كۆرۈش: 206|ئىنكاس: 1

‹‹دۇنيانى كۆرۈش›› ئۈچۈن ئارزۇمۇ، جۈرئەتمۇ بولۇشى كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‹‹دۇنيانى  كۆرۈش››  ئۈچۈن  ئارزۇمۇ،  جۈرئەتمۇ  بولۇشى  كېرەك

ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ  گېزىتى

‹‹شۇ قەدەر چوڭ دۇنيانى بىر كۆرگۈم بار›› دېگەن بۇ ئىستېپانامە ئالاقە تورىدا كەڭ تارقىلىپ، تورداشلار تەرىپىدىن ‹‹تارىختىكى ئەڭ سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن يېزىلغان ئىستېپانامە›› دەپ قارالدى. بۇ ئىستېپانامىنىڭ مۇئەللىپى خېنەن ئۆلكىلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى گۇ شاۋچياڭ يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياشلاردا ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى، بۆسۈشكە تەۋەككۈل قىلىدىغان جۈرئەت بولۇشى، ياشلارنىڭ بۇ نۇقتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

   ھازىر ئىگىلىك تىكلەش ناھايىتى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى ئىگىلىك تىكلىگەن ئىستۇدېنتلار سان جەھەتتە يەنە رېكورت يارىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %30تىن ئارتۇق ئاشقان. نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۈزۈپ چىقتى، ‹‹ئالاقە تورى››، ‹‹شامال ئېغىزىدا ئىگىلىك تىكلەش›› قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇڭگودا ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ‹‹ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەپ، ھەممە يېڭىلىق يارىتىدىغان›› يېڭى دەۋرنى كۈتۈۋالدى.

        ‹‹سىرتقى دۇنيا بەك قالتىس››، ‹‹شۇ قەدەر چوڭ دۇنيانى بىر كۆرگۈم بار›› دېگەندەك سۆزلەرنىڭ كىشىلەر قەلبىنى بۇنچىۋالا ھاياجانغا سېلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭدا دەۋر ئۆزگىرىشى ئەكس ئېتىپ، كىشىلەر قەلبىدىكى ئىنتىلىشنىڭ ئويغىتىلغانلىقىدا. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەمدە ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئىستىكى بولىدۇ. خۇددى گۇ شاۋچياڭ ئېيتقاندەك، ئارزۇسى بار كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا. ئارزۇغا ئىنتىلىشتە، ئويلاشقا ۋە بۆسۈشكە جۈرئەت قىلغاندىلا ياشلىققا مەسئۇل بولغىلى بولىدۇ.

        ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسى ئەگرى-توقاي، شۇڭا، بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى بۆسۈشنى بىلىش كېرەك. مۇخبىر يېقىندا ئىگىلىك تىكلىگەن بەزى ئىستۇدېنتلار بىلەن پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنىڭ جاپالىقلقىغا بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئىدىيەۋى تەييارلىقىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

ئىگىلىك تىكلەپ بىر قېتىمدىلا ئۇتۇق قازانغانلار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ، كۆپ قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئۇتۇق قازىنىش ئىگىلىك تىكلەشتىكى نورمال ھالەت. روشەنكى، بەزى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىدىيەۋى تەييارلىقى يوق.

   ياخشى تەسەۋۋۇرنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؟ بۇ نۇرغۇن ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق قىيىن مەسىلە. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئەگرى -توقاي مۇساپىسىدە، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئەمەلىيەت بىلەن ئارزۇ ئوتتۇرىسىدىن يول تېپىشى كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش قۇرۇق نەزەرىيە بولماستىن، مەبلەغ، تېخنىكا، باشقۇرۇش، سېتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئامىللارنى ماسلاشتۇرۇشقا مۇھتاج، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەقىلنى ئىشقا سالغاندىلا، قەدەممۇ-قەدەم مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ، ئوي-پىكرىڭىز پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن دادىل ئىش باشلاڭ، قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز بەرداشلىق بېرىڭ. ئىگىلىك تىكلىگىلى بەش يىل بولغان، شىركىتىنىڭ سېتىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان بىر ئىستۇدېنت ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئەسلەپ، دەسلەپتە ئىگىلىك تىكلەپ مەغلۇپ بولغان چاغلىرىمىزدا، بەشىمىزنىڭ بىر ھەپتىلىك تاماق خىراجىتى ئۈچۈن يانچۇقىمىزدا 100 يۈەنمۇ قالمىغانىدى، كۈندە دېگۈدەك قوتۇرماچ يېگەن ئىدۇق، دېدى. نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئۇتۇق قازىنىش مۇساپىسىدىن جاپا تارتماي ھالاۋەت كۆرگىلى بولمايدىغانلىقى، مەغلۇبىيەت ئالدىدا تىز پۈكمىگەندىلا ئۇتۇق قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلەشكە بولىدۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-5 16:07:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش