كۆرۈش: 320|ئىنكاس: 0

ئىسلاھ قىلىنغان ئادەت (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىسلاھ قىلىنغان ئادەت (ھېكايە)


خورازلارنىڭ تاڭدىن بەلگە بېرىشىپ تۇشمۇ-تۇشتىن چىللىشىغا ئەگشىپ، ئاسمان گۈمبىزىنىڭ شەرق ئۇپۇقى سۇسقىنە ئاقىرىشقا باشلىدى.سېپىرىخان موماي ئاخىرقى بىر ئېتىز كېۋىزىنى ئوتتىن چىقىرىۋالغاچ ئوتاقتىن چىققان ئوت-چۆپلەردە قوتىنىدا ئۆزىگە ئوخشاش تەنھا ساغلىقىدىن خەۋەر ئېلىۋېتىپ، ئۆيىگە بىر ئۆمۈر تۈۋرۈك بولۇپ، تېخى يېقىندىلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىغان مەرھۇم ھەمراھىغا يۇمغاقسۈتنىڭ پۇرىقىدەك تۇغقان كېلىدىغان ھەقەمسايىسىنىڭ قىرىق نەزىرىسىگە بېرىپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تورغاي چۇچۇلىماستىلا ئېتىزلىققا قاراپ يول ئالدى.

  موماي كېۋەزلىككە بېرىپ 4-5 سول ئاچىقا-ئاچىقمايلا، سالقىن ھاۋا تاڭنىڭ ئارام بەخش سەلكىن شامىلى بىلەن خوشلىشىپ، ئەتىراپ خۇددى تونۇردەك تىنجىق بولۇشقا باشلىدى. موماي پېشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ، قۇياشنىڭ تىك چۈشۈۋاتقان نۇرلىرىدىن ۋاقىتنىڭ ئاللىقاچان ئاش ۋاقتىغا بېرىپ قالغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ بەخت–سائادەت چىرىغى بولغان كېۋىزىنى بالدۇرراق ئوتتىن چىقىرىۋېتىش ئىستىكىدە، ئوتاق بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ۋاقىتنىڭ قايسى چاغ بولغىنى بىلەن ھېسابلاشمىغاچقا، بەل-پۇتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىگەنىدى. موماي تالجىققان بېلىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن، بىردە تىك ئۆرە بولسا، بىردە ئېگىلىپ گويا ئوقۇغۇچىلاردەك ئاللىقاندۇقتۇر بىر ھەرىكەتلەرنى ئىشلىدى ۋە نەزىر ۋاقتىنىڭ توشۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئوتالغۇسىنىڭ داۋامىنى كەچكە قويۇپ ھاۋا سەل-پەل سەگىگەندە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، قولتۇقىغا بىر باغلام ئوتنى قىسقىنىچە ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

  موماي تەرلەپ-تەپچىرەپ مىڭبىر بالادا يۈدۈپ كەلگەن ئوتىنى ئېچىرقىغىنىدىن ھويلىنى بېشىغا كېيىپ، قەغىشلىك قىلىۋاتقان ساغلىقىغا تاشلاپ بېرىپ، ئۆزىنىڭمۇ ئاللىقاچان ئېچىپ ھالىدىن كەتكەن قورسىقىغا ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن، داستىخاندىكى قېتىپ كەتكەن ناننى تەسلىكتە ئۇشتۇپ، ئېغىزىدا ساناقلىقلا قالغان چىشلىرى بىلەن، ھەدەپ ئۆمەللەشكە باشلىدى. ئۇ ناشتا قىلىۋېتىپ، تۇغقىنىنىڭ نەزىرىسىگە يارىشىقى بىلەن داخىل بولۇپ قويمىسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ قىرىچە، يېنىچە تېگىۋالىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ، ناشتىنى چالا-بولا قىلىپلا ئالدىراش ئۆيدىن چىقتى.

 موماي نەزىر بېرىلىۋاتقان رېستۇرانغا كەلگەندە توپ-توپ مېھمانلار يوغان داستىخانىلىرىنى قولتۇقىغا قىسىشقىنىچە ئۇزىشىۋاتاتتى. ئۇ مېھمانلارنىڭ بوسۇتلىرىغا نەزەر سېلىپ: «ھە، بۇ تەييارلىغان بوسۇتۇم ئازلىق قىلامدۇ نېمە؟ ھەرنە بولسا جەرەستاندا يۈزۈم يەر بولمىسىلا بولاتتىغۇ …» دېگەنلەرنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ، تېڭىرقىغىنىدىن نەزىر بېرىلىۋاتقان رېستوران ئالدىدا خامانغا ئورنىتىلغان مومىدەكلا تۇرۇپ قالدى ۋە يېقىندا كىشىلەردىن ئاڭلىغان: «ئۇ ئەمەلدار تۇغقىنىنىڭ يېشى چوڭلاپ قاپتىمىش، قاچانلاردىدۇر ئەزرائىل جان سوراپ كەلگۈدەك بولسا، ئۇنىڭ ئەلەھمۇلىللاھ دېيىشتىن ئۆزگە چارىسى يوقمىش. شۇڭا كۈنلەرنىڭ بىرىدە قازايى-قەدەر يەتكۈدەك بولسا، بالا-چاقىلىرىغا ئۆزىنىڭ نەزىر-چىرىغىنى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈپ، ھايات ۋاقتىدا ئۇ كىشىنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر–چىراغ ئىشلىرىدىكى ۋابادەك يامراۋاتقان ھەشەمەتچىلىكلەرنى توسۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۈمىدى ئۇنىڭ سۆزى، بۇنىڭ يۈزى، بىراۋنىڭ كۆزى، يەنە بىراۋلارنىڭ ھەميېنى توم بولۇشتەك بىر تالاي ئىشلار ئالدىدا ھايات چېغىدا روياپقا چىقماپتۇمىش. شۇڭا ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۆزىنىڭ نەزىر–چىرىغىنىمۇ بولسىمۇ ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈپ، ئاۋامغا ئۈلگە بولۇشنى ۋەسىيەت قىپتۇدەك»، دېگەن گەپ-سۆزلەر ئېسىگە ئېلىپ، موماينىڭ غېرىب كۆڭلى ئالەمچە شادلىققا تولدى.

  موماي نەزىر بېرىلىۋاتقان سورۇنغا كىرىپ، پىلە قۇرۇتىدەك ئۆرە-تۆپە بولۇشۇۋاتقان مېھمانلار ئارىسىدا، شىرەلەردىكى يېمەكلىكلەرگە قارىغىنىچە قاياققا مېڭىپ، نەدە ئولتۇرۇشىنى بىلەلمەي، كىشىلەرنىڭ مۈرىدەش-ئىتتىرىشى بىلەنمۇ پەرۋاسىز ھالدا مېھمانلار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان شىرەلەر ئارىسىدىكى بوشلۇقتا تېڭىرقىغىنىچە تۇرۇپ قالدى. خېلىدىن بۇيان، موماينىڭ ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرغان بىر ئايال (ئېھتىمال ساھىبخان بولسا كېرەك) مومايغا ياسالمىلىق بىلەن:

  ـــ چوڭ ئانا، نەزىرگە كەلگەنمىدىلە؟ جۈرسىلە، مەن سىلىگە ئولتۇرىدىغان ئورۇن كۆرسىتىپ قوياي، ـــ دېگىنىچە موماينى ئىشىككە يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شىرە ئالدىغا باشلاپ باردى. شىرەدە قېنىق گىرىملىرى بىلەن ئولتۇرغان ئىككى ئايال مېھمانلار سۇنۇشۇۋاتقان 100 يۈەنلىك، 50 يۈەنلىك پۇللارنى ئىسىم-فامىلىسى بىلەن قوشۇپ تىزىملاۋاتاتتى. تىزىمدىن ئۆتكەن پۇللارنى گويا ئىسىراپىلنىڭ نەرىسىدەك تارتمىلار شۈمۈرگىنىچە ئەكىرىپ كېتىۋاتاتتى.

موماي مېھمانلارنىڭ پۇل سۇنۇۋاتقان چاغدىكى تولىمۇ تەكەببۇرانە تۇرقىغا زەن سالغاچ، دىققىتىنى «كاسسىر قىزچاق'»لار ئولتۇرغان ئورۇنغا چاپلانغان، خەتلىرى كۆركەم يېزىلغان رەڭلىك ئېلانغا ئاغدۇردى. ئېلاندا مۇنۇلار ئىزاھلانغان ئىدى:

  بارلىق مېھمانلار سەمىگە:

  بۈگۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەرھۇم xx نىڭ قىرىق نەزىرسىدە مېھمانلىرىمىز مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن رەخت-چاي، پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق سوۋغاتلار بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ. نەزىر قاتناشچىلىرىنىڭ مەرھۇمغا بولغان كۆڭۈل رايىنى سىناش، ھېسابات ئۆتكەللىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش يۈزىسىدىن «تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دېگەندەك، مېھمانلار ئېلىپ كەلگەن چوڭ-كىچىك سوۋغاتلارنى بىردەك مېھماننىڭ مەرھۇمغا بولغان كۆڭلى دەپلا چۈشىنىمىز. شۇ ۋەجىدىن مەرھۇمنىڭ نەزىرىدە مېھمانلارنىڭ كۆڭلىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ھېسابلاشماي، مېھمانلىرىمىزنىڭ نەق پۇللا قوبۇل قىلىنىدۇ. مېھمانلىرىمىزنىمۇ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلايمىز.

  ھۆرمەت بىلەن:

  مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى

  بۇ چۈشەندۈرۈش سۆزلىرى يېزىلغان چوڭ خەتلىك ئېلاننى كۆرگەن موماينى بىردىنلا سوغۇق تەر باشتى. موماي قولى بىلەن كۆكسىنى چىڭ قاماللاپ جايىغىلا يېقىلدى. موماينىڭ يالتىراققا قاچىلانغان سوۋغىتى كىشىلەر ئايىغىدا دەسسىلىپ يېقىمسىز ئاۋاز چىقىراتتى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش