پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3024 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر تۈنۈگۈن 09:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قاراقاش ناھيىسى مائارىپنى ھەرقايسى  يېزا بازارلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ .مائارىپ بىرخىل ھالەتكە چۈشىۋاتىدۇ.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىز چاپچىپ تۇرغان تايلاق بولساقمۇ،جەمىئەت سوزۇلۇپ ياتقان يايلاق ئەمەس.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلگىنىڭنى ئايىما،بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ كايىما.

  • amankol 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالتۇن ساپلىقى بىلەن قىممەتلىك، قىزلار پاكلىقى بىلەن قىممەتلىك.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆز كۆرگۈچى،دىل تونوغۇچىدۇر.

  • زەپەر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى سىياسىي ئۈگۈنۈش باشلاندى.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىشى يۇرتىداسۇلتان بولغىچە،ئۆزيۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇدۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز يىشى بىلەنمۇ تولغان.

  • tursunjan ئۈلۈشكۈن 17:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ مۇنبەر مىنىڭ تىمامنىلا ئۆچرەشكە ئامراق بوپ قاپتۇ

  • amankol 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىدىن ئۈگەن، ياماندىن يىرگەن

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆزىنى بىلىشتە.

  • ئامان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاياللار بۇزۇلسا ھاياسىزلىشىدۇ، ئەرلەر بۇزۇلسا ۋاپاسىزلىشىدۇ.

  • ilghar 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنساننىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەنلىك،ئىنسانغا كېرەكتۇر ئامان .

كۆرۈش: 182|ئىنكاس: 1

ئەنەيتۇللا قۇرباننىڭقىسقىچە تەرجىمىھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

141

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

يوقلىما
7
قىزغىنلىق
49 سەر
تىللا
17 دانە
تۆھپە
13 سەر
شۆھرەت
11 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 17:59:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  

. ئەنەيتۇللا قۇرباننىڭقىسقىچە تەرجىمىھالى   

ئەنەيتۇللا قۇربان 1958 - يىل 1 - ئايدا توقسۇن ناھىيىسىنىڭ ئىلانلىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىتوقسۇندا ئوقۇغان. 1978 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغائوقۇشقا كىرگەن. 1983 - يىل 2 - ئايدا ئوقۇشنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان.  ئۇھازىرغا قەدەر بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ، دوتسېنت.

ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1979 - يىل 10 - ئايدا، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق نەسرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن «تارىم»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «تەڭرىتاغ»، «تۇرپان»، «ئىلى دەرياسى»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى»، «شىنجاڭ خەلق رادىئوئىستانسىسى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «مايبۇلاق» قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇنىڭ 350 پارچىدىن ئارتۇق نەسر، شېئىر، ھېكايە، بالىلار ئەسەرلىرى، تېپىشماق، چۆچەكلىرى، شۇنداقلا بىر قىسىمتەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە «كېپىنەك» ناملىق ناخشا تېكىستى 1987 - يىل 7 - ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن 3 - دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، «قېنىمىز ئوخشاشلا قىزىل، ئوخشاشلا قىزىق» ناملىق نەسرى 1990 - يىل 10 - ئايدا ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى» غا، «نۆل» ناملىق نەسرى 1995 - يىل 4 - ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «قۇياشقا تۇتاشقان ئويلار» ناملىق نەسرى 2003 - يىل 8 - ئايدا 12 - نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ مەكتىپىدە قالغاندىن كېيىن باشتىن - ئاخىر ئوقۇتۇشتىن ئايرىلمىدى، ئوقۇتۇشنى ئاساس، تەتقىقاتنى قوشۇمچە قىلىش بىلەن بىللە، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە تاشلاپ قويمىدى. نۇرغۇن دەرسلەرنى يېڭىدىن ئاچتى. بۇجەرياندا «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «يېزىقچىلىق ئاساسلىرى»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئەمەلىي يېزىقچىلىق»، «ئىقتىساد يېزىقچىلىقى»، «ئەدەبىي يېزىقچىلىق»، «مەمۇرىي خەت - ئالاقە يېزىقچىلىقى»، «كاتىپلىقئىلمى»، «كاتىبات يېزىقچىلىقى»، «ئۇيغۇر نەسرچىلىكى تەتقىقاتى»، «سۆز قابىلىيىتى ۋە ناتىقلىق»، «پىلانلاش ئىلمى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يېزىقچىلىقى»، «كىنو - تېلېۋىزىيە سېنارىيىسى ئىجادىيىتى»، «داڭلىق كىنولاردىن زوقلىنىش» قاتارلىق دەرسلەرنى ئاچتى ۋە ئۆتۈپ كەلدى. ئۇ يەنە «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە قاتناشتى. «يېزىقچىلىقنىڭكونسۇلتاتسىيە كىتابى» نى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى.

ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، «<يىللارغا جاۋاب> نىڭئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممىتى»، «ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقىنىڭ دەسلەپكى ناماياندىسى»، «تارىخىيچىنلىقنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى»، «ئەقلىيە سۆزلىرى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» قاتارلىق 50 پارچىگە يېقىن ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرقىسىم ماقالىلىرى مۇكاپاتلاندى. «تارىخىي چىنلىقنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى» ناملىقماقالىسى 1992 - يىلى مەملىكەت بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ «لىرىكسۇژىت ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن 1997 - يىل 8 - ئايدا 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىلمىيماقالىلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987 - يىل 12 - ئايدا نەشر قىلغان «ئابدۇخالىقئۇيغۇرنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا تۇتقان ئورنى ۋە رولى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1995 - يىل 7 - ئايدا نەشر قىلغان «ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»، 2001 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلغان «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلدى.

ئەنەيتۇللا قۇربان ھازىر جۇڭگو تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىيجەمئىيىتى، جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

(مەنبە:  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 1-كىتابنىڭ «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇتۇش قوللانمىسى» دىن ئېلىندى. )   

( مىڭ ئەپسۇس، بۇ تونۇلغان نەسىرچى، مائارىپچى ئەنەيتۇللا قۇربان  2011- يىلى ئىيۇلدا دەرسخانا مۇنبىرىدە يىقىلىپ،  داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 53 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!!! )   

11

تېما

0

دوست

141

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
49 سەر
تىللا
17 دانە
تۆھپە
13 سەر
شۆھرەت
11 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 20:02:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتېرىيال يوللىغۇچىنىڭ شۇ ماتېرىيال بېتىگە قايتا ئېچىپ كىرىپ تەھرىرلەش (بايقىغان خاتالىقىنى تۈزىتىش) ئىمكانىيىتى (ھوقۇقى) بېرىلسە بولاتتىكەن.   
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-1-19 05:22, Processed in 0.211725 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش