پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 133|ئىنكاس: 2

ماتىماتىكا ۋە ئەدەبىي تەنقىد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
39 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
37 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 22:51:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىماتىكا ۋە ئەدەبىي تەنقىد

ئابدۇللا ئېلى بەگزاد
(ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

ماتىماتىكا سانلارنى، سان- مىقدار مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەدەبىي تەنقىد بولسا تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قارىتا ئەدەبىي جەھەتتىن باھا بېرىش دېگەنلىكتۇر.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ماتىماتىكا بىلەن ئەدەبىي تەنقىدنىڭ مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ماتىماتىكا بىلەن ئەدەبىي تەنقىد زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
مىقدار- ماھىيەتكە يېتىدىغان باسقۇچ. ماھىيەت- ئاخىرقى مەقسەت. ئەدەبىي تەنقىدنىڭمۇ مەقسىتى مۇئەييەن بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش. ئەدەبىي تەنقىد بىلەن ماتىماتىكىنىڭ شەكلىلا ئوخشىمايدۇ، ماھىيىتى ئوخشاش. شۇڭا ھەر قانداق ماتىماتىكىلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئەدەبىي تەنقىد يۈرگۈزگىلى بولىدۇ.
ماتىماتىكا قەدىمقى مىسىردا، يۇناندا بارلىققا كەلگەن. مىسىر پىرامىدا ئارقىلىق ماتىماتىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەرۋازىسىنى ئاچتى. ماتىماتىكا ــ  ئىنسانىيەتنىڭ خاراكتىرىنى تەربىيىلەيدىغان قورال. ئۇ بىرەر مىللەت ياكى دۆلەتكە تەۋە ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق. قايسى بىر مىللەتتە ماتىماتىكا ئۆلىدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ بولمايدۇ، پەلسەپەسىمۇ بولمايدۇ. پەلسەپە بولمايدىكەن، ئەدەبىيات- سەنئەت، ئەخلاق... قاتارلىقلارمۇ بولمايدۇ، مىللەت مەۋجۇتلۇقىنى يۇقىتىدۇ.
ماتىماتىكا ــ دونيانى سان- سېفىرلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان ئەدەبىي تەنقىد. ھەر بىر مىللەتنىڭ رەقەملىرى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا شۇ مىللەتنىڭ ئىجدىمائىيىتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. مەسىلەن ئەرەب رەقىمى «5» ئىستىقامەتنى، خەنزۇ رەقىمى «五» تازىمنى، رىم رەقىمى «V» ئىنتىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
دېمەك، دونيا- سان، شەكىل، مىقدار. ئىدىيالىستىك پەيلاسوپلار «پۈتۈن ساننى ئاللا، پارچە ساننى بەندىلەر ئىجاد قىلغان» دەپ قارايدۇ.
ئەدەبىي تەنقىد ئىجاد قىلىش ئەمەس، بەلكى كونكرىت ئوبيىكتىغا قارىتا بايقاش، باھا بېرىش دېگەنلىكتۇر. ماتىماتىكىمۇ شۇنداق. گىرمانىيە ئالىمى ئېينىشتىيىن: «نىسبىيلىك نەزەرىيەمنى ئېۋگىلىتنىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساسەن بايقىدىم» دەيدۇ.
گوتمان: «ماتىماتىكلار ئىجاد قىلمايدۇ، بايقايدۇ» دېگەن. كۆز ئالدىمىزدىكى دونيا بىلىشتىن ئاۋۋال ناھايىتى سىرلىق، بىلىشتىن كېيىن ناھايىتى ئاددىي. ماتىماتىكا ۋە ئەدەبىي تەنقىدمۇ دۇنيانى ئاددىيلاشتۇرۇپ بېرىدىغان شەكىللەردۇر.
يالغۇز ئەدەبىي تەنقىدتىلا چىنلىق بولۇپ قالماستىن، ماتىماتىكىدىمۇ چىنلىق بولۇشى شەرت. چەكسىزلىك توپلىمىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى كانتو: «ماتىماتىكىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىدا ئىككى خىل چىنلىق بولىدۇ. بىرى ئىچكى چىنلىق، يەنى ماتىماتىكىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ لوگىكا جەھەتتىكى سىغىمچانلىقى؛ يەنە بىرى تاشقى چىنلىق، بۇ ماتىماتىكا ئوبيېكتىنىڭ ئوبيېكتىپ چىنلىقىنى كۆرسىتىدۇ.» دەيدۇ.
نۆۋەتتىكى پەن- تېخنىكا ساھەسىدە پەنلەر ھەم قوشۇلىۋاتىدۇ ھەم پارچىلىنىۋاتىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدمۇ يوقلۇقتىن بارلىققا، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا قاراپ راۋاجلىنىپ باردى. نەتىجىدە قۇرۇلمىچىلىق تەنقىدى، ماتىماتىكىلىق ئەدەبىي تەنقىد... قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى.
ماتىماتىكىلىق ئەدەبىي تەنقىد دېگىنىمىز ماتىماتىكىلىق ئۇقۇم، نەزەرىيەلەر ئارقىلىق مۇئەييەن بىر تەنقىد يۈنۈلۈشىگە يېتىشتۇر. بۇ تەنقىد يۈنۈلۈشى ــ ھەقىقەتتىن ئىبارەت. ھەقىقەتنى تولغان يۇمۇلاق نەرسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. گېئومىتىرىيەدىمۇ ئەڭ گۈزەل نەرسە ــ چەمبەر.
قۇرۇلمىچىلىق تەنقىدىگە شائىرىمىز ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «تۈگىمەس ناخشا»، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» قاتارلىق شېئىرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئەدەبىي تەنقىدى مىسال بولالايدۇ.
ماتىماتىكا ــ ئابىستراكىت لوگىكىلىق تەپەككۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېسسىياتنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ماتىماتىكا تەبىئەتنىڭ سان- سېفىرلىق تەسۋىرى. ئۇ ئىنساننىڭ سوبيىكتىپ قارىشىغا بېقىنمايدۇ.
ئەدەبىي تەنقىدتە ئاساسلار يېتەرلىك، پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ماتىماتىكىنىڭ شۆھرەتكە ئېرىشىشىمۇ ئۇنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىدا. چۈنكى، ماتىماتىكىلىق دەلىل- ئىسپاتلار تەۋرەنمەستۇر.
زامانىۋىي پەنلەر سېستىمىسىدا سان ئامىلىمۇ ئەدەبىي تەنقىدگە تەدبىقلىنىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى. بىز ئەدەبىي تەنقىد يۈرگۈزگەندە (كونكرىت بىر ئەسەرنى) ①سىيۇژىت قاتلىمى؛ ②جۈملە قاتلىمى؛ ③سۆز قاتلىمى؛ ④قاپىيە قاتلىمىغا ئايرىيمىز. بۇ جەريانلار ماتىماتىكىلىق ئامىللارنىڭ ياردىمىسىز ئورۇندالمايدۇ.
سان ئامىلىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدگە تەدبىقلىنىشىغا ئائىت مىساللاردىن  نۇرغۇن ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئەلىشىر نەۋائىنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيىتىدە 72 مىڭ سۆز، شىكىسپىرنىڭ 50 مىڭ سۆز ئىشلەتكەنلىكى؛ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىنىڭ سۆز ئىشلىتىش، ھەر بىر جۈملىگە نەچچە سۆز قاتناشتۇرۇش ئالاھىدىلىكلىرىنى كومپيۇتىردا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە روماننىڭ ئاخىرقى 40 بابىنى گاۋئى ئەمەس، ساۋ شۆچىن يازغانلىقى ئېنىقلانغانلىقى؛ «قۇرئان كەرىم»نىڭ سۆز- ئايەتلىرىنىڭ ئارتۇق- كەم ئەمەس 19 دىن گۇرۇپپىلانغانلىقى كومپيۇتىردا ئېنىقلانغانلىقى... بۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
نۆۋەتتە ئەدەبىياتىمىزنىڭ يۈنۈلۈشى ياپىلاق ھالەتتىن يۇمۇلاقلىققا، يەنى ئېنىقلىقتىن غۇۋالىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدتىمۇ ماس ھالدا يېڭى شەكىللەر بارلىققا كەلدى. يەنە دەل شۇنىڭ بىلەن بىللە ماتىماتىكا ساھەسىدىمۇ مۈجىمەل ماتىماتىكا بارلىققا كەلدى. ئۇ ئەمەلىي مەسىلىلەردىكى غۇۋالىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پەيدا بولغان.
ئەدەبىي ئەسەر ــ ئوقۇشتىكى چەكسىز تەرەققىياتلارنىڭ يىغىندىسى. شۇڭا بىر پارچە ياخشى ئەسەرنى مەڭگۇ ئۇقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇ دېگەنلىك ئەدەبىي تەنقىدنىڭ چوڭقۇرلۇقى كىتابخان بىلەن يازغۇچى  ئوتتۇرىسىدا ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەت بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ دېگەنلىكتۇر. يەنى رەسىمدىكىدەك.
كىتابخان بىلەن يازغۇچىنىڭ ئارىلىقى قانچە يېقىنلاشسا، ئەدەبىي تەنقىدنىڭ قىممىتى شۇنچە تۈۋەن بولىدۇ.
قىسقىسى، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ تۇمۇرى بىر بولۇپ، پۈتكۈل پەنلەر سېستىمىسى بىر چوڭ ئائىلە بولسا، ھەرقايسى پەنلەر قېرىنداشلاردۇر. ماتىماتىكا بىلەن ئەدەبىي تەنقىدمۇ شۇنداق. شۇڭا ماتىماتىكلار ئەدەبىياتتىن، ئەدەبىي تەنقىدتىن؛ ئەدىبلەر، ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ماتىماتىكىدىن خەۋەردار بولۇشى زۆرۈر. بۇ خىل زۆرۈرىيەت ماتىماتىكا ۋە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئالغا سىلجىتىدۇ. ئاۋىستىرالىيە يازغۇچىسى كافكا ماتىماتىكىنى تەتقىق قىلىپ «قەلئە» رومانىنى يازغان. ئېلىمىزنىڭ  ئاتاقلىق ماتىماتىكى سۇ بوچىڭ 50 يىللىق ماتىماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا «تىل- ئەدەبىيات ۋە ماتىماتىكا» دەپ ماقالە يازغان. ئۇ ماقالىسىدە ئالىي مەكتەپنىڭ ماتىماتىكا فاكولتىتىغا قۇبۇل قىلىنغانلاردىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەدەبىياتتا لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ دەرس نەتىجىسىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا يۇقۇرى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ ئىككى پەننىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ماتىماتىكا ــ ھەقىقەتنىڭ سان- سېفىر بىلەن ئىسپاتلىنىشى، ئەدەبىي تەنقىد ــ بەدىئىي فورما بىلەن ئىسپاتلىنىشىدۇر.
دېمەك، مەيلى ماتىماتىكا، مەيلى ئەدەبىي تەنقىد  بولسۇن، ئاخىرقى مەقسىتى ئوخشاشلا ھەقىقەت ئىزدەش!





ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 23:14:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-31 15:08  

ماتىماتكنى ئەدەبى تەنقىت بىلەن بىر ئۇرۇنغا قۇيشقا بۇلامدۇ؟  ماقالىڭىزنى  ئوقۇپ گاڭگىراپلا قالدىمغۇ بەگزادە.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 11:57:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي تەنقىت - باھا بېرىش پائالىيىتىدىن ئىبارەت . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتاھان قەغىزى ۋە تاپشۇرۇقلىرىغا قويۇلغان 70، 80 قاتارلىق نومۇرلارمۇ  ماھىيەتتە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن باھادۇر  . مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۇلارنىڭ مۇئەييەن ئوخشاشلىقى باردەك قىلىدۇ.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 15:23, Processed in 0.375070 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش