كۆرۈش: 507|ئىنكاس: 5

بالا تەربىيەلەش ئىختىدارىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش بىلىملىرى(3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈچىنچى دەرس:
يەسلى بىلەن باشلانغۇچنى ئۇلاپ، مەكتەپكە كۆنۈشكە يېتەكلەيلى
● ئۆگىنىشتىن مەقسەت: ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ يەسلى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىشىگە؛ مۇددەتتىن بۇرۇن زۆرۈر تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىش.
● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا: مەكتەپكە كىرىشىتىن ئىلگىرىكى ھەر خىل تەييارلىق خىزمەتلىرى، ئائىلە باشلىقلىرىنى پەننى چۈشىنىشكە ۋە پەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەش، ئۈنۈملۈك بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى.
● ئۆگىنىش مەزمۇنى:
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۇرمۇش دەرۋازىسى بالىلارغا قاراپ ئېچىلىش ئالدىدا، ئائىلە باشلىقلىرى ئىنتايىن گاڭگىراپ قالىدۇ ھەم بالىلارغا بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىدىغان قانداق بوشلۇق بېرىشنى بىلمەيدۇ. بۈگۈن بىز يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقىش تەييارلىقىنى قانداق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا توختىلىمىز.
بىرىنچى، يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇلاش توغرىسىدىكى ئۇقۇم
(1) ئۇقۇم: «يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇلاش» ــ كەڭ جەھەتتىن ئالغاندا، بالىلارنى باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىشتىن ئاۋۋال ئائىلە باشلىقلىرى، مەكتەپ، يەسلى قاتارلىق ئۈچ تەرەپ قاتنىشىدىغان پائالىيەت بولۇپ، بۇنى بالىلارنىڭ يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۆگىنىش مۇھىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىنىدىغان تەييارلىق خىزمەتلىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
(2) يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇلاشتىكى بەزى خاتا كۆز قاراشلار:
1. يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇلاش ئوڭۇشلۇق بولسىلا، مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. يەسلى مائارىپىدىن باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىغىچە بولغان ئارىلىقتا، پىسخىك ۋە فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتە، تۇرمۇش ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولماي قالمايدۇ ھەم مەسىلە كۆرۈلمەسلىكىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
2. يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇلاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بەلگىسى ـــ بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق ماسلىشىشى ۋە كەپسىزلىك قىلىشى ئەمەس، بەلكى بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە ماسلاشقاندىن كېيىن، ئاۋارىچىلىقتىن قورقماي، ئىشنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىشى، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەت.
ئىككىنچى، يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇلاش جەريانىدىكى ئۆزگىرىش ۋە تەييارلىقلار
(1) يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇلاش جەريانىدا بالىلار دۇچ كېلىدىغان ئۆزگىرىش
1. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىش. يەسلىدىكى ھەر بىر سىنىپقا ئىككىدىن ئوقۇتقۇچى ۋە بىردىن قارىغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بىر ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى بالىلار بىلەن ھەر ۋاقىت بىللە بولۇپ، بالىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەر زامان ھەل قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچى بالىلارغا ئاتا-ئانىلاردەك قارايدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىناق، يېقىن بولىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى سىنىپلارغا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بىر كۈندىكى ھەر سائەتلىك دەرسنى ئوخشىمىغان ئوقۇتقۇچى ئۆتىدۇ، تەنەپۇس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچى سىنىپتا تۇرمايدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى دەرسخانىدىلا ئالاقىلىشىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىش ۋاقتىمۇ نىسپىي ئاز بولىدۇ، شۇڭا يېڭىدىن مەكتەپكە كىرگەن بالىلار بۇ خىل يېڭىچە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتىگە ماسلىشالماسلىقى، ھەتتا ياتسىراش ۋە بۇرۇختۇملۇق ھېس قىلىشى مۇمكىن.
2. دەرسخانا مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىش. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مۇنتىزىملاشقان دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن يەسلىلەردىكى ئەركىن ئويۇنچۇق ئويناش، ئىزدىنىش ۋە بايقاش تىپىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدا بىر قەدەر زور پەرق بار. ئويۇنچۇق ئويناش ـــ يەسلى مائارىپىدىكى ئاساسلىق پائالىيەت شەكلى، ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئوقۇتۇش پىروگراممىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا مەدەنىيەت بىلىملىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىش ۋە ئوقۇش، يېزىش، ھېسابلاش قاتارلىق تۈپ ماھارەتلەرنى ئىگىلەش تەكىتلەنگەن بولىدۇ. تەنەپۇس ۋە ئويناش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ، بالىلار ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۆت سائەت، چۈشتىن كېيىن ئىككى سائەت دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا دۇچ كېلىدۇ ھەم بەلگىلىك مىقتاردا تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ، شۇڭا بالىلار دەسلەپتە باشلانغۇچ مەكتەپ يەسلىدەك قىزىقارلىق ئەمەس ئىكەن دېگەن تونۇشتا بولىدۇ.
3. ھەرىكەت ئۆلچىمىدىكى ئۆزگىرىش. يەسلىدە، بالىلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت قىلىدىغان ۋاقتى ۋە ھوقۇقى بولىدۇ، ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپتە بالىلار كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا بىر تۇتاش تەلەپكە بويسۇنۇشى كېرەك، بالىلارنىڭ يەسلىدىكى ئورۇنلۇق شەخسىي تەلەپلىرى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشقا ئاشمايدۇ، بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، كوللېكتىپقا قېتىلىشنى ئۆگىنىشى، قايسى ۋاقىتتا نېمە ئىش قىلىشنى بىلىشى، ئۆزىنى كوللېكتىپقا  بويسۇندۇرۇشى كېرەك.
4. تەلەپ ۋە ئارزۇدىكى ئۆزگىرىش. يەسلى مەزگىلىدە، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئويلايدۇ، ئەمما بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارزۇ قىلىش قىممىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولۇپ، بالىلارنىڭ ئوينىشىغا ناھايىتى كۆپ چەكلەرنى قويىدۇ.
5. مەشغۇلات ۋاقتىدىكى ئۆزگىرىش. بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 9:20 گىچە بولىدۇ، ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپتە سائەت 9 دا باشلىنىدىغان ئەتىگەنلىك كىتاب ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 9 دىن بۇرۇن سىنىپنى تازىلاپ بولۇش، دەرستىن ئىلگىرىكى تەييارلىقنى تاماملاپ بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بالىلار مەكتەپكە بۇرۇن بارىدۇ.
(2) يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇلاش جەريانىدا بالىلار قىلىشقا تېگىشلىك تەييارلىقلار
1. پىسخىكا، ئادەت ۋە ئىقتىدار جەھەتتە تەييارلىق قىلىش
(1) بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش ئارزۇسىنى ئۇلغايتىش. بىز ئاۋۋال بالىلىرىمىزنى مەكتەپكە ھېرىسمەن قىلىشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزنى بالىلىرىمىز ئوقۇيدىغان مەكتەپنى  «ئېكسكۇرسىيە قىلىش»قا ئاپىرىش، ئۇلارغا مەكتەپ ھەققىدىكى ئىشلارنى كۆپرەك سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، بالىلاردا قىزىقىش ۋە ئىنتىلىش پەيدا قىلىش كېرەك؛ يەنە بۇ مەكتەپنىڭ 2-، 3-يىللىقلىرىدا ئوقۇيدىغان بالىلارنى بالىلىرىمىز بىلەن بىللە ئويناشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا مەكتەپتىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەتكۈزۈش ئارقىلىق، بالىلىرىمىزدا بۇ ئىنتايىن ياخشى مەكتەپ ئىكەن، دەيدىغان تۇيغۇ پەيدا قىلىشىمىز لازىم.
(2) بالىلارنىڭ مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش. ئەگەر بالىلارنى ئەدەپلىك، ئىنتىزامچان، ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، كوللېكتىپقا كۆڭۈل بۆلىدىغان، يوللۇق گەپ قىلىدىغان، ھەق-ناھەق قارىشى ئېنىق قىلىپ تەربىيەلىسەك، ئۇلارنى يېڭىچە كوللېكتىپ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن ياخشى ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
(3) بەلگىلىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە مۇستەقىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش. بالىلارغا ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى بىر يەرگە مۇقىم قويۇش، كىتاب، سومكا، ئاياق، كىيىملەرنىمۇ مۇقىم بىر جايغا قويۇش، خالىغانچە تاشلىماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك.
(4) ۋاقىت كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش. بالىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلارنى ۋاقىت كۆز قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشى ئىنتايىن زۆرۈر، بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار بىلەن بىللە مەشغۇلات جەدۋىلى تۈزۈپ، ئۇلارنى پىلانلىق ھالدا تېلېۋىزور كۆرۈش، كىتاب ئوقۇش ۋە ئويناشقا يېتەكلىشى كېرەك.
(5) بالىنىڭ پىرىنسىپ ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش. مەسىلەن، يەر سۈپۈرۈش، سۈت ئېلىش، قاچا-قۇچىلارنى ئايرىش، ئەخلەت تۆكۈش دېگەندەك، بالىنىڭ ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، بالىنى ۋەزىپىنى دەسلەپكى پاسسىپ قوبۇل قىلىشتىن ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇنلاشقا ئۆتۈشكە يېتەكلەش كېرەك.
(6) ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش. بالىغا قانداق قىلغاندا ساۋاقداشلار بىلەن دوستانە ئۆتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ساۋاقداشلار ئارا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، ئۇنى قانداق توغرا بىر تەرەپ قىلىش، يارىلانغاندا قانداق قىلىش لازىملىقىنى ئېيتىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا قاتناش قائىدىسىنى بىلىش ۋە قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە قىلىش كېرەك.
(7) مەكتەپكە بېرىش يولىنى تونۇش. مەكتەپكە بېرىش يولىنى تونۇش، ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەكتەپكە ئۆزى بېرىش ۋە مەكتەپتىن ئۆزى قايتىش ـــ بالىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ تۇرمۇشىدىكى نىشانلارنىڭ بىرى. بالىغا مەكتەپنىڭ كونكرېت ئورنىنى ئەستە تۇتقۇزۇش بىلەن بىللە، يەنە ئۆينىڭ ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرىنى ئەستە تۇتقۇزۇش كېرەك.
(8) بالا مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتكۈزۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا، بالىنى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ داۋالىتىش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك جەھەتتە بەزى تەربىيەلەرنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
2. ئۆگىنىش جەھەتتىكى تەييارلىقلار
(1) ئاڭلاشنى ئۆگىنىش. ئاڭلاش ئادىتى ۋە ئىقتىدارى ـــ بالىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى. ئاڭلاش ـــ ناھايىتى تەبىئىي بولغان بىر خىل قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى. ئاڭلىغانسېرى بىلىممۇ كۆپ جۇغلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۆزلىگەندە مول خام ماتېرىيالغا ۋە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان تىلنى ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
(2) تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىش. بالىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش، مۇستەقىل ئىزدىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
(3) كىتابقا ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇش. ئەڭ مۇھىم ئۇسۇل ـــ ئۆيدە بالىغا كۈندە ھېكايە ئوقۇپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، رەسىم بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن، ئەھمىيەتلىك، قىزىقارلىق كىتابلارنى تەييارلاش كېرەك. بۇ، بالىنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىپ، بىلىم ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ ياخشى يولى.
(4) تىلنى چۈشىنىش. ئاتا-ئانا بىلەن بالا پاراڭلاشقاندا، تىل ئامال بار بارغانسېرى ئۆلچەملىك، مېغىزلىق، مۇرەككەپ بولۇشى كېرەك.
(5) دىققەتنى يىغىشنى ئۆگىنىش. يەسلى بالىلىرىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى ئادەتتە 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە بولىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپتە بولسا بىر سائەتلىك دەرس 40 مىنۇت بولىدۇ. بالىلارنىڭ مىدىرماي ئولتۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى مەشىق قىلىدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، دەسلەپتە ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ھەمرا بولسا، بارا-بارا ئۇلارنى مۇستەقىل تاپشۇرۇق ئىشلىگىلى قويسا بولىدۇ.
3. ماددىي تەييارلىقلار
(1) ئاسما باغلىق سومكا. بېغىنى خالىغانچە ئۇزارتقىلى ۋە قىسقارتقىلى بولىدىغان سومكا تەييارلاش كېرەك، ئەگەر ماگنىت بىلەن قوغدىلىدىغىنى بولسا تېخىمۇ ياخشى. كىتاب بىلەن دەپتەرلەرنى ئايرىم-ئايرىم سېلىش ئۈچۈن، سومكىنىڭ ئىچى قاتمۇقات بولۇشى، چاي قۇتۇسى، لۇغەت دېگەندەك نەرسىلەرنى سېلىش ئۈچۈن، سومكىنىڭ ئىككى يېنىدا ئەڭ ياخشىسى يانچۇق بولۇشى كېرەك.
(2) ئاددىي قەلەمدان. دىققەت قىلىڭكى، بالىڭىزغا يۈزىدە نۇرغۇن تۇتقۇچلىرى بار، ئاۋاز چىقىرىدىغان قەلەمداننى ئېلىپ بەرمەڭ؛ قەلەمدان ئۈستىدىكى نۇسخىلار زىيادە گۈللۈك، مۇرەككەپ بولمىسۇن؛ بۇنداق نەرسىلەر دەرس ئاڭلىغاندا بالىڭىزنىڭ ئاسانلا دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ. بالىڭىزنىڭ قەلەمدىنىغا 5-6 قېرىنداش قەلەم ۋە ئۆچۈرگۈچ، بىر دانە تۈز سىزغۇچ، بىر دانە قەلەم ئۇچلىغۇچ پاتسىلا بولدى.
(3) قاتتىق سىياھلىق قەلەم. باشلانغۇچ مەكتەپكە يېڭى چىققاندا، بالىنىڭ HB تىپلىق ياغاچتىن ياسالغان قېرىنداش قەلەم ئىشلەتكىنى ياخشى، قېرىنداش قەلەمنىڭ سىرتىدىن قارىغاندا، بالا 6 قىرلىق قېرىنداش قەلەمنى چىڭ تۇتالايدۇ ھەم بۇ خىل قەلەم قولنى ئاغرىتىۋەتمەيدۇ؛ بالا خەت يېزىشنى ئەمدىلا باشلىغان بولغاچقا، قەلەمنى ئۆلچەملىك تۇتالمايدۇ، شۇڭا ئۇ ھەرىكەتچان قەلەم بىلەن خەتنى ياخشى يازالمايدۇ.
(4) خىلمۇخىل قەلەم ئۇچلىغۇچلار ۋە ئۆچۈرگۈچلەر. قول بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان قەلەم ئۇچلىغۇچلاردىن باشقا، توكلۇق قەلەم ئۇچلىغۇچلارنىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۆچۈرگۈچنىڭ چاسا شەكىللىكىنى تاللىغان ياخشى.
(5) بالىغا مۇقىم ۋە تىنچ بوشلۇق بېرىش. بالىغا تەئەللۇق تۇرمۇش، ئۆگىنىش بوشلۇقى بېرىش كېرەك.
ئۈچىنچى، يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇلاشتىكى تۆت چوڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل
(1) مۇستەقىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى راۋاجلاندۇرۇش
بىرىنچى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئىككىنچى، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش جەھەتتىكى مەشىقنى كۈچەيتىش؛ ئۈچىنچى، ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىىش؛ تۆتىنچى، ئۆگىنىش خۇشاللىقىدىن بەھىر ئېلىش.
(2) ياخشى ئۆگىنىش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش
ياخشى ئۆگىنىش ئادەتلىرى: ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى، بەلگىلىك ۋاقىتتا دىققىتىنى يىغىش، كىتاب-دەپتەر ۋە يېزىق قوراللىرىنى ئاڭلىق يىغىشتۇرۇش ئادىتى، ئۆگىنىش قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئويۇن ئويناش قائىدىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىققەتنى يىغىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنى تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە يېتىلدۈرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
(3) ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش
بىرىنچىسى، قىلالايدىغان ئىشنى باشقىلارغا قىلدۇرماسلىق؛ ئىككىنچىسى، قىلالمايدىغان ئىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاۋۋال ئۆزى چارە تېپىش.
(4) كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
1. ئائىلىدە ياخشى بولغان ئالاقە مۇھىتىنى بەرپا قىلىش: بالىغا ياخشى ئۈلگە تىكلەش، ئائىلە دېموكراتىك، قىزغىن ۋە ئىناق بولۇش.
2. تېخىمۇ كۆپ ئالاقە پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش: دوست تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرىنى تەمىنلەش، ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىنى ئورنىتىش.
3. بالىغا ئالاقە ماھارەتلىرىنى ئۆگىتىش: كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش؛ چىدام-تاقەت ۋە ھەمكارلىقنى ئۆگىنىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش ۋەھاكازالار.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئائىلە باشلىقلىرىغا دەيدىغان ئىككى تەكلىپ:
بىرىنچىسى، بالىلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، چىن دىلىمىز بىلەن بالىلارنىڭ ھەر بىر كىچىك باسقان قەدەملىرىنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىندىئۇداللىققا تويۇنغان ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرەيلى. ئىككىنچىسى، بىردەكلىكنى ساقلايلى، بالىلار ئالدىدا ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئادەم بولۇپ قالمايلى. ئەگەر ئاتا-ئانىلار، بوۋا-مومىلارنىڭ تەلەپلىرى بىردەك بولمىسا، بالىلار ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرەلمەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇلاش جەريانىدا كۆرۈلدىغان مەسىلىلەرنى ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر تەرەپ قىلىپ، بالىلارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ۋە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچىسىگە ئىگە قىلىشىنى، بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىلىك تۇرمۇشىغا ياخشى ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىككە رەھمەت.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-24 11:07:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن بىراق ماس بولغان سەھىپىگە يوللىغايسىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-24 11:16:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يوللىغان تىمىلار ئاتا ئانىلار مەكتىۋىنىڭ دەرىسلىكى بولۇپ‹‹ئائىلە باشلىقلىرى سالونى›› گە يوللىساق ياخشىرەق بولار دىگەن. مەزمۇن بويىچە سەھىپىلەرگە ئايرىساق ئىزدەش جەھەتتە قولايسىز بولامدىكىن دىگەن . بولسا ھەممىسىنى بىرلا يوللاي دىگەن ئەپسۇس ۋاقتى چىقىرالمىدىم .
ۋاقتى: 2015-12-25 17:43:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلار ئىكەن رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-12-25 17:44:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن پايدىلىنىش ئۈنۈمى بار ئىكەن
ۋاقتى: 2016-1-8 11:55:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئاخىرىنىمۇ يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بەكمۇ خۇش بولاتتىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش