ئالا ئىت قىياسى
(پوۋېستتىن پارچە)
چىڭغىز ئايتماتوف
ئالا ئىت قىياسى قولتۇقىنىڭ يېنىدىكى يېرىم ئارالسىمان تاغ قاپتىلىدا دېڭىزغا سىڭايان بىر قىيا كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. دەرھەقىقەت، يىراقتىن قارىماققا ئۇ دېڭىز بويىدا ئوقتەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بەھەيۋەت ئالا ئىتنىڭ بەئەينى ئۆزى. ئۇنىڭ بېلىدە يول - يول چاتقاللار بار. بېشىدىكى تۇرۇپ قالغان ئاق قارلار (يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدىمۇ ئېرىمەيدۇ) بەئەينى ساڭگىلاپ تۇرغان قۇلىقى، قورسىقىدىمۇ (تەسكەيدىكى ئويمان جاي) بىر تال ئاق بار. ئەتراپتىكى يىراق - يىراق جايلاردىن، مەيلى دېڭىز ياكى ئورمان ئارىسىدىن بولسۇن، ھەممىلا يەردىن بۇ ئالا ئىت قىياسى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەن چاغ، نىۋخى لارنىڭ بىر كېمىسى ئالا ئىت قىياسىدىن دېڭىزغا قاراپ يولغا چىقتى. كېمىدە ئۈچ ئوۋچى، بىر بالا بار ئىدى. ياش ھەم قاۋۇل ئىككى ئەر ئىككىدىن پالاق تۇتقان، كېمە قۇيرۇقىدا ئولتۇرغان بوۋاي غاڭزىسىنى ئالدىرىماي شورىغىنىچە رول باشقۇرماقتا. كېمىنىڭ تۇمشۇقىدا ئولتۇرغان قارا كۆز، 11 − 12 ياشلاردىكى بالا چوڭلارغا لايخورەككە ئوخشاش پات - پات قاراپ قوياتتى. بوۋاي كايىپ كەتمىسۇن، دەپ ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇراتتى. ئۇ ناھايىتى خۇشال، ھاياجاندىن بۇرۇن تۆشۈكلىرى لىپىلداپ، يۈزىدىكى سۇس سەپكۈنلەر تېشىغا تېپىپ چىققانىدى. بۇ، ئاپىسىدىن قالغان ئىرسىيەت، ئاپىسىمۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتكەن چاغلىرىدا يۈزىدىكى سۇس سەپكۈنلىرى شۇئان تېشىغا تېپىپ چىقاتتى. بۇ سەپەر ئۇنىڭ ئوۋچىلىق ھاياتىنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا خۇشاللىقتىن قىن - قىنىغا پاتماي قالغانىدى ھەم بېشىنى لايخورەكتەك ئۇياق - بۇياققا تولغاپ، زور ھەۋەس، كۈچلۈك تەلپۈنۈش بىلەن ئەتراپىغا كۆز تاشلايتتى. مانا، قىرىسىق چوڭ بولۇپ تۇنجى قېتىم، ئەجدادلىرىدىن قېپقالغان كېمىدە ھەقىقىي ئوۋچىلار بىلەن پايانسىز دېڭىزغا ئوۋ ئوۋلىغىلى كېتىپ بارىدۇ. قىرىسىق ئالا ئىت قىياسىنىڭ بويىدا ئوينىغان چاغلىرىدا كۆرگىنى بىلەن دېڭىزنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ھەتتا ئۇنىڭ كېمىگە چۈشكەن چاغدا كۆرگىنى بىلەنمۇ قىلچە ئوخشىمايتتى. بۇ ئۇنى تاڭ قالدۇردى. بۇنى ئۇ كېمە دېڭىز قولتۇقىدىن لەپپىدە دېڭىزغا چىققان چاغدىلا بىلىپ بولغانىدى. دېڭىز بىلەن ئاسمان تۇتىشىپ كەتكەن كۆز يەتكۈسىز بۇنداق مەنزىرىنى ئۇنىڭ تېخى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى. پايانسىز دېڭىز قىرىسىقنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ بۇنداق مەنزىرىنى كۆرىمەن دەپ خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. ئەتراپنىڭ ھەممىسى ئەسەبىيلەرچە داۋالغۇپ تۇرغان سۇ، گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسىيىپ تۇرغان شاش دولقۇنلار. بۇ يەردە كىشىلەرنى ۋەھىمىگە سالىدىغان تەگسىز قاراڭغۇ، چوڭقۇر بىر ھاڭلا بار. بۇ يەردە ئاسمان − قول يەتمەيدىغان ئاپئاق بۇلۇتلار مەيىن ئۈزۈپ يۈرگەن ئاسمانلا بار. مانا بۇ پۈتكۈل دۇنيا. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە يوق، قىشمۇ يوق، يازمۇ يوق، ئېدىرمۇ يوق، سايمۇ يوق. پۈتۈن جاھاننىڭ ھەممىلا يېرى سۇ. ئۇلار شىددەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. توسۇن ئاتتەك بىر تەشنالىق ئۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلىنغان جايغا تېزرەك ئۈزۈپ بېرىشقا دەۋەت قىلماقتا … ئۇلار تيۇلېن ئوۋلىغان چاغدىلا دېڭىز ئۆزگىرىشكە باشلىغانىدى. مانا ئەمدى دولقۇنلار بارغانچە كۈچەيگىلى ھەم زورايغىلى تۇردى. دېڭىز ئېقىنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك، لېكىن شامالنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرگەن. كېمە بارغانچە قاتتىق داۋالغۇماقتا. بولۇپمۇ ئوۋچىلارنى ئەڭ ساراسىمىگە سېلىۋاتقىنى يەنىلا ھاۋا ئىدى. بۇ ھاۋاغا نېمە بولغاندۇ؟ باھار پەسلى تۇرسا، ھاۋادا غەلىتە نەرسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنى نېمىسى؟ بىر خىل چاڭ - توزان يىراقتىكى ئوت كەتكەن قاراڭغۇ ئورماندىن كېلىۋاتقان ئىستەك يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە، كۆكۈچ پەردىگە ئوخشاش ئاسمانغا يېيىلماقتا ئىدى. گەرچە بۇ تۇمان ئاسماننىلا قاپلاپ ئۇلارنىڭ يولىغا توسقۇنلۇق قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى غەم بېسىشقا باشلىدى. − نەدىن كەلگەن تۇماندۇ بۇ؟ − دېدى ئورگان ئەتراپىغا نارازىلىق بىلەن قاراپ قويۇپ ئۆز - ئۆزىگە. ئۇلار ئالدىراش پالاق ئۇراتتى، ھەربىر پالاق ئۇرغاندا ئوتتۇرانچى كۆكرەك ئارىلىغا كەلدۇقمىكىن دەپ ئالدىغا قارايتتى. ئۇ، ئۈچ كۆكرەك ئارىلى ئىچىدىكى ئەڭ قۇلايلىق، ئەڭ ئىشەنچلىك جاي ئىدى. قارامتۇل كۈل رەڭ قويۇق تۇمان خۇددى غايەت زور سېپىلغا ئوخشاش، ئۇپۇقنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك توسۇۋالغان، دېڭىز بويلاپ ئۇلار تەرەپكە شىددەت بىلەن يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئەنە، تۇمان دېڭىزدا زور قايناملارنى ياساپ ئەسەبىي شىردەك ئېتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى كېمە، كېمىدىكىلەر، كۆرۈنۈپ تۇرغان ۋە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان جىمى مەۋجۇداتنى يۇتۇۋېتىش. تۇمان دەل ئۇلار ئارال دەپ خاتا ئويلاپ قالغان ھېلىقى جايدىن كېلىۋاتاتتى. ئۇ دەل قىرىسىق تۇنجى بولۇپ بايقىغان ھېلىقى تۇتۇق، جىمجىت نەرسە ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ جاھاننى بىر ئېلىپ ئۇلارغا ئۈن - تىنسىز بېسىپ كەلمەكتە ئىدى. − ئاۋۇنىڭغا قاراڭلار! ئاۋۇنىڭغا قاراڭلار! − قىرىسىق ئەنسىزلىك بىلەن ۋارقىراپ كەتتى، چوڭلار قاتتىق چۆچۈپ كېتىشتى. كېمىمۇ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ ئىرغاڭلاپ كەتتى. دەل شۇ پەيتتە قويۇق تۇمان ئارىسىدىن زور دولقۇنلار شىددەتلىك گۈركىرەپ ئېتىلىپ چىقىپ كەلدى. تاغدەك - تاغدەك دولقۇنلار ئۇلارغا سۈر - ھەيۋە بىلەن باستۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. − بېشىنى بۇراڭلار! − جان - جەھلى بىلەن ۋارقىرىدى ئورگان، − كېمىنى ئارقىغا بۇراڭلار! كېمىچىلەر ئەمدىلا كېمىنى دولقۇنغا توغرىلاپ تۇرۇشىغا تۇنجى بولۇپ يېتىپ كەلگەن زور دولقۇن كېمىنى ئۆرۈۋەتكىلى قىل قالدى. دولقۇنلار ئەسەبىيلەرچە ئوقچۇيتتى. سۇ شىددەتلىك داۋالغۇيتتى، تۇمان قۇيۇنتازدەك تولغىنىپ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتاتتى. شۇندىلا ئۇلار تۇماننىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ۋە رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى بىلدى. − شامال يۆنىلىشىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار! شامال يۆنىلىشىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار! − ئورگان ۋارقىراپ تۇرۇشىغا ھەممە نەرسە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدى. تۇمان كۆچكەن قاردەك باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇلار بىردىنلا قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە سولىنىپ قالغاندەك بولدى. كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئۆزلىرىنى باشقا بىر دۇنيادا كۆردى. ھەممە نەرسە كۆزدىن يىتتى. ئاسمان، دېڭىز، كېمىنىڭ ھەممىسى تۇمان ئىچىدە قالدى. ھەتتا بىر - بىرىنىڭ چىرايلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرەلمىدى، خاتىرجەملىكى بۇزۇلۇپ ۋەھىمە باستى. دېڭىز گۈركىرىمەكتە، كېمە دولقۇنلارنىڭ زەربىسىدىن گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسەيمەكتە ئىدى. چاچراپ چىققان سۇدىن كىيىملىرى ھۆل بولۇپ ئېغىرلىشىپ كەتتى. ھەممىدىن يامىنى، تۇماندا ھېچنېمىنى كۆرگىلى، نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى، قانداق تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئەمدى ئۇلارغا كېمىنى ئۆرۈلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال قالمىغانىدى. كېمىنى قايسى تەرەپكە ھەيدەشتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دولقۇنلار ئۇلارنى نەلەرگە ئاپىرىپ قويىدۇ، تۇمان قاچان تارايدۇ، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. دېڭىز تىپتىنچ، ئەتراپنى گۆرىستان جىمجىتلىقى باسقان، كېمە مەيىن دولقۇنلاردا ئاستا تەۋرىنىپ تۇرىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ بارغۇدەك جايى، ماڭغۇدەك يولىمۇ يوق. پالاقلار سۇدا لەيلەپ تۇرىدۇ. ئەمرايىن بىلەن مېلگۇن ھېرىپ ھېچ ماغدۇرى قالمىغان، پالاق ئۇرغۇدەك كۈچىمۇ يوق، ئۆلۈكتەك ئۇخلىماقتا. دېڭىزدا ئازراقمۇ شامال يوق، قاراڭغۇلۇقتا ھەممە نەرسە قېتىپ قالغاندەك ئېغىر سۈكۈتكە پاتقان، دېڭىز تىمتاس، تۇمان تىپتىنچ. كېمە سۇغا «قۇلۇپلىنىپ» قالغان. بارغۇدەك جايى … ماڭغۇدەك يولىمۇ يوق… بوۋاي غەم - ئەندىشىلەر ئىچىدە كېمە قۇيرۇقىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ، بىلمەيلا ئۇخلاپ قالدى. قىرىسق ئۇنى ئويغاتتى. − بوۋا! بوۋا! − دېدى قىرىسق ئۇنى ئىرغىتىپ، − ئۇسساپ كەتتۇق. بوۋاي ئويغاندى. ئۈچ قېرىندىشى ئۇنى چوڭ بىلىپ كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. دېمەك، ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش مانا ئەمدى يۈز بېرىدۇ: ئۇ سۇ تەقسىم قىلىشى كېرەك… تۇمان يەنىلا بۇرۇنقىدەك قويۇق، تىپتىنچ، جىمى مەۋجۇدات تىمتاسلىق ئىچىدە ئىدى. ئەمدى كېمە ھەيدەشكە ئالدىراشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى. چۈنكى، ئۇلار نىشانى يوق، نەگە مېڭىشنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇلار ئويغانغاندىن كېيىن بۇ يەردە تۇرۇۋېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پالاق ئۇرۇشقا باشلىدى. ئەمدى تەۋەككۈل قىلماي نېمە ئامال، بىر بولسا قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ بارىدىغان، بولمىسا دېڭىزغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ كېتىدىغان گەپ شۇ. شۇنداق قىلغاندا ھەرھالدا ئاز - تولا ئۈمىد كۈتكىلى بولاتتى. ئۈمىدنىڭ چوڭى تۇماننىڭ تارقاپ كېتىشىدە ئىدى. ئۇ چاغدا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ - دە. مەيلى نېمىلا بولسۇن، پەقەت تۇمانلا تارىسا كەچتە يۇلتۇز كۆرگىلى بولىدۇ. ھازىر ھەممىدىن مۇھىمى يۇلتۇز كۆرۈش. يەنە بىر ئۈمىد بىرەر ئارالغا بېرىپ قېلىش، ئۇ يەردە تەرەپلەرنى پەرق ئەتمەك ئاسانغا چۈشىدۇ. ئۇلار قارىغۇلارچە تۇمانغا ئىچكىرىلەپ مېڭىۋەردى. بىراق، تۇمان تارىمىدى ھەم تارايدىغاندەكمۇ قىلمايتتى، ئۆلۈكتەك قېتىپ تۇراتتى. قارىغاندا ئىنسان ئەقلى يەتمەيدىغان غەلىتە بىرنەرسە پۈتكۈل كائىناتنى − يەر، ئاسمان، دېڭىزنى يۇتۇۋالغاندەك قىلاتتى. يەنە بىر تۈن كېلىشكە باشلىدى. ئۇلار ئەتراپنىڭ قاراڭغۇلىشىپ كېتىپ بارغىنىغا قاراپ شۇنداق جەزم قىلىشتى. ئاسمان يوق، بىر تال يۇلتۇزمۇ كۆرۈنمەيدۇ. ئۇلار ھېچ مەقسەتسىزلا پالاق ئۇرماقتا. ئۇلار يۇلتۇزلارنىڭ كۆرۈنۈشىنى زارىقىپ كۈتمەكتە. شامال چىقسىكەن، بۇ رەزىل، ياۋۇز تۇماننى ئۇچۇرۇپ كەتسىكەن، دەپ ئارزۇ قىلماقتا. ھەممەيلەن ئويغاق، ئاسمان ئىلاھىنىڭ ئۆزلىرىگە يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاتا قىلىشىنى، شامال ئىگىسىنىڭ − دېڭىزنىڭ ئايىغىغا يوشۇرۇنۇپ ياتقان تۈكلىرى ئۇزۇن مەخلۇقنىڭ بالدۇرراق ئويغىنىشىنى تىلىمەكتە. بىراق، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ پايدىسى بولمىدى، ئۇلارنىڭ نىداسىنى ھېچكىم ئاڭلىمىدى، تۇمانمۇ تارىمىدى. قىرىسىقمۇ يۇلتۇزلارنى كۆرۈشكە ئالدىرىماقتا. ئادەتتە ئاسماندا جىمىرلاپ ئويۇنچۇقتەك كۆرۈنىدىغان بۇ يۇلتۇزلار شۇ تاپتا ئۇنىڭغا جاندىنمۇ ئەزىز بىلىنمەكتە. كېچىدىكى ئىشلاردىن ئۇ قاتتىق قورقۇپ كەتتى. بىر بالىنىڭ قەلبىنى مۇجۇپ مەڭگۈلۈك ئۈمىدسىزلىككە پاتۇرۇۋېتىش ئانچە تەس ئىش ئەمەس. بىراق، چوڭلار بىلەن بىللە كېتىۋېتىپ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە سەپىرىنىڭ تۈگەي دەپ قالغىنىنى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن بالا - قازالاردىن قۇتۇلۇپ ئەسەبىي تەبىئەتنى يەڭگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدا يەنە، بۇ قېتىم قۇتۇلۇپ قالىدىغان ئوخشايمىز، دېگەن ئۈمىد پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئىشەنچى كامىلكى، پەقەت يۇلتۇزلا كۆرۈنسە تارتىدىغان جاپاسىمۇ تۈگەيتتى. بىچارە بەختسىزلەر كېچىچە كۈتۈۋېرىپ كۆزلىرى تېشىلەي دېدى. بىراق، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. تۇمان قىمىرلاپمۇ قويمىدى، يۇلتۇزلار يوق، دېڭىز يەنىلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە. ئۇلار كېچىچە ئۇسساپ چىقتى. دېڭىز ھاۋاسى نەم سوغۇق، بىراق ھەممىدىن يامىنى ئۇسسۇزلۇق ئىدى. ھەممەيلەن ئۇسساپ چاكىلداپ كەتكەن، ھەممىدىن بەكرەك ئۇسساپ كەتكىنى قىرىسق ئىدى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئازابلاندى. قىرىسىق ئاخىر چىدىيالماي ئورگان بوۋىسىدىن سۇ سورىدى. بىراق، ئۇ بەرگىلى ئۇنىمىدى. − بولمايدۇ، − دېدى بوۋاي قاتتىقلىق قىلىپ، − ھازىر بەرمەيمەن. يەنە ئازراق چىدا! تاڭمۇ ئاتتى، بىراق ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. پەقەت كۆكۈچ تۇمان سەل كۆتۈرۈلۈپ، ئەتراپ بىرئاز كېڭەيگەندەك، ئۇلار بىر - بىرىنىڭ چىرايىنى پەرق ئەتكۈدەك بولدى. ئېغىر، تىپتىنچ سۇ كېمە ئەتراپىدا سىمابقا ئوخشاش سۇس پارقىراپ تۇراتتى. قىرىسىق ئەزەلدىن مۇنداق ئۆلۈك سۇنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. تىنىقچە شامال، ھېچقانچە ئۆزگىرىشمۇ يوق. قىرىسىق چوڭلارنىڭ چىرايىنى كۆرۈپلا چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار ئورۇقلاپ، يۈز - كۆزىنى يىرىك ساقال - بۇرۇت بېسىپ كەتكەن، كۆزلىرىنىڭ نۇرى قېچىپ، كېسەل ئادەمنىڭكىدەك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەتتا دادىسىدەك قاۋۇل، بەردەم ئادەممۇ تونۇغۇسىز بولۇپ قالغانىدى. پەقەت بومبۇر ساقىلىلا ئۆز پېتىچە، لەۋلىرى چىشلەۋېرىپ كۆكىرىپ كەتكەن. ئۇ قىرىسىققا ئېچىنىش نەزەرىدە ئۈن - تىنسىز قاراپ قويدى، ئەمما گەپ قىلمىدى. ھەممىدىن بەكرەك ئورۇقلاپ كەتكىنى ئورگان بوۋاي ئىدى. ئۇ مۈكچىيىپ دۈمچەككىلا ئوخشاپ قالغان. بۇغدىيىكى تومپىيىپ، بوينى تېخىمۇ ئۇزىراپ، كۆزلىرى تېخىمۇ چاپاقلىشىپ كەتكەنىدى. ئەمما، ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن يەنىلا ئورگاننىڭ خاراكتېرى چىقىپ تۇراتتى. ئاقساقاللارغا خاس ئەقىللىق، جىددىي كۆزلىرىدە پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان ھەم چۈشىنىپ يېتەلەيدىغان مەلۇم بىر سىر يوشۇرۇنۇپ ياتاتتى. بۇ كۈن ئەڭ ئېغىر ئىش − سۇ تەقسىم قىلىشتىن باشلاندى. سۇنى ئورگان ئۆزى بۆلۈپ بەردى. ئۇ سوغىنى قولتۇقىغا چىڭ قىسىۋېلىپ ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئالدىرىماي قۇياتتى. قوللىرى بولسا دىر - دىر تىترەيتتى. ئۇ ھەممىدىن ئاۋۋال قىرىسىققا سۇ بەردى. قىرىسىق ئۇسساپ تاقىلداپ كەتكەچكە غۇرتۇلدىتىپ بىراقلا ئىچىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقى بىردەملىككە بېسىلىپ ئىچىدىكى ئوت ئۆچكەندەك بولدى. جىددىيلىشىپ كەتكىنىدىن قۇلاقلىرى ھەرە كىرىۋالغاندەك غوڭۇلدايتتى. بىراق، چۆمۈچنى قايتۇرۇپ بېرىشىگىلا خۇددى ئىچىدە يىرتقۇچ بىر ھايۋان تېپىرلاۋاتقاندەك ئىچى تېخىمۇ ئۆرتىنىپ كەتتى. ئاندىن مېلگۇن، ئاخىرىدا ئەمرايىن سۇ ئىچتى. ئۇلارنىڭ سۇ ئىچكەندىكى تۇرقى تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى. قوللىرى دىر - دىر تىترەپ، سۇنى ئىچىپ بولۇپلا خۇددى ئورگاننىڭ گۇناھى باردەك، ئاران مۇشۇنچىلىك سۇ بەردىڭمۇ دېگەندەك ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي چۆمۈچنى ياندۇرۇپ بەردى. نۆۋەت ئورگانغا كەلگەندە ئۇ بىر تېمىممۇ سۇ ئىچمەي، ئۈن - تىنسىز ھالدا سوغىنى ئەتتى. بۇنىڭغا قىرىسىقنىڭ زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمىدى. ناۋادا سوغا ئۇنىڭ قولىدا بولغان بولسا تولدۇرۇپ تۇرۇپ ياكى قوپالماس بولۇپ قالغۇچە راسا ئىچكەن بولاتتى. كېيىن نېمە بولسا بولمامدۇ، سۇغا بىر قېنىۋالسىلا بولدى. لېكىن، ئورگان بوۋىسى بىر تېمىممۇ سۇ ئىچمىدى. − نېمىشقا ئىچمەيسىز بوۋا؟ بىز ئىچكەندىكىن سىزمۇ ئىچمەمسىز! − دېدى ئەمرايىن ئاخىر چىداپ تۇرالماي بوغۇق ئاۋازدا، − تۈنۈگۈنمۇ ئىچمىدىڭىز، ئۆلۈشكە تېگىشلىك بولسا ھەممىمىز تەڭ ئۆلەيلى! − مەن چىداشلىق بېرەلەيمەن! − دېدى ئورگان خاتىرجەم ھالدا. − ياق، بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ! − ئەمرايىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ئاچچىقلىنىپ ئېيتتى، − ئەمىسە مەنمۇ ئىچمەيمەن! − بولدى سۆزلەۋەرمىگىن، سۇمۇ ئازلا قالدى، − ئورگان سۇس كۈلۈمسىرەپ «سەن نېمانچە دۆت!» دېگەندەك بېشىنى چايقاپ قويدى. ئاندىن سوغىنىڭ ئېغىزىدىكى ياغاچنى چىقىرىپ چۆمۈچكە سۇ قۇيدى، − مېنىڭ ئۈچۈن قىرىسىق ئىچسۇن! قىرىسىق گاڭگىراپ قالدى. باشقىلار ئۈن - تىنسىز قارىشىپ تۇراتتى. ئورگان چۆمۈچنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى: − ھە قىرىسىق، ئىچە! بولدى تارتىنما. قىرىسىق گەپ قىلمىدى − ئىچە! − دېدى مېلگۇن. − ئىچكىن! − دېدى ئەمرايىن. − ئىچكىن! − دېدى ئورگانمۇ. قىرىسىق ئىككىلىنىپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ سۇنى بىرلا كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتكۈسى كېپكەتتى، بىراق ئۇنداق قىلمىدى. − ياق! − دېدى ئۇ نەپسىنى بېسىپ، − بوۋا، ئۆزىڭىز ئىچىڭ! ئۇنىڭ بېشى قېيىشقا باشلىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورگاننىڭ قوللىرى تىترەپ، ئېغىر خورسىندى، تەسىرلەنگىنىدىن بالىغا مىننەتدارلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە قارىدى. − مېنى ئۆمرۈمدە ئاز سۇ ئىچتى دەۋاتامسەن؟ سەن تېخى ياشىشىڭ كېرەك. سېنىڭ … − بوۋاي گېپىنى تۈگەتمەيلا باشقا ياققا بۇرىۋەتتى، − مېنى چۈشىنىدىغانسەن قىرىسق؟ ئىچكىن، ئىچىۋەر، مېنىڭدىن ئەندىشە قىلما. ھە قېنى! قىرىسىق سۇنى ئىچىۋەتتى. ئۇسسۇزلۇقى بىردەملىككە بېسىلىپ، ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. بىر پەستىن كېيىن يەنە ئۇسساپ كەتتى. شۇندىلا سۇنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدى. بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. ئىشقىلىپ ئىچكىلى سۇ بولسىلا بولدى. مانا، مۇشۇنداق سۇمۇ تۈگەي دەپ قېلىۋاتىدۇ … تۇمان تېخىچىلا رەھىمسىزلىك بىلەن دېڭىزنى قاماللاپ تۇرماقتا. دۇنيا تىپتىنچ، قاراڭغۇ، قويۇق تۇمان ئىچىدە. تىنىقچە شامال، ھېچبىر ئۆزگىرىشمۇ يوق. مېلگۇننىڭ شۇنچە تىللاپ - قارغاشلىرىمۇ كار قىلمىدى. شامال بۈۋىم ھېچنېمىنى كۆرمىگەن ھەم ئاڭلىمىغاندەك ئىدى. ئۇ يا ئاچچىقلانمىدى، يا قىمىرلاپمۇ قويمىدى. بوران - يامغۇرلار بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇممۇ قىلمىدى. ئەمرايىن بىر جايدا تۇرۇۋەرمەسلىك ئۈچۈن يېنىككىنە پالاق ئۇرۇپ قويدى. قېيىق ئورنىدىن سەل قوزغالدى. ئورگان ئۈن - تىنسىز، چوڭقۇر خىيالدا، بەلكىم، ئۇ يەنە ياكى بولمىسا ئۆمرىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم «پەرىزات بېلىق»نى ئەسلەۋاتقان بولسا كېرەك. قىرىسىق ئۇنى غەمكىن خىياللاردىن ئويغاتتى. − بوۋا، بوۋا، شىمالىي قۇتۇپ ھۇۋقۇشى نېمىشقا ئارالغا قاراپ ئۇچىدۇ؟ − سورىدى ئۇ چۈچۈك تىلدا. − ھە راست، ساڭا دەپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بۇنداق قويۇق تۇماندا پەقەت شۇلا ئارالغا ئوزۇق تۇتقىلى ئۇچۇپ بارالايدۇ. بەزىدە ئۇ تيۇلېننىڭ بالىلىرىنى تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇنىڭ كۆزى بەك ئۆتكۈر، تۇمان ياكى كېچىلەردە ئەتراپنى كۈندۈزدىكىگە ئوخشاش كۆرەلەيدۇ. شۇڭا، ئۇنى ھۇۋقۇش دەيمىز. ھۇۋقۇشلارنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ كۈچلۈكى ئاشۇنداق بولىدۇ. − مېنىڭمۇ كۆزلىرىم شۇنداق ئۆتكۈر بولغان بولسا، − دېدى قىرىسىق قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىنى تەستە مىدىرلىتىپ، − قاياققا مېڭىشنى ھازىرلا دەپ بېرەتتىم. قۇرۇقلۇققا بىردەمدىلا يېتىپ بېرىپ سۇ دېگەننى راسا ئىچكەن بولاتتۇق … خەپ، مېنىڭمۇ ئاشۇنداق كۆزلىرىم بولغان بولسا ئىدى - ھە … بىر كۈن مانا شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار تېخىچىلا دولقۇننىڭ شاۋقۇنى ئاڭلانسىكەن، شامال چىقىپ تۇماننى يىراققا ھەيدەپ كەتسىكەن، بىزگە نىجاتلىق يولى ئېچىلسىكەن، دەپ تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. بىراق، دېڭىز تىمتاس، ناھايىتى زېرىكىشلىك، ھەتتا قارىسا ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىپ، قۇلاقلىرى ۋىڭىلداپ كېتەتتى. ئۇلار كۈن بويى سۇ، سۇ، سۇ دەپ چاكىلداپلا ئۆتتى. قىزىق ئىش: ئۇلار شۇنچە پايانسىز دېڭىزدا تۇرۇقلۇق ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ قالاي دەۋاتاتتى. كەچقۇرۇن بولغاندا مېلگۇن زادى بولالمىدى. كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچۈپ سۆزدىن قالدى. ئورگان ئامالسىز ئۇنىڭغا گېلىنى نەمدىۋالغىلى ئازراق سۇ بەردى. قىرىسىقنىڭ نەپسى تاقىلداپ، چۆمۈچكە يەۋەتكۈدەك قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغىمۇ ئازراق بەردى. ئاخىردا ئەمرايىنغىمۇ ئازراق قۇيۇپ بەردى. بىراق، ئۆزى يەنىلا بىر تېمىممۇ ئىچمىدى. بۇ قېتىم ئۇ سوغىنى كېمىگە قويۇپ قويۇپ، خۇددى ئۇسسىمىغاندەك ھەم ھېچقانداق ئازاب تارتمىغاندەك مەلۇم بۈيۈك بىرنەرسە ھەققىدە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇ كېمە بېشىدا خۇددى تىك چوققىغا قونۇپ تۇرغان يالغۇز بۈركۈتتەك ئۈن - تىنسىز، قىلچىمۇ ھودۇقماي ئولتۇراتتى. ئۆزىنى نېمىنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، غەيرەتكە كېلىپ، بار كۈچى بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاداققى مىنۇتلىرىنى كۈتۈۋالماقچى ئىدى. قاراڭغۇ چۈشۈپ يەنە بىر كېچە باشلاندى. بىراق، ھاۋادا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، تۇمان ئاۋۋالقىدەكلا تىپتىنچ، گۇگۇم دېڭىزنى قاپلىدى، ئاندىن ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان، چىداش مۇمكىن بولمىغان قورقۇنچلۇق قاراڭغۇ كېچە باشلاندى. ئەگەر كېچىدە تۇيۇقسىز شامال چىقىپ قالسا، مەيلى ئۇ بوران ياكى باشقا نېمە بولسۇن، ئىشقىلىپ ھاۋا ئېچىلىپ يۇلتۇز كۆرۈنسىلا بولاتتى! لېكىن، شامالنىڭ بىرەر شەپىسىمۇ يوق. دېڭىز دولقۇنسىز، ھاۋا تىپتىنچ … پايانسىز تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇقتا ھەممە نەرسە ھەرىكەتتىن قالغان. تۇماندا ئېزىپ قالغان يېگانە كېمە ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق دەردىدە ھالىدىن كېتىپ، ئۆلەي دەپ قالغان كىشىلەرنى سۆرەپ، پېشانىسىگە پۈتۈلگەننى كۆرمەكچى بولغان كىشىدەك ئاستا ئايلىنىپ يۈرىدۇ… قىرىسىق ئۆزىنىڭ قايسى چاغدا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى. بىراق، قاتتىق ئۇسسۇزلۇق ئازابىدىن ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىغانىدى. قارىغاندا بۇ تىرىك دوزاخ ئازابىنىڭ چېكى يوق ئوخشايدۇ. كېرىكى سۇ! پەقەتلا سۇ، باشقىسىنىڭ لازىمى يوق! ئاچلىق ئاستا - ئاستا پەسىيىپ قالغان ئاغرىقتەك بىلىنمەي قالىدىكەن. بىراق، ئۇسسۇزلۇققا چىداش مۇمكىن ئەمەسكەن. ئۇنىڭغا ھېچنېمە كار قىلمايدىكەن … ھېلىمۇ ئېسىدە، قىرىسىق كىچىك چاغلىرىدا بىر قېتىم قىزىتمىسى ئۆرلەپ يېتىپ قالدى. ئۇ قاتتىق بىئارام بولۇپ، ئۇسساپ كەتكەنىدى. ئاپىسى ئۇنىڭ بېشىدىن كەتمەي ھېلىدىن - ھېلىغا ھۆل لۆڭگىنى ئوت - كاۋاپ پېشانىسىگە ياقاتتى. ئوغرىلىقچە كۆز يېشى قىلىپ، توختىماي دۇرۇت ئوقۇيتتى. جىنچىراغنىڭ غۇۋا يورۇقىدا ئۇنىڭغا پەرىشان قارايتتى. دادىسى دېڭىزغا كەتكەن. ئۇ سۇ ئىچىشكە، دادىسىنىڭ تېز قايتىپ كېلىشىگە تولىمۇ تەقەززا ئىدى. بىراق، ئىككىلا تىلىكى ئەمەلگە ئاشمىدى. دادىسى ناھايىتى يىراقتا، ئاپىسى سۇ بەرگىلى ئۇنىماي ھەرقانچە قىينالساڭمۇ سۇ ئىچسەڭ بولمايدۇ، دېدى. ھۆل لۆڭگىنى ئۇنىڭ قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىگە ياقتى. يۈرىكىدىكى تەشنالىق بىردەملىككە بېسىلغاندەك بولدى. بىراق، ئاز ئۆتمەيلا تېخىمۇ ئۇسساپ چىدىيالمايلا قالدى. ھەرگىز سۇ ئىچمە، چىداشلىق بەر، شۇنداق قىلساڭ ياخشى بولۇپ قالىسەن، دەپ يېنىپ- يېنىپ نەسىھەت قىلاتتى ئاپىسى. − چىداپ تۇرغىن قوزام! − دېدى ئۇ، − تاڭ ئاتقۇچە ياخشى بولۇپ قالىسەن، توختىماي «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» دەۋەرسەڭ ئۇسسۇزلۇقۇڭ بېسىلىپ قالىدۇ. قېنى، مەن دېگەندەك قىلىپ باق، چاشقان ئاكاڭغا يالۋۇرغىن، ئۇنى تېز كەل، سۇ ئەكېلىپ بەر دېگىن … ئوبدانراق يالۋۇر جۇمۇ… ئۇ كېچىچە شۇ سۆزنى يادلاپ، ئۇسسۇزلۇققا تاقابىل تۇردى. چاشقان ئاكىسىنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۆزىگە سۇ بېرىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتتى. ئۇ «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» دەپ چاشقان ئاكىسىغا يېنىپ - يېنىپ يالۋۇردى. ئاندىن ئېسىنى يوقىتىپ ئۇيان - بۇيان ئۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىراق، ئاغزىدىن يەنىلا «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» دېگەن سۆز چۈشمەيتتى. چاشقان ئۇزۇنغىچە كۆرۈنمىدى. ئۇمۇ «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» دەپ يىغلاپ، ۋارقىراپ يالۋۇرۇۋەردى. ئاخىر چاشقان يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى. ئۇ خۇددى چىڭقى چۈشتە ئورماندىكى دەريادىن ئۇچۇپ كەلگەن سالقىن شامالدەك كىشىگە ھۇزۇر بېرەتتى. ئۇنىڭ شەكلىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش بەكمۇ تەس ئىدى. ئۇ ئاسماندەك سۇس كۆك، ھاۋادەك يېپيېنىك، كېپىنەكتەك توختىماي پىلدىرلاپ ئۇچۇپ تۇراتتى. چاشقان ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇپ يۇمشاق بۇرۇتلىرىنى قىرىسىقنىڭ يۈزى، بوينى، بەدەنلىرىگە سۈركەشكە باشلىدى. ئۇ بۇنىڭدىن قاتتىق ھۇزۇرلىنىپ كەتتى. چاشقان ئاكىسى سۇ بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ راسا قېنىپ ئۇزۇنغىچە توختىماي سۇ ئىچتى. سۇ دېگەن ئۆزىگە قاراپ دەريا - دەريا ئېقىپ كەلمەكتە ئىدى … ئەتىگەندە ئويغاندى، بەك ئاجىزلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىنى ناھايىتى يېنىكلەپ قالغاندەك، كۆڭلى يورۇپ كېسىلى ساقىيىپ كەتكەندەك ھېس قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە شۇ ئاخشىمى ئۆزىگە سۇ بېرىپ ساقايتىپ قويغان چاشقان ئاكىسىنى زادى ئېسىدىن چىقارمىدى… مانا ئەمدى كېمىدە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەي دەپ قالغاندا ئۇ ئىش يەنە ئېسىگە كەلدى. شۇ تاپتا چاشقان ئاكىسى يەنە بىر كەلگەن بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە! ئۇ قاتتىق ئازاب ئىچىدە چاشقان ئاكىسىغا يالۋۇرۇشنى ئۆگىتىپ قويغان ئاپىسىنى ئېسىگە ئالدى، ئوت - كاۋاپ بولۇپ ئۇسسۇزلۇقتىن لەۋلىرى گەز باغلاپ ياتقاندا مېھرىبان ئاپىسىنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ، كۆزلىرىدە ياش، يۈرىكى سۇ، ئۆزى ئۈچۈن سەكپارە بولغانلىرى، يېلىنىش ۋە تەشۋىش ئىچىدە ھېلىدىن - ھېلىغا ئۆزىگە قاراشلىرى … كۆز ئالدىدىن بىر - بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. شۇ تاپتا ئۇ قانداق قىلىۋاتقاندۇ؟ ئۆيدىمىدۇ؟ بەلكىم، قار - يامغۇر يىغلاپ قىرغاقتا كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ … بىراق، دېڭىز ئۇنىڭغا ھېچنېمىنى دەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ دەردىنى تەڭ تارتىشىپ بېرىدىغان ھېچكىم يوق. بەلكىم، ئاياللار بىلەن بالىلار ئالا ئىت قىياسىغا گۈلخان يېقىپ، ئەنسىرىمەڭ، خۇدا خالىسا دېڭىزغا كەتكەنلەر ئۆلمەي ساق كېلىپ قالامدۇ تېخى، دەپ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ھازىر ئۇلار گۆردەك قاراڭغۇ، تىمتاس تۇماندا بېشى قايغان، پۇتى تايغان يەرلەردە ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا بولغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىمۇ ئۆچكەن. ياق، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى تەرەپكە نىسبەتەن تولىمۇ ئاجىز كېلىپ قالدى. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىرى مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇق. بۇ قاراڭغۇلۇق كائىناتتا قۇياش ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى. يەنە بىرى كونا كېمىدە ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ ئولتۇرغان ئادەملەرگە … پايانسىز دېڭىزدا ئىچكىلى سۇ، يېگىلى ئاش، يول كۆرسەتكىلى يۇلتۇزمۇ يوق … قىرىسىق تۇغۇلۇپ شۇ كەمگىچە ھېچقاچان مۇنداق قاراڭغۇ دۇنيانى كۆرۈپ باقمىغان ھەم ھېچقاچان ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى مۇنچىلىك تارتىپ باقمىغانىدى. تېخىمۇ چىداشلىق بېرىش ئۈچۈن ئۆزىگە سۇ بېرىپ داۋالىغان، ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان چاشقان ئاكىسىنى ئويلاشقا باشلىدى… «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! − ئۇ ھېرىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئاپىسى ئۆگىتىپ قويغان بۇ سۆزنى ئىچىدە تەكرارلاشقا باشلىدى، − چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» گەرچە ھېچقانداق مۆجىزە يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ناھايىتى ئىززەت - ئىكرام بىلەن يالۋۇرۇپ، چاشقان ئاكىسىنى چاقىرىۋەردى. شۇ تاپتا چاشقان ئاكىسى قىرىسىقنىڭ بارلىق ئۈمىدى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى يېڭىشتىكى تۇمارى بولۇپ قالغانىدى … چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! قىرىسىق ھەدەپ شۇ سۆزنى تەكرارلاپ ئۇسسۇزلۇقىنى باسماقچى بولاتتى. بىر چاغدا ئۇخلاپ قالدى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن يەنە ئويغىنىپ كەتتى، قۇلىقىغا ئورگان بىلەن ئەمرايىننىڭ گەپلىشىۋاتقانلىقى ئاڭلاندى. ئۇلار قانداقتۇر بىر ئىش ئۈستىدە ئۇزۇنغىچە پىچىرلاشتى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى تولىمۇ غەلىتە ھەم چۈشىنىكسىز ئىدى. ئارىلاپ - ئارىلاپ ئۇزۇنغىچە جىمىپ كېتىشەتتى، بەزىدە گېپىنىڭ ئايىغىنى دېمەيتتى، بەزىدە گېپىنى چۈشەنگىلى بولمايتتى. قىرىسىق ئورگانغا يېقىنراق بولغاچقا، ئۇنىڭ سۆزىنى ئېنىقراق ئاڭلىيالىدى. بوۋاي سۆزلىگەندە قىينىلىپ ئاران - ئاران تىناتتى، شۇنىڭدىمۇ چىشىنى چىشلەپ ئاۋازىنى زورىغا بېسىپ تۇراتتى. دادىسى يىراقراق ئولتۇرغاچقا، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىلى بولمىدى. − ئەسلىدە سىزگە نەسىھەت قىلمىسام بولاتتى بوۋا، − دېدى ئەمرايىن خۇددى گېپىنى باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن قورققاندەك پەس ئاۋازدا، − شۇنداقتىمۇ ئوبدانراق ئويلاپ بېقىڭ. سىز دېگەن ئەقىللىق ئادەم. − مەن ئويلىنىپ بولدۇم. ناھايىتى پۇختا ئويلاندىم. بۇنىڭدىن ياخشى چارە يوق، − دېدى ئورگان. قارىغاندا ئۇ ئۆز سۆزىدىن يانمايدىغاندەك قىلاتتى. بىر پەس جىملىقتىن كېيىن ئەمرايىن: − ھەممىمىز بىر كېمىدە، تەقدىرىمىزمۇ بىر. نېمە كۆرسەك تەڭ كۆرمەمدۇق، − دېدى. − تەقدىر، تەقدىر، − دېدى بوۋاي ئازابلانغان ھالدا ئۆز - ئۆزىگە غۇدۇراپ، − تەقدىردىن كىم قېچىپ قۇتۇلالاپتىكەن، − ئۇ بوغۇق ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى، − بىراق، بەزىلەر تەقدىرگە تەن بېرىدۇ، بەزىلەر قارشى چىقىدۇ. بىزغۇ ئەمدى تۈگەشتۇق. شۇڭا، بەزىلىرىمىز بالدۇرراق تەقدىرگە تەن بېرىپ، قالغانلىرىمىزنىڭ ئۇزاقراق ياشىشىغا ئىمكان قالدۇرۇشىمىز كېرەك. ئويلاپ باققىن، ناۋادا تۇيۇقسىزلا ھاۋا ئېچىلىپ، ئەتراپنى ئېنىق كۆرگىلى بولۇپ كەتسە، ئۆلەر - تىرىلىشىمىزگە قارىماي پالاق ئۇرۇپ ماڭىمىز، ئاخىر قۇرۇقلۇقمۇ كۆزىمىزگە خىرە - شىرە كۆرۈنىدۇ، لېكىن قۇرۇقلۇققا ئامان - ئېسەن يېتىۋالغۇچە ئىچىدىغانغا بىرنەچچە يۇتۇم سۇمۇ قالماي، ھەممىمىزلا ئۆلۈپ كەتسەك ئىنسان بالىسىغا بۇنىڭدىنمۇ ئوشۇق ئەلەم بولامدۇ؟ ئەمرايىن نېمىدۇر دەپ جاۋاب بەردى، ئەمما قىرىسىق ئېنىق ئاڭلىيالمىدى. ئۇلار يەنە جىممىدە بولۇپ قېلىشتى. قىرىسىق ئۇخلاپ قالدى. ئەمما، بەزى گەپلەر يەنىلا ئاندا - مۇندا قۇلىقىغا كىرىپ قالاتتى: − تۇرۇپ تۇرۇڭ، يەنە ئويلىنىپ بېقىڭ… − ئەمدى بولدى، كۆرىدىغاننى كۆرۈپ بولدۇم …توسمىغىن، ھېچ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى… − قاپقاراڭغۇ تۇرسا… − بەرىبىر ئوخشاش… − سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم تېخى تۈگىمىگەنىدى… − گەپ دېگەننى تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بىزدىن كېيىنكىلەرمۇ سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدۇ… − مۇنداق قاراڭغۇدا… − بولدى توسمىغىن. ئەمدى چىدىغۇدەك ماجالىم قالمىدى. ئۆزۈم خالىمىغاندىكىن… − مۇنداق قاراڭغۇدا… − سەن يەنە بەرداشلىق بېرەلەيسەن. ئاۋۇ يەردە ئازراق سۇ بار… كىمنىڭدۇر پەنجىلىك، قوپال، يوغان قولى قىرىسىقنىڭ بېشىنى ئاستا سىلىدى. ئۇ چالا ئۇيقۇلۇقتا بۇنىڭ ئورگان بوۋىسىنىڭ قولى ئىكەنلىكىنى بىلدى. بوۋىسى خۇددى ئېسىدە مەڭگۈ تۇتۇۋالماقچى ۋە ئاسراپ قالماقچى بولغاندەك ئىللىق، يوغان قولى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى خېلىغىچە سىلاپ تۇردى … قىرىسىق كۆزلىرىدە ئىسسىق ياش، ئۇيقۇدىن ئويغاندى. تېخىچىلا ئېغىر ئازاب، چەكسىز تەشۋىش ئىچىدە ئىڭراپ ياتاتتى. ياش يۇقى كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلدى. كېمە ئاستا تەۋرىنىپ تۇراتتى. تۇمان تېخىمۇ قارىيىپ، ھاۋا سوۋۇپ كەتكەن، دېمەك، تاڭ ئاتىدىغانغا ئاز قالغانىكەن. قىرىسق ئاستا قىمىرلاپ قويدى. − بوۋا، سۇ ئىچىمەن. مەن بىر چۈش كۆردۈم، − دېدى ئۇ قولىنى ئورگان بوۋىسىغا سوزۇپ، بىراق، ئورگان يوق تۇراتتى. − بوۋا! − دەپ ۋارقىرىدى قىرىسىق. ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. قىرىسىق بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپىغا ئالاق - جالاق قارىدى: − بوۋا، بوۋا، سىز قەيەردە؟ − ۋارقىرىما! − ئەمرايىن لىككىدە قېشىغا كېلىپ، ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى، − ۋارقىرىمىغىن. ئەمدى بوۋاڭ يوق. ئۇ «پەرىزات بېلىق»نىڭ قېشىغا كەتتى. بىراق، قىرىسىق ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى: − بوۋام قەيەردە؟ مېنىڭ بوۋام. بوۋام قەيەردە دەۋاتىمەن؟ − گېپىمنى ئاڭلىساڭچۇ! يىغلىما، ئەمدى مىڭ قىلغان بىلەن ئۇ يوق، − دادىسى ھەدەپ ئۇنى قايىل قىلماقچى بولاتتى، − بولدى يىغلىما. بوۋاڭ ساڭا سۇ ئىچۈرۈپ قوي دېگەن. يەنە ئازراق سۇ بار. يىغلىما. مانا ھازىرلا سۇ قۇيۇپ بېرىمەن. يىغلىمىساڭلا بولدى. تۇمان ئاز ئۆتمەيلا تاراپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا سەن… قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغان قىرىسىق دادىسىنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىۋىدى، كېمە ئىرغاڭلاپ كەتتى. ئەمرايىن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدى. − مانا، ھازىرلا ماڭىمىز! مانا، مانا، ھازىرلا! ھوي مېلگۇن، قوپ، ئورنۇڭدىن قوپ دەۋاتىمەن، كېمىنى ھەيدەيلى! مېلگۇن پالاق ئۇردى. كېمە ئاستا مېڭىشقا باشلىدى. بىراق، تېخىچىلا دۇنيانى قاپلاپ تۇرغان قويۇق تۇماندا نەگە مېڭىپ، نەدە تۇرۇشنى بىلگىلى بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يەنە بىر كۈننى كۈتۈۋالدى. ئەمدى كېمىدە پەقەت ئۈچەيلەنلا قالغانىدى. چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! قىرىسىق سەل تىنچلانغاندىن كېيىن، ئەمرايىن يەنە پالاققا ئولتۇردى. تۆت پالاق تەڭ ئۇرۇلۇۋىدى، كېمە ئاستا - ئاستا تېزلەشكە باشلىدى. بىراق، يەنىلا نىشانسىز، مەقسەتسىز ئىدى. قىرىسىق كېمە قۇيرۇقىدا ئولتۇراتتى. ئۇ ئورگان بوۋىسىنىڭ نەگە كەتكىنىنى بىلەلمەي تەشۋىشلەنمەكتە. ئازابلىنىپ ئۆكسۈپ يىغلىماقتا. دادىسى بىلەن مېلگۇن تاغىسىمۇ كۆڭلى سۇنۇق، بۇ پېشكەللىكتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز، قىرىسىققا ياردەم قولىنى سۇنۇشقىمۇ چارىسىز ئىدى. پەقەت ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق پالاق ئۇرۇپلا تۇراتتى. ئاپئاق تۇماندا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى قارىداپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقلىنىش مۇمكىن بولمىغان ئورتاق بىر ئاپەت − ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق ئازابىدىن قىينالماقتا ئىدى. ھەممەيلەن ئۈن - تىنسىز، گەپ قىلىشتىن قورقاتتى. بىرئاز ئۆتكەندىن كېيىن مېلگۇن پالاقنى تاشلاپ قويدى. − سۇ ئىچەيلىچۇ! − دېدى ئۇ ئەمرايىنغا غەمكىن ھالدا. ئەمرايىن چۆمۈچكە ئازراق سۇ قۇيدى. ھەممەيلەن بىرنەچچە يۇتۇمدىن ئىچىشتى. سۇ كۆڭۈل ئىلىشقۇدەك پۇراپ كەتكەن، بىراق مۇشۇ سۇمۇ تۈگەيلا دەپ قالغانىدى. يەنە ئۈچ - تۆت قېتىملا ئىچسە ھېچنېمىسى قالمايتتى. بىرنەچچە يۇتۇم سۇ بىلەن ئۇسسۇزلۇقى قانمىغاچقا، ھېچكىممۇ ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك سەزمىدى. قىرىسىق بىر تەرەپتىن چاشقان ئاكىسىغا يېلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالدۇرراق ئۇيقۇغا كېتىپ، چۈشىدە ئالا ئىت قىياسى يېنىدىكى ساماۋى دۇنياغا قايتىپ بېرىپ بارلىق ئازابلاردىن خالاس بولماقچى بولاتتى. بىراق، ئەمدى ئۇنداق دۇنياغا يېتىش مۇمكىن ئەمەس. قىرىسىق شۇ ياتقىنىچە شېرىن خىياللار ئىچىدە ئۇيقۇغا كېتىشنى ئويلايتتى. ئەتراپ يەنىلا بۇرۇنقىدەك، تىپتىنچ، ئاپئاق تۇماننىڭ ئىسكەنجىسىدە، ھەممەيلەن چارىسىز، ئۆز ئورۇنلىرىدا جانسىز ئادەمدەك ياتاتتى. ئۇلارنى نېمىلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ، ھېچكىم بىلمەيدۇ. تۇيۇقسىز كېمە قاتتىق سىلكىنىپ دادىسىنىڭ ئەنسىز ئاۋازى ئاڭلاندى: − مېلگۇن! مېلگۇن! نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ئىچمە! قىرىسىق بېشىنى كۆتۈرۈپ چۆچۈپ كەتتى. مېلگۇن كېمىنىڭ سىرتىغا سوزۇلۇپ، چۆمۈچ بىلەن دېڭىز سۈيىنى ئىچىۋاتاتتى. − ئىچمە دەيمەن! − ئەمرايىن ئېتىلىپ بېرىپ چۆمۈچنى تارتىۋالماقچى بولدى. بىراق، مېلگۇن ھەيۋە قىلىپ: − يېقىن كەلمە ساقال، بولمىسا بوغۇزلىۋېتىمەن! − دېدى ۋارقىراپ. دېڭىزنىڭ قىرتاق ھەم تۇزلۇق سۈيىنى ئىچىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىدى. ئەمما، مېلگۇن بولۇشىغا ئىچتى ھەم ئۈستۋېشىغا ھەدەپ سۇ چاچقىلى تۇردى. سۇ مەيدىسى ۋە يەڭلىرىنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى. ئۇ زورمۇزور سۇ ئىچەتتى، قوللىرى دىر - دىر تىترەپ، چۆمۈچ بىلەن ھەدەپ ئۈستۋېشىغا سۇ چاچاتتى. شۇ تاپتا چىشلىرى ھىڭگاراپ يىرتقۇچ ھايۋانلارغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. ئاخىر مېلگۇن چۆمۈچنى كېمىگە چۆرۈۋېتىپ، ئۆزىنى ئوڭدىسىغا تاشلىدى - دە، نەپىسى بوغۇلۇپ خىرىلداشقا باشلىدى. ئۇ شۇ پېتىچە يېتىۋەردى. ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ھالىغا يېتەلمەيتتى. قىرىسىق قورققىنىدىن تۈگۈلۈپلا قالدى. تېخىمۇ ئۇسساپ ئاشقازىنى چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتتى. روھى چۈشۈپ بېشى ساڭگىلاپ كەتكەن ئەمرايىن يەنە پالاقنى ئېلىپ، كەچكى تۇماندا كېمىنى قانداقتۇر بىر جايغا ئۈن - تىنسىز ھەيدەپ ماڭدى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئامالى يوق ئىدى. مېلگۇن بىردەم تىنچلىنىپ قالاتتى. بىردەم يەنە دىرىلدەپ تىترەپ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك خارتىلداشقا باشلايتتى. بىرئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئاخىر بېشىنى كۆتۈردى: − ئىچىمگە ئوت كەتتى، ئىچىم كۆيۈپ كېتىدىغان بولدى! − ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ كۆڭلىكىنىڭ ئالدىنى يىرتىۋەتتى. − ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟ ساڭا نېمە قىلىپ بەرسەك بولىدۇ؟ يەنە ئازراق سۇ بار، − ئەمرايىن بېشى بىلەن سوغىنى ئىما قىلدى، − ئازراق قۇيۇپ بېرەيمۇيا؟ − ياق! − دېدى مېلگۇن، − ئەمدى بولالمىدىم، ئەسلىدە مەرھۇم بوۋىمىزغا ئوخشاش تۈنگىچە چىداشلىق بېرەرمەن دەپ ئويلىغانىدىم، بىراق ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. بولدى، مېنىڭ دېگىنىمدەك بولسۇن. ئۇنداق بولمايدىكەن سۇنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ قۇرۇتۇۋېتىمەن. ئەمدى مېنىڭ كۈنۈم تۈگىدى. كەتكىنىم تۈزۈك. ئەمدى مېنىڭ كۈنۈم تۈگىدى … بولدى، ئۆزۈمگە قويۇپ بەر، يەنە ئازراق كۈچۈم بار… چەكسىز دېڭىز، چېكى يوق قويۇق تۇماندا ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلغان كىشىنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق گەپنى ئاڭلاش تولىمۇ قورقۇنچلۇق ۋە ئازابلىق ئىدى. ئەمرايىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە دوستى ھەم ئۇكىسى مېلگۇنغا نەسىھەت قىلماقچى، ئۇنىڭغا نېمىدۇر دېمەكچى بولاتتى. بىراق، مېلگۇن ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس. بالدۇرراق ئۆلۈشكە، ئۆلۈم ئارقىلىق ھەممە ئازابلاردىن قۇتۇلۇشقا ئالدىرايتتى. − ماڭا مىڭ دېگىنىڭ بىلەن بىكار ئەمرايىن، ئەمدى مەن تۈگەشتىم، − مېلگۇن ساراڭلارچە غەلۋە قىلغىلى تۇردى، − مەن ئۆزۈم، ئۆزۈم كېتىۋېرىمەن. سىلەر ئاتا - بالا، نېمە قىلغۇڭلار كەلسە ئۆزۈڭلار بىر قارار قىلىڭلار! مۇشۇنداق قىلغىنىمىز ياخشى. مېنى كەچۈرۈڭلار. مېلگۇننىڭ قورقۇتۇشلىرى ۋە يالۋۇرۇشلىرىغا قۇلاق سېلىشتىن بۆلەك ئەمرايىننىڭ ھېچقانداق ئامالى يوق ئىدى. كېمە تىپتىنچ تۇمان ۋە سۇنى يېرىپ تېزلىك بىلەن مېڭىشقا باشلىدى. قىرىسىق ئازابلىنىپ يىغلىغىلى تۇردى: − مېلگۇن تاغا، مېلگۇن تاغا، ئۇنداق قىلما! دەل شۇ چاغدا مېلگۇن قەتئىيلىك بىلەن كېمە سىرتىغا قەدەم ئالدى. قېيىق قاتتىق بىر سىلكىنىپ يەنە ئەسلىگە قايتتى. − ھەيدە! تېز ھەيدە دەيمەن! − مېلگۇن سوغۇق سۇدا تېپىرلاۋېتىپ ۋارقىرىدى. تۇمان ھەش - پەش دېگۈچە ئۇنى يۇتۇۋەتتى. ئەتراپ يەنە تىمتاسلىققا چۆمدى. بىرئازدىن كېيىن قورقۇنچلۇق جىمجىتلىقتا ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى. بۇ قېتىم ئەمرايىن چىداپ تۇرالمىدى. − مېلگۇن، ھوي مېلگۇن! − ئۇ بىر چەتتىن ۋارقىراپ، بىر چەتتىن يىغلاپ كېمىنى كەينىگە تېزلا ياندۇردى. بىراق، مېلگۇن كۆرۈنمەيتتى. خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك سۇ يۈزى تىپتىنچ ئىدى. مېلگۇننىڭ نەگە سەكرىگەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھېچ يەرگە بارماي شۇ ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈردى. ئازابلانغىنىدىن باشلىرىنى قۇچاقلاپ ھۆڭ - ھۆڭ يىغلاشتى. قىرىسىق دادىسىنىڭ يىغلىغىنىنى ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى. ئىلگىرى ھېچقاچان مۇنداق ئىش يۈز بېرىپ باقمىغانىدى. − ئەمدى ئىككىمىزلا قالدۇق، − ئەمرايىن ساقاللىرىغا ئېقىپ چۈشكەن ياشلىرىنى سۈرتتى. ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى باسالمايۋاتاتتى، − مېلگۇن، مېنىڭ ساداقەتمەن مېلگۇنۇم! − دەپ نالە قىلاتتى ئۇ… يەنە قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالدى. ئەتراپ يەنىلا تىمتاس، بارغانچە قاراڭغۇلىشىۋاتقان قويۇق تۇماندا قارانچۇقسىز قالغان تەنھا بىر كېمە لەيلەپ يۈرمەكتە. كېمىدە پەقەت ئىككى ئادەم − دادىسى بىلەن بالىسى بار. كەچقۇرۇن بولاي دېگەندە ئەمرايىن ئاخىر سۇ ئىچىشنى قارار تاپتى. چۈنكى، قىرىسىق سۇ ئىچىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قانچىلىك قىينىلىۋاتقانلىقى، چىشىنى چىشلەپ ئۇسسۇزلۇقىنى ئاران - ئاران بېسىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئەمرايىنغا ئايان ئىدى. مېلگۇننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇلار خېلى چاغلارغىچە ئۇسسۇزلۇقنى ئۇنتۇپ قالغانىدى. بىراق، ئاستا - ئاستا يەنە چىدىيالماي قالدى. ئۇسسۇزلۇق تېخىمۇ كۈچىيىپ بايىقى بىردەمگىنە ئارامچىلىقنى تولدۇرۇۋالماقچى بولغاندەك ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە جازالاشقا باشلىدى. ئەمرايىن پۇراپ كەتكەن سۇنى بىر تېمىممۇ ئېقىتماي ئازراق قۇيۇپ ئاۋۋال بالىسىغا بەردى. قىرىسىق چۆمۈچنى تەلۋىلەرچە تارتىپ ئالدى - دە، بىراقلا كۆتۈرۈۋەتتى. ئاندىن ئۆزىگە ئازراق سۇ قۇيدى. سوغىدا كىچىككىنە سۇ قالغانىدى. قىرىسىقمۇ دادىسىنىڭ سوغىنى كۆتۈرۈشىگە قاراپ بۇنى بىلدى. ئەمرايىن ئىلگىرىلا مۇشۇنچىلىك سۇ قالغىنىنى بىلەتتى. بىراق، سۇنى قۇيۇپ بولۇپ قورققىنىدىن چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتتى. ئۇ چۆمۈچنى تۇتقىنىچە ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى. كاللىسىدىن بىر ئوي كەچتى بولغاي، چۆچۈپ كەتتى. شۇ ئوي بىلەن سۇ ئىچىشتىن ۋاز كەچتى. − مە، سەن ئىچكىن! − ئۇ ئۆز نەپسىدىن كېچىپ چۆمۈچنى بالىسىغا سۇندى. بىراق، بۇ، قىرىسىققا نىسبەتەن سىناقتەك بىلىندى. ئۇ چۆمۈچنى ئالدىيۇ، لېكىن ئىچىشكە پېتىنالمىدى. ئەمرايىن تېگىدە بىر - ئىككى يۇتۇملا سۇ قالغان سوغىنى مەھكەم ئېتىپ ئۆز ئورنىغا قويدى. − ھە، ئىچمەمسەن! − دېدى ئۇ ئوغلىغا. − ئۆزۈڭچۇ؟ − قىرىسىق ھەيران بولۇپ سورىدى. − مەن سەل تۇراي. بولدى، قالايمىقان خىياللىرىڭنى قويۇپ ئىچكىن! − دېدى ئەمرايىن تەمكىنلىك بىلەن. قىرىسىق تارتىشىپ ئولتۇرماي پۇراپ قالغان بۇ سۇنىمۇ ئىچىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقى تازا قانمىغان بولسىمۇ، ھەر ھالدا خېلى يېنىكلەپ قالدى. قىرىسىق گەپمۇ قىلماي، ئالدىغىمۇ قارىماي، ئېغىر ھەم يوغان پالاقلارنى ئامالسىز ئۇرۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئەمرايىن ئوغلىنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تېخى كىچىك، ئاجىز، ئۆزىنى قوغداشقا چارىسىز ئىكەنلىكىدىن قاتتىق ئازابلىناتتى. پالاق ئۇرۇۋاتقان بالىسىنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇۋېتىپ لەۋلىرىنى چىشلىدى. ئازابتىن يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى. دېمەك، ئەمدى ھېچقانداق چىقىش يولى يوق، بىراق ئۇ يەنىلا كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى… ئاستا - ئاستا كۆز باغلىنىشقا باشلىدى. ئەمرايىن ئېغىر خىياللار ئىچىدە پالاق ئۇرماقتا. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەمدى ھېچقانچە ۋاقىت قالمىغانىدى. مەيلى ئۇ قانچىلىك كۈچلۈك بولسۇن، مەيلى قانچىلىك چىداشلىق بەرسۇن، ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق ئاخىر ئۇنى بويسۇندۇرغانىدى. ئەمدى ئازراق كۈچىنىڭ بارىدا بالىسىنى ئويلاشمىسا بولمايتتى. ئۆزىگە ئايان، ئەمرايىن ئورگان ۋە مېلگۇنلار كەتكەن جايغا كېتىدۇ. بۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغانلا ئىش. بۇ ئىش بالىسىنىڭ ھايات قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلالمىسىمۇ، لېكىن سوغىدا قېپقالغان كىچىككىنە سۇ بىلەن بالىسى ئۇزاقراق ياشىيالايدۇ. تۇمان بۈگۈن تارامدۇ، ئەتە تارامدۇ ئۇ بىرنەرسە دېيەلمەيدۇ. ئوغلىنى نېمە قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى، ناۋادا ھاۋا ئېچىلىپ ئوغلى ئۆزى يالغۇز قالسا، ئۆزى ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالايدىغان - قۇتۇلدۇرالمايدىغىنىنىمۇ بىلمەيدۇ. بۇلارنى پەقەت بىر خۇدا بىلىدۇ. مۇمكىنچىلىكى تولىمۇ ئاز بولغان، ھەتتا پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشمايدىغان بىردىنبىر ئۈمىد بار (ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنى بۇ ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەندۈرمەكچى بولاتتى)، ناۋادا تۇمان تاراپ قالسا ئاق تەنلىكلەرنىڭ پاراخوتى ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئىلگىرى ئۇ ئاق تەنلىكلەر بەزىدە بۇ يەرلەردىن ئۆتىدىكەن، ئۇلار دېڭىزنىڭ ناھايىتى ئىچكىرىسى بىلەن يىراق بىر ئەلدىن يەنە بىر يىراق ئەلگە بارىدىكەن، دەپ ئاڭلىغانىدى. بىراق، ئۆزى ئەزەلدىن ئاق تەنلىكلەرنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. بۇ گەپلەرنى دەپ بەرگەن ئۇزۇن قۇلاق سودىگەرلەر بەزىدە خۇددى ئاق تەنلىكلەرنىڭ تاغدەك - تاغدەك پاراخوتلىرىغا ئولتۇرۇپ باققاندەك سۆزلەپ كېتەتتى. ناۋادا ھاۋا ئېچىلىپ بىرەر يول چىقىپ قالسا، ئاق تەنلىكلەرنىڭ پاراخوتى بۇ ئوۋ كېمىسىنى كۆرۈپ قالسا (پەقەت مۇشۇنداق بىرەر مۆجىزە يۈز بەرسە) ئاندىن بىرەر ئۈمىد كۈتۈشكە بولاتتى. بۇ تولىمۇ ئاجىز، ئەقىلگە سىغمايدىغان، ھەتتا ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن مۇمكىن بولمىغان ئۈمىد ئىدى. بىراق، نېمىلا دېگەنبىلەن ئۈمىد دېگەن بەرىبىر ئۈمىد - تە. ئەمرايىن ۋىدالىشىشتىن ئىلگىرى بۇنى ئوغلىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، ئۇنىڭغا: پەقەت تىنىقىڭلا بولىدىكەن ھەرگىز كېمىدىن ئايرىلما؛ سۈيۈڭ تۈگەپ ئۆلۈپ كېتىپ قالغۇدەك بولساڭمۇ كېمىنىڭ ئۈستىدە ئۆل، ھەرگىز ئورگان بوۋاڭ، مېلگۇن تاغاڭ ياكى ماڭا ئوخشاش ئۆزۈڭنى دېڭىزغا تاشلىما؛ ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمىساڭ تەقدىرىڭگە تەن بېرىپ بېشىڭغا كەلگىنىنى كۆر، دېگەنلەرنى جېكىپ - جېكىپ ئېيتىپ قويۇشى كېرەك ئىدى … بىراق، 11 ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ قويۇق تۇمان باسقان پايانسىز دېڭىزدا ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىقتىن ھېچبىر قارانچۇقسىز، ئۆزى يالغۇز ئاستا - ئاستا ئۆلۈپ كېتىشىنى ئويلىسىلا ئەمرايىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالاتتى. بۇنىڭغا دادا بولغان ئادەم قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن! ھەتتا يۈرىكى تاش ئادەملەرمۇ چىداشلىق بېرەلمەيدۇ - دە. ئاتا - بالا ئىككىيلەن بىر - بىرىگە چىڭ يېپىشىپ كېچىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. لېكىن، ھەر ئىككىلىسىلا ئۇخلىمىدى. ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق ئازابىدىن قىينىلىۋاتقان ئاتا - بالا ئىككىسىنىڭ كاللىسىدا: بىزنى يەنە نېمە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندۇ؟ دېگەن بىرلا ئوي ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. دادىسىغا چاپلىشىپ ياتقان قىرىسىق دادىسىنىڭ بىرنەچچە كۈندىن بېرى ئورۇقلاپ بىر تېرە - بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى. پەقەت بومبۇر ساقاللىرىلا بۇرۇنقىدەك يىرىك ھەم قاتتىق ئىدى. ئۇ دادىسىغا ئىچى ئاغرىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ چاپلىشىپ، ئۈن - تىنسىز ياش تۆكۈشكە باشلىدى. بۇ كېچە ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا بار بولغان، بىراق ئىلگىرى ھېس قىلىپ باقمىغان بىر خىل بالىلارچە مېھىر - مۇھەببەتنى چۈشىنىپ يەتتى. ئۆزىنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيتتى. بۇ تۇيغۇلار ئۇنىڭ تومۇر - تومۇرلىرىغا، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا يوشۇرۇنغانىدى. ئىلگىرى ئۇ دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلىنەتتى. دادىسىنىڭ مېڭىش - تۇرۇشلىرىنى دوراپ، چوڭ بولغاندا دادىسىغا ئوخشاش بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. مانا ئەمدى بىلدىكى، دادىسى دېمەك ئۇ ئۆزى ئىكەن. دادىسى ئۇنىڭ باشلىنىشى، ئۇ بولسا دادىسىنىڭ داۋامى ئىكەن. شۇڭا، ئۇ دادىسىغا خۇددى ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتقاندەك ئىچ ئاغرىتماقتا ئىدى. ئۇ، دادام ئىككىمىزگە ئازراق سۇ بەرگىن، دەپ چاشقان ئاكىسىغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى: چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! ئەمرايىن ئۇسسۇزلۇق ئازابىغا چىدىماي ھالىدىن كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سۇ ئىچىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمىدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرەك - باغرى لاۋۇلداپ كۆيۈپ، جىسمى قۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك بولدى. سىڭىرلىرى تارتىشىپ ئۈگە - ئۈگىلىرى سىرقىراپ ئاغرىماقتا، قۇلاقلىرى ھەرە كىرىۋالغاندەك قاتتىق غوڭۇلدىماقتا ئىدى. شۇنىڭدىلا مېلگۇننىڭ ئۆلۈش ئالدىدا قانچىلىك قىينالغانلىقىنى بىلدى. بىراق، بۇلارنى ئويلىنىپ ئولتۇرمىدى، ناۋادا ئوغلىنى، بۇ ئاخىرقى كېچىنى ئوغلى بىلەن بىللە يېتىپ ئۆتكۈزۈشنى دېمىگەن بولسا ئاللىقاچان بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلغان بولاتتى. ئوغلى ئۈچۈن (گەرچە ئۇنىڭ قۇتۇلۇپ قېلىشىدا ھېچقانداق ئۈمىد قالمىغان بولسىمۇ، ھېچنېمىگە قارىماي ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى قوغدىشى كېرەك)، ئوغلىنىڭ بىرەر سائەت بولسىمۇ ئۇزاقراق ياشىشى ئۈچۈن (بۇ ئۇنىڭ ئاتىلىق بۇرچى ھەم ئۈمىدى. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قىلىدىغان ئىشى)، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ بالدۇرراق كېمىدىن ئايرىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، دەل شۇ ئوغلىنى دەپ بىر قارارغا كېلىشكە، ئوغلىنى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تاشلاپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. لېكىن، يەنە ئىككىلىنىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەرسە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىش يۈز بېرىشى، ھالىدىن كېتىپ يېتىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى … ئەمەلىيەتتىمۇ ئەمرايىن ئاللىبۇرۇن ھالىدىن كېتىپ بولغانىدى… بۇ ئىشلارنى ئوغلىغا نېمىدەپ چۈشەندۈرسە بولار؟ ئوغلىنىڭ غېمىنى قىلىپ، يەنە ئوغلىنى تاشلاپ كېتىپ بارغانلىقىنى قانداق ئۇقتۇرسا بولار؟ … ئەمرايىننىڭ ئۆمرى بارغانچە قىسقىرىماقتا. − دادا! − قىرىسىق دادىسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ قالغاندەك تۇيۇقسىز پەس ئاۋازدا ۋارقىراپ كەتتى. ئاندىن دادىسىغا چىڭ چاپلىشىپ، چاشقان ئاكىسىغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى. چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! ئەمرايىن چىشىنى چىڭ چىشلەپ ئېغىر بىر تىنىپ قويدى، ئەمما كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدى. ئۇ ئوغلى بىلەن غايىبانە ۋىدالاشماقتا، ۋىدالاشقانسېرى ئاخىرقى قەدەمگە تەۋەككۈل قىلىش شۇنچە قىيىن ھەم ئازابلىق بىلىنمەكتە ئىدى … قىرىسىق ئويغىنىپ ئالدىنقى كېچىلەرگە قارىغاندا ئىسسىق ئۇخلىغىنىدىن ھەيران قالدى. ئۈستىدە دادىسىنىڭ تېرە جۇۋىسى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ بېشىنى كۆتۈردى: دادىسى يوق تۇراتتى. ئۇ ئورنىدىن ئىرغىپ تۇردى - دە، كېمىنى ئاختۇرۇشقا، ۋارقىراشقا باشلىدى. كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان بۇ ئېچىنىشلىق ئاۋاز قويۇق تۇمان قاپلىغان سوغۇق، تىمتاس دېڭىزنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. غېرىبلىق، ئۈمىدسىزلىك ۋە چەكسىز ئازاب بىلەن تولغان بۇ ئاۋاز كۆكنى تىترىتىپ ئۇزۇنغىچە ئەكس سادا ياڭرىتىپ تۇردى. ئۇ ئىچ - ئىچىدىن ھەسرەتلىنىپ ھۆڭ - ھۆڭ يىغلاشقا باشلىدى. ئاخىر ئاۋازى بوغۇلۇپ يېتىپ قالدى. ئەجدادلىرىغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتى، ھەسرىتى ۋە مەرسىيىسىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندەك بېشىنى كېمىنىڭ قىرىغا ۋاقىلدىتىپ ئۇردى. ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي، كۆزىنىمۇ ئاچماي ياتاتتى. ئەمدى ئۇنىڭ كۆرگۈدەك ھېچنېمىسى، بارغۇدەك ھېچ يېرى قالمىغان، ئەتراپ تېخىچىلا ئاپئاق، قويۇق تۇمان. پەقەت دېڭىزلا ئىككىلىنىپ تۇرغاندەك بىلىنەر - بىلىنمەس دولقۇنلىنىپ، كېمە مەيىن تەۋرىنىپ تۇرىدۇ. قىرىسىق قار - يامغۇر يىغلىدى، قايغۇردى، نېمىشقىمۇ ئۇخلاپ قالغاندىمەن دەپ ئۆزىنى تىللىدى. ئەگەر ئۇخلىمىغان بولسا دادىسىنى ھەرگىز، ھەرگىز قويۇپ بەرمىگەن، چىڭ تۇتۇۋالغان، چىشلەپ تۇرۇۋالغان بولاتتى. ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىقتىن ئۆلگەن تەقدىردىمۇ تەڭ ئۆلگەن، ھەرگىز مۇنداق قورقۇنچلۇق يالغۇزچىلىققا قالمىغان بولاتتى. كېچىدە ئۇ كېمىنىڭ قاتتىق سىلكىنىپ، ئىرغاڭلاپ كەتكىنىنى سەزگەن، لېكىن ئويغانمىغان، ئورنىدىن تۇرۇش، ۋارقىراش ئېسىگىمۇ كەلمىگەنىدى. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايتتى، ئۆز - ئۆزىنى تىللايتتى. ئۇ دادىسىنىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالامتى؟ ئۇ دادىسى بىلەن بىللە قاراڭغۇ دېڭىزغا سەكرەشنى خالىماسمىدى؟ ئۇ ئۇزۇنغىچە ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىدى، كېيىن ئاستا - ئاستا ئۇخلاپ قالدى. بىر چاغدا ئۇسسۇزلۇق بايىقى ھەسرەتلىك مىنۇتلارنىڭ ئازابىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولغاندەك تېخىمۇ شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. قىرىسىق ھەتتا چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى بىلىپ ياتاتتى. ئۇ نەچچە قېتىم ھوشىدىن كېتىپ، نەچچە قېتىم ھوشىغا كەلدى. كېمە تۇماندا دولقۇنلار نەگە تارتسا شۇ ياققا ماڭماقتا ئىدى. ئۇ يېتىپ مۆل - مۆل يىغلاشقا، سۇ ئەكېلىپ بېرىدىغان ئىلاھىي چاشقاننى چاقىرىشقا باشلىدى: چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! بىراق، چاشقان كەلمىدى. ئۇ تېخىمۇ ئۇسساپ كەتتى. كېچىدە قىرىسىق دولقۇنلارنىڭ كېمىگە ئۇرۇلۇشىدىن چۆچۈپ ئويغاندى - دە، بوشقىنا ۋارقىرىۋەتتى. ئۇ يۇلتۇز كۆرگەنىدى! بۇ ئۇنىڭ بىرنەچچە كۈندىن بېرى تۇنجى قېتىم يۇلتۇز كۆرۈشى ئىدى. يۇلتۇزلار قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن چىقىپ قاراڭغۇ كۆكتە سۇس جىمىرلىماقتا ئىدى. ئايمۇ گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ بۇلۇتلار ئارىسىغا مۆكەتتى. قىرىسىق ھەيرانۇ ھەس قالدى. يۇلتۇز، ئاي، شامال، دولقۇن، دېمەك بۇلار ھاياتلىقنىڭ، ھەرىكەتنىڭ بېشارىتى ئىدى! تۇمان تېخى تولۇق تارىمىغان، كېمە تېخىچىلا قاراڭغۇ تۇماندا كېتىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھال ئۇزۇنغا بارمايتتى. تۇمان قىمىرلىماقتا، شامال ۋە دولقۇنلارنىڭ تەسىرىدىن قوزغالماقتا، ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ قانداقتۇر بىر جايغا ماڭماقتا ئىدى. قىرىسق كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە يۇلتۇزلارغا تىكىلدى. ئۇنىڭ پالاق ئۇرغۇدەك ماجالى يوق. يۇلتۇزلارغا قاراپ تەرەپنى پەرق ئېتەلمەيتتى. ئۆزىنىڭ نەدىلىكىنى، نەگە مېڭىشىنى، ئۆزىنى نېمىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنىمۇ بىلمەيتتى، بىراق دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنلىشى، دېڭىز شامىلىنىڭ غۇر - غۇر ئۇچۇشى ۋە كېمىنىڭ بوشقىنا تەۋرىنىپ تۇرۇشىدىن قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇ يىغلاشقا باشلىدى. بۇ ھەم خۇشاللىق، ھەم قايغۇلۇق كۆز يېشى ئىدى. دۇنيا روشەنلەشمەكتە، دېڭىز داۋالغۇماقتا. ئۇ يېمەك - ئىچمەككە ئېرىشەلىسە، ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى بىلەن داۋاملىق ياشىيالىسا ئىدى - ھە. ئۇ مانا مۇشۇلار ئۈچۈن يىغلىماقتا. بىراق، ئۇنىڭغا ئايان، ئەمدى ئۇ ئورنىدىن تۇرالمايدۇ. ئۇزاق ياشىيالمايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ… بۇلۇتلار ئارىسىدىن ئاي چىقىپ، نۇرىنى دېڭىزغا سەپتى. يېنىك دولقۇنلار گاھ تىنچىپ، گاھ چىمىرلاشقا باشلىدى. قىرىسىق كۆكتە چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ خىيالغا چۆمدى: بۇ يۇلتۇزلارنىڭ قايسىلىرى بەخت يۇلتۇزىدۇ؟ قايسىسى ئورگان بوۋامنىڭ، قايسىسى مېلگۇن تاغامنىڭ، قايسىسى دادام ئەمرايىننىڭدۇ؟ ئەي بەخت يۇلتۇزلىرى، نەچچە كۈن بولدى، بىز سىلەرنى كۆرەلمىدۇق. سىلەرمۇ تۇماندا بىزنى كۆرەلمىدىڭلار، مانا ئەمدى يالغۇز مەنلا قالدىم. نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشۇمنى بىلمەيمەن. بىراق، ئەمدى قورقمايمەن. چۈنكى، سىلەر بار. پەقەت قايسىڭلارنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنىلا بىلەلمەي تۇرىمەن. لېكىن، بۇ ئىشتا سىلەرنىڭ سەۋەنلىكىڭلار يوق. تۇمان توسۇۋېلىپ بىزنىڭ دېڭىزدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرمەي قالدىڭلار. ھازىر يالغۇز مەنلا قالدىم. قالغان ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسى ئۆزىنى سۇغا تاشلىۋالدى. ئۇلار سىلەرنى تولىمۇ ئۇلۇغلايتتى، قۇرۇقلۇققا يول كۆرسىتىپ بېرەرمىكىن دەپ سىلەرنى كۆرۈشكە شۇنداق ئىنتىزار بولدى! ئورگان بوۋام، يۇلتۇزلار ھەرگىز ئادەملەرنى ئالدىمايدۇ، دېگەن. ماڭا يۇلتۇزغا قاراپ يول تېپىشنى ئۆگىتىپ قويماقچى بولغان … مانا ئەمدى ھېچقايسىسى يوق. بىراق، بۇ سىلەرنىڭ سەۋەنلىكىڭلار ئەمەس. مانا مەنمۇ ئۆلەي دەپ قالدىم. سۇ يوق، ماجالىمدىن كەتتىم، نەگە مېڭىپ، نەدە تۇرۇشۇمنى بىلمەيمەن… كېمە دولقۇنلار بىلەن تەڭ كېتىپ باراتتى. شامال گاھ كۈچىيىپ گاھ پەسىيەتتى. تۇمان تاراپ شالاڭلاشماقتا، ئۇپۇقتىن بىلىنەر - بىلىنمەس سۈبھى كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ دەل ئۇدۇلىدىكى قاراڭغۇ ئاسماندا نۇرلۇق بىر يۇلتۇز چاقناپ تۇراتتى. ئۇ يۇلتۇز دەل كېمىنىڭ تۇمشۇقىدا ئىدى. ئۇنى كۆزدىن يىتتۈرمەي، ئۇدۇل مېڭىۋېرەي، دەپ ئويلىدى قىرىسىق. ئۇ بۇ يۇلتۇزنى تونۇمىسىمۇ كۆزىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي، بېشىنىڭ ئارقىسى بىلەن شامالنىڭ كۈچى ۋە يۆنىلىشىنى جەزم قىلىپ ماڭدى. − ھەي شامال! توختىماي چىقىۋەر، ھەرگىز توختاپ قالما! مەن سېنىڭ ئىسمىڭنى بىلمەيدىكەنمەن. ئورگان بوۋام بولغان بولسا دەپ بېرەتتى. سەن مېنىڭ ئۇكام بولغىن. ھەرگىز توختاپ قالمىغىن، جۇمۇ شامال. يۆنىلىشىڭنىمۇ ئۆزگەرتمىگىن. بىلىمەن، ئۆزۈڭ زۆرۈر دەپ قارىساڭلا ئۇزۇنغىچە توختىماي چىقىۋېرىسەن. ماڭا ياردەم قولۇڭنى سۇنغىن شامال! ھەرگىز مېنى تاشلاپ كەتمىگىن! ئالدىرىمىساڭ ئىسمىڭنىمۇ بىلىۋالارمەن، شۇ چاغدا ئىسمىڭنى ئاتاپ چاقىرىمەن، ھە راست، ئەگەر خالىساڭ سېنى ئورگان شامىلى دەپ ئاتاي، بولامدۇ؟ بۇ بوۋام ئورگاننىڭ ئىسمى. مەن سېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق ئورگان شامىلى دەپ ئاتايمەن. مېنى چۈشىنىسەن… ئۇ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ كېتىپ بارغان شامال بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭغا »توختىماي چىقىۋەرگىن« دەپ يالۋۇراتتى. بارلىق ئۈمىدى ۋە تىلەكلىرىنى شۇ شامالغا باغلىغىنى بىلەن، يول كۆرسىتىپ تۇرغان نۇرلۇق يۇلتۇزدىن زادىلا كۆز ئۈزمەيتتى. − مەن سېنى ئۇلۇغلايمەن يۇلتۇزۇم، − دېدى ئۇ يۇلتۇزغا، − سەن تولىمۇ، تولىمۇ يىراقتا. ئەڭ چوڭ، ئەڭ چىرايلىق يۇلتۇز، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ھەرگىز ئۇ يەردىن كېتىپ قالمىغىن، يوقاپ كەتمىگىن، مەن سەن تەرەپكە كېتىپ بارىمەن، ھۇۋقۇشمۇ سەن تەرەپكە ئۇچۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ نەگە ئۇچقىنىنى، ئارالغىمۇ ياكى قۇرۇقلۇققىمۇ، بىلمەيمەن. ئارال بولسىمۇ مەيلى، ئۆلۈكۈم شۇ يەردە قالسا مەن رازى، ھەرگىز كېتىپ قالما جۇمۇ يۇلتۇزۇم، ھەرگىز يوقاپ كەتمە! ئىسمىڭنى بىلمەيدىكەنمەن، خاپا بولمىغىن! ئىسمىڭنى سورىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەپتىمەن، دادام ئەمرايىن بولغان بولسا دەپ بېرەتتى. ئەگەر خالىساڭ سېنى دادامنىڭ ئىسمى بىلەن ئەمرايىن يۇلتۇزى دەپ چاقىراي، بولامدۇ؟ ئەمدى سەن ئاسماندا كۆرۈنسەڭلا ساڭا سالام بېرەي، ئىسمىڭنى چاقىراي، بىراق، ھازىر سەن ماڭا ياردەم قىلغىن ئەمرايىن يۇلتۇزى، كېتىشكە ئالدىرىماي تۇر، ھەرگىز يوقاپ كەتمىگىن، ھەرگىز بۇلۇتلارنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالما… ئۇ يول كۆرسەتكۈچ نۇرلۇق يۇلتۇز بىلەن خېلىغىچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن دولقۇن بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى: − ھەي دولقۇن، سەن مېنىڭ كېمەمنى ھەيدەپ كېتىپ بارىسەن. سەن نېمىدېگەن ياخشى - ھە. مەن سېنى مېلگۇن دولقۇنى دەپ ئاتاي، سەن دەل ھۇۋقۇش ئۇچۇپ كەتكەن تەرەپكە قاراپ ئۆركەشلەۋاتىسەن. بىلىمەن، سەن ئۆزۈڭ بارىدىغان جايغا ئۇزۇنغىچە توختىماي ئاقىسەن. مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن مېلگۇن دولقۇنى، ھەرگىز خاتا ئېقىپ قالمىغايسەن. ئەسلىدە مەن پالاق ئۇرسام بولاتتى، بىراق مىدىرلىغۇدەك ھالىم يوق. كۆرۈۋاتامسەن مېلگۇن دولقۇنى؟ مەن سېنىڭ رايىڭغا بېقىپ كېتىپ بارىمەن. پەقەت ھاياتلا بولىدىكەنمەن، مەڭگۈ سېنى ئۇنتۇمايمەن. چۈنكى، سەن ئورگان شامىلى بىلەن ئەمرايىن يۇلتۇزىغا ئەگىشىپ كېتىپ بارىسەن. خۇدا بۇيرۇسا، مېلگۇن دولقۇنىغا ئەگەشسەڭلار يولۇڭلار ئاق بولىدۇ، دەپ ھەممە ئادەمگە ئېيتىمەن.
ئىزاھات: 1. چىڭغىز ئايتماتوف 1928 - يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلغان. 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بولغان. داڭلىق يازغۇچى. بۇ ئەسەر مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئالا ئىت قىياسى» ناملىق توپلامدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. 2. نىۋخى − ئامۇر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى بىلەن ساخارىن ئارىلىدا ياشايدىغان بىر مىللەت.
مۇھاكىمە ۋە مەشىق: 1. بۇ ئەسەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بېقىڭ. 1) ئورگان بوۋاي، مېلگۇن ۋە ئەمرايىنلارنىڭ قايسى ئىشلىرىدىن ئۇلاردىكى قانداق ئالىيجانابلىقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؟ 2) بۇ ئەسەر ھېمىڭۋاينىڭ «دېڭىز ۋە بوۋاي» ناملىق ئەسىرى بىلەن مۇھىت جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە. ئەمما، شۇ ئوخشاشلىق ئىچىدە پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، مۇشۇ توغرۇلۇق ھېس قىلغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ. 3) ئەسەردىكى: «ئەگەر كېچىدە تۇيۇقسىز شامال چىقىپ قالسا، مەيلى ئۇ بوران ياكى باشقا نېمە بولسۇن، ئىش قىلىپ ھاۋا ئېچىلىپ يۇلتۇز كۆرۈنسىلا بولاتتى!» دېگەن جۈملىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ كۆرۈنۈشى قانداقلارچە چىقىش يولى بولالايدىغانلىقىنى جۇغراپىيە ئىلمى نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟ 2. قىرىسىقنىڭ يۇلتۇزغا، شامالغا ۋە دولقۇنغا ئايرىم - ئايرىم ئىسىم قويۇشى قىرىسىقنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىشىمىزگە يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنداقتا سىزنىڭچە، قىرىسىق نېمە ئۈچۈن يۇلتۇزغا دادىسىنىڭ ئىسمىنى قويماي بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى قويغان؟ يۇلتۇز بىلەن ئۇنىڭ بوۋىسى ئوتتۇرىسىدا قانداق ئىچكى باغلىنىش بار؟ ئەگەر ۋاقىت يار بەرسە، شامال ۋە دولقۇن بىلەن مېلگۇن ۋە دادىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنىمۇ تەھلىل قىلىپ كۆرۈڭ. 3. بۇ ئەسەر پوۋېستتىن پارچە بولۇپ، قىرىسىقنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىگە ئائىت ئۇچۇر بېرىلمىگەن. سىز ئەسەردىكى مەلۇم بايان ۋە تەسۋىرلەرگە ئاساسلىنىپ قىرىسىقنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە قىياسىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ. 4. «ئالا ئىت قىياسى» ناملىق پوۋېست چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ زور تەسىر قوزغىغان داڭلىق ئەسەرلىرىدىن بىرى. قىزىقسىڭىز بۇ پوۋېستنى تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ.
( مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 5-كىتاب 21- بەت)
|