| 30-ئىيۇل ، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا . شۇ كۈنى ، بۇ مەنزىرە رايونىدىكى چوڭ ئالتۇن گۈرزە شەكىللىك تېرمومېتىر يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ℃78 ئىكەنلىكى كۆرسەتتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى ، 30-ئىيۇل ، جۇڭگو ھاۋارايى ئىدارىسى پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ئاپىتى (يۇقىرى تېمپېراتۇرا) Ⅱ دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سېگنالىنى تارقاتتى ، بۇ يەنە تارىختىن بۇيان ئېلىمىز ھاۋارايى تارماقلىرى تارقاتقان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش سېگنالىدۇر . ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋارايى ئىستانسىسى ئۇدا بەش كۈن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاگاھلاندۇرۇشى تارقاتتى . بۈگۈن (31-ئىيۇل) كۈندۈزدىن 3-ئاۋغۇستقىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمى ، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقىدا يەنىلا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى داۋاملىشىدىكەن . مۇشۇ جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃35 قا يېتىدىكەن، چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە بەزىدە قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيە (قارمۇقارشى ئېقىش) ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن .
مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |

|