كۆرۈش: 385|ئىنكاس: 0

ۇ مەن يەنىلا سىزدىنمۇ شۇنداق سۇئال سورالغانمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا     sazgum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-15 11:33  

ھۆرمەتلىك ئۇستازلار سىلەردىنمۇ شۇن داق سۇئاللار سورالغانمۇ دەپ سوراپقالدىم بەلكىم بۇ ئادەمگە نېمە بولغاندۇ دەپ ئويلاپ قالغانسىلەر ھەقىقى ئەھۋال مۇنداق.
(مەن بىر سائەتلىك دەرىستىكى رىئال ئەھۋالىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي)

بىر كۈنى باشلانغۇچ 5- يىللىق سىنىپقا دەرىس ئۆتەۋاتقان ئىدىم ئوقۇغۇچىلار دەرىس تېكىستتىنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزى چۈشىنەلمىگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قېلىپ، بىرقانچە سۇئاللارنى سورىدى .مەن ھەممىسىگە جاۋاپ بېرىپ بولۇپ يەنە سورايدىغان سۇئالىڭلار بارمۇ؟ بولمىسا دەرىسنىڭ ئاخىرىنى سۆزلەيمىز دېدىم. دەرىسخانىنىڭ ئاخىرىدىكى رەتتە ئولتۇرىدىغان بىر ئوقۇغۇچى قول كۆتۈرۈپ، مۇئەللىم ئاشۇق - مەشۇق دىگەن نېمە؟ دەپ سوراپ قالدى .،بىرقانچە ئوقۇغۇچى بۇنىڭغا جاۋاپ بەرمىسىلە مۇئەللىم دەپ چۇقىراشتى.مەن بىر ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ ئويلىدىميۇ دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم.ئارىلىقتا ئوقۇغۇچىلار ماڭا قاراپ تۇرۇشۇپ قالدى.مەن دەرھال ئۆزەمنى تۇتىۋىلىپ،سەۋېرچانلىق بىلەن بىلگىڭ بارمىدى؟ قارا بالام،ئادەم ئالمىنى يەمدۇ،ئالما ئادەمنى يەمدۇ ؟ دەپ سورىدىم ئوقۇغۇچى: ئەلۋەتتە ئادەم ئالمىنى يەيدۇ دەپ جاۋاپ بەردى.مەن يەنە: ئۇنداقتا ئادەم ئالمىغا ئېھتىياجلىقمۇ؟   ئالما ئادەمگىمۇ ؟دەپ سورىدىم.ئوقۇغۇچى ئادەم ئالمىغا دەپ جاۋاپ بەردى. ياخشى دېدىم مەن سەل روھلىنىپ،ئۇنداقتا ئادەم ئالمىغا ئاشىق،ئالما ئادەمنىڭ مەشۇقى بولىدۇ.چۈشەندىڭمۇ؟يەنە قارا تۆمۈر ماگىنىتنى تارتامدۇ ،ماگىنىت تۆمۇرنىمۇ؟ دەپ سورىدىم ئوقۇغۇچىلار بىردەك ھەر ئىككىسى بىر بىرىنى تارتىدۇ دەپ جاۋاپ بەردى جاۋاپ توپ توغرا بولمىسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنداقتا بۇ ئىككىسى بىر بىرىگە ئاشىق ئىكەن دەپ جاۋاپ بىرىپ ئوقۇغۇچىلاردا بىر خىل توغرا بولغان قاراشنى تۇرغۇزدۇم دەپ ئويلاپ تۇرغىنىمدا،ئوقۇغۇچىلار ئاشۇق -مەشۇقلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ كەتتى.ئادەتتە كۆپ گەپ قىلمايدىغان جىمغۇر بىر ئوقۇغۇچى قول كۆتەردى مەن مۇشۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قول كۆتەرگىنىدىن بىرئاز خۇرسەن بولدۇمدە رۇخسەت قىلدىم باشكىلارمۇ بۇ جىمغۇر ئوقۇغۇچىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى.مۇئەللىم  پۇل بىزگە ئاشۇقمۇ،بىز پۇلغا ئاشۇقمۇ؟دەپ سورىغان ھېلىقى ئوقۇغۇچىنىڭ سۇئالى ھەممىمىزنى كۈلدۈرىۋەتتى .مەن ناھايىتى ياخشى سورىدىڭ بالام ئەگەر پۇل بىزگە ئاشىق بولسا قانداق بولاتتى؟ دەپ ياندۇرۇپ سورىدىم ھەممە ئوقۇغۇچىلار  ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشتى.مەن شۇنداق ئەگەر پۇل بىزگە ئاشىق بولغان بولسا بىز پۇل تاپىمىز دەپ ئاۋارە بولمايتتۇق،بىز جىم تۇرىۋالساقمۇ پۇل يانچۇقىمىزغا ئۆزلىكىدىن كىرىۋېرەتتى،ئەپسۇس بىز پۇل تاپىمىزدەپ جاپا تارتىپلا يۈرىيدىكەنمىز شۇنداقمۇ؟ ئوقۇغۇچىلار شۇنداق دەپ تەڭلا ۋاقىراشتىئۇنداقتا دەپ بىقىڭلار بىز پۇلغا ئاشىقمۇ ،پۇل بىزگىمۇ ؟ دەپ سورىدىمئوقۇغۇچىلار بىردەك بىز پۇلغا ئاشىق،پۇل بىزنىڭ مەشۇقىمىز دەپ جاۋاپ بىرىشتى.دىمەك؛ بىزنىڭ ئىھتىياجىمىز نېمىگە چۈشسە شۇ بىزنىڭ مەشۇقىمىز ، بىز شۇنىڭغا ئاشىق بولىمىز.ئەمدى ئويلاپ بېقىڭلار ۋەتەن بىلەن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز قانداق دەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە يېتەكلەپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ قويدۇميۇ كۆڭلۈم يەنىلا ھىلىقى سۇئال ۋە شۇ توغرىدا بىرىلگەن جاۋاپلاردا قالدى.قوڭغۇراق چىلىندى،ئىشخانىغا چىقىپ ئوقۇتقۇچىلاردىن سىلەردىنمۇ شۇنداق سۇئال سورالغانمۇ دەپ سورىدىم،ئوقۇتقۇچىلار ئەتراپىمغا ئولاشتى .ھېچكىمدىن مۇشۇ چاققىچە بۇنداق سۇئال سورالمىغان ئىكەن.ئوقۇتقۇچىلار مىنىڭ قانداق جاۋاپ بەرگىنىمگە قىزىقىشتى مەن جەرياننى سۆزلەپ بەردىم .بەزىلەر مەندىن شۇنداق سۇئال سورىسا بىرنەرسە دېيەلمەسكەنمەن ،دېيىشسە بەزىلەر بۇنداق سۇئالغا جاۋاپ بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ بىراقلا گەپنى ئۈزدى ،يەنە بەزىلەرتوغرا بوپتۇ ياخشى جاۋاپكەن دېيىشتى ئەمما مەن كۆڭلۈمدە تازا قانائەت ھاسىل قىلالماي مۇنبەردە سىلەربىلەن بۇ سۇئالنى ئورتاقلاشماقچى بولدۇمباشلانغۇچنىڭ 5- يىللىقىدىكى 11-12 ياشلىق بالىلارغا زادى قانداق جاۋاپ بىرىش كېرەك؟ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قانداق قىلىپ ئىلمىيۆلىنىشكە بۇراش كېرەك ؟دېگەن مەسىلە ھازىرمۇ كاللامنى ئارام ئالغۇزمايۋاتىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش