پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 227|ئىنكاس: 5

مېنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش قارىشىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
39 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
37 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 22:54:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش قارىشىم

ئابدۇللا ئېلى بەگزاد
(ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

يېقىنقى بىر قانچە يىلدا دەرس ئىسلاھاتى ھەققىدە، جۈملىدىن تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ھەققىدىمۇ تالاي- تالاي مۇنازىرىلەر بولدى، ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. يېڭى دەرسلىككە يۈرۈش قىلغىلىمۇ ئون يىلغا يېقىن بولۇپ قالدى. مەن ئۆزۈمنىڭ نەرەرىيىۋىي قارىشىم ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىمدە ھېس قىلغانلىرىم ئاساسىدا تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىگە كەلدىم.
تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ھەم قورالچانلىققا، ھەم گۇمانىتارلىققا ئىگە پەن بولۇش ئالاھىدىلىكى  بىلەن بارلىق پەنلەرنى ئۈگىنىشنىڭ ئاچقۇچى سۈپىتىدە خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش  ۋە يېزىشتىن ئىبارەت ئاساسىي ماھارەتلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.
ئەدەبىيات ئۆگىنىش ــ تارىخنى چۈشىنىشنىڭ ئاساسى. ئەدەبىيات ئۆگىنىش ــ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق  قىلىش، ئۆگىنىش ۋە ساقلاشنىڭ يىلتىزى.     
«تىل- ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى»دىمۇ «تىل- ئەدەبىيات دەرسنىڭ خاراكتىرى ئۇنىڭ قورال خاراكتىرى بىلەن گۇمانىتارلىق خاراكتىرىنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇ ئەلۋەتتە، تىل- ئەدەبىيات مائارىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قاراش جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
ئەنئەنىۋىي مائارىپتا پەنلەرنىڭ بىلىم خاراكتىرى زىيادە تەكىتلەنگەچكە، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى  يوق ئۆلۈك نەزەرىيە ۋە مەزمۇنلارنى يادىلىتىش، قارىغۇلارچە ئەستە ساقلاشنى تەلەپ قىلىش ھەممە پەنلەرگە ئورتاق بولۇپ قالغان. تىل- ئەدەبىيات دەرسىمۇ ئاپتۇر تونۇشتۇرۇش، دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەندۈرۈش، مەركىزىي ئىدىيەسىنى ئىگىلىتىش، بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەش... قاتارلىق قېلىپلىشىپ قالغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىن قوتۇلالمىدى. شۇ نەرسىگە ئىچىم ئاچچىق بولىدۇكى، مۇتەخەسىسلىرىمىز يېڭى دەرسلىك ھەققىدە قايتا- قايتا لېكسىيە سۆزلىگەن، ماقالىلار ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىملار ھازىرغىچە جاھىللىق بىلەن ھېلىقىدەك كونا قېلىپلاردىن قوتۇلماپتۇ. ئۇلار مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، نۇرغۇنلىغان ياش غۇنچىلارنىڭ ئادىمىيلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى نابۇت قىلىپ قويىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەمدىغاندۇ؟
فرانسوز پەيلاسوپى سارتىرى: «ئادەم پەقەت ئۆزىنى ئازات قىلىدىغان ياكى ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئالاھىدە غايىۋىي ئىقتىدارغا ئېرىشكەندىلا ئاندى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»① دەپ ئېيتقان.  بىز ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى ئەنئەنىۋىي رامكىلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى ئاچىدىغان خىلمۇ- خىل، يېڭىچە، ئىجادىي  ئوسۇللاردىن پايدىلىنىپ، دادىللىق بىلەن ئىزدىنىشىمىز لازىم.  بىر قىسىملىرىمىزنىڭ كاللىسى يەنىلا ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇشنىڭ ئۆلۈك ئوقۇتۇش مېتودىلىرى بىەن تولۇپ كەتكەن. ئاددىيسى، ئەدەبىيات دەرسىدە  تۈزىۋالغان جۈملىلىرىمىز سەۋىيەسىز، ھېسسىياتسىز جۈملە. شۇڭا بالىلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. «دونيادىكى زىندانلار ئىچىدىكى ئەڭ دەھشەتلىكى ئادەم كاللىسىدىكى زىندان.» (جالالىددىن رۇمىي)
ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا سەرخىللاشقان ئوقۇتۇش ئوسۇلى ئارقىلىقلا ئەدەبىياتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇش، جەلب قىلىش خاراكتىرىنى يېتىلدۈرگىلى، ئۇلاردا ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى تەمىن ئېتەلەيدىغان بارلىق ساپالارنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادچانلىق روھىنى، تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرغىلى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ مىڭىسىدىكى يۇشۇرۇن بايلىقنى ئاچقىلى بولىدۇ.      
بىز ئوقۇغۇچىلارغا قارماق دەستىسىنى تۇتقۇزۇپ قويماستىن، بەلكى ئۇلارغا بېلىقنى قانداق تۇتۇشنى ئۆگىتىشىمىز لازىم. گېرمانىيە پىداگۇكى دىسكوي شۇنداق ئېيتقان: «ھەقىقىي بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا كۆرسىتىپ بېرىدىغىنى نەچچە مىڭ يىللاپ خىزمەت قىلغان تەييار بىنا بولماستىن، بەلكى ئۇلارنى بىنانىڭ ئۇلىغا خىش قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ياساش، بىرلىكتە بىناكارلىقنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت»
«مەدەنىيەتنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىسى ئىنساننى پىكىر قىلىشقا ئۆگىتىشتۇر.» (ئېدىسون)  
مەن شۇنداق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆرگەن. ئۇلار دەرس سۆزلىسە، ئۆزى خۇددى شۇ ئەسەرنىڭ ئىچىدىكىدەك، ئەسەردىكى پىرسوناژلار  بىلەن بىللىدەك تۇيغۇ بېرەتتى. شېئىر دىكلىماتسىيە قىلسا، بىر سىنىپتىكى 40-50 ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ئەمەس، نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئالدىدا، تەنتەنىلىك يىغىلىشلاردا دىكلىماتسىيە قىلغاندەك ھېسسىياتتا بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق سۆزلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ھاردۇقىمىز چىققاندەك يېنىكلەپ قالاتتۇق. ئەپسۇس، ھازىرقى بەزى ئەدەبىيات دەرسلىرى كىشىنى شۇنچىلىك بىزار قىلىدۇكى، نە مېتود يېڭىلىقى، نە ئىجادىيلىق پۇرىقى ھېس قىلالمايسىز. «چوڭ مىڭە ھەر بىر ئىشقا دىققەت قىلىپ بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا، تېتىقسىز، زېرىكىشلىك ياكى مەنىسىز دەرس پەقەتلا ئەستە قالمايدۇ.» (لاۋنا ئېللىسۇن)
ئەدەبىيات بىر سەنئەتلىك پەن بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ «سەنئەتلىك»تىن ئىبارەت كىيىمى سالدۇرۇۋىتىلىپ، «پەن»لىك خاراكتىرى كۈچىيىپ كەتتى.   
تىل- ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۈرىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئېچىشقا ھەرگىز سەل قارىماڭ. ئىجادكارلىقنى ئۆگەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. نىمىشقا بىزنىڭ كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىز تىل- ئەدەبىيات ھەققىدە ئۆگەنگەن ئاساسىي بىلىملەرنى بىر خىل «ئوپىراتسىيە پىچىقى»غا ئايلاندۇرۇپ، تېكىستلەرنى بىمالال «ئوپىراتسىيە» قىلالمايدۇ؟ نىمىشقا ئەمەلىي يېزىقچىلىق تۈرلىرىدە كونكرىت قوللىنىلمايدۇ؟ ياكى بولمىسا دەرسلىكنىڭ سىرتىغا ھالقىپ چىقالمايدۇ؟   
بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل مۇشۇنداق مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، قول سېلىپ ئىشلىيەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرىدىغان مائارىپتۇر.   
سوقرات ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. سوقراتنىڭ دەرسخانىسى ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىققا، تەسەۋۋۇرغا، يېڭى پىكىرگە تويۇنغان دەرسخانا. بىز سوقراتنىڭ دەرسخانىسىغا قايتساق، ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمىزدا يارقىن بىر بورۇلۇش بولغان  بولاتتى. سىزمۇ، مەنمۇ سوقرات ئەمەس. ئەمما ئالدىمىزدا ئولتۇرغان بالا پىلاتون بولۇشى مۇمكىن. ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى تونۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تونۇشىمىز، كاللىمىزدا سايىدەك چۆرگىلەپ يۈرگەن قاتمال ئەندىزە، قاراشلارنى يىراقلارغا دادىللىق بىلەن چۆرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك.
تىل- ئەدەبىيات تۇرمۇش بىلەن، جەمىيەت بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بىر پەن. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك دەرسلىكنىڭ سىرتىغا يۈزلەندۈرۈپ ماھارەت يېتىلدۈرۈشمۇ ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىياتتىكى تۇرمۇشنىڭ ئورنىغا تۇرمۇشتىكى ئەدەبىياتنى دەسسىتىمىز.
تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل- ئەدەبىيات جەھەتتىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تىل- ئەدەبىىيات دەرسنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك سۆزلەش، بايان قىلىش، پىكىر قىلىش، تەسەۋۋۇر قىلىش، مۇھاكىمە- مۇلاھىزە قىلىش، يېزىش، ئىپادىلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئومۇمىيۈزلۈك قوزغىتىش بىلەن ئايرىم تەرەپلىرىدىكى پەرقلىق «ئالاھىدىلىك»لەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.     «‹ئىككى قولىقىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق› بىزنىڭ مائارىپىمىز ئېچىشنى كۆتۈپ تۇرغان ‹بوز يەر›دۇر»②. بۇ «بوز يەر»نى، بۇ يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى ئېچىش بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەقەللىي بۇرچى. ئويلىنىش ئىجادىيەت ئەھلىنىڭ خىسلىتى، ئويلاندۇرۇش ئۇستازلىق روھنىڭ بەرق ئۇرۇشى.  ئامىرىكا پىداگۇكى روگسىس: «ئادەم قېتىپ قالغان، تۇرغۇن جىسىم ئەمەس؛ ئۇ دولقۇنلاپ ئېقىپ تۇرغان دەريا، ھەرگىز مۇقىم ماتىرىيال ئەمەس؛ ئۇ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان يۇشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ يۇلتۇزى، ھەرگىزمۇ قاتمال ئالاھىدىلىكلەرنىڭ جۇغلانمىسى ئەمەس» دەيدۇ.
«ئەدەبىيات تا ھازىرغا قەدەر ئىنساننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئىزچىل ئويلىنىشلىرىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ كەلدى. بۇ خىل ئويلىنىش مەيلى روھىيەت، مەيلى تەبىئەت، مەيلى جەمىيەت نوقتىسىدىن بولمىسۇن، ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتىنى نېگىز قىلىپ كەلدى.»③   
تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئەسلىدە ئەۋلادلارنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇنجى بولۇپ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي روھنىڭ تامغىسىنى باسىدىغان، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي تۇپرىقىغا ئۆز ئانا تىلىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، گۈزەللىكى ۋە قۇدرىتىدىن ئۇرۇق چاچىدىغان، ئاجايىپ رەڭدار ۋە سىرلىق ئوبرازلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھېسسىيات دونياسىدا زىلزىلە پەيدا قىلىدىغان، دۇنيانى تىل- ئەدەبىيات ئارقىلىق يارىتىدىغان، سېھرى كۈچكە تولغان بىر پەن. تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى- ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقىغان ئەسەرلەردىن بەلگىلىك دەرىجىدە بەدىئىي ۋە ئىستىتىك زوق بەخىش ئېتىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھېسسىيات پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، ئۇلارنى تىل- ئەدەبىياتنىڭ گۈزەل دۇنياسىغا باشلاپ كىرىش. لېكىن مۇشۇ نازۇك مەسىلىگە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلۈنمىگەچكە، تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بارا- بارا ئۇقۇملىشىش، فورمۇلالىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، ئاخىرى خاراكتېرىگە دەز كەتتى. بۇنىڭ بىلەن تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ تېخنىكىلىق قىممىتى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىش بىلەن بىرگە، بەدىئىي قىممىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ بېرىشتەك تەتۈر تاناسىپلىق ھالەت مەيدانغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ھېسسىيات ئالىمىدە ئەركىن پەرۋاز قىلىش قۇدرىتى يۇقالدى.   
تەربىيىنىڭ كارامەت رولى بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ ۋە ياشاشنىڭ قالتىسلىقىنى تونۇتقانلىقىدا. (تاگور)
ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوتۇق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ــ تىل- ئەدەبىيات دەرسنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ بىرى.«باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بايان قىلالمىغان ئادەم قۇل ھىسابلىنىدۇ.» (گېگىل)                  
21-ئەسىردىكى ئۈچ چوڭ قورال ئۇچۇر، گېن، نوتۇقتۇر. جۈملىدىن، تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈنمۇ  نۇتۇق ھەقىقەتەن «ئۆتكۈر قورال». تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تىلغا باي بولۇشى، قىزىقارلىق سۆزلىشى، ئانا تىلىمىزنىڭ تىل بايلىقىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئانا تىلىمىزغا ۋە ئەدەبىيات پېنىگە بولغان قىزىقىشىمىزنى ۋە مۇھەببىتىمىزنى ئويغىتىشى، يېڭى- يېڭى قاراشلار، ئەمەلىي رىئال مەسىلىلەر بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى ھېس قىلدۇرۇشى لازىم.         
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىن كېيىن، بەزى يەرلەردە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئەقلىيە سۆزلەرنى يېزىش، كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش،شېئىر- قوشاق يادىلاپ كېلىش ۋە كۆچۈرۈپ كېلىش قاتارلىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ماھارەت ۋە تەپەككۈرىنى يتىلدۈرۈشكە بەلگىلىك ئىجابىي بولغان.
ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بەرگەندىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، بىلىم ئاساسىي، قىزىقىشى نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. قىسقىسى ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقنى يۈك دەپ ئويلىماستىن، ئىچ- ئىچىدىن قىزىقىپ ئورۇندايدىغان قىزغىنلىقى بىلەن ئىشلىشى كېرەك.
بىزنىڭ ئوقۇتۇشىمىز ئادەمنى ئاساس قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدىن ناھايىتى ئازادىلىك ھېس قىلىشى، ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا، خالىغان پۇرسەتتە تەلەپ قىلغان مەنىۋىي ئوزۇققا ئېرىشەلىشى لازىم. ئەدەبىيات دەرسى قىزىقارلىقى، تۇرمۇشقا يېقىنلىقى، خاراكتىر تەربىيىلەيدىغانلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئەڭ يېقىن بولىدۇ. ئۇ قارىماققا يېنىك، لېكىن ئاساسىي رول ۋە كەلگۈسى نىشان نوقتىسىدىن ۋەزنى ئېغىر بولغان بىر پەن. شۇڭا ئەدەبىيات دەرسىنى قانداقلا ئوقۇتقۇچى بولسا، تاشلاپ بېرىۋىرىشكە بولمايدۇ. بىزنىڭ رىئاللىقىمىزدا كۆپلىگەن مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز تىل- ئەدەبىيات دەرسىنىڭ تۇرمۇشقا يېقىنلىقىنى خاتا چۈشىنىپ، «ناھايىتى ئاسان، يىنىك پەن» دەپ قاراپ، قانداقلا مۇئەللىم بېرىۋىرىدىغان دەرس قاتارىدا مۇئامىلە قىلماقتا. ھەتتا بەزى يېزا مەكتەپلىرىدە مۇئەللىم يېتىشمىگەندە، ئىشچىلارنى ئەدەبىيات دەرسى بەرگىلى قويغان ئەھۋاللارمۇ بار.
ئەسلى ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات دەرسى بار دېسە، ناھايىتى خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن بىر قىسىم «غەيرى» تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەبىيات دەرسىدىن بەزدۈرۈپ قويدى.
ئوقۇغۇچىلارغا بىر ئىستاكان سۇ بېرىش ئۈچۈن بىز توختىماي بولدۇقلاپ چىقىپ تۇرىدىغان بولاق سۈيى بولۇشىمىز لازىم. تۇرۇپ قالغان بىرەر چىلەك سۇ بولۇشقىمۇ بولمايدۇ. بۆگۈنكى دەۋر بىزدىن توختىماي ئۆزىمىزنى يېڭىلىشىمىزنى، كۆچەيتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزكەسپىمىزگە دائىر ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەتلەرنى ئىگىلىمەي تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق يېتەكلىيەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، بىز ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان يېزىقچىلىقتىن باشقا، ئاددىي بەدىئىي يېزىقچىلىقنى قىلالايدىغان، بەلگىلىك سەۋىيەدىكى نۇتۇقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولساق، ماس ھالدا دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بۇ ھەقتە ياخشى يېتەكچىلىك قىلالايمىز. ئەكسىچە بولسا، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشەلمەي، ئۆزىمىزنىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئەخمەق قىلىپ، ۋاقىتقا، ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىلەرگە خىيانەت قىلىپ ئۆتىمىز.
دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق، مېھنەتلىك، گۈزەل جەريانى بىلەن ئەھمىيەتلىكتۇر. تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى مەقسەتنى ئاساس قىلىشتىن جەريانلىق ئوقۇتۇشقا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىشى كېرەك. ئاينىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ يىراقلىقىدا. ئەسلى ئۇ خاك- توپراقلاردىن تۈزۈلگەن كۆرۈمسىز جىسىم. ئاشۇ يىراقلىق بىزنى ئاي ھەققىدە گۈزەل تەسەۋۋۇرلارغا باشلىغان. دەرسخانا ئوقۇتۇشىمۇ جەريان ئارقىلىق، ھەقىقىي ماھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ. مەيلى مائارىپ جەريانى بولسۇن ياكى ئوقۇتۇش جەريانى بولسۇن، ئۇ ھەقىقىي يۈسۈندا «جەريانلاشقان مائارىپ» ياكى «جەريانلاشقان ئوقۇتۇش»قا ئايلىنالمايدىكەن، ئۇنىڭ سەپىرى ھامان ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. قەدىر- قىممىتىنى يوقىتىدۇ. ئەسلىگۈدەك ھېچنىمە قالمايدۇ.  
«يېقىنقى مەزگىللەردىن بويان بىر قىسىم ئانىلار تولغاق ئازابىدىن قېچىپمۇ ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ بالىنى ئالدۇرىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ تەبىئىي تۇغۇلۇشىدىن ئىبارەت تولغاق (جەريان) قىسقارتىۋىتىلدى. نەتىجىدە نەچچە سائەتلىك جاپا، قىينىلىش، ئازاب بەدىلىگە بالا توغۇلغاندىن كېيىنكى ئېرىشىدىغان شادلىق بىلەن، ھازىرقى تولغاقسىز تۇغۇلىدىغان بالىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان شادلىقىدا پەرق شەكىللەندى. ھەتتا بەزىبىر كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشقا باشلىغان ئەھۋاللار يوق ئەمەس. يەنە كېلىپ، ئانا- بالىلىق مېھىر- مۇھەببەت ۋە ئائىلىۋىي ھېسسىياتقىمۇ تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ دېيەلمەيمىز.»④ دەل شۇنىڭدەك، دەرسخانىدىمۇ  بالىنىڭ «تۇغۇلۇشى»دىن ئىبارەت جەرياننىڭ قىسقارتىۋىتىلىشى ياكى بولماسلىقىمۇ مائارىپىمىزنى «تولغاقسىز دەسخانا»» كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويدى.
دەرسخانىدا قىزىقارلىق مۇنازىرە بولۇشى كېرەك.    مۇنازىرە ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئاچقىلى، دونيا قارىشىنى تاۋلىغىلى بولىدۇ.
بىز يەنە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىدا ساقلانغان بىر قىسىم ئەنئەنىۋىي خاتا قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك قەتئى بولمايدۇ. مەسىلەن، «خامىلىيون» ھېكايىسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنى ئىزچىل سەلبىي مەنىدە تەھلىل قىلىمىز. شۇنىسى قىزىقكى، كۆز ئالدىمىزدىكى رىقابەتلىك دونيا بىزدىن مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشنى، ئونۋىرسال ساپا ھازىرلاشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ جەھەتتە بىز «خامىلىيون» بولالىدۇقمۇ- يوق؟ ئويلاپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنى خامىلىيۇنغا ئوخشىتىپ پەخىرلىنىدىكەن. يەنە بىز «بۆرە بىلەن قۇزىچاق»نى ئۆتكەندە، بۆرىنى تەنقىدلەپ، قۇزىنى مەدھىيىلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاجىزلىق پىسىخىكىسىنى تەشۋىق قىلىۋاتىمىز. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۆرىدەك چەبدەسلىكى بىلەن ئات ئۈستىدە سەلتەنەت ياراتقان تارىخىنى ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرىۋاتىمىز. «تىۋىلغا» ناملىق شېئىر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا «ھەقىقەت تىۋىلغىدەك ئىگىلىدۇ، سۇنمايدۇ» دەپ، ئۇلارنى تېخىمۇ يۇمشاق مىجەز تەربىيىلىۋاتىمىز. ھەقىقەتنىڭ ۋاقتى كەلگەندە سۇنۇپ كېتىشى كېرەككى، ھەرگىز ئېگىلمەسلىكى كېرەكلىكىدەك مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئاددىي قائىدىنى ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ھېس قىلدۇرالمىدۇق.
تىل- ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسلىك كىتابقا چوقۇنماي، مۇستەقىل ۋە ئىجادىي قاراش يېتىلدۈرۈڭ. سىز كىتاب ئۆتتىڭىزمۇ؟ دەرس ئۆتتىڭىزمۇ؟ بۇ سوئال سىزنى جەزمەن ئويلاندۇرىدۇ. ئامېرىكىلىق ۋايىن دېيىر:  «سىز راستىنلا 30 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىڭىزمۇ ياكى بىر يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئۇنى 30 يىل تەكرارلىدىڭىزمۇ؟» دەپ، بىزگە خىتاب قىلغان.  كىتاب خۇراپاتلىقى كىتابقا چوقۇنۇش، ھەممە مەسىلىنىڭ جاۋابىنى كىتابتىن ئىزدەش، كىتابىي بىلىملەردىن گۇمانلىنىشقا پېتىنالماسلىق، تەپەككۈرى كىتابتىن ئىبارەت قېلىپقا سۇلىنىپ قېلىش خاھىشىنى كۆرسىتىدۇ. «قۇللۇق قۇرغىنى سىرتقى دونياغا ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئۆزلۈككە قۇرۇلغان بولىدۇ.» (تاگۇر) خۇددى تاگور ئىيتقاندەك بىز دەرسلىك كىتابنىڭ ۋاراقلىرى بىلەن قەلبىمىزنىڭ دەرىزىلىرىنى چاپلىۋىتىشكە ئادەتلىنىپ قالدۇق. كىتابلاردىكى گەپ- سۆزلەر بىلەن بەدىنىمىزنى سېغىز لايدەك چاپلىۋىتىپ، ئۇنى ھەقىقەتنىڭ بارلىق بىۋاسىتە كۆرۈنۈشلىرىنى سېزەلمەيدىغان قىلىپ قويدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ قارىشىمىزدا «دەرسلىك كىتابتىكى قائىدە- قانۇنلارغا قىل سىغمايدۇ. ئەدەبىي تېكىستلەرمۇ كۆپ تاللاشلاردىن ئۆتكەن، ۋەكىللىك خاراكتىرى گەۋدىلىك ئەسەرلەر» دېگەندەك بىنورمال قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەچكە، بۇ ھەقتە ئالدىراپ باشقىچە گەپ- سۆز قىلىشقا تىلىمىز كەلمەيدىغان ياكى بەزى نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بىزدىكى بۇ خىل ئاجىز قىممەت قارىشى ئاخىرى تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە قۇرغاقلاشتۇرىۋىتىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.
«دونيادىكى ئەڭ بىچارە ئادەم- ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولمىغان ئادەمدۇر»⑤   
ئىجادىي دەرس قانداق بولىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل، ئىجادىي كۆز قارىشى بولىدۇ. ئۇلار دەرسخانا تەرتىپىنىڭ ئەسلىدىكى پىلان- لايىھەسىگە ئانچە ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ. دەل جايىدىكى بىرەر سوئال، بىرەر مەسىلە ھەققىدىكى بەس- مۇنازىرىنىڭ، تالاش- تارتىشنىڭ بىر مۇنچە ۋاقىتنى زايە قىلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىلمۇ- خىل كۆز قاراشلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى شەخسىي كۆز قاراشلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا مۇستەبىتلىك بىلەن تاڭمايدۇ. ھېچ بولمىغاندا «مېنىڭچە» دېگەن ئېھتىماللىق نوقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دەرس پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىن قورقۇپ كەتمەيدۇ. دەرسنىڭمۇ باشقىلارنىڭ نەزەرىدە «لاياقەتسىز دەرس» بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. بىرەر ئەھمىيەتلىك مەسىلە ئۈچۈن بىرەر سائەت ۋاقىتنى خاتىرجەم «قۇربان» قىلالايدۇ.  
«شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مائارىپىمىزنىڭ بېشىدىن كۆچۈرگەن بەخىتسىزلىكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ زور بەخىتسىزلىكلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ بىزگە، بالىلىرىمىزغا مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى ئۆگىتەلمىگەنلىكىدە.»⑥  بىز تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا يېتەكلەشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا قويغان سوئاللارنىڭ ئىمكانقەدەر ئۆزگىچە، ئىجادىيراق بولۇشىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى سوئاللارنىڭ ھەددىدىن زىيادە تومتاق، قېلىپلىشپ كېتىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ.     
بىر ئامېرىكىلىق پروفىسور دائىم مۇنداق دەيدۇ: «سوئال قويۇلمىسا، جاۋابمۇ بېرىلمەيدۇ. ياخشى سوئالنىڭ قىممىتى ياخشى جاۋابنىڭ قىممىتىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.»
ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، گەرچە يېڭى دەرس قارىشىدا بىلىمنى زىيادە تەكىتلىمەسلىك تەشەببۇس قىلىنسىمۇ، بىراق  پەننىڭ قوراللىق خاراكتىرىنى، بىلىم قىسمىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، «قوراللىق بىلەن گۇمانىتارلىقنىڭ بىرلىكى»گە دەخلى يېتىدۇ. بىر قىسىم ئوقۇم خاراكتېىرلىك ئاساسلىق نەرسىلەرنى يەنىلا ئىگىلىۋېلىش زۆرۈر.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل- ئەدەبىيات ھەققىدىكى بىلىم سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن بولۇشى، نەزەرىيىۋىي ئاساسىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى ئۇلارنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرسىدىكى ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىگە، شۇنداقلا تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ بارلىق جەريانلىرىغا، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە ئومۇمىيۈزلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.      
ئەدەبىيات ــ روھنىڭ پارتلىشى، قاننىڭ ئۇرغۇشى، زىمىننىڭ ساداسى، دېڭىزنىڭ شاۋقۇنى، ھاياتنىڭ ئۈزۈلمەس مېلودىيىسى، كۆڭۈللەرگە مەلھەم بولغۇچى روھىي ئۇزۇق. «ئەدەبىيات بىر خىل ئالىيجانابلىق بولۇپ، ئۇ قان بىلەن بىرگە ئۇرغۇپ تورىدۇ.» (ۋېللىيام ھازلىت)
ھەر سائەتلىك ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا ۋەتەن مۇھەببىتى ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن ھالەتتە سىڭىشكەن بولىدۇ. بىر ئوقۇغۇچىنى ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىغان ھالەتكە كەلتۈرەلمىگەن مۇئەللىم مەڭگۈ تىل- ئەدەبىيات مۇئەللىمى بولالمايدۇ.
ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى تەسەۋۋۇر دۇلدۇلىغا مىندۈرۈپ، تەپەككۈر دونياسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچلىرىنى قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ، ئىنسان روھىدىن ئىبارەت بايلىق خەزىنىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا تەرەددۇت قىلدۇرۇشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان بولۇشى لازىم.   
شۇنىسى ئېنىقكى، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ۋەتەن، خەلق مۇھەببىتى، ئادىمىيلىك پەزىلىتى، مىللىي روھى، ھەق- ناھەق، گۈزەللىك- رەزىللىك قارىشى... بىزنىڭ ئەدەبىيات دەرسخانىمىزدا يېتىلىدۇ. ئەۋلادلىرىمىزنىڭ يۇقۇرىدىكىدەك مەنىۋىي ئالىمىنى يۇرۇتۇش پۇرسىتىدىن ئىبارەت بۇنداق تەلەي بىز تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھامان نېسىب بولىۋەرمەسلىكى مۇمكىن. ھەتتا بىر كۈنلىرى شىرىن ئەسلىمىگە ئايلىنىپ، سارغايغان تارىخ كىتابلىرىنىڭ بەتلىرىدىلا يادنامە سۈپىتىدە زاھىرلىنىشى مۇمكىن. بۇ ئىزتىراپلىق تەشۋىش ھەممىمىزنىڭ كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئۆزىمىزنى يېڭى رەۋىشتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ياندىشىشقا ئۈندەيدۇ- ئەلۋەتتە.
دېمەككى، تىل- ئەدەبىيات بىزنىڭ قېنىمىز ۋە گېنىمىز بىلەن تۇتاشقان. ئۇ ئۈستقۇرۇلمىغا مەنسۇپ پەنلەر سېستىمىسىدىكى مىللىيلىكى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ رۇشەن بولغان بىر پەن. تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى بىۋاسىتە شۇ مىللەت مائارىپىنىڭ رەڭگى ۋە جۇلاسىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ساغلام خاراكتىر ۋە ئىمانىي كامىللىققا، روھىي تۇيغۇنلۇققا ئىگە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ نۇقتىنى چوقۇم تونۇپ يېتەلەيدۇ ۋە ئوقۇتۇش مەنزىلىدە ئۆزىنى قايتا تەڭشىيەلەيدۇ.

سىتاتا مەنبەلىرى:
         ① باتۇر رۇزى: «باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم»، ئىچكى ماتىرىيال، قاغىلىق ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى باستۇرغان، 150-بەت؛
        ② تەلئەت قادىرى: «مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2009-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 368-بەت ؛
        ③ ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 410-بەت ؛
        ④ تەلئەت قادىرى: «مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2009-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 136-بەت ؛
⑤         تەلئەت قادىرى: «مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2009-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 40-بەت ؛
         ⑥  تەلئەت قادىرى: «مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2009-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 57-بەت ؛

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
          1.  «ئۈلگىلىك ئوقۇتۇش لايىھەسى»، تەلئەت قادىرى تۈزگەن. ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئېنىستىتوتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئىچكى ماتىرىيال؛
    2.  تەلئەت قادىرى: «مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2009-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
3. ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك  يولىدىكى توققۇز ھىكمەت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
4. ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 2-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
  5.  ئەخمەت كېبىر: «ساپا  مائارىپىمۇ، خاتا مائارىپىمۇ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 6-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
6. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
           7. ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
8. ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
         9. باتۇر رۇزى: «باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم»، ئىچكى ماتىرىيال، قاغىلىق ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى باستۇرغان.

(2011-يىل 26-ئىيۇن، ئونسۇ)


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
گۇلزار + 5 + 4 + 4 + 4ئورۇنلۇق، گەپ كەتمەيد.
نونى + 2 + 3 + 3 + 2

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 7 تىللا + 7 تۆھپە + 7 شۆھرەت + 6  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 23:24:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي    رەھمەت سىزگە.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

3

تېما

2

دوست

422

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
166 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
38 سەر
شۆھرەت
42 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 01:51:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشقا تېگىشلىك ياخشى ماقالىكەن،قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىغاي!

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 11:42:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ھەققىدە ئۆزگىچە قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز ، تەپەككۇرىڭىز تېخىمۇ قاناتلانغاي، رەھمەت سىزگە !
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

62

تېما

28

دوست

4787

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1030 سەر
تىللا
183 دانە
تۆھپە
922 سەر
شۆھرەت
947 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 14:02:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق . ئىغىزدا دىمەك ئاسان .بىراق ئەمىلىلەشتۇرمەك قىيىن ئىش بۇ . بولۇپمۇ ھازىرقى ئوقۇتۇۋاتقان ئوقۇغۇچىللىرىمىز ،دەل مۇشۇ ئۆتكۇنچى مەزگىلدىكى مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىللىرى ھىساپلىنىىدۇ . كەلگۇسىنىڭ ئىز باسارلىرى بولمىش بۇ بىر ئەۋلاتلارغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ .
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5094 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9305 سەر
شۆھرەت
4212 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 14:33:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىملىرىمىزنىڭ كاللىسى يەنىلا ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇشنىڭ ئۆلۈك ئوقۇتۇش مېتودىلىرى بىەن تولۇپ كەتكەن. ئاددىيسى، ئەدەبىيات دەرسىدە  تۈزىۋالغان جۈملىلىرىمىز سەۋىيەسىز، ھېسسىياتسىز جۈملە. شۇڭا بالىلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. «دونيادىكى زىندانلار ئىچىدىكى ئەڭ دەھشەتلىكى ئادەم كاللىسىدىكى زىندان.» (جالالىددىن رۇمىي)

ئامېرىكىلىق ۋايىن دېيىر:  «سىز راستىنلا 30 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىڭىزمۇ ياكى بىر يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئۇنى 30 يىل تەكرارلىدىڭىزمۇ؟»

يوقارقى جۇملىلەرنى ئۆزىنى ئوقۇتقۇچى دەپ يۈرگەن ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىگۈدەك .
بەگزاد ئەپەندى سىزنىڭ بۇ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى توغرىسدىكى كۆز قاراشلىرىڭىز ھەم تەھلىلىڭىز ھازىرقى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭلا ئەمەس بەلكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ئەرزىگۈدەك ياخشى ماتىريالكەن. يازمىڭىزدا ئوتتۇرغا قويغان دەلىللىرىڭىز كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ ھەم ئېچىندۇرىدۇ .

  سىزنىڭ تېمىلىرىڭىز كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سېلىش بىلەن بىرگە   ئىقتىدارلىق جەمىيەتسۈناس بىلەن ھەمسۆھبەت بولىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن .  رەھمەت تېمىلىرىڭىز ئارقىلىق روھىيىتىمنى تېخىمۇ پاكىزلىدىم ھەم بۇرچ تۇيغۇم تېخىمۇ يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى .تېمىلىرىڭىز ئۈلۈپ قالمىغاي .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 14:44, Processed in 0.934636 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش