| ھاياتتىكى ھېكمەت ۋە ياشاشتىكى قىممەت
ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
ئابدۇقەييۇم ئېلى ھايات ھەرقانداق نەرسىگە تېگۈشكۈسىز، ھەركىمگە پەقەت بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدىغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا. ھاياتنىڭ ئۆزى بىر سوئال بەلگىسى، ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان سىر __ ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان. بىزنىڭ ياشاش جەريانىمىز شۇ سوئاللارغا توختىماي جاۋاب ئىزدەش ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتلەرگە تەبىر بېرىش جەريانىدۇر. بەزىلەر بۇ ئىزدىنىش جەريانىدا يېرىم يولدا توختاپ قېلىشى، بەزىلەر ۋاز كېچىشى، پەقەت ئازساندىكى كىشىلەرلا ئىزدىنىشنى ئاخىرغىچە داۋام ئېتىشى مۇمكىن. ۋاز كېچىش ياكى داۋاملاشتۇرۇش ھەركىمنىڭ تامامەن ئۆز ئىلكىدىكى ئىش بولغان بىلەن، بىراق ۋاز كېچىش ئىرادىسىزلىكتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، ئۈمىدسىزلىكتىن، يوقىتىشتىن دېرەك بەرسە، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كۈچلۈك ئىرادىدىن، باتۇرلۇقتىن، ئۈمىدتىن، ئېرىشىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بىر تاغقا يامىشىش ھەۋەسكارى تاغقا يامىشىش مۇتەخەسسىسىدىن تاغقا يامىشىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تەلىم ئالماقچى بولۇپ مۇنداق سوراپتۇ: ـ ئەگەر بىز تاغقا يامىشىۋېتىپ تاغنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ كەتسە قانداق قېلىشىمىز كېرەك؟ ـ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشىڭ كېرەك. يىگىت شۇبھىلىنىپ: ـ نېمە ئۈچۈن داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەيمىز؟ ئۇنداقتا تېخىمۇ كۈچلۈك يامغۇردا قالمامدۇق؟ دەپ سوراپتۇ. يۇقىرىغا قاراپ ماڭساڭ، يامغۇرنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئېنىق، لېكىن يامغۇر ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزەلمەيدۇ، تۆۋەنگە قاراپ ماڭساڭ، يامغۇر پەسەيگەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن كەلكۈندە قېلىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشۈڭ مۇمكىن، دەپتۇ مۇتەخەسسىس. شۇنداق توختىماي ئىزدىنىش، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەش، ھەر قانچە كۈلپەت بولسىمۇ ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ ھامان ياخشى كۈنلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك. مانا بۇ ھايات ھېكمىتى. ئاڭلىغان، كۆرگەن-بىلگەنلىرىمىزدىن ئايانكى، ھايات ھېكمىتىنى چىن قەلبىدىن چۈشىنىپ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلار قانچىلىك؟ ۋاز كېچىشنى تاللاپ ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ، ھاياتقا ئەكسىچە تەبىر بېرىۋاتقانلارچۇ؟ مېنىڭچە ئىككىنچى خىل تاللاش يولىغا كىرىپ قېلىۋاتقانلار كۆپرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا تاللاش. ئىنسان تەبىئىتىدە دائىم ئۆز ئىدىيەسى بىلەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى بولىدۇ. گەرچە قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، شۇ خاتا ئىشنى يەنە تەكرارلاۋېرىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بۇنداق قىلىشقا ئىرادە، ئۈمىد، كاللا ئىشلىتىش، زېھنىنى خورىتىش لازىم بولمايدۇ. بىزنىڭ تەكىتلەيدىغىنىمىز دەل بىرىنچى خىل تاللاش بويىچە ياشاش. چۈنكى ھاياتنىڭ ئۆزى ھېكمەتلەرگە تويۇنغان، ئاۋۋال جاپاسى، كېيىن ھالاۋىتى بار بىر جەريان. بۇ خۇددى ھەسەل ھەرىسىنىڭ توختىماي شىرنە يىغىشى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خالىس ھالدا باشقىلار ئۈچۈن ياشايدىغان ھالىتىگە ئوخشايدۇ. ئەدىبلىرىمىز، ئالىم، مۇتەخەسسىسلىرىمىز، كەشپىياتچىلىرىمىز ئەنە شۇنداق ئۈن-تىنسىز جاپا چېكىپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جۇلالاندۇرۇپ، ئەھمىيەتلىك ئىزلارنى قالدۇرۇش ئۈچۈن ياشىماقتا. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا ھايات تۇرمۇشىنى قىممەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن توختىماي جاپا چېكىش مۇساپىسىدۇر. كىمكى بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنمەستىن جاپادىن قاچىدىكەن، ئۇنىڭ جاپاسى ھەممىدىن كۆپ بولىدۇ، لېكىن ئېرىشكىنى ھەممىدىن ئاز بولىدۇ. شۇڭا دەيمەنكى ھاياتتا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى چۈشىنىپ، پەقەت بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدىغان بۇ ياشاش مۇساپىسىنى رەڭدار گۈللەر بىلەن بېزەش ھاياتنىڭ ھېكمىتى ۋە ياشاشنىڭ ھەقىقىي قىممىتىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ياشاشنى قىممەتكە ئىگە قىلغاندىلا ھايات ھېكمەتكە تويۇنغان بولىدۇ. |
|