| ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ خاسىيىتى
ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
ماھىنۇر ئابابەكرى بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ئەدەپ-قائىدىلىرىمىز، ئائىلە مەدەنىيىتىمىز سۇسلىشىپ، بولمىغۇر قائىدە-يوسۇنلىرىمىز ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئاتا- ئانا بولغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار ئەلۋەتتە. مەن 30 يىللىق خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھاياتىمدا پۈتۈنلەي كىچىك ۋاقتىمدا قوبۇل قىلغان ئائىلە تەربىيەسىنى ئۇدۇم قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ياخشى ئائىلە مۇھىتى تىكلەش جەھەتلەردە ئىزدەندىم. چۈنكى مېنىڭ ئائىلەم بىر چوڭ جەمەت ئىدى. بىز بوۋام، مومام، تاغام-ھاممىلىرىمىز بىلەن بىر قورۇدا تۇراتتۇق، مېھىر-مۇھەببەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، قوشنا-قولۇملار بىلەنمۇ ئۇرۇق- تۇغقاندەك ئېجىل – ئىناق ئۆتەتتۇق. يۇرتىمىزدىكى بىرەر كىمنىڭ ئۆيلىرىگە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يۇرتداشلىرى كېلىپ قالسا بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ باغباراڭلىرىمىزنى زىيارەت قىلاتتى. ھەممىمىز ياش-قۇرامىمىزغا بېقىپ كۈندىلىك ۋەزىپىلىرىمىزنى ئورۇنداشقا تىرىشاتتۇق. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلاتتى. شۇنىڭ تەسىرىدىنمۇ ھازىر ئائىلەمدىكىلەرنىمۇ ئۆي ئىشلىرىنى قولمۇ قول قىلىشقا ئادەتلەندۈردۈم. بىر قىسىم ئىشلارنى پەرزەنتلىرىمنىڭ مۇستەقىل قىلىشىغا تاپشۇرىمەن. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى كىر يۇيۇش، ئۆي تازىلاش، كۆكتات سېتىۋېلىش، تاماق ئېتىش ئىشلىرىنى قىزلىرىم بىمالال ئىشلەپ كېتەلەيدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، پەرزەتلىرىمىزنى بەك ئەركە ئۆگەتمەيلى، ئۇلارغا ۋاقىت ۋە پۇرسەت يارىتىپ ئۆز ئالدىغا ياشاش شارائىتى، ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى، سودا-سېتىق سەھنىسى، ئۆزلىرىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرسەك، ئۇلارمۇ رەت قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى تۇرمۇش يولىدا بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يوللار ئەلۋەتتە. ھازىر جەمئىيەتتە بىر قىسىم ياشلاردا بېغىشلاش روھى كەمچىل بولغاندىن سىرت، شەخسىيەتچىلىك ئېغىرراق، شۇڭا ئاتا-ئانا بولۇش مەجبۇرىيىتىمىز بىلەن ئەۋلادلىرىمىزغا كەڭ قورساقلىقنىڭ، تەڭ تەقسىماتچىلىقنىڭ پايدىسىنى، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، ئىشلارنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىشىمىز، ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۈلگىلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى بالىلىرىمىزنىڭ يۇمران قەلبىگە سىڭدۈرىشىمىز لازىم. بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىنى ئۆزىمىزگە قىبلىنەما قىلىپ، خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتلەردە ئەستايىدىللىقىمىز، ئائىلە ئىشلىرىدا بېغىشلاش روھىمىز، سەمىمىي-ساداقىتىمىز، تىرىشچانلىقىمىز، ئىشچانلىقىمىزنى ھەر ۋاقىت نۇرلاندۇرۇشىمىز لازىم. مانا بۇ ئائىلە روھى، ئائىلە مەدەنىيىتى. چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، چوڭلاردىن ئۆگىنىش، چوڭلارنى ئۈلگە قىلىش، قوۋم-قېرىنداش ئىززەت - ئېكرام بىلەن ئىناق ئۆتۈش بىزنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ. |
|