| 12. قارلىق ئويۇنى مەزمۇنى: بۇ تېكستتە قارلىق ئويۇنىنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكى سۆزلەنگەن. ۋاقتى: ئىككى سائەت ئۆتىلىدۇ. كۆرسەتمە: رەسىم، پرويكسىيە ئاپپاراتى. 1-سائىتى ئۆگىنىش نىشانى: (1) تېكستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلىدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش. (2) تېكستتە ئۇچرىغان يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ھەم ئۇنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش. مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتا: (1) تېكستنى توغرا، راۋان ئوقۇشنى ئۆگىنىش. (2) يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى كونكرېت تىل شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىش. ئوقۇتۇش جەريانى: ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى: ساۋاقداشلار سىلەر قىش پەسلىنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرۈسىلەر؟ مەنمۇ قىش پەسلىنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى تۇنجى قار ياغقان كۈنى بىز «قارلىق تاشلاش» ئويۇنى
ئوقۇغۇچى پائالىيىتى:
ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەيدۇ.
ئوينايمىز. سىلەر قارلىق تاشلاش ئويۇنى ئويناشنى بىلەمسىلەر: بۇ سائەتلىك دەرستە بىز «قارلىق ئويۇنى»بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. تېما دوسكىغا يېزىلىدۇ. بىز تېكست مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىختىيارىي ئوقۇپ چىقساق قانداق؟ تەلەپ: (1) ھېسسىياتلىق ئوقۇشقا دىققەت قىلىش؛ (2) چۈشىنىكسىز سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىڭ. قېنى كىم ئوقۇپ باقىدۇ؟ باھالاش ئېلىپ بارىدۇ. ئەمدى مېنىڭ ئوقۇغىنىمنى ئاڭلىغۇڭلار بارمۇ؟ مەن تېكستنى ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان يېڭى سۆزلەرنى بايقاپ قالدى. سىلەرچۇ؟ ئوقۇغۇچىلار مۇنازىرلىشىپ بولغاندىن كېيىن، مەن خۇلاسلايمەن.
تېمىنى كوللېكتىپ ھېسسىياتلىق ئىككى قېتىم ئوقۇيدۇ.
تېكستنى ئىختىيارىي ئوقۇيدۇ.
بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. ئۆز-ئۆزىنى پارتىدىشىنى باھالايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنى باھالايدۇ.
يېڭى سۆزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. قىن-قىنىغا پاتماسلىق نىشانلانغان مەستلىكى كېلىش باش قوشۇش قىيقاس-چۇقانلىرى
يېڭى سۆزلەر مەنىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تېكستنى گۇرۇپپىلار بويىچە كوللېكتىپ ئوقۇيدۇ. دېئالوگلارنى پەرىقلەندۈرۈپ ئوقۇشقا تەشكىللەيمەن. ياقتۇرغان جۈملىلەرنى يېزىڭ.
گۇرۇپپىلار ئارا مۇسابىقىلىشىپ ئوقۇيدۇ.
پارتىداشلار ئارا روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇيدۇ. سىنىپ دەپتەرگە يازىدۇ. تاپشۇرۇق: (1) تېكستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش. (2) قارلىق ئويۇنى ئويناشنىڭ جەريانى سىنىپ دەپتەرگە يېزىپ كېلىش. ئىككىنچى سائىتى ئۆگىنىش نىشانى: 1. تېكستنى ئەسلەش تەرىقىسىدە، توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش. 2. قارلىق ئويۇننىڭ تارىخىنى بىلىش. 3. بەزىبىر سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈش. 4. سوئاللار تەرىقىسىدە، تېكست مەزمۇنىنى ئىگىلەش. مۇھىم نۇقتا: 1. سوئاللار ئاساسىدا، تېكست مەزمۇنىنى ئىگىلەش. 2. قارلىق ئويۇنىنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلىش. قىيىن نۇقتا: 1. بەزىبىر جۈپ سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈش. 2. تېكستنى ئاغزاكى بايان قىلىش. ئوقۇتۇش جەريانى: ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى: ئوقۇتقۇچى شېئىر ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىرىدۇ. قاردا قارلىق تاشلىدۇ، يامغۇردا ياغلىق تاشلىدۇق. بۇ كۆڭۈلنىڭ خوشلۇقىدىن، سىزگە قارلىق تاشلىدۇق. سىلەر بۇ قوشاقنى كىمدىن ئۆگەنگەن؟ بىز بۈگۈنكى دەرسىمىزدىن مۇشۇ مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلايلى. 12. قارلىق ئويۇنى قېنى قايسى ساۋاقداش بىزگە تېكست مەزمۇنىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ. ئابزاسلار بويىچە بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. 1-ئابزاسنى ئوقۇپ نېمىنى بايقىدىڭىز؟ ئەزىمەتنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى قايسى جۈملىلەردىن بىلدىڭىز؟ تۇنجى قار ياغقان كۈنى ئەزىمەت قىن-قىنىغا پاتماي قالدى.
ئوقۇغۇچى پائالىيىتى: ئوقۇغۇچىلارمۇ شېئىر ئوقۇيدۇ. تاپسىڭىز قوي ئۆلتۈرۈڭ، تاپسىڭىز چۈجە خوراز. تاپسىڭىز گۈل كەلتۈرۈڭ، تاپمىسىڭىز بىر باش پىياز.
ئۆز-ئۆزىنى،پارتىدىشىنى باھالايدۇ.
1-ئابزاسنى ئۆز ئالدىغا ئوقۇيدۇ ئىختىيارىي سۆزلەيدۇ. كىتابتىن تېپىپ ئوقۇيدۇ.
نېمە ئۈچۈن قىن-قىنىغا پاتماي قالدى؟ «قىن-قىنىغا پاتماي» سۆزگە ئېغىچە جۈملە تۈزىدۇ. جۈملە تۈزۈپ بېقىڭ. سىلەرمۇ تۇنجى قارنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن؟ پارتىداشلارغا روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇپ باقايلى. -ياقەي بالام، بۇنداق قېلىن قار بىزنىڭ ئامىتىمىز. ئېكراندىن يۇقىرىقى جۈملە چىقىپ تەھلىل قىلىدۇ. ساۋاقداشلار، قارلىق ئويۇنى ئويناشنىڭ شەرتلىرى نېمە؟ ئەزىمەت ئەتىسى قارلىق تاشلاش ئويۇنى ئوينىدى. ئۇنداقتا بىز بىرلىشىپ ئويۇن ئويناش جەريانى ئىپادىلىگەن جۈملىلەرنى ئوقۇپ باقايلى. قارلىق تاشلاش قوشۇقىنى يادلاپ باقايلى بۇلامدۇ؟ بۇ دەرسنى ئوقۇش ئارقىلىق نېمىنى بىلىۋالدىڭىز؟ دەرس خۇلاسىلىنىدۇ.
كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.
ئوقۇش جەريانىدا مۇھىم جۈملىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىدۇ. ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە تەھلىل قىلىدۇ.
كىتابتىن تېپىپ ئوقۇيدۇ.
كىتابتىن تېپىپ ئوقۇيدۇ ھەم تەھلىل قىلىدۇ. قىز-ئوغۇللار مۇسابىقىلىشىپ ئوقۇيدۇ.
كىچىك گۇرۇپپىلار مۇزاكىرە قىلىدۇ.
تاپشۇرۇق: تۇنجى قار ياغقان كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزغا قارلىق تاشلاڭ. دەرسكە دائىر مەشىق. تۆۋەندىكى سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈڭ. قىن-قىنىغا پاتماي پىخىلداپ كۈلۈش مەستلىكى كەلمەك ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق سۆز قويالايمەن. - ئوبدان، ئۇنداق بولسا ئاۋۋال بىر نەچچىڭلار باش قوشۇپ، قارلىققا ئىسمىڭلارنى يېزىڭلار. ( ) ئەزىمەت دۈگىلەك شىرەگە كېلىپ ئولتۇرۇپ يېزىشقا تۇتۇندى. ( ) ئۇنىڭ ئارقىدىن ياسىن ئوقتەك ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى. ( ) تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى خەۋەر جۈملىگە ئايلاندۇرۇڭ. ئوغلۇم، ئالامەت خۇشالغۇ سەن؟ قارنى ئېتىپ بولالماي زېرىكىپ كېتىدىغان بولدۇق-ھە! قارمۇ-قارىشى مەنىسىنى يېزىڭ. خۇشال بولۇش ھوسۇل ئېلىش جىق دەرھال نىشانلانغان راست قارلىق ئويۇننىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى يېزىپ بېقىڭ.
|
|