كۆرۈش: 485|ئىنكاس: 3

ئات ئىزدەش ھۈنىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ئات ئىزدەش ھۈنىرى
   


     كودىيە تۈركىيەنىڭ پاراسەتلىك ئادەملىرىدىن ئىكەن. بىر قېتىم ئۇ كارۋان بىلەن بىر ئۆتەڭگە چۈشۈپتۇ. كەچتە ئۇ كارۋاندىكىلەر بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىشىپتۇ، ئۇسسۇل ئوينىشىپتۇ، كۈلكىلىك پاراڭ قىلىشىپتۇ. كارۋاندىكىلەر ئۇنىڭ قىزىق – قىزىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپ، بەس – بەس بىلەن ئۇنىڭغا ھاراق تۇتۇپتۇ. كودىيە خۇشال بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى تونۇشقان دوستلارنىڭ كۆڭلىنى ئايىغانلىقى ئۈچۈن، كەلگەن رومكىنى قايتۇرماي ئىچىۋېرىپتۇ. ئاخىرىدا، ھاراق كۆپ ئىچىلىپ كەتكەچكە، ھەممەيلەن مەس بولۇپ كېتىپتۇ.
      كودىيە ئىككىنچى كۈنى كۈن چىققاندا ئويغىنىپتۇ.
      – ئاپلا، بىر دوستۇم بىلەن بىر ئىش ئۈچۈن شىمالىي تاغقا چىقىشقا ۋەدىلىشىپ قويغانىدىم، – دەپتۇ – دە، ئورنىدىن تۇرۇپ، چاپىنىنى يېپىنىپ، ئېتىنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۇدۇل ئاتخانىغا مېڭىپتۇ.
      بىراق، تۈنۈگۈن كەچتە ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتىنى كارۋاندىكىلەرنىڭ ئېتى بىلەن قوشۇپ باشلىغانىكەن. بۇ ئىككى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ئۆزىنىڭ دىقماققىنا كەلگەن جەدە ئېتىنى ئىزدەپتۇ. قارىسا ئۇنىڭ كۆزىگە دىقمان كەلگەن بۇنداق جەدە ئاتتىن بىرنەچچىسى كۆرۈنۈپتۇ. بۇنىڭغا قارىسىمۇ ئەمەس، ئۇنىڭغا قارىسىمۇ ئەمەس، بېشى تازا قېتىپتۇ.
      ‹‹شۇنچە كۆپ ئاتنىڭ ئىچىدىن ئۆزەمنىڭ ئېتىنى قانداق تېپىشىم كېرەك؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت دېگەن ساقلاپ تۇرمايدۇ، چۈشتىن بۇرۇن بىرنەچچە ئون چاقىرىم يول يۈرۈشۈم كېرەك.›› كودىيە ئويلا – ئويلا، بىردىنلا بىر ئەقىل كەپتۇ: توغرا، كارۋاندىكى دوستلارنى ياردەمگە چاقىرىشىم كېرەك.
      ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا ئاخشىمى ياتقان ئۆيىگە قايتىپتۇ – دە، تاتلىق ئۇيقۇدا ياتقان دوستلارغا قاراپ:
      – بۇرادەرلەر، قايسىڭلارنىڭ ئېتى يوقالدى؟ – دەپ ۋارقىراپتۇ.
      بۇ ۋارقىراشتىن ئويغىنىپ كەتكەن كارۋاندىكىلەر كەينى – كەينىدىن ئاتخانىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئاتلىرىنى يېشىپ چىقىپتۇ. ئاخىرىدا بىرلا ئات قاپتۇ، كودىيە قارىسا ئۆزىنىڭ ئېتى شۇ.
      ئۇ سەكرەپ ئېتىغا مىنىپ، خۇشال ھالدا دوستلىرىغا دەپتۇ:
      – كەچۈرۈڭلار، چۈشۈڭلارنى بۇزۇۋەتتىم، ئېتىمنى تېپىشىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت.
      كارۋاندىكىلەر خۇشال ھالدا ئۆز يولىغا راۋان بولغان كودىيىگە قاراپ، ئاخىرى بۇ ئىشنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ.
      – سەنزە، قالتىس نېمىدە! – دېيىشىپتۇ ئۇلار.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-10 16:19:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرڭىزگە رەھمەت.ياقتۇردۇم.
ۋاقتى: 2012-8-10 16:23:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم، جاپا چىكىپسىز.............
ۋاقتى: 2012-8-13 09:29:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئات ئىزدەشتە بولىدىغان ئامال ئىكەن بۇ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش