كۆرۈش: 680|ئىنكاس: 1

كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ تەرجىمىھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

      
كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ تەرجىمىھالى


   


ياش ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ئەدەبىي تەنقىدچى كېرىمجان ئابدۇرېھىم 1965 - يىل 10 - ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تاشمىلىق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1982 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1986 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆزى ئوقۇغان فاكۇلتېتتا  ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.

كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقات پائالىيىتى 1985 - يىلى ئېلان قىلىنغان «<تاھىر - زۆھرە> داستانىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا» ناملىق تەتقىقات ماقالىسى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ئۇيغۇرلاردا مۇھەببەت قوشاقلىرىنىڭ قەدىمىيلىكى توغرىسىدا»، «ھازىرقى − بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»، «ئىزلەنمە ھېكايىچىلىقىمىز ھەققىدە»، «ھېكايىلىرىمىزدە سىمۋول»، «بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدا پروزىچىلىقنىڭ ئورنى»، «ئەدەبىيات رېئاللىقى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى» قاتارلىق 80 پارچىغا يېقىن ئىلمىي، ئەدەبىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.

كېرىمجان ئابدۇرېھىم يەنە «ئەدەبىيات ۋە تەسۋىر» ناملىق كىتابنى تۈزۈشكە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى» كىتابىنى يېزىشقا قاتناشقان. «بۇرۇت ماجىراسى» ناملىق ئىزلەنمە ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشرگە تەييارلىغان، «پروزچىلىقنىڭ يېڭى قوللانمىسى»، «شېئىرىيەتنىڭ يېڭى قوللانمىسى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزگەن.

كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ «يېڭىچە ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى» (1993 - يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەنقىدچىلىك مەسىلىلىرى» (1996 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.

كېرىمجان ئابدۇرېھىم ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

(مەنبە:  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 5- كىتەبنىڭ «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.  2012-6-22  )   



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-9-10 17:19:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ  تىنىگە سالامەتلىك  بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخمۇ زور  شان-شەرەپ تىلەيمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش