كۆرۈش: 201|ئىنكاس: 0

بالىلارنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىدا ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالىلارنىڭ  ساغلام  چوڭ  بولۇشىدا  ھەممەيلەننىڭ  مەسئۇلىيىتى  بار

  ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ  گېزىتى

رەناگۈل خۇدابەردى

     بالىلار كەلگۈسىنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ، شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئۈمىدى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ياخشى تەربىيە بولۇش بىلەن بىللە، ساغلام تەننىڭ بولۇشىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر.

   ھەممە كىشى بالىلىرىنىڭ ساغلام، ئەقىللىق چوڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان، رەڭدارلىشىۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى شارائىتتا، مۇھىت بۇلغىنىش، ساختا، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىك، بالىلاردىكى ناتوغرا يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى قاتارلىقلار بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاتا-ئانىلارنى، جەمئىيەتنى ئەندىشىگە سالماقتا.

      بالىلار ساغلاملىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى ئاتا-ئانىلارغا بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، يېقىندا بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ چولپان ھوشۇرنى زىيارەت قىلدۇق.

   چولپان ھوشۇرنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دوختۇرخانىلارغا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بالىلار ئىچىدە، نەپەس يولى، ئاشقازان، ئۈچەي يولى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار %80نى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، گال ئاغرىقى، قىزىتما، ئىچى سۈرۈش، ئاق قان كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش مەزگىللىرىدە كۆپرەك بولىدىكەن. بالىلاردىكى بۇ خىل كېسەللىك ئاساسلىقى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، بالىلارنىڭ سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىشى، ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشىدىن سىرت، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يۈزەكى بولۇشىدىن بولىدۇ. ئائىلىدە، مەكتەپلەردە بالىلارغا بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، بالىلار چوڭلارنىڭ كۆرمىگەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قالايمىقان يېمەكلىكلەرنى يەۋالغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسان چارچايدىغان، ھەر خىل كېسەللىك مىكروبلىرىنى ئۆزىگە تېزلا يۇقتۇرۇۋالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈش، ئارام ئېلىشنىڭ ئاز بولۇشى، روھىي بېسىملارمۇ بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا ئاتا -ئانىلار بالىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، تازىلىق ئادەتلىرىگە دىققەت قىلىشى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، بويى ئۆسمەسلىك، سېمىزلىك، ئەقلى كەمتۈكلۈك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى بالدۇر بايقاش ۋە بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش ئارقىلىق ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ئىكەن.

   بالىلاردا كۆرۈلۈۋاتقان يۇقىرىقى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدى بىلەن ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئاچچىق-چۈچۈك، ‹‹پاخپاق يېمەكلىك››لەرنى يېمەسلىكى، ھەر خىل ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى، تولۇق پىشمىغان، ئاپتاپ كۆرمىگەن مېۋىلەرنى يېمەسلىكى كېرەكلىكىنى، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ نەرسىلەرنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى بالىلارنىڭ ئېڭىدا ئايدىڭلاشتۇرۇشى؛ بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ھاۋاسىنى كۈندە ئالماشتۇرۇپ، كېسەللىك مىكروبلىرىنى يوقىتىپ، بالىلارنىڭ يېتەرلىك ئارام ئېلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ. بالىلارغا ئويۇنچۇق تاللىغاندا قېنىق سىرلانغان ياكى تىۋىتلىك ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرمەسلىك لازىم. بۇ ئويۇنچۇقلار بىلەن بالىلار كۆپ ئۇچراشقاندا مىكروب قول ئارقىلىق بالىلارغا يۇقىدۇ-دە، بالىلارنى ئاستا خاراكتېرلىك يۆتەل، قوزغىلىشچان تېرە كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كىيىنىشكە دىققەت قىلىش، بەك قېلىن ياكى بەك نېپىز كىيىنىۋالماسلىق، بالا بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، نورمالسىزلىق ھېس قىلغاندىلا، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چېنىقىش بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئۇسۇل بولۇپ، تەن ساغلام بولسا ئاندىن ساغلام ئەقىل بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلار بايرىمى مەزگىلىدە بالىلارنىڭ يېمەك- ئىچمەكلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، بالىلارنى ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا يېتەكلىشى لازىم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش