقنىڭ قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى توسۇپ قالالايدىغان ھەر قانداق كۈچنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەڭگۇ مۇمكىن ئەمەس.»⑥   
خورازنى ئۆلتۈرىۋىتىش بىلەن تاڭنىڭ ئېتىشىنى توسوپ قالغىلى بولمايدۇ، قېلىچ بىلەن دەريا سۈيىنى كېسىپ توختاتقىلى بولمايدۇ. سېھىرلىك تارىخنىڭ بىزگە يەنە قانداق ئويۇنلارنى ئويناپ بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىر نىمە دېيەلمەيدۇ. ئەمما بەزىلەر بو ئويۇننى بىردەملىك قىزىقىش ئىچىدە كۆرسە، بەزىلەر ئەقلىي يۈكسەكلىكتە كۆرىدۇ. تارىخمۇ تاماشىبىنلىرىغا ماس ھالدىكى سوۋغىلىرىنى ھەدىيەلەپ ئۈلگۈرىدۇ. بەزىلىرىگە مىللىي ئۆملۈك، ئويۇشۇشچانلىق، تىرىشچانلىق، قەيسىرانە روھ ئاتا قىلسا، بەزىلىرىگە ئارازچىلىق، تەپرىقىچىلىك، خارۇ- زارلىق ئاتا قىلىدۇ. پەقەت زىمىنلا بۇ شەيتانكەرەش تارىخنىڭ خۇلق- بەزمىلىرىگە بىردىن- بىر شاھىد بولالايدۇ...

سىتاتا مەنبەلىرى:
① ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 18-بەت ؛
②  ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 213-بەت ؛
③ ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى؛
④ ئەسەت سولايمان: «تارىم قۇۋۇقى چېكىلگەندە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 1-بەت؛
⑤ نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن: «روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپ»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتۇ سۈرەت نەشىرىياتى، شىنجاڭ ئېلىكترون ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2009-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
⑥ ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 2-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 460-بەت .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 23:16:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ ــ ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت.   ھەقىقەتەن روشەن يۇرۇتۇپ بېرىلىپتۇ.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 23:16:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ ــ ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت.   ھەقىقەتەن روشەن يۇرۇتۇپ بېرىلىپتۇ.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5094 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9305 سەر
شۆھرەت
4212 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 14:39:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ ــ ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت. (ماركىس)
«بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تارىخىنى يوقاتسا، مەدەنىيەت تارىخىنى يوقاتسا، ئەنئەنىسىنى يوقاتسا ئىتائەتمەن قۇلغا، ئىتائەتمەن ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.» (چىڭغىز ئايتىماتوف)  

خورازنى ئۆلتۈرىۋىتىش بىلەن تاڭنىڭ ئېتىشىنى توسوپ قالغىلى بولمايدۇ، قېلىچ بىلەن دەريا سۈيىنى كېسىپ توختاتقىلى بولمايدۇ. سېھىرلىك تارىخنىڭ بىزگە يەنە قانداق ئويۇنلارنى ئويناپ بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىر نىمە دېيەلمەيدۇ. ئەمما بەزىلەر بو ئويۇننى بىردەملىك قىزىقىش ئىچىدە كۆرسە، بەزىلەر ئەقلىي يۈكسەكلىكتە كۆرىدۇ. تارىخمۇ تاماشىبىنلىرىغا ماس ھالدىكى سوۋغىلىرىنى ھەدىيەلەپ ئۈلگۈرىدۇ. بەزىلىرىگە مىللىي ئۆملۈك، ئويۇشۇشچانلىق، تىرىشچانلىق، قەيسىرانە روھ ئاتا قىلسا، بەزىلىرىگە ئارازچىلىق، تەپرىقىچىلىك، خارۇ- زارلىق ئاتا قىلىدۇ. پەقەت زىمىنلا بۇ شەيتانكەرەش تارىخنىڭ خۇلق- بەزمىلىرىگە بىردىن- بىر شاھىد بولالايدۇ...

يوقۇرقى جۇملىلەرنى بەكمۇ ياقتۇردۇم .  مىللىتىمنىڭ ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئويغىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
رەھمەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 16:13, Processed in 0.478005 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش