پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3610 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 121|ئىنكاس: 2

مائارىپ دوقمۇشىدىكى پاراڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
39 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
37 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 22:47:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ دوقمۇشىدىكى پاراڭلار

ئابدۇللا ئېلى بەگزاد
(ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

«ئىنسانىيەت ئەۋلادىنى تەربىيىلەش ــ ئومۇمىي ۋە مەڭگۈلۈك كاتىگورىيە.» (ۋ. ئى. لېنىن) مائارىپ ــ ئىنسانلارغا خاس بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ، ئادەم تەربىيىلەيدىغان پائالىيەت. ئۇنىڭ تارىخى ئىنسانلار تارىخى بىلەن، تەقدىرى ئىنسانلار تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. دېمەكچىمىزكى، مائارىپ ئىنسانلار پەيدا بولۇشى بىلەن باشلانغان، ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تەرەققى قىلغان. شۇڭا جەمىيەتسىز مائارىپنى، مائارىپسىز جەمىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.  
مائارىپ ئانا باش تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە تالاي- تالاي ماقالىلەر يېزىلدى. ئەمما مائارىپىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى يېڭىچە مەزمۇن ۋە سۈپەتكە ئىگە بولىدىغان بولغاچقا، بۇ ھال بىزنى يېڭىدىن- يېڭى تۇيغۇلارغا ھامىلدار قىلىدۇ، تەپەككۈر دونياسىغا باشلايدۇ.
بىزدە مائارىپ ھەققىدە ئاجايىپ رەھنەما پىكىرلەر، شاھانە يوللار بارلىققا كەلگەن. ھەر قانداق قۇۋم ياكى  بىر مىللەت تارىختىن بويان ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەشنى مۇھىم بىلگەن. مەسىلەن،  «قەدىمقى سىپارتالىقلار ۋە رىملىقلارنىڭ پەرزەنتىلىرىنى تەربىيىلەشتە ئاجايىپ ئۆزگىچە ئۇسۇللىرى بولغان. شۇڭلاشقىمۇ رىم ئېمپىرىيىسى ئۆزىنى ھۆكۈمرانلىقىنى نۇرغۇن ئەسىرلەر داۋاملاشتۇرالىغان.»①      
مائارىپ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئانىسى، تەرەققىياتنىڭ قامچىسى. چۈنكى ئۇ ھەتتا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىمۇ ئىشلەپچىقىرالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە. شۇڭا ئۇرۇشخۇمار مىللەت گىرمانلار «مائارىپ ھەربىي ئىشلاردىنمۇ مۇھىم» دەپ بىكار ئېيتمىغان.  دەرۋەقە مائارىپتىن ئايرىۋەتكەندە، ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يامغۇر سۈيى قاقاس دالىلارنى تىرىلدۈرگەندەك، مائارىپ ئىنسان قەلبىنى تىرىلدۈرىدۇ . چۈنكى ئۇ «ئەقىل ۋە ئېتىقادنى يېتىلدۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراق.» (مۇھەممەتئىمىن ئۆمەرۇف)
خەلقىمىز ئەزەلدىن مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى بالا تەربىيىلەش ھەققىدىكى بايانلىرى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىكى چاغدا تەربىيىسىز، نادان قالسا، چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولمىقى تەسكە توختايدۇ» دېگەن بايانلىرى خەلقىمىزنىڭ ساغلام مائارىپ قاراشلىرىنىڭ تارىختىكى ئىنكاسى. بۇلار ئەلۋەتتە، نۇرغۇنلىغان ئىزدىنىش ۋە سىناقلارنىڭ نەتىجىسى بولغاچقا، بىزگە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ھەقىقەتلەرنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، شۇنداقلا مائارىپنى ئەقلىي يۈكسەكلىكتە يۇرۇتۇپ ئۆتەلەيدۇ.
«ياشاش بىر خىل تەبىئىي ھەرىكەت. ئۇ ئېھتىياج ئۈستىگە قۇرۇلغان زۆرۈرىيەت، ئېھتىياجنى قاندۇرۇش قاتارلىق جەريانلار بىلەن مەزمۇنلىنىدۇ. بۇ جەريان مۇئەييەن تەجرىبە ۋە تەجرىبىدىن كەلگەن باسقۇچلۇق بىلىش ھەرىكىتى بىلەن خاراكتىرلەنگەن بولىدۇ. مائارىپ ئەنە شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كېلىپ چىققان.»②   
    ياخشى مائارىپ مەدەنىيەتنىڭ كاپالىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەدەنىيەتنى ئالغا سىلجىتىدىغان تۈرتكىلىك كۈچ بولالايدۇ. بىلىم بىلەن شىجائەت ئۆلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ سېنىمۇ ئۆلمەس قىلالايدۇ.
مائارىپنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەقسىتى بىر ئادەمنى تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۇنى ئەڭ ياخشى ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ياكى شۇ ئىمكانىيەتلەرگە يېتىشنىڭ يولىغا باشلاش. ئادەمنىڭ ياشاش مەقسىتى ئوخشاش بولمايدۇ، كىشىلەرنىڭ مائارىپتىن  ئىبارەت قورال خەزىنىسىدىن ياشاش ئۈچۈن ئالىدىغان قورالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مائارىپ ھەر كىمنى ئېھتىياجى ماس قوراللار بىلەن تەمىنلەش جەريانىدۇر. لىكىن مائارىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشى بىكىتىلمەسلىكى، مائارىپ ئىدىيىسىنىڭ ئېنىق، مۇكەممەل بولماسلىقى بۇ قوراللارنىڭ ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.      
«ئادەمنى تېخنىكىغا ئىگە قىلىش مائارىپنىڭ بىر مەقسىتى بولسا، ئەخلاقلىق، ئېتىقادلىق قىلىپ تەربىيىلەپ، ئۇنى كائىناتتىكى ئۆزىنىڭ ئورنىنى تونىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ــ مائارىپنىڭ يەنە بىر مەقسىتى. بۇ ئىككى مەقسەت ــ مائارىپتىن ئىبارەت ماشىنىنىڭ ماتورى ۋە رولى.»③
گىرمانىيەلىك دونياغا مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ئابىرىت ئېينىشتىيىن «ئامىرىكا ئالىي مائارىپىنىڭ 300 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى»دا سۆزلىگەن نۇتقىدا: «بىلىم ئۆلۈك نەرسە، مەكتەپ بولسا جانلىق ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ياشلار ئارىسىدا جامائەتكە پايدىلىق پەزىلەت ۋە قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. لىكىن بۇ ئىنسانلارنى ئۆز ئىندىۋىدىئاللىقىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئۇلارنى ھەسەل ھەرىسى ياكى چۆمۈلىگە ئوخشاش پەقەتلا جەمىيەتنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن دىرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى شەخسىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادچانلىقى بىلەن ئارزۇسى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئادەملەردىن تەشكىل تاپمىغان جەمىيەت تەرەققى قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولغان بەختسىز جەمىيەتتۇر. ئۇنىڭ ئەكسىچە مەكتەپنىڭ نىشانى مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان كىشىلەرنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. مەكتەپتە مۇشۇنداق تەربىيىلىنىپ چىققانلار جەمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆز ھاياتىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئالىي ۋەزىپە دەپ قارايدىغان بولىدۇ» دېگەنىدى. مەكتەپتىن بىرى قۇرۇلسا، تۈرمىدىن بىرى ئازىيىدۇ. (ۋېكتۇر ھىيۇگۇ)
بىزنىڭ مائارىپ مەقسىتىمىزمۇ خېلى يىللارغىچە ئەمەلىيەتتىن بەكلا يىراقلاپ كەتتى. بىز ياشاش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مۇستەقىل قاراشقا ۋە قول سېلىپ ئىشلەشكە ماھىر ئونۋېرسال ساپاغا ئىگە ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئەمەس، بىراقلا «ھەم قىزىللاشقان، ھەم ئىقتىساسلاشقان»لارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلدۇق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ئاددىي پۇقراغا ئايلىنىش،  بىزنىڭ مائارىپ ئىدىيىمىز بولسا ئالىم، مۇتەخەسىس، ماتېماتىك، فىزىك، خىمىك، تىلشۇناس يېتىشتۈرۈش بولۇپ كەلدى. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بىز ئالىم يېتىشتۈرىمىز دېگىنىمىز بىلەن، نۇرغۇن ئادەمنى ساپالىق قىلىپ يېتىشتۈرەلمىدۇق. ئۇلار ئاددىي پۇقرا يېتىشتۈرىمىز دېسە، نۇرغۇنى ئالىمغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان.
مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى ئادەمگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئادەمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئادەمنى جەمىيەت تەرەققىياتىغا لايىقلاشتۇرۇش، ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىش بولۇشى كېرەك. مائارىپ ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئىلغارلىقى ئادەم ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئىلغارلىقىنى شەرت قىلىدۇ. ئادەم ھەققىدىكى تونۇشنىڭ چوڭقۇر ۋە ئىلغارلىقى مائارىپ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ جەريان ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ئۈچۈن مائارىپنى پەيدا قىلىشى، پەيدا بولغان مائارىپنىڭ ئادەمنى تونۇشتىكى تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا يېتەكلىنىشىنىڭ مەھسولىدۇر.   
«ئادەمنى ھاياتلىق ئۈچۈن مەلۇم قورال ۋاسىتىسىگە ئىگە قىلىش مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى. ئادەمگە ئۆزىنى تونۇتۇپ، قانداق قورالغا ئېرىشىش يولىنى ئىگىلىتىش ئۇنىڭ ئالىي غايىسى.»④   
«بىزنىڭ مائارىپىمىز ئاللىقاچان يۇقۇرى نۇپۇزلۇق، تۆۋەن ئىقتىدارلىق، قۇلىقى يۇمشاق، ئىتائەتچان، ئۆلچەملىك زاپچاسلارنى يېتىشتۈرۈش مائارىپىغا ئايلىنىپ قالدى.» (قاسىم سىدىق)
ئەلۋەتتە مائارىپ بايلىق يارىتىدۇ. ئەمما مۇنداق ئىككى خىل ئۈستۈنلۈكنى ئالغان چاغدا كىرىزىسقا دۈچ كېلىدۇ: بىرى، يىراق كەلگۈسىدە مۇھىم ئىلمىي قىممەت يارىتىدىغان ئەمەس، بەلكى تىز ئارىدا تاۋار قىممىتى يارىتىدىغان مائارىپ ئەۋجىرەپ كەتكەندە؛ يەنە بىرى مەنىۋىي بايلىق يارىتىشنى ئاساس قىلماي، ماددىي بايلىق يارىتىشنى ئاساس قىلغان مائارىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن چاغدا.  
مائارىپ كىشىلەرنى تەربىيىلەش مەسىلىسى دېيىلسە، بۇ مۇتەئەسسىپ مائارىپ بولىدۇ. مائارىپ كىشىلەرنى داۋاملىق تۈردە ئۆز- ئۆزىنى تەربىيىلەشكە يېتەكلەش دەپ قارالسا، بىر قەدەر راستچىل مائارىپ بولغان بولىدۇ. رۇشەنكى، «مائارىپ خۇددى تۇغۇلۇشتەك تەبىئىي، ھاياتتەك جانلىق، روھتەك ئەركىن بولغاندا، كىشىلەرگە ھاۋادەك سېخى بولغاندا، جەمىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئۈچۈن ئۆزى ھەم باشقىلار كۈتكەندەك كېرەكلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ.»⑤   
بالىلار گۈزەللىك، ئويۇن، چۆچەك، مۇزىكا، رەسىم، خىيال، ئىجادىيەت ئالىمىدە ياشاشلىرى كېرەك. (ۋ. ئا. سۇخۇملىنىسكىي)
بىز ياشاۋاتقان جەمىيەتنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىمۇ بالىلىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. جەمىيەت ساغلام بولسا، ئۇنىڭ بىر ھۆجەيرىسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنڭ روھىمۇ ساغلام، ھىسسىياتى گۈزەل بولىدۇ. ئىپلاسلىقلار ئەۋج ئالسا، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ روھىمۇ ئاستا- ئاستا قۇرتلاشقا باشلايدۇ. سوقراتنى ئۆلۈم ئالدىدا «نىمە ئارزۇيىڭىز بار؟» دەپ سورىغاندا، «مەن بالامنىڭ ساغلام بولغان بىر جەمىيەتتە ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن.  
مائارىپ بالىلاردا ساغلام خاراكتىر، ۋىجدان، غۇرۇر، نۇمۇس، شەرەپ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن،  بۇ يەردە تەربىيىلىنىپ چىققان بالىلارنىڭ ماشىنىدىن پەرقى بولمايدۇ. ئىجادىي روھ تەربىيە ۋە كاپالەتكە ئېرىشەلمىگەن جەمىيەتتە كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارى كۆمۈلۈپ قالىدۇ. ئەقىل يۈزەكى ھالدىكى دورامچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.     
بىز بالىلارغا جان بېقىش مائارىپىنى ئەمەس، خوجايىنلىق مائارىپىنى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك.
«ھازىرقى كىشىلەر ئاجايىپ تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئالالايدۇ. زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدا چېمپىيون بولالايدۇ. توم- توم كىتاب، لۇغەتلەرنى يادلىۋىتەلەيدۇ. تىز ئىگىلەش، تىز يادلاشلارنىڭ ئاجايىپ ئۇسۇللىرىنى ئىختىرا قىلىشقان. ئۇلار بىر ئۆگىنىش ماشىنىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ روھى قۇپقۇرۇق، تۇرمۇشى مەنىسىز. ھەممىدىن قاخشايدۇ، ئوڭايلا ئۈمىتسىزلىنىدۇ، مەنىۋىيىتى قاغجىرىغان. ئەمما ئۇلار بۇ تەشنالىقىنى قانداق قاندۇرۇشنى بىلمەيدۇ.»⑥        
ئىنسان قەلبى ۋە مەنىۋىيىتىگە زۆرۈر بولغان ساغلام، پاكىز ئۇزۇق ئۆزى تەربىيىلىۋاتقان مائارىپتىن تېپىلمىغاندا، بۇ خىل مائارىپ ئۇلارنى تېخىمۇ گۇمراھلىققا، زالالەتكە باشلىشى، ئۇلارنى ئۆمۈرلۈك بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلىشى مۇمكىن.  چۈنكى بىز ئىقتىدار، بىلىم بىلەن بايلىقنى قولغا كەلتۈرەلىسەكمۇ، بەختنى قولغا كەلتۈرەلمەيمىز. بەخت ماھىيەتتە روھنىڭ قانائەتلىنىشىدۇر.   
پۇل قىممەت قارىشىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن مائارىپىمىزغىمۇ چىركىنلىك، نانكورلۇق سايە تاشلاپ قالدى. زەئىبلىك ۋە رەزىللىكلەرنى جۇل- جۇل كىيىملىك تىلەمچىلەر، نامرات بىچارىلەردىن ئىزدەپ تېپىش ئاسان. چۈنكى ئۇلاردىكى ئاجىزلىق، ئۇلاردىكى پاجىئە، ئۇلاردىكى خاراكتىر مېيىپلىقى، ئۇلاردىكى ئاددىي  نەيرەڭ خۇددى يېقىمسىز ئۈستى- باشلىرىغا ئوخشاشلا كۆزگە ئۇچۇق- ئاشكارا تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بىراق ئەمەلدارلار، زەردارلار، ئاتالمىش زىيالىلاردىكى زەئىبلىك ۋە مەينەتچىلىك دىنىي ھەل، ئەخلاقىي تون، ئالىيجانابلىق رەڭلىرى، دىيانەت زىغزىقلىرى، تەلىمات ھەشەمەتلىرى بىلەن توسۇلۇپ قالىدۇ.   
«مائارىپ ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلماي، سىياسىي ئېھتىياج ياكى باشقا زۆرۈرىيەتتىن ئۆز رەڭگىدىن ياتلاشسا، بۇ خىل مائارىپتىن جەمىيەتكە بىر تۈركۈم ماڭقۇرتلار يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەركىن رىقابەت يۈرگۈزۈلمىگەن جەمىيەتتىكى ئادەملەر كۆپ ھاللاردا بۇزۇلغان ھۆجەيرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىگە لايىق مەۋجۇتلۇق قەۋىتىدىكى رولى تۆگەيدۇ. ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ. نەتىجىدە جەمىيەتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدىكى خامۇشلۇقنى ھەتتا پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»⑦      
مائارىپنىڭ مەزمۇنىنى جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجى بەلگىلىشى كېرەك ئىدى. لىكىن بىزدە بۇنى سىياسىئونلارنىڭ ئىدىيىسى، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى بەلگىلەيدۇ.   
«ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان مىللەت ھامىنى باش كۆتۈرىدۇ. مائارىپتا مەغلۇب بولغان مىللەت مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ. »
ھەر قانداق بىر ئادەم ۋە خەلقنىڭ ھەر قانداق بىر شەيئى، نەرسە- ھادىسىگە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە كۈلەملەشكەن ئاممىۋىي ئېڭى بولىدۇ. جەمىيەت ئەزالىرىدا مەلۇم دەرىجىدە ئومۇمىيلاشقان بۇ خىل ئاڭ- تونۇش تەبىئى ھالدا ئۇلارنىڭ ئونۋىرسال تەرەققىيات كۈچ- سەۋىيىسىگە ھەل قىلغۇچ ياخشى ياكى يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىزنىڭمۇ تەبىئىي پەن روھىمىز سۇس بولغاچقا، ئەسىرلەردىن بېرى «بوياقچىدىن ئارتۇق خېمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىك چىقمىدى.» (ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن) ھەقىقەتەنمۇ ئاڭدىكى، ئىدىيىدىكى كورلۇق مەۋجۇتلۇقنىڭ زۇلمەتلىك گۆرىنى قازىدۇ. ئاڭنىڭ تېڭى ئاتمىغۇچە بىزنىڭ جاھالەتنىڭ ھاڭىدا ياتقىنىمىز ياتقان.
ئەقىدە تەربىيىسىنىڭ سۇسلىشىشى، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق، مەدەنىيەت قارىشىنىڭ يەكلەشكە ئۇچرىشى، نۇقۇل ئەقلىيچىلىكنى بەلگە قىلغان پەنگە چوقۇنۇشنىڭ كۈچەپ تەرغىب قىلىنىشى، قارىقۇيۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي قىزغىنلىقنىڭ بىنورمال يۈنىلىشتە ئەۋجىگە چىقىشى، ياش- ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيىنىڭ ئەقلىيلىقتىن ھالقىپ چىقالماسلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە تۇرمۇشىمىزمۇ ناھايىتى پۇچەكلىشىپ كەتتى. بىزدە ھەر قانداق ئىدىيە، نەزەرىيە ھەققىدىمۇ ئىلمىي پاراڭ ھاۋاسى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلدى.
ساغلام مەۋجۇتلۇق ئېڭى بىر مىللەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەركىبلەرنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئەقىلگە، ئىقتىدارغا، تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىش تەبىئىي ھالدىلا مائارىپنىڭ يۈكسېلىشىنى شەرت قىلىدۇ.  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ئالىمى ئاجايىپ سىرلىق مەنا ۋە مۆجىزىلەرگە تولغان بولىدۇ. ئۇلار تەبىئەت ۋە جەمىيەتتىكى ھەر بىر نەرسىگە قىزىقىش ۋە ھېرىسمەنلىك قارايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئىدراك قاتلىمىدا تەپەككۈر مايسىلىرى بىخلىنىدۇ. ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ تۆھپىسى ئاددىي ھادىسىلەرگە ھەيران قېلىشتىن باشلانغان. ياخشى تەربىيىلەنگەن ئادەم ئۆز ھاياتىنى ھەر قانداق ئۇقۇم ۋە ئېتىقادنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سوبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، بايقالماي قالغان يېڭى ئالامەتلەرنى تېپىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. بۇ مەنىۋىي ھاياتى ساغلام ئادەملەرنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.
مېنىڭچە، تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى يورغا ئاتتەك ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ، ئۆز رېتىمىغا قويىۋەتسەك ياخشىدەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر ئىجتىمائىي ھادىسە بولغانلىقتىن، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەبىئىي ھالدا ئۆز مۇقامىنى تاپالايدۇ. ئەلۋەتتە مائارىپ پىداگۇكىدىكى «مۇقەددەس» قائىدىلەرنىڭ روھى سۈپىتىدە ياشايمەن دېسە، بۇ بىر ئىسكىلىتقا خاس سۈپەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
«بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى نەدىن كېلىدۇ؟ قىسقىچە  قىلىپ ئېيتقاندا، شۇ مىللەتنىڭ ھاياتىدىن كېلىدۇ. بۇ ھايات ئۆزى تۇغۇلغان تەبىئىي مۇھىتقا يارىشا خاس ئىنكاس شەكلىگە، پىكىر يوللىرىغا، ئىزدىنىش جەريانلىرىغا تولغان بولىدۇ.»⑧  
ئۇيغۇر مائارىپى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىدىن، پىسىخىك يىلتىزىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى. مىللىي ئەخلاق ئەنئەنىمىزنىڭ مەكتەپ تەلىم- تەربىيىسىدىكى رولى جارى قىلىنمىدى. ئەكسىچە مىللىي ئۆزلۈك ۋە مىللىي ئەخلاق ئامىللىرى تاشلىۋىتىلدى. مىللىي مائارىپىمىز جۇڭگۇ مىقياسىدا ئۇزۇن يىل داۋام قىلغان ئىدىئولوگىيە كۈرىشى ۋە ئاڭ فورمىسىنىڭ بېسىمىغا دۈچ كەلدى. ھوقۇقچىلىق مائارىپنىڭ پۈتكۈل ئورگانىزىمىنى راك ھۆجەيرىسىدەك قاپلاپ كەتتى.  بىزدە بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى، بىر ياخشى ئوقۇغۇچى ياكى بىر ياخشى مائارىپ مەمۇرىي كادىرى ئاڭ فورمىسىغا سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكى بىلەن ئۆلچەندى. ئەمەلىيەتتە بۇ كۇڭزىچە ساداقەت ئىدىيىسىنىڭ زامانىۋىي شەكلىدىن ئىبارەت.      
باي پۇقرانى ئون يىلدا ياراتقىلى بولىدۇ. ئەمما روھى كامالەتكە يەتكەن پۇقرانى يارىتىش ئۈچۈن يۈز يىلمۇ ئازلىق قىلىدۇ.
مەكتەپلەر بارچە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلارنىڭ غۇرۇرى ۋە نۇپۇزلۇق ئورگىنى. ئوقۇتقۇچىلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ھەم تەرەققىياتىنىڭ خەۋەرچىلىرى ۋە لايىھىلىگۈچىلىرى. ئەمما بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز جەمىيەتنىڭ ۋە دونيانىڭ چاقىرىقلىرىنى ئەڭ كېچىكىپ ئاڭلايدىغان، جەمىيەتتىكى ئورنىنى دىپلومغا تايىنىپ تىكلىگۈچى جان باقارلارنى تەربىيىلەيدىغان خىلۋەت قولتۇققا ئايلىنىپ قالدى.
مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەن خەلق ھامان دونياۋىي سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا غايەت زور روللارنى ئوينىغان ۋە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ھېنىرىخ ھېينى، بىتخوۋىن، ماركىس، فىروئىد، سىمىنوف، سېپنوزا، چاپلىن، گىنسورىلىن، ئاللونپوئى، پىكاسسو، ئېينىشتىيىن قاتارلىق مەشھۇر ئالىم، سىياسىئون، سەنئەتكارلارنى يېتىشتۈرگەن يەھۇدى مىللىتى بۈگۈنكى كۈندە ھېچقانچە تەبىئىي بايلىقى بولمىغان ئىسرائىلىيىنى قانداق قىلىپ دونيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزەلىدى؟
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى پەقەت بىرلا: «يەھۇدى مىللىتى مائارىپقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇلار ۋەتىنى يوق ئادەمنىڭ مال- مۈلكى ھەر ۋاقىت  بۇلاڭ- تالاڭغا ئۇچراش خەۋپىگە دۈچ كېلىدۇ. لېكىن بىلىم بىلەن ھۆنەر مەڭگۈ تۈگىمەس بايلىقتۇر دەپ قارايدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرگە ئىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلىتىش يولىدا خانىۋەيران بولۇپ كېتىشتىنمۇ قورقمايدۇ.      
يەھۇدىلاردىن مەشھۇر كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىدىكى سىر شۇكى، ئۇلار مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ قارىشىچە، «ۋەتىنى بولمىغان» ئادەمنىڭ مال- دونياسى ھەر ۋاقىت بۆلۈنۈپ كىتىش خەۋپى ئاستىدا تورىدۇ. لىكىن بىلىم ۋە قابىلىيەت «ئېلىپ يۈرۈشكە  بولىدىغان، ئۆمۈر بويى ئىشلىتىپ بولغىلى  بولمايدىغان بىردىنبىر مال- دونيا» ئىكەن.  
قايسى مىللەتنىڭ مائارىپ  ئېڭى ئەڭ يۇقۇرى، مائارىپ تەپەككۈرى ئەڭ سەر خىل بولسا، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا ئېرىشكەن نەتىجىسى ئەڭ يۇقىرى، مەدەنىيەت، ئىلىم- پەن سەۋىيىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. مائارىپ ئېڭى تۆۋەن مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
ئەڭ ئىلغار مائارىپ ئىدىيىسى مىللەتنىڭ مۇتەپەككۈرلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ سېستىمىلاشتۇرۇلىدۇ. مۇتەپەككۈرلار مىللىي تەپەككۈر قۇرۇلمىسى ۋە مائارىپ نىشانىنى بەلگىلەپ چىقىدۇ. بۇ خىل مائارىپ قۇرۇلمىسى مائارىپ ئېڭى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلىدۇ. مىللىي قاششاقلىق بۇ خىل قانۇنىي كۈچكە ئىگە مائارىپ ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ كاللىسىدا يېڭىلىنىش پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل يېڭىلىنىش ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
پەن- تېخنىكىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىنىغان بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ سۈپەت تەشۋىشى ھەممىمىزنى جىددىي رەۋىشتە ئويلاندۇرماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسىدىن ئېيتقاندىمۇ، بىزدە  نۇرغۇن مەسىلە بار. بىزدىكى ئەڭ ئەجەللىك مەسىلە تەپەككۈر ئەندىزىمىز بىلەن نۆۋەتتىكى مائارىپىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشالماسلىق، تەپەككۈر قۇرۇلمىمىزدىكى روھىي چۈشكۈنلۈك كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر خىل ئىسكەنجىلەردۇر. «تەپەككۈرى ئەنئەنىنىڭ ئۈلۈك ئىسكەنجىسىدە قالغان ئادەم مەڭگۇ ئىجادچانلىقنىڭ ئارامبەخىش ۋەھىيسىنى ئاڭلىيالمايدۇ.»⑨  
بىر خەلقتە مەلۇم دەۋردىكى زىيالىلارنىڭ جانلىنىشى شۇ خەلقنىڭ جانلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. زىيالىلاردىكى بۇرۇختۇرمىلىق دەۋرنىڭ  بۇرۇختۇرمىلىقى ۋە غېرىبلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيالىلاردىكى بىچارىلىك دەۋرنىڭ چىرايىدا مەغلۇبىيەت، خارلىق بىلەن ئەكس ئېتىدۇ.   
«ئالىملارنىڭ سىتاتسىتىكىسىغا قارىغاندا، ئىنسانىيەتنىڭ پەن- مەرىپەت بايلىقلىرىنىڭ جۇغلانمىسى 19-ئەسىرگە قەدەر ئىككى يۈز يىلدا بىر قاتلانغان بولسا، 19-ئەسىردىن باشلاپ ھەر 100 يىلدا، كېيىن 50 يىلدا، 25 يىلدا بىر قاتلىنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. بەزىلەرنىڭ ئۈمىدلىك پەرەزلىرىدىن قارىغاندا، 21-ئەسىردىن باشلاپ بۇ ئىمكانىيەت تېخىمۇ تىزلىشىپ، ۋاقىت تېخىمۇ قىسقىرايدىكەن. ھەر بەش- ئون يىلدا بىر قېتىم قاتلىنىش ئىمكانىيىتى يوق ئەمەس ئىكەن.»⑩      
بۇ بىر نەچچە يۈز يىلدا مائارىپنىڭ تەرەققىياتى شۇنداق تىز بولغان بىلەن، ئادەمنى تېخنىكا نوقتىسىدىن تەربىيىلەش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئەخلاق ۋە ئەقىدە نوقتىسىدىن تەربىيىلەشكە سەل قارالدى. شۇ سەۋەبتىن ماددىي بايلىقنىڭ ئېشىشى تىزلەشكەن بىلەن، ئادەمنىڭ بەخىتسىزلىكى ئېشىپ كەتتى. جەمىيەتتە روھىي مەسىلىلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى.
«مائارىپى يوق مىللەت كۆمتۈرۈپ قويغان قازاننىڭ ئاستىدىكى قۇڭغۇزغا ئوخشايدۇ. جاھان مۇشۇ دەپ يۈرىۋىرىدۇ. نادان خەلقنى باشقۇرۇش ئاسان ئۇلارنى قويغا ئوخشاش خالىغان تەرەپكە ھەيدەپ كەتكىلى بولىدۇ.» (ياڭ زىڭشىن)                        
خەلقىمىز تېخى نامرات، ئۇنىڭدىن باشقا زور كۆپچىلىكى يېزىدا ياشايدۇ شۇ تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى بەكمۇ تارلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار كېچىكىپ كېلىدىغان پايدا- مەنپەئەتتىن ھازىرلا دەرتكە دەرمان بولالايدىغان مەنپەئەتكە بەكرەك قىزىقىدۇ. شۇ تۈپەيلىدىن خەلقىمىزدە مائارىپتىن قىيداش خاھىشى يوق ئەمەس.   
مائارىپتىن بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «بىزدە ئوقۇغانلار كۆپ بولسىمۇ، كارغا كېلىدىغانلار ئاز. بۇ دەل نىمىشقا ئوقۇيدىغانلىقىنى ئۇقماي تۇرۇپ ئۇقۇپ سالغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر.»   
بىزدە ئەمگەك قىلىۋاتقانلار كۆپ بولغىنى بىلەن ھوسۇل ئېلىۋاتقانلار ئاز.   
بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپىمىز خۇددى ئابدۇقادىر جالالىددىن ئېيتقاندەك: «قولىدىن ئىش كەلمەيغانلارنى ئالمان- تالمان ئىشقا ئالىدىغان، بەرداشلىققا باي، سېخىي ماكانغا ئايلىنىپ قالدى»
بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز بىر ئۆمۈر تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتنى قىلىپ بولالماي ئۆلۈپ كېتىشمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆزىگە ئورۇنلاشتۇرغان خىزمىتى، پىلانى يوق. ئۆزىنىڭ پىلانى يوق ئادەم         باشقىلارنىڭ پىلانىنىڭ مەزمۇنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.      
مىللەتنىڭ ئەقىل پىرامىداسى شۇ دەۋردىكى مىللەت ئاقىللىرىنىڭ ئاز- ئازدىن ئەمگەك قوشۇشى ۋە سىرتتىن پايدىلىق جەۋھەرلەرنى قوبۇل قىلىشى بىلەن قوپۇرۇلىدۇ. ناۋادا ئۇنداق ئاقىللار بولمىسا، مىللەتنىڭ روھى ئۆزىنىڭ روھى بولالمايدۇ. بۇنداق روھ پاھىشىنىڭ تىنىگە ئوخشاش ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولمايدۇ. بۇ خىل روھ خۇددى زەيكەش يەردەك سۈپەتلىك ئۇرۇقنىمۇ كۆيدۈرىۋىتىدۇ.
بىر جەمىيەتتە بىلىمنىڭ ياكى نۇپۇزنىڭ قازى بولۇشى شۇ جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئادالىتىنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنى بىلىشتە مەزكۇر جەمىيەتتىكى ئەمەلدارلار بىلەن ئالىمنىڭ ئورنىغا قاراش كېرەك. ئىلىمنى ھوقۇق تىزگىنلىگەن جەمىيەتتە، چۇقۇمكى نۇپۇزنىڭ ئورنى بىلىمدىن يۇقىرى بولىدۇ.      
ئەگەر تېرىقچىلىقتا ئاگرانومنىڭ ئەمەس، يېزا باشلىقىنىڭ، ئوقۇتۇشتا پىداگوكنىڭ ئەمەس، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ، زاۋۇتتا ئېنژىنىرنىڭ ئەمەس، زاۋۇت باشلىقىنىڭ گېپى گەپ بولۇپ قالسا، ئىلمىي نەتىجىلەرنى ئالىملار ئەمەس، باشلىقلار باھالىسا، بۇ جەمىيەت يىرىڭدىغان جەمىيەت ھېسابلىنىدۇ. «بىلىم ھەقىقەتكە ۋەكىللىك قىلسا، نۇپۇز خاھىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەقىقەتنىڭ خاھىشقا ئايلىنىپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق مۇستەبىتلىك بارمۇ؟»   
ئۇنداقتا بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ قانداق خاراكتېرلىنىشى مۇمكىن؟
ــ بىز ئىزدەۋاتقان  مائارىپ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋە ئۇنى يېتىشتۈرۈشكە زىمىن ھازىرلايدىغان مائارىپتۇر.
ــ بىز ئىزدەۋاتقان  مائارىپ دەل مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان ۋە ئىپادىلىيەلەيدىغان، ئىجاد قىلالايدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، قول سېلىپ ئىشلىيەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرىدىغان مائارىپتۇر.
ــ بىز ئىزدەۋاتقان  مائارىپ دەل بەس- مۇنازىرىگە تولغان، ئېچىۋىتىلگەن، ئەركىن، دېمۇكراتىك دەرسخانا مۇھىتىنى تەكىتلەيدىغان مائارىپتۇر.
ــ بىز ئىزدەۋاتقان  مائارىپ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرالايدىغان مائارىپتۇر.     
ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش، ياشاشنى ئۆگىنىۋىلىش ــ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئۆمۈرۋايەت تەرەققىي قىلىشىدىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈك. «مەلۇم بىر ئۆيدە تۇيۇقسىزلا بىر تال يىڭنە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن، ئۆيدە ئىتالىيەلىك، فىرانسىيەلىك ۋە گىرمانىيەلىك ئۈچ كىشى بولۇپ، ئۇلار بۇ كىچىككىنە ئىشقا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرغان: ئىتالىيان مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپلا پەرۋاسىزلارچە ئۆيدىن چىقىپ  كەتكەن. فىرانسۇز رەسمىيەت يۈزىسىدىنلار قولى بىلەن يەرنى بىر- ئىككى قېتىم سىلاپ قويغان- يۇ، يىڭنىنى تېپىۋىلىشقا كۈچەپ كەتمىگەن. پەقەت ‹ئىزدەپ كۆردۈم› دېگەن روھىي تەسەللىي بىلەن بولدى قىلغان. گىرمان قولىغا بىر سىزغۇچ بىلەن بورنى ئېلىپ، پولغا كىچىك- كىچىك چەمبەرلەرنى سىزغان. ئاندىن ھەر بىر چەمبەر ئىچىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىپ، ئاخىرى ھىلىقى يىڭنىنى تېپىۋالغان. ناھايىتى ئاددىي بۇ بايان نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ مىسال يۇقىرىقى ئۈچ مىللەتنىڭ خاراكتىرىگە سىمۇۋۇل قىلىنغانىدى. »           
بىز ئىزدەۋاتىمىز، ئىزدىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزدە. لىكىن ئۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيۋاتىمىز. بىز سۆزلەۋاتىمىز. سۆزلىرىمىزدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەقلىي يۈكسەكلىكتە چۈشەنمەيۋاتىمىز.      
بىزنىڭ مائارىپتىكى مەسىلىمىز قانداق قىلىپ ئەركىن ئادەملەرنى تەربىيىلەش مەسىلىسىدۇر. ھەرگىزمۇ تېخنىكا جەھەتتىلا تەربىيە كۆرگەن بىر توپ ساپاسىز ئادەملەرنى تەربىيىلەش ئەمەس.  
«تارىختا سەلتەنەت سۈرگەن نۇرغۇن خانلارنىڭ نەسەبنامىلىرى ئۇنتۇلۇپ كەتسىمۇ، مائارىپ مۆجىزىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ھەر بىر قەدىمىگە ياندىشىپ كەلمەكتە. دېمەككى، ئەقىل بىلەن ئىلىم- ئېرپاننىڭ ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھوقۇق ۋە ھۆكۈمرانلىققا قارىغاندا ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت داۋام ئېتىدۇ. ‹ھومىر داستانلىرى› دونياغا كەلگەندىن بويانقى 2500 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە، شېئىر- داستانلار يۇقىلىپ كەتكىنى يوق. ئەمما تالاي ئوردا- قەسىرلەر، ئىبادەتخانا- چېركاۋلار، قەلئە- سېپىللار ھەمدە شەھەر- يېزىلار قاقاسلىققا ياكى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتتىغۇ؟» (فىرانسىس باكون)   
مائارىپ ئۇلۇغلىنىشى ۋە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشىشى كېرەك! ھەشەمەتلىك شەھەر- بىنالارغا، چىرايلىق كوچا- رەستىلەرگە مەبلەغ سالغاندا پايدا- زىيان، بەدەل- تاپاۋەت نوقتىسىدىن قاراش كېرەك. ئەمما مائارىپقا مەبلەغ سالغاندا زىيان- بەدەل نوقتىسىدىن قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى، «ئىجتىمائىي بەخت- سائادەت ۋە كىشىلىك كامالىتىنىڭ ھەقىقى ئوق يىلتىزى، ئۇلى ۋە پىشىڭى مائارىپتۇر.»   
«مائارىپ كىشىنى ئۆزى ھەم باشقىلار ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇشتۇر.» ( جامىس مىل)  
ئوقۇتقۇچى ــ كەڭ مەنىدە ئۆزى ياشىغان زاماننىڭ ئەقىل چىرىقى، بىلىم بولىقى ۋە تەلىم- تەربىيە باغۋىنى، روھىيەت يېتەكچىسى، ھەقىقەت جەڭچىسى! قەدىمقى زاماندىلا ئۇلار كاھىن-ـ قەبىلە ئۇستازلىرى بولغان. ئۇلار قەيەردە ئەۋلاد تەربىيىلىمىسون، خەلقنىڭ، ھەقىقەتنىڭ ۋە تارىخنىڭ نامايەندىلىرى.     
«ئەجدادلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ئەخلاقسىزلىقنىڭ بىرىنچى بەلگىسى. ئۇستازلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بارلىق ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاباھەتلىك شەكلى.»   
ئوقۇتقۇچى ھەسەل ھەرىسى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەجرى بىلەن يىغقان نېمەتلىرىنى باشقىلارنىڭ قەلبىگە قويىدۇ... ئوقۇتقۇچى مېھىر بولىقى. ئۇ تەشنا يۈرەكلەرنى قاندۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى باھار يامغۇرىدەك تامچە- تامچە شىرنىلىرى ئارقىلىق يۇمران نوتا، ياش مايسىلارغا جان ئاتا قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ــ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم- پەن دونياسىدىكى تۇنجى ھامىيسى! ئۇ بىلىم خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىنى ئاچقۇچى، ئەقىل دوردانىلىرىنى چاچقۇچى، ھېكمەت قامۇسىنىڭ مەنزىلىنى يەشكۈچى. تارىخ بىلەن ماكان، تىلسىم بىلەن زامان ئارىسىدا پەرۋاز قىلىپ، مۇتەپەككۈرلەر بىلەن سۆھبەتلەشكۈچى، ھەقىقەت مەرۋايىتلىرىنى تەشكۈچى زەكى ئۇستاز، پىداكار جەڭچى، مېھرىبان، ساپ قەلب ئىگىسى.   
خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى بالىلارنى توغرا تەربىيىلەشكە باغلىق. (ژ. لوكىك)     
ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، يۈرەك قان- تەرىنى، ئوقۇغۇچىلىرىغا بېغىشلايدۇ. ئۇلارنى ئۆز پەرزەنتىلىرىنى كۆرگەندەك كۆرىدۇ، كۆيۈنىدۇ. دېمەك، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مۇشۇ يولدا قۇربان قىلىدۇ. مۇشۇ ئەقىدە ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ.
كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان بالىلار ھەر قانداق مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى بولۇپ، شۇ مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ ئىشلىرىنى داۋام ئەتكۈچى ـ- بالىلارنىڭ قولىدا تۇرغان بولىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز قەۋمىگە تەۋە بالىلارنى ياراملىق، ئىجادچان، جاپا- مۇشەققەتكە چىدايدىغان، كۈچلۈك رىقابەت ئېڭىغا، مۇستەقىل ئىش تەۋرىتەلەيدىغان خاسلىققا، توختىماي ئالغا ئىنتىلىدىغان روھقا، ھەم مىللىي، ھەم زامانىۋىي ئاڭغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش- چىقالماسلىقى شۇ مىللەتنىڭ كەسكىن رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرالىشى- تۇرالماسلىقى، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش- قالالماسلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. دېمەك، قانداق ئەۋلاد بولسا شۇنداق تەغدىردىكى مىللەت بولىدۇ.« دەريا سۆيىنىڭ ياخشى- يامان بولۇشى ھامان دەريا قېنىدىكى تۇپراق ساپاسىنىڭ ياخشى- يامان ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.»         
بىز جەزمەن ئۆز ئەمگىكىمىزدىن تەۋپىق روھىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، زاماننىڭ غەپلەتلىرىدىن تىزرەك ئويغىنىپ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ روھىنى ئەجدادلارنىڭ باتۇرانە روھى، پاكىز ئەقىدىسى، يىمىرىلمەس ئېتىقادى، گۈزەل پەزىلىتى، پارلاق ئۈمىدى بىلەن سۇغۇرۇشىمىز لازىم. ئىنساننىڭ ھەقىقىي ئويغىنىشى ئۇنىڭ ھاياجانلانغىنى ئەمەس، بەلكى ئەقلىنىڭ ئاجايىپ بىر چوڭقۇرلۇقتا كۆز ئاچقىنىدۇر.
بىر سائەت ئەقىل تاپماي قايمۇقساڭ، بىر ئەسىر ئەخمەق بولىسەن.  دېگەندەك، يۈرىكىمىزنى تىڭشاپ ئولتۇرىۋەرسەك، قىيامەتكە شۇنچە يېقىنلاپ قالىمىز. «مەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، يېرىم قەدەمدىن چامداپ كەلمىسەك، بىر چاقىرىم يولنى بېسىپ بولغىلى بولمايدۇ.» (بىتخۇۋېن)
يۈسۈپ خاس ھاجىب: «بىلىم ــ دوزاخ ئىشىكىنى پىچەتلەيدىغان تامغا» دەپ ئېيتىپ ئۆتكەن. بۇ تامغىنى قانداق تۇتۇش ۋە ئىشلىتىش بىزنىڭ رەغدىمىزگە باغلىق.
بىز بالىلارنى تەربىيىلەشتە، ئۆزىمىزنى تەربىيىلىشىمىزمۇ ئاچقۇچلۇق ئامىلدۇر. ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە ساغلام خاراكتىر، ئەخلاقىي گۈزەللىك ۋە ئەقلىي يۈكسەكلىك بولمايدىكەن، تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئۆزىمىزدە نىمە بولسا، پەرزەنتلەرگە شۇ مىراس قالىدۇ. ئۇ شۇلارنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۈلگە بولىدۇ. «پەقەت ساپ بولغان مەنىۋىي كۈچلا جەمىيەتنى، ئەۋلادنى چېرىكلىشىشتىن ساقلاپ قالالايدىغان ‹تۇز›دۇر.»  
        21-ئەسىردە، بىلىمنىڭ قېرىلىشىشى ناھايىتى تىز بولۇۋاتىدۇ. بىلىمنىڭ قېرىلىشىشى ــ ئادەملەر ئۆگەنگەن بىلىمنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى كېرەكسىز ھالەتكە ئۆتۈپ قېلىشىدۇر. چەتئەلنىڭ سىتاتسىتىكا ماتىرىياللىرىغا قارىغاندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر يىلدىن كېيىن، مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىمىنىڭ تەخمىنەن %15 ى كونىراپ كېتىدىكەن. بەش يىلدىن كېيىن 50-70 %گىچە كونىراپ كېتىدىكەن. شۇڭلاشقا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر 8-10 يىلدا بىر قېتىم بىلىمىنى پۈتۈنلەي يېڭىلاپ تۇرۇشى زۆرۈر ئىكەن. دەل شۇنداق بولغانىكەن، بىز ئوقۇتقۇچىلار پەن- تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ۋە مائارىپ ئىسلاھاتلىرىغا ئىنتايىن سەگەك بولۇشىمىز لازىم.
«ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىگە ماھىر بولۇش بىلەن بىرگە يەنە جەزمەن ساغلام، سۈزۈك، ئۆتكۈر تەپەككۈر قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.»        
ئوقيا ھەر قانچە تۈز، نوقسانسىز بولسىمۇ، مۇبادا ئوقيا تۇتقۇچىنىڭ كۆزى ئەلەس بولىدىكەن، نىشانغا ھەرگىز تەككۈزەلمەيدۇ- دە، نەتىجىدە ئوقيانىمۇ، نىشاننىمۇ قولدىن بېرىپ قويىدۇ.         
«مائارىپ ــ بىر- ئىككى يىل كۆڭۈل بۆلىنىدىغان سېغىن كالا بولماي، بىر قانچە ئەسىر نىشانلىنىدىغان ئىجتىمائىي بىناكارلىق.» (ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن)  بۇ بىنانى قانداق ھالەتتە، قانداق سۈپەتتە سېلىپ، كېيىنلىكىلەرگە تاپشۇرۇش بىزنىڭ ئىچكىي ئېنىرگىيىمىزگە، تاشقى بېغىشلاشلىرىمىزغا باغلىق.
مائارىپ ھەققىدىكى ئىزدىنىش توختاپ قالمايدۇ. ئۇ خۇددى چۆللەردە كولدۇرما ئاۋازى تۆگىلەرنى ۋە كارۋانلارنى ئويغىتىپ تۇرغاندەك، بىزنى ئاۋامنىڭ روھىي قىرغاقلىرى ھەققىدە مۇتالىئە قىلىشقا چىللاپ تورىدۇ. خەلقىمىز مائارىپ ھەققىدىكى پاراڭلارنىڭ نانكورلۇق ھەققىدىكى پاراڭلاردىن كۆپ يېقىشلىق ئىكەنلىكىنى ھامان بىلىۋالىدۇ.  

سىتاتا مەنبەلىرى:
        ① ئەركىن رۇزى: «بىچارە كۈلكىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 3 –بەت؛
         ② ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 194-بەت ؛
          ③  ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 408-بەت؛
④        ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 420-بەت؛
         ⑤  ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 196-بەت ؛
          ⑥ ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 188-بەت ؛
         ⑦  ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 120-بەت؛
  ⑧ ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 203-بەت ؛
        ⑨ ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 279-بەت؛
⑩  ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 411-بەت؛
          ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 9-بەت ؛
           ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 183-بەت ؛
           ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 1-بەت ؛
                  ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك  يولىدىكى توققۇز ھىكمەت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 240-بەت ؛
   ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 2-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 103-بەت ؛
       بالتاسار گىراسئەن: «ئەقىل- پاراسەت دەستۇرى»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2001-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 9-بەت ؛
           لوئىس پروۋېل: «سىياسىنىڭ رەزىللىكى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 2-بەت ؛
           ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 2-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 97-بەت .

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 23:10:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ توغرىسىدا ئەتراپلىق توختىلىپسىز  رەھمەت سىزگە.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5094 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9305 سەر
شۆھرەت
4212 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 15:29:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ ھەر بىر يازمىڭىز كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سېلىش بىلەن بىرگە مەسئۇليەتچان ھەم ئىقتىدارلىق بىر ئوقۇتقۇچىدىن تەلىم ئالغاندەك ھېسىياتقا كەلتۇرۇپ قويىدىكەن رەھمەت . تېمىلىرىڭىز ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىۋالدىم ھەم كاللامدا يەنە نۇرغۇنلىغان سۇئاللار پەيدا بولدى .
  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 16:11, Processed in 0.387369 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش