ئوقۇتقۇچىنىڭ قەدر-قىممىتى ئۆز قولىدا
جۈرئەت داۋۇت كىشىلىك ھاياتتا ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقىي قەدىر-قىممەت ھاياتلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قەدىر-قىممەت ئىنساننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ نامايەندىسى. قەدىر-قىممەتتىن ئىبارەت بۇ ھاياتلىق ئەڭگۈشتەرى ئىنسانىيەتنى تەرەققىياتقا باشلىغۇچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا يالتىراپ تۇرۇشى تېخىمۇ زۆرۈردۇر. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەت ئىستىكىنىڭ رەڭدارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى يالغۇز بىلىم جەھەتتە تاكامۇللاشقان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۈكسەك دەرىجىدىكى كەسپىي ئەخلاقنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت مىزانى قىلىشى شەرتتۇر. شۇ چاغدىلا ئوقۇتقۇچى ساختا قەدىر-قىممەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ. ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمىغان بەزى ئوقۇتقۇچىلار مەنپەئەت ئېزىتقۇلىرىنىڭ قايمۇقتۇرۇشى نەتىجىسىدە <<باغۋەن>>لىك خىسلىتىنى يوقىتىپ، قەدىر – قىممىتىنى دەپسەندە قىلماقتا. ئۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى: تۈرلۈك شەكىلدىكى يۇقىرى باھالىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش؛ توردا مال دىگۋارچىلىقى، سودا تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش؛ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىپ كېتىش؛ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش؛ مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ، كەسىپ ئەخلاقى ئۆلچىمىدىن چەتنەپ كېتىش؛ نام - ئاتاققا بېرىلىپ، شۆھرەتپەرەسلىك قىلىش قاتارلىقلار. بۇ قىلمىشلار مائارىپچىلارغا خاس بولمىغان، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە داغ تەگكۈزىدىغان ناچار ئىللەتلەردۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا نارازىلىق كەيپىياتىدىكى ئىنكاسلار پەيدا بولماقتا. بىز ئۆزىمىزنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، بۇ يامان ئۆسمىنى ۋاقتىدا كېسىپ تاشلىمىساق، جەمئىيەتنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالىمىز. بۇ ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا يوقاتمىساق، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسىي كۈچ بولغان بۇ قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپ ئەخلاقىنى كۈچەيتىپ، قوشۇنىمىزدىكى ئاشۇ بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىلارنى داۋالاپ، قوشۇنىمىزنى ساپلاشتۇرالايمىز؟ ئوقۇتقۇچىلىق قەدىر-قىممەتنى ساقلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىدا گۈزەل غايە، گۈزەل قەلب، گۈزەل ھەرىكەت ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك. گۈزەل غايە بولۇش دېگىنىمىز، نىشان بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدە قىلىپ، كەسىپ ئەخلاقىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئوقۇتۇش، ئىقتىدار ۋە ئادىمىيلىك تەربىيەسىدە تاۋلىنىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان بۇلاققا ئايلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. گۈزەل قەلب بولۇش دېگىنىمىز، مېھرىبان بولۇشتۇر، بۇ مېھرىبانلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ جىسمىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىگە سىڭىپ كېتىشى، بۇ مېھرىبانلىق قانچە چوڭقۇر، قانچە سەمىمىي بولسا، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى قانچە ئۈستۈن بولىدۇ. گۈزەل ھەرىكەت ئۆلچىمى دېگىنىمىز، ھەر قانداق ئىش-ھەرىكىتىمىز ئەخلاق ئۆلچىمى، كەسىپ ئۆلچىمى دائىرىسىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا يەنە قانۇننى بىلىش، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىمۇ بىلىش زۆرۈر. ھەقىقىي قەدىر-قىممەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچى بولۇش بۈگۈنكى مائارىپنىڭ جىددىي ئېھتىياجىدۇر. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار مائارىپچىلارغا خاس پوزىتسىيە ۋە ئىرادىسى بىلەن قەدىر-قىممىتىنى يارىتىشى زۆرۈر.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى |