تەرجىمەئەسەر ئاپتورى:مۇرتىمىر ئادلىر
بىرپارچە ئېسىل كىتابنى ئۇقۇغاندا ،چوقۇم ھەربىر قۇردا توختاپ تەپەككۇر قىلىپ ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىش كېرەك.ئەمما مەن كىتاب ئوقۇشتا يەنە بىر مۇھىم ئىشنى قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن ،ئۇ بولسىمۇ :كىتاب ئۇقۇغاندا ھەر ۋاقىت كىتاب قۇرلىرى ئارىسىغا خەت يېزىپ مېڭىش ،ئۇنداق بولمايدىكەن ،ئېھتىمال سىز كۆرگەن كىتابىڭىزدىن كۆپ ئۈنۈمگەئىرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. كىتاب سېتىۋېلىش بۇ كىتابقا ئىگە بولۇشنىڭ پەقەتلا بىر باشلانمىسى خالاس،كىتاب ئۆزىڭىزنىڭ بىر قىسىمىڭىزغا ئايلانغان چاغدىلا ،سىز ئاندىن ئۇ كىتابقا ئىگە بولغان بولسىز ،ھەمدە مۇشۇ مەقسەتكە يىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل كىتاب ئوقۇغان چاغداچۈشەنچىلىرىنى يېزىپ مېڭىش .ناۋادا كىتاب ناھايىتى ياخشى تۈپلەنگەن بولسا ،تولىمۇ سىپتا بېسىلغان بولسا سېتىۋالغاندا ئۇنى ئۇقۇشقا كۆزى قىيماي ئۇقۇمىغاندىن كۆرەتۆۋەن باھالىق نەشرى (ئادەتتىكى نەشرى )ياكى ئىككىنچى قول نەشرىنى سېتىۋېلىپ ئۇقۇش كېرەك ،دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى مەشھۇر ئەسەرلەر تۆۋەن باھالىق نەشرى بىلەن چىققان . نۇرغۇنلىغان ئۇقۇرمەنلەر پەقەت كىتابنىڭ قەغەز سۈپىتىگىلا تەلەپ قۇيۇشىدۇ،ئەمما ئىچىدىكى مەزمۇننىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى ئايرىمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن كىتاب ئاپتۇرىنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارى بارلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. نېمەئۈچۈن كىتاب ئۇقۇغاندا چۈشەنچىلىرىنى يېزىپ مېڭىش كەم بولسا بولمايدىغان خىزمەت دەيمىز ؟بىرىنچىدىن،ئۇ سىزنىڭ كىتاب ئۇقۇغاندا كاللىڭىزنىڭ ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇشىغا ياردىمى بولىدۇ .ئىككىنچىدىن ،جانلىق ئۇقۇش مۇقەررەر تەپەككۇر بىلەن بىرلىكتە ماڭىدۇ ،ھالبۇكى تەپەككۇرنى يېزىق ياكى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش كېرەك.ئۈچىنچىدىن ،كىتابقا چۈشەنچىلرىڭىزنى يېزىپ ماڭسىڭىز ،كىتابتىكى پىكىر قەلبىڭىزگەئۇرنايدۇ ،شۇنداقلا ئۇ سىزنىڭ ئېسىڭىزدە مەھكەم قالىدۇ.قىزىقارلىق رومان،پۇۋسىت،ھىكايىگە ئوخشاش ئادەتتىكى كىتابلارنى ناھايىتى ئازادىچىلىكتە ئۇقۇسىمۇھېچقانداق زىيى بولمايدۇ.ئەمما مەشھۇر ئەسەرلەر شۇنىڭ ئۈچۈن مەشھۇركى ،ئۇ ناھايىتى مول ئىدىيەنى ئۈ ئىچىگە ئالغان ،نۇرغۇنلىغان زور،ئاساسلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن بولىدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەشھۇر ئەسەرلەرنى بارلىق زىھنىمىز بىلەن قېتىرقىنىپ ئۇقۇشىمىز كېرەككى .ئۇنى ھەرگىز رومان ئۇقۇغاندەك ئۇقۇشقا بولمايدۇ ،بەلكى كۆزىمىز بىلەن ،قولىمىز بىلەن،قەلبىمىز بىلەن ئۇقۇشىمىز كېرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كىتابلار ھېرىپ چارچىغاندائۇقۇشقا ماس كەلمەيدۇ. گەرچەكىتاب ئوقۇۋاتقان چاغدا بىر پارچە ۋاراققا تەسىرات يېزىپ ،كىيىن ئۇنى تاشلىۋەتسىمۇ،ھېچقىسى يۇق،چۈنكى سىز تەسىرات يازغان ۋاقتىڭىزدا ،بۇ كىتابتىكى بىلىم ۋەئىدىيەنى ئىگىلىگەن بولىسىز ،ئەمەلىيەتتە كىتاب ئۇقۇش تەسىراتىڭىزنى ۋاراققا يېزىپ كىيىن ئۇنى تاشلىۋىتىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يۇق، تەسىراتنى كىتابنىڭ بوش جايلىرىغا،كىتابنىڭ ئۈستى،ئاستى ،قىرلىرى ،ئارقا تەرىپى ھەتتا قۇر ئارلىقلىرىغا يازسىڭىزمۇبولىدۇ ،ھەممىسنىى قىلىشقا بولىدۇ ،ھەمدە بۇنىڭ ئالاھىدە ياخشى تەرەپلىرىمۇبار،سىزنىڭ كىتاب ئارىلىرىغا يازغان تەسىراتلىرىڭىز ۋە خاتىرلىرىڭىز سىزنىڭ بىرقىسىمىڭىزغا ئايلىنىدۇ .كىيىن سىز ئۇ كىتابنى قايتا ئوقۇغان چىغىڭىزدا كىتابتاسىزنىڭ ئىلگىرى ئۇقۇغاندىكى پىكىر ۋە گۇمانلىرىڭىز ساقلىنىپ قالىدۇ-دە،ئىلگىرى سىز ئىىتىۋارسىز قارىغان نۇقتىلارئەمدى ئەمدى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولىسىز . بىرپارچە مەشھۇر ئەسەرنى ئىنچىكە ئۇقۇغۇنىمىزدا ھەقىقەتەن چوقۇم ئەسەر ئاپتورى بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىشىمىزكىرەك.ئەسەرئاپتورنىڭ ئەسەر مەزمۇنىغا بولغان تونۇشى ئېھتىمال سىزدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن،ئەمما باشقىلارنىڭ ئاپتورنىڭ ئىدىيەسىنى ئۇقۇرمەن تۇلۇق قوبۇل قىلىشى كېرەك دېگىنىگە ئىشەنمەسلىك كېرەك .چۈشىنىش بولسا ئىككى تەرەپ ئورتاق قاتنىشىشقائېھتىياجلىق پائالىيەت ،ئۆگەنگۈچىلەر ئۆزىگە سوئال قۇيۇپلا قالماستىن ، يەنە ئۆگەنگۈچىدىنمۇ سوئال سۇرىشى كېرەك .سىزنىڭ كىتاب ئارىلىرىغا چۈشەنچىلىرىڭىزنىيىزشىڭىز ،سىزنىڭ ئەسەر ئاپتورى بىلەن مەلۇم مەسىلىدىكى كۆز قاراشلىرىڭىزنىڭ ئىپادىلىنشى . كىتاب ئوقۇشتا خاتىرە قالدۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى نۇرغۇن ،مەن دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇل تۆۋەندىكىچە: 1. سىزىق سىزىش :مۇھىم جايلارغا ياكى ۋەزنى بارجۈملىلەرنىڭ ئاستىغا توغىرسىغا سىزىق سىزىش . 2. تىك سىزىق سىزىش: تولىمۇ مۇھىم جۈملىلەرنىڭ يان تەرىپىگە تىك سىزىق سىزىش . 3. يۇلتوزسىمان بەلگە قۇيۇش: بۇ خىل بەلگە قۇيۇشداۋاملىق قۇللىنىپ كىتىلمەيدۇ .مەخسۇس ئەڭ مۇھىم بولغان 10جايلار ياكى 20 جايلارغاقۇيۇلىدۇ(ئەڭ ياخشىسى ئۇقۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن يۇلتۇز بەلگىسى قۇيۇلغان بەتنىڭ بۇلۇڭىنى قاتلاپ قۇيۇش كېرەك) 4. كىتاب بىتىنىڭ گىرۋەكلىرىگە بەلگە قۇيۇش :ئەسەرئاپتورنىڭ مەلۇم مەسىلىدە خۇلاسە چىقىرىشتىكى ئىلگىرى-ئاخىرى رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدۇ. 5. ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ياكى قىسقا سۆزلەرنى چەمبەرئىچىگە ئىلىپ قۇيۇش . 6. بەت گىرۋەكلىرى ۋە بوش جايلىرىغا خاتىرەقالدۇرۇش: كىتابتىكى مەلۇم بۆلەكتىكى مەزمۇنغا بولغان گۇمانى ياكى سىزنىڭ مەلۇم مەزمۇنغا قۇيغان سۇئالىڭزنىڭ تېپىلغان جاۋابى،مەلۇم مۇرەككەپ باياندىكى مەزمۇن،كىتابتا بايان قىلىنغان ئاساسىي پىكىرىنىڭ رەت تەرتىپى قاتارلىقلارنى خاتىرىلەش. ئەگەركىتابنىڭ بوش جايلىرى ۋە ئارقا تەرەپتىكى بوش جايلىرى خاتىرە يېزىشقا يېتىشمىسە،چۇڭ كىچىكلىكى كىتاب ۋارىقىندىن كىچىكىرەك قەغەز پارچىسىغا يېزىپ ،ئۈستىگەئىندىكىس،تېزىس ھەتتا سىزنىڭ خاتىرىڭىز نى مۇقاۋىنىڭ ئىچىگە چاپلاپ قويسىڭىزبولىدۇ. مۇھىم نۇقتىلارنى يېزىش ۋە بەلگە قۇيۇش تەبئىيلا سىزنىڭ ئۇقۇش سۈرئىتىڭىزنى ئاستىلىتىۋىتىشى مۇمكىن ،كۆپ ساندىكى كىشىلەردە بىر خىل خاتا قاراش بار ئۇلار ئۇقۇش سۈرئىتى بىر كىشىنىڭ ئۇقۇش ئىقتىدارنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم دەپ قارايدۇ .بەزى كىتابلارنى تىز سۈرئەتتە ئوقۇسابولىدۇ ،بەزى كىتابلارنى ئاسىتا ئۇقۇمىسا بولمايدۇ.ھەقىقىي ئۇقۇش ئىقتىدارى بولسامۇۋاپىق سۈرئەتتە ئوخشىمىغان كىتابلارنى ئۇقۇش،بىرقانچە ئېسىل كىتابقا نىسبەتەن سىزنىڭ ئۇقۇش ئىقتىدارىڭىزنىڭ ئەلا ياكى ناچاربولۇشتىكى ئاچقۇچ سىزنىڭ قانچىلىك ئۇقۇغانلىقڭىزدا ئەمەس ،بەلكى سىزنىڭ كىتابنىڭ ئىچىدىن قانچىلىك تەسىرات ئالغانلىقىڭىزدا. كىتاب ئارىلىرىغا خاتىرە يېزىش مەسىلىسىدە ئىھىتىمال بەزى كىشىلەر ئەڭ ئاخىرقى بىرنۇقتىدا قارىشى پىكىر قىلىشى مۇمكىن ،ئۇلار :بۇنداق بولغاندا قانداقمۇ كىتابنىباشقىلارغا ئارىيەت بەرگىلى بولىدۇ ،چۈنكى كىتابقا بەلگە قۇيۇپ قالايمىقان سىزىۋەتسە كۆرگەن كىشىنىڭ بېشىنى ئاغىرتىمامدۇ دېيىشى مۇمكىن ،ئەمما مەن سىزگەكىتابنى باشقىلارغا ئارىيەت بەرمەڭ دەپ ئىيتپ قۇيماقچى .چۈنكى سىز بەلگە قۇيۇپ،سىزىپ ئوقۇغان كىتاب سىزنىڭ مول ئەقىل پاراسىتىڭىزنىڭ خاتىرىسى،سىز ئۇنى ئارىيەتكە بىرىۋىتىشىڭىز ،ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك پارىڭىزنى تاشلىۋەتكىنىڭزگە ئوخشاش .
مەنبەسى :باغداش مۇنبىرى |