| ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋىتسارىيە يالاڭئاياق شىركىتى يېقىندا ئاياقنىڭ ئورنىدىكى پايپاقنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، بۇنداق پايپاقنى كىيگەندە يالاڭئاياق ماڭغانغا ئوخشاش ھېسسىياتتا بولىدىكەن. بۇنداق «شىۋىتسارىيە قوغدىغۇچىسى» ناملىق پايپاقنىڭ تېگى PVC ماتېرىيالىدىن ياسالغان بولۇپ، ئىنتايىن پۇختا ۋە ئۇزۇنغا چىدايدىكەن، يەنە تىغلىق نەرسىلەردىنمۇ مۇداپىئەلەنگىلىمۇ بولىدىكەن. پايپاقنىڭ لايىھەسى ئىنتايىن مودا بولۇپ، پەلەيگە ئوخشاش بەش بارماقلىق ئىكەن.
بۇ شىركەتنىڭ خادىمى مۇنداق دېدى: بۇنداق پايپاق يالاڭئاياق مېڭىشقا ئامراقلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك كەشپىيات بولدى، بۇنى يەنە قىياغا چىقىش قاتارلىق دالا ھەرىكەتلىرىگىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە شىركەتنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش پايپىقىنى تەتقىق قىلىپ لايىھەلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |
|