كۆرۈش: 476|ئىنكاس: 2

ئەنئەنىۋى سوغۇق ئىچىملىك-دوغاپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەنئەنىۋى سوغۇق ئىچىملىك-دوغاپ


ئەمگەكچان، باتۇر، ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقىمىز پىژغىرىم ئىسسىقتا تەشنالىقىنى، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان، تەنگە راھەت، جانغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان تەبىئىي ئىچىملىكلەرنى ئىختىرا قىلغان. دوغاپ ئەنە شۇ ئىچىملىكلەر خەزىنىسىنىڭ گۈلتاجىسى سۈپىتىدە ئۇزاق زامانلاردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىچىشىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان تەبىئىي ئىچىملىكلەرنىڭ بىرى.

  دوغاپچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى. مەركىزىي شەھەرلەردىن تارتىپ يېزا – قىشلاقلارغىچە دوغاپچىلىق قىلىۋاتقانلارنى، دوغاپ ئىچىۋاتقانلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. دوغاپنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى مېۋە-چېۋە، كۆكتات، گۆش شۇنىڭدەك تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى سوغۇق ساقلاش ئامبىرى بولغان مۇزخانىنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  مۇزخانا ئادەتتە قۇرغاق، تۇپرىقى قاتتىق يەرگە كولىنىدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىن ئۈچ، تۆت مېتىر چوڭقۇرلۇقتا، كەڭلىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تۆت، بەش مېتىر بولسىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ-كىچىك قىلىپ كولانسىمۇ بولىدۇ. مۇزخانىنىڭ ئاستىغا، تۆت تەرىپىگە ياغاچلار تىزىلىدۇ. بۇ مۇز پارچىلىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈستى ئۆيگە ئوخشاش يېپىلىدۇ ھەمدە قېلىن توپا بىلەن كۆمۈلىدۇ. مۇزخانىنىڭ ئۈستىگە كۈن نۇرىنى ئۆتكۈرمەيدىغان، ئىسسىقلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان نەرسىلەر قويۇپ قويۇلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مۇزخانىنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بىر نەچچە بۆلەككە بۆلۈپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئادەتتە مۇزخانىنىڭ ئەتراپىغا قىش پەسلىدە پاكىز كۆللەردە، چوڭ ئېرىق – ئۆستەڭلەردە تۇتقان قېلىن مۇزلار پارچىلاپ قاچىلىنىدۇ. ئوتتۇرسىغا كۆكتات، مېۋە – چېۋە، گۆش ۋە ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدىغان نەرسىلەر قويۇلىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ھازىرقىدەك توڭلاتقۇ بولمىغان شارائىتتا سوغۇق ساقلاش ئامبىرى بولغان مۇزخانىنى ئىختىرا قىلىپ ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان.

  خەلقىمىز مۇزنى ئاساسىي خام ئەشيا قىلغان ھالدا ئۆز رايونىدىكى يەرلىك مەھسۇلاتلاردىن قېتىق، قايماق، شىرنە-شەربەتلەر ئارقىلىق ئۆزگىچە تەمگە ئىگە ئىچىملىكلەرنى، يەنى دوغاپ، قادا قاتارلىقلارنى ياسىغان. مۇز پارچىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، قوشۇلغان خۇرۇچلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن دوغاپنى ساراڭ دوغاپ، شىرنە دوغاپ، قايماق دوغاپ، كاشكاپ دوغاپ، شەربەت دوغاپ قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

  مۇزنى كىچىك ھەرە تىغىدا قىرىپ، قاردەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قادا ياسىلىدۇ، قادا ئادەتتە دوغاپقىمۇ سېلىنىدۇ. قادىنى قايماق قېتىق قادا، ساراڭ قادا قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

  1. ساراڭ دوغاپ- قاچىغا قادا، چوڭ-چوڭ مۇز پارچىلىرى سېلىنىپ، ئازا مىقداردا سۇ قۇيۇلۇپ، ئاندىن قېتىق بىلەن شىرنە ياكى شەربەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېتىلىدۇ.

  2. شىرنە دوغاپ- ئۈزۈم شىرنىسىدە ئېتىلىدۇ. 3. قېتىق، قايماق دوغاپ- قادا بىلەن مۇز پارچىسىغا، قايماق قېتىق ياكى قايماق قوشۇپ ئېتىلىدۇ. 4. كاشكاپ دوغاپ- گۈلە، قاق، جىگدە، چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق يەل-يېمىشلەرنى پۇراقلىق دورا-دەرمەككە چىلاپ تەمى چىققان سۈيىدە ئېتىلىدۇ.

  5. شەربەت دوغاپ- تۈرلۈك شەربەتلەردە ئېتىلىدۇ.

  تەبىئىي مۇزدا مېنرال تەركىبلەر مول بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ناھايىتى پايدىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئىي مۇزنىڭ تەننەرخى ئەرزان. گەرچە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل كۆركەم بوتۇلكىدىن ئىچىملىكلەر ئىشلەپچىقىرىلغان بولسىمۇ، دورغاپ يەنىلا تەبىئىيلىكى، دورىلىقى، ئۇسسۇزلۇقىنى باسىدىغانلىقى بىلەن ھازىرغىچە كىشىلەر ياختۇرۇپ ئىچىدىغان ئىچىملىك بولۇپ كەلمەكتە.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-10 08:12:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن .رەھمەت
ۋاقتى: 2012-8-10 10:10:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تېما ئېكەن، يەنە بارمۇ يە؟..................
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش