كۆرۈش: 537|ئىنكاس: 17

ساراڭلىقمۇ بولامدۇ نېمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىر دوستۇمغا تەسەللى يۈزىسىدىن يازدىم ھەرقايسى جايلاردىكى بىرەر ؟ئىش ياكى ھەركەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئوخشاپ قالسا ئەجە لىنەرلىك ئەمەس.
ساراڭلىقمۇ بولامدۇ نېمە؟
سەزگۈم

سوراپ قالدى بىركۈنى دوستۇم،
ساراڭلىقمۇ بولامدۇ نېمە؟.
دېدىم دوستۇم بۇنداق گەپلەرنى،
ئىككىنچىلەپ ھەرگىزمۇ دېمە؟

قانداقلارچە خىيالىڭ بۇنداق،
«ئەل ئالدىدا كۆلچەككە سېيمە»؟.
قارىسامغۇ ساپ –ساقلا ئۆزۈڭ،
ساراڭلارچە خىيالمۇ سۈرمە؟.

ئەجەپ دېدىڭ بۇرادەر دوستۇم،
ساراڭلىقنى ئۈگەتتىڭ ماڭا.
بىرىپ ھازىر ىسېيسەم كۆلچەككە،
ساراڭلىقمۇ يۇقىدۇ ماڭا.

ھاي،ھاي دوستۇم بۇنداق خيالنى،
سۈرۈپ يۈرمە بىر ئوبدان تۇرۇپ،
نېمىشقىمۇ ساراڭ بولغۇڭ بار،
ئۇزۇن يىللىق مۇئەللىم تۇرۇپ؟.

دېدى دوستۇم مەكتەپتە بىرسى،
ساراڭلىقنى ئوخشاتتى شۇنداق،
ئۇ قىلغان ئىش مۇئەللىملەرنىڭ،
تارىخدا بولمىغان مۇنداق.

ئەتتىگەندىن  كەچكىچە يۈرۈپ،
بىرسائەتمۇ دەرىس ئۆتمەيدۇ.
ھەتتا تۇربا ئېقىپ قالسىمۇ،
جۈمۈكىنى بىرىپ ئەتمەيدۇ.

گەپ قىلغانغا ھۆرپىيىپ تازا،
مۇشتۇمىنى تەڭلەپ قويىدۇ.
باشلىق كەلسە بىرەر ئورۇندىن،
ئالا –جوقا سۆزلەپ قويىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئىتىنى ساراڭ،
قويىۋالدى بىزنىڭ باشلىقلا.
ئەپلەشتۈرۈپ جايىنى تاپسا،
باشلىق بولدى بىزنىڭ باشلىققا.

ئىچى زەرداپ بولۇپ باشلىقنىڭ،
يىقىن كەلسە نېرى كەت دەيدۇ.
مائاش تۈگۈل مۇكاپاتنىمۇ،
تولۇق ئىلىپ،ئۆيدە يات دەيدۇ.

قاراڭ دوستۇم مۇشۇنىڭغىلا ،
ساراڭ بولغۇم كەپقالدى مىنىڭ.
جاپا تارتىپ تۆلەيمەن پاگۇەن.
ماڭا قاراپ، لىللا گەپ قىلىڭ.

شۇنداق دوستۇم مۇشۇ دۇنيادا،
يۈرىيدىكەن خىلى – خىلىدا.
غۇرۇر بىلەن ياشايدۇ ئىنسان،
ھەۋەس بىلەن ھايۋان جىنىدا.

ياشا دوستۇم ۋىجدانىڭ بىلەن،
ئەجىر بىلەن ئىشىڭ ئوخشايدۇ،
باشلىقىڭدىن گۇمان قىپ قالدىم،
ساراڭ بىلەن شىرىك ئوخشايدۇ.

2015-يىلى 14- سىنتەبىر
يىڭىسار

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-9-14 22:20:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز !دېمىسىمۇ باشلىقلار ئەسكى ھەم ئەرىزخور دىن قورقىدىغان بۇلۇپ قالدى .

باھا سۆز

شۇنداق ھەقىقەتەن شۇنداق  ۋاقتى: 2015-9-15 18:16
ۋاقتى: 2015-9-15 13:10:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەن ، كۆز تەگمىسۇن ...

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە  ۋاقتى: 2015-9-15 18:16
ۋاقتى: 2015-9-15 15:00:49يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى جانلىق سۈرەتلەپ بىرىپسىز ئاشۇنداقلارنى

باھا سۆز

سىزەڭمۇ كۆپ رەھمەت.  ۋاقتى: 2015-9-19 19:24
ۋاقتى: 2015-9-15 22:56:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت ھەقىقەتنى يىزىپىسىز ئەتراپىمىزدا ئۈنداق كىشلەر يوق ئەمەس بار بارغانسىرى ئاۋىغىلى تۇردى باشىلىقلار ئۇلارغا كوللسىنى تۇتقۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ

باھا سۆز

سڭزگە يارىغان بولسا شۇنىڭ ئۆزى چوڭ باھاغۇ رەھمەت.  ۋاقتى: 2015-9-19 19:24
ۋاقتى: 2015-9-16 13:48:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشا دوستۇم ۋىجدانىڭ بىلەن،
ئەجىر بىلەن ئىشىڭ ئوخشايدۇ،
باشلىقىڭدىن گۇمان قىپ قالدىم،
ساراڭ بىلەن شىرىك ئوخشايدۇ.
بۇ مىسرالارنى بەكلا ياقتۇردۇم ، رەھمەت ئۇستاز . داۋاملىق يېزىپ تۇرۇئۇڭ.

باھا سۆز

رەھمەت قەدىناس دوستۇم سڭزنىڭ ئىنكاسىنەڭزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم.  ۋاقتى: 2015-9-19 19:19
ۋاقتى: 2015-9-16 17:12:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۈرۈپلا  بىر  كۈلكە  قىستىغىلى  تۇرغان  ،ئەمما لىكىن  ئۇقۇپ  تۈگەتكۈچە  كۈلكەمنى پەقەت  توختىتالمىدىم  دىسە ،تازا   قاملىشىپتۇ  .  ھازىرقى  مەكتەپ  مۇدىرلىرىنىڭ  ئەدبىنى  مۇشۇنداقلار  بەرمىسە  بىكار .

باھا سۆز

رەھمەت قەدىناس دوستۇم سىزگە يارىغىنىدىن بەكمۇ خوشمەن .  ۋاقتى: 2015-9-19 19:21
ۋاقتى: 2015-9-16 18:23:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇشئېرنى ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز !،ھەم راسىت ھەقىقەتنى يىزىپىسىز  ،دېمىسىمۇ ئەتراپىمىزدا ئۈنداق كىشلەر يوق ئەمەس ، بارغانسىرى كۆپەيگىلى تۇردى .باشلىقلار ھازىر ئۇششۇق ھەم ئەرىزخوردىن  قورقىدىغان بۇلۇپ قالدى .بىر قىسىم ئادالەتسىز  مەكتەپ  مۇدىرلىرىنىڭ  ئەدبىنى  مۇشۇنداقلار  بەرمىسە  بىكار .قەلىمىڭىز ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەن ، داۋاملىق تىرىشقايسىز.

باھا سۆز

رەھمەت يىڭى ىھماننى قارشى ئالىمىز.  ۋاقتى: 2015-9-19 19:22
ۋاقتى: 2015-9-18 11:13:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خورىكى چوڭدىن قورقىدىغان قولىدىن تۈزۈك ئىش كەلمەيدىغان مۇدىرلارنى ياخشى قامچىلاپسىز.

باھا سۆز

ئىنكاس يىزىشقا قاتنىشىپسىز رەھمەت.  ۋاقتى: 2015-9-19 19:22
ۋاقتى: 2015-9-18 16:40:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقەقەتەن ياخشى يېزىلغان  شېئىركەن .قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ،خورىكى چوڭلاردىن قورقىدىغان بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ياخشى قامچىلاپسىز .يەنىمۇ ياخشى شېئىرلارنى يېزىپ تورداشلارغا سۇنۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن،.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش