كۆرۈش: 265|ئىنكاس: 2

رۇبائىيلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەۋسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-15 09:39  

رۇبائىيلار
مۇھەممەتجان راشىدىن
مىنگەن ئات، كەيگەن تون بەختىڭ بۈگۈنكى،
تاڭ ئاتسا ئۆزۈڭمۇ ئۆتمۈشنىڭ مۈلكى.
بىر قولۇڭ گۈل ئالسۇن، بىر قولۇڭ قامچا،
دوستلىرىڭ بار يەردە دۈشمەن بار چۈنكى.

كۆرۈنگەن ئاپەتتىن كەتمىگىن چۆچۈپ،
تاغ كۆچسە كۆچسۈنكى، سەن يۈرمە كۆچۈپ.
ئۆمۈرلۈك گۈلخان بوپ ياشايمەن دېسەڭ،
ئۆتكۈنچى يامغۇردا قالمىغىن ئۆچۈپ.

سۆيگۈنى ساتقىلى بولغايمۇ پۇلغا؟
كۆڭۈلنى ئالغىلى بولغايمۇ پۇلغا؟
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسە گۈللەرمۇ
تىكەنلەر ئالدىدا ئايلىنار قۇلغا.

ھەقىقەت ئالدىدا قىلما مەنمەنلىك.
ھەقىقەت ئالدىدا ھەيۋەڭ بىردەملىك.
ھەقىقەت سۈكۈتتىن تاپار سەلتەنەت،
ھەقىقەت ھەقىقەت-ئەمەس ئۆكتەملىك.

ھەقىقەت ئالەمنى كەزگۈچى سەيياھ،
ئۇ پۈتكۈل ئالەمگە غايىۋانە شاھ.
ھەقىقەت ئاقلايدۇ ئۆزىنى-ئۆزى،
ئۇ ھەرگىز سۇنمايدۇ ئېگىلسىمۇ گاھ.

بىلىمسىز ئوخشايدۇ ياغسىز چىراققا.
بارمايدۇ يورۇقى ھەرگىز يىراققا.
بىلىملىك-بىلىمسىز ئىنساننىڭ پەرقى
ئوخشاتساڭ ئوخشايدۇ ئاغىرىققا-ساققا.

زىيادە خۇشھاللىق بىردەملىك ئېقىن.
زىيادە مەيخورلۇق ئەجەلگە يېقىن.
قانائەت-ئىنسانغا ئۇيقۇ دورىسى،
ئىجاد ۋە ئەمگەكتە ئۇلغۇيار ئەقىل.

راست سۆزنىڭ ھېچ يەردە خىجالىتى يوق.
يالغان گەپ ياياقتۇر مىنەر ئېتى يوق.
يالغاننىڭ بېغىدا كۆكلىمەس دەرەخ،
يا پىشقان ئۆرۈكى، ياكى قېقى يوق.
بۇ ئەسەر « ياخشىلارغا ناخشىلار تولا » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-9-15 13:08:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ مەنىلىك ...
ۋاقتى: 2015-9-15 13:09:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ مەنىلىك ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش