پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 75|ئىنكاس: 2

بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
39 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
37 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 22:33:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا

ئابدۇللا ئېلى بەگزاد
(ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

مائارىپ جەمىيەتنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، «ئوقۇتقۇچى» دېگەن بۇ نامنىڭ ۋەزنىمۇ بارا- بارا روشەنلىشىشكە باشلىدى. جەمىيەت ئەزالىرى ئۇلارغا «ئوقۇتقۇچى- ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى»، «ئوقۇتقۇچى- باغۋەن»، «ئوقۇتقۇچى- شام» دېگەن ناملاردىن «ئوقۇتقۇچى- قۇياش»، «ئوقۇتقۇچى- بۇلاق» دېگەن ناملارغىچە بېرىپ ئۈلگۈردى. بۇ ئەلۋەتتە بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەرەپ تۇيغۇمىزنى قوزغىتىپ، بۇ كەسىپكە بولغان ئېتقادىمىزنى كۈچەيتتى. لېكىن، تەلىم– تەربىيە خىزمىتىدىكى مەركىزىي ھالقىدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا بولغان توغرا تونۇشنىڭ مۇكەممەل شەكىللىنىپ بولالماسلىقى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت دىئالىكتىك بىرلىكنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى يەنىلا قارا سايىدەك مائارىپ مەنزىلىمىزدە ئەگىپ يۈرمەكتە.
مەن ئۆزۈمگە «ئالدىمىزدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز زادى كىم؟ ئۇلارنى قانچىلىك چۈشەندىم؟ ئۇلار بىلەن قانچىلىك يىراقلىقتا؟ نىمە ئۈچۈن ئارىمىزدا بوشلۇق شەكىللەندى؟...» دېگەندەك سوئاللارنى قۇيۇپ باقتىم. ئويلىغانسىرى نېرىپلىرىم تەپەككۇر تولغىقىدا چىڭقىلماقتا ئىدى. بۇ تولغاقنىڭ يالغۇز مىنىڭ ئەمەس، بۇ كەسىپكە ھالال نىيەتتە پاكىز ئەقىدىسى بىلەن كىرگەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنى قىيناۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلدىم.
ئويلاپ باقسام، ئەنئەنىۋىي مائارىپنىڭ قاتمال نەزەرىيەلىرى كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسىنى چىرماپ بولغانىكەن. گەرچە، يېقىنقى يىللاردا يېڭىچە دەرس ئىسلاھاتى، مائارىپ قاراشلىرى كۆتۈرۈلۈش ۋە كۈۋەجەش پەسىللىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، بىزنىڭ جاھىللىق پىسخىكىمىز دەۋىر گۈدۈكلىرىنى سەزگۈ ئەزالىرىمىزدىن تەرك ئەتكەنىكەن. مائارىپ رىياللىقىمىزدىكى ئاچچىق ۋە ئازابلىق ئەسلىمىلەر كۆڭلۈمنى بىئارام قىلدى...
بالىلىق ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ غەمسىز، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ شىرىن پەسىلدۇر. بىر بالىنىڭ تۇغۇلۇپ، ئالتە-يەتتە ياشقا كىرىپ، مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم باسقاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى شوخ، بەڭباش خىيال ۋە تەسەۋۇر دۇنياسىدىن مەھرۇم قېلىشى، ئاستا –ئاستا ئوقۇتقۇچىنىڭ خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىشىغا بولىدىغان «ياغاچ قورچاق»ىغا ئايلىنىپ قېلىشى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى فورماللاشقان تەرتىپلەر بۇيىچە باشقۇرۇشقا ئامراق. «مەكتەپ يېرىم ھەربىي تۈزۈمدىكى ئورۇن» دېگەنلەرنى دەستەك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى كىچىك چېغىدىن باشلاپ قاتتىق تۈزۈم ئاستىدا، «تىزگىنەك» ئارقىلىق باشقۇرۇپ تۇرىمىز. ئۇلارنى «بىلىملىك» قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۇلارغا ئويناش پۇرسىتى بەرمەيمىز. بۇ بىزچە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى چىقىش قىلغانلىق، ئۇلارغا كۈڭۈل بۆلگەنلىك ھىسابلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيۇندىن چەتلەشتۈرۈش ياخشى ئۈنۈم ئەكىلىشى ناتايىن. ب د ت نىڭ «بالىلار ھۇقۇقى ئەھدىنامىسى»دا تەنتەنە بىلەن «ئويناش بالىلارنىڭ ھوقۇقى» دەپ جاكارلانغان. دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇنى بىلمەيلا قالماستىن، ھەر تەرەپتىن كەلگەن تېخىمۇ كۈچلۈك «ھۇقۇق ئىگىلىرى»نىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا ۋە ھوقۇقى تارتىۋېلىنماقتا.
بىز ئىنكار قىلالمايمىزكى، ئويۇن- كۈلكە بالىلارنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بالىلار ئويۇن ئويناش داۋامىدا ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ، ئويۇن ئارقىلىق بىلىم ئالىدۇ ۋە بەدىنىنى چېنىقتۇرىدۇ. شۇ جەرياندا تۇرمۇشنى ئۆگىنىدۇ، تەشكىللەش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگىنىدۇ، مۇكەممەل ئىنسانىي پەزىلەتنى يىتىلدۈرىدۇ.
بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ، خىزمەت ھاياتىمدىكى «ساختا ئاكتىپلىق» تارىخىم ئىسىمگە كېلپ قالدى. ئىلگىرى بىر مەكتەپ مۇدىرىمىز بولىدىغان. ئۇنىڭ نەزەرىدە قايسى سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئۆگىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتسا، شۇ تەلەپچان، مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى ھىسابلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز «تەلەپچان، مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى» سانىلىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سىجىللىقىنى زەربىدارلىق بىلەن ئاشۇردۇق. ئەتىگەن، كەچلىك ئۆگۈنۈش ۋاقىتلىرىنى ئۈچ سائەتتىن ئۇرۇنلاشتۇردۇق. قارىسام، بىر قىسىم سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىغىمۇ چاڭ سېلىپ، ئۆگۈنۈشكە تەشكىللەپتۇ. «قاتادىن قالغۇچە، خاتادىن قال» دېگەندەك، مەنمۇ ئوقۇغۇچىلارغا چۈشلۈك تاماققا يېرىم سائەت بېرىپ، قالغان ئىككى سائەتتە «چۈشلۈك ئۆگىنىش» ئورۇنلاشتۇردۇم.
بۇنداق ۋاقىتلاردا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۆرمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىلارنى مۇدىرنىڭ ئۆيگە قايتىش يولىغا ئىككى رەت تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ، «پۈتۈن زېھنى  بىلەن ئۆگىنىش قىلىش»قا بۇيراتتىم. ھالبۇكى، بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ، «چوڭ سەكرەپ ئۆگىنىش قىلىش» دولقۇنىنى توختاتتىم. توغرىسى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ماختىشىدىن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ مايىللىقىنى ئەلا بىلدىم.
«ئۆگىنىش»نىڭ گېرىكچە مەنىسى «ھەيران قېلىش» بولىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلار تەبىئەتتىن ئەجەبلىنىش، ھەيران قېلىش ئىچىدە يېڭى بىلىمنى ئىگىلەيدىكەن. ئەگەر بالىلىقتىكى «ئەجەبلىنىش»نىڭ سېھرىي كۈچى بولمىغان بولسا، بىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان مائارىپمۇ پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز تېمىغا ئايلىنىدۇ. مائارىپ دەل ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئەقىدىلىرى ۋە تەبىئەت ئالدىدىكى «ئەجەبلىنىش»لىرى بارلىققا كەلتۈرگەن تۈرلۈك قىياسلىرى، خام- خىياللىرى ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ چوڭقۇرراق ۋە كەڭ دائىرىلىك «ئەجەبلىنىش»نى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ «ئەجەبلىنىش» ئازادە، ئەركىن مۇھىتتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپالايدۇ. مانا بۇ بىز توختالماقچى بولغان مائارىپنىڭ تۈپكى رولى ۋە ھاياتلىق ئېنىرگىيىسىدۇر.
بىز ئالدىمىزدا تۇرغان ئوقۇغۇچىمىزغا ھەرگىزمۇ يېنىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز لازىم. ئۇ گەرچە نەزەرىمىزدە «كىچىك بالا» بولسىمۇ، تەپەككۈرگە، ئاڭغا، مول روھىي دۇنياغا ئىگە جانلىق ئىندىۋىد. «سوقرات ۋە يالغان ئالما» ناملىق پەلسەپىۋىي ھېكايەت ئېسىمىزدە بولسا كېرەك. شۇ تاپتا سىزمۇ، مەنمۇ سوقرات ئەمەس، بىراق ئالدىمىزدا تۇرغان بالا ئەپلاتۇن بولۇشى مۇمكىن. كىچىك بالىلارنى چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدۇ دەپ  كىم ئېيتىدۇ؟ يەتتە- سەككىز يىل ئالدىدا ئەختەمجان ئىسىملىك بەش ياشلىق بالا فوتۇگرافلىق ماھارىتى بىلەن دونيا جىنىس رېكورتىنى ياراتقان. بىزنىڭ كىچىك سەنئەتكارىمىز ئەراپاتمۇ ئون ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا، جۇڭگۇغا تۇنۇشلۇق چولپانغا ئايلاندى. يەنە مىسالغا ئالساق، ئىتالىيەلىك شائىر دانتى توققۇز يېشىدا شېئىر يازالىغان؛ ئاۋىستىرالىيەلىك كومپوزىتور مۇزارت ئالتە يېشىدا مۇزىكا ئولتۇرۇشىنىڭ باش رولچىلىقىنى ئۈستىگە ئالالىغان؛ گېرمانىيەلىك مۇزىكانت بىتخۇۋىن 13 يېشىدا ئۈچ ئاھاڭلىق مۇزىكا ئىجاد قىلالىغان؛ فرانسىيەلىك پەيلاسوپ ۋە ئالىم پاسكال 13 يېشىدا مۇتەپەككۈر بولۇپ قالغان؛ ئەنگلىيەلىك ماتىماتىكا ئالىمى ھامىلتون بەش يېشىدا لاتىن يىزىقى، گرىك يىزىقى ۋە ئىبراي يىزىقلىرىنى ئوقۇيالايدىغان بولغان.
ھەركۈنى ئەتىگەن مەكتەپكە كەلگەن بالا مەكتەپكە ئۆزىلا كەلمەيدۇ. ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئىلگىرىكى تۇرمۇشنىڭ تامغىسنى، ئۆزىنىڭ تەجرىبىسنى، قىزىقىشنى،ھېسسىياتىنى ئېلىپ كەلگەن بۇلىدۇ. ھەقىقىي مائارىپ ئەنە شۇلارغا ئەھمىيەت بېرىشى، بالىلارنىڭ ھېسسىيات بۇلىقىغا، تەجرىبە ئېتىزىغا ئايلىنىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى بولسا ئەنە شۇلار ئوتتۇرىسىدا ھېسسىيات، پىكىر ئالماشتۇرغۇچى، ئۆتۈشمە «كۆۋرۈك»لۈك رول ئوينىشى لازىم.
بىزدىكى يەنە بىر ئەجەللىك ئاجىزلىق «ئوقۇتقۇچى ھۈكۈمران» ئىدىيەسىدۇر. بىز بۇ جەھەتتە بەزى ئەھۋاللاردا قەدىمكى خان- پادىشاھلاردىنمۇ ئېشىپ كېتىمىز. ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بىزگە قارىتا بىر ئېغىز قارشى پىكىردە بولۇشىغا يول قويمايمىز. ئىندىۋىدۇئاللىقنى بوغىمىز، مۇستەقىللىقىغا يېشىل چىراغ ياقماقتا يوق، سوغوق سۇ سېپىمىز. بىزنىڭ كاللىمىزدا ئەكس ئېتىدىغىنى قانداقتۇر بىر قىسىم ئىلغار قاراشلاردىن مۇستەسىنا، ئىپتىدائىي مائارىپ رامكىلىرى چوڭ مىڭىسنى قورشىۋالغان ئازغىنە مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن ئاتالمىش «دەرس ئۆزلەشتۈرۈش» پىلان- كۆرسەتكۈچلىرى. شۇڭا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالىنى «دەرس بىلىش» بىلەنلا ئۆلچەيمىز، ئولارنىڭ يوقلىما ئاكتىپلىرىدىن بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئىمتىھانلاردىكى ئۆلۈك سۇئاللاردا يۇقۇرى نۇمۇر ئالسا، ئەڭ يۇقۇرى باھالارنى بېرىپ ئۈلگۈرىمىز. ئۇلارنىڭ ئونۋېرسال ساپاسى، ئەخلاقىي پەزىلىتى، ئادىمىيلىك روھى قانچىلىك يىتىلدى...  بۇلار بىلەن ھىسابلاشمايمىز.
مەكتەپتە مەۋسۈم ئاخىرى «ھوسۇل پەيتى» ھىسابلىنىدۇ. (كۆپىنچىلەرنىڭ قارىشچە، مەۋسۈم ئاخىرىدا تۆت- بەش ئايلىق ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى بەلگىلىنىدىكەن). بۇ مەزگىلدە بىز ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ كېتىمىز. چاندۇرمىغان ھالدا ئىمتىھان سۇئاللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا «كونسۇلتاتسىيە» قىلىمىز. ئىمتىھان ۋاقتىدا قەستەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچۈرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بىرىمىز. قەغەز تەكشۈرۈشتە بىر نۇمۇر ئۈستىدە تىك تۇرۇپ، مۇمكىن قەدەر «ھۇسۇل»نى كۆپەيتىپ، «پىلان»نى ئورۇنداشقا تىرىشمىز. ئۈنۈم مائاشىنى ھەممە ئادەم جىقراق ئېلىشنى ئويلايدۇ- دە؟!
مۇشۇمۇ مائارىپ بولدىمۇ؟ بۇ رەسۋاچىلىقىمىز قاچانغىچە داۋاملىشار؟
بەلكىم بەزىلىرىمىزگە مۇنۇ مىسال تونۇشلۇق بولسا كېرەك. مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن «تۇرنىلار نىمىشقا تىزىلىپ ئۇچىدۇ؟» دەپ سورىسا، بىر ئوقۇغۇچى «يولدىن ئېزىپ قالماسلىقى ئۈچۈن» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. ئوقۇتقۇچى ئۇ جاۋاپنى «ئۆلۈم »گە ھۈكۈم قىلىپتۇ.
بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىللار ئاۋۋال غەيرىي پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا دەرسىنى ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ ئەسلىي كەسپى فىزىكا بولمىغانلىقتىن، ئامالسىز دەرس تەييارلىقىنى باشقا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس تەييارلىقىدىن كۆچۈرۈپ تەييارلاپ مېڭىپتۇ. ماگىنىتقا ئائىت مەزمۇنلارغا كەلگەندە، كۆچۈرۈش جەريانىدا «ماگىنىت تۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ» دېگەن جۈملىنى «ماگىنىت كۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ» دەپ كۆرۈۋېلىپ خاتا كۆچۈرۈپتۇ ۋە دەرسخانىدا شۇنداق سۆزلەپتۇ. (ئەسلىدە دەرس تەييارلىق دەپتىرىدىكى بۇ سۆز ئۇچۇق يېزىلمىغانىكەن). بىر ئوقۇغۇچى «مۇئەللىم، كۆمۈر ئەمەس، تۆمۈر» دېگەندە، ئوقۇتقۇچى ئوڭايسىزلانسىمۇ تەن بەرگۈسى كەلمەي، «بۇ دەرسلىكنى مۇتەخەسىسلەر تۈزگەن، سەن بىلەمسەن، ئۇلارمۇ؟» دەپ ۋاقىراپ ئوقۇغۇچىنى ئولتۇرغۇزىۋەتكەندىن كىيىن، تەجرىبە قىلىپتۇ. قېرىشقاندەك ماگىنىت كۆمۈرنى ئۆزىگە تارتماپتۇ. ئوقۇتقۇچى سەل ئويلانغاندىن كىيىن، «بۇ كۆمۈرنىڭ سىرىتقى قەۋىتىگە ئارىلاشما ماددىلار چاپلىشىپ قاپتۇ. يۇيۇپ باقايلى» دەپ پاكىز يۇيغاندىن كىيىن، قايتا تەجرىبە قىلىپتۇ. ئوخشاشلا ماگىنىت كۆمۈرنى تارتماپتۇ. ماگىنتنى باشقا ماگىنىتقا ئالماشتۈرۈپ بېقىپتۇ، يەنىلا ئوخشاش. ئاخىرى بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە جاھىللىق بىلەن: «بۇ كۆمۈر ئۆتكەن يىلقى كۆمۈر بولغاچقا، تەجرىبە مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى. مەن كېيىنكى سائەتتە يېڭى كۆمۈر ئەكىلىپ تەجرىبە قىلىپ بىرەي» دەپتۇ...
ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان بۇ تىراگىدىيە ھەرگىزمۇ توقۇپ چىقىرىلغان ئەمەس. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا بىز ئاجايىپ ھاكىممۇتلەقمىز.
بەزىدە بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا تۇتۇلۇپ قالغاندا «شۇنچىلىك ئاددىي سۇئالنىمۇ بىلمىدىڭمۇ؟ كېيىنكى سائەتتە سورايمەن، ياخشى تەييارلىق قىل» دېگەندەك ھىيلە- نەيرەڭلەر بىلەن ئۇلارنى باپلىغانلىقلىرىنى زوق- شوخ بىلەن سۆزلەۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. «ئىست، ئاشۇ بالىلارنىڭ ئاشۇ سۇئاللىرى كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغ ئىختىرالارنىڭ، يۈكسېلىشلەرنىڭ پىلتىسى ئەمەسمۇ؟» دەيمەن ئىچىمدە.
مۇستەقىل، ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولۇشقا قاراپ مېڭىش شەخسنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىچكىي ئېھتىياجى، شۇنداقلا شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ بىر ئاساسىي ئىپادىسى. شۇڭا تەربىيىچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل، ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولۇشقا قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم، ماھارەت بىلەن پوزىتسىيە، ھېسسىياتىغا؛ ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئارزۇسى ۋە قابىلىيىتىگە؛  ئېھتىياجىغا، ئۈگىنىشتىكى خاسلىقىغا، ئىززەت- ھۆرمىتىگە كۆڭۈل بۆلەلىسەك، ئۇلار بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز شۇنچە قىسقىرايدۇ.
ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋىلىش، ئىش قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىش، بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋىلىش، ياشاشنى ئۆگىنىۋىلىش- ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئۆمۈرۋايەت تەرەققىي قىلىشىدىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈك. مائارىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سېلىپ بېرىشى، نىشانىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بىز ئوقۇغۇچىلارغا بىر ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ، ئۆزى ئالغا ماڭىدىغان قىلىش؛ ئالدىغا بىر مەسىلە تاشلاپ قويۇپ، ئۆزلىرىگە جاۋاب تاپقۇزۇش؛ ئوقۇغۇچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، پۇرسەتنى ئۆزى تۇتۇشقا قويۇپ بېرىش؛ ئوقۇغۇچىلارغا بىر ھوقۇق بېرىپ، ئۆزىنىڭ تاللىشىغا يول قويۇش؛ ئوقۇغۇچىلارغا بىر تېما چىقىرىپ بېرىپ، ئۆزى ئىجاد قىلىشقا قويۇپ بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز زۆرۈر.
«جۇڭگۇلۇقلار، سىلەر نېمىشقا ئاچچىقلانمايسىلەر» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى لۇڭ يىڭتەي خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنى قەدىرلەيمەن. ئۇلار قۇياشقا تەلپۈنگەن ئاپتاپپەرەسكە ئوخشايدۇ. ئۇلار پاك- جاسارەتلىك، لېكىن ئىندىۋىدۇئاللىقى ئاجىز. نۇپۇزغا قارىغۇلارچە چوقۇنىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرى شۇكى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يوق. مېنى ئەنسىرىتىدىغىنى بۇنداق جۈرئەتسىز، كۆزىگە ياش ئالغان، مۇستەقىل پىكرى يوق، ‹بىلمەيمەن› دەيدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قانداق پۇخرا بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ؟ جەمىيەتنىڭ يادروسى بولالامدۇ؟ ھەق- ناھەقنى ئايرىيالامدۇ؟ ئاچچىقلىنىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئالالامدۇ؟ ئەگەر بىز نەزەرىمىزنى يىراققا ئاغدۇرساق، دۆلەتنى چىن كۆڭلىمىزدىن تۈزىمەكچى بولساق، ئۇنداقتا بىز پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، ھۆكۈم قىلالايدىغان، غەيرەتلىك، ۋىجدانلىق پۇخراغا مۇھتاج. ئوقۇغۇچىلار قورقۇنچاق، تۇخۇ يۈرەك، جۈرئەتسىزمۇ ياكى بىز نۇپۇزىمىزغا ئىشىنىش، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز كەمچىل بولغانلىقتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزگە جەڭ ئېلان قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەيۋاتىمىزمۇ؟»
بۇ قۇرلار بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەشكە ئىنتايىن باب كېلىدۇ.
يېڭى ئەسىر جەمىيىتى تۈرلۈك بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مول ئىندىۋىدۇئاللىققىمۇ ئېھتىياجلىق. قايسى دۆلەت، خەلقنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىق تەرەققىياتى تولۇق، كۆپ خىل بولسا، شۇ دۆلەت خىرىسنى تېخىمۇ ياخشى كۈتىۋالالايدۇ، تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەت ئىقتىدارى ۋە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ. شۇڭا ئىندىۋىدۇئاللىق بىر مىللەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. خاسلىققا ئىگە كىشىلەر كۈپىنچە مۇستەقىل پىكىر قىلىدۇ. ئىجادىي تەپەككۈرى بىر قەدەر كۈچلۈك ۋە ئىجادچان كېلىدۇ. بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىقنىڭ بىرى، شەخسنىڭ خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چەتكە قېقىش ياكى ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەل قارىغانلىقىدىن ئىبارەت.
بىز ئامىرىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى ئانچە- مۇنچە ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز. ئېيتىلىشىچە، ئۇلار قارىسا ئويناپلا يۈرگەن. لېكىن ئاخىرىدا بىزنىڭ ماگىستىر ئاسپرانتىلىرىمىزمۇ تەستە تاماملايدىغان تېمىلارنى تاماملاۋاتقان. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى ئاددىي پۇخراغا ئايلىنىش. بىزنىڭ مائارىپ ئىدىيەمىز بولسا ئالىم، مۇتەخەسىس، ماتىماتىك، فىزىك، خېمىك، تىلشۇناس يېتىشتۈرۈش بولۇپ قالدى. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بىز ئالىم يېتىشتۈرىمىز دېگىنىمىز بىلەن، نۇرغۇن ئادەمنى ساپالىق قىلىپ يېتىشتۈرەلمىدۇق. ئۇلار ئاددىي پۇخرا يېتىشتۈرىمىز دېسە، نۇرغۇنى ئالىمغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان...
ۋىجدانىي يۈكسەكلىك نوقتىسىدا تۇرۇپ ئويلاپ باقايلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى، بىر- بىرىدىن سىرلىق ئوقۇملارنى جىمجىت ۋە ئىنكاسسىز ھالەتتە پاسسىپ قۇبۇل قىلغۇچى ئورۇندا تۇرۇپ، ئاشۇ كىچىككىنە مىڭىسىگە توختىماي «قاچىلىشى» مائارىپ بولامدۇ؟
بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش بىر خىل تەپەككۈر، ئوخشاش بىر خىل ھېسسىيات، ئوخشاش بىر خىل ئىدىيە، ئوخشاش بىر خىل كۆز قاراش بىلەن تەربىيىلەش «مائارىپ» بولامدۇ؟
ئوقۇغۇچىنى نۇقۇل باشقۇرۇلغۇچى، ئوقۇتقۇچىنى باشقۇرغۇچى دەپ قاراش «مائارىپ» بولامدۇ؟
ئوقۇغۇچىنى كۆچەت، ئوقۇتقۇچىنى بۇ كۆچەتنى ئۆز خاھىشى بويىچە خالىغانچە كېسىپ- يۇناپ، شەكىلگە كىرگۈزۈپ قويىدىغان باغۋەن دەپ قاراش «مائارىپ» بولامدۇ؟
ئوقۇغۇچى ھامان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىدا جىق نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ، ئوقۇتقۇچى ھامان ئۇلاردىن ئۈستۈن دەيدىغان قاراش «مائارىپ» بولامدۇ؟
دۇنيادا تەربىيىلىگىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق، تەربىيىلەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى بار؛ دۆت ئوقۇغۇچى يوق، ئەخمەق ئوقۇتقۇچى بار. ئاچقۇچلۇق مەسىلە بىزنىڭ تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى توغرا تاللىشىمىزدىدۇر.
گوركىي: «ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتە تالانتى بولىدۇ» دەپ ئېيتقان. بىزنىڭ نەزەرىمىزدىكى ئەڭ قالاق، ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچى كەلگۈسىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئادەملەرگە ئايلىنىشى مۇمكىن. داڭلىق ئالىم ئېدىسۇنمۇ باشلانغۇچ ۋاقتىدا دائىم ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدىكەن. سىناقلاردا 2 دىن يۇقۇرى نۇمۇر ئالالمايدىكەن. ھالبۇكى، كېيىنكى كۈنلەردە، 2000 مىڭدىن كۆپرەك پەن- تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى يارىتىپ، دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشتى. فىيىرباخنىڭ «دۇنيا ئېچىغلىق مىڭىلەر ئۈچۈن ئېچىغلىق» دېگەن مەشھۇر سۆزى بار. بۇ ھەر قانداق ئىقتىدارنىڭ ئەقىل بولىقىنىڭ ئېچىلىشى ۋە قابىلىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز يېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ خاتالىقىغا يول قويۇش، ئەپۇچان بولۇشنى دائىملىق مىزانغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش جەريانى- خاتالىشىش جەريانى. ھەممە ئادەم خاتالىشىشى مۇمكىن، چۈنكى خاتالىق- ئىش قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى. پەقەت ھېچنىمە قىلمىغانلاردىلا خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىكى گۈزەل خاتالىق گۈزەل تەسەۋۋۇر ۋە مول تەپەككۈرلەرنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى.
ئوقۇغۇچىلىرىمىز قاچانغىچە روھىي بۇيۇنتۇرۇق ۋە تەپەككۈر كىشەنلىرىنى چاقمايدۇ؟
ئوقۇتقۇچى قۇياش. ئۇ تولغان، قىزغىن، ئۇچۇق، نۇر ۋە ھارارەتكە تولغان گەۋدە. تۆھپە قۇشۇش ئۇنىڭ ئارزۇسى ۋە خۇشاللىقى. ئۇ ئېرىشىشنى ئەمەس، بەلكى بېغىشلاشنى ئەڭ زور بەخت دەپ ھېسابلايدۇ. «پەقەت قىزغىن سۆيۈشلا ئەڭ ياخشى ئۇستاز، ئۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» (ئېينىشتىيىن). بىز ئوقۇغۇچىلىمىزغا ئىللىق مېھرىمىز بىلەن قول بېرەيلى. پەقەت مۇدھىش جازا لاگىرلىرىنىڭ سۈپىتى بولغان ۋارقىراش، قوپاللىق، تىللاش، خارلاش... قاتارلىقلار مائارىپىمىزدىن خۇشلاشسۇن. چۈنكى ئۇلار بالىلار قەلبىدە يېتىلىۋاتقان گۈلزارلىق باغنى زىمىستان قىشتىكى شىۋىرغان دەھشىتىدەك قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ.
بىز ئوقۇغۇچىمىزنى چۈشىنەيلى، ئۇلارنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرايلى. ئۇلارنىڭ كۆز يېشى بىزنىڭمۇ كۆز يېشىمىزدۇر. چۈنكى ئۇلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى. ئۇلار ياش تۆكمىسۇن. ئىلگىرى چەت يېزا- قىشلاقلاردا بىر قىسىم دېھقان پەرزەنتلىرى كىتاب- ماتىرىيال پۇللىرىنى تۆلىيەلمەي تۇخۇم، ياڭاق، قۇناق ئەكىلەتتى. بۇلارنىڭ پۇلىنى بىز تۆلەپ قوياتتۇق. ھالبۇكى، بىر قىسىم ياش ئوقۇتقۇچىلار بەزىدە كىتاب پۇللىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ھاقارەتلىك تىللار بىلەن سەبىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرەتتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ ھاقارىتىگە چىداپ تۇرالماي ئۆلىۋالغان بالىلارمۇ بار...
ئوقۇغۇچى بولغاچقىلا، بىز «ئوقۇتقۇچى» دېگەن نام بىلەن خاراكتېرلىنىمىز. شۇڭا ئوقۇغۇچىغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە گۈزەللىك، سۆيگۈ ئاتا قىلايلى. ئۇلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى بىزنىڭ ئۇلارغا بەرگەنلىرىمىزگە  باغلىق. ئەگەر بالىلار دۈشمەنلىشىش مۇھىتىدا ياشىشا، ئۇرۇشۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ مەسخىرە قىلىش مۇھىتىدا ياشىسا، تەڭقىسلىقتا قېلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ ئىزا- ئاھانەت ئىچىدە ياشىسا، ھەسرەت چېكىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئەپۇچانلىق ئىچىدە ياشىسا، كەڭ قۇرساقلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ ئىلھامبەخىش مۇھىتتا ياشىسا، ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ مەدھىيىلەش مۇھىتىدا ياشىسا، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ باراۋەرلىك مۇھىتىدا ياشىسا، ھەققانىيەتنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ بىخەتەر مۇھىتتا ياشىسا، باشقىلارغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ قوللاپ- قۇۋۋەتلەيدىغان مۇھىتتا ياشىسا، ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە دوستانە مۇھىتتا ياشىسا، بۇ دۇنيادىن مۇھەببەت ئىزدەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
گەرچە ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن ئارىلىقىمىز يىراقلاپ قالغان بولسىمۇ، سۆيگۈ ۋە ئىشەنچنىڭ، ئەقىدە ۋە كامالەتنىڭ، مېھنەت ۋە شىجائەتنىڭ ئارىمىزنى يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. چۈنكى، ئىقبال كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇب!
                                         (2011-يىل 17- دىكابىر، ئۈرۈمچى)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

122

تېما

22

دوست

5400

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1377 سەر
تىللا
381 دانە
تۆھپە
1055 سەر
شۆھرەت
1059 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 01:02:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە . مۇشۇنداق ئىسىل تىما بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .
ماقالىنى ئوقۇش جەريانىدا مەن ئۆزەمگە تەدبىقلاپ باقتىم. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئېغىزىدىلا ئەمەس،ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا  مۇلازىمەت قىلساق.
ئۈچ كۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئارخىرى 1-قىملىق مانىۋېر ئىمتىھان سۇئالىنى تولۇق نۇسقىلاپ توردا.....

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5094 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9305 سەر
شۆھرەت
4212 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 17:10:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچى بولغاچقىلا، بىز «ئوقۇتقۇچى» دېگەن نام بىلەن خاراكتېرلىنىمىز. شۇڭا ئوقۇغۇچىغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە گۈزەللىك، سۆيگۈ ئاتا قىلايلى. ئۇلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى بىزنىڭ ئۇلارغا بەرگەنلىرىمىزگە  باغلىق. ئەگەر بالىلار دۈشمەنلىشىش مۇھىتىدا ياشىشا، ئۇرۇشۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ مەسخىرە قىلىش مۇھىتىدا ياشىسا، تەڭقىسلىقتا قېلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ ئىزا- ئاھانەت ئىچىدە ياشىسا، ھەسرەت چېكىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئەپۇچانلىق ئىچىدە ياشىسا، كەڭ قۇرساقلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ ئىلھامبەخىش مۇھىتتا ياشىسا، ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ مەدھىيىلەش مۇھىتىدا ياشىسا، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ باراۋەرلىك مۇھىتىدا ياشىسا، ھەققانىيەتنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ بىخەتەر مۇھىتتا ياشىسا، باشقىلارغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ قوللاپ- قۇۋۋەتلەيدىغان مۇھىتتا ياشىسا، ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە دوستانە مۇھىتتا ياشىسا، بۇ دۇنيادىن مۇھەببەت ئىزدەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
  
يوقۇرقى قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ قەلبىمگە ئورنىتىۋالغۇم كەلدى ھەم ئەمىلى خىزمتىمدە ئۆرنەك قىلىشنى لايىق تاپتىم .
  تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە ھەم ئۇلاردىن ئۆزەمنى تېپىشقا ئىنتىلدىغان بولدۇم . رەھمەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 15:32, Processed in 0.403912 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش