| 1]_ كۆپىنچە قىزلار كۈندە بىر قېتىم ، ھەممەئوغۇللار ئۆمرىدە بىر قېتىم قىلىدىغان ئىش قايسى؟
2_قازاننى ئۇچاققا ئېسىپ ئالدى بىلەن نىمە تاشلايمىز؟
3_ئاسماندا بار يەردە يوق ،سەندە بار مەندە يوق ، ئۇ نىمە؟
4_دىق قۇلاق دىڭ_دىڭ قۇلاق سۇدا ئوينار شوخ بۇلاق؟
5_قانداق دەرەختە مىۋە پەشمايدۇ؟
6_ ئادىم بەدىنىدىكى بېشى (ك) ھەرىپى بىلەن باشلىنىپ يەنە (ك) ھەرىپى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئەزانى ئىسمىدىن 5 دەپ بىرەلەمسىز؟
7_ ئادىم بەدىنىدىكى بېشى (ق) ھەرىپى بىلەن باشلىنىپ يەنە (ق) ھەرىپى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئەزانى ئىسمىدىن 5 دەپ بىرەلەمسىز؟
8_ھەمىمىز خاتا ئۇقۇيدىغان بىر سۆز بار ئۇ قايسى؟
9_ھايۋان بالىسىنىڭ ئىسمىدىن 12 دەپ بىرەلەمسىز؟
10_قانداق نەرسە 10غا 10نى قوشساق 10، 10دىن 10نى ئالساق يەنە 10 بۇلىدۇ؟
4-11 بۇلۇڭدا 4 مۇشۇك ھەربىر مۇشۇك ئالدىدا 3 تىن مۇشۇك جەمى قانچە مۇشۇك ؟
12-ئىغىزى يوق سۇئىچىدۇ . بۇرنى يوق مۇش يەيدۇ ؟
13- بىر يېرىم غاز بىر يېرىم كۈندە بىر يېرىمىنى تۇخۇملىسا، 9 غاز 9 كۈندە قانچە تۇخۇم تۇخۇملايدۇ؟
14-تۆت دانە 9 نى ئىشلتىپ، نەتىجىسى 100 بولىدىغان بىر ئىپادە تۈزۈپ چىقالامسىز؟
15- ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىر كېلىدىغان پويىز سائىتىگە 60 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر كېلىدىغان تونىلدىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئۆتۈپ بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە يېرىم مىنۇت ئىچىدە جاۋاب بىرەلسىڭىز خېلى ئەقىللىق ھېسابلىنىسىز.
16-سىزنىڭ يىنىڭىزدا 500 سوم پۇل بار دەيلى ، سىز بۇ 500 سومغا 100 تۇياق مال ئالماقچى بولدىڭىز . يەنى سىز ئالماقچى بولغان مالنىڭ باھاسى تۆۋەندىكىچە : 1. سىز ئالماقچى بولغان قوي نىڭ باھاسى : 1 سوم . 2. سىز ئالماقچى بولغان كالا نىڭ باھاسى : 10 سوم . 3. سىز ئالماقچى بولغان ئات نىڭ باھاسى 50 سوم .
خوش سىز مۇشۇ 3 خىل مالدىن 100 تۇياق . سىتىۋالماقچى . قېنى سىزچە قويدىن قانچىسى كالىدىن قانچىسى ئاتتىن قانچىسى كىلىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟ قېنى تىپىڭ ... لېكىن ئەسكەرتىپ قويدىغىنىم : چوقۇم مۇشۇ 3 . خىل مال بولۇشى شۇنداقلا باھاسىمۇ يوقىرقىدەك بولۇشى كىرەك . سىزنىڭ چوقۇم خەجلىگەن پۇلىڭىز 500 سوم بولۇشى سىتىۋالغان 3 خىل مىلىڭىز 100 تۇياق بولۇشى شەرىت ...
قىنى ئەقلىڭلارنى سىناپ بىقىڭلار .........
|
|