كۆرۈش: 1201|ئىنكاس: 9

تېپىشماقلار

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تېپىشماقلار


1. گېزى كەلسە ئىنسانغا قان ئۇ،
گېزى كەلسە ھەتتاكى جان ئۇ.

2. قاراڭغۇدا كۆرۈنەر،
تاڭ ئاتقاندا مۆكۈنەر.

3. توختىمايدۇ ماڭىدۇ،
بېرىدۇ ھەم ئالىدۇ.

4. يۈزى ئوتتا قىزىرار،
ئادەم ئاڭا ئىنتىزار.

5. قىزىل، قارا قېنى بار،
قەغەزلەردە ئىزى بار.

6. تېپىپ ماڭساڭ يورغىلار،
ئۇزۇن يوللار قىسقىرار.

7. ئوت كۆيمەيدۇ تېگىدە،
چاي قاينايدۇ ئىچىدە.

8. ئۈستىدە بار قاتمۇ قات تونى،
كىم سالدۇرسا يىغلىتار شۇنى.

9. تېشىدا قاتتىق چاپان بار،
ئىچىدە قىزىل مارجان بار.

10. چېچەك ئاچماي بېرىدۇ مېۋە،
«شاخ مانتىسى مېۋىسى» دەۋە.

11. بويى ئېگىز، قولى مىڭ، كۆپتۇر قۇلىقى،
بودەك - بودەك «ئاق مارجان»دۇر گويا مېۋىسى.

12. ئۆزى يۇمىلاق قىزىل مارجان،
ئاجىز تەنگە بولار ئۇ قان.

13. ئاق چېچەكنى تاشلىۋەتسە ئانىسى،
سېرىق ياغقا ئايلىنىدۇ بالىسى.

14. يېسەڭ تاتلىق «گۆشى»بار،
قوي، توخۇغا «يېمى» بار.

15. تېشى يېشىل ئىچى قىزىلدۇر،
ئېتى تاتلىق قانغا كېپىلدۇر.

16. رەڭگى سېرىق، گاھىدا قىزغۇچ،
پولۇ ئۈچۈن بىردىنبىر خۇرۇج.

17. باش ئالىدۇ يەرنىڭ تېگىدە،
قۇۋۋەت قىلىدۇ گۆش بىلەن يېسە.

18. ساڭگىلايدۇ باراڭ ئاستىدا،
يالتىرايدۇ ئوخشاپ ياقۇتقا.

19. جېنى باركى، پۇتى يوق، لېكىن تېز ماڭار،
بارچە تەشنا - ئۇسسۇزلارغا ئەجەبمۇ ياقار.

20. «گۈر - گۈر» قىلىپ ئۈنلەيدۇ،
بەرگىنىنى «ئۇن» دەيدۇ.

21. يازدا ئۈنچە - سۇ تۆكەر،
قىشتا ئاپپاق ئۇن تۆكەر.

22. يازدا زىننەت دەرەخكە،
كۈزدە سەپەر لەھەتكە.

23. كەچ بولسىمۇ ئۇچالايدۇ،
مەنزىل تامان قونالايدۇ.

24. ئۆزى يەردە بېلى مەھكەم باغلاغلىق،
لېكىن ئۆيلەر كۈندە پاكىز تازىلاغلىق.

25. چېقىلساڭ جىم تۇرمايدۇ،
نەشتەر ئۇرماي قالمايدۇ.

26. غىڭ - غىڭ قىلىپ يىغلايدۇ،
قونسا قاننى شورايدۇ.

27. سۇ ئىچىدە، ئېتىز - قىرلاردا
نەغمە قىلار دالا، باغلاردا.

28. كۈندۈزى خور-خور ئۇخلايدۇ،
كېچىسى چاشقان ئوۋلايدۇ.

مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-14 16:10:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-15 16:33:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-18 06:30:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-18 06:30:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-25 05:30:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-13 10:58:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-11 14:10:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-11 17:38:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-26 18:01:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

جابدۇقپاش قىلىش

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش