كۆرۈش: 460|ئىنكاس: 1

غەلىبە مەنزىلىڭىز داغدامدۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غەلىبە  مەنزىلىڭىز  داغدامدۇر

   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ  گېزىتى

مۇھەممەدجان تىلىۋالدى

   ئادەم ھاياتىدا ھەرخىل قىسمەت، ھادىسە ۋە تەقدىرنىڭ ئاجايىپ چاقچاقلىرىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئابدۇراخمان ئۈچ ياش ۋاقتىدا تاسادىپىي ھادىسە بىلەن ئىككى قولىنىڭ بېغىشىغىچە بولغان قىسمىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئەمما، ئۇ مېيىپلىكىدىن مەيۈسلىنىپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن باشلاپلا ھۆسنخەت يېزىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن جاپالىق مەشىق قىلىپ، ھۆسنخەت يېزىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.

   ئەتراپىمىزدا ئىككى قولى ساق تۇرۇپمۇ ھۆسنخەت ئۇياقتا تۇرسۇن، ئادەتتىكى خەتنىمۇ تۈزۈكرەك يازالمايدىغانلار كۆپ. دوستلار، ئىنسان بۆشۈكتىن تاكى قەبرىگىچە تالاي قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. مەيلى بىز قانداق قىيىنچىلىق ۋە جاپا – مۇشەققەتلەرگە ئۇچرايلى، ‹‹قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە›› دېگەن ھېكمەتنى ئۆزىمىزگە مىزان قىلىپ، تىرىشساقلا ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

   ھەر بىر ئادەمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ئېرىشكەن بەختىمۇ ھەم ئوخشاش بولمايدۇ. ھايات مۇساپىمىزدە بىز ئۇچرىغان ئازاب-ئوقۇبەت، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار ھاياتنىڭ ئەڭ زور بەخت ئىكەنلىكىنى بىزگە ئۇقتۇرىدۇ. چۈنكى، ھاياتلا بولساق نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمىز، نۇرغۇن نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولالايمىز. شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشنى، ھەر بىر كۈننى قەدىرلىشىمىز، ھاياتىمىزنى گۈزەل مەنەلەرگە ئىگە قىلىشقا ئىنتىلىشىمىز لازىم.

   دوستلار، بىز قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەت ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىقىمىزنى يوقىتىپ قويمىساقلا، بەختىيار ياشىيالايمىز. ئەكسىچە، كىچىككىنە قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت ۋە ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي چۈشكۈنلىشىپ كەتسەك ياكى تۇرمۇش ۋە ھاياتتىن قاقشاپ زارلىنىپلا يۈرسەك، غەم – قايغۇدىن قۇتۇلالمايمىز. شۇڭا، ھەر ۋاقىت ھاياتقا يۈكسەك مۇھەببەت ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىشىمىز، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدىن نېرى تۇرۇشىمىز لازىم، شۇندىلا ھاياتنىڭ گۈزەللىككە تولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.

   ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ياشلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئەمما، ھەممىلا ياشنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالىشى ناتايىن. بەزىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىسە ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىسا، ئىستىقبالىدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ھازىر جەمئىيەتتە ئۆز ئىستىقبالىنى تېپىش، پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش شەرت ئەمەس. سىز مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالمىغان بولسىڭىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭ. قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتسىڭىزلا، ھاياتلىقتا ھامان كۈتۈلمىگەن تىرىكچىلىك يوللىرىنى تاپالايسىز.

       ئىنساننىڭ ھۈنىرى ئۇنىڭ بايلىقى. ھۈنەرسىز ئەر ھوسۇلسىز يەرگە ئوخشايدۇ. مال- دۇنيا تۈگەيدۇ، ھۈنەر تۈگىمەيدۇ. ھۈنەرنى سىزدىن ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ. ھۈنەرنىڭ شاراپىتىدىن ئىززەت – ھۆرمەتكە ئىگە بولالايسىز. تۇرمۇش دوقاللىرىدا ئۇچرىغان ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتەلەيسىز.

      دوستۇم، ھېچقانداق يەردە جاپا چەكمەي ھۇزۇر-ھالاۋەت كۆرىدىغان ئىش يوق. ئېنىقكى، ھۇرۇن ۋە ئىش خۇشياقمايدىغان، كىچىك ئىشنى ياراتماي، چوڭ ئىشنى قىلالمايدىغان، جاپا تارتماي بىر كېچىدىلا مىليونېرغا ئايلىنىش كويىدا يۈرگەن خىيالپەرەسلەر بۇ دۇنيادا خار- زەبۇنلىقتا ئۆتىدۇ. شۇڭا ياشلىقىڭىزنى بىكار ئۆتكۈزمەي، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ھۈنەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنسىڭىز ۋە ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى ياخشى جارى قىلدۇرسىڭىزلا، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنىڭىزنى تاپالايسىز.

   بۇ ئەمەلىي مىساللاردىن ئايانكى، تەن مېيىپ - مەجرۇھ بولسىمۇ، قەلب ساغلام بولسا ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر خىل قىيىنچىلىق، جاپا -مۇشەققەت ۋە كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي. موھتاجلىق ۋە ئېغىر كۈنلەر ئادەمنى تاۋلايدىغان ئەڭ ياخشى مەكتەپ. شۇڭا ياش دوستلار ھاياتىنى، بولۇپمۇ ياشلىقىنى قەدىرلەپ، ئۆزىگە خاس ياشاش ئۇسۇلى تېپىشى، تۇرمۇشتىكى ھەر خىل قىيىنچىلىق، جاپا -مۇشەققەت ۋە كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا يالتىيىپ قالماسلىقى كېرەك. بۇرۇن بىر دانا: ‹‹بەش نەرسە كېلىشتىن بۇرۇن بەش نەرسىنى غەنىيمەت بىل. يەنى قېرىلىق كېلىشتىن بۇرۇن ياشلىقىڭنى، كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن سالامەتلىكىڭنى، كەمبەغەللىكتىن بۇرۇن بايلىقىڭنى، ئۆلۈشتىن بۇرۇن ھاياتىڭنى، ئالدىراشلىقتىن بۇرۇن بوش ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىل›› دەپ ئېيتقانىكەن. ئېنىقكى، بۇ بەش نەرسىنىڭ قىممىتى ئۇلارنىڭ ئورنى ئالماشقاندىن كېيىن بىلىنىدۇ. شۇڭا ھاياتنى غەنىيمەت بىلىش، بۇ دۇنيادا ياخشى نىيەت، پاك كۆڭۈل بىلەن ياشىماق لازىم. شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، مەيلى بىز نەگىلا بارمايلى، ئەتراپىمىزدا قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئەگىپ يۈرگەن بولىدۇ. شۇڭا قەتئىي ئىرادە بىلەن بۇنداق مۇھاسىرىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، باشقىلار ئېغىزدىن چۈشۈرمەي دەپ يۈرگەن غەلىبە مەنزىلىگە يېتەلەيمىز.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-7-1 15:36:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپسىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش