| قوناق ئۇنى
قوناق ئۇنى ــ ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ ئىستېمال قىلىپ كەلگەن ئاساسلىق تەبىئىي ئوزۇقلارنىڭ بىرى، قوناق ئۇنىنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا لېنزىن بار، ئۇ راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زەھەرلەش رولىنى تورمۇزلايدۇ ھەم يېنىكلىتىدۇ، ئۆسمىنى تىزگىنلەيدۇ. ئۇ يەنە بەدەندىكى پىروكسوزىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا ، قوناق ئۇنىنىڭ تەركىبىدە سېللۇلوزىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى. سېللولۇزا ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئېشىپ، چوڭ تەرەت راۋانلىشىدۇ. سېللولۇزا ئۈچەي يوللىرىنىڭ راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى سۈمۈرۈشىنى ئازايتىپ، ئۈچەي راكى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى |
|