باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن
تىل-ئەدەبىيات ئىزاھلىق لۇغىتى
تۈزگۈچىلەر: نۇردۇن تۇرسۇن، باھارگۈل ئوسمان
باشلانغۇچ مەكتەپ 2- يىللىق 2- قىسىم
بىرىنچى بۆلەك
مېھرىبانلىق
ئىنسان ــ (人物 rén wù;人 rén) ــ ئادەم ، كىشى : مەسىلەن: دۇنيادا ناخشا ئېيتمىغان ۋە ئۇنى چىن يۈرىكىدىن سۆيۈپ ئاڭلىمىغان بىرەر ئىنسان بارمىكىن؟ مەۋجۇدات ــ (存在物 cún zài wù;) ــ ئالەم، تەبىئەتتە بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، دۇنيادا مەۋجۇت نەرسىلەر، پۈتۈن، بارلىق: م: دۇنيادىكى مەۋجۇداتلار ھەددى- ھېسابسىز ۋە رەڭگارەڭ. قەلب ــ (内心 nèi xīn;心灵 xīn líng) ① يۈرەك، دىل: قەلبىگە پۈكمەك. ② كۆچمە كىشىنىڭ ئىچكى روھىي دۇنياسى، ئىچكى ھېس – تۇيغۇلىرى، پىكىر – قاراشلىرى مەركەزلەشكەن جاي، دىل، كۆڭۈل: قەلبىگە پۈكمەك. قەلبى قارا. ئاتا قىلماق ــ (投身 tóu shēn; 给 gěi) بەرمەك، ئېرىشتۈرمەك شىرنە ــ (浇汁 jiāo zhī; 蜜 mì) ــ ① ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى، گۈلى، غولى ياكى بەزى ماددىلار تەركىبىدە بولىدىغان شېرىن سۇيۇقلۇق: ئۈزۈم شىرنىسى. قوغۇن شىرنىسى . شىرنە باغلىماق . م: قوغۇننىڭ شىرنىسى قوللىرىمنى چاپلاشتۇرۇپ قويدى. ② ھۆل ياكى قۇرۇق مېۋىلەر ۋە بەزى زىرائەتلەردىن قاينىتىپ ئېلىنغان قىيام : م: ئانام ئانار شىرنىسى قاينىتىۋاتىدۇ. ③ مەلۇم نىسبەتتە سۇ ۋە شېكەر بىلەن قىيام بولغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدىغان شىرنىلىك ، مۇراببا . م: شىرنىدن بىر پىيالە ئېلىپ چىقىڭە، نان بىلەن يەۋالاي. جۇغلىماق ــ (收集 shōu jí;积累 jī lèi) ــ توپلىماق، يىغماق: م: بۇ يىل تىجەپ يۈرۈپ خېلى كۆپ پۇل جۇغلىۋالدىم.
1. تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى
ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ــ (huì méng qǐ 启蒙会 ) ــ بىلىم- مەرىپەت بېرىش؛ سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش ئىتتىپاقى ياكى تەشكىلاتى: مەسىلەن: ئۇ ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدا ئىشلىگەن 10 يىلدىن بۇيان ئۆز خەلقىنى ئويغىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدى. مائارىپ ــ (教育 jiào yù) ــ① مەكتەپلەردىكى بالىلار ، ئۆسمۈرلەر، ياشلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە جەريانى: مەسىلەن: ئۇنىڭ دادىسى مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەيدىكەن. ② تەلىم- تەربىيە، مەكتەپ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئىدارە: مەسىلەن: بۈگۈن مەكتىپىمىزگە تەكشۈرۈش ئۈچۈن مائارىپتىن ئىككى كادىر كەپتۇ. ئىگە - چاقىسىز ــ (孤儿 gū ér) قارايدىغان، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق، يېتىم، يالغۇز، يىگانە قول ئىلكىدە يوق ــ ( 穷人 qióng rén 贫苦 pín kǔ;) كەمبەغەل، نامرات، يوقسىز: يوقسۇل ــ (赤贫 chì pín) يوقسۇل، ئىقتىسادىي جەھەتتىن نامرات؛ كەمبەغەل. ئېغىل ــ (畜栏 chù lán;畜栏 chù lán) ــ ئات- ئېشەك، كالا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى باقىدىغان، سولايدىغان مەخسۇس ئۆي: مەسىلەن: باي بىركۈنى ئېغىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا ئېشىكى ھاڭراپ قاپتۇ. ئامبار ــ (仓库 cāng kù;库房 kù fáng;) ــ جىق نەرسىنى ساقلىغىلى بولىدىغان قۇرۇلۇش؛ ئۆي ، خانا : م: ئاشلىق ئامبىرىدا چاشقان پەيدا بولۇپ قاپتۇ. قارىي ــ ( shī jīng dú 读经师) ــ قۇرئاننى يادقا ئوقۇش ئىقتىدارى، سالاھىيىتى. مەسىلەن: بوۋام كىچىك ۋاقتىدا قارىيلىقتا ئۈچ يىل ئوقۇپتىكەن. بۆلۈم ــ (部 bù 编 biān; ) ①قىسىم، خانا ۋە شۇ قاتارلىق ئاجرىتىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىر قىسمى؛ ئىشخانا: بىنانىڭ بۆلۈملىرى. كېمىنىڭ بۆلۈمى. ②ئىدارە، مۇئەسسەسە، كارخانا، ماگىزىن، مۇزېي قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، بىر تۈردىكى نەرسىلەر توپلانغان ھەر بىر قىسمى؛ شۆبە: مالىيە بۆلۈمى. كادىرلار بۆلۈمى،③ئىلمىي ياكى بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ مەلۇم مەسىلىگە بېغىشلانغان ھەر بىر مۇستەقىل قىسىمى: بۇ كىتابچىدا «ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ شەكىلى ۋە قۇرالى» مەسىلىسى مەخسۇس سۆزلەنگەن بىر بۆلۈم بار. ④بۆلۈم، قىسىم: ئورمىنى بۆلۈم تۈگىتەر، ئادەمنى ئۆلۈم (ماقال). ئەۋج ــ (纵横 zòng héng) ــ ① كۈچىيىش، زورىيىش، يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش: م: كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يەنە ئەۋج ئالدى. ② يۇقىرى پەللە: م: ناخشا تازا ئەۋجىگە چىققاندا ئۇ ئۆزىنى تۇتالماي ئۇسسۇلغا چۈشتى. بوسۇغا ــ (门坎 mén kǎn;阃 kǔn;) ــ ① ئىشىك ، دەرۋازا كېشەكلىرىنىڭ ئاستىغا قويۇلغان توغرا ياغاچ ياكى خىش ، تاش ، سېمونت قاتارلىقلاردىن قىلىنغان توسما : م: ئەكبەر كەنت ئىشخانىسىغا كىرىۋېتىپ بوسۇغىدا توختاپ قالدى . ② كۆچمە . ئۆي ، قورۇنىڭ ئالدى : م: بۇ ئىككى ئەۋلاد ئەلمىساقتىن تارتىپ ياتقا قىز بەرمەيدىغان، ياتنى بوسۇغىسىغا يولاتمايدىغان كىشىلەر ئىدى . ③ كۆچمە . شەھەر ، يېزا - قىشلاقلارغا كىرىشتىكى ئەڭ يېقىن جاي : م: - ئاپلا . . . دۈشمەن بىزنىڭ بوسۇغىمىزدىلا يۈرۈپتۇ - دە ، - دېدى كامال ۋە ئالدىراپ باتۇر تەرەپكە كەتتى . ④ كۆچمە . بىرەر نەرسە، ئىش- ھەرىكەت، ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ باشلىنىشىغا يېقىن قالغان پەيت؛ باشلىنىشى ، كىرىش قىسمى : م: بۇ ئايالنىڭ بالىسى ئۆلۈم بوسۇغىسىغا كېلىپ قاپتۇ . تەمبەل ــ (壮实 zhuàng shí; 壮 zhuàng) ــ ئۇستىخانلىق، بەستلىك: تەمبەل يىگىت. م: ھېلىقى لۈكچەك ئىتتىك قاراپ يىراقتىن كېلىۋاتقان تەمبەل كىشىنى كۆرۈپ جىم بولۇپ قالدى. باقماق ــ (朝 cháo;看护 kān hù;) ــ نەزەر تاشلىماق، نەزەر سالماق، قارىماق؛ م: كۆككە باقما، كۆپكە باق(ماقال) ئاتىماق ــ (贡献 gòng xiàn; 投身 tóu shēn;) ① بېغىشلىماق، تەقدىم قىلماق، بەرمەك:- ئاۋۇ قويدىن بىرەرىنى ئاتىۋەتسىلىمۇ بولىۋېرىدۇ . – دېدى ياخشى ھېچ قىزارماستىن. ② كۆڭلىگە پۈكمەك، نىيەت قىلماق:- قانداق، كىچىكئاخۇن، سېتىپ بېرىشكە ئاتىغىنىڭىزنى چىقارمامسىز؟- دېدى ھوشۇر ھامۇت. ③ تەييارلىماق، تەييار قىلماق: يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە، ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرۈمەن ئۆلۈمنى، قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە، ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى سېخىي ــ (大方 dà fāng; 慷慨 kāng kǎi) ① كىشىدىن ھېچ نەرسىنى ئايىمايدىغان؛ مەرد: سېخىي ئادەم. سېخىي بالا. ② كۆچمە. ھاياتى، زۆرۈرىي نەرسىلەرگە چەكسىز باي ۋە ئۇنى ئىنسانغا ئايىماي ئېھسان قىلىپ تۇرىدىغان؛ مول: ئەمگەك قىلساڭ يەر سېخىي (ماقال) سەر ــ (两 liǎng) ــ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، بىر جىڭنىڭ ئوندىن بىرى: بىر سەر ئالتۇن، بىر سەر كۈمۈش. م: مىڭ سەرنى يوقاتقان بىر سەر ( ماقال ). ئىئانە ــ (捐款 juān kuǎn) ــ ① بىرەر ئىش ياكى پائالىيەت ئۈچۈن بېرىلگەن ماددىي ياردەم : مەسىلەن: ھەممەيلەن قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىئانە قىلدۇق . ② ياردەم قىلىش ، قوللاش مەقسىتىدە يىغىدىغان پۇل : مەسىلەن: ئۇ ئۈرۈمچىدە يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيىلەرنى كۆرۈپ ، بۇ بەختسىزلەرگە ئىچى ئاغرىدىدە ، ئىئانىگە كىرىشتى . خىجالەت ــ (愧色 kuì sè) ① كىشى ئالدىدا ئۇيالغانلىقتىن، ئۆزىنى قۇلايسىز سېزىش، ئۇڭايسىزلىق ھېس قىلىش؛ ئۇيىلىش ھېس-تۇيغۇسى: بارنىڭ خىجالىتىدىن يوقنىڭ خىجالىتى يامان (ماقال). ② قىيىنچىلىق، ئېھتىياج: – نېمە خىجالىتىڭ بار؟ ئېيت، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن، – دېدى ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ تۇيغۇ ــ (感觉 gǎn jué) ــ روھىي، جىسمانىي كەچۈرمىش، تەسىرات، ھېسسىيات: مەسىلەن: ئۇنىڭ قەلبى ئاجايىپ سىرلىق ۋە بەكمۇ تاتلىق بىر تۇيغۇنىڭ دولقۇنىغا چۆمگەنىدى. ساۋابلىق ــ (善 shàn) ①قىلسا ساۋاب بولىدىغان، ساۋاب دەپ قارىلىدىغان، مەرھەمەتكە لايىق: ئەي بۇرادەر رەھمە قىلغىن بۇ نۆۋەتمۇ سەن ماڭا، بۇ ساۋابلىق ئىشقا ياغقاي تەڭرىدىن رەھمەت ساڭا ②ساۋاب دەپ قارالغان ئىش، ئەمەل: مەنكى نورۇز بەگ ئىككى دۇنيالىق ساۋابلىقنى نەزەردە تۇتۇپ مەخسۇمنى سېتىۋېلىپ خارلىقتىن قۇتقۇزدۇم. ③خەيرلىك، ياخشى؛ دۇنيادا ئەڭ ساۋابلىق ئىش- يېتم- يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش ساخاۋەت ــ (恩德 ēn dé;恩惠 ēn huì;) ــ مەردانىلىق، سېخىيلىك؛ م؛ ئۇ ھەقىقەتەن بىر ساخاۋەت ئىگىسى. قازماق ــ (采掘 cǎi jué; 深究 shēn jiū 挖掘 wā jué) ① يەرنى كولاپ، چېپىپ، ئويۇپ چوڭقۇر قىلماق، كولىماق، ئۆستەڭ قازماق، ئورا قازماق، خەندەك قازماق، گۆر قازماق، ئۇل قازماق. ② يەر ئاستى بايلىقلىرىنى كولاپ چىقارماق، ئالماق، كۆمۈر قازماق، رۇدا قازماق. ③ كۆچمە، ئاختۇرۇپ، ئىزدەپ تاپماق، ئۇستاز شەيخ سەئىدى ھېكمەتلەر ئالىمدىن شۇنچە ھېكمەتلەرنى قازدى كومىتېت ــ (委员会 wěi yuán huì; 委 wěi) ①سىياسىي پارتىيە، تەشكىلات، ئورگان ۋە مەكتەپ قاتارلىقلاردىكى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ياكى شۇنداق ئورگان: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى. تەنتەربىيە كومتېتى. ②ئورگان، تەشكىلات، مەكتەپ قاتارلىقلاردىكى مەلۇم ۋەزىپىنى ئورۇنداش مەقسىتىدە قۇرۇلغان مەخسۇس ئاپپارات: ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كومتېتى زات ــ (人士 rén shì; 人物 rén wù) ــ بىرەر ئىش- ھەرىكىتى ۋە خۇسۇسىيىتى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئادەم؛ شەخس: م: ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان مەشھۇر زات. قورو ــ (家宅 jiā zhái;院子 yuàn zǐ) ①ھويلا ۋە ھويلا ئىچىدىكى ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ②يايلاقلاردىكى ماللارنى سولاش ئۈچۈن ئەتراپى قورشالغان جاي، چوڭ قوتان: ئۇ ماللارنى ئوتتۇر قورۇغا ھەيدەپ كەتتى. مەدھىيلىمەك ــ (颂 song 赞美zàn měi) قىلغان ياخشىلىقلىرىنى، ئارتۇقچىلىق ۋە پەزىلەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ گەپ قىلماق، ياخشى قىلىپ كۆرسەتمەك: كايىماق ــ (责怪 zé guài;非难 fēi nàn) ①خاپا بولماق، ئاچچىقلانماق: سېلىم كەلگەندە دوختۇرلاردىن بىرى ھېلىقى ئايالغا قاتتىق كايىۋاتاتتى. ②ئاۋارە بولماق، مۇشەققەت تارتماق: بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما، بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ كايىما (ماقال) چاڭ كەلتۈرمەك ــ (出神入化 chū shén rù huà) خۇشاللىقىنى ئەۋجىگە چىقارماق، قىزىتماق ئىشىتمەك ــ (传闻 chuán wén;听着 tīng zhe) ئاڭلىماق، بىلمەك، خەۋەر تاپماق قولى كەڭ ــ (慷慨 kāng kǎi) سېخىي، مەرد: پىخسىق بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل مىڭ ئەۋزەل مەرىپەتپەرۋەر ــ (启蒙学者 qǐ méng xué zhě;) مەرىپەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، مەرىپەتنى ياقلايدىغان؛ مەرىپەت تەرەپدارى: مەرىپەتپەرۋەر ئادەم. مەرىپەتۋەر زات ۋۇجۇد ــ (肉体 ròu tǐ; 身体 shēn tǐ;) ئادەمنىڭ پۈتۈن بارلىقى، جېنى ھەم تېنى، جىسمى، گەۋدىسى: ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى جۇغۇلدىماق ــ (胆寒 dǎn hán) «جۇغ-جۇغ» قىلىپ تىترىمەك. «جۇغ-جۇغ» قىلماق، ناخشىنىڭ ئەۋجى كۆتۈرۈلگەندە، يۈرەكنىڭ نازۇك تارلىرى جۇغۇلداپ كېتەتتى ھالقىماق ــ (跨 kuà; 罩 zhào;) ① ئاتلىماق، ئاشماق: ئېرىقتىن ھالقىماق. تامدىن ھالقىماق. ② بىرەر چەك ياكى دائىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەك؛ ئېشىپ كەتمەك: ئۇنىڭ يېشى ئەللىكتىن ھالقىدى. ③ كۆچمە. بىرەر ساھە ياكى ئىشتا باشقىلاردىن ئۆتۈپ كەتمەك: ئۈستۈن تۇرماق: قاسىم ئۆگىنىشتە باشقا ساۋاقداشلىرىدىن ھالقىپ، كۆزگە كۆرۈندى
2. ئاپا، مەن ئاجىز ئەمەس
ئازغان (蔷薇 qiángwéi) ــ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. غولى ئىنچىكە، شاخلىرىدا زىچ ئۆسكەن كىچىك تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق؛ گۈلى ئاق ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك، خۇش پۇراقلىق؛ مېۋىسى دورا قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئېھتىياتسىزلىقتىن قولۇمغا ئازغاننىڭ تىكىنى كىرىپ كەتتى. شەبنەم ــ (露水 lù shuǐ) يەر يۈزى ياكى يەر يۈزىگە يېقىن تۇرغان جىسىملار ئۈستىدە پەيدا بولىدىغان سۇ تامچىلىرى ئىرغاڭلىماق ــ (摇晃 yáo huàng;) بىر ئۇ ياققا-بىر بۇياققا چايقالماق، ئىرغاڭ-ئىرغاڭ قىلماق، ئىرغاڭشىماق: ئۇلار دەريا لېۋىگە — ئىرغاڭلاپ تۇرغان ياپراقسىز مەجنۇنتاللار قېشىغا كېلىپ، ئېگىز قىرغاققا چىقتى دىماغ ــ (鼻腔 bí qiāng; 气焰 qì yàn) بۇرۇن بوشلۇقى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تۇتاشقان جايى: دىماغ تاۋۇشى. دىماغقا ئۇرماق بەرگ ــ (瓣 bàn) ①يوپۇرماق: ئاينۇر دەيدىغان گېپىنى توختىتىپ، ئولتۇرغان پېتى سېكىلەك گۈلنىڭ بەرگلىرىنى پارچىلاپ يولۇشقا باشلىدى. ②ساپاق: يارنىڭ يېغىدا ئالما پىشىپتۇ، بەرگى ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپتۇ يۆلەك ــ (帮手 bāng shou;辅助 fǔ zhù)① بىرەر نەرسىنى يۆلەپ، كۆتۈرۈپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قويۇلىدىغان مەلۇم ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ، تۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەر؛ تىرەك، تۈۋرۈك، تايانچ. ② كۆچمە. يۆلەيدىغان، قوللايدىغان، ياردەم بېرىدىغان ئادەم؛ ھەمراھ، مەدەتكار، پاناھ: يۆلەك بولماق. * قوشنا بولساڭ يۆتەل بول، بولمىسا بۆلەك بول (ماقال) شۈمشەيمەك (蜷缩 quán suō;扭结 niǔ jié) ــ ① بىرەر سىرتقى تەسىردىن بەدەنلىرى قورۇلۇپ تۈگۈلۈپ قالماق: مەسىلەن: ۋەسۋەسە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ سوغۇقتا شۈمشىيىپ ئولتۇرۇۋەردى. ② ناچار ھالەتتە قالماق، بىچارىلەشمەك، غەمكىن، مىسكىن بولۇپ قالماق: مەسىلەن: ــ ئەتىدىن كەچكىچە شۈمشىيىپ ئولتۇرىمىزمۇ ؟ ــ دېدى ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ، ــ ئامال قىلايلى !
3. قېرىنداشلىق مېھرى
تىرىكچىلىك (生业 shēng yè;生计 shēng jì) ــ تۇرمۇش كەچۈرۈش، جان بېقىش، ياشاش: مەسىلەن: ئاكام تىرىكچىلىك قىلىمەن دەپ ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتىكىلى ئۈچ يىل بولدى. داۋان (阜 fù; 岭 lǐng) ــ تاغ ۋە تۆپىلىكلەرنىڭ يول ئېلىنغان، ئېشىپ ئۆتىدىغان جايى: مەسىلەن: ئاپتوموبىلنى داۋاندىن چۈشكىچە ماي بەرمەي ھەيدىسىمۇ بولىدۇ. ئۈششۈمەك (冻死dòng sǐ) ــ سوغۇقنىڭ تەسىرىدىن ئادەم بەدىنىنىڭ بىرەر جايى ياكى زىرائەت ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى نورمال ھالىتىنى يوقاتماق؛ توڭلاپ زەخىملەنمەك: مەسىلەن: ئۇنىڭ بۇرۇن- قۇلاقلىرى ۋە ئۇششاق پۇتلىرى تامام ئۈششۈپ كەتكەنىدى. ئۈششۈك (冻疮 dòng chuāng; 冻伤 dòng shāng) ــ كۈز ئاخىرلىشىپ، قىشنىڭ كىرىشى بىلەن يېتىپ كېلىدىغان بىر خىل سوغۇق ھاۋا ئېقىمى، ئۇ زىرائەتلەرنى ئۈششۈتۈپ كاردىن چىقىرىدۇ: مەسىلەن: ئۈزۈملەرنى بالدۇرراق ئۈزىۋەتسەك بوپتىكەن، ھەممىسىگە ئۈششۈك تېگىپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ. خىرە (暗淡 àn dàn;暗 àn) ــ دېگەندەك يورۇق، روشەن ئەمەس، تۇتۇق، خۇنۈك؛ كۈچسىز، سۇس: مەسىلەن: گۈگۇم چۈشكەن چاغ، غەرب تەرەپتىكى تىك قىيالىقتىن ئەمدىلا كۆرۈنگەن كۈمۈش ئاي خىرە نۇرىنى چېچىشقا باشلىغانىدى. يۇپقا (薄片 báo piàn; 薄 báo) ــ قېلىن ئەمەس، نېپىز: يۇپقا كۆڭلەك. مەسىلەن: بۇ قوناقلار بەك يۇپقا تېرىلىپ قاپتۇ، ھوسۇل ئاز بولۇپ قالارمىكىن. پۇرسەت (机会 jī huì) ــ بىرەر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن ئەڭ قولاي بولغان ۋاقىت، پەيت: مەسىلەن: پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويما، چۈنكى ئۇ قايتا كەلمەيدۇ. دەپنە قىلماق ــ (安葬 ān zàng;埋葬 mái zàng) ــ ئۆلگەندىن كېيىن يەرلىكىگە قويماق؛ يەر يۈزىدىن يوق قىلىماق، يەر ئاستىغا كۆممەك؛ م: بىز مىيىتنى دەپنە قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئامالسىز قەبرىستانلىقتىن يېنىپ كىردۇق. نەپەس ــ (呼吸 hū xī; 气息 qì xī) ① ئۆپكىدىن چىققان ۋە ئۆپكە سىرتىتىن قوبۇل قىلغان ھاۋا دەم، تىنىق: نەپەس ئالماق. نەپىسى توختىماق. * بوۋاق باشقا بىر ئانىنىڭ ئاپئاق سۈتىنى ئېمىپ، يېنىك نەپەس ئېلىپ ياتاتتى. ② «بىر» سۆزى بىلەن بىرىكىپ كېلىپ «قىسقىغىنا، سەل ئازراق» دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ: بىر نەپەس كۈتۈپ تۇرۇڭ. * تۇتمىغىن ئۆزۈڭنى ئۆزگىلەردىن پەس، ۋە لېكن ماختىما ھەتتا بىر نەپەس. ③ «ھەر» سۆزى بىلەن بىرىكىپ كېلىپ «دائىم، قېتىم» دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ: گۈل سۈپەت ھۆسنۈڭگە باقسام ھەر نەپەس، زوق-ھاياجان ئىچرە خەندان بۇ يۈرەك يەم ــ ( sì liào 饲料) ــ ئۇچار قاناتلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق؛ دان: م: قۇشنى يەم بىلەن ئالدايدۇ، كىشىنى گەپ بىلەن ئالدايدۇ (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى مۇنبىرى
قارىقويۇق ــ (笼统 lǒng tǒng; 问三不问四 wèn sān bù wèn sì;) تاللاپ ئولتۇرماي، ھەممىسىگىلا، بىراقلا؛ كونكرېت ــ (具体 jù tǐ;) ــ رېئال مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئېنىق، روشەن؛ ئەمەلىي؛ بەلگىلىك، ئابستراكت بولمىغان: م: مۇئەللىم سىنىپ ھەيئەتلىرىگە كونكرېت ۋەزىپە تاپشۇردى. مۇھىت ــ (气氛 qì fēn; 环境 huán jìng;) ــ ① ھايات، پائالىيەت داۋاملىشىۋاتقان تەبىئىي شارائىتلار؛ ئەتراپتىكى يەر - جايلار، ئەتراپ: م: مۇھىت تازىلىقىنى چىڭ تۇتۇپ شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرەيلى. ② ھۈنەر-كەسىپ ، ئىش - پائالىيەت ۋە شۇ قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بىر - بىرىگە باغلىق بولغان كىشىلەر دائىرىسى؛ ئەتراپتىكى ئەھۋال ياكى شۇ يەرنىڭ ئىجتىمائىي شارائىتى : م: بۇ يېڭى مەكتەپنىڭ مۇھىتىغا كۆنەلىدىڭمۇ؟ شادلىق ــ (畅快 chàng kuài;欣喜 xīn xǐ) ــ خۇشاللىق، مەمنۇنلۇق، خۇرسەنلىك، سۆيۈنۈش، خۇش بولۇش: م: ھەرقانداق كۆڭۈل يېرىملىق، خاپىلىق كەلسە، رەنجىپ كەتمەي ئۆزۈڭنى چىڭ تۇتۇپ يۈرگىن، ئاخىرىدا شادلىق كېلىدۇ. مەملىكەت ــ (国家 guó jiā) بىرەر دۆلەتنى تەشكىل قىلغان تېررىتورىيە، دائىرە: سوتسىيالىستىك مەملىكەت. كاپىتالىستىك مەملىكەت ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ــ (三区革命sān qū gé mìng ) ــ ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ 1944-يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي- دېموكراتىك قوراللىق كۈرىشى. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئېنقىلابىنىڭ بىر قىسمىدۇر. م: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا مىللىي ئىنقىلابچىلىرىمىز ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى ياراتقان.
مەشىق باغچىسى
زېمىن ــ (土地 tǔ dì;疆土 jiāng tǔ;) ① يەر شارى، يەر يۈزى، تۇپراق: كەڭ زېمىن. * كۈن زېمىننى يورۇتار، بىلىم مېڭىنى (ماقال). ② تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغان يەر؛ ئېكىنزارلىق: قاراڭ، ئاۋۇ تەرەپ چەكسىز مۇنبەت زېمىن، پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىق. ③ ئولتۇراق جاي؛ ئىگىدارچىلىقتىكى يەر: بۇ ھويلا تۆمۈر خەلپىلەرنىڭ ئۆز زېمىنى ئىدى. ④ كۆچمە. قۇلايلىق شەرت-شارائىت، ئىمكانىيەت: ئالدىنقىلار بىزگە زېمىن ھازىرلاپ بەردى تۇپراق ــ (地 dì;土 tǔ) ــ ① كولاش، ھەيدەش، چېپىش نەتىجىسىدە، چېچىلغان ھالەتتە كەلگەن يەر قاتلىمى: مەسىلەن: ئۇ ساراڭلاردەك باشلىرىغا كۈل، تۇپراقلارنى چاچقىلى تۇردى. ② يەر شارىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆسۈملۈك ئۆسەلەيدىغان قاتلىمى. ئۇ ھەر خىل دانىچە شەكىللىك مىنېرال ماددىلار، ئورگانىك ماددىلار، سۇ، ھاۋا، مىكرو ئورگانىزم قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن: مەسىلەن: شىنجاڭدا سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر. ئىتتىپاق ــ (联盟 lián méng;团 tuán;) ــ ① گۇرۇپپا ، جەمئىيەت ، سىنىپ ياكى مىللەت ، دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈزگەن بىرلەشمىسى؛ بىرلەشمە ، ئۇيۇشما : م: ئۇلار ئۇرۇشنى توختىتىپ ئىتتىپاق تۈزۈپتۇ. ② ئىناق ، يېقىن، قويۇق : م: بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ناھايىتى ئىتتىپاق ئۆتىمىز. تورغاي ــ (笑鸫 xiào dōng) قاناتلىرى سۇس قوڭۇر، قارا رەڭلىك سىزىقچىلىرى بار، تۇمشۇقى كىچىك ۋە ئۇچلۇق، قانىتى چوڭ، ئېگىز ئۇچىدىغان، يىقىملىق سايرايدىغان بىر خىل قۇش يورغا ــ (溜蹄 liū tí) ــ رېتىمىنى بۇزماي، بىرخىلدا ھەم سىلىق ھەم يۈگۈرگەندەك ئىتتىك ماڭىدىغان ئات: يورغىسىغا چۈشمەك. مەسىلەن: يورغا مىنگەن يولدىشىدىن ئايرىلار، كۆپ ياشىغان تەڭتۇشىدىن ئايرىلار (ماقال). يورغا ئات. مەخمەل ــ (平绒 píng róng) ــ يۈزىدە تەكشى ھالەتتىكى قىسقا ھەم زىچ تىۋىتلىرى بولغان پاختا توقۇلما رەخت. م: ئۇ مەخمەل چاپان كىيىۋاپتۇ.
ئاغزاكى ئالاقە
ناتونۇش ــ (面生 miàn shēng;陌生 mò shēng; 生疏 shēng shū) ــ تونۇشمايدىغان، تونۇش ئەمەس، يات؛ م: ئۇ ئۆزىگە ناتونۇش بۇ ئادەمگە سوغۇق مۇئامىلە قىلدى. پوچتىخانا ــ (邮局 yóu jú) ــ پوچتا ۋە تېلېگراف ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىدارە. مەسىلەن: مەن پوچتىخانىغا بېرىپ ئۇنىڭغا خەت سېلىۋېتىپ كېلەي. ئىمكانىيەت ــ(可能 kě néng;优待 yōu dài;机会 jī huì) ــ ئىش- ھەرىكەت ۋە مەقسەت قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا زۆرۈر ياكى قولاي بولغان شەرت- شارائىت؛ پۇرسەت، مۇمكىنچىلىك: مەسىلەن: ئاتا- ئانام ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ماڭا ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇھتاج ــ (需求 xū qiú;) مەلۇم بىر نەرسىگە ھاجىتى چۈشۈش، ئېھتىياجلىق بولۇش ئىككىنچى بۆلەك
باھار جىلۋىسى
گىياھ ــ (草cǎo 毛 máo) ــ ئوت- چۆپ، ئۇششاق ئۆسۈملۈك؛ م: بۇ گىياھ ئۈنمەيدىغان چۆلكەن. تون ــ (外衣 wài yī;袍子 páo zǐ) ــ ئالدى ئوچۇق، تۈز ياقىلىق، ئۇزۇن سىرتقى كىيىم. م: بوۋام تونىنى يېپىنچاقلاپ سۇپىدا ئولتۇرىدۇ. تەنتەنە ــ (凯歌 kǎi gē; 狂欢 kuáng huān; 热烈 rè liè;) ــ ① بىرەر مۇھىم ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنى تەبرىكلەپ، ئالقىشلاپ، ئويۇن- تاماشا بىلەن شاد- خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم، پائالىيەت: م: گېزىتخانا ئەتراپى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمگەنىدى. ② ئۇچرىشىش، يىغىلىش ۋە مەرىكىلەردە خۇشاللىقنى ئىپادىلەپ ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ۋە كۈي: م: سىلەر ئۇزۇن يول بېسىپ قىزىمنىڭ مەرىكىسىگە كېلىپ، تەنتەنىنى ئاشۇردۇڭلار ! ③ غەلىبە، شادلىق تۇيغۇسى، كەيپىياتى؛ داغدۇغا: تەنتەنە قىلماق. م: - ياق،- دېدى لىتىپ گويا بىر ئەقىل تاپقاندەك تەنتەنە بىلەن. سېيما ــ (面容 miànróng 样子 yàngzǐ 象征 xiàngzhēng) ئوبراز، كۆرۈنۈش، ھالەت؛ م: ئاشۇ ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مەغرۇر سىيماسى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. كەشتە ــ (绣 xiù) ــ رەختنىڭ يۈزىگە يىڭنە بىلەن تىكىپ چۈشۈرۈلگەن گۈل، تۈرلۈك رەسىم، ھەر خىل سىزىقچە ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر: مەسىلەن: پاتىمە كەرگىگە يېپىلغان لاتىغا ئېڭىشىپ كەشتە تىكىپ ئولتۇراتتى.
4. باھاردىكى ئۆزگىرىش
ئۈچقۇلاق ــ (三叶草 sān yè cǎo) ــ [ئۈچ+قۇلاق ] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى، كىچىك تىپتىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق. ئۇنىڭ ئاق ئۈچقۇلاق ۋە قىزىل ئۈچقۇلاق دېگەن تۈرلىرى بار. م: ئۈچقۇلاقنى تاپماق ئاسان، ئەمما تۆتقۇلاقنى ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدۇ. تەبەسسۇم ــ (笑容 xiào róng) ــ كۈلۈمسىرىگەن ھالەت؛ كۈلۈمسىرەش: مەسىلەن: مۇبارەك مۇئەللىم بىزگە قاراپ تەبەسسۇم قىلىۋىدى ھەممەيلەن ھاياجانلىنىپ كەتتۇق. خەيرىلىك ــ (吉利 jí lì; 吉庆 jí qìng; 吉祥 jí xiáng) ــ ① ياخشى خۇسۇسىيەتكە ئىگە ، خاسىيەتلىك ، ئىجابىي ، قۇتلۇق : م: ــ خەيرلىك كەچ، ياخشى چۈش كۆرۈڭ . ② ياخشىلىق ؛ ئىجابىيلىق ، بەخت ، تەلەي : م: ئانام مېنىڭ سەپىرىمگە خەيرلىك تىلەپ بېكەتتە قالدى. مەھەللە ــ (街道 jiē dào) ــ شەھەر ياكى يېزىلارنىڭ بىرنەچچە كوچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بۆلىكى: مەھەللە كومىتېتى. مەھەللە ئىش باشقۇرۇش ئورنى. مەسىلەن: بىزنىڭ مەھەللىدىكى بالىلار بەك ياخشى. نەسر ــ (散文 sǎn wén; 杂文 zá wén) ۋەزىن، قاپىيىسىز ئاددىي نۇتۇق شەكلى بىلەن يېزىلغان بەدىئىي ئەسەر. ② ئەركىن تۈزۈلگەن بەدىئىي ئەسەرلەر يىغىندىسى، مەيىن ــ (柔和 róu hé; 温存 wēn cún) ــ ① پاختا، يىپەككە ئوخشاش يۇمشاق، قولغا يۇمشاق سىلىق تېگىدىغان: مەسىلەن: ئانامنىڭ مەيىن چاچلىرى باشقىچە مېھىر بېغىشلايدۇ. ② يېنىك، لەرزان، يېقىملىق: مەسىلەن: باھاردىكى مەيىن شامال يۈزلىرىمنى سۆيۈپ ئۆتتى.
5. باھار
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ــ (玉素甫.哈什.哈吉甫yù sù fǔ hā shén hā jí fǔ) ــ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم، مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019 - يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. ئەدىب ئۆزىنىڭ "قۇتادغۇ بىلىك" ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462 - يىلى (مىلادىيە 1069 - يىلى) قەشقەردە يېزىپ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. خاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە "خاس ھاجىپ" لىق ئۇنۋانى بېرىپ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى، ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان. ئەدىب مىلادىيە 1085 - يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان. قاراخانىيلار خانلىقى ــ (哈拉汗王朝 hālāhànwángcháo) ــ مىلادىيە 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلانى ئاساس قىلغان، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر قۇرغان ھاكىمىيەت. ئاساسچىسى سۇلتان ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان. تازا گۈللەنگەن مەزگىللەردە ئۇنىڭ تىرېتورىيىسى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربى قىسمى. ئىلى- مىڭلاق ۋادىسى ۋە بالقاغ كۆلىنىڭ جەنۇبى، چۇ دەرياسى ۋادىسى، ئىسسىق كۆل ئەتراپى شۇنىڭدەك ماۋرائۇننەھرىنىڭ شەرقىدىكى رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يازلىق پايتەختى قەشقەر، قىشلىق پايتەختى بالاساغۇن بولغان. بۈيۈك ــ ( 宏大hóng dà; 伟大wěi dà ) ــ ئۇلۇغ، زور، كاتتا: مەسىلەن: بوۋام مېنىڭ قەلبىمدە ھېلىمۇ ئەڭ بۈيۈك ئادەم سۈپىتىدە ياشاۋاتىدۇ. مۇتەپەككۇر ــ (思想家 sī xiǎng jiā) ــ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر قىلىش ئىستېداتىغا ئىگە بولغان كىشى، تەپەككۇر ئىگىسى: م: بىرمۇنچە ئاتاقلىق ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار ۋە يازغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق يېتىشكەن. دانىشمەن ــ (圣人 shèng rén;哲人 zhé rén) ــ چوڭقۇر بىلىملىك، كۆپ نەرسىلەرنى بىلگۈچى دانا كىشى؛ ئالىم؛ م: دانىشمەنلىرىمىز بىزگە توغرا يول كۆرسىتىپ بەرگەن. ۋەزىر –(大臣 dà chén;高官 gāo guān;) ــ ① بەزى ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ پادىشاھ ۋە خان سارايلىرىدىكى ئالىي مەنسەپ ئىگىسى : م: ئۇ ئوڭ قول ۋەزىر بولدى. ② بەزى شەرق مەملىكەتلىرىدىكى مىنىستىر : م: باش ۋەزىر بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگۈدەك. قۇتادغۇ بىلىك ــ (慧智乐福huì zhì lè fú) ــ 11- ئەسىردە ئۆتكەن پۈيۈك پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەشھۇر ئەسىرى. مەنىسى بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم. يەشمە ــ (增词 zēng cí) ــ يېشىپ چۈشەندۈرۈلگەن قىسمى، ئىزاھ، چۈشەندۈرمە ياكى يېشىپ كۆرسىتىلىش: م: مەن لۇغەتلەردىن پايدىلىنىپ قەدىمقى زاماندا يېزىلغان بۇ شېئىرنىڭ يەشمىسى يېزىپ چىقتىم. بېزەنمەك ــ (布置 bù zhì;装饰 zhuāng shì) ــ ھەر خىل چىرايلىق، زىننەتلىك نەرسىلەر بىلەن زىننەتلىمەك : م: ئۇلار ئۆيىنى بېزەشكە 20 مىڭ سوم غەجلەپتۇ. ھال رەڭ ــ (粉红色 fěn hóng sè) ــ ① ئاچ قىزىل بولىدىغان بىر خىل مۇرەككەپ رەڭ؛ مەسىلەن: ئۇنىڭ ھال رەڭ كۆڭلىكى بەك يارىشىپتۇ. ھال ــ (情况 qíng kuàng;时事 shí shì) ــ ① مەۋجۇت بولغان ياكى يۈز بەرگەن ھالەت، ئەھۋال: مەسىلەن: بار بارى بىلەن، يوقى ھالى بىلەن (ماقال) . ② تۇرق كۆرۈنۈش : مەسىلەن: ھالىڭىزغا ۋاي! ③ جىسمانىي ۋە روھىي ھالەت ؛ سالامەتلىك ، كەيپىيات : مەسىلەن: ئېغىر ئەمگەك ئۇنىڭ ھالىنى قويمايتتى . تۈمەن ــ (万 wàn) ① سان ئون مىڭ: مەخمۇتجان خۇرۇم زاۋۇتى قۇرۇشقا ئون تۈمەن پۇل تەييارلىغانىدى.② سۈپ. ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن: سېنىڭ دەردىڭدە ئاۋارە، يۈرەك-باغرىم تۈمەن پارە ئىپار ــ (麝香 shè xiāng; 麝 shè) ــ ① ئىپار كېيىكىنىڭ كىندىكىدىن، بەزى كالىلارنىڭ جىنسىي بېزىدىن ئېلىنىدىغان خۇش پۇراقلىق ماددا: مەسىلەن: ئىپارنىڭ شىپالىق رولى زور. ② شۇ ماددىنىڭ خۇشبۇي ھىدى، پۇرىقى: مەسىلەن: مۇزلار ئېرىپ، كېتىپ قار، يېتىپ كەلدى گۈلباھار. زەپ ياساندى تەبىئەت، چاچتى گۈللەر خۇش ئىپار. ھىد ــ (气味 qì wèi; 味 wèi) ــ ماددىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىش خۇسۇسىيىتى؛ پۇراق، بۇي: مەسىلەن: كاۋاپنىڭ ھىدى دىمىقىمغا ئۇرۇلۇشى بىلەن قورسىقىم تېخىمۇ ئېچىپ كەتتى. كۆكلىمەك ــ (生芽 shēng yá ؛发青 fā qīng) ①يوپۇرماق چىقىرىپ، شاخلىرى بوي تارتىپ ئۆسمەك، كۆكەرمەك: ئۆمۈر دېگەن بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ، سۈيى يېرى، پەرۋىشى جايىدا كەلسە، ئۇ كۆكلەيدۇ؛ بولمىسا قۇرۇيدۇ، يىقىلىدۇ. ②كۆچمە.روناق تاپماق، راۋاجلانماق: خېلىچىخاننىڭ ئۆلۈمى ئەمدىلا بەختىنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆكلەۋاتقان بۇ ئائىلىگە چوڭقۇر قايغۇ – مۇسىبەت ئېلىپ كەلدى. كلاسسىك ــ (经典 jīng diǎn;) ــ ① پەن ، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىنىڭ مەشھۇر بولغان ھەم شۇ ساھەدە باشقىلارغا نەمۇنە ياراتقان ، ئېتىراپ قىلىنغان ئەربابى : م: مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن. ② كلاسسىكلار تەرىپىدىن يارىتىلغان ، خەلقنىڭ ئىپتىخارىغا ئايلانغان ، نەمۇنە بولىدىغان : م: سىز ئجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن كلاسسىك ئەسەرلەردىن قانچىسىنى بىلىسىز؟
6. نورۇز قوشىقى
ساز ــ (乐器 lè qì) ــ ① ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى يەنى دۇتار، تەمبۇر، ساتار، راۋاب قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي نامى. م: ئۇلار سازلىرىنى كۆتۈرۈپ سورۇنغا كىرىپ كەلدى. ئۇچقۇر ــ (善飞的shàn fēi de ; 飞翔迅速的fēi xiáng xùn sù de) ــ ① ئۇچىدىغان، تېز ئۇچىدىغان: م: بۇ دېڭىزدا بىر خىل ئۇچقۇر پاقىلار بار ئىكەن. ② ئۇچقاندەك يۈرىدىغان، ناھايىتى تېز: م: بۇ ئات شامەخسۇتنىڭ ئوردىسىدىكى ئەڭ ئۇچقۇر ئاتلارنىڭ بىرى ئىدى. تال چىۋىق ــ (柳条 liǔ tiáo; 树条 shù tiáo) ــ ① تال، سۆگەت قاتارلىقلارنىڭ يېڭى ئۆسكەن ، يۇمران ۋە ئىنچىكە شېخى: م: خېۋىر قوتاننىڭ چىۋىقتىن توقۇلغان يوغان ئىشىكىنى يېپىپ، غورۇ بىلەن توسۇپ ، ئاستا سەپەر توقۇمنىڭ يېنىغا كەلدى. ② ئىنچىكە تۆمۈر تاياقچە: م: قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇلار بىر ماشىنا پولات چىۋىق سېتىۋاپتۇ. پۆپۈك ــ (带 piāo dài; 绒球 róng qiú) ①نەرىسىلەرنى بېزەش ئۈچۈن قادىلىدىغان بىر باغلام يىپ ياكى تالا-تالا قىلىپ كېسىلگەن قەغەز ۋە رەخت ياكى قۇش پېيى: دوپپىنىڭ پۆپۈكى. ②بىرەر نەرسىنىڭ بىر ئۇچىغا ياكى چۆرسىگە تۇتۇلغان ياكى ئۆزىدىن ئىشلەنگەن تالالار: قامچىنىڭ پۆپۈكى. نەيزىنىڭ پۆپۈكى. لەۋھەنىڭ پۆپۈكى. ③ قۇشلارنىڭ بېشىدىكى پۆپۈك شەكلىدە بىر ئاز ئېگىز ئۆسكەن تۈكلىرى: دەمدەرنىڭ پۆپۈكى. توخۇنىڭ پۆپۈكى. ④بەزى زىرائەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق چىقىرىش توختىغاندىن كېيىن ئۆسۈپ چىقىدىغان پۆپۈككە ئوخشاش قىسمى: قوناقلار تەكشى پۆپۈك چىقاردى چوكانتال ــ (清明 qīng míng) [چوكان+تال] ① بىخلىنىپ، كۆكەرگەن، چوكان بولغان تال: باھارنى ئالساق، كىشىلەر ئۇنى ئىللىقلىقى ۋە چوكانتاللىرىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ياخشى كۆرىدۇ. ② دېھقانلار كالېندارى بويىچە 24 مەۋسۇمنىڭ بەشىنچىسى. ئۇ مىلادىيە 4- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 6- كۈنى ئارىلىقىدا باشلىنىدۇ بۆجەن ــ (tù xiǎo 小兔 ) ــ توشقاننىڭ بالىسى. مەسىلەن: مەن ئىككى بۆجەن باقتىم ئوغلاق ــ (山羊羔 shān yáng gāo) ــ ئۆچكىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسى. مەسىلەن: تۈكلىرى ئاپئاق، ئوماق ئوغلاقنى كۆرۈپ ئوكام ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى. مەشرەپ ــ (麦西莱甫màixīláifǔ) ــ كىشىلەر بىر يەرگە توپلىشىپ قىلىدىغان ناخشا- ئۇسۇللۇق ئولتۇرۇش، يىغىلىش؛ بەزمە: م: بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى مۇنبىرى
ئىپادىلىمەك ــ (发表 fā biǎo;表达 biǎo dá;) ① ئەكس ئەتتۈرمەك، بىلدۈرمەك: سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئىپادىلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ② سۆز بىلەن بايان قىلماق، ئاڭلاتماق، تەبىر بەرمەك: قىز ئەنە شۇ كىتابلار ئارقىلىق ئۆز قەلبىنى يىگىتكە ئىپادىلەيتتى. يارىماق ــ (值当 zhí dāng;得人心 dé rén xīn) ① مۇئەييەن تەلەپكە ماس كەلمەك، لايىقلاشماق، ياقماق: خانغا يارىغان ئېشىم تازغا يارىماپتۇ (ماقال). * ئېشى يارىسا، قاچىسىغا قارىما، قىزى يارىسا، ئانىسىغا قارىما (ماقال). * ئۇنىڭغا ھەممىدىنمۇ بەك ياراپ كەتكىنى ئىناق كوللېكتىپ تۇرمۇش ئىدى. ② كارغا، كېرەككە كەلمەك، ئەسقاتماق: مەن كېيىن ئىشقا يارىغۇدەك بولغاندا ئاتام بىلەن يېزىمىزدىكى ھاجىبايغا چاكار بولۇپ ئىشلەپ يۈرۈپ تاغدا قوي باقتىم. ③ لايىقلاشماق، مۇۋاپىق، ماس كەلمەك، ئەرزىمەك: ئەڭ كەم ھېسابلىغاندىمۇ ھەر مو يەردىن بەش مىڭ تۈپ تېرەك قەلەمچىسى ئۆستۈرسەك، ھەربىرىنى بىر كويغىچە ساتساڭ، يىگىرمە مو يەرنىڭ كۆچىتى بىر ساندۇق پۇلغا يارايدۇ. ④ «جايىدا، ياخشى، بولىدۇ، لايىق، كۆڭۈلدىكىدەك ئىش قىلالايدۇ» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ: – ئوردىغا مۇشۇ خەتنى يازغان بەختىيار ئىسىملىك بالا يارايدىكەن، – دەپتۇ پادىشاھ.
مەشىق باغچىسى
تىنىق ــ (晴朗 qíng lǎng; 爽朗 shuǎng lǎng) ــ چاڭ- توزاندىن خالىي، شامالسىز، سۈزۈك: مەسىلەن: بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق، ئاسمان تىنىق. چاراقلىماق ــ (闪光 shǎn guāng) نۇر چاچماق، ۋال-ۋۇل قىلماق، يالتىرىماق، پارقىرىماق، ۋالىلدىماق: يالپۇز ــ (薄荷 bò he;留兰香liú lán xiāng;) ــ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . غولى تۆت قىرلىق ، يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ . گۈلى سۇس سۆسۈن . غول ۋە يوپۇرماقلىرىدا ئېغىزدىن شامال چىقىرىدىغان خۇشبۇي تەم بولىدۇ ، پۇراقلىق ، دورا قىلىشقا بولىدۇ . ئۇنىڭدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان ئاروماتىك بىرىكمىنى كەمپۈت ۋە ئىچىملىكلەرگە قوشۇشقا بولىدۇ . م: ئېرىق بويىدىكى يالپۇزلار تازا ئېچىلىپتۇ. بەزمە ــ (舞会 wǔ huì) ــ دوستلار، يار - بۇرادەرلەر ياكى قۇرداشلارنىڭ نۆۋەت بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، يەپ- ئىچىپ، ناخشا، ساز بىلەن قىلغان ئويۇن تاماشىسى: مەسىلەن: ئاكام تۈنۈگۈن ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ بەزمە قىپتۇ. شەنى ــ (荣誉 róng yù;威名 wēi míng;)① ئەل ئارىسىدا چىققان ياخشى نام، ئابرۇي؛ داڭق، شۆھرەت، ياخشى پەزىلەت: – بىر يولداش «شەنىم-ئەسلىگە كەلمىسە ئىشلىمەيمەن» دەۋاتسا، بۇنى يىغىندا ھەل قىلمامدىكەنمىز؟ – دېدى زاۋۇت باشلىقى زەردە بىلەن. ② قەدىر-قىممەت، غۇرۇر، پەخىر: ئۇ بۇنى يىگىتلىك شەنى ئالدىدىمۇ ۋىجدانىي قەرز دەپ ھېسابلايتتى نەغمە ــ (曲调 qǔ diào;曲 qǔ;) ــ چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئىجرا قىلىنغان ئاھاڭ: م: ئۆي ئىچىدىن توختىماي نەغمە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۈمىد ــ (希望 xī wàng;愿望 yuàn wàng) ــ بىرەر ئىستەكنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچ، ئىشەنچ بىلەن كۈتۈش؛ ئارزۇ، ئىستەك؛ نىيەت، مەقسەت؛ م: ئۈمىد ــ ئادەمنى غەلىبىگە باشلايدۇ.
ئاغزاكى ئالاقە
ھاۋالە ــ (请托 qǐng tuō;) ــ بىر ئىشنى باشقا بىراۋنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ قويۇشىغا، بېجىرىشىگە تاپشۇرۇش؛ م: بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلپ قويسام بىجىرىپ كېلەلەرمۇ؟ بېجىرمەك ــ (办理 bàn lǐ;执行 zhí xíng) بىرەر ئىشنى ئىشلىمەك، ۋەزىپىنى بەجا كەلتۈرمەك، ئورۇندىماق: مەسىلەن: ئاسىم تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى تولۇق ھەتتا ئاشۇرۇپ بېجىردى. تېگىشلىك ــ (必要 bì yào;应当 yīng dāng;应该 yīng gāi) ــ تەۋە، تەئەللۇق: مەسىلەن: مەنمۇ ئۆزۈمگە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئەكەتتىم.
ئۈچىنچى بۆلەك تىرىشقان ئۇزار
7. دېرىزە سىرتىدىكى ‹‹ ئوقۇغۇچى ››
بۈيۈك ( 宏大hóng dà; 伟大wěi dà ) ــ ئۇلۇغ، زور، كاتتا: مەسىلەن: بوۋام مېنىڭ قەلبىمدە ھېلىمۇ ئەڭ بۈيۈك ئادەم سۈپىتىدە ياشاۋاتىدۇ. سەپەر ــ (旅程 lǚ chéng; 旅途 lǚ tú) ــ ① سەپەر ئاي. ھىجرىيىنىڭ 2-ئېيى، يەنى قەمەرىيە يىل ھېسابىدىكى 2- ئاي. ئۇ 29 كۈن بولىدۇ. ② مەلۇم بىر ئىش ياكى زىيارەت ئۈچۈن بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بېرىش؛ يول: م: ھاتەم ئۆتكەن ئىشلارنى بىرمۇبىر سۆزلەپ بەردى ۋە بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسىتىنى دېدى . پۈكمەك (打算 dǎ suan;想象 xiǎng xiàng;预想 yù xiǎng) ــ نىيەت قىلماق. قارار قىلماق. ئويلىماق: مەسىلەن: بۇ قېتىم يەنىمۇ ئەستايىدىل بولۇپ چوقۇم بىرىنچى بولۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. تالاي ــ (好多 hǎo duō) ــ جىق، نۇرغۇن، كۆپ؛ م؛ تالاي يىللار ئۆتۈپ ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ. مۇشەققەت (艰难 jiān nán;辛苦 xīn kǔ) ــ قاتتىق قىيىنچىلىق، ئېغىرچىلىق، زەخمەت: مەسىلەن: ئۇ يول بويى مۇشۇ خىياللىرىنىڭ ئىلكىدە لەززەتلىنىپ، سەپەر مۇشەققىتىنى ئۇنتۇغان ھالدا يۇرتىغا كەلدى. مىلىچمال ــ (杂货 zá huò) [مىلىچ+مال] يىپ-يىڭنە، تارغاق، سۈزگۈچ، سوپۇن قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك ماللار: مەسجىدنىڭ بېقىنىدىكى مىلىچمال دۇكىنىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى يانچۇقى قۇرۇق (囊空如洗 náng kōng rú xǐ) ــ يانچۇقىدا خەجلىگۈدەك پۇلى يوق. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئارتۇق ئېشىنالمىغان. مادارى بوش. مەسىلەن: ئۇنىڭ يانچۇقى قۇرۇق تۇرۇپ يەنە شۇنداق چوڭ سۆزلىگىنىنى كىم بىلمەيدۇ. تەنزە (摊子 tān zǐ) ــ مىلىچماللارنى تىزىپ، بوينىغا ئېسىۋېلىپ، ئايلىنىپ يۈرۈپ ساتىدىغان ساندۇقچە ياكى مىلىچمال تىزىلغان قول غالتەك: مەسىلەن: ئۇنىڭ كىچىكىدىنلا بوينىغا تەنزە ئېسىپ، كوچىمۇ كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ قەنت- ناۋات ساتىدىغانلىقىنى ھەممە بىلەتتى. قارا خىزمەتچى (勤杂工 qín zá gōng; 工勤人员 gōng qín rén yuán) ــ ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان، ئېغىرراق ئەمگەكلەرنى قىلىدىغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام بويىچە قوبۇل قىلمىغان ئىشچى، ياللانما خادىم. مەسىلەن: بۇ يەدەر ئىشلەۋاتقان قارا خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنى ھەقىقەتەن تەسكەن. مۇدىر ــ (主任 zhǔ rèn) بىرەر ئىدارە، تەشكىلات، مەكتەپ قاتارلىقلارغا مەسئۇل كىشى: مەكتەپ مۇدىرى. كومىتېت مۇدىرى ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن (惊异 jīng yì;惊讶 jīng yà) ــ ھاڭ- تاڭ قالغان، ھەيران قالغان ھالدا قارىماق. مەسىلەن: مۇئەللىم ئۇنىڭ قىلىقىغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى. كويى ــ (企图 qǐ tú;原意 yuán yì)①ئوي، خىيال: ھەر كىم ھەر كويدا، تاز خوتۇن ئەر كويدا (ماقال). ②غەزەر، مەقسەت: مەلىكە ئاشۇ ئەڭگۈشتەرنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا بوپتۇ. ③بىرەر مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەت ياكى ئىش: بۇ ئاداش خىلۋەت ئورمانغا بېشىنى تىقىۋېلىپ، جاھاندا نېمە كوي بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمىسە كېرەك ئەل ــ (国家 guó jiā;民间 mín jiān) ــ يۇرت، دىيار، مەملىكەت: م: چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتتى. كەچۈرمىش (经过 jīng guò; 经历 jīng lì) ــ باشتىن ئۆتكەن تۈرلۈك ۋەقە- ھادىسىلەر؛ كەچمىش: مەسىلەن: بالا پادىشاھقا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بېرىپتۇ. قەدىرلىمەك ــ (敬爱 jìng ài;珍惜 zhēn xī;爱惜 ài xī;) ــ ھۆرمىتىنى، ئىززىتىنى قىلماق؛ ھۆرمەتلىمەك، ئەزىزلىمەك، ئۇلۇغلىماق، ياخشى كۆرمەك؛ م: ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەن كىشى توختاۋسىز بىلىم ئىگىلەيدۇ. گۈللەندۈرمەك ــ (繁盛 fán shèng؛ 振兴 zhèn xīng) راۋاجلاندۇرماق، تەرەققىي قىلدۇرماق، روناق تاپقۇزماق يۇرتداش ــ (老乡 lǎo xiāng) ① بىر يۇرتتا بىللە ياشاۋاتقان ئادەم (بىر-بىرىگە نىسبەتەن)، بىر يۇرتلۇق: بۇ ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرا بوي، ئاق يۈزلۈكى قازاق بولۇپ، غولجا تېكەسلىك ئىكەن، ئۇنىڭ كازىم بىلەن يۇرتداش چىققىنى تازىمۇ ياخشى بولدى. ② ۋەتەنداش سەپەرۋەر ( 预备 yù bèi; 准备 zhǔn bèi) ــ جەڭگىۋار ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن، تەييارلانغان: مەسىلەن: ئەتراپتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ دەرھال نامايىش قىلايلى. مەشھۇر ــ (著名 zhù míng;驰名 chí míng) ــ مەلۇم جەھەتتە شۆھرەت قازانغان، داڭقى چىققان، خەلقىئالەمگە تونۇلغان، ئاتاقلىق، داڭلىق: مەشھۇر ئالىم. مەشھۇر يازغۇچى. مەشھۇر ئەرباب. مەشھۇر ئەسەر. مەسىلەن: بۇ باغ ھەقىقەتەن مەشھۇر ئىكەن. مائارىپچى (教育者 jiào yù zhě) ــ مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگۈچى كىشى، مائارىپ خادىمى: مەسىلەن: مەن ئۇزۇن يىللىق مائارىپچى، بالىلارنىڭ، ياشلارنىڭ مىجەز- ھەۋەسلىرىنى كۆزىتىشكە قىزىقىمەن. ئوت يۈرەك ــ (炽烈 chì liè; 血气 xuè qì; 血性 xuè xìng;) ــ ئىنتايىن قىزغىن؛ قەھرىمان، باتۇر: م: بىزنىڭ ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز ناھايىتى غايىلىك چوڭ بولۇۋاتىدۇ. كومپوزىتور (乐作曲家 yīn yuè zuò qǔ jiā; 作曲家 zuò qǔ jiā) ــ مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغۇچى كىشى. مەسىلەن: مەن داڭلىق كومپوزىتور ھېكىم ھەسەننىڭ بىر قانچە مۇزىكىسىغا چالالايمەن. شائىر (诗人 shī rén) ــ شېئىرىي ئەسەر يازىدىغان كىشى: مەسىلەن: مەرھۇم روزى سايىت ھەقىقىي خەلق شائىرى ئىدى. تەۋپىق ــ (顺导 shùn dǎo) توغرا يول، توغرا يولغا باشلىغۇچى؛ باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ياردەم بېرىش.
8. ساۋات چىقىرىش
ئەزىمەت ــ (男子汉 nán zǐ hàn;勇士 yǒng shì) ــ ① ھەر ئىشنى قىلىشقا جۈرئەتلىك ، قۇدرەتلىك ، مەرد : مەسىلەن: كۆردۈڭلارمۇ بۇ ئەزىمەتنى ، ئۇ يالغۇز ئەمەلدارلىق قىلىشنىلا ئەمەس يەنە تراكتور ھەيدەشنىمۇ بىلىدىكەن ، يېزا كادىرى دېگەن شۇنداق بولسۇن - دە ! ② مەرد ، باتۇر ، پالۋان ، قەيسەر : مەسىلەن: دوستۇم كامال، گەپ قىلساڭچۇ ، سەن باتۇر - ئەزىمەت ئىدىڭغۇ ! تۆر ــ (上座 shàng zuò; 首席 shǒu xí) ــ ① پەگاھقا نىسبەتەن يۇقىرىدىكى جاي ، ھۆرمەتلىك ئورۇن : مەسىلەن: ئۇنى مۇدىر بىلەن بوغالتىر ئادەتتىن تاشقىرى تەكەللۇپ بىلەن تۆرگە چىقىرىشتى . ② كىرىش ئېغىزىغا نىسبەتەن ئەڭ ئىچىدىكى جاي : مەسىلەن: ئۇلارنىڭ غارنىڭ تۆرىگە ھەقىقىي يەتكەن - يەتمىگەنلىكى ۋە غارنىڭ ئىچىدىن نېمىلەرنى ئەكەتكەنلىكى كىشىلەرگە ئېنىق ئەمەس . ③ كۆچمە . چوڭقۇر قاتلام : مەسىلەن: ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلىتى قەلبىم تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. ساۋاق ــ (教训 jiào xùn) ــ ① ئوقۇتۇش پائالىيىتى داۋامىدا دەرسلىك ياكى ماتېرىياللارنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۆتۈلىدىغان بۆلىكى ، دەرس : مەسىلەن: مەن ياسايمەن ، سەن ئاۋارە بولما ، سەن موللامنىڭكىگە بېرىپ ساۋىقىڭنى يادلاۋەرگىن . ② كۆچمە . ئوڭۇشسىزلىقلاردىن يەكۈنلەنگەن ، ئىبرەت ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان سەلبىي تەجرىبە ؛ ئىبرەت : مەسىلەن: قادىرلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ نىكاھ تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغانلىق پاجىئەسى بۇنىڭغا بىر جانلىق ساۋاق . شىرە ــ (桌子 zhuō zǐ) ــ ياغاچتىن تۆت پۇتلۇق ، تۆت چاسا ياكى يۇمىلاق قىلىپ ياسالغان تاماق يېيىش ، خەت يېزىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان ، جوزا ، ئۈستەل : مەسىلەن: - ئىچكىرىكى ئۆيدە مەن ياتىمەن! - دەپ توۋلىدى گۈلنۇر قولىدىكى قوشۇقنى شىرەگە ئۇرۇپ . ئەپلىك ــ (方便 fāng biàn;便利 biàn lì) ① مۇۋاپىق، قۇلاي، ئوڭۇشلۇق، نادەم ئۆمىلەپ بىر قەبرە يېنىغا ماڭدى. ۋارىسجانمۇ نادەمنىڭ كەينىدىن شۇ يەرگە بېرىپ ئەپلىك بىر جايغا ئورۇنلاشتى. ②چاققان، ئەپچىل، قىزچاقنىڭ ئەۋرىشىم بارماقلىرى ئاجايىپ ئەپلىك ئىكەن. ③ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغان، چېۋەر، ماھىر، قادىرنىڭ قولى ئەپلىك بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى ياساپ قوياتتى. ④كۆچمە، ئىناق، ئىتتىپاق؛ يېقىن، ئېجىل، ئەنگلىيە ــ (英国yīng guó) ــ ياۋروپانىڭ غەرىبىگە جايلاشقان، دۇنيادىكى كۈچلۈك ئارال دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى: لوندون. زىمىنى: 243000 كۇۋادىرات كىلومىتىر . نوپۇسى: 60,943,912 (2008-يىلىدىكى ئىستاستىكا) دۆلەت تىلى: ئىنگىلىز تىلى . دارۋېن ــ (达尔文 dá ěr wén) ــ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى. ئۇ بارلىق جانلىقلار مەلۇم بىر خىل جانلىق تۈرىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن، دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئادەمنى مايمۇندىن بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ.
9. قىزىقارلىق بايقاش
ئوكيان ــ (大洋 dà yáng;洋 yáng) ــ يەر شارى يۈزىنىڭ سۇ بىلەن يېپىلغان كەڭ ئورۇنلىرى بولۇپ ، يەر شارىنىڭ 017 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ . يەر شارىدا تىنچ ئوكيان ، ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكياندىن ئىبارەت تۆت ئوكيان بار . مەسىلەن: ئۇلارنىڭ پاراخوتى ھىندى ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ ئاخىر قۇرۇقلۇققا چىقتى. تىنىچ ئوكيان ــ (太平洋 tai píng yáng) ــ يەر شارىدىكى تۆت ئوكياننىڭ ئەڭ چوڭى ، ئاراللار ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ چوڭقۇر ئوكيان . ئۇ ئاسىيا ، ئوكيانىيە ، ئانتاركتىكا ، جەبۇبىي ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، كۆلىمى 179 مىليون 680 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . مەسىلەن: ئۇلار تىنىچ ئوكيان ھاۋا بوشلۇقىدا مەشىق قىلىۋاتىدۇ. ئارال ــ (海岛 hǎi dǎo; 岛 dǎo) ــ دېڭىز - ئوكيانلار ياكى تەبىئىي كۆل ۋە دەريالاردىكى ئەتراپى سۇ بىلەن ئورالغان قۇرۇقلۇق . مەسىلەن: بۇ ئارالدا مەن بۇرۇن كۆرمىگەن قۇشلار جىق ئىكەن. ئېھتىمال ــ (可能 kě néng;也许 yě xǔ) ــ ① ئەمەلگە ئېشىش، يۈز بېرىش، رېئاللىققا ئايلىنىش ئىمكانىيىتى، مۇمكىنلىك: مەسىلەن: ئۇ ئېھتىمال كەلمەسلىكى مۇمكىن. بەرداشلىق ــ بەرداشلىق (忍耐 rěn nai; 镇静 zhèn jìng;) ــ سەۋر - تاقەتلىك ، چىداملىق : مەسىلەن: ئاز قالدى، يەنە بىردەم بەرداشلىق بەرگىن. ئۇۋال ــ (含冤 hán yuān) ــ ① تېگىشلىك بولمىغان جازا، ئازاب، ئوقۇبەت، ناھەق ئەيىبلەش: مەسىلەن: رەنجىمەيمەن ھېچ سېنىڭدىن قوغلىغانتىڭ دەپ مېنى ، ئۆزگىدە تۇرسا ئۇۋالىم ، نېمە دەپ سەندىن كۆرەي . ② ئورۇنسىز ، مۈشكۈلات، قىيىنچىلىق ، جاپا : مەسىلەن: تراكتورچىلارمۇ ئۆز كەسپىدىن پايدىلىنىپ دېھقانلارغا زىيان سالسا ، بىچارە دېھقانلارغا نېمىدېگەن ئۇۋال . بايقاش ــ (发现 fā xiàn;捉摸 zhuō mō;) ــ ھېس قىلماق؛ ئاڭقارماق ؛ سەزمەك ؛ بىلمەك : مەسىلەن: شۇ چاغ جەڭچىلەر دۈشمەنلەرنىڭ قاراۋۇلخانىغا قاراپ چېكىنگەنلىكىنى بايقىدى . ئەۋرىشكە ــ (样本 yàng běn; 样品 yàng pǐn) ــ ئۈلگە قىلىنىدىغان بۇيۇم ؛ ئۆرنەك ، نۇسخا : مەسىلەن: مال ئەۋرىشكىسىنى ئالغاچ كەلدىڭمۇ؟
ئۇيغۇر تىلى مۇنبىرى
داڭق ــ (盛名 shèng míng;大名 dà míng) ــ نام، ئاتاق، شۆھرەت، ئىناۋەت؛ مەشھۇرلۇق: م: تەلكىدىن چىقىپ كەلسەم، ئىلى باغلىرى بوستان، بۇلبۇللارغا قۇلاق سالسام، داڭقىنى قىلۇر داستان. پۈكلىمەك ــ (折叠 zhé dié; 揲 shé) ــ قاتلىماق ، قايرىماق، پۈكمەك : م: ئەسەد خەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن خەتنى پۈكلەپ شۇ پېتىچە يانچۇقىغا ساپتۇ . غەلىبە ــ (胜利 shèng lì; 凯 kǎi) ــ ① ئۇرۇش ۋە جەڭلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۈستۈنلۈك، مۇۋەپپەقىيەت؛ زەپەر: ئۇلار بۇ قېتىمقىمۇسابىقىدە غەلىبە قازىنىپتۇ. ② بىرەر ئىشتىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە، مۇۋەپپەقىيەت: مەسىلەن: بۇ يىل باھاردا يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلىندى. مەسىلەن:ئۇ ئۆز ئىشىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا قاتتىق ئىشىنىدۇ . ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى. ساداقەت ــ (真诚 zhēn chéng;忠 zhōng;) ــ چىن كۆڭلىدىن ئىپادىلەنگەن سەمىمىيلىك، ۋاپادارلىق، سادىقلىق؛ م: سەن ئۆزەڭنىڭ ھەقىقىي ئەركەك ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلىماقچى بولىدىكەنسەن، ئالدى بىلەن ۋەتىنىڭگە بولغان ساداقىتىڭنى بىلدۈرىشىڭ كېرەك. كەسكىن ــ (干脆 gān cuì;严肃 yán sù) ــ تېز ھەم كۈچلۈك، شىددەتلىك، قاتتىق؛ جىددىي (ئاۋاز ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە): م: ــ ياق! ــ دېدى ئۇ كەسكىن بىر ئاۋازدا. قۇربان ــ (烈士 liè shì;牺牲 xī shēng) ــ ① بىرەر ياخشى ئىش، ياخشى مەقسەت يولىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ، جان پىدا قىلغان كىشى : قۇربان بولماق . ئۆزىنى قۇربان قىلماق . م: ئۇ مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلدى. ② كۆچمە . تەبىئىي ئاپەت ، پالاكەت ، كۆڭۈلسىز ئىش ، ھادىسە قاتارلىقلار تۈپەيلى ھالاك بولغان ياكى زور زىيانغا ئۇچرىغان كىشى : م: ئۇلۇغبەگە ئەينى ۋاقىتتا جاھالەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى . ③ بىرەر مەقسەتكە ئېرىشىش يولىدا تارتقان زىيان- زەخمەت، بەدەل، تالاپەت: م: بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇ خېلى كۆپ قۇربان بەردى. ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى. دېكلاماتسىيە ــ (朗诵 lǎng sòng) ــ شېئىرىي ئەسەرلەرنى چىرايلىق، تەسىرلىك قىلىپ، ئۈنلۈك يادقا ئوقۇش سەنئىتى ۋە شۇنداق ئوقۇشنىڭ ئۆزى: م: بىز كېلەر ھەپتە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز. ئاغزى قۇلىقىغا يەتمەك ــ (眉飞色舞 méi fēi sè wǔ; 眉开眼笑 méi kāi yǎn xiào) قاتتىق خۇشال بولماق، ئىچى- ئىچىدىن كۈلمەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ــ (联合国 lián hé guó;) ــ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945- يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات، قىسقارتىلىپ «ب د ت» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ- يورك شەھىرىدە. ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، خەلقئارا دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش؛ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. م: بۇ ئۇرۇشنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ بىر تەرەپ قىلدى.
مەشىق باغچىسى
ئۈنۈم ــ (成效 chéng xiào;结果 jié guǒ;效果 xiào guǒ) ــ ① مەلۇم بىر خىل كۈچ، ئۇسۇل، چارە ياكى ئامىل، سەۋەب پەيدا قىلغان ئىجابىي نەتىجە: م: ئۇ پۇل- مال بىلەن ئالداش ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ② مەلۇم نەرسىنىڭ پايدىلىق رولى، تەسىرى: م: ئىچكەن دورىنىڭ ئۈنۈمى ئەمدى كۆرۈلىۋاتىدۇ. تېيىز ــ (粗浅 cū qiǎn; 浅薄 qiǎn báo) ــ ئانچە چوڭقۇر ئەمەس: م: ئاخىر قېيىق دەريانىڭ تېيىز يېرىگە بېرىپ، قۇمغا تەگدى. نۇقتا ــ (点 diǎn) ① ئاسمان ياكى زېمىندىكى مەلۇم بىر ئورۇن؛ توچكا: قەمەرنىڭ ئازابتىن چەكچەيگەن كۆزلىرى ھېلى ئۇ نۇقتىغا، ھېلى بۇ نۇقتىغا تىكىلەتتى. نوختا ــ (笼头 lóng tóu; 羁 jī) ① ئات، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلارنىڭ بېشىغا سېلىپ، ئۇلارنى يېتىلەش، باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان جابدۇق: ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەپتۇ (ماقال). ② كۆچمە. كونترول، چەكلىمە: ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق، تىلنىڭ سۆڭىكى (ماقال قورۇق ــ (庄园 zhuāng yuán;田庄 tián zhuāng;) ① ئۆي – ئىمارەتلەر سېلىنغان، دەل – دەرەخ، باغۋارانلىق دېھقانچىلىق مەيدانى؛ ئېكىنزار. ②ئېكىنزار ياكى باغ، ھويلا – ئارام قاتارلىقلارنى سىرتتىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان نىسبەتەن پاكار تام ئاياق ــ (杯子 bēi zǐ;木碗mùwǎn) ① ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان، تەخسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان چوڭ قاچا: ئۇنىڭ قولىدا دەز كەتكەن بىر قاپاق، يېرىقلىرى چەمبەرلەنگەن قوپال ئاياق ۋە باشقا ئەسكى-تۈسكىلەر بار ئىدى. ② تارىختا جام، پىيالە، قەدەھ قاتارلىلارمۇ بۇ نام بىلەن ئاتالغان: مەختۇمسۇلا ئۆز قولى بىلەن ئاياقلارغا سۈت ھارىقىنى تولدۇرۇپ قويۇپ بىردەمدە ھەممىسىنى مەست قىلىۋېتىپتۇ. قېرىق ــ (发涩 fā sè) ①كىشىنىڭ ھۇزۇرلىنىپ ئىچكۈسى كەلمەيدىغان؛ قىرتاق (بىرەر نەرسىنىڭ تەمى ھەققىدە): دورا قېرىق ياكى بەك ئاچچىق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ②ئېرىنچەك: بۇ ئادەم دورا ئىچىشكە قېرىق. قورغان ــ (堡垒 bǎo lěi;城堡 chéng bǎo;围城 wéi chéng) ــ ① دۈشمەن ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستىھكام، سېپىللار بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جاي، شەھەر، قەلئە ۋە شۇ قاتارلىقلار: م: ئۇلار قورغانغا ھۇجۇم قىلىپتۇ. ② قەلئە، شەھەر ۋە شۇ قاتارلىقلارنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان مۇستەھكەم دىۋار، تام، سېپىل: م: قورغان چوڭقۇر يارلىق ئېرىققا تاقىلىپ تۈگەيتتى.
تۆتىنچى بۆلەك ئوينايدىغان بالا بارمۇ
ئەۋلاد ــ (下辈 xià bèi;后代 hòu dài;) ــ بىر دەۋردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ نەسلى؛ م: بۈگۈن چۈشەنمىسە ئەتە چۈشىنىدۇ. بۈگۈنكىلەر چۈشەنمىسە، كەلگۈسى ئەۋلادلار چوقۇم چۈشىنىدۇ! ئەنئەنىۋى ــ (传统 chuán tǒng) ــ ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئەنئەنە بويىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، ئەنئەنە بولۇپ قالغان، ئەنئەنىگە ئايلانغان، ئەنئەنىلىك: م: دوپپا كىيىش بىز ئۇيغۇرلانىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى. ئۆملۈك ــ (和气 hé qi;团体 tuán tǐ;) ــ ئىناقلىق ، ئىتتىپاق بولۇش ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش ، ئۇيۇشۇش ، بىرلىشىش : م: ئىش ئۆملۈكتە ، كۈچ بىرلىكتە (ماقال) . مەردانە ــ (豪迈 háo mài;雄姿 xióng zī;) ــ ① مەردلەرچە ، مەردلىك بىلەن، مەردلەرگە ئوخشاش: م: ئۇ جاچادىن قورقماي مەردانە ئىلگىرلەپ كېتىۋاتىدۇ. ② مەردلەرگە، باتۇرلارغا خاس : م: ساخاۋەت داد-پەرياد كۆتۈرمەي ، مەردانە قىياپەتتە تىك تۇرۇپتۇ . م: سۇلتان مىرغەزەپنىڭ مەردانە ئاۋازى گۈركىرەپ تۇرغان بوراننىڭ ئاۋازىغا قوشۇلۇپ كەتتى . قەيسەر ــ (坚强 jiān qiáng; 顽强 wán qiáng) ــ باتۇر، ئىرادىلىك، جەسۇر، قەھرىمان: مەسىلەن: قەيسەر كىشىلا كەمتەر بولىدۇ.
10. قارا- قارا قۇشلارىم
سوتكا ــ (昼夜 zhòu yè; 天 tiān) بىر كېچە-كۈندۈزگە، يەنى 24 سائەتكە تەڭ ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى ۋە شۇ ئۆلچەمدىكى ۋاقىت قاسناق ــ (旁 páng; 厢 xiāng;) ــ بىرەر نەرسىنىڭ يېنى، يان تەرىپى، ياقىسى؛ گىرۋەك ، بوي: م: كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقى ئدەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. بۈككىدە ــ (莽莽 mǎng mǎng; 茂盛 mào shèng;) ــ بۈك- باراقسان ھالەتكە كەلگەن ھالدا: م: بىردىنلا بۈككىدە ئۆسكەن دەرەخلىك ھويلىدىن ئاڭلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ زىل، يېقىملىق ناخشا ئاۋازى ئىختىيارسىز مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. گىرەلەشمەك ــ (交叉 jiāo chā;互 hù) ــ بىر- بىرىگە ئارىلىشىپ، تۇتىشىپ كەتمەك؛ قۇچاقلاشماق، چىرماشماق؛ م؛ ــ ئەلقىسسە، بۇ سۆز بىلەن ئاكا- سىڭىل زار- زار يىغلاپ گىرەلىشىپ كۆرۈشتى. چاڭىلدىماق ــ (响亮xiǎngliàng 宏亮hóngliàng ) ــ «چاڭ- چاڭ» قىلغان كۈچلۈك ئاۋاز چىقارماق؛ م: گەپنىڭ تېگىنى چۈشەنگەن گۈلنار چاڭىلداپ سۆزلەپ كەتتى. پەخرلەنمەك ــ (自豪 zì háo;) ــ بىرەر ئادەم، نەرسە ياكى ئېرىشىلگەن مۇۋەپپەقىيەت تۈپەيلىدىن مەمنۇن بولماق، غۇرۇرلانماق، ماختانماق؛ م: مەن دادامدىن پەخىرلىنىمەن. تاۋاق ــ (盘子 pán zǐ; 箪 dān;) ــ ياغاچتىن ئويۇپ، قىرىپ ياسالغان تەخسە شەكىللىك قاچا، ئاياق. م: ئۇلار تاۋاقلىرىنى كۆتۈرىشىپ قازان بېشىغا كېلىشتى. قىزىقسىنماق ــ (喜好 xǐ hào;欣羡 xīn xiàn;) ــ قىزىقىش ھېس قىلماق؛ قىزىقىش پەيدا بولماق، قىزىقماق: م: ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنى ھەممىسى قىزىقسىنىپ بۇ ياققا قارايتى. دەۋەت ــ (号召 hào zhào) بىرەر ئىش، ئەقىدە، يول، مەسلەك قاتارلىقلارغا جەلب قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان تەكلىپ، چاقىرىق، ئۈندەش، تەشەببۇس: دەۋەت قىلماق. * نۇرئاخۇن بايۋەچچىنىڭ بۇ دەۋىتى ئابدۇسوپۇر ھاجىمنىڭ ياشلىق تىلەكلىرى قايناپ تۇرغان كۆڭلىگە تولىمۇ ياققانىدى قەپەس ــ (笼子 lóng zǐ;鸟笼 niǎo lóng;牢笼 láo lóng;) ــ قۇش ياكى ھايۋانلارنى ساقلاش، بېقىش ئۈچۈن سىم ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن توقۇپ ياسىلىدىغان ساندۇق ياكى ئۆي شەكىللىك بۇيۇم: م: ئۇ باينىڭ ئۆيىدە قەپەستىكى قۇشتەك يالغۇز قالغانىدى. زەنجىرسىمان ــ (链式 liàn shì; 连环 lián huán) زەنجىرگە ئوخشايدىغان، بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەتكەن: زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت. زەنجىرسىمان ئۆي مۇداپىئە ــ (防务 fáng wù;守势 shǒu shì) ــ دۈشمەن، تەبىئىي ئاپەت، بىرەر كىم ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇش، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش، قوغدىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت: م: جەڭچىلىرىمىز دۈشمەن مۇداپىئىسىنى يېرىپ ئۆتۈپ شەھەرگە كىردى. يۈزلەنمەك ــ (面临 miàn lín; 面向 miàn xiàng) ① بىرەر كىمگە ياكى نەرسىگە يۈزىنى قاراتماق، شۇ تەرەپكە بۇرۇلماق، قارىماق: ئۇ ئاستا بۇرۇلۇپ كۆپچىلىككە يۈزلەندى. ② بىرەر تەرەپكە قاراپ ماڭماق، يول ئالماق، قوزغالماق: قاراڭلار، سەزدىڭلارمۇ؟ ئامبارنىڭ سۈيى بىز تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ قۇشلىماق ــ (捕猎 bǔ liè;取得 qǔ dé)①ئوۋ قۇشلىرىنى توشقان قاتارلىقلارنى تۇتۇشقا سالماق، ئوۋ قۇشلىرى بىلەن ئوۋ ئوۋلىماق: قارچىغا قۇشلىماق. ②كۆچمە. قۇترىتىپ كۈشكۈرتۈپ ئەۋەتمەك، يولغا سالماق: رەۋىخان بىر تالاي ۋالاقلىشىپ گۈلقىزنى قۇشلىدى. گۈلسۈمخانمۇ ئۇنىڭغا يان بېرىپ، قىزىنى قايتىشقا قىستىدى. ③كۆچمە. سەلب. قولغا كەلتۈرمەك، قولغا چۈشۈرمەك؛ ئوينىماق: قىز قۇشلىماق غۇلاچ ــ (庹 tuǒ;) ــ ① ئىككى قولنى ئىككى يانغا تۈز قىلىپ كەرگەندە بىر قولنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق : م: غۇلىچىمنى كېرىپ كۈچ بىلەن يۈزىگە ئۇرۇۋەتتىم . ئۇ ئارقىچە سەنتۈرۈلۈپ بېرىپ ئوڭدا يىقىلدى . ② ساناق سانلار بىلەن بىللە كېلىپ غۇلاچقا تەڭ ئارىلىقنى بىلدۈرىدۇ : م: دەرھال ئۈچ غۇلاچ كەلگۈدەك ئارغامچا تېپىپ كەل. سەھرا ــ (农村 nóng cūn;村野 cūn yě) ــ ① ئۆسۈملۈك، دەل- دەرەخ ئۆسمىگەن ياكى ئاندا- ساندا ئۆسكەن؛ سۇسىز، بىپايان يەر؛ دەشت- باياۋان، چۆل. مەسىلەن: بۇ سەھرادا ياردەمگە قانداقمۇ ئادەم تاپارمىز؟ ② يېزا: مەسىلەن: بۈگۈن سەھرادىن تۇغقانلىرىمىز كېلىپ، ئۆيىمىز خۇشاللىققا تولدى. ئادىل ــ (公平 gōng píng) ① بىرەر تەرەپكە يان باسماي، ئادالەت، ھەققانىيەت بىلەن خالىسانە ۋە ھەققانىي ئىش قىلىدىغان، ھەققانىي يول تۇتىدىغان؛ لىللا، توغرا: ئادىل ئادەم. ئادىل ھۆكۈمەت. ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى سۆيۈنمەك ــ (快慰 kuài wèi) سۆيۈنچ ھېس قىلماق، خۇشاللانماق، خۇرسەن بولماق، قۇۋانماق: ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بۇ شانلىق غەلىبىدىن چەكسىز سۆيۈندى
11. ئوينايدىغان بالا بارمۇ
ئاغا ــ (兄长 xiōng cháng) ① ئاكا: بىز ئاغا-ئىنى ئۈچىمىز ئۈچ خىل خاراكتېرگە ئىگە ئىدۇق. شۇڭا ئاقىۋەتمۇ ئۈچ خىل بولدى. ② ئۆزىدىن چوڭ، تۇغقاندەك يېقىن، قەدىردان كىشى: كېتەيلۇق ئاغا-ئىنىلار، ئامانلىققا بەل باغلاپ. ③ئەلنىڭ، يۇرتىنىڭ كاتتىلىرى، چوڭلىرى، ھاكىملىرى: ئاغا بەگلەر جاۋاب بەردىم، بۈگۈن ئاخىر زامان دەڭلار، ئارمان بىلەن بەندە بولدۇم، بەگلەر سورىسا ئامان دەڭلار. ④مۇھىم ياكى ئالاھىدە بولغان قۇرۇلۇش-ئەسلىھەلەرنى باشقۇرغۇچى خادىم، باشقۇرغۇچى: ئىشىك ئاغىسى. ھەرەم ئاغىسى پىر ــ (大师 dà shī;圣手 shèng shǒu) ــ ① ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن ئادەم ، قېرى كىشى : مەن چۈشۈمدە پىردەك چاچ - ساقىلى ئاقارغان بىر كىشىنى كۆرۈپتىمەن . ② تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ يېتەكچىسى، رەھبىرى: م: ئابدۇرىشىتخان: - ھەزرىتى پىرىمنىڭ خەيىرخاھلىقىغا تەشەككۈر - دېدى . ③ بىرەر كەسىپنىڭ ئاساسچىسى ۋە ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى دەپ قارىلىدىغان كىشى : م: ياغاچچىنىڭ پىرى داۋۇت ئەلەيھىسالام. ④ كۆچمە . بىرەر ئىش ، كەسىپ ياكى ساھەنى ياخشى ئىگىلىگەن كىشى ، شۇ ساھەدە ئەڭ ماھىر ، ئۇستا ئادەم ؛ ئۇستاز : م: - ئوينىماي ئولتۇرسام بىلمەمدىكىن دېمەڭ ، تانسا دېگەننىڭ پىرى بىز! - دېدى نامەت پەدە ــ (调子 diào zi 弦枕木 xián zhěn mù) ــ ① تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ دەستىسىدىكى تاۋۇش نوتىلىرىنى بەلگىلەيدىغان بوغۇملار : پەدە باسماق. بۇ راۋاپقا قايتىدىن پەدە باغلاپ بەرسىلە، ئۇستام. ② ئاھاڭ: م: تالىپ دۇتارنى باشقىدىن ساز قىلىپ شوخ پەدىلەرگە باشلىۋەتتى . ۋەدە - (诺言 nuò yán) ــ بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن دېيىلگەن قەتئىي سۆز، لەۋز : مەسىلەن: ئەتىسى بامدات نامىزىدىن كېيىن ، ھاجى ئىشان ۋەدە بويىچە رابى ۋىت - ۋىتنى ھىسامىدىن داموللىنىڭ ئالدىغا باشلاپ ئەكىردى .
12. قارلىق ئويۇنى
ئالامەت ــ (出色 chū sè; 非常 fēi cháng;绝妙 jué miào;) ــ ناھايىتى، ئاجايىپ: م: بۈگۈن ناھايىتى ئازادە كيىنگەن بىر شاھزادە، ئالامەت كېلىشكەن بىر زور ئارغىماق ئاتنى مېنىپ كېلىپ، چاپقانچە 20- پەلەمپەيگىچە چىقتى. مەستلىكى كەلمەك ــ (欣羡 xīn xiàn ؛迷 mí) ئامراق بولماق، سۆيۈنمەك، مەپتۇن بولماق، كۆڭلىگە بەك يېقىپ كەتمەك. ئامەت ــ (运气 yùn qì;幸运 xìng yùn;) ئىشنىڭ ئوڭدىن كېلىشى، ئىلگىرى بېسىشى؛ بەخت، تەلەي: ئامەت كەلسە قوش كېلەر، كەلمىسە مۇشت كېلەر (ماقال). * ئامەت كەلسە ئىشىك، تۈڭلۈكتىن كىرەر (ماقال) مول ھوسۇل ــ (收成 shōu cheng;庄稼 zhuāng jia;) ــ تېرىلغان زىرائەت ياكى باغۋەنچىلىكتىن ئېلىنىدىغان مەھسۇلات، ئۈنۈم: م: بۇ يىل ئالمىدىن خېلى كۆپ ھوسۇل ئالدۇق قۇتلۇقلىماق ــ (道贺 dào hè; 道喜 dào xǐ) بەخت تىلىمەك، قۇتلۇق بولۇشنى تىلىمەك، قۇتلۇق بولسۇن دېمەك، مۇبارەكلىمەك: غەلبىنى قۇتلۇقلىماق. دۈگىلەك ــ (圆形 yuán xíng; 员 yuán) ئايلانما شەكىللىك، ئايلانما؛ يۇمىلاق: رازۋېدكىچىلار داق يەرگىلا داستىخان سېلىپ دۈگىلەك ھالەتتە ئولتۇرۇشتى مۇددەت ــ (期限 qī xiàn;时限 shí xiàn) ــ ۋاقىتنىڭ ئېنىق بىرەر ئىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بۆلىكى ؛ قەرەل : ئۇزۇن مۇددەت . قىسقا مۇددەت . م: سىزگە بېرىلگەن مۇددەت توشتى. چېسلا ــ (日期 rì qī; 日子 rì zǐ) يىلنىڭ ئاي-كۈنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ۋاقىت جەدۋىلى؛ كالېندار: ئۇ يەردە رەسىملىك بىر چېسلا تۇراتتى. ② كالېندار ھېسابى: ئاي-كۈن: 10- چېسلا، 16- چېسلا نىشان ــ (目标 mù biāo;指标 zhǐ biāo;表征 biǎo zhēng) ــ ① تەبىئىي ياكى مەقسەتلىك قويۇلغان بەلگە؛ ئالامەت؛ قارا: م: بىز ئاشۇ دەرەخنى نىشان قىلىپ يۈگرەيلى. ② بىرەر نەرسىدىن قالغان ئىز، بەلگە؛ دېرەك؛ سىمۋول: م: ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچقانداق نىشان قالمىدى. ③ كۆچمە. بىرەر ئىش، ھەرىكەت قارىتىلغان نۇقتا ياكى يەتمەكچى بولغان مەقسەت، مەنزىل؛ غايە؛ يۆنىلىش: م: سەگەك بولمىساڭ ئاسانلا نىشانىڭنى يوقىتىپ قويىسەن.
ئۇيغۇر تىلى مۇنبىرى
بايان ــ (讲话 jiǎng huà;侧记 cè jì;) ــ ① ۋەقە، ھادىسە، پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەرنىڭ ئاغزاكى ياكى يازما ئىپادىسى؛ ئىزھار، چۈشەندۈرۈش: م: يىغىندا مەنمۇ پىكىر بايان قىلدىم. ② ئەدەبىي ئەسەرنىڭ سادىر بولۇۋاتقان ۋەقەلەر ھەمدە ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ھېكايە قىلىنىۋاتقان قىسمى : م: مەن بايان خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى قانداق يازىدىغنالىقىنى بىلىۋالدىم. ③ خەۋەر تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن، ئېيتىلغان: م: بايان جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. ئىلمىي ــ (科学 kē xué; 科学的 kē xué de;) ــ ئىلىمگە، ئىلىم- پەنگە ئائىت، ئىلىم- پەنگە ئاساسلانغان: م: بىز ئىلمىي تەجرىبىگە ئەھمىيەت بېرىمىز. پائالىيەت ــ (活动 huó dòng;) بىرەر ساھەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىش، مەشغۇلات ، ھەرىكەت: تازىلىق پائالىيىتى جەريان ــ (过程 guò chéng) ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىش، ئۆزگىرىش ۋە راۋاجلىنىش داۋامىدىكى مۇساپىسى ھالاۋەت ــ (欣赏 xīn shǎng) ــ لەززەت، زوق؛ راھەت- پاراغەت: ھالاۋەت كۆرمەك. م: جاپا چەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق (ماقال) . شەيئى ــ (事物 shì wù) ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق نەرسىلەر ۋە ھادىسىلەر: يېڭى شەيئى. شەيئى ئۇقۇمى ھادىسە ــ (变故 biàn gù;事故 shì gù;) ــ ① تەبىئەتتە ، ئىجتىمائىي ھاياتتا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىش : م: تەبىئىي ھادىسىلەرگە ئاسانلىقچە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ. ② تەبىئەتتە، ئىجتىمائىي ھاياتتا ، تۇرمۇشتا يۈز بېرىدىغان زىيانلىق ھەم تاسادىپىي ۋەقە ، كېلىشمەسلىك : م: ماشىنىنى ئاستىراق ھەيدە، بۇ يولدا قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدۇ. تەرىقە ــ (作风 zuò fēng) ــ يول، ئۇسۇل، تەرز؛ شەكىل. م: ئىشنى شۇ تەرىقىدە داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋېرەيلى. پەيدىنپەي ــ (渐渐 jiàn jiàn; 逐渐 zhú jiàn) ــ كەينى- كەينىدىن، ئارقا- ئارقىدىن؛ بىر- بىرلەپ، ئۈزلۈكسىز: م: ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى پەيدىنپەي تىكلىۋېلىشىمىز لازىم. تۇتۇنماق ــ (着手 zhe shǒu) كىرىشمەك، بىرەر ئىشنى قىلىشقا باشلىماق: گەزمالچى بىر چوكانغا شىپۇن دوخاۋا ساتقىلى تۇتۇندى. كۆتۈرەڭگۈ ــ (昂扬 áng yáng;旺盛 wàng shèng) ــ ھاياتى كۈچكە تولغان ؛ يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛ جۇشقۇن : م: ــ بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىزــ، دېدى ئۇ كۆتۈرەڭگۈ ئاۋازدا . تېگىشلىك ــ تېگىشلىك (必要 bì yào;应该 yīng gāi) ــ ① مەلۇم بىر تەلەپكە مۇۋاپىق، لايىق، ماس كېلىدىغان: مەسىلەن: ئۇنىڭغا ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق تېگىشلىك جاۋابلار بېرىلدى. ② زۆرۈر بولغان، لازىم بولغان: مەسىلەن: بۇ ئورۇن قەتئىي ئىشغال قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم جاي ئىدى. مەي باغلىماق ــ (精熟 jīng shú;) ــ شىرنە يىغماق ، قەنت ماددىسى توپلانماق : م:تۆمۈر ئاتا مەي باغلىغان شېرىن مۇناقى ئۈزۈمگە ئېغىز تېگىپ تۇرۇپ، سابىردىن ئۇنى- بۇنى سوراشقا باشلىدى . توڭ ــ (生 shēng;粗鲁 cū lǔ)①سوغۇقتىن مۇزلاپ قاتقان، مۇزغا ئايلانغان: بىردەمدىلا ئويۇلۇپ توڭ يەر، ئادەم بويى كولاندى قۇدۇق. قېزىۋەردى بارغانچە چاپسان، قول چىراغدىن چۈشۈرۈپ يورۇق. ②يەر، سۇ قاتارلىق نەرسىلەر مۇزلاپ توڭلىغان ھالەت ۋە مۇشۇنداق قاتتىق سوغۇق: ئاسمىنىڭ دېيىشىچە، ئەتىيازدا توڭ كېتىش بىلەن باشقا دۈيلەرگە كۆچىدىكەنمىز. ③كۆچمە. پىشمىغان، تەمگە كىرمىگەن: توڭ ئالما. ④كۆچمە. قوپال، قاتتىق، كىشىنىڭ كۆڭلىگە تېگىدىغان: پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ (ماقال). ⑤كۆچمە. پوزىتسىيىسى قوپال، خۇش مۇئامىلە قىلمايدىغان: مېنىڭ بارا- بارا سىزگە يېقىنلىشىشىم ۋە توقۇنۇشىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، سىز ماڭا سىرلىق، ھېسسىياتسىز، توڭ ئادەم بولۇپ تۇيۇلۇشقا باشلىدىڭىز. قامىماق ــ (捉拿 zhuō ná 囚禁 qiú jìn) ①يورۇقلۇق، نۇر قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىلەن كۆرۈش ئىقتىدارى تەسىرىگە ئۇچراپ خىرەلەشمەك؛ ئېنىق كۆرەلەيدىغان، پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ قالماق: ئەتىدىن كەچكىچە تېلېۋىزور كۆرۈپ كۆزلىرىم قاماپ كەتتى. ②غورا ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى كۆپ يېگەندە چىش نېرۋىلىرى كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچراش تۈپەيلى چاينىغاندا چىش بىر قىسما بولماق: ئانىسى غورا يېسە، قىزىنىڭ چىشى قاماپتۇ (ماقال
مەشىق باغچىسى
قائىدە- يوسۇن ــ (规则 guī zé;风俗 fēng sú; 规矩 guī ju) ئەزەلدىن تارتىپ كېلىۋاتقان، كىشىلەرگە سىڭىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى ئادەت؛ رەسىم، قائىدە: كونا يوسۇن؛ بىرەر ئىش ھەرىكەتنىڭ قانداق بېجىرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى رەسمىي كۆرسەتمە، يوليورۇق ياكى ئومۇم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تەرتىپ: ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەمگەك قائىدىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىش كېرەك.
بەشىنچى بۆلەك
ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى
بۇرچ ــ (天职 tiān zhí义务yì wù 职责 zhí zé) ــ مەجبۇرىي ئۆتەشكە ، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە : م: ۋەتەننى قوغداش ھەرقانداق ئادەمنىڭ مۇقەددەس بۇرچى . ئېسىل ــ (精妙 jīng miào;高贵 gāo guì) ــ ياخشى خىسلەت ۋە پەزىلەتكە ئىگە بولغان، ئالىيجاناب: م: بۇ كىشى بەك ئېسىل ئادەم ئىكەن. رىۋايەت ــ ( chuán shuō传说; shén huà 神话) ــ مەلۇم كىشى، نەرسە، ئىش ياكى مەلۇم ۋەقە توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كەڭ تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئاغزاكى ھېكايە؛ ئەپسانە: م: تەكلىماكاننىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە نۇرغۇن رىۋايەتلەر بار. ئاتاقلىق ــ (出名 chū míng) ئاتىقى بار، نامى، داڭقى چىققان؛ مەشھۇر، نامدار:- مەن باغدادلىقمەن،-دەپ باشلىدى ئۇ سۆزىنى،-ئاتام باغدادنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىرىدىن ئىدى ئۇرغۇماق ــ (奔放 bēn fàng;激发 jī fā;沸腾 fèi téng) ــ ① بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرماق: م: ئۇلار دەرەخنىڭ تېگىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇلاقتىن قېنىپ سۇ ئىچىشىپتۇ. ② دولقۇنلىماق جۇش ئۇرماق: م: يۈرىكىنىڭ قات- قېتىدىن ئۇرغۇپ چىققان مۇڭلۇق قوشاقلار ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان، ۋۇجۇدىغا غەيرەت بېغىشلايتتى. ③ كۆچمە. ئۆزلۈكسىز ئېشىپ بارماق، ئۆرلىمەك، تاشماق: م: ئۇلاردىكى غەم- ئەندىشە كۆتۈرۈلۈپ، كۈرەشكە بولغان ئىشەنچ كۈچەيدى، ھەممەيلەندە غەيرەت ۋە باتۇرلۇق ئۇرغۇدى. ئۈندىمەك ــ (劝驾 quàn jià;敦促 dūn cù;) ــ بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىشقا، بېجىرىشكە چاقىرماق، دەۋەت قىلماق، تەشەببۇس قىلماق: م: مېھمانلار مۇسىبەت ئۈستىدە بولۇپ تۇرىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئاساسەن ئانىنى كۆز يېشى قىلماسلىققا ئۈندىدى .
13. مەڭگۈلۈك ئەسلىمە
مانچېستېر دوپپا ــ (花帽 huā mào) ــ تىۋىتى پاختىدىن توقۇلغان، سىدام دۇخاۋىدىن قىلىنغان دوپپا، باش كىيىمى. مەسىلەن: ئۇ ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان مانچېستېر دوپپىسى بىلەن باشقا مىللەت كىشىلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى. چاما ــ (预计 yù jì) ــ ... ئەتراپىدا؛ ...شۇنىڭغا يېقىن. مەسىلەن: دەرۋازىدىن 16 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل ئاتنى يېتىلەپ چىقىپ كەلدى. داھىي ــ (领袖 lǐng xiù) ــ دۆلەت، سىياسىي تەشكىلات، ئاممىۋى تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ يولباشچىسى: مەسىلەن: ئۇ ئەنە شۇنداق قۇربان بېرىشلەر ئارقىلىق ئاخىرى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى بولدى. تەبەسسۇم ــ (笑容 xiào róng) ــ كۈلۈمسىرىگەن ھالەت؛ كۈلۈمسىرەش: مەسىلەن: مۇبارەك مۇئەللىم بىزگە قاراپ تەبەسسۇم قىلىۋىدى ھەممەيلەن ھاياجانلىنىپ كەتتۇق. مەمنۇن - رازى، قانائەتلەنگەن؛ خۇرسەن، مىننەتدار: مەسىلەن: بۇ قېتىمقى نەتىجەمدىن داداممۇ مەمنۇن بولدى. ئىنژېنىر ــ (技师 jì shī;技术人才 jì shù rén cái ) ــ تېخنىك خادىملارغا بېرىلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ياكى تېخنىكىنىڭ بىرەر ساھەسى بويىچە ئالىي مەلۇماتقا ئىگە بولغان مۇتەخەسسىس. مەسىلەن: دادامنىڭ قۇرۇلۇش ئىدارىسىدە ئىنژېنىر بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىغا 10 يىل بولدى. تانكا ــ(坦克 tǎn kè) ــ زەمبىرەك، پىلىموت ۋە ئايلانما توپ مۇنارىسى ئورنىتىلغان زەنجىر تاپانلىق برونېۋىك ئاپتوموبىل. مەخسۇس ئۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: تانكىلار ھەيۋەت بىلەن باستۇرۇپ كېلىشىگە دۈشمەنلەر بەدەر قېچىشتى. ئەزىمەت ــ(勇士 yǒng shì) ــ ھەر ئىشنى قىلىشقا جۈرئەتلىك، قۇدرەتلىك، مەرد، باتۇر، پالۋان، قەيسەر: مەسىلەن: دوستۇم كامال، گەپ قىلساڭچۇ، سەن باتۇر- ئەزىمەت ئىدىڭغۇ! بىر ھازا ــ [بىر+ھازا](半天 bàn tiān) خېلى بىر ۋاقىت، خېلى ئۇزاق ۋاقىت: مەسىلەن: توختى پۇلنى قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن سانىمايلا يېنىغا سېلىپ قويدى. ئىلھامبەخش ــ(有启发性的 yǒu qǐ fā xìng de) ــ ئىلھام بەرگۈچى؛ ئىلھام بېرىدىغان، مەدەت ئاتا قىلىدىغان، مەدەت بېغىشلايدىغان، روھىنى، كۈچ- قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتىدىغان: مەسىلەن: شوخ كۈلكە، يېقىملىق ئىلھامبەخش شاد ناخشا ئېتىزلىقنى قاپلىغانىدى. بەخش ــ (给 gěi) ــ كۆپىنچە «ئەتمەك» پېئىلى بىلەن كېلىپ «ئاتا قىلماق، ئاتىماق، بېغىشلىماق، بەرمەك» دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدۇ: مەسىلەن: ئۇ ماڭا يېڭى ھايات بەخش ئەتتى.
14. ئوغلاق تارتىشىش
ئوغلاق ــ(山羊羔 shān yáng gāo) ــ ئۆچكىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسى. مەسىلەن: ئوغلاق يۈگرەپ كېلىپ ئانىسىغا ئەركىلەشكە باشلىدى. ئويناقلىماق ــ(欢蹦乱跳 huān bèng luàn tiào) ــ يەڭگىل، شوخ ھەرىكەت قىلماق، ئەركىلىمەك: مەسىلەن: ئۇچقىن، ئۇچقىن كەپتىرىم، كۆك قەھرىدە پەرۋاز قىل، موللاق ئېتىپ ئويناقلاپ، كۆڭۈللەرنى خۇشال قىل. چەۋەنداز ــ(马上比武骑士 mǎ shàng bǐ wǔ qí shì) ــ ئات مىنىش، ئات چاپتۇرۇشقا ماھىر، ئات ئۈستىدە ئويۇن كۆرسىتىش سەنئىتىنى ئىگىلىگەن ئادەم. مەسىلەن: ئۇ ئاتنى خۇددى چەۋەندازلاردەكلا مىنىدىكەن. چىلان تورۇق ــ(枣红 zǎo hóng) ــ رەڭگى قارامتۇل قىزىل، قىزغۇچ كەلگەن ئات؛ مەسىلەن: سول تەرەپتىكى چىلان تورۇقنى مىنىۋالغىنى ئابدۇغېنى ئىدى. ئۈزەڭگە ــ(马蹬 mǎ dēng) ــ ئات- ئۇلاغقا مىنگەندە، دەسسەپ چىقىش ئۈچۈن تاسما باغ ئارقىلىق ئېگەر ياكى چومغا بېكىتىپ قويۇلىدىغان جابدۇق. ئادەتتە مېتالدىن ياسىلىدۇ: م: ئاتتىن چۈشسە، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەس (ماقال). مەسىلەن: ئۇ ئۈزەڭگىگە دەسسىمەيلا بىرلا سەكرەپ ئاتقا مىنىۋالدى- دە، ئۇچقانداك يۈرۈپ كەتتى. دېۋىتىش ــ (驾 jià) ــ ئات- ئېشەك قاتارلىق ئۇلاغلارنى مىنگەندە مىنگۈچى ئىتتىك ماڭدۇرۇش ئۈچۈن پۇتى بىلەن ئۇلاغنىڭ بىقىنىغا نوقۇش: مەسىلەن: قارا بوسۇق ئېتىنى دېۋىتىپ تۆمۈر خەلپىنىڭ قېشىغا كېلىپ تۇردى. يۇلقۇنماق ــ (挑出tiāo chū ) ــ باغلاقتىن ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدىن بوشىنىش، چىقىپ كېتىش ئۈچۈن كۈچەپ ھەرىكەت قىلماق، ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرماق، سىلكىنمەك: مەسىلەن: مۇزاينى ئەمدى باغلاي دەپ تۇرۇشۇمغا قولۇمدىن يولقۇنۇپ چىقىپ كەتتى. قورشاۋ ــ(包围 bāo wéi) ــ مۇھاسىرە: مەسىلەن: ھەممىڭلار تەييار بولۇڭلار، بىز دۈشمەننىڭ قورشاۋىنى بۇزۇپ چىقىپ كېتىمىز.. پەخىرلەنمەك ــ(自豪 zì háo) ــ بىرەر ئادەم، نەرسە ياكى ئېرىشىلگەن مۇۋەپپەقىيەت تۈپەيلىدىن مەمنۇن بولماق، غۇرۇرلانماق، ماختانماق: مەسىلەن: شاھ پەرى ھاتەمنىڭ بۇ يەرگە ئۆزلۈكىدىن كېلىشىدىن چوڭقۇر پەخىرلەندى. قۇيۇن ــ(旋风 xuán fēng) ــ بۇرما شەكلىدە پىرقىراپ چىققان چاڭ- توزانلىق شامال. ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن، دېئامېتىرى ئىككى مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇ قىسمەن جايدىكى ھاۋانىڭ كونۋېكسىيىلىك تەسىرى تۈپەيلىدىن ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن: كۈچلۈك قۇيۇن ئۆگزىدىكى نەرسىلەرنى ئۇچرۇپ كېتىپتۇ. ھەيۋەتلىك ــ(壮观 zhuàng guān) ــ ھەيۋىتى قالتىس، بەھەيۋەت، ۋەھىمىلىك؛ داغدۇغىلىق: مەسىلەن: ھەيۋەتلىك دولقۇن ئۇلارنىڭ كېمىسىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى. پەللە ــ (顶峰 dǐng fēng; 极顶 jí dǐng) ① پەلەمپەي، شوتا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىر باسقۇچى، بالدىقى: ئۇ شوتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا زادىلا بولالماي قالدى. ② بىرەر ئىش، ھەرىكەت، ۋە قە، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ راۋاجلىنىش جەريانىدىكى ئايرىم پەيتى، دەۋرى؛ باسقۇچى، دەرىجىسى: پەن مەلۇم پەللىگە يەتكەندە، يېڭى يول نامايان بولىدۇ.③‹تەن›يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدا، تەييارلىق ھالىتىدە تۇرىدىغان ياكى يېتىپ بارىدىغان ئورۇن؛ سىزىق، چەك: پەللىدىن چىقماق، پەللىگە يېتى بارماق. ④ بەلگىلەنگەن نۇقتا، نىشان، مەنزىل: موللا زەيدىن تەمتىرمەستىن دېمىنى روسلاپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ⑤ ‹تېب› ئادەم بەدىنىنىڭ يىڭنە سانجىشقا بولىدىغان يېرى، بەدەندىكى نېرۋىلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرى زىچ توپلاشقان جايلىرى ياكى تومراق نېرۋا تالالىرى ئۆتىدىغان جايلار پەللە بولىدۇ. ئۇنڭدىن باشقا تېرە كېسەللىكلىرىدىكى داۋالىنىدىغان جايمۇ پەللە ھېسابلىنىدۇ. ئولجا ــ (战利品 zhàn lì pǐn; 猎物 liè wù) ــ ① ئۇرۇش- جەڭلەردە قارشى تەرەپتىن تارتىۋېلىنغان، غەنىيمەت ئېلىنغان بۇيۇم، نەرسە: ئولجا ئالماق. م: تۆمۈر خەلىپىلەر 200 تال مىلتىق ئولجا ئاپتۇ. ② شىكار، ئوۋغا چىققاندا ئوۋلىغان نەرسە، ئوۋ. م: ئۇلار بىر كۈن ئوۋ ئوۋلاپ ئالغان ئولجىلىرىنى ئاتلىرىغا ئارتىپ ئۆيگە مېڭىپتۇ.
15. دوپپا رىۋايىتى
تارىم دەرياسى ــ(塔里木河 tǎ lǐ mù hé) ــ ‹‹يۈگەنسىز ياۋا ئات›› دەپ ئاتالغان تارىم دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2 مىڭ 179 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ تەكلىماكان قۇملۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. مەسىلەن: تارىم دەرياسى نۇرغۇنلىغان بوستانلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بوستانلىق ــ(绿洲 lǜ zhōu) ــ باغۇ بوستانلار بىلەن قاپلانغان ئاۋات يەر: مەسىلەن: تارىم بوستانلىقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئانا ماكانى. گۈلزارلىق ــ (花圃 huā pǔ; 花园地 huā yuán dì) ــ ھەر خىل گۈللەر بىلەن قاپلانغان، گۈل كۆپ ئوستۈرۈلگەن جاي، گۈللۈك. مەسىلەن: مەكتەپ گۈلزارلىقىدىكى گۈللەر بەكمۇ چىرايلىق ئۆسۈپتۇ. گۈلتاج ــ ( 编花冠 biān huā guān) ــ ھەرخىل رەڭدىكى گۈللەردىن پادىشاھنىڭ تاجىسىغا ئوخشىتىپ ياسالغان، باشقا كىيىۋالىدىغان چەمبىرەك. مەسىلەن: مەن ياسىغان گۈلتاج بەك چىرايلىق بولدى. سولماق ــ(萎缩 wěi suō) ــ ئۆسۈۋاتقان ياكى يېڭى ئۈزۈلگەن ۋاقىتتىكى ياش ھالىتىنى يوقاتماق، سالپايماق، قورۇلماق، سولاشماق (ئۆسۈملۈك ھەققىدە): مەسىلەن: شەرىپىنىڭ گۈلدەك چىرايى سولغان ياپراققىلا ئوخشايتتى. خازان ــ(局 jú) ــ كۈزدە سارغىيىپ تۆكۈلگەن ياكى تۆكۈلۈشكە باشلىغان دەل- دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ۋە قوغۇن- تاۋۇز خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پېلەكلىرى، غازاڭ: مەسىلەن: شېخىدىن ئامالسىز ئايرىلغان بىچارە خازانلار ئاستا لەيلەپ تۇپراققا باش قويدى. غەمكىن ــ(愁苦 chóu kǔ) ــ غەم- ئەندىشىگە پاتقان، غەم باسقان، قايغۇلۇق، مىسكىن، مەيۈس: مەسىلەن: ھاجى غەمكىن خوشلىشىپ قايتتى. كەشتە ــ(绣 xiù) ــ رەختنىڭ يۈزىگە يىڭنە بىلەن تىكىپ چۈشۈرۈلگەن گۈل، تۈرلۈك رەسىم، ھەر خىل سىزىقچە ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر: مەسىلەن: پاتىمە كەرگىگە يېپىلغان لاتىغا ئېڭىشىپ كەشتە تىكىپ ئولتۇراتتى. كەشتىلىمەك ــ (补花bǔ huā: 绣花xiù huā) ــ كەشتە چىقارماق، كەشتە باسماق، كەشتە تىكمەك: مەسىلەن: كەلدى تارىخنىڭ بېزەكلەپ بېتىنى، كەشتىلەپ زەرباپ بىلەن چەت- چېتىنى. مەسىلەن: ئۇنىڭ قولىدا ئەتراپى چىرايلىق كەشتىلەنگەن قىزىل قولياغلىق تۇراتتى. ھۆسىن ــ(美色 měi sè) ــ چىراي، جامال، كۆرەك، گۈزەللىك: مەسىلەن: ئۇنىڭ ھۆسنى گىرىمسىز سەھنىگە چىقسىمۇ پۈتۈن زالنى نۇرلاندۇرۇۋەتكىدەك ئىدى. بادام ــ(扁桃 biǎn táo; 巴旦 bā dàn) ــ ① ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئۇرۇقى ئاچچىق بولىدىغانلىرى ئاچچىق بادام، تاتلىق بولىدىغانلىرى تاتلىق بادام دېيىلىدۇ. مەسىلەن: باغقا بىرنەچچە تۈپ بادام كۆچىتى تىكتۇق. ② شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى. مەسىلەن: ناشتىلقتا بادام مېغىزى يەپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق. قامەتلىك ــ(姿态万方 zī tai wàn fāng) ــ قامىتى، گەۋدىسى كېلىشكەن؛ گەۋدىلىك، ئۇستىخانلىق: مەسىلەن: سەمەتجان ئوتتۇرا بويلۇق، كەڭ غوللۇق ئادەم بولۇپ، كەينىدىن قارىسىڭىز خېلى قامەتلىك كۆرۈنىدۇ. ھەۋەس ــ (爱好 ài hǎo) ــ بىرەر نەرسىگە بولغان قىزىقىش؛ ئىنتىلىش؛ ئارزۇ، ئىستەك: مەسىلەن: ئىش باشقا، ھەۋەس باشقا. ئۈنچە ــ(珠子 zhū zǐ) ــ مەرۋايىت، ئۇششاق مەرۋايىت. مەسىلەن: ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئۈنچىدەك توروكلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. چاچما ــ (散的sàn de ) ــ چېچىلغان، چېچىلىدىغان، شالاڭ ھالەتتىكى: مەسىلەن: بىز چاچما نۇسخىلىق گىلەمدىن بىرنى سېتىۋېلىپ مېھمانخانىغا ئېسىپ قويدۇق. زەر ــ(装饰金粉 zhuāng shì jīn fěn) ــ ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن، ئالتۇن سۈيى بىلەن سۇغىرىلغان، ئالتۇن رەڭگىدىكى: مەسىلەن: ئۇنىڭ دوپپىسىنىڭ چۆرىسىگە زەر يىپتىن چىرايلىق گۈل چىقىرىلغان ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى مۇنبىرى
شوئار ــ (呼号 hū hào;口号 kǒu hào;) ــ ① كىشىلەرنى مەلۇم بىر پائالىيەت ياكى ھەرىكەتكە سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن ئېغىزدا توۋلىنىدىغان ياكى لوزۇنكا ، قەغەز قاتارلىقلارغا يېزىلىدىغان ، تۈپ ئىدىيە ياكى سىياسىي تەلەپنى ئىپادىلىگۈچى قىسقا جۈملە ، چاقىرىق ، تەشەببۇسنامە : م: ئۇلار بىنا ئالدىغا يىغىلىۋېلىپ شوئار توۋلىماقتا ئىدى. ② شۇنداق جۈملىلەر يېزىلغان قەغەز : م: كوچىلارنىڭ نۇرغۇن يېرىگە شوئار چاپلىنىپ كېتىپتۇ. چاقىرىق ــ (号召 hào zhào;召唤 zhào huàn) ــ ①پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇراجىئەت؛ تەشەببۇس: م: - پارتىيىنىڭ بۇ چاقىرىقى 1964 - يىلى چىقىرىلغان، - دېدى سابىر. ② ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇش: م: ئۇنىڭغا مەكتەپتىن چاقىرىق كەپتۇ. تىلەك ــ (意愿 yì yuàn;祝愿 zhù yuàn) ــ بىرەر نەرسە، ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئارزۇ، ئىنتىلىش، ئىستەك: م: ھازىرچە بۇ ئىشىڭنىمۇ قويۇپ تۇر، چوڭ تىلەك ئورۇندالغاندىن كېيىن، باشقىلىرىنى ئويلاشساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن. پۈتكۈل ــ (整个 zhěng gè) بارلىق، پۈتۈن، پۈتكۈل دۇنيا، پۈتكۈل خەلق تىنچلىق ــ ( hé ping 和平) ئۇرۇش- تالاش بولمىغان، خاتىرجەملىك. قىرائەتخانا ــ (书屋 shū wū; 阅览室 yuè lǎn shì) ــ گېزىت- ژۇرنال ۋە كىتاب ئوقۇش، ئىختىيارىي ئۆگىنىش ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان ئورۇن؛ كۈتۈپخانا: م: بىزنىڭ مەھەللىگىمۇ قىرائەتخانا ئېچىلغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى. مەنزىرە ــ (风景 fēng jǐng;场景 chǎng jǐng) ــ ① مەلۇم بىر جاينىڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان ياكى تەسەۋۋۇر قىلىنغان تاغ -دەريا ، گۈل-گىياھ ، دەل- دەرەخ ، ئۆي- ئىمارەتلەر ۋە بەزى تەبىئەت ھادىسىلىرى (يەنى قار ، يامغۇر قاتارلىقلار) دىن تەشكىل تاپقان كۆرۈنۈشى : مەسىلەن: بۇ مەنزىرە رەسىمىنى تامغا ېسىپ قويساق بولغىدەك. ② ئەھۋال ، كۆرۈنۈش : مەسىلەن: ئۇنىڭ خىيالىدىن ياز كۈنلىرى دوستلىرى بىلەن سۇغا چۈمۈلگەن گۈزەل مەنزىرە ئۆتۈۋاتاتتى . پەن- تېخنىكا ــ (科技 kē jì; 科学技术 kē xué jì shù) ــ پەن ۋە تېخنىكا ؛ ئىلىم ، ھۈنەر . مەسىلەن: بىز پەن- تېخنىكىغا ئەھمىيەت بەرمىسەك ئارقىدا قالىمىز. ساراي ــ (朝 cháo;馆 guǎn)خان، پادىشاھ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىر- ۋۇزرالىرى، ئائىلە- جەمەتى تۇرغان ھەمدە تۈرلۈك مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەر خىل خانىلار، زاللار ۋە ھويلىلاردىن تەشكىل تاپقان ھەشىمەتلىك جاي؛ ئوردا: مەسىلەن: مەلىكىلەر يازلىق سارايدا ئارام ئېلىۋاتقان چاغدا تازچاق كىرىپ كەپتۇ. ئەجەبلەنمەك ــ (惊讶 jīng yà 奇异 qí yì) ھەيران بولماق، ھەيران قالماق، تاڭ قالماق، تەئەججۈپلەنمەك: بىر كۈلپەتتىن قۇتۇلۇپ، ئىككىنچىسىگە يولۇققىنىمغا ئەجەبلەندىم زوقلانماق ــ (欣赏 xīn shǎng;感奋 gǎn fèn;) ــ زوققا تولماق، خۇشاللانماق؛ لەززەتلەنمەك؛ ھۇزۇرلانماق: م: دادام يول چېتىدىكى گۈلزارلىقلارغا زوقلىنىپ قاراپ كېلىۋاتاتتى . جاھان ــ (世界 shì jiè;天地 tiān dì) ــ يەر يۈزى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىقلار؛ دۇنيا، ئالەم: م: جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان (ماقال). مەسىلە ــ (课题 kè tí; 事宜 shì yí;问题 wèn tí) ــ ① ھەل قىلىنىشى لازىم بولغان ئىش ، ھەرىكەت ، ۋەزىپە : م: - ھازىر بىز بىر مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتاتتۇق ، - دېدى مەتروزى . ② كۆڭۈلگە يېقىپ كەتمەيدىغان بىرەر ئىش ؛ نۇقسان ، چاتاق، ئېۋەن : م: ئاشلىق سېتىۋېلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتىمۇ مەسىلە تۇرىدۇ . ③ مەلۇم سانلار ۋە تېگىشلىك مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا نامەلۇم سانلارنى تېپىش ئۈچۈن ھېكايە شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماتېماتىك ۋەزىپە : بۇ مەسىلىنى سەن چىقىرىپ بولدۇڭمۇ؟ ④ دىنىي ئەقىدىلەر توغرىسىدىكى سوئال - جاۋاب: موللاملار بىر يەرگە يىغىلىۋېلىپ ئۆزئار مەسىلە ئېيتىۋاتاتتى. ھالقىلىق ــ (关键 guān jiàn) ھەل قىلغۇچ، مۇھىم جىددىي: ھالقىلىق پەيت. ھالقىلىق مەسىلە. ھالقىلىق ۋاقىت
مەشىق باغچىسى
تۇلپار ــ (飞马 fēi mǎ) ــ ① نەسلى ياخشى ، چاپقۇر ، يۈگۈرۈك ئات؛ ئارغىماق : م: ئۇ سىرتقا چىقىپتۇ - دە ، ئوغلىنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن ئېگەرلەنگەن تۇلپارىنى مىنىپ ، ھەممىنى تاشلاپ ، يولغا راۋان بوپتۇ . ② ئەپسانىلەردىكى قاناتلىق، ئۇچىدىغان ئات. م: شاھزادە تۇلپارغا مىنىپ ئاسمان قەسرىگە قارپ ئۇچۇپتۇ. بەيگە ــ (赛马 sài mǎ) ①ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى: ئات بەيگىسى. ②كۆچمە. مۇسابىقە، بەسلىشىش: كېلىڭلار بەيگىگە دوستلار، سىنايلى جەڭدە غەيرەتنى، جاسارەتنى كۆرەك ئەيلەپ، تەشەككۈر مۇنبىرى كەلدى
قىرائەتخانا 1. ئىزباسار تاللاش
جاكار ــ (指令 zhǐ lìng;成命 chéng mìng) ئاممىغا چىقىرىلغان ئېلان، ئوقتۇرۇش، بۇيرۇق، يوليورۇق، ئەمر-پەرمان: جاكار قىلماق ۋەزىپە ــ (任务 rèn wù;) ــ مەنسەپ، ئەمەل: مەسىلەن: بىز ئالىمنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدۇق. پەخىرلەنمەك ــ (自豪 zì háo) ــ بىرەر ئادەم، نەرسە ياكى ئېرىشىلگەن مۇۋەپپەقىيەت تۈپەيلىدىن مەمنۇن بولماق، غۇرۇرلانماق، ماختانماق: مەسىلەن: شاھ پەرى ھاتەمنىڭ بۇ يەرگە ئۆزلۈكىدىن كېلىشىدىن چوڭقۇر پەخىرلەندى. غولغۇلا ــ (风潮 fēng cháo;骚动声 sāo dòng shēng) بىرەر مەسىلە ئۈستىدە بىر قانچە كىشىنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان گەپ-سۆزى، پىكىرلىرى: سايلامدا سايلىغۇچىلار نامزاتلار ئۈستىدە قايتا-قايتا غۇلغۇلا قىلىپ ۋە كېڭىشىپ، كادىرلارنى ئەستايىدىل باھالىدى ئىلاجىسىز ــ (不得已 bù dé yǐ) ــ ئىلاجى، چارىسى، ئىمكانى يوق، نائىلاج، چارىسىز : مەسىلەن: قازى ئىلاجسىز ماقۇل بولۇپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتا سوراق قىلماقچى بوپتۇ . ئەندىشە ــ (顾虑 gù lǜ; 忧虑 yōu lǜ) ــ غەم ، تەشۋىش ، خاتىرجەمسىزلىك : مەسىلەن: ئۇنڭ خەۋىرىنى ئالالماي ھەممەيلەن ئەندىشىگە چۈشتۇق.
2. موماي بىلەن كەپسىز ئوغۇل
دەرغەزەپ ــ (大怒 dà nù) قاتتىق غەزەب: بەك ئاچچىقى كەلمەك – قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل، بەرمەيمەن دېدىم، بەرمەيمەن!ّ – دەپ ئۆچكىگە تېخىمۇ مەھكەم يېپىشتى سادىرقۇل دەرغەزەپتە. قىرقىماق ــ (削减 xuē jiǎn; 修剪 xiū jiǎn;) ــ چاچ-ساقال، تۈك، يۇڭ، قانات ياكى دەرەخكە ئوخشاش ئۇزۇن ھەم تال-تال نەرسىلەرنى مەلۇم ئۇزۇنلۇقتا قالدۇرۇپ، ئۇچىنى قايچا قاتارلىقلار بىلەن كەسمەك، قىيماق؛ قىيىپ قىسقارتماق: م: ساتىراش ئۇستام چېچىمنى بىردەمدىلا قىرقىپ بولدى.
3. باھار كەلدى
كۈمۈش ــ (银子 yín zǐ; 白银 bái yín) ــ مېتال ئېلېمېنت، كۈمۈشنىڭ قېتىشمىسىدىن پۇل، كۈندىلىك قوللىنىلىدىغان ئەسۋابلار ۋە زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ. تۇماق ــ (帽 mào) ئومۇمەن تېرە، كۆرپىدىن تىكىلگەن ئەر-ئاياللارنىڭ قىشلىق باش كىيىمى. دىل ــ (心 xīn 胸怀 xiōng huái) ① كۆڭۈل، قەلب، يۈرەك، ئىچكى، روھىي دۇنيا: دىلىمدا ئۇنىڭغا مۇھەببەت پەيدا بولدى. قىزنى نىكاھىمغا ئالدىم. ② كۆڭۈلدىكى نىيەت، مەقسەت، پىكىر، ئوي-خىيال قاتارلىق نەرسىلەر: يارىماس گەپنى تىلىڭدىن كۆرمە، دىلىڭدىن كۆر (ماقال). ③ كىشىنىڭ خاتىرىسى، ئەس، ياد: قولۇڭدا قارچىغاڭ بولسا، «قۇ»نىڭ نېمە ئىشى؛ دىلىڭدا ئاللاھ بولسا، «ھۇ»نىڭ نېمە ئىشى خۇشبۇي ــ (香 xiāng) يېقىملىق، ياخشى پۇرايدىغان، خۇش پۇرايدىغان: ئۇ قۇتىنى ئاۋايلاپ ئېچىۋىدى، ئەڭلىكنىڭ خۇشبۇي ھىدى ئۆي ئىچىگە تارالدى
4. قۇلۇلىنىڭ مۇكاپات لوڭقىسى
مەغرۇرلانماق ــ (自矜 zì jīn;骄傲 jiāo ào) ــ مەغرۇر بولماق، ئۆزىنى مەغرۇر تۇتماق، غۇرۇرلانماق، كۆرەڭلىمەك، كېرىلمەك: مەسىلەن: ئۇ سۆزلىگەنسېرى مەغرۇرلانماقتا، ئاۋازى كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. چېمپىيون ــ (冠军 guàn jūn) ــ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا، غالىب چىققان، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن شەخس ياكى كوماندىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن شەخس ياكى كوماندا: مەسىلەن: ئۇلار بۇ قېتىقى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپيون بولۇپ قايتىپ كەلدى. لوڭقا ــ (胆瓶 dǎn píng;花瓶 huā píng) ــ گۈل سېلىپ قويۇلىدىغان بىر خىل قاچا. ئاغزى كىچىك، بوينى ئىنچىكە ھەم قورسىقى چوڭ كېلىدۇ. ئادەتتە فارفوردىن ياسىلىدۇ: مەسىلەن: ئۇكام ئېھتىياتسىزلىقتىن گۈل لوڭقىسىنى چېقىپ قويۇپتۇ.
5. بولسا مېنىڭدە...
چۆل ــ (戈壁 gē bì;荒原 huāng yuán;) ــ ئۆسۈملۈك، دەل- دەرەخ ئۆسمىگەن، سۇسىز، بىپايان يەر؛ دەشت- باياۋان: مەسىلەن: چىلانغا چۆل، ياڭاققا كۆل (ماقال). خورىماس ــ (无究 wú jiū;) ــ① ئوڭاي، ئاسان خوراپ كەتمەيدىغان، خورىمايدىغان، تۈگىمەس: مەسىلەن: ئەقىل توزىماس، بىلىم خورىماس (ماقال). ② ئۆزىنى ئۇپراتمايدىغان، ئۆزىنى ئاسراشنى بىلىدىغان، غەم يېمەس، بىغەم: مەسىلەن: ئۇ تازىمۇ بىر خورىماس ئادەم ئىكەن، قاراڭلار ھازىرمۇ شۇ پىتى تۇرۇپتۇ. ئاينىماق ــ (蔚然 wèi rán; 欣欣 xīn xīn;) ــ ① تۇتماق ، ئاۋۇماق ، كۆپەيمەك : مەسىلەن: خوپ ئاينىدى كۆچەتلەرمۇ چېچەكلەپ ، مېۋە ئالدۇق كۈزدە راسا ئېتەكلەپ . ② كۈچەيمەك ، ئېغىرلاشماق : مەسىلەن: ئەنۋەرنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئاينىپ قالدى . توغراق ــ (胡杨 hú yáng) ــ ① تال ۋە تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ . ياغىچى قۇرۇلۇش ، ئۆي جاھازىلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، تارىم ۋادىسىغا كەڭ تارقالغان. مەسىلەن: بۇ توغراقلار مۇشۇ تۇپراقنى قوغدىغۇچى. ② غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى . بوتىلاق ــ (驼羔 tuó gāo ) ــ تۆگىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسى . مەسىلەن: دىلبەر بوتىلاقنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشتى. مېيىپ ــ (残废 cán fèi;) ــ جىسمانىي جەھەتتە ناكار بولۇپ قالغان ، مەلۇم بىر ئورگانىزمى كەم ، مەجرۇھ : مەسىلەن: ھېلىقى بالا ئەسلىدە قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ قالغان ئىكەن. يەتتە ئەزا ــ (肌体 jī tǐ)ــ ئادەمنىڭ كۆز ، بۇرۇن ، قۇلاق ، ئېغىز، پۇت، قول ۋە باش قاتارلىق ئاساسلىق سەزگۈ ئەزالىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ . مەسىلەن: خۇداغا شۈكۈر، بالامنىڭ يەتتە ئەزايى ساق ئىكەن. |