| تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى iPhoneسېتىۋېلىش ئۈچۈن بۆرىكىنى 20 مىڭ يۈەنگە ساتتى قارا ۋاستىچى بۈگۈن سوتلاندى
خۇاشىڭ تورى سەنشياڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى، ئالما يانفونى ۋە iPad2سېتىۋېلىش ئۈچۈن، 17 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى شياۋۋاڭ توردىكى قارا ۋاستىچىلارغا ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى ساتقان، ئەگەر سالامەتلىكى ناچارلاشقاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بايقاپ قېلىپ، چېنجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە دىلو مەلۇم قىلمىغان بولسا، بىر قارا ۋاستىچى، قارا دوختۇرلاردىن تەشكىللەنگەن ئادەم ئەزالىرىنى ئېلىپ ساتىدىغان گورۇھ ھازىرغىچە بايقالمىغان بولاتتى. بۇ يىل 4-ئايدا، شياۋۋاڭنى بۆرىكىنى سېتىشقا تونۇشتۇرغان ئۈچ نەپەر «قارا ۋاستىچى» ۋە ئوپىراتسىيە قىلغان «قارا دوختۇر» لار چېنجۇ شەھىرى بېيخۇ رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەن ئىدى. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، چېنجۇ شەھىرى بېيخۇ رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسىدە بۇ دېلوغا سوت ئېچىلدى. شىنلاڭ مىكرو بلوگى ۋە تېڭشۈن مىكرو بلوگى@سەنشياڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى قاتارلىقلار سوتنى نەخمەيداندىن ئۇلاپ كۆرسەتتى. 200 مىڭغا سېتىلغان بۆرەكتىن ، شياۋۋاڭ پەقەت 20 مىڭ يۈەنگە ئېرىشكەن. بۆرەكنى iPhoneغا ئالماشتۇرۇش؟ بەلكىم سىز بۇنى ناھايىتى بىمەنىلىك دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. ئەنخۇيلىك ئۆسمۈر راستىنلا مۇشۇنداق قىلغان. بۇلتۇر 4-ئايدا، 17 ياشلىق شياۋۋاڭ توردىن قارا ۋاستىچى ئىزدەپ، بۆرىكىنى ساتماقچى بولغان. قارا ۋاستىچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ ئالدىراپ تېنەپ يىراقتىكى چېنجۇغا كەلگەن، تەكشۈرۈشتىن كېيىن، چېنجۇدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ «ئەرلەر سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى» دە ئوپىراتسىيە قىلىنىپ، 22 مىڭ يۈەنگە ئېرىشكەن. پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، شياۋۋاڭ ئالما يانفونى ۋە ipad2سېتىۋالغان، لېكىن ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن سالامەتلىكى كۈنسىرى ناچارلىشىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قايتا-قايتا سورىشى بىلەن، ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكىنى سېتىۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. شياۋۋاڭنىڭ دادىسى دەرھال چېنجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن كۆپلىگەن جىنايەت گۇماندارلىرى كەينى-كەينىدىن قولغا چۈشكەن. شياۋۋاڭنىڭ يارىسى ئېغىر زەخمىگە تەۋە بولۇپ، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بىكىتىلگەن. 150 مىڭ يۈەنگە يەنە ئون مىڭ دوللار قوشۇش، بۇ بولسا شياۋۋاڭنىڭ بۆرىكىنى سېتىۋالغۇچى چىقارغان پۇل بولۇپ، بۇنىڭدىن شياۋۋاڭغا پەقەت 22 مىڭ يۈەنلا تەگكەن، قالغان قىسىمىنى قارا ۋاستىچىلار، قارا دوختۇر قاتارلىقلار بۆلۈشكەن. «قارا ۋاستىچى» لار ئۆزى ئوپىراتسىيە گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن مۇخبىرنىڭ تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئوپىراتسىيە ئۆيى چېنجۇ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە بولۇپ، «قارا ۋاستىچى» خې ۋېي، يىن شېن، تاڭ شىمىن قاتارلىق ئۈچ كىشى بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئەرلەر سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ئامبولاتورىيە مۇدىرى سۇ كەيزۇڭنى ئىزدەپ، دوختۇرخانىنىڭ ئوپىراتسىيەخانىسىنى «يېڭىلاشنى» ئېيتىپ، ناركوز قىلىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، باشقا دوختۇرخانىلاردىن ناركوز قىلغۇچىلار، سېستىرا ۋە دوختۇر ياردەمچىلىرىنى تېپىپ كەلگەن. يۈننەندىن ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى سۈيدۈك ئاجرىتىش يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى شى زوڭجۇڭنى تېپىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن «قارا ۋاستىچى» لار ئۆزى تەشكىللىگەن ئوپىراتسسيە گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. بۇلتۇر 4-ئايدا، شياۋۋاڭ ۋە باشقا بىر گەنسۇلۇق ئەر لاۋ خۇاڭلار چېنجۇغا كېلىپ، بەدەن تەكشۈرۈشتىن كېيىن بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلغان. شۇنداق قىلىپ، شياۋۋاڭ ۋە لاۋ خۇاڭلارنىڭ ھەربىرى 22 مىڭ يۈەندىن پۇلغا ئېرىشكەن. بۇ يىل 4-ئايدا، خاڭجۇ شەھىرى بېيخۇ رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەش نەپەر قارا ۋاستىچى ۋە ئوپىراتسىيە قىلغان دوختۇر، سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن دوختۇرلاردىن بولۇپ بەش كىشىنى ئەيىپلىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئوپىراتسىيىگە قاتناشقان تۆت نەپەر پەرۋىش خادىمىمۇ قوشۇپ ئەيىپلەنگەن. |
|