| تۇرمۇشنىڭ مەنىسى ھاياتنى قەدىرلەشتە
ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
ئابلىمىت ئابلىز تۇرمۇش بىر ناخشىغا ئوخشايدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ناخشا ئېيتىش ئۇسۇلى، ئاۋازى ئوخشاش بولمىغاندەك، تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ ناخشىنى كىشىلەر ھەر خىل پەدىدە ئېيتىدۇ. دېمەك بىراۋنىڭ بۇ ‹‹ناخشا››نى ياخشى ياكى ناچار ئېيتىشى ئۇنىڭ شۇ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق بولىدۇ. تۇرمۇش پوزىتسىيەگە بېقىپ ئۆزگىرىدۇ. سىز ئۇنىڭغا كۈلۈپ باقسىڭىز، ئۇمۇ سىزگە كۈلۈپ باقىدۇ. سىز تۇرمۇشقا قانچە سوغۇققان بولسىڭىز، تۇرمۇشمۇ سىزگە سوغۇققان مۇئامىلىدە بولىدۇ. شۇڭا ھاياتتىكى ھەربىر نەرسىگە چىن مۇھەببەت بىلەن قاراش كېرەك. گەرچە مال-دۇنيا، باي-كەمبەغەللىكنىڭ ماددىي ئۆلچىمى بولسىمۇ، بەخت بىلەن بەختسىزلىكنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى بولمايدۇ. بىر پۇلدار بىر ئۆمۈر تەشۋىش، ئەنسىزچىلىكتە ئۆتۈشىمۇ، بىر نامرات كىشى شۇ كۈنىگە شۈكرى قىلىپ، ھەر بىر كۈنىدىن خۇشاللىق تىپىپ ياشىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا تۇرمۇشتا كىشى بەك گۈزەل ئارزۇ -ھەۋەسلەرنى ئۆزىگە يۈك قىلىۋالماي، ئارتۇقچە غەملەردە بولماي، تەبىئەت ئاتا قىلغان مەئىشەتلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىشى كېرەك. بەزىلەر ئەتراپىدىكى كىچىككىنە نەرسىلەردىنمۇ زوقلىنىشنى، لەززەتلىنىشنى بىلىپ خۇشاللىق تاپالايدۇ، بەزىلەر توققۇزى تەل بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەي، بىر ئۆمۈر بىچارە ھالەتتە ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەزىلەر بىر ئۆمۈر يۇقىرىغا يامىشىشنىڭ، پۇل تېپىشنىڭ ۋەسۋەسىسىدە ئۆمرىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيمايلا قالىدۇ. شۇڭا تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ھاياتنى قەدىرلەپ، رېئاللىققا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىشتە ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشتە. |
|