كۆرۈش: 224|ئىنكاس: 0

تۇرمۇشنى بىلىش ئۆگىنىشنى بىلىشتىنمۇ مۇھىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرمۇشنى بىلىش ئۆگىنىشنى بىلىشتىنمۇ مۇھىم

پاتىگۈل ئابلىز

   ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن پايدىلىنىپ بالىلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ئىنچىكە ھالقىلاردىن باشلاپ بالىغا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىتىش ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى.

   بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي رىقابەت پەقەت بىلىم ۋە ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ كۈچ سىنىشىشى بولۇپلا قالماستىن، كۆپرەكى ئىرادە ۋە قەتئىيلىكنىڭ كۈچ سىنىشىشى بولىدۇ. جاپاغا چىداش روھى بولمىسا، كەسكىن رىقابەتتە غەلىبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق تونۇشقا ئاساسەن، تۇرمۇش تەربىيەسى بىلەن بالىلارنى تەربىيەلەشتە ئىزچىل چىڭ تۇرساق، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

   ئېسىمدە قېلىشىچە، ئوغلۇم توققۇز ياشقا كىرگەن يىلى مەكتىپى ئۇيۇشتۇرغان يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى. بىزمۇ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدۇق. يازلىق لاگېرنىڭ بىرىنچى ئاخشىمى ئەركىن پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بالىلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن بىر كېچە ئۇخلىماپتۇ. بىراق چېنىقىش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بالىلار بۇ يەرنىڭ خىيالىدىكى ‹‹جەننەت›› ئەمەسلىكىنى، ھېس قىلىپتۇ. ئۇ كۈنلەردە ھاۋا ناھايىتى ئىسسىپ كەتكەنىدى. ئۆيىدە ئەركە ئۆگىنىپ قالغان بالىلار كۈندۈزى ئوتتەك قۇياش تەپتىدە ھەربىي مەشىق قىلسا، كەچلىرى پاشىلىقى يوق كارىۋاتتا ئۇخلاپتۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۇياقتا تۇرسۇن، شامالدۇرغۇچمۇ يوق مۇھىتتا، قاراڭغۇ ۋە ئۇزاق كېچىنى پاشىلارغا يەم بولۇپ ئۆتكۈزۈپتۇ. ھەربىي مەشىق ۋە باشقا پائالىيەتلەردىن سىرت، ئۇلار يەنە كىيىملىرىنى ئۆزى يۇيۇشى كېرەك. بۇ جاپالارغا چىدىمىغان نۇرغۇن بالا ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون بېرىپ، ئۆيگە كېتىمەن، دەپ يىغلاپتۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك بولۇپ، دەرھال لاگېر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جايغا بېرىپ، بالىسىنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېتىشتى. بەزىلىرى ھەتتا كۆرۈشۈپلا بالىسىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.

   ئەمەلىيەتتە بىزمۇ تەۋرىنىپ قالغان. بىراق ئاخىرىدا يەنىلا بالىنى لاگېردا قالدۇرۇش قارارىغا كەلدۇق. بۇ قېتىمقى چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزى ھېس قىلىپ باقسۇن، دېدۇق. ئوغلۇم كۈندۈزى ھەربىي مەشىقتە ئوتتەك ئاپتاپتا ئۇسساپ كەتسە، باشقا بالىلارنىڭ مىنېرال سۇ ئېلىپ ئىچكىنىگە چىداپ قاراپ تۇرۇپتۇ، ھەربىي مەشىق تۈگىگەندىن كېيىن، تۇرار جايىغا قايتقاندا ئاندىن سۇ ئىچىپتۇ. جاپالىق شارائىتتا ئۇ سەۋر-تاقەت ۋە چىدامچانلىقنى ئۆگىنىۋاپتۇ. كەچتە قاتتىق چارچاپ ھالى قالمىغاندا يەنە چىشىنى چىشلەپ كىيىملىرىنى يۇيۇپتۇ. بەش كېچە، ئالتە كۈندۈزلۈك ‹‹سەپەر››نى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ئوغلۇمنى كۆرگەندىكى ھەيرانلىقىمىزنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن: ئاپپاق، سېمىز، يۈزلىرى چوڭ بالا قارىداپ ھەم ئورۇقلاپ يۈزلىرى قوشۇقتەك بولۇپ قالغانىدى. يۈزىدە نۇرغۇن پاشا چاققان ئىزلار تۇراتتى.

   ‹‹دادا، ئاپا، لاگېرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ كەلدىم. يەنە تېخى مۇنەۋۋەر لاگېر ئەزاسى بولدۇم!›› ئۇنىڭدا پەيدا بولغان ئۆزگىرىش ۋە يېتىلىش بىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلدى. ئوغلۇمنىڭ جاپاغا چىداش روھى ئاشتى، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىدىغان بولدى، ئوخشىمىغان مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچەيدى.

   يېقىندا ئوغلۇمنى ئېلىپ ساياھەتكە چىقتىم. ھەمسەپەر بالىلاردىن ئون نەچچىسى بار ئىدى. ھەر قېتىم غىزالانغاندا، ئۇلار بىر ئۈستەل بولاتتى. ئوغلۇم خۇددى بالىلار ئۆمىكىنىڭ باشلىقىدەك، ئاكتىپلىق بىلەن تاماق ۋاقتىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە مەسئۇل بولدى. مەسىلەن: چىنە – قاچا يېتىشمەسلىك، يەنە تاماق بۇيرۇتۇش، تاماق تۇزلۇق ياكى تۇزسىز بولۇپ قېلىش دېگەندەك ئىشلاردا ئۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇلازىمغا دەپ ھەل قىلدى، بالىلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردى. ساياھەت جەريانىدا بالىلارنىڭ ناھايىتى خۇشال بولغىنىغا گەپ كەتمەيدۇ. 13 ياشلىق بىر بالىغا نىسبەتەن، ئۆز ھاجىتىدىن چىققاندىن سىرت ھەم بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەم مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىش ئاسان ئەمەس.

   بىز شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى: تۇرمۇشنى ۋە ئۆگىنىشنى بىلىدىغان، ساغلام بەدەن كىشىلا ھەر تەرەپتىن تەڭ تەرەققىي قىلالايدۇ، جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. تۇرمۇشنى بىلىدىغان بالىنىڭ ئۆگىنىشنى بىلمەسلىكىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش