كۆرۈش: 326|ئىنكاس: 1

مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تۈرگە ئايرىشى مەنئى قىلىنىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ كونكىرېت ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە ئوقۇتۇشقا ئارىلىشىشى چەكلىنىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «مەكتەپلەرنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش، زامانىۋى مەكتەپ قۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى (پىكىر ئېلىش لايىھەسى)» دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: مەكتەپلەرنىڭ جەرىمانە تەسىس قىلىشىغا ياكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان باشقا جازالاش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ تەن جازاسى بېرىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش، ئىنسانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش، قانۇنغا خىلاپ قالايمىقان ھەق ئېلىش ھەم مەكتەپلەرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى ئوقۇغۇچىلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىش قاتارلىق ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى چەكلىنىدۇ.

  لايىھەگە ئاساسەن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر يىللىقلار ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئاتا - ئانىلار كومىتېتىنى تەسىس قىلىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ فورمىسى سېتىۋېلىش، دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى زاكاز قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇش، ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان پائالىيەتلەردە، مەكتەپ ياكى ئوقۇتقۇچى تەكلىپ بېرىش ۋە تاللاش لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ئىزاھات بېرىپ، ئاتا - ئانىلار كومىتېتىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

  لايىھەدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: مەكتەپلەر ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تۈرگە ئايرىش، پەرقلەندۈرۈش ۋە كەمسىتىش تۈزۈملىرىنى بىكار قىلىشى كېرەك. مېيىپلەر ۋە ئاجىزلارنىڭ مائارىپتىن باراۋەر بەھرىلىنىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تۈرلۈك سەۋەب بىلەن مېيىپ، ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلماسلىق كېرەك.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-10 09:50:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلارنى تۈرگە ئايرىش مىنىڭچە ياخشى ئىش ئەمەس مەن مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتتا مەن قوش تىل سىنىپتا ئوقۇغان، مەكتەپتە قوش تىل سىنىپ، ئادەتتىكى سىنىپ، كەسپى سىنىپ ئايرىلاتتى.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش